-
تىزىم نۇمۇرى:20381
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-12-02
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-12-07
- تور ۋاقتى:1327سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ تېمىنى .tuz. نەسىرىي ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-12-06)
—
|
|
|
|
ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ F}45.CrD ھەرقېتىم ئانامغا يېڭى ئاياق ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمرا بۇلۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى»غا كەلدۇق. بىز نۇمۇر ئېلىپ بۇلۇپ.كارىدۇردىكى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق.ئالدىمىزدا 17 ئادەم بار ئىدى.مەن ئولتۇرغاچ ئادىتىم بۇيىچە ئەتراپىمدىكىلەرگە سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدىم.دېققىتىمنى يېنىمدىلا ئولتۇرغان ياغلىقىنى چۆكۈرۈپ چىگىۋالغان ،چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان 35 ياشلاردىكى بىر ئايال تارتتى.ئۇ 9-8 ياشلاردىكى بىر بالىنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇراتتى.ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا كونىراپ كەتكەن بىر سومكا قۇيۇلغانىدى.قارىغاندا بۇ ئايال ئۇزۇن سەپەردىن ئۇدۇللا بۇ يەرگە كەلگەندەك قىلاتتى.ئايال پات پات چوڭقۇر -چوڭقۇر تىنىپ قوياتتى.ئۇنىڭ بىر نوقتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە بىلىنەر بىلىنمەس ياش تامچىللىرى يالتىرايتى.ئوغۇل بولسا ئانىسىنىڭ سۈرىۋاتقان خىياللىرىدىن بىخەۋەر ئۇنىڭغا چىڭ چاپلاشقىنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. `9[n5-t بىزگىمۇ نۆۋەت كىلىپ قالغانىدى.سېستىرا قىز ،«17-نۇمۇر»دەپ توۋلىدى.17- نۇمۇر دەل مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايال ئىدى.بىز 18- نۇمۇر بولغاچقا بىزمۇ ئۇ ئايال بىلەن تەڭلا ئىشىك تۈۋىگە قاراپ ماڭدۇق.ئايال بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە نىپىز بىر قەۋەت پەردە تارتىلغاچقا ئىچىدە بۇلۇنغان گەپ سۆزلەر ئېنىق ئاڭلىناتتى. uXFI7vV6P بالىنىڭ كۆزىنى نىمىشقا بالدۇراق داۋالاتمىغانتىڭىز؟-بۇ ھەدىيە خانىمنىڭ ئاۋازى ئىدى. 6Y]P7j ئايال دەل شۇ سۇئالنى كۈتۈپ تۇرغاندەك يىغلاپ تاشلىدى ۋە ئىسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى. "y"oV[` ئايال جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن بۇلۇپ ،ئوغلى باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن.ئۆيىدە يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىكەن.ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئېرى تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ زىممىسىگە ئۆي ئىشىدىن باشقا يەنە ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى چۈشۈپتۇ.ئوغلىنىڭ بىر كۈزىگە ئىككى يىل بۇرۇن ئاق چۈشكەنىكەن.ئۇ يەر بۇ يەرلەردە خېلى داۋالىتىپ بېقىپتۇ.لىكىن ھىچقانداق ئۈنىمى كۆرۈلمىگەننى ئاز دەپ تاپقان تەرگەننىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ.يەنە خېلى كۆپ قەرىزمۇ بۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئون مو يەرنى نىسىگە سېتىۋېلىپ،ئۆزىنىڭ بەش مو يىرىگە قۇشۇپ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىپ ،ئېتىزلىقتا يېتىپ قوپۇپ دىگۈدەك ئىشلەپتۇ،قىلغان ئەجرىگە يارىشا كېۋەزلىرى شۇنداق ئوخشاپتۇ.كۈزدە پاختىللىرىنى سېتىپ،قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ يۇرتتىن بالىسىنى بۇ يەرگە داۋالاتقىلى كەپتۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بوغۇزۇم ئېچىشقاندەك بولدى.ئاچامغا قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلاپ قاپتۇ. نىمە دىگەن ئۇلۇغ ئانا-ھە! ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۆزۈمگە چېلىققان يەنە بىر كۆرۈنۈش ئايالغا بولغان ھېسداشلىقىمنى ئاشۇردى.ئۇ تەكشۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ سومكىسىنى ئالغىلى كەلگەندە بىرى قارا دىگەندەك ئۇنىڭ كىيىۋالغان ئۆتىكىگە كۆزۈم چۈشتى.ئۇنىڭ قاراشتىلا ئەرزان باھالىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئۆتىكىنىڭ بىر بېپىيىنىڭ پاشنىسى يوق تۇراتتى. v"yu7tZ3N _ئاھ،ئانىلار._نىدا قىلدىم ئىچىمدە. شۇ تاپتا كۆز ئالدىمغا بۇ ئايالنىڭ كېۋەزلىكتە يالاڭ ئاياغ يالغۇز ئىشلەۋاتقانلىرى،پاشنىسى چۈشۈپ قالغان ئۆتىكى بىلەن بىر قولىدا بالىنى،بىر قولىدا يوغان سومكىنى كۆتۈرۈپ يامغۇلۇق كوچىدا مېڭىۋاتقانلىرى،پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلىرى كەلدى. IKP_%R8. شۇنداق، پەقەت ئانىلاردىلا مۇشۇنداق ئىرادە،پەزىلەت،چىدام غەيرەت بولىدۇ. پەقەت ئانىلارلار مۇشۇنداق مىننەتسىز بولىدۇ.
>Z_;ZMu) دوستۇم، قاراپ بېقىڭ، ئانىڭىزنىڭ ئايىقىنىڭ پاشنىسى ئۇپراپتىمۇ؟ pp(09y`] [ شىنجاڭ ئاياللىرى 2009-يىللىق 3- سان]
|
|
|
|
|
تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz. تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-06, 13:03
|