مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       149 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىدىن خۇلاسە

قەۋەت ئاتلاش
Eldawa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1408

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   201 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10183 (سوم)
 ياخشى باھا:   721 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1020  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1980
 سائەت
دەرىجىسى:
1980 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-12-08

"b]#MO}P  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! Ql &0O27  
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» 12-ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، مەقسەت 24 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلەش باھانىسىدا تورداشلارغا ئەيدىز بىلىملىرىنى تارقىتىش ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى»ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر پائالىيەت تەشۋىقاتى ئۈچۈن يېتەرلىك سورۇن ھازىرلاپ بەردى. 12- ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» پروگراممىسىدا مۇخبىر مۇرادىلجان ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچە شەكىلدە خاتىرلىمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاتتى ۋە خەۋەر جەريانىدا ئەلداۋا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يۈكسەل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ^P?vkO"pB?  
UQI f}iR  
Q`A6(y/s?  
1. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالى T6Ctf#  
مەزكۇر پائالىيەت 12-ئاينىڭ  5 - كۈنىگىچە ئۇدا 5 كۈن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا جەمئىي 263 نەپەر تورداش پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 50 پارچە  زېھىن سىناش سوئالىنى تولۇق ئىشلەپ تاپشۇردى. تورداشلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر 96، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 24، ئوتتۇرىچە نومۇر 65.23 بولدى؛ ئېرىشكەن نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغانلار 7 نەپەر، 85 دىن يۇقىرى بولغانلار 23 نەپەر، 80 دىن يۇقىرى بولغانلار 49 نەپەر، 60 دىن يۇقىرى بولغانلار 204 نەپەر، 60 دىن تۆۋەن بولغانلار  59 نەپەر بولدى. xx }GOY.J  
2. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئانالىزى [ ]^X`R  
بىرىنچى، تورداشلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، پوزىتسىيىسى ئاكتىپ ئىكەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەت گەرچە تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن، تەشۋىقات خىزمىتى يېتەرلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، 263 نەپەر تورداشنىڭ 50 پارچە سۇئالنى ئېرىنمەي، ئەستايىدىل ئىشلەپ چىقىشى بىزنى سۆيۈندۈردى ۋە بىزگە زور ئىلھام-مەدەت بولدى. 5wT>N46UX  
ئىككىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇپ، %77 تورداش 60 نومۇردىن ھالقىغان. %23 تورداش لاياقەتسىز بولغان. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز بىلىملىرىگە پىششىق تورداشلارنىڭ سانى يەنىلا ئاز، چىقىرىلغان سوئاللار ئەيدىزگە ئائىت بىلمىسە بولمايدىغان، ئەڭ ئاددىي ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرگە ئائىت بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە مۇكاپات ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان 90 نومۇردىن ھالقىغان تورداش ئاران 7 نەپەر؛ زور كۆپ ساندىكى تورداشلار 60 دىن 80 گىچە نومۇرغا ئېرىشكەن. 3F+Jdr'  
ئۈچىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان ئېتىبار بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. كۆپىنچە تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت سوئاللاردا كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئانچە زەڭ قويمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھالبۇكى، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەر بىر كىشىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. JYm7@gx  
تۆتىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە روشەن ئەمەس ئىكەن. كۆپ ساندىكى تورداشلار ئەيدىزنىڭ قان، مەنىي، ئانىدىن بالىغا تارقىلىش يولى ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، يەنى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن نورمال بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېتەلمىگەن ياكى جەزىم قىلالمىغان. ئاز ساندىكى تورداشلار ھەتتا پاشا چاقسىمۇ ئەيدىز يۇقىدۇ، دەپ قارىغان. !VP %v&jKm  
بەشىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمىستمەسلىك ھەققىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. خېلى ساندىكى تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان مۇئامىلە سۇئالىدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان جاۋابلارنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن ئۇلاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. oY=1C}  
V*RdDF7  
k6(r !mc  
3. مۇكاپاتلاش توغرىسىدا ~L.E  
پائالىيەت ئۇقتۇرۇشىدا، نومۇرى 90 دىن ھالقىغان 20 نەپەر تورداشقا ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى ھەر بىر تورداش ئۈچۈن 50 يۈەن تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات بەرمەكچى ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم 90 دىن ئاشقان تورداش ئاران 7 نەپەر بولۇپ، كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقماي قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئەلداۋا شىركىتى تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نومۇرى 85 دىن ھالقىغان 23 نەپەر تورداشنىڭ ھەربىرىنى 50 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. مۇكاپات بۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 كۈن ئىچىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولىنىدۇ. يۇقىرىقى 23 نەپەر تورداش بىلەن ئالاقىلىشىشقا شىركىتىمىز مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. @ hif$  
4. خۇلاسە  AIRr{Y  
مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بەزى ئايرىم نۇقتىلاردا تەشۋىشلىك ئەھۋالدا. شۇ ۋەجىدىن، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات- تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭەيتىش يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى جەمئىيەت ۋە تورداشلار ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان كەسپىي ساغلاملىق تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىم-ئۇچۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلغۇسى! ! bU\zH  
قىسقىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەشكىللىگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»  كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك ئېتىشى، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتكە  قىزغىن قاتناشقان بارلىق تورداشلار ۋە قوللىغان تور بېكەتلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! ئۇشبۇ پائالىيەتنى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەش ئۈچۈن بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان ئىسكەندەر جېلىل كۆكتاش، ماھىنۇر سادىق كروران، ئابلىز مۇھەممەد (پامىر تور تېخنىكا شىركىتى) لەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز! +f NvNbtA  
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى kKiA  
2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى nSx]QREL!  
MYLsHIPC  
--------------------------------------------------------------------------- IQH[Q9%  
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نىڭسۇئاللىرى ۋە ئۆلچەملىك جاۋابى بۇ يەردە! كۆرۈپ قويۇڭ! Vj?DA5W`'  
  http://news.eldawa.com/quick/2011/1205/1363.html
[ بۇ يازما Eldawa تەرپىدىن 2011-12-06 11:37 AM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : توخار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-06, 12:46
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com
ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com
muzappar123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29304

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   383 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5080 (سوم)
 ياخشى باھا:   475 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   505  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4523
 سائەت
دەرىجىسى:
4523 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-06
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:17

مەنمۇ قاتناشقانتىم  ئاران 60 نومۇر ئالدىم ```   بىزگىمۇ يوغما ``
 
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   465 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3707 (سوم)
 ياخشى باھا:   1211 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1248  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3401
 سائەت
دەرىجىسى:
3401 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:43

مەنمۇ 71نومۇرنى ئاران ئالدىم دىسە
 
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
kaqmixlar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62322

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   416 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2168 (سوم)
 ياخشى باھا:   420 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 853
 سائەت
دەرىجىسى:
853 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-27
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:20

نىمانداقتەس ئەڭياخشىسى مەن ئالغاننومىرىمنى دىمەي
 
lostba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.67303

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   344 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2290 (سوم)
 ياخشى باھا:   433 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 231
 سائەت
دەرىجىسى:
231 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-28
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:36

مەن قاتناشماپتىمەن
 
subihan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47173

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   204 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1380 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2721
 سائەت
دەرىجىسى:
2721 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 23:34

  مەن ئەجەپ بىلمەي قاپتىمەن ، ھەي
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى