خۇددى دادام _ئاپاملاردەك ،،،،،،
z#olKBs بەزى چاغلاردا دادام-ئاپام شۇنداق يۇمۇرستىك ۋە شۇنداق كۈيۈنۈشلىك پاراڭلارنى قىلىشقاندا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ-ئەڭ بەختلىك قىزدەك ھېس قىلىمەن ، دادام-ئاپامغا ئىچىمدە كۆپلەپ تەشەككۈر ئېيتىمەن ، بەزىدە ئاكام،سىڭلىم ئۈچىمىز ئىككىسىنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىدىن كۈلۈپ يىقىلىپ قالاي دەپ قالىمىز ، بۇلۇپمۇ دادام قىززىقچى ئادەم ، ئاپام گەپ تېپىپ بېرىپ بۇلالمايلا قالىدۇ ، بىز ئۈچىمىز بولساق ‹ مەن ئاپامغا بىر ئاۋاز قوشتۇم ، مەن دادامغا بىر ئاۋاز،،،،ئاپام قالتىس ،ئاپامغا قول كۆتۈردۈم ~~~مەن ئىككىلا قولۇمنى دادامغا كۆتۈردۈم ،،، › دىيىشىپ كېتىمىز سىڭلىم ئىككىمىز دادام تەرەپتە ،ئاكام بولسا ئاپام تەرەپتە تۇرۇپ گەپ تالىشىپ ، قىززىق پاراڭ قىلىشىپ دىگەندەك،،،،،
ns8I_H شۇ دئالوگلاردىن بىرنى يېزىپ قوياي ھە
oVnHbvP1X _5768G`P دادام _ باللىرىم ، سىلەر بىلمەيسىلەر ماۋۇ ئاپاڭلارچۇ مېنى بىر كۆرۈپلا ,چوڭ داداڭ ،چوڭ ئاناڭلارغا (ئاپامنىڭ دادىسى-ئاپىسىنى دىمەكچى )ئاشۇ يىگىتكە ياتلىق بولمىسام ئۆلىۋالىمەن دەپ ئۆگزىگە چىقىۋاپتىكەن ، چوڭ ئاناڭلار ، ۋاي جېنىم بالام بوپتۇ ياتلىق قىلايلى شۇ يىگىتكە دەپ توي قىلىپ قالغان بىز .
ZCkwK ئاپام __ ۋاي~~ۋاي~~ يالغانچىنى كۆرەي ، يۈزىڭىزنى شىپىڭ دۇخاۋىدەك بۇلۇپ كېتەمدىكىن دىسەم ، يالغان گەپنىمۇ قىزارماي-تاتارماي سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قاپسىز ھە ،،،،
()@+QE$ ^G(+sb[t دادام _ بوپتۇ خوتۇن ئىزا تارتمىساڭلىمۇ بۇلىدۇ ، زىيان تارتمىدىڭلىغۇ بەرىبىر ،،،
N6S}u@{J~N
]4oF!S%F ئاپام __ مەنچۇ داداڭنى توي قىلىشتىن ئاۋال بىرەر يەردە كۆرۈپمۇ باقمىغانمەن ، چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان بۇ داداڭ بىلەن توي قىلىش .توي خېتى ئالغىلىمۇ ئاكامنىڭ ئايالى بىللە بارغان ، خەتنى ئېلىپ بۇلۇپلا داداڭنىڭ بىللە تاماق يەيلى دىگىنىگە قارىماي ‹ يىگىڭىز بولسا ئۆزىڭىز يەڭ › دەپ قويۇپ ئالدى كەينىمگە قارىماي يېنىپ كەلگەن ،،،،
v!?>90a q \\52:\ سىڭلىم ئالبوم كۆرۈپ ئولتۇراتتى ، __ ۋاي ئاپوي ماۋۇ سىزنىڭ توي قىلمىغان ۋاقتىڭىزمىدى ؟ ئەجەپمۇ دومبىلاق ، سېمىزلا بىر قىز ئىكەنسىز ،،،ھې،،،ھې،،،ھې،،
cH\.-5NQ ^Zw1X6C5~ مەن دىدىم __ ماۋۇ دادامنىڭ توي قىلمىغان ۋاقتىدىكى سۆرىتى ئىكەن ،
3+
$~l5LY }
Z}4_/E ئاكام __ۋاي ~ئابلەت ئابلىكىمنىڭ فۇيۇڭ نۇسقىسىدەكلا،،،، ئوخشاش ئىكەنتۇق ھە ، شۇنداقمۇ كېلىشكەن يىگىت ئىكەنسىزتۇق ....
$[8GFv |Orp:e! دادام _ مانا-مانا بالىلارمۇ بىلىدىكەن ، ئۆزەم شۇنداق كېلىشكەن تۇرۇپ مۇشۇ ئاپاڭنى ئېلىپ قالغىنىم ،،ھا،،،ھا،،ھا،،،
(Puag* ,XNz.+Ov ئاپام ( يالغاندىن )تېرىكىشكە باشلىدى ،
Kr|9??`0E مانا ، ئەمدى ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئېلىڭ ، خاپا قىلىپ قويدىڭىز ھېلى ئاپامنىڭ قاپىغىدىن توڭلاپ چوكامۇز بۇلۇپ قالىمىز ،،،،
OfGMeN6 ns,qj}# دادام __ بوپتۇ ، مۇشۇ ئاپاڭ ھېلى مەن چىقىپ كەتسەم غەيۋانەمگە تىللاپ يۇيۇپ-تاراپ يەرلىكىمگە قويىۋەتمىسۇن ، ھې،،،ھې،،،ھې،،شۇ سېلى چىرايلىق بولغاچقا ، كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغاچقا ، 20 نەچچە يىلدىن بېرى مېنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىققاچقا ماۋۇ ئۆنى بىللە تۇتۇپ ، گۈلدەك ئۈچ بالىمىز بولغان ، ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز ئاللىقانداق رومانتىك مۇھەببەتلىشىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزمىگەن ،تويدىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم كۆرۈشتۇق شۇ چاغدىمۇ چوڭلار يېنىمىزدا بار ئىدى ، تۆتىنجى قېتىم توي خېتى ئالغىلى بارغاندا كۆرۈشتۇق ،شۇ پېتى توي بۇلۇپ كەتتى، ئەمما بۇ ئاپاڭ خۇددى كىچىك بالىدەك مېنى بەك ھارغۇزۋېتەتتى ، كۆزىنى يۇمسىلا ياش دىگەن تۆكۈلۈپلا تۇرامدىكىن بۇ خوتۇنكىشىدە ، ئاپىسىنى كۆرگىسى كەلسىمۇ مىر-مىر-مىر يىغلىغان ، بىر ئېغىز ‹ ئاپامنىڭ ئۈيىگە باراتتىم › دىمەيتى ، بۇمۇ ئاپاڭنىڭ ساددىلىقى ، ماڭا دىيەلمەي شۇ،،،،ياخشى تاماق دىگەننى ، بىر كىشلىك ئېتىپ قوياتتى جۇمۇ ،يېڭى توي قىلغاندىمۇ قولى گۈل ئىدى ، ماۋۇ قىزلىرىمىز (سىڭلىم ئىككىمىزنى دىمەكچى ) تۆت ئادەم كەلسە ئىككى يېنىغا قارىماي مىھمان ئۇزۇتالمايدۇ تېخى ، كۆپ تاماقلارنى ئېتىشنى بىلمەيدۇ ، ياخشىراق ئۈگىتىڭلا، ئۆزەڭلىگە ئوخشاش ھەممنى قىلالايدىغان بولسۇن ، كىيىن تۇرمۇشلۇق بولسىمۇ ، قېينى ئاتا-قېينى ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭمۇ ، ئۆزىنىڭمۇ يۈزى يورۇق بۇلىدۇ ، قىلالمىسا قىزلىرىمىزدىن يامانلىمايدۇ ( ئانىسى ئۈگەتمەپتىكەن › دەپ سىلى-بىزدىن رەنجىيدۇ،
d@-bt s&3 A296f( ئاكام __ دادوي ، ئاپام بىلەن 20 نەچچە يىلنى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۈڭلار ، ھازىر بۇنداق ئائىلىلەر بەكلا ئاز، توي قىلىپ ئۇزۇنغا بارماي ئاجىرشىۋاتقان تېخى ئۇنى ئاز دەپ بالا يىتىم قىلىپ،،،
UFy"
hJchO (},TZ+u دادام __ ئوغلۇم ، ئاساسلىق گەپ ئەر بولغۇچىدا ، سەنمۇ توي قىلساڭ ئايالىڭغا، باللىرىڭغا مەسئۇل بۇلۇشنى بىلىشىڭ كېرەك ، ئۆزۈڭ ئۈستۈڭگە ئالغۇدەكلىكى مەسئۇلىيەتنى ئالغىن، بولمىسا سەن ئەركەك ھىساپلانمايسەن ، كەمتۈكسىز ھېچ نەرسە يوق ، ئاپاڭنىڭمۇ ،مېنىڭمۇ كەمچىلىكىمىز ئەلۋەتتە بار ، ئەمما يەنىلا بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەكرەك كۆرىمىز ، ئايالىڭنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرگەندە كۆزۈڭنى يۇمىۋالغىن ياكى چىرايلىقچىە كۆرسىتىپ قويساڭمۇ بۇلىدۇ ، ئارتۇقچىلىقىنى ماختاپ قويساڭ خوتۇن كىشى دىگەن ئۆچكە يېغى (شاپپىدە ئاپامغا قاراپ كۈلۈپ قويدى ،،،)
Y^-faL7*\ بېشى بىلەن مېڭىپ خىزمىتىڭنى قىلىدۇ ،ئاپاڭ ئىككىمىزمۇ 360 كۈننىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئۆتكەن ئەمەس ، بىر ئۆي دىگەندە قازان چۆمۈچكە،چۆمۈچ قازانغا ئۇرۇلۇپ قالىدىكەن ، ئاللىقانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆڭۈلسىزلىك بۇلۇنۇپ تۇرىدۇ ، ئەمما ھەل قىلىشنى بىلىشىڭ كېرەك ، ئايال كىشى بىلەن تەڭ تۇرساڭ ، كەيپىياتىڭ ناچار ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزىگە كىرۋالساڭ بەلكى ئورنىنى تولدۇرغۇسىز دىل ئازارلىقى كېلىپ چىقىدۇ ،
2'zYrdem ،،،،،،،،،،،،،،،،،
yH0BNz8V ،،،،،،،،،، مانا مۇشۇنداق قىززىق پاراڭلارغا يۇغۇرۇلغان تەلىم-تەربىيە ، ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ۋە ئاساسلىق ئۇستازى، ئۇلارنىڭ ھەر-بىر ئىش-ئىزلىرى ، گەپ-سۆزلىرى، تۇرمۇش قائىدىسىمۇ بىزگە سىڭىپ ماڭماقتا ،،،،،،
[ بۇ يازما cayyara تەرپىدىن 2011-12-05 02:00 AM دە ق ]