مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       403 
  •    ئىنكاس 
       8 

ئەيدىزنى بىلىپ، ئەيدىزنى چۈشىنىپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى!

قەۋەت ئاتلاش
Eldawa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1408

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   201 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10183 (سوم)
 ياخشى باھا:   721 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1020  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1980
 سائەت
دەرىجىسى:
1980 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-12-08

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988-يىلى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» دەپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇشۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بولسا 24-قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىزكۈنى»، بۇ يىلقى جۇڭگونىڭ ئەيدىز كۈنىگە ئاتاپ بېكىتكەن باش تېمىسى «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!»، قوشۇمچە باش تېمىسى «ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئەلىنىپ، ئاكتىپ داۋالاپ، كەمسىتىشنى يوقىتايلى!». BH;7CK=7R  
1981-يىلى دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن تاكى ھازىرغىچە 30 يىل بولدى. مەملىكىتىمىزدە تۇنجى ئەيدىز بىمارى 1985-يىلى بايقالدى، شىنجاڭدا 1995- يىلى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان. بىراق، ھازىرغىچە دۇنيادا تېخى ئەيدىزنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇل ۋە دورا تېپىلغىنى يوق. !kpnBgmU  
NA/hs/ '  
d*cAm$   
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى 2011-يىلى 21-نويابىر بېرلىندا ئېلان قىلغان  «2011-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى دوكلاتى» دىكى ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 34 مىليونغا يەتكەن . ئىقتىسادىي كرىزىس داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، 2010-يىلى بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ۋە ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھەر قايسىسى دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئېغىر يىللاردىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولغان. +k?0C?/T;  
MJ% gF=$X  
ئۇنداقتا بۇندىن بۇرۇنقى يىللاردىكى دۇنيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلدى؟ بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى: jmkVolz  
S-Z s  
2004-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 9730 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 242، ئۆلگەنلەر 80 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمدارلارنىڭ %13 ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يىلىغا %15 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى رايونلارنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بەكرەك تېز، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم 3951 ۋە 4247 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ %84.3 ىنى ئىگەللەيدۇ. ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق رايونلارنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز. _Pe,84Ro  
نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ %79 ناھىيە شەھەرلىرىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى مەلۇم قىلىندى، دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. _?m%i]~o  
سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11303 بولۇپ، 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۇ سان 17209 غا يەتكەن.  بۇ بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار 5906. 2007-يىلى 9-ئايدا بۇ سان 20890 غا يەتكەن، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى 3681 غا يەتكەن. 7%7 \2!0J}  
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى زەھەر چەككۈچىلەر ئىكەن. [@4.<4Y  
مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى باشقا ئۆلكە شەھەرلەردىن خېلى كېيىن بايقالغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىپرىس ئارقىلىق ئوكۇل ئۇرۇپ زەھەر چېكىش بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئىكەن. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى بارا-بارا ئازلاپ، ئەسلىدىكى %85 دىن %73 كە چۈشكەن. يۇقۇمدارلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ۋە ئىلى ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەنىكەن. ]A#K;AW{U  
^DaP^ 
يۇقۇملانغۇچىلار زەھەر بىلەن يېزىنىڭ تۇتاشقان ۋە كېسىشكەن رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتىن 20 ياشتىن 40 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئەرلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. HuRq0/"  
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 9330 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئاياللار 1300، ئومۇمىي ساننىڭ %14 ىنى ئېگەللىگەن.  1999-يىلىدىكى ئايال يۇقۇمدارلار سانى 288، 2003-يىلى 9-ئايدا كۆپىيىپ 900 گە يەتكەنىدى. دېمەك، ئايال يۇقۇمدارلانىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. جىنسى مۇناسىۋەت ۋە ئېنىقسىز سەۋەبلەردىن يۇقۇملىنىش سانى كۆپىيىپ، شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش بارا-بارا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا تارقىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا قىز ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يىلسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. v " Yo  
بۇ يىللاردا يوشۇرۇن كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ كېسىلى قوزغىلىش باسقۇچىغا يەتكەن بولغاچقا، كۆپ ساندىكى ئەيدىز قوزغالغان بىمارلار ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىپ، يۇقۇملىنىشنى كېڭەيتىۋېتىدىغان ھەر خىل ئامىللارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. xn BL{ []  
2007- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2008-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بىر يىل ئىچىدە، مەلۇم قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز يۇقۇمدارى 3928 بولۇپ، بۇ 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغاندىن بۇيانقى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان بىر يىل بولۇپ قالغان. cZFG~n/  
2008-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، رايونىمىزدىكى 14 رايون، ئوبلاست، شەھەر 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 24818 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 2504، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 1353 بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %9 ىنى ئىگەللەپ، ئومۇمىي سانى 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ] l@Mo7|w  
ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىن مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 8563 ۋە 9579 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونۇم رايوندىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ %34.5 ۋە %39.3 ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانى100 دىن ئاشىدىغان ئوبلاستلاردىن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرى قاتارلىق رايونلاردۇر. *?  
XqxmvN  
2009-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى ۋە بىمارلار سانى 4073 بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 27012، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 3910، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 2555 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەلۇم قىلىنغانلار سانىنىڭ %9 نى ئىگىلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە ئومۇمىي سان مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان، يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى جىددىيكەن. مەلۇم قىلىنغانلار سانى كۆپ بولغان ئالدىنقى 5 جاي ئايرىم-ئايرىم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى. R32A2Ml  
نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى: كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى، يوشۇرۇن خەۋپ زور؛ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن خەتەرلىك رايونلار تەكشى ساقلانماقتا، بىر قىسىم جايلارنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر؛ يۇقۇملىنىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى مۇقىم تۆۋەنلەپ، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋەزىيىتى ئاساسلىق تارقىلىش ۋاستىسى بولۇپ قالغان، يۇقىرى خەتەرلىك توپتىكى ئاممىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭەيگەن. )B1gX>J\8  
2009-يىلى ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 2200 گە يەتكەن بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئاساسلىق ۋاسىتە بولغان. دېمەك، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيگەن بولۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي. ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇقۇمدارلار ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يۇقۇمدارلار توپلاشقان رايونغا ئايلىنىپ قالغان. F caO-  
بۇ يەردە دەۋاتقان مەلۇم قىلىنغانلار سانى دېگىنىمىزدە پەقەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان يۇقۇمدارلار بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇمدارلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. Z H1UAf  
piPx8jT`F  
2010-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 370 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 130مىڭدىن ئارتۇق، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 68 مىڭغا يېتىدۇ. 7{fOo%(7  
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئاساسىي يۇقۇملىنىش ۋاستىسى بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ يۇقۇملىنىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز بولماقتا. ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2008-يىلىدىكى %5.9 دىن، 2009-يىلى %8.6 كە يەتكەن. ab/^z0GT  
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 32532 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 5651 ، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 3824، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە 5-ئورۇندا، توپ يۇقۇملىنىش نىسبىتى مەملىكىتىمىز بويىچە 2-ئورۇندا ئىكەن. ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا يۇقۇمدارلار باركەن. L?:fyNA3[  
شىنجاڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى: يۇقۇمدارلار مۆلچەرى يەنىلا 60 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئېشىش سانىدا ئاز تولا تۆۋەنلەش بولغان. شىپىرىس ئارقىلىق زەھەر ئۇرىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش نىسبىتى پەيدىنپەي يۇقىرىلاشقا باشلىغان؛ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى ھەممىلا يەردە ساقلانغان بولۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك ئاممىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيگەن. جەمئىيەتنىڭ تەسىرى روشەن بولۇپ، مۇداپىئەلىنىش كونترول قىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىيكەن. /jB 0  
4n 9c  
داۋالاش ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۈلگەن ئۈنۈملەر = 3("gScUj  
سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 34 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي سان ئۆتكەن يىلقىدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكىدىن بولماستىن، تېخىمۇ كۆپ يۇقۇمدارلارنىڭ ياخشى داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ۋە دوختۇرغا كۆرۈنىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئىكەن. V#-\ 4`c  
ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئاپتونوم رايونىمىزدا 2004-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2008-يىلى 9-ئايغىچە، 1913 بىمار داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كۆپ قىسىمىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن، تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بەزى بىمارلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن. 7!kbe2/]'  
2001-يىلىدىكى ساندىن %17 كۆپەيگەن، 2010-يىلى، پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى 2 مىليۇن 700 مىڭ بولۇپ، 1997-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن %21 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ساخارا قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدارلار 1 مىليۇن 900 مىڭ بولۇپ، 1997-يىلىدىكى 2 مىليون 600 مىڭدىن %26.9 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2005-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەك 2 مىليون 200 مىڭدىن 1 مىليون 800 مىڭغا چۈشكەن. G1z0q3< B  
تەتقىقاتلار ئىسپاتلىشىچە، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوللانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىگەن. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنى جورىسىغا يۇقتۇرۇشتىن ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك نىسبىتى %96 كە يېتىدىكەن. 4w<4\zT_U}  
نۆۋەتتە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە خېلى دەرىجىدە ئومۇملاشقان.  تۆۋەن ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 14 مىليون 200 مىڭ يۇقۇمدارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %47 كىشى بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان، ھەم بۇ نىسبەت 2009-يىلى %39 بولغان. 2z+-vT%  
wB0K e  
گەرچە ساخارا چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ %70 توپلاشقان خەتەرلىك رايون بولسىمۇ، بىراق، ھازىرقى باسقۇچتا، بۇ رايوندا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا قاراپ ماڭغان. بۇ خىل كېمىيىش يەنە جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە كارب دېڭىز قۇلتۇقى رايونى قاتارلىق رايونلادىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بىراق شەرقى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا بۇ سان يەنىلا يۇقىرىلاش مەزگىلىدە تۇرماقتا. p*l]I *x'<  
مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۆۋەن ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ئىنتايىن زۆرۈركەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئاسان يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.  ئۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىدۇكى، جىنسىي ھەمراھىنى ئازلىتىش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ۋە خەتنە قىلدۇرسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. !%,k]m'  
داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ ئازىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب كىشىلەرنىڭ ماس ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوبۇل قىلىشى. نامبىيەنى مىسالغا ئالساق، ئۇ يەردىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %90 كە يەتكەن، ئەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش نىسبىتى %75 كە يەتكەن، بۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتتىكى ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 2010-يىلى %60 كېمەيگەن. Vh o3I[C  
2010-يىلى تۇنجى بولۇپ، «مۇبادا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىساق، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ سانىنى ئازايتالايدىكەنمىز. دېگەن قاراشنى ئىسپاتلىدۇق» دېدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى مەسئولى مەيكىل شىدىب. B(/)mB  
x=jS=3$8  
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار %*Aq%,.={  
}+3v5Nz;  
نۆۋەتتە خەلقئارادىمۇ ئەيدىز كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش دورا ۋە ئۇسۇل يوق، لېكىن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى بار. Sru}0M# M  
ئەيدىز ئاساسلىقى ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ، ئۇلار: قان ئارقىلىق يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشتىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ياكى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشتە ئۇچراشقاندا ئەيدىز يۇقمايدۇ. B33H,e)  
بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپلا قالماي، يەنە ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھەمدە، جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالىتىشمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتىدۇ. }2CVA.Qm!  
زەھەر چەككۈچىلەر شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز يۇقۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولىدۇر، شۇڭلاشقا ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەرنى چەكلەش، ئورۇنسىز قان سېلىش ۋە ئوكۇل سېلىشتىن ساقلىنىپ، ئەيدىز ئانتىتېلاسى تەكشۈرۈشىدىن لاياقەتلىك ئۆتكەن قاننى سېلىش ۋە قاندىن ياسالغان بويۇملارنى ئىشلىتىش كېرەك. /QT"5fxKJ  
ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كەمسىتمەسلىك، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئەيدىز كېسىلىنى تۈگىتىش ۋە زىياننى نۆلگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەدبىرلىرىدۇر. ئەيدىز ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئادەمگە چېتىلىدۇ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كونترول قىلىش ھەر بىر جەمئىيەت پۇقراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر. v5Qp[O_  
),53(=/hl  
مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى   http://www.eldawa.com a3?D@@Qnw  
-------------------- b0n " J`  
تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى (مۇكاپاتلىق) بۇ يەردە سىزمۇ قاتنىشىڭ: http://aids.eldawa.com/cure/2011/1201/1338.html OqNtTk+  
[ بۇ يازما Eldawa تەرپىدىن 2011-12-03 06:35 PM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : توخار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-03, 19:55
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com
ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   469 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3727 (سوم)
 ياخشى باھا:   1215 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1248  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3406
 سائەت
دەرىجىسى:
3406 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-12-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ئەدەپ -ئەخلاق ئاجىزلىسا مەينەت كىسەللەر كۆپىيىدۇ
 
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
pariay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13689

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   94 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5442 (سوم)
 ياخشى باھا:   215 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 745
 سائەت
دەرىجىسى:
745 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-12
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

قايسى كۈنى تېلىۋىزوردىن ئەيدىز توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى كۆرۈپ كىچىك دوسلارنىڭ بۇ توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنتىم ،،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى،،دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتسۇن !! دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر !!
 
ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،
MILYONIR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7021

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6670 (سوم)
 ياخشى باھا:   575 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   835  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 237
 سائەت
دەرىجىسى:
237 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ئەيدىز كېسىلى ئەزرائىلنىڭ شىكىرىكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ! ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى قېرىنداشلىرىم
 
babureya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.65560

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   315 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2708 (سوم)
 ياخشى باھا:   632 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   547  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 120
 سائەت
دەرىجىسى:
120 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-17
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-04

         ئەزىز قىرىنداشلىرىم ، ھەممەيلەن دىققەت قىلايلى .
 
irpan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7064

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   674 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2282 (سوم)
 ياخشى باھا:   466 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   476  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7626
 سائەت
دەرىجىسى:
7626 سائەت 164 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-04

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئايرىم  سانلىق مەلۇماتى بارمۇ؟
 
كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
kankil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13430

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   225 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6390 (سوم)
 ياخشى باھا:   278 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1378
 سائەت
دەرىجىسى:
1378 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-04

رەخمەت  ئەجىرىڭىزگە ،
 
ozuyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31074

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   362 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4507 (سوم)
 ياخشى باھا:   576 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3682
 سائەت
دەرىجىسى:
3682 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-04

رادىيودىن ئاڭلىسام يېقىندىن بېرى چەت- ياقا جايلاردىمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپۈيىۋېتىپتۇ. ھازىر جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى يۇقۇرلاپتۇ.  20-25 ياشلار ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى يۇقۇرىكەن، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ تىز كۆپىيىۋېتىپتۇ. %mFZ!(  
بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىز  ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىغا خوتۇن ئالماي يا خوتۇن بالىسىغا خەجلىمەي  شەھەرلەردىكى  پاھىشەخانىلاردىكى ئەيدىز خالتىلىرىغا خەجلەپ ئۆزىنى ۋە خوتۇن بالىلىرىنى نابۇت قىلىشقا باشلاپتۇ. fUKi@*^ZUa  
ئالىي مەكتەپتىكى قىز- ئوغۇللار  ئاللاھتىن قورقماي ھىسسىيات تىزگىنىنى قۇيۇۋېتىپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالمايلى.  I?R?rW  
مۇشۇ پاھىشەخانىلار ۋە پاھىشە، پاھىشىۋازلار يوقالماي  تۇرۇپ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى تىزگىنلىمەك قىيىن ئوخشايدۇ.
 
اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن
يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر
قېلىپ قالغان بىر سائەت
بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر
lostba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.67303

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   344 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2290 (سوم)
 ياخشى باھا:   433 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 231
 سائەت
دەرىجىسى:
231 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-28
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-05

نېجىستىن ياق تۇرايلى
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى