‹‹گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ››دىگەننى ‹‹ئوغۇلنىڭ دەردىنى دادا بىلىدۇ››دەپ ئالدىم ...ھەم شۇ بالامنىڭ تىلىدا ئازراق ئورتاق دەردىمنى بىر تۈكىۋېلىشنى ئويلىدىم ،بۇ يولدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
CR<Nau> ئاپا ،سەن بۇ دۇنيانىڭ تارازىسى بۇلۇشقا،ھەمىشە ئۆزەڭنىڭكىنىلا راسىت قىلىپ ،ھەممە مىنىڭ ئويىمچە بولىدۇ ،بولمىسا جازاسىنى بىر مەندىن تارتىدۇ...
:vJ0Ypz-u مەن بۇ دۇنياغا شۇنىڭ ئۈچۈنلا كەلگەن دەپ ئويلامسەن...سەن ئۈچۈن ئۆزەڭ ۋە ئۆزەڭنىڭ ئائىلىسى(چوڭ بولغان ئۆي)،شەخسى مەنپىئەتىڭدىن باشقا مۇھىم دەپ قارىغۇدەك ئىشلار يوقمۇ،ياكى بەكلا ئازمۇ؟ دۇنيا سەن ئۈچۈنلا ئايلانسا رازى بولامتىڭ...
07L1 " سەن شۇ ئائىلەڭدە يىتىلدۈرگەن شۇ شەخسىيەتچى ،يولسىز مىجەزىڭ بىلەن باشقىلارغا تۇزدەك تېتىپ ،باشقىلارنى قاقشىتىپ بىر ئۆمۈر ياشمىماقچىمۇ،ئەجەبا شۇ يولدا ھەتتا ھەر قانداق قارا سۆزلەرنى قىلىشتىن ،ۋە ئۆزەڭنىڭ نەپسى پايدىسى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا تەييارمۇ؟...
6> Szxkz مەنمۇ بىر كۈنى چوڭ بۇلىمەن،ھەممە ئىشلارنى بىلىمەن،ئۇ چاغدا ..................
Lk|%2XGO& سەن شۇمىجەزىڭنى ھىچ ئۆزگەرتەلمەي،باشقىلاردىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنۇتساڭ ئۇنۇتتۇڭكى،ھەر گىز يامانلىقنى،ئازراق گەپ -سۆزلەرنىمۇ ئۇنۇتمىدىڭ،چۈنكى سەن دەل ئاشۇ مىجەزىڭدە باشقىلارنى يېڭىپ ،ياشاپ كەلگەن....نىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن بولغىنىدەك شۇ سەنىمىڭدە مېڭىۋەردىڭ...ئاخىرى دادامنىڭ ئاپسىنى ئاچچىق تۈپەيلى ،چارچاپ ،خاپا بۇلۇپ تۇرغاندا دىگەن كىچىككىنە گىپى ئۈچۈن تىللاپ،يىغلاپ تۇرسىمۇ كارىڭ يوق ،تازا تېتۋالدىڭ...ئويلاپ باق ،سەن نەۋرەڭنى بېقىشتىن قاچسەن دەپ تىللىغان ،شۇنداق يىغلىتىۋەتكەن قېيىن ئاناڭ سەن مىنى تۇققاندا دوختۇرخانىدا ھەپتە مىنى باققان،دادام سىنى باققان ئەمەسمۇ...ماڭا نۇرغۇن كىيىم تىكىپ بەرگەن ئەمەسمۇ،ماڭا ئىسسىقلىق قىلىپ دۇرا تۇتقان ئەمەسمۇ...ھەپتىلەپ ،يېرىم ئايلاپ مىنى شۇنداق ياخشى باققان ئەمەسمۇ...ماڭا شۇنداق ئامراق ،مەنمۇ شۇنداق ئامراق ئەمەسمىدىم ،كىچىككىنە بىر ئېغىز خاتا كەتكەن گىپى ئۈچۈن ،ئاشۇنچىۋالا ئازار بەرسەڭ ،دادامنىمۇ ،ئاپسىنىمۇ كۆزگە ئىلمىساڭ ،دادام يەنە پۇرسەت بەرسە، جاھىللىق قىلىپ تۇرساڭ ،يەنە ساڭا قانداق قىلىپ بەرسە بولاتتى...مەنمۇ دادامدىن ئۇنچىۋالا جىق سەۋىر تەلەپ قىلىپ كىتىشكە ھەققىم يوقتۇر بەلكىم ،بىلسەڭ ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر چىكى بولىدۇ،سەن شۇ چەكتىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۋەتتىڭ...ۋە داۋاملىق ئاشۇرۋاتىسەن...بىلىسەن چۈنكى سەن شەھەردە چوڭ بولغان ،جىق ئىش كۆرگەن شۇڭا ھەممىگە كۈزۈڭ يىتىدۇ ،شۇڭا قىلىسەن ،ئەمما داداممۇ ئانچە بوش ئادەم ئەمەس.چۈنكى ئۇمۇ ئوقۇغان ،نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ،ئەمما ئاددىي-ساددا ياشاپ كەلگەن ئادەم ،ئۆزىنى بىلىدۇ ،سوراپ تۇرىدۇ،ۋىجدان تارازىسىغا ئۆزىنى سېلىپ تۇرىدۇ...
noa=wy بولمىسا شۇنچىۋالا ئىشلارغا دەرىتلەرگە ،ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرىپ ،سىنىڭ جىمى تەلەپلىرىڭىزنى ئۇرۇنداپ بۈ كۈنلەرگىچە كىلەلەمتى؟!!!
6-<>P E2 بىلىمەن ،سەن دادامدىن مەن ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى،سىنىڭ ئۆچ ئېلىشلىرىڭ تېخى توختاپ قالغىنى يوق ،شۇنى بىلىپ يەتكەن دادام مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كەچتى...بىنادىن تىزىملىتىپ ئېلىشقا قۇربى يىتىدىغان ئۆينى ساڭا بەردى،ئىلىگىرى -كىيىن بۇلۇپ ئالغان ئالتۇنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ،ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىنى تالاشتىڭ ،بەردى ھەتتا دادامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوستىغا دەپ ئەكەلدۈرگەن ،دائىم مىنى رەسىمگە تارتىدىغان ئاپراتىغىچە تالاشتىڭ ...بەردى...ئەمدى دادامغا نىمە قالدى...(ئۆيدىكى پۇلغا يارىماس قاتتىق -قۇرۇق چايدان .ئىۋرىق ،ئاپسى تىكىپ بەرگەن يوتقان كۆرپىسىلا قالىدۇ،يەنە تېخى سەن ئايدا دادامنىڭ:‹‹ بالىغا،قانداق ئىشلەتسەڭ ئىشلەت 300 كويدىن بىرىمەن ،قالغىنىغا ئۆزەم نەرسە ئېلىپ بىرىمەن، ھەر شىنچىدە(ئارام ئېلى كۈنلىرىدە) كۆرىمەن...دىگەن تەلەپلىرىنىمۇ رەت قىلىپ ئايدا ئەڭ كامىدا 400 يۈئەندىن بىرىسەن ،ئاغرىپ قالسا داۋالىتىسەن .....سىنىڭ ئۇ-بۇ پۇللىرىڭ بار...نەگە ئاپىرسەن ....پەقەت مىنىڭ رۇخسىتىم بىلەن 4كۈنلا كۆرىسەن ...دەپ شۇنداق نۇرغۇن يولسىز تەلەپلەرنى مۇرەسسە نامىغا يازدۇرۋالدىڭ ....بىلسەڭ دادام يامان ئىشلاردا يوق ئىدى،ھەرگىز يوق ئىدى،بالامغا ،ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ،بالامغا ئۈلگە بولمىسام ،تۈزۈك ئادەم قىلمىسام بولمايدۇ ،دەپ نۇرغۇن ئېزىقتۇرۇشلار دا ئازماي كەلگەن ،ئۆزىنى تۇتۋالغان ئىدى.....سىنىڭ ئۆيۈڭدىكلەرنىمۇ چوڭ بىلەتتى...ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە قىلمىغان ياخشى ئىشلارنى سىنىڭ ئۈيۈڭدىكىلەرگە ،ساڭا ،ماڭا قىلاتتى...ياردەملىشەتتى...ھازىر چىش -تىرنىقىغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن جەمەتىڭ ،شۇ چاغلاردا ماختاپ بىر بۇلۇپ كەتكەن ،بۇنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى،يەنىلا شۇ سىنىڭ جاھىللىقىڭ ۋە ئاداۋەتخورلۇقۇڭ...بالا نەپسىڭ.................................
+MfdZD ;:l\_b'Z} دادام ئاخىرى ...بوپتۇ .........سوتمۇ ئاياللارنى ئاشۇنداق قوغداپ بەرگىلى تۇرسا ،مەندە نىمە ئامال دەپ ئامالسىز يول قويدى...
&u'$q
ئەمما سەن شۇ سىنىڭ تەلىپىڭنى ئۇرۇنداپ بەرگەن سوتنىڭ تامغىلىق قەغىزنىمۇ بىر تىيىن قىلپ ،مەن ساق ئادەمنى ئاغرىپ قالغان دەپ....يەنە دادامغا كۆرسەتمىدىڭ...شۇنىڭ بىلەن دادام سىنى ‹‹يەپ تويمىغان يالاپ تويماس ›› دىگىنى راسىتكەن ،ئەمدى قالغان بالا نەپسىڭنى سوت بىر تەرەپ قىلسۇن ،ئىككى يىل ئۆي تۇتۇپ بىر شاپلاق سالالمىغان ئادەم بولغاندىكىن ھەرقانچە بولسىمۇ ،ھەق-ناھەق ھەر قانچە ئۈستۈن -ئاستىن بۇلۇپ يولسىزلىق قىلىپ تارتىۋېلىشىڭ بىلەن ،دادامنىڭ لاتىلىقى بىلەن ساڭا تەڭ كىلىپ بولالماي،(چۈنكى سىنىڭ جەمەتىڭ بوش ئادەم ئەمەس،جېدەلنى پۇلغا سېتىۋېىلىپ ،پايدا ئېلىپ كۈنۈپ قالغانلاردىن ،بولمىسا ....)پۇل كەتسىمۇ بىر سوتقا چىقمىسام بولماپتۇ دەپ تۇرۋاتىدۇ ،ئەمما قېرىشقاندەك سوتنى ئېچىپ ئەرىز قۇبۇل قىلمايۋاتىدۇ...مەنمۇ مۇشۇنداق سىنىڭ تۇتقۇنۇڭدەك دادام بىلەن كۈرۈشەلمەي كۈڭۈللۈك ئوينىيالماي كىلىۋاتىمەن ،خەيىر بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشار،شۇ چاغدا داداممۇ سەندەك ئىككى- ئۈچ ئايلاپ كۆرسەتمەي باقسۇن قېنى سەن قانداق بوپ كىتىسەن ...لىكىن ماڭا داداملا بولسا ئاشۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينىتىپ تۇرسىلا سىنى ئانچە يادىمغىمۇ ئېلىپ كەتمەسمەن...شۇ قىلغىنىڭنى دىسەم...
q-fxs8+m| مەن دادامغا بەكمۇ ئامراق ئىدىم ،چۈنكى مەن كىچىك بولساممۇ 2ياشقا كىردىم ،ئەقلىم شۇنداق جايىدا ...مىنى سەن ئۆيگە ئاپاڭغا بېقىش پۇلى بىرىپلا تاشلاپ بەرگەن بىلەن دادام ھەرگىز ئاپىسىغا تاشلاپ بەرمەيتى ،چۈنكى ئۇ چوڭ ئانىلارمۇ ئارام ئېلىشى كېرەكتە...
BM&.Tw|x ،بىللە يەيتۇق...ئەمما لىكىن سەن مىنى ئۆيگە ،قۇيۇپ قۇيۇپ كۈنلىرىم شۇنداق زىرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ.......
[l2ds: بىلسەڭ دادام مىنى كۈڭۈل خۇشى تېپىپ قۇيۇپ كارى يوق يۈرگەنلەردىن ئەمەس ...كېچىسى سەن باقتىم دەپ ئۇخلىۋالساڭ كۈندۈزى كەچكىچە بازار ئايلاندۇرۇپ ،سەن قانداق قىلساڭ ،داداممۇ شۇنداق باققان ،بىر 8ئاي سىنىڭدەك ئىمىتەلمىگەنلا يېرى بار...مۇھىمى مىنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كىچەلىدى،ھەم كىچەلەيدۇ،ئەمما مەندىن كىچەلمەيدۇ ،ھەم كەچمەيدۇ،تاس قالدىڭ مىنىڭ دىگىنىمنىڭ سەممىسىنى بەرمىسەڭ بالام يوق دەپ ياز دەپ دادامنىڭ ئاچچىقتا ئەقلىنى كەستۈرۋەتكىلى...ئەمما دادام .............ئەمدى سەن بەدەل تۆلەپ قېلىشىڭ مۇمكىن ....
crt
)}L8- چۈنكى مەن ئۇنىڭ تىلەپ تاپقان بالىسى...ئاغرىپ قالسام كېچىلەپ ،ھەتتا سىنىڭ ئۆيۈڭگە چىقىپ دىگۈدەك ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ،بىر تەرەپتىن دورا ئالسا ،بىر تەرەپتىن مەخسۇس كىتاپلارنى ئېلىپ ،يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالاپ ،ساقىيىپلا قالسام ،بازاردىن ئەكىرمەي دىگۈدەك ئويناتقان دادام شۇ ...مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم دادا دەپ تىلىم چىققان ،ھەتتا سىلەر ئاجراشماقچى بولغاندا سىنىڭ كەينىڭدىن ماڭماي ،شۇڭا دادامنىڭ كەينىدىن ماڭغان...چۈنكى دادام مىنىڭ خوشاللىقىم ،مەن دادامنىڭ خوشاللىقى ئىدىم....
*L3>:],7 aAr gKM f 2%'iTXF SWYIQ7* EVW{!\8[ ^f-?xX
Px =W6AUN/%p [ بۇ يازما mosajan0997 تەرپىدىن 2011-12-03 01:52 PM ]