مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1501 
  •    ئىنكاس 
       44 

مۇھەببەت، نىقاب،نىكاھ (ھىكايە)

قەۋەت ئاتلاش
IZZAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12690

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7681 (سوم)
 ياخشى باھا:   405 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   626  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 462
 سائەت
دەرىجىسى:
462 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-04
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
— تېما باشقۇرغۇچى كەپتەر تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-12-03) —

مۇھەببەت،نىقاب،نىكاھ
Y/J~M$9P,  
ئىززەت غۇجىئابدۇللا
xS UpVK  
}vh  
سابا بايىلا بىر دوستىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ كىرىپ ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتاتتى。 ئۆ تويدا بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ، ئۆيگە كىرىپلا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيغاندىن كىيىن تىلىۋىزور بىلەن DVD نى ئېچىپ، ئالدىنقى كۈنى باش قىسمىنى كۈرۈپ بولغان «ئوۋ بۈركۈتى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىنى قۇيۇپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ تېلۋىزىيە تىياتىرىنى تازا قىزىقىپ كۆرۈۋاتقاندا تېلفۇنى سايراپ كەتتى. ئۇ خوشياقمىغان ھالدا تېلفۇن ئىكرانىغا قاراپ ئىككىلىنىش ئىچىدە تېلفۇننى ئالدى. تېلفۇن قىلغىنى ئۇ ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان، يەنە كىلىپ بۈگۈنكى تويدا رەنجىشىپ قالغان ئايگۈل ئىدى. MB;rxUbhe3  
ئايگۈل تېلفۇننى ئېلىپلا [;{xiW4V]  
-1500******* نۇمۇرنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى. qR aPh:Q'  
-بىلىمەن، ئۇ ئەختەمنىڭ نۇمۇرى S!PG7hK2  
-ئەختەم دىگەن كىم؟ F m:Ys](  
-رەنا تويدىن بۇرۇن يۈرگەن يىگىت، نىمە بولدى؟ LCSvw  
-ئۇ بالا ھازىر ماڭا تېلفۇن قىپتىكەن. رەناغا تېلفۇن كەلسە مىنىڭ تېلفۇنۇم سايرايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان. بۈگۈن رەنانىڭ تويى بۇلىدىغانلىقىنى ئۇ بالا بىلمەمتى؟ 4AzDWK@/  
-بىلمەيدۇ، رەنا ئۇنىڭغا دىمىگەن. ;`/a. /bc  
-ئەمىسە ئۇ بالىغا تېلفۇن قىلىپ دەپ قويغىن، بۇندىن كىيىن رەناغا تېلفۇن قىلمىسۇن. ئەگەر بۇ تېلفۇن رەنانىڭ ئۆزىگە بارغان بولسا، بۈگۈن ئۇنىڭ تويى تۇرسا، يولدىشى بىلسە نىمە ئىشلار بوپ كىتەتتى؟! ئۇنىڭغا رەنانىڭ تويى بوپ بولغانلىقىنى دەپ قويغىن. CKH mJ]=  
ئايگۈل شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قويدى. سابانىڭ ئۇنىڭ بۇيرۇق قىلىشلىرىغا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا دوستى رەنانى ئويلاپ ئەختەمگە تېلفۇن قىلدى. بىراق بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئەختەم تېلفۇننى زادىلا ئالمىدى. سابا ئۇنىڭغا «مەن سابا، پاراڭلاشساق بۇلامدۇ» دىگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قويغاندىن كىيىن داۋاملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىنى كۆرىۋەردى. C-A? mIC  
ئۇزۇنغا قالماي ئەختەم ئۇنىڭغا تېلفۇن قايتۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن، ئەختەم سۆز باشلىدى: @?e~l:g})g  
-سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېلفۇننى ئالماپتىمەن. كەچۈرۈڭ! p@O Ip  
-ھېچقىسى يوق. QOK,-  
-رەنانىڭ تويى قاچان بولدى؟ %0 {_b68x  
-بۈگۈن بولدى. لىكىن ئۇنىڭدىن رەنجىمەڭ! ئۇنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇسى يوق ئىدى. تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ. :l"B NT[/  
- لىكىن بىزمۇ تىرىشىپ باقساق بۇلاتتىغۇ!؟-دىدى ئەختەم ئەلەم بىلەن- ئۇمۇ چىڭ تۇرغان بولسا بەلكىم بىزنىڭ ئىشىمىزمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار ئىدى. لىكىن ئۇ بەل قويىۋەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشى،ھېچبولمىغاندا توي قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئەسكەرتىپ قۇيۇشى كىرەك ئىدى. مەنمۇ تېلفۇن قىلىپ يۈرمەيتتىم... Q>Klkd5(  
ئەختەم شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا تېلفۇن ئۈزۈلۈپ كەتتى. OvQzMXU^I  
سابا كۆڭلىدە ئەختەم بەك ئازاپلىنىۋاتقان بولغاچقا قەستەن تېلفۇننى قۇيىۋەتتى دەپ ئويلاپ قايتا تېلفۇنمۇ قىلمىدى. EpO2%|@  
سابا شۇ توغرىلىق ئويلىنىپ تۇرىشىغا ئايگۈلدىن يەنە تېلفۇن كەلدى. |hj!NhBe  
- ئۇ بالىغا تېلفۇن قىلدىڭمۇ؟ 59{X;  
-ھەئە، بۇندىن كىيىن تېلفۇن قىلمايدىغان بولدى. K" VcPDK  
-ھە، يېنىڭدا باشقىلار بارمۇ؟ ~tWh6-:|{J  
-ياق، مەن بۈگۈن ئۆيدە يالغۇز. ئاچاملار چوڭ ئۆيگە كەتكەن. ?7V~>i8[  
-ھە ئەمىسە گىپىمنى ئاڭلا! بۈگۈن تويدا ئىككىمىز رەنا كىمگە بەك ئىشىنىدۇ دىيىشىپ رەنجىشىپمۇ قالدۇق.ساڭا دىسەم، بۈگۈن رەنا ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى بۈگۈنكى كىچىنى قانداق قىلىپ ئىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ بىخەتەر ئۆتكۈزۈش! $ c-O+~  
-نىمە!؟ بۇ قانداق گەپ زادى؟ O$r/ {{I.  
-بولدى، ئارتۇق گەپ سورىما. ساڭا كىيىن دەپ بىرەي... xi{ r-D8Z  
-مىنىڭ ھازىر بىلگۈم بار. , d $"`W2  
-ھازىر بولمايدۇ، كىيىن دەپ بىرەي. >v, si].  
-لىكىن مىنىڭ ھازىر بىلگۈم بار، ?e6>dNw  
-رەنانىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلەمتىڭ؟ aOd#f:{y  
بۇ گەپ بىلەن تەڭ سابانىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى.ئەمىلىيەتتە سابا بۇرۇن گۇمانلانغان. لىكىن رەنانىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن بارلىق گۇمانلىرىنى ئىنكار قىلىۋەتكەن ئىدى. لىكىن ھازىر سابانىڭ ئۇ ئىشلارنى باشتىن ئاخىر بىلگۈسى كىلىپ ئايگۈلگە يالغان گەپ قىلدى. ~Z/,o)  
-بۇرۇن ئازراق بىلەتتىم، o/7u7BQl2  
-ھە شۇ ئىشلار، بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا بۈگۈن تويدا مەن بىلەن گەپ تالىشىسەن؟ 1D#-,#?  
-ئۇنى قۇيۇپ دىگىنە،ھېلىقى بالا كىم؟ 5C1EdQ4S0  
-قايسى ھېلىقى بالا؟ -GFZFi  
-ۋاي رەنانى قىزلىقىدىن ئايرىغانچۇ؟ /a^ R$RHl'  
-ئۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن؟ 8O]`3oa>  
-ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. رەنا شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىز تۇرسا، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. ^K"BQ~-w  
-بايا ئازراق بىلەتتىم دىگەن ئىدىڭغۇ؟ u*Xp%vNe  
-شۇ رەنا ئىككىڭلارنىڭ چ چ دا يېزىشقان خېتىڭلارنى كۆرۈپ قالغان. گۇمانلىنىپ رەنادىن سورىسام ئۇنداق ئىش يوق دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن سوراپ باقمىغان. {,sqUq (  
-ئەسلى مۇنداقكەن-دە؟ ماڭا ئۇ ئىشلارنى رەنانىڭ بۇرۇنقى يىگىتى ئېيتىپ بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن رەنا بىلەنمۇ يېقىن بوپ قالغان. ھەم ئۆز ۋاقتىدا رەناغا‹‹ خاتىرجەم بول، توي قىلىدىغان ۋاقتىڭدا مەن ياردەم قىلىمەن›› دىگەن ئىدىم. مەن شۇ ۋەدەمدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم. seEo)m`d  
-ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلدىڭ؟ ?v M9 !  
-بىر دوستۇم بار ئىدى. بۇرۇن ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئىشلەپ بېقىپ، كىيىن «قىزلىق پەردىسى» سالىدىغان ئىشلارنى ئۈگەنگەن، رەنامۇ شۇ يەرگە بېرىپ ساختا‹‹ قىزلىق پەردىسى» سالغۇزۇپ كەلدى. ,9bnR;f\  
-نىمە؟ رەنا شۇنداق قىلدىما؟!!! :+Ukwno?/  
سابا جىمىپ كەتتى. ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.خىياللىرى گادىرماچلىشىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش كەلدى. گەپمۇ قىلماستىن تېلفۇننى ئۈزىۋىتتى. ئايگۈل يەنە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىلى تۇردى. op9dYjG7  
ئۇ تىلفۇننى ئالماي تامغا قاراپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرىۋەردى.كۆڭلىدە بولسا چەكسىز ئەلەم، خورلۇق، نۇمۇس ۋە نەپرەت تۇيغۇسى ئويغانماقتا ئىدى. ئايگۈل ئارقا-ئارقىدىن توختىماي تىلفۇن ئۇرىۋەرگەچكە سابا ئاخىرى تېلفۇننى ئالدى. `5@F'tKQ  
-نىمىشقا تېلفۇننى قۇيىۋىتىسەن؟ @p*)^D6E\  
-قويىۋەتتىم شۇ... ئۇ گەپلەرنى قۇبۇل قىلالمىدىم. مەن رەنانى ئۇنداق قىز دەپ ئويلىمىغان. ئۇنى ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇم دەپ بىلەتتىم. ساددا تۇرقىغا،سەبىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى ھەم مۇلايىم ،خۇشپىئىل مىجەزىگە قاراپ ئۇنى بەك ئىسىل، ئەخلاقلىق،شەرمى-ھايالىق قىز دەپ بىلەتتىم.ئەمما ھازىر... 9(TGkz(NA  
سابا شۇ گەپلەرنى دەۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدى.قىزلارنىڭ نامىنى پايخان قىلىپ ،ياخشى بىر يىگىتنىڭ ئەرلىك غورورىغا داغ تامغىسى باسقىنى ئۈچۈن رەنادىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتى. 1]G)41  
-بۇ ئۇنچە تەسىر قىلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەس-دىدى ئايگۈل ئېغىر خۇرسىنغاندىن كىيىن- بىر ئىشلارنىڭ بەك مۇرەككەپ تەرىپىنى ئويلايدىكەنسەن.ھەم بەك يۇقۇرى تەلەپ قويىۋالىدىكەنسەن. ھازىر بىرەرسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. 7m-%  
-خەقكە ئىشەنگىلى بولمىسىمۇ مەن رەناغا ئىشىنەتتىم. بۇرۇن كىتاب-ژورناللاردا بۇ توغرىلىق ھىكايىلەرنى ئوقۇسام،ياكى باشقىلاردىن شۇ توغرىلىق گەپلەرنى ئاڭلىسام شۇنداق قىزلار قانداق بۇلىدىغاندۇ؟ ئەيمەنمەي، نۇمۇس قىلماي يېقىن كىشىلىرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ يەنە يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغاندۇ؟ بىر كۈنلىرى مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كەتسە ئۆزلىرى ئالدىغان شۇ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئەسلى شۇنداق قىز بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق يەپ،ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولۇپ، ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ... ;Z{D @g+  
سابا شۇنداق دەپلا يىغلىغانچە تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئايگۈل يەنە تېلفۇن قىلدى. لىكىن سابا تېلفۇننى ئالمىدى.بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن،ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ چىقتى ۋە ئايگۈلنىڭ ئۆزىگە يازغان قىسقا ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى. \_1a#|97e  
-ئەجەپ تېلفۇننى قويىۋىتىپ كىيىن ئۇرسام ئالمايسەنغۇ؟ p?Azn>qBa  
-ھە، شۇنداق بوپ قالدى.ھەقىيقەتەنمۇ كۆتۈرەلمىدىم.ئەمما بۇ ئىشلارنى بىلگىنىمنى رەنا ئۇقمىسۇن. ئۇنى خىجىل قىلىپ قۇيۇشنى خالىمايمەن.گەرچە نۇمۇسسىز بولسىمۇ... ]Orx %8QS!  
-ئەلۋەتتە دىمەيمەن. سەنمۇ باشقىلارغا دىمە! ئەمىلىيەتتە مەنمۇ سىنىڭ ھەممە ئۆتمۈشىڭنى بىلىمەن. jCJcVO>OZ  
-مەسىلەن، مەن توغرىلىق نىمىنى بىلىسەن؟ #; ?3k uq(  
-سىنىڭ يۈرەك كىسىلىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. *vaYI3{qN  
-كىمدىن ئاڭلىغان ئىدىڭ؟ رەنا دىگەنما؟ @zg}x0]  
-ياق، ئۇ دىمىسمۇ مەن ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. f(5(V %  
-نىمىشقا بىلىسەن؟ مىنىڭ ئىشلىرىمنى بىلىپ نىمە قىلاتتىڭ؟ 5X!-Hj  
-مەن بىرسى بىلەن يېقىن ئۆتمەكچى بولسام ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئىنىقلايمەن شۇ... yQ2=d5'V`  
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سابانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.بىراق چاندۇرماسلىق كىرەك ئىدى.سابا شۇ چاغدا پەم بىلەن تېلفۇننىڭ بىر يەرلىرىنى بېسىپ يۈرۈپ ئايگۈل بىلەن دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى تېلفۇنىنىڭ ئۈنئالغۇسىغا ئېلىۋالدى. =hKAwk/^  
-مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى كىمدىن بىلدىڭ؟ EraGG"+  
-ئۇنى بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. -G,}f\Cg  
-يۈرەك كىسىلىم بارلىقىنى ساڭا رەنا دىگەنما؟ /d3Jd .l!  
-ياق، ئۇنىڭدىن باشقىلاردىنمۇ بىلەلەيمەن. KG'i#(u[  
-لىكىن مەن ئۇنى رەنادىن باشقىلارغا دەپ باقمىغان... >aVgI<  
-سەن ھېچكىم بىلمەيدۇ دىگەن ئىشلىرىڭنى چۇقۇم باشقىلار بىلىۋالىدۇ. WkTJ M  
-راست شۇنداقكەن. مەنمۇ رەنانىڭ ئۇنداق ئىشلىرىنى بىلەرمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان.بۇمۇ شۇنداق ئىشتۇر بەلكىم. q\0/6tl_  
-سەنمۇ بىر قىز بالا! ساڭا كەلدى، ماڭا كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى مەخپى تۇتقىن. @ma(py  
-سەن ھازىر ئۇنىڭدىن خاتىرجەممۇ؟ ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئېيتالامسەن؟-سورىدى سابا ئايگۈلدىن. dVQ[@u1,  
-ھەئە-دىدى ئايگۈل- تويى بولغان يىگىت بىلەلمەيدۇ. بۇ ھېلىقى دوستۇمنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى ئەمەس. ئۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇ نەچچە قىزغا «قىزلىق پەردىسى» سالغان. [*',pG  
-ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسى سالدۇرغىنىنى رەنا بىلەن شۇ ئىشنى قىلغان بالا بىلەمدۇ؟ رەنانىڭ بۈگۈن باشقا بىرسىنى ئالداپ يۈرگىنىنى ئۇ بالا بىلەمدۇ؟ m^_=^z+  
-بىلىدۇ، دوختۇر پۇلىنى ئاشۇ بالا چىقارغان. ":Dm/g  
-نىمە؟؟؟ بۇ زادى قانداق ئىش بوپ كەتتى... +<7Oj s>o  
-بۇ مانا مۇشۇندا ئىش. ئەمدى بىلىدىغاننىمۇ بىلدىڭ، بۇ ئىشلارنى مەخپى تۇتقىن. بۇ ئىشلارنى باشقىلار بىلىپ كەتسە ھېچكىمگە ياخشى ئەمەس. سەنمۇ قىز بالا،ئاشكارلىنىپ كەتسە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققىن.ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما ئىشقىلىپ! .Nn11F< d  
-نىمە؟ ماڭا تەھتىت سېلىۋاتامسەن؟ =gB5JB<}2  
-قانداق دەيسەن؟ rJ!cma  
-ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما دىگىنىڭچۇ؟ ماڭا بىرەر شۇملۇق قىلماقچىما؟ tEhg',2t(  
-مەن ئۇنداق دىمىدىم. H71sxek3  
-لىكىن شۇ مەزمۇندا گەپ قىلىۋاتىسەن. .Bm%  
ئارىدا خېلى گەپ سۆزلەر بولۇندى. سابا ئايگۈل بىلەن تاكاللىشىپ قېلىپ يەنە تېلفۇننى قۇيىۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا ساباغا يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستىدىن تېلفۇن كەلگەن ئىدى. سابا ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.شۇنداق بولغاندا كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. لىكىن بايامقى ئىشلار توغرىلىق ھېچنىمە دىمىدى. $T'!??|IF  
سابا دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئايگۈلدىن يەنە نەچچە قېتىم تېلفۇن كەلدى. لىكىن سابا تېلفۇننى قويماي دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋەردى. تېلفۇننى قۇيغاندىن كىيىن ئايگۈلنىڭ يازغان ئۈچ پارچە ئۇچۇرىنى كۆردى ھەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتتى. لىكىن بايىقى گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى.ئۇنىڭچە، بۇ قەدەر نۇمۇسسىزلىق مۇنداق سەمىيمىي، كىچىك پىئىل، پەرىشتە سۈپەت قىزنىڭ قولىدىن كەلمەسلىكى، ئۇنىڭ تارىخىغا مۇنداق مەزمۇنلار يېزىلماسلىقى كىرەك ئىدى. jj5S+ >4  
شۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇ يەنە ئايگۈلدىن كەلدىمىكىن دەپ ئويلاپ ئۇچۇرنى كۆردى. لىكىن ئۇچۇر ئايگۈلدىن ئەمەس، ئەختەمدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۇچۇردا «ئۇخلىمىغان بولسىڭىز بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامدۇ» دەپ يازغان ئىدى. سابامۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھاللا ئۇنىڭغا تېلفۇن قايتۇردى. ئەختەم تېلفۇننى تەستە ئالدى. 2B,O/3y  
-قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟-دەپ سورىدى سابا. *%j$i_  
-بىلمەيمەن، ھېچنىمىنى ئويلىيالمىدىم. كۆڭلۈم بەك پاراكەندە. رەنانىڭ تويى بۈگۈن بولدى شۇنداقمۇ؟ oUv26t ~  
-ھەئە، بۈگۈن بولدى. ^J'_CA  
-توي قانداقراق ئۆتكۈزۈلدى؟ رەنانىڭ كەيپىياتى قانداقراق؟ (` P\nnb  
-ھەممە ئىشلار نورمال. رەنادىن بەك رەنجىپ كەتمەڭ. ئۇمۇ چوڭلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالمىدى. ئۆيىدىكىلىرى قۇدا تەرەپكە ئاللىقاچان ماقۇل دەپ قۇيۇپتىكەن. P?54"$b  
-ئۇنى بىلىمەن. لىكىن بىزمۇ تىرىشساق بۇلاتتى. ئۇ پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. خۇددى مەن بىلەن ۋاقىتلىق يۈرگەندەكلا، بۇرۇندىنلا مەن بىلەن توي قىلىش خىيالى يوقتەكلا... 4.RQ3SoDa  
-ئۇنداق دىمەڭ. ئۇمۇ ئامالسىز قالدى. {Cx5m   
-ئاشۇ توينىڭ گىپى بۇلۇشتىن بۇرۇن ناھايىتى ياخشى يۈرىۋاتاتتۇق. توي گىپى چىققان ھامان ھەممە ئۆزگەردى. شۇ كۈنى رەنا توي قىلماقچى بولغان بالا بىلەن بازاردا كۈرۈشمەكچى بوپتىكەن. رەنا ئىشخانىغا بېرىپ كىلەي دەپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ ماڭا تېلفۇن قىپتىكەن. شۇ ئەھۋاللارنى ماڭا دېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەسلىكنى ئېيتقان. ئۇمۇ ماقۇل بولغان ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانچە ئۈچ كۈنگىچە ئالاقىلىشالمىدىم. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۆزى ماڭا تېلفۇن قىپتۇ. لىكىن ئۇ ئەمدى توي قىلىشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭ چاي ئەكىرىپ بولغانلىقىنى دېدى. G95,J/w  
-ئۇ ئەھۋاللارنى مەنمۇ بىلىمەن. رەنا ئانىسىغا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلدى. بىراق ئانىسى ئارىلىقنى يىراق كۆردى ھەم ئۇ ئىشلار بەك تۇيۇقسىز بوپ قالغاچقا ئانىسىمۇ ئۆزى ياخشى دەپ بىلگەن تەرىپىگە تارتىپ كەتتى. توغرا چۈشىنىڭ... aB9!}3@  
-ھېچ بولمىغاندا ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويسا بۇلاتتىغۇ؟! شۇنداق بولغاندا مەنمۇ توي كۈنى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ يۈرمەيتتىم. \CbJU  
-ئۇ سىزگە دىيىشنىمۇ ئويلىغان، لىكىن سىزنى بىلسە بەك ئازاپلىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىدى. D& @]  
-دىمىگەن بىلەن ھامان بىلىدىغان ئىشقۇ؟! نەچچە كۈندىن بىرىمۇ توختىماي تېلفۇن قىلسام پەقەتلا ئالمىغان ئىدى. بۈگۈن يەنە بۇرۇن يېزىشقان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنى شۇنچە سېغىندىم. گەرچە ئۇنىڭ تېلفۇننى ئالمايدىغانلىقىنى بىلسەممە يەنە ئۈمۈد بىلەن تېلفۇن قىلىپ باققان ئىدىم. ئەپسۇس، ئويلىمىغان يەردىن ئاچىسى تېلفۇننى ئېلىپلا ‹‹تويى بوپ بولغان قىزغا نىمىشقا تېلفۇن قىلىسىز؟!›› دەپ قوپال تەگدى. بەك ئېغىر كەلدى... tK#R`AQ  
ئۇلار شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتتەك پاراڭلاشقاندىن كىيىن تېلفۇننى قويدى. GIC1]y-'  
سابا تېخى بىر سائەتنىڭ ئالدىدىلا ئۇ دوستىغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلەپ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلاشقان ھەم كۆيئوغۇل يىگىتكە بەكمۇ ھەۋەس قىلغان ئىدى. شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ساددا، ئوماق بىر قىز بىلەن توي قىلىپ، پاك، غۇبارسىز پەرىشتە سۈپەت بىر مەھبۇبىگە ئىرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يىگىتنى ھەقىيقەتەنمۇ بەخىتلىك دەپ ئويلىغان ئىدى. لىكىن ھازىر ئايگۇل دىگەن قىزدىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ يىگىتكە بەكمۇ ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ يىگىتنىڭ ھالال جۈپتۈم دەپ ئويلىغان قىزى ئەنە شۇنداق ئاتالمىش ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆزىنى بۇيىغان ‹‹ساختا قىز›› ئىدى. ھالال جۈپتۈم دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالغان تۇنجى قەدىمى ساختىلىق ھەم ئالدامچىلىق بىلەن باشلانغان ۋە شۇ ئارقىلىق بەختىنىڭ پىنھان روجەكلىرىدە يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغان، ھېچكىم كۆرمەيلا قالىدىغان مەۋھۇم بىر داغنى ساقلاپ قالغان ئىدى. مۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشى پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىچىدە ئۈتەتتى. {$*N1$(%  
سابا سافاغا يۆلەنگىنىچە رەنا توغرىلىق ئويلىنىشقا باشلىدى. قارىماققا شۇنچە ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ھايالىق، نۇمۇسچان كۆرۈنىدىغان، گەپ قىلىشلىرىدىن باشقىلارغا كىچىك بالىدەكلا تەسىر بىرىدىغان ھىجاپلىق ئاياللاردەك كىيىنىپ يۈرىدىغان ئۇ قىزنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشىغا سابانىڭ پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. qWt}8_"  
xmW~R*^  
بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىيىش ئەمەس، ھەتتا رەنانىڭ يۈزىگىمۇ سالماسلىقنى، ئۇنى خىجىل قىلماسلىقنى ئويلىغان سابا ئايگۈلنىڭ ئۆزىنى قورقىتىۋاتقانلىقىغا، ھەم ئۆتمۈشىڭىزنى ئىنىقلىدىم دىگەن گىپىگە قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ ئىنىقلىغۇدەك نىمە ئىشى بار ئىدى؟! ئۇ باشقا ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ ئۇخلىماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز توي كۈنىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ قالدى. :2 ;Jo^6Se  
توي كۈنى سابا رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى بولغان ئايگۈل بىلەن رەنجىشىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى سابا رەنانىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا ئەتە توي دىگەن كۈنى رەنانىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بىرىشى كىرەك ئىدى. لىكىن سابا ئايگۈلنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا رەنانىڭ ئۆيىگە چىقمىغان ئىدى. چۈنكى سابا رەنانىڭ بۇ ئاچىسىنى ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، شۇڭا توينىڭ ھارپا كۈنى ئايگۇلنى شۇ ئۆيدە بار دەپ ئويلاپ چىقمىغان ئىدى. QLA.;`HIE  
توي كۈنى شۇ توغرىلىق گەپ بولۇپ، ئايگۇل ساباغا: $6hP Tc 
- يېقىن دوستى بولغاندىكىن تۆنۈگۈن ئاخشام چىقماپسەن، ئەمدى رەنانىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدىڭ- دېدى. بۇ گەپ ساباغا ئېغىر كىلىپ؛ 6 SSDc/  
- سىزنى چىقىدۇ دەپ ئاڭلاپ بىزنىڭ يوقلىقىمىزنى چاندۇرماس دەپ ئويلاپ چىقمىغان. سىزنىڭمۇ چىقماسلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام چۇقۇم چىقاتتىم. سىزمۇ ئىشەنچىسىدىن قاپسىزدە ئەمىسە؟!- دىگەن ئىدى، شۇ گىپىگە ئايگۇل بەكلا ئاچچىقلاپ قالغان ئىدى ھەم- مەن ئاخشام چىقالمىغان بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بىرىپ بولدۇم. مەن ئىشەنچىسىدىن ئۆتتۈممۇ-ئۆتمىدىممۇ رەنا ئۆزى بىلىدۇ- دەپ قاينىغان ئىدى. Y.tx$%  
ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ‹‹قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بىرىپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ بولدۇم›› دىگەن گىپىنىڭ مەنىسىنى سابا ئەمدى چۈشەندى. ئۇنىڭ قىلىپ بەرگەن ئىشى تونۇشى ئارقىلىق رەنانى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ «قىزلىق پەردىسى» سالدۇرغىنى ئىدى. 8`Ya7c>  
ئەمدى سابا ئۆتكەن كۈنلەرنىمۇ ئەسلەشكە باشلىدى. تەخمىنەن تويدىن بىرەر ئاي بۇرۇن رەنا قىززىپ ئاغرىپ قالغان ئىدى. بەك قىززىپ كەتكەچكىمۇ ئۇ ئازراق تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەيدىغان بوپ قالغان ئىدى. سابا رەنانىڭ ئانىسىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ زادىلا خاتىرجەم بۇلالماي ئۇنىڭ يېنىغا باردى ھەم شۇ كۇنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ئورنىدىن تۇرغاندا رەنا خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ئىدى. لىكىن بىردەمدىن كىيىن يەنە شۇنداق ئوڭ-تەتۈر سۆزلىگىلى تۇردى. سابا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلالماي دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتتى. ئەمما رەنا ئۇنىمىدى. سابامۇ گىپىدە چىڭ تۇردى. شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرۈپمۇ قايىل قىلالماي ئاخىرى رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىدى. ئانىسمۇ قىزىغا تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق رەنا جاھىللىق قىلىپ ئۆز گخپىدە چىڭ تۇرىۋالدى. شۇ ئارىدا يەنە رەنانىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەچكە سابا ‹‹ چۇقۇم تەكشۈرتمىسەڭ بولمايدۇ›› دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. F MfpjuHk  
ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر ئىش- ئالدىنقى كۈنى رەنا قىززىپ قالغاندا ئۆزىنىڭ تېلفۇنىنى قولىنى يۇيغان تۇرۇبا تۈۋىدە ئۇنتۇپ قالغان. دۇختۇرخانىغا كىرگىلى ئۇنىماي تۇرىۋالغان ھەم بەك زورلانغاچقا تەڭلىكتە قالغان.ئاندىن سابانىڭ تېلفۇنىدا ئايگۈلگە تېلفۇن قىلغان.بىراق سابا بار يەردە پاراڭلاشماي يىراققىراق كىتىپ مەخپى پاراڭلاشقان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ سابا ئازراق غەيرىلىك ھىس قىلغان. كىيىن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بولغىچىمۇسابانىڭ تېلفۇنىغا ئايگۈلدىن نەچچە قېتىم تېلفۇن كەلگەن ئىدى. لىكىن سابانىڭ ئۇنىڭ بىلەن خۇشى بولمىغاچقا تېلفۇننى ئالمىغان ھەم ئۇنىڭ تېلفۇن قىلغىننىمۇ رەناغا دىمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ رەنا يەنە ئۆزى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغان ئىدى. ھەم يولدا ماڭغاچ سابادىن؛ pl[J!d.c  
-مىنى دوختۇرلار تەكشۈرسە قانداق سايمانلار بىلەن تەكشۈرىدۇ؟ ياتقۇزۇپ تەكشۈرەمدۇ؟- دەپ سورىغان ئىدى. سابا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە؛ y4V:)@ P  
-تەكشۈرتۈشتىن شۇنچىۋالا قورقامسەن؟ قانداق تەكشۈرىدىغىننى مەنمۇ بىلمەيمەن، دوختۇرلار كۆرۈپ قانداق تەكشۈرىمىز دىسە شۇنداق تەكشۈرتىدىغان گەپ دىگەن- ئىدى. C*9X;+S0J  
سابا نۇمۇر ئېلىپ كەلگەندە رەنا يەنە ئۇنىڭ تېلفۇنىدا ئايگۇل بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتقان بولۇپ، سابانىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ گىپىنى توخىتىۋالغان ئىدى، &hCbXs=  
رەنانىڭ تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئىنىقلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى سابا ئەمدى چۈشەنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر كۈنى رەنا سابانىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە سابا رەنانىڭ تېلفۇنىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئايگۇلنىڭ رەناغا يازغان قىسقا ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇچۇردا ‹‹ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. تەكشۈرگەندە........ تەكشۈرىدۇ. ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق. خاتىرجەم بول.ئۇلار ھەرگىزبىلەلمەيدۇ...›› دىگەندەك مەزمۇنلار بار ئىدى. ئۇچۇر سانىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، سابا شۇ بىر ئۇچۇرنىڭ بېشىنى ئۇقۇپلا، رەنا قايسى كۈنىدىكى تەكشۈرتۈشتىن قورققان بولسا ئاتاق ئاچىسى شۇنىڭغا قارىتا يازغان ئۇچۇر بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ ئارتۇقچە ئويلاردا بولمىدى. سابانىڭ ئىسىدە قېلىشىچە توي خېتى ئالىدىغان چاغدىمۇ توي خېتى بەرگەن ئورۇندىن چوڭراق ئورۇندا تەكشۈرتكەندىن كىيىن ھەم رەنانىڭ توي خېتى بىرىدىغانلار بىلەن تۇنۇشلىقى بولغاچقا توي خېتىنى ئېلىۋىرىپ تەكشۈرتكەنلىك ئىسپاتىنى كىيىن ئاچىقىپ بىرىدىغان بۇلۇپ توي خېتى ئالغان ئىدى، لىكىن تەكشۈرۈشنى قىلمىغان ئىدى. تەكشۈرتكەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ چىقىشىنى تاپىلىغاندا رەنا يەنىلا تەكشۈرۈشتىن قورقۇپ توي خېتى ئېلىشقا بارغىلى ئۇنىماي بەك ئىككىلەنگەن ئىدى. hy;VvAH 5  
شۇ چاغدىكى تەكشۈرۈشلەردىن رەنانىڭ نىمانچە ئەنسىرىگەنلىكىنى سابا ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدى. %|Ps|iV  
سابا تېخى بامداد ۋاقتى بولمايلا تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز سايرىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئاخشام يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا ئۇخلىغاچقا ئۇيقۇسى قانمىغان بولۇپ، تېلفۇنىنىڭ ئىكرانىغىمۇ قارىماستىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدى. XQ}Zr/f6  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... ^5mc$~1`  
تېلفۇن ئۇرغىنى ئايگۈل ئىدى. n,la 
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاخشام ئەجەپ بىر ئۇچۇرلارنى يېزىپسەنغۇ؟ t6+m` Kq  
-سىنىڭ يازغان ئۇچۇرلىرىڭغا جاۋاپ بەردىم. "gM^o  
-قانداق قىلماقچى؟ بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىمەكچىما؟ ئاخشاممۇ بىرسى بىلەن بەك ئۇزاق پاراڭلاشتىڭ. شۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دوكلات قىلىپ بولدۇم دىگىنە! h}bfZL  
بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنداق ئاسانلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان سابا ئايگۈل بىلەن دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى يەنە تېلفۇننىڭ ئۈنئالغۇسىغا ئېلىۋالدى. \&  JZ >h  
-ئۇنداق ئەمەس. دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم. لىكىن ئۇ ئىش توغرىلىق ئەمەس، باشقا... S_}`'Z )  
-ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئىشلارنى باشقىلارنىڭ بىلمىگىنى ياخشى. UHBXq;?&q  
-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، لىكىن كىيىنكى گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك غەزىپىم كەلدى... 9&Y@g)+2  
-غەزىپىم كەلدى دەپ نىمە قىلماقچى؟ ئۇنى باشقىلارغا دىسەڭمۇ بەرىبىر. مەن دىگەن گىپىمنى ئىنكار قىلسام ھېچكىم سىنىڭ گىپىڭگە ئىشەنمەيدۇ. ئەكىسچە سىنى رەنانىڭ يولدىشىغا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ، شۇڭا كەينىدىن گەپ تېپىپتۇ دەپ ئويلايدۇ.ئەھۋال ئۆزۈڭگە ياخشى ئەمەس! h8rW"8Th  
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سابانىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى ھەم؛ 5*0zI\  
- بوپتۇ ئەمىسە، مەنمۇ باشقىلارغا دەي، سەنمۇ ئىنكار قىلىپ باق! ئاقىۋىتى قانداق بۇلىدىكىن؟! I[z:;4W}L^  
-مەن ھازىر باشقىلارغا دىمە دىسەم يەنە دەي دەيسەنغۇ! Z\0Rw>#  
-سەنمۇ‹‹ باشقىلارغا دىگىنىڭ بىلەن ئىنكار قىلىۋىتىمەن، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ›› دىدىڭغۇ؟ شۇڭا سىناپ باقماقدۇق. _1" ecaA  
-مەن ئىنكار قىلىۋەتسەم قانداق ئىشىنىدۇ باشقىلار؟  U 'jt'(  
-مىنىڭچە رەنانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. بۇرۇن بىر قېتىم گۇمانلانمىغان بولسام مەنمۇ ئىشەنمەستىم. لىكىن مەن ئاخشام سەن مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلىغانلىقىڭنى دىگەندىن باشلاپ دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدىم. شۇڭا باشقىلار ماڭا ئىشىنىدۇ. /-=fWtA  
-خېلى يامانكەنسەن ھە؟! m 0HK1'  
-بەزى ۋاقىتتا شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدىكەن. مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلىدىم دەيسەن. بوپتۇ، ئىنىقلىغانلىرىڭنى ھەممە كىشىگە سۆزلەپ بەرسەڭمۇ بىرەرسىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدىغان ئىشىم يوق. ھازىرغىچە بىرەر يىگىت بىلەن يۈرۈش ئەمەس، ئادەتتىقى دوستلۇق سالاھىيىتىدىمۇ يوللاردا ياندىشىپ مېڭىپ باققىنىم يوق. سەنمۇ ئىنىقلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەر. يىتەرلىك بولمىغان بولسا يەنە ئىنىقلا! مەنمۇ ساڭا بىر ھەپتىلىك ۋاقىت بىرەي، كىلەر ھەپتە دىيىشەيلى! "gJ?LojB<  
-نىمانداق گەپ قىلىسەن! مەن يېنىڭغا باراي، بىز ياخشىراق پاراڭلىشايلى. `y8pwWo-o  
-قاچان پاراڭلىشىمىز؟ ]TV_ p[L0B  
-بۈگۈن ۋاقتىم چىقمايدۇ، ئەتە ياكى ئۆگۈن يېنىڭغا باراي. بىز پاراڭلاشماي تۇرۇپ ئۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دىمەسلىككە ۋەدە بەر! Mk! Fy]3  
-ماقۇل، بىر ھەپتىگىچە ھېچكىمگە دىمەيمەن. HB07 n4 |  
تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن سابا بۇ ئىشلارنىڭ ئۇڭىدا ياكى چۈشىدە يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئاڭسىز ھالەتتە تامغا يۆلىنىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. <'y<8gpM  
سابا بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇنداق قىلسا ئۇلارسابانىمۇ ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىشلىرى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى ئىنىق ئىدى. يەنە كىلىپ شۇنچە ئالدامچىلىقلارنى قىلىپ يەنە چوڭ سۆزلەپ يۈرگەنلىكىگە بەك غەزەپلەنگەن ئىدى.ئۇ ئويلىغانسىرى بىئارام بولىۋاتاتتى. بولۇپمۇ رەنانىڭ ئىشىنى ئويلىسىلا ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. =~^b  
بۇ ئىشلار نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟ قارىماققا شۇنچە ئەدەپ-ئەخلاقلىق كۆرىنىدىغان دوستىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، مۇشۇنداق بەزى بىر قىزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئوغۇللار ھەقىيقى ئىپپەتلىك قىزلارغىمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن قاراۋاتمامدۇ؟ ئەجىبا بۇلارغا بىرىلىدىغان بىرەر جازا يوقمۇ؟ ئۇلار ئاتالمىش قىزلىق پەردىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆزىنى بۇياپ يەنىلا بەختلىك ياشاشقا لايىقمۇ؟ 6j E.X  
سابا دوستىغا بەك ئىشىنەتتى. بۇرۇن سابا بىلەن رەنا بىر ئورۇندا بىللە ئىشلەيتتى، سابا بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن رەنا شۇ ئىش ئورنىغا يېقىن يەردىكى بىر يىگىت بىلەن ئۈچ يىلدەك ئارلىشىپ ئۆتكەن ھەم كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي رەنامۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى. رەنا دەسلەپ يۆتكىلىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سابا رەنانىڭ چ چ سىنى ئېچىپ قىزىقىپ باشقىلار بىلەن يېزىشقان خەتلەرنى ئوقىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى ئايگۈل بىلەن شۇ مەزمۇندا پاراڭلاشقان خەتلەرنى كۆرۈپ. رەنادىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى. لىكىن رەنا‹‹ ئۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! ئۇنداق ئىش يوق! ›› دىگەچكە سابامۇ دوستىدىن ئارتۇقچە گۇمانلانمىدى. چۈنكى ئۇ دوستىغا بەك ئىشىنەتتى. قارىماققىمۇ رەنا باشقىلارغا شۇنچە ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، كىچىك بالىلاردەكلا تەسىر بىرەتتى.ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەن، يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن گۇمانلانمايتتى. LG}{ibB  
سابا زادى قانداق قىلىش كىرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. باشتا بۇ ئىشلارنى دوستىنىڭ يۈزىگە سېلىپ ئۇنىمۇ خىجىل قىلماسلىقنى ئويلىغان سابا رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قانداقلا بولمىسۇن رەنا بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلىدى. شۇ يەرنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە توينىڭ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن قىز تەرەپتىكىلەر يىگىت تەرەپكە، چۈشتىن كىيىن يىگىت تەرەپتىكىلەر قىز تەرەپكە مىھمانغا كىلەتتى. سابا ئاۋۋال رەناغا بىر پارچە خەت يازدى ھەم چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقتى. رەنانىڭ ئۆيىدىكىلىرى يىگىت تەرەپتىكىلەرنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سابا بىلەن رەنا ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى. hCxg6e<[  
سابا ئۇنى كۆرگەن ھامان ئاخشام ھەم ئەتىگەن ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان گەپلەردىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى ئالدىدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانلىنىشقا ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەتلا ئۇنىمايتتى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ رەناغا خېلى ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى. بۇنى كۆرگەن رەنا ساباغا دىدى؛ m$0W^u  
-نىمانچە قارايسەن؟ Q3@zUjq_Q  
-قارىسام بولمامدۇ؟ R >xd*A  
-خىجىل بۇلىمەنكەن ئۇنداق قارىساڭ... ( eV,f  
-سەنمۇ خىجىل بۇلۇشنى بىلەمسەن؟! *^>"  h@J  
-بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ ]jT}]9Q$  
سابا ھازىر ئۇ گەپلەرنى دىيىشىنىڭ مۇۋاپىق پەيتى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە ئىچىدىكى غەزەپ-نەپرەتنىڭ تۈرتكىسىدە يازغان خەتنى رەناغا بەردى. ئەمما رەنا خەتنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا يىرتىپ-يىرتىپ يانچۇقىغا سالدى. 0R x#Fm  
سابا ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سورىدى؛ !Tzo &G  
-نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟ يولدىشىڭغا قانداق يۈز كىلەلەيسەن؟ ئاچاڭ تېخى مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلاپتۇ،ھىم! ماڭا تەھتىت سېلىۋاتىدۇ تېخى. سەن ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ {16a P   
رەنا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سابادىن قايتۇرۇپ سورىدى؛ mhbczVw  
-سەن قانداق قىلماقچى؟- دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. N8A)lYT]_u  
سابا؛ ~IhA O}1  
-مەن ئاتاق ئاچاڭغا پەقەت بىر ھەپتىگىچە باشقىلارغا دىمەيمەن دەپ ۋەدە بەردىم. ئۇنىڭغىچە مىنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىمنى ئوبدان ئىنىقلىۋېلىڭلار! /wD f,Hduz  
-بىر ھەپتىگىچە باشقىلارغا دىمەيمەن دىسەڭ ئايگۈل ئاچام نىمە دىدى؟ N0 {e7M  
-ماقۇل دىدى. ئۇنىڭغىچە ئايگۈل ئىككىمىز بىر پاراڭلىشىپ باقىدىغان بولدۇق. نىمە دەيدىكىن ئۇ ئاچاڭ. z/t|'8f  
-بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى بۇزساڭ ساڭا نىمە پايدا؟ dT| XcVKg  
-ماڭا ھېچقانداق پايدا يوق. يولدىشىڭنى ئالداپ، ئەختەمنى شۇنچە ئازاپلاپ ساڭا نىمە پايدا بولدى؟ ~yv7[`+Tgg  
-ھەممىڭدىن نەپرەتلىنىمەن!ھۇ قارا نىيەتلەر... Emlj,c 
-ئەجىبا ئۈزۈڭدىن نەپرەتلەنمەمسەن؟؟؟ Dka,v  
-ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ ئۆلىۋالىمەن! كۈچلۈكرەك دورا ئالغاچ چىقارسەن كىلەر قېتىم چىققان ۋاقتىڭدا! xHgC':l(0  
رەنانىڭ بايىقى قىزغىن مۇئامىلىسى بىردىنلا ئۆزگەردى. سابا ئۇنىڭغا كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى؛ 161P%sGx2  
-يولدىشىڭغا ئەھۋالنى ئىنىق دىگىن! ئۇ مەيلى دىسە تېخى ياخشى، ئەگەر قوبۇل قىلالمىسا ئاجرىشىپ كەتكىن! بىر ئۆمۈر باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈشكە ۋىجدانىڭ قانداق چىدايدۇ؟-بۇ گەپكە رەنا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. G,C`+1$*  
سابا بۈگۈن رەنانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ سۆزلىرىدە ۋىجدان ئازابى تارتىش ياكى پۇشايمان قىلىش ئالامەتلىرىنى ئۇچراتقان بولسا بەلكىم ئۇنىڭغا قاتتىق گەپمۇ قىلماس ئىدى. -K|1w'E  
-يولدىشىڭ باشقىلاردىن بۇ ئىشنى ئاڭلىسا تېخىمۇ ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن. ياخشىسى ئۆزۈڭ ئېيتىپ چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلغىنىڭ ياخشى- دىدى سابا ۋە ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ چاغدا يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭمۇ ئۇزايدىغان ۋاقتى بوپ قالغاچقا ئەدەپسىزلىك بوپ قالمىسۇن دەپ بىر دەم تۇرۇپ قالدى. رەنامۇ يىگىت تەرەپ بىلەن كىتىدىغان بولغاچقا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. رەنا تويدىن كىيىنلا يۈزىنى يۆگەپ روپاچ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن پەلتۇ كىيىپ يۈزىنى ياغلىق بىلەن ئوراپ يگىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرگەن قايسىبىر ئىنسان ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن گۇمانلانسۇن؟! ئۇنىڭغا قاراپ شۇنداق بىر ياخشى قىزنى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىغا مەدھىيلەر ئۇقۇشى مۇمكىن تېخى. ھەتتا سابانىڭ ئۆزىمۇ بايىلا ئىچەركى ئۆيدە ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقان قىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىدى. aH }/+Hu-  
سابانىڭ بۇ ساختىلىقلارغا قاراپ بەكمۇ ئىچى سىقىلىۋاتاتتى. ئۇ رەنانىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ قويۇپلا ماڭدى. يول بويىدا كۆيئوغۇل يىگىت بىلەن تۆنۈگۈن شۇ يىگىتكە قولداش بولغان يىگىت پاراڭلىشىپ تۇراتتى. تۆنۈگۈن سابا بۇ يىگىتنىڭ بەختىگە ھەۋەسلىنىپ قارىغان بولسا، بۈگۈن ئىچ ئاغرىتىش نەزەرى بىلەن قارىدى ۋە ئۆزىنىڭ غورورى دەپسەندە بولىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا ئۆرتىنىپ كەتتى. ئۇ موتوسكىلىتنى مىنگەن پېتى ئۇ يەردىن كىتىپ قالدى. o3 0C\  
سابا يولدا ماڭغاچ رەنا ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. سابا بىلەن رەنا ھەقىقەتەن بەك ياخشى دوستلاردىن ئىدى. ئۇ ئىككىسى تۇنۇشقىلى تېخى بىريىل بولمىغان، بىراق باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك يېقىن دوستلاردىن ئىدى. سابا بىلەن رەنانىڭ تونۇشۇپ خىزمەتداش بولغان ۋاقتى رەنانىڭ يىگىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىغا ئۇدۇل كەلگەچكە، سابا رەنانى يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ، غېرىپسىنىپ تېخىمۇ ئازاپلانمىسۇن دەپ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلاتتى. {4_s:+v0  
سابا ئۇدۇل ئۆيىگە چىقتى ھەم رەنا سوۋغا قىلغان گۈلگە قاراپ تولىمۇ بىئارام بولدى. دوستىغا شۇنچە نەپرەتلىنىپ تۇرسىمۇ گۈلگە يەنىلا مىھرى بار ئىدى. گۈل ئۇنىڭغا خۇددى بىچارىلەرچە شۈمشىيىپ تۇرغاندەك، ئىگىسىنىڭ ۋىجدانسىزلىقى ئۈچۈن سابانىڭ ئالدىدا گۇناھكارلارچە بېشىنى ئىگىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئەمما سابا ئۇ گۈلگە باشقىچە مىھرى بىلەن قارايتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟! سوۋغا قىلغان كىشى ۋىجدانسىز بولغىنى بىلەن گۈلدە نىمە گۇناھ؟ w/@ZPBRo]  
سابا ھەممە ئىشنى ئىنىق بىلگەن بولسىمۇ، لىكىن رەنانىڭ ئۇنداق قىز ئىكەنلىكىگە ئانچە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار خۇددى چۈشتەكلا بىلىنمەكتە ئىدى. (%_X{R'  
ئۇ يانچۇقىدىن يانفۇنىنى چىقىرىپ رەنانىڭ بۇرۇن چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. قارىماققا شۇنچە ساددا، ئەدەپ-ئەخلاقلىق كۆرىنىدىغان، ياغلىقنىمۇ ئىڭەكچىلەپ تېڭىپ چىڭ چۈمكەپ چىگىدىغان بۇ قىزنى كىممۇ ئىپپىتىنى يوقاتقان، مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىپ كىتىدىغان قىز دەپ ئويلىسۇن؟! !*]i3 ,{7v  
سابا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرغاندا رەنانىڭ ئاتاق ئايگۈلدىن تېلفۇن كەلدى. ئايگۈل تېلفۇندا ئۇنىڭغا پاراڭلىشىپ بېقىش تەكلىپىنى قويدى. سابا ماقۇل بولدى، بىراق ئۇنىڭ يەنە نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ئىچى سىقىلدى. ئۇنداق ياكى مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ باقتى. كۆڭلىدىكى تۈگۈن يىشىلمەي يەنىلا بىئارام بولدى. ئۇلار كەچ تەرەپتە كۆرۈشمەكچى بولۇپ كىلىشكەن ئىدى. ئايگۈل دىيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت كىچىكىپ كەلدى. ئۇ كىلىشى بىلەن تەڭ رەنانىڭ ئىلگىرى يۈرگەن يىگىتى پەيدا بولدى. رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى ئايگۈل‹‹ سىرتتا ئالىدىغان بىرنەرسە بار ئىدى، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ›› دەپ قويۇپ ئۇ بالا بىلەن يەنە چىقىپ كەتتى. سابا ئەمدى سەل ئەنسىرەشكە باشلىدى. چۈنكى، ئەتراپقا قاراڭغۇ چۈشىۋاتاتتى. سابا ئۇنىڭغا ساقلىماي ئۆيىگە كىتىشنىمۇ ئويلىدى. لىكىن يەنە قورقۇپ قاچقاندەك ئىش بولمىسۇن دەپ ساقلاشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئىشخانىسىدا ساقلاپ ئولتۇردى. ]_ C"A  
بىراق ئۇ قورقۇپ تۇرغاچقا يەنە بىر دوستى ئايجامالغا تېلفۇن قىلىپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۇردى. ئايجامالمۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن؛ a1pp=3Pd?~  
- ئايگۈلنىڭ نومۇرىنى ماڭا دەپ بېرىپ سەن چىكىتىۋەرگىن، ئايگۈل بىلەن مەن پاراڭلىشاي. قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى- دىگەن بولسىمۇ سابا يەنىلا؛ `v -[&  
- ئۆزۈم پاراڭلىشاي بولدى، نىمىلەرنى دەيدىكىن بىر ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ؟!- دەپ ئۇنىمىدى. u X,n[u  
ئايجامالمۇ دوستىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەندىن كىيىن؛ E{ /, b)  
- ئەمىسە ئاچىسى كىرگەندىن كىيىن تېلفۇننى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي ماڭا ئۇلاپ قويغىن. نىمە دىيىشكىنىڭلارنى مەن ئاڭلاپ ئولتۇراي- دېدى. بۇ پىكىرگە سابامۇ قۇشۇلدى. dN5{W0_  
ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئايگۈل كىردى. ئوخشىمايدىغان يىرى- ئايگۈل بۈگۈن تېلفۇندا پاراڭلاشقاندىكىدەك قاتتىق گەپ قىلماي چىرايلىق، سىلىق گەپلەرنى قىلدى ھەم سابانىڭ بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋىتىشنى ئۆتۈندى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىرەر سائەتچە پاراڭلاشقاندىن كىيىن قايتتى. سابا ئايجامال مەخپى ھالدا ئۇلاپ قويغان تېلفۇن ئارقىلىق ئىككىسىنىڭ ھەممە پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. 7z? ;z 
ئالدىنقى كۈنى ئايگۈل ساباغا تەھتىت ئارلاش گەپلەرنى قىلمىغان بولسا، سابا ئۇ ئىشنى رەنانىڭ ئۆزىگىمۇ دىمەيتتى. سابا بۇ ئىشلارنى بولدى قىلىۋىتىشنى ھەم رەناغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ قۇيۇشنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى. ,I"T9k-^  
ئەتىسى سابا رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلدى. چۈنكى، رەنا تويدىن كىيىنلا تېلفۇن ئىشلەتمىگەن ئىدى.ئۇ رەنانىڭ ئانىسىغا؛ HOx4FXPs  
- رەنا ئۆيگە كىلىپ قالسىلا يەتكۈزۈپ قيسىڭىز! ماڭا بىر تېلفۇن قىلسۇن!- دەپ دەپ قويدى. بۇ نەچچە كۈندىن بىرى سابا تۇلا ئويلىنىشتىن بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ئىشقا ئۇچرىغان قايسىبىر ئىنسان چارچىمايتتى؟! ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇم، سىڭلىم دەپ قاراپ كەلگەن، كۈندە دىگۈدەك ئايرىلماي، سىردىشىپ ئۆتىدىغان، بىرسى شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟! a0NiVF-m%  
شۇ كۈنى كەچ رەنا يولدىشىنىڭ تېلفۇنىدىن ساباغا تېلفۇن قىلدى. }MaY:PMA  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ///Lg{ ie  
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشى تۇرىۋاتقانسەن؟ 0?54 8yH  
-خۇداغا شۈكرى! ياخشى، ئۈزۈڭچۇ؟ FKO2UY#&7  
-خۇداغا شۈكرى ياخشى تۇرىۋاتىمەن. V'9.l6l   
-سۆزلىشىشكە قۇلايمۇ؟ سەن ھازىر يالغۇزمۇ؟ & tH?m;V  
-ھە، يالغۇز، لىكىن كۆپ پاراڭلىشالمايمەن. ھويلىدا يولدىشىم بار. Zv!`R($  
-ھە، شۇ سىنى خاتىرجەم قىلىپ قۇياي دەپ تېلفۇن قىلغان. بەك ئەنسىرەپ كەتمىگىن! يولدىشىڭغا ھەسسلەپ مىھرىڭنى بەرگىن. خىزمىتىنى ئوبدان قىلغىن. شۇ ئارقىلىق گۇناھىڭنى يۇيغىن! مەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دىمەيمەن.ئىچىمدە سېسىتىۋىتىمەن... i#-v4g  
-رەھمەت ساڭا! 9gg{  i6  
ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن رەنانىڭ ئانىسى سابانى ‹‹ئۆيگە بىر چىققان بولسىڭىز! بۈگۈن رەنامۇ كىلىدۇ، بىللە ئولتۇرايلى›› دەپ تېلفۇن قىلدى. سابا رەنانىڭ ئانىسىنىڭ گىپىنى رەت قىلالماي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. لىكىن سابا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا ئانىسى بىلەن دادىسى تويغا كەتكەن، ئىنىلىرى جۈمە نامىزى ئۇقۇغىلى كەتكەن بولۇپ ئۆيدە سابا بىلەن رەنا يالغۇزلا قالدى. )- W1Wtom  
سابا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن ھەرقانچە ئويلاپمۇ تىگىگە يىتەلمىگەن سۇئالنى رەنادىن سورىدى؛ G _cJI  
-رەنا، ئۇ ئىش قەيەردە بولغان؟ $Ivjcs:  
-سىنىڭچىچۇ؟ w0!$ow.l  
-مەن نىم بىلىمەن؟ ئۆتكەندە سەن ‹‹ئىككىمىز ئۈچ يىل ئارلاشقان بىلەن سىرتقا كۆپ چىقمايتتۇق ›› دىگەن ئىدىڭ. دىگىنە قەيەردە بولغان؟ *73gp  
-سورىمىساڭ بولمامدۇ؟ r *K  
-بىلگۈم بار شۇ... 529b. |  
-مىھمانخانىدا بولغان... y?OP- 27y  
-نىمە؟ سەنمۇ مىھمانخانىغا بارغانما تېخى؟ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنداق ئىش بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغانما؟ L('1NN 2  
-ئويلاپ باقمىغان. 8 #4K@nm5  
-ئۇ سىنى مەجبۇرلىغانما؟ mGE!,!s}  
-ياق، مەجبۇرلىمىغان. F'XQoZ* 1  
-ئەمىسە ئۈزۈڭ خالىغانما؟ cUq]PC$|  
-بولدى، مىنى خىجىل قىلمىساڭچۇ؟! vX:}tir[  
-دىيىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدۇق. تايىنلىق ھەممىنى بىلىپ قالاي. دەپ بىرە، مەجبۇرلىمىغاندىكىن ئۈزۈڭ خالىغان گەپ ھە؟ D;YfQQr  
-ياق.باشتا ئۇ مەجبۇرلىدى. ئۇنىمىسام مىنى ياخشى كۆرمەيىدكەنسەن دەپ بەكلا خاپا بولغان ئىدى. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئۇ كىلىپلا...مەن قارشىلىق قىلىشنى ياكى ماقۇل بولۇشنى بىلمەيلا قالدىم. ئىشلار شۇنداق بولدى. كىيىنكى قېتىمدىكىسىنى مەن ئۆزۈم خالىغان. كىيىنكىسىنىمۇ شۇنداق. h,{Q%sqO  
-ئەمسە، ئېيتە، بويۇڭدا قالمىدىمۇ؟ "L2*RX.R  
-قالمايدىغان ئىش بۇلامدۇ؟بۇ كەمدە ھامىلدار بولۇش نىمانچە ئاسان دەيمەن!؟ ئىككى قېتىمدىلا بويۇمدا قاپتۇ... SWr TM  
-ھە؟؟؟ ئۇنى قانداق قىلدىڭلار ئەمسە؟ ^BF}wQb :j  
-قانداق قىلاتتۇق؟ دوختۇرغا بېرىپ ئالدۇرىۋەتتۇق شۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوقتە! u[)X="-e#  
-ۋاي توۋا!... ئاجايىپ قاپ يۈرەك ھەم قارامكەنسەن جۇمۇ! ئۆيۈڭدىكىلەر بىلىپ قالمىدىمۇ؟ e bze_:  
-ياق، ئۇ كۈنى ئەختەم مەن بىلەن باردى ھەم ‹‹ بىز توي قىلغان، ئايالىم مۇددەتتىن بۇرۇن ھامىلدار بوپ قالدى.ھازىر بالىلىق بولساق بولمايتتى، شۇڭا ئالدۇرىۋەتمەكچى ›› دەپ گەپنى ئوخشاتتى. توي خېتىنى سوراپ قالامدىكى دەپ يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ تىن ئالالماي قالغان ئىدىم. ئۇنداقمۇ بولمىدى. ئىشقىلىپ ئاشۇنداق يۇغۇشتۇردۇق... kx&JY9(&#  
-ۋاي گاچا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بالىنى تۇغساڭ بولمامتى؟ ئەھۋالنى ئاناڭغا دىسەڭ بەلكىم ئامالسىز ماقۇل بولار بولغىيدى؟! 5az%yS  
-نىمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ ھازىرقى يولدىشىم ماڭا بىرەلىگەنلەرنى ئەختەم بىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتسەم مۇھەببەتلىك ياشىغان بىلەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتىمەن. مۇھەببەتنى دەپ بىر ئۆمۈر ئۇنداق ياشىغۇم يوق. يەنە كىلىپ يولدىشىمنى ئۆيۈمدىكىلەر تاللىغان. ئۇلار ماڭا خاتا يول كۆرسەتمەيدۇ. ياخشى بولالماي ئاجرىشىپ كىتىپ قالساممۇ پىشانەمگە نوقۇيدىغان ئىش چىقمايدۇ... O=A R`r#u  
-ئەختەممۇ مۇشۇنداقلا ئاسان ۋاز كەچتىما؟ Mqr]e#"o  
-ۋا زكەچمىسە نىمە قىلالايتتى؟ ‹‹ ئانام مىنى ساڭا بەرمەيدۇ، بەرگەن بىلەنمۇ مەن خالىمايمەن. سىنى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن، ھازىر كۆڭلۈم يوق. كۆڭۈل ئىشىنى مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى تىركەشمىگىن! ›› دەپ ئىنىق ئېيتتىم. WRZpu95v  
-ئەمسە بۇندىن كىيىن يولدىشىڭنى داۋاملىق ئالداپ ئۆتمەكچىمۇ سەن؟ N|i>|2EB  
-بۇنىڭغا ئامال يوق. مۇنداق بولۇشىنى باشتا بىلمەيتتىم. كىيىن تەبئىيلا شۇنداق بوپ قالدى. سەن بىلەن ئايگۈل ئاچام ئىككىڭلار، يەنە ئەختەم، ئاغزىڭلارنى چىڭ تۇتساڭلار بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئىشقىلىپ سەنمۇ ھېچكىمگە دىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن. ۋەدەڭدە تۇرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن! 4r $#-  
سابا ئەمدى يەنە نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟!‹‹ يولدىشىڭنى ئالدىدىڭ، ئەختەمنى ئالدىدىڭ، ئۇنى ئازابلىدىڭ...›› دەپ ئۇ ئىشلارنى باشقىلارغا يېيىپ يۈرسۇنمۇ؟ ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ نىمە پايدىسى؟ S #GxKMO%  
توغرا،رەنا بىلەن توي قىلغان يىگىتكە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. ئۇ ئالداندى، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر ئالدىنىدۇ. M@TG7M7Os  
يولدىشى ئۇ ئىشلارنى بىلسە بەلكىم بىلگەن ھامان ئاجرىشىپ كىتەر. غورۇر-ۋىجدانى بار ھەرقانداق يىگىت بەلكىم ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىقىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇ ئىشلاردىن كىيىن يەنە يۈرەكلىك ھالدا دۇختۇرخانىغا بېرىپ كىلىپلا قورقماستىن توي قىلىشقا جۈرئەت قىلغان قىز بەلكىم بۇندىن كىيىنكى ھايات سەپىرىدىمۇ ئۇ يىگىتكە يەنە يۈزسىزلىك قىلىشى ياكى بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. yu6~:$%H  
سابا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خېلى ئولتۇرغاندىن كىيىن يېنىپ چىقتى. سابا ئۇ ئىشلارنى رەنانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تېخىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلىۋاتاتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ روھى چۈشكۈن بولۇپ، ئۆيىگە چىقىشمۇ شۇنچىلىك تەس بىلىنىۋاتاتتى. 5-قەۋەتكە ئەمەس50-قەۋەتكە چىققاندەك تۇلىمۇ ھالسىز ھالەتتە ئۆيگە كىرىپلا سافاغا تاشلىنىپ ياتتى. ئۇ شۇ ھالدا قانچىلىك ياتتىكىن، يەنە تېلفۇننىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ بېشىنى كۈتۈرۈپ تېلفۇننى ئالدى. تېلفۇن قىلغىنى ئەختەم ئىدى. ئۇ سابادىن رەنانىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن تېلفۇن قىلغان ئىدى. سابا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىنى بىلمەيتتى. ھەم ھېچنىمە دىگۈسى يوق ئىدى. ئۇ تېلفۇننىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ، تىىترىگىنىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. GXZ="3W |  
بۇ ئىشلار مۇشۇنداقلا تۈگەپ، ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئوت پاختا ئىچىدە ساقلىنىپ قالارمۇ؟ قاچانغىچە ساقلىنار؟ رەنانىڭ ۋىجدانى ئازراقمۇ كۆيمەسمۇ؟ ئەجىبا ئۇنىڭدا تىرىك ئىنسانغا، بىر ۋىجدان ئىگىسىگە خاس يۈرەك يوقمىدۇ؟... 8 sj2@d  
سابا ئويلانغانسىرى بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ ،پىغانى تاشماقتا ئىدى. ئۇ سايراپ- سايراپ توختاپ قالغان تېلفۇنغا چۈشىنىكسىز قاراپ قويۇپ دەرىزە ئالدىغا كەلدى ۋە پېتىۋاتقان قۇياشقا قارىغىنىچە تامغا يۆلىنىپ يىنىك ئۇھ تارتىۋەتتى.
+c_AAMe  
IGTO|sT"  
 
2011-يىلى 10-11-ئايلار (خوتەن)
[wmv=0] CRo'r/G  
SGl|{+(A  
7Q/H+)  
!po,Z&  
[ بۇ يازما توخار تەرپىدىن 2011-12-03 12:43 PM دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : كەپتەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-03, 12:59
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +555
زامانى مۇنبەر پۇلى +555 12-04 نادىر ئەسەر....
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ssqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.64728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1034 (سوم)
 ياخشى باھا:   460 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   598  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 143
 سائەت
دەرىجىسى:
143 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-12
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ياخشى ئىززەتگۇل   سىزنىڭ بۇ ئەسرىڭىزنى مىىسىرانىم مۇنبىرىدە كورگنىمدىن بەك خوشال، بۇرۇنلا مۇشۇنداق  قىلىش كىرەك ئىدى...
 
ئىسرائىليەنى خەرىتىن ئۇچۇرۇش كىرەكمۇ؟
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   465 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3707 (سوم)
 ياخشى باھا:   1211 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1248  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3401
 سائەت
دەرىجىسى:
3401 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

بەك جىق ئىكەن كەچىتە ئالدىرماي ئوقۇۋالاي ھە...
 
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1668 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12376 (سوم)
 ياخشى باھا:   2305 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

توۋا بۇ ئىش ھەجەپمۇ مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ كەچۇرمىشىگە ئوخشاپ كىتىدىكەن دىسە ،ھازىر ئۇلارنىڭ بىر پەرزەنتى بار بىراق بەخىتلىك ئەمەس . t_VHw'~"  
يولدىشىغۇ ھازىرغىچە ئۇخمايدۇ ،ئەمما دوستۇمنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرسى بولغاچقا يولدىشىغا مىھرىنى بىرەلمىدى. yZ)ScB^  
شۇ سەۋەپ ھازىرغىچە بىر ھەپتە ئوزىنىڭ ئۇيىدە بولسا ،بىر ھەپتە ئانىسىنىڭ ئۇيىدە يامانلاقتا دىگەندەك ئۇتىۋاتىدۇ . ;09J;sf  
ئۇنداق ئوتكىچە ئاجىرىشىپ كەتسەڭ بولمامدۇ ؟دىسەم ،قېيىن ئانام بەك ئىسىل ،مىنى ئۇزىنىڭ قىزىدىن چارە كۇرىدۇ ،شۇڭا يۇزسىزلىك قىلالمىدىم دپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويدى.
 
XERHAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.446

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1814 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25309 (سوم)
 ياخشى باھا:   2517 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3934
 سائەت
دەرىجىسى:
3934 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

تۇرمۇشتىكى ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ تەسۋىرلەپسىز ، بۇ جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار يەنى ئائىلە مۇناسىۋىتى بارغانچە ئىشەنچىسىز بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ....
 
ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى
قاشتىشى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35032

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   841 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7842 (سوم)
 ياخشى باھا:   629 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3440
 سائەت
دەرىجىسى:
3440 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تويدىن بۇرۇن كۆپ ئاڭلىغان لىكىن قەتئىي قىزلارنى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئىشەنمەيىتتىم. ئاياللارنىڭ ھىيلىسى نىمانداق رەزىلدۇر. auTTvJ  
Vy^yV|`v  
لىكىن بىشىمغا كەلگەندە، مەن  توي كىچىسى بىلىپ قىلىپ، تالاق قىلىۋەتكەن. كىيىن باشقا مۆمىن خوتون ئالدىم. @ PoFxv  
h<' 5q&y  
مىنىڭ تۇنجى ئالغان خوتونوممۇ، شۇنداق قاراشقا مۇلايىم، گەپ - سۆزلىرى شۇنچە يىقىملىق، باشقىلارغا شۇنچە ئەدەپلىك تەسىر بىرەتتى. لىكىن ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىغىزىدىن ئاڭلىغان، ئاجراشقاندىن كىيىن يەڭگىسىدىن ( ئاكىسىنىڭ ئايالىدىن ) ئاڭلىغان ئىدىم. ''OInfd?  
t)gi.Ed1"L  
ھەي،  بۇزۇق قىزلارنىڭ گۇناھكارى- ئاتا-ئانىسى
[ بۇ يازما قاشتىشى تەرپىدىن 2011-12-03 04:15 PM دە ق ]

 
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.
omak828
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.68073

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 123
 سائەت
دەرىجىسى:
123 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

بۇنى ئوقۇپ كوڭلۈم ھەجەپ بىر قىسما بولۇپ قالدى ،نىمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم .ئۇلۇغ ئاللادىن بەندىلىرىمىزنى خاتا يولدىن ياندۇرۇشۇنى ئۈمىد قىلىمەن .
 
sahar01
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49373

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   266 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1740 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1937
 سائەت
دەرىجىسى:
1937 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

اللاھ ھەممىمىزگە ئىنساپ.ئىمان ئاتا قىلغاي.
 
گۈزەللىك ئىزدىمە ئۇ سەندە،بەخىت ئىزلىمە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا...........
3nurum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48640

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   201 (سوم)
 ياخشى باھا:   20 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 347
 سائەت
دەرىجىسى:
347 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-12-03
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03


 
yultuz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.435

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   291 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8256 (سوم)
 ياخشى باھا:   527 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   674  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 119
 سائەت
دەرىجىسى:
119 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ئاللاھ  ئۇ  كۈنلەردىن  يىراق  قىلغاي . ھەربىر قىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ . B(,:haAr  
suVmg-d  
ئىززەتگۈل  سىز بۇرۇنقى  قاشتېشىدىكى ‹ئاق تۇمان › شۇمۇ يا ؟
 
سىكۇنىت سېتىرلكىسى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىز ، مېنۇت سېتىرىلكىسى ياشلىقىڭىز ، سائەت سېتېرىلكىسى قېرىلىقىڭىز شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ !
88128
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51146

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   410 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3385 (سوم)
 ياخشى باھا:   867 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   794  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1839
 سائەت
دەرىجىسى:
1839 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-05
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ئاللا قىزلىرىمىزغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن؟ bS!\#f%9"  

 
ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ،
دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ.
ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان،
نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
SIRDAX520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.766

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   83 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5954 (سوم)
 ياخشى باھا:   238 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2988
 سائەت
دەرىجىسى:
2988 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 12-03

ئۇلۇغ خۇدايىم بۇ دۇنيادىكى بارلىق قىز -ئاياللىرىمىزغا ئىنساپ ، ھايا ، ئىمان ئاتا قىلغايسىز !!!!!!!!!!!!!!! ياخشىسى بارلىق پاك ئىنساپلىق قىزلىرىمىز ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى !!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى