ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تىمنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ قالغانلار ئالدى بىلەن ماۋۇ ‹‹
ئېلكىتاب ياساش چاقىرقى ›› دىگەن تېمىگە كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ ئاندىن بۇ تىمنى ئوقۇشقا باشلاڭ.
lyD=n ئېلكىتاب ياساش چاقىرقى دىگەن يازما يوللانغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىشنىڭ ناھايتى ياخشى بولغانلىقىنى ،ئاكتىپ قوللايدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلقىنى،يەنە بەزى تورداشلار كىرگۈزۈلۈپ بولغان ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەپ بېردىغانلىقىنى دىگەندەك نۇرغۇن ئادەمگە كۈچ-قۇۋەت، غەيرەت ئاتا قىلدىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپتۇ.مەن بۇ ئىنكاسلارنى كۆرۋېتىپ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن سۆزنىڭ ئۇيۇشماق،ئۇيۇشۇشچان، بىرلەشمەك،ئىتتىپاقداش دىگەن مەنىلەرنىڭ بىكارغا ئېيتىلمىغانلىقىنى يەنە كۆپنىڭ كۈچى كۆپ دىگەن سۆز جۇملىلەرنىڭ ھەقىقى چىن مەنىسىدىن چۈشنىپ يەتكەندەك بولدۇم.
X #>:9 بىز شۇ تىمىنىڭ روھىغا ئاسەن بۈگۈن 1-ئېلكىتابنى ياساشنى باشلىماقچى، تۇنجى ئېلكىتابنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى چوپانىنىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ياغاچ مىدال ›› ناملىق تارخى رومانىدىن باشلىماقچى. بۇ روماندا قىسقارتىپ ئېيىتقاندا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى بايان قىلىدۇ.
w
m|WER*.
K!,9
qH رومان نامى:ياغاچ مىدال
W#@6e')d ئاپتۇرى:چوپانى
P0/Ctke; يېزىلغان ۋاقىت:1996-يىلدىن 1999-يىلغىچە قاغىلىقتا يېزىلغان
`\r<3? نەشىر قىلغان ئورۇن :مىللەتلەر نەشىرياتى
.lAPlJOO نەشىر قىلغان ۋاقتى:2001 يىل،1-نەشىرى
)Ut K9;@" بەت سانى:347 بەت
tlM >=s'T بىر قېتىمدا بىر ھەپتىلىك ئىش تەقسىملىنىدۇ.
0g2rajS ۋەزىپە قۇبۇل قىلىش- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاسان بىر ھەپتىدە قانچىلىك بېسىپ بولالايدىغانلىقىڭىزنى ،يەنە پوچتا ساندۇقىڭىزنى ئىنكاس قىلپ قالدۇرۇپ قويۇڭ ،بىزسىز كىرگۈزىدىغان ماتىريالنى پوچتا ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرمىز.مەسلەن : 5 بەت بېسىپ بولالىسىڭىز. 5 بەت، پوچتا ساندۇقىنىڭ ئادىرسى دىگەندەك.
u2S8DuJ دىققەت:كومپىيوتىرغا كىرگۈزگەن ۋاقىىتتا ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىملاسىغا،بولۇپمۇ كىتاپتىكى بىلەن ئۆز ئەينى بولۇشقا كاپالەت قىلىش، سۆز-جۈملىلەرنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا توغرا بولۇشىغا،كاپالەتلىك قىلىش ،كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈپ بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ئەسلى نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەۋەتىشكە كاپەلەتلىك قىلىش.
Qv
مېنىڭ رەسىمگە تارتىش تېخنىكام ئانچە ياخشى بولمىغاچقا كىتاب ئانچە ياخشى رەسىمگە تارتىلمىدى، لىكىن خەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. توغرا چۈشەنگەيسىلەر. Ob/i_
بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشىمىز، بۇ ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقى بۇندىن كىيىن داۋاملىق ياساش ياسماسلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسۋەتلىك.تۇنجى قېتىملىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى بىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشىمىز مومكىن. لىكىن ئاخىرغىچە داۋاملشتۇرساق چوقۇم غەلبە قازنىمىز.بۇ ئىشمىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن بولمىسۇن بەزىلەرنى ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپىدىغان ئىنكاسلارنى قالدۇرماسلىقنى ئۈمىد قىلمەن. 5@J]#bp0M
بەزى ئادەملەر بىر ئىشقا ئوتتەك قىززىپ پوقتەك سۇۋۇيدۇ، بىزنىڭمۇ شۇنداق كىشلەردىن بولۇپ قالماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلمەن. h$XoR0
ئاخىردا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۈچ چىقرىشى ئاستىدا بۇ كىتابنى ئوڭۇشلۇق ياسلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلمەن.يەنە باشقا قانداق تەكلىپ پىكىر بولسا قۇبۇل قىلمىز K 6yD64
مىسرانىمغا ئەزا ئەمەس تورداشلارنىڭمۇ قاتناشقىسى بولسا بۇ توپقا كىرىپ ۋەزىپە قۇبۇل قىلىڭ.
دىققەت: بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى يەكشەنبىدىن بۇرۇن تاماملاش كىرەك . }
qJ`nN8
ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۈرۈپپىسى icQQLSU5
:r2d%:h%2
مەنبە:ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى