شۇنداق بىر قىسم قىزلىرىمىز باركى ئۇلار ئۆزلىرى ياغلىق چېگىپ يۈرۈشمىگەننى ئازدەپ يەنە ياغلىق چىگىۋالغان قىزلارنىڭ كەينىدىن گۇمان نەزەر بىلەن قارايدۇ.شەيتان ئۇلارغا شۇنداق سۆزلەرنى قىلغۇزىدۇ:
B
)1<`nJA _ئۇلارنىڭ ياغلىق چىگىشى ئىبادەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مودا ئۈچۈن.
JJ
N(M*; _ياغلىق چىگىۋالغانلارغا ئىشەنمەيمەن. ئويۇننى ئويناپ بولۇپ ئاندىن بۈۋىم بولىۋالغان. ياغلىق چىگىۋالغان بىلەن نېمە ئىش قىلمايدۇ …ھىم.
=~W0 ~lxX بۇنداق نالايىق سۆزلەر ئۇلارنى يېتەرلىك گۇناھقا شېرىك قىلىۋېتىدۇ.“پىتنە- پاسات ئادەم ئۆلتۈرگەندىن يامان.“ ”بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر.“ نېمشقا ئەسلى ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ياغلىق چېگىپ يۈرگەن قىزلىرىمىز ئۆزىچىلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغماي قالىدۇ؟ چەتئەللەردىمۇ پات -پات مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەيرى مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇپ ئىسلام مەدەنىيىتىدىن خەۋىرى يوق مىللەتلەرنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ 21-ئەسىر مەدەنىيەت دۋرىدىكى مەدەنىي بولمىغان غەيرى پوزىتسىيسىنى چۈشىنىپ تۇرغان بولساممۇ لېكىن ئۆز ئىچىمىزدىن بىر بۆلەك قىز ئاياللىرىمىزنىڭمۇ ياغلىق چىگىۋالغان قىزلارنى كۆرگەندە بىئارام بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغان قىسمەن ئەھۋالىدىن ھەيران بولماي تۇرالمىدىم.بەلكى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئىشتكەن شۇنداق سۆزلەرگە ۋاقتىدا رەددىيە بەرگەن بولدۇم . شەيتانچە كىبىرىگە ئىگە بۇنداق قىزلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشلۈق قانداق ئاساسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ خاتا چۈشەنچسىگە رەددىيە بېرشكە تېگشلىكمىز. بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئاشۇ قىزلىرىمىز باش ياغلىقىنى مەيلى مودا ئۈچۈن ئارتسۇن ياكى ئۇلار بۇرۇن نېملەرنى قىلغان بولسۇن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ياغلىق چېگىپ ھاياسىزلىققا لىق تولغان كوچىلىرىمىزدا مەغرۇر قەدەم تاشلاپ ماڭالغانلىقنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ يۈرۈش تۇرشىغا لايىقلاشقانلىقى ھېسابلىندۇ. بۇ ھەقىقەتەن ماختاشقا تېگشىلىك كاتتا ئىشتۇر.
9HJ'p:{) نېمىلا بولمىسۇن بىزنىڭ كۆرگىنمىز ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ئەمەس.سىز ۋە بىز باشقىلارنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقنى،ئۇنىڭ نېمگە ئېتقاد قىلدىغانلىقىنى،كىمنى ھەقىقى سۆيىدىغانلىقنى،پاك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيمىز.بۇنداق ئىقتىدار ئىنسانلاردا يوق.ھەمىمىزنىڭ بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھ خالىسا كەچۇرىدۇ،خالىسا بىزدىن ھېساب ئالىدۇ. بۇنىڭ ھۆكۈمنى بەندە بىلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسىگە ۋەدىسى شۇكى ھەقىقى تەۋبە قىلغانلارنى ئۇ ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىپ يۆگىنىپ يۈرىشىنى بىرەر تەشكىلات ياكى مەشھۇر شەخس ئوتتۇرغا قويغان ئەمەس.پەيلاسوپلار ئويلاپ تاپقانمۇ ئەمەس ۋە ياكى بىرەر پەيغەمبەر ئۆز ئالدىغا ۋەز تەبلىق قىلغان ئىشمۇ ئەمەس.بەلكى ئۇ اللاھنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۇلگەن پەرىز ھۆكۈمىدۇر。
vU8FHVytV ئۆزنىڭ ئۈسىتى بېشىغا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ مۇسۇلمانچە يۈرۇيدىغان قىزلار بىلەن سېلشىتۇرما قىلىپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە خرسىتىيانلارنىڭ كېيىم كېچەكلىىرنى كېيىپ يۈرۇشتىن خىجىل بولمايدىغان ئاشۇنداق قىزلار يەنە ئەخلاق،ۋىجدان ۋە ئىمان ھەققىدە سۆز ئېچىپ باشقىلارنى ئەيىپلەشكە ئالدىرايدۇ.
S-M)MCL ياغلىق چىگمەسلىككە سەۋەبلەر نۇرغۇن. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بىر مىسال ‹‹ياغلىق ياراشمايدۇ››دەپ ئويلاش ئىكەن. ئەسلىدە بۇ ئائىلە تەربىيەرىمىزدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئورۇن ئالالمىغانلىقى ھەتتا يۈرۇش –تۇرۇش، كىينشكە ئوخشاش ئەڭ مۇھىم تەربىيەتلەرنىڭمۇ قىزلىرىمىزغا يەتكۈزۇلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان. شۇڭا ئۇلارمۇ كىچىكىدىن مۇشۇنداق بەدىۋى ھالەتكە ئادەتلەنگەن ئەلۋەتتە’ (ئانىلارنىڭ تەربىيسىنىڭ قانچلىك مۇھىملىقىنىمۇ ھېس قىلىش مۇمكىن) بەزى قىزلار ياغلىقنى چىگمەي تۇرۇپلا كاللىسدا ماڭا ياراشمايدۇ دەپ ئويلىۋالغان بولسا كېرەك.ئەمەلىيەتتە ياغلىق ھەرگىزمۇ مودا ئۈچۈن چېگىلمەسلىكى بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن ئىخلاس بولىشى كېرەك.
68J 9T^84 بەلكىم ئۇلار ئۆيدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ياغلىق چېگىپ باققان بولۇشى مۇمكىن.ئېھتىمال ئۇلار ئەينەك ئالدىدا تۇرغاندا ئۆزلىرىنى بىر خىل ئورالمىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغاندەك، بارلىق گۈزەللىكلىرى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە يېپىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى. بۇ دەل ئىماننىڭ سۇسلۇقىدىن بولىۋاتقان ئىنساندىكى بىر خىل ياتسىراش ھالىتىدۇر. ناۋادا ئىمان ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرنىڭ بىر مۇسۇلمان ئايال ئىكەنلىكنى ھەقىقى ھېس قىلسا ناۋادا ئۇلار ئەرلەرنىڭ كۆزىچىلا ئوچۇق يۈردىغان قىزلارغا قارىغاندا ياغلىق چېگىپ بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇردىغان كىيىملەرنى كىيىۋالغان قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا ھەقىقى گۈزەل كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلسە ،ناۋادا ئۇلار ئۆزلىرنىڭ پەقەت شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۆزلىرنىڭ ھەقىقى ئاياللىق ،قىزلىق سۈپىتىنى ئىپادە قىلالايدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى ھەرگىزمۇ ”ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ.“دەپ يۈرمىگەن بولاتتى.
iBtjd`V* ياغلىق ھەرقانداق بىر ئايال زاتىغا چوقۇم يارىشىدۇ. قېرىندىشىم سىز مۇنبەرلەرگە يوللانغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ بېقىڭ!.ئۇلارنىڭ تۇرقىدىكى ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىق ھەرقانداق ئەرنىڭ قەلبىدە ھۆرمەت ،ھەقىقى قىزىقىش،قايىللىق قوزغايدۇ.ئەمدى سىز نەزىرىڭىزنى قايسى بىر شىتاتقا يېقىن دېڭىز بويىغا ياكى بولمىسا ساياھەت كۆلچىكى ئەتراپىدا ئۇيان بۇيانغا مېڭىپ يۈرگەن، سىرتقى قىياپىتى ياۋايى ئادەملەردىن بەدەر يالىڭاچ ئاياللارغا ئاغدۇرۇپ بېقىڭ، قاراڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرلەرمۇ ھېيىقماستىن تۇرماقتا.ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان ئەر -ئاياللار ئارىسىدا نە بىر-بىرىدىن ھايا قىلىش، نە نومۇس دېگەنلەر بولسۇن؟ ناۋادا سىزدە ھەقىقى ئىمان بولسا ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراشتىن چوقۇم خېجىل بولسىز ھەم قەلبىڭىزدە نەپرەتلىنىپ يېرگىنسىز.يىغىپ ئېيتقاندا ئىسلامدا بولمىغان ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر پەرقىلىق سالاپەت مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ ئەخلاقسىزلىق يامىرىغان، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا نومۇس تۇيغۇسى يوقالغان جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ھالىتى.بۇ بىر تۈپ يىلتىزىدىن مەدەنىيەتسىز جەمئىيەت. بۇ ئادەملەرنىڭ ئەقىلىي تەرەققى قىلغان بىلەن مەنىۋىيىتى ئىپتىدائىي سۈپەتكە چۈشۈپ قالغان جاھىلىيەت كىشىلىرىدۇر.
Re kb?|{z
ئەمدى سىز ئۆزىڭىزگە نېمىنىڭ ھەقىقى يارىشىدىغانلىقىنى بىلدىڭىزمۇ قەدىرلىك قېرىندىشىم؟ ھەر قېتىم ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ دەپ ئويلىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇمى ئەمەسلىكىڭىزنى،ئۆزىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ بەدەنلىرىڭىزنىڭ سىزگە ۋە سىز ئۈچۈن بولغان بولغۇسى ھالال ئېرىڭىزگىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى،شۇڭلاشقا ئۇنى چوقۇم نامەھرەم ھېسابلىندىغان ياد كىشلەردىن يۇشۇرۇش زۆرۇر ئىكەنلىكىنى بىلىڭ. ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ دەپ ئويلىغان چېغىڭىزدا يارىشىدىغان نەرسىنىڭ دەل ياغلىق ئىكەنلىكنى ئۇنىڭدىكى سېھرلىك كۈچنىڭ نەقەدەر جەزبىدار ئىكەنلىكىنى بىلىشڭىز، ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قانچلىك مېھرى ئىللىق ھەم لاتاپەتلىك ئايالغا ،قىزغا ئايلىندىغانلىقىڭىزنى بىلىڭ. پەقەت سىز ئۇنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن چېگىپ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلغان چاغدا ئاياللار ئىچىدە سىزدىن گۈزەل يەنە بىرسى بولمايدۇ .دەل شۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيا سىز ئۈچۈن دۇئا قىلغۇسى!
'Ffy8z{&3 (/"K+$8' ئەمدى،مانا بۇ قىزلارغا ياغلىق ياراشماپتىمۇ قاراپ بېقىڭ. ياغلىق ياراشمامدىكەن ياكى سىز ياراشتۇرۇپ چىگەلمەمدىكەنسىز!؟
~<2 IIR$H $IxU6=ajn AK@`'$ 

(
tp
6csS,
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-11-27 11:13 AM دە ]