مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       241 
  •    ئىنكاس 
       4 

ئىلىمگە خىيانەت- ئەلگە قىيامەت(ئابدۇرېھىم دۆلەت)

قەۋەت ئاتلاش
uygurogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12460

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5834 (سوم)
 ياخشى باھا:   368 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   507  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 161
 سائەت
دەرىجىسى:
161 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-26

     IA^)`l7H  
    
ئىلىمگە خىيانەت- ئەلگە قىيامەت
     5tU"|10m3  
%'T>kz*A  
    
ئابدۇرېھىم دۆلەت
     #Q@6:bBzv  
w)eQ'6Vu  
    بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا، ھەم پۇلىمىز بولسىلا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز. بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددىي مەنپەئەت ھاكىم- قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنى بىر پاجىئەسى بولسا كېرەك. پۇلغا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ ؟ دېگەن سوئال بىردەك ھەممەيلەننىڭ: ياق! دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ بىزنىڭ نەسىر، نۇتۇقلىرىمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى. رېئاللىق بولسا يەنىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى ئالىي رەۋىشتە نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەمئىيەتتىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى، ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمما نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ؛ ھەتتا ھازىر كىشىلەرنىڭ ۋىجدان، ئىمانىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىر دومىلاپلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلىدۇ. دېمەك، بۇ دەۋر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بارلىق ماددىي- مەنىۋى ئېلېمېنتلاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان دەۋر. ZY!pw6R1>*  
    «جاھاندا ئەڭ قاتتىق نەرسە نېمە؟» R{o*O_qX  
    - «موھتاجلىق!» شۇنداق، بۇ جۈملىنى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا. ئادەمنىڭ ئىنتىلىشتىن قىلغان ئىشلىرى بىلەن موھتاجلىقتىن قىلغان ئىشلىرى روشەن پەرقلىنىدۇ. ئىنتىلىش ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلسا، موھتاجلىق پاسسىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنتىلىش ئەركىنلىككە دالالەت قىلسا، موھتاجلىق قۇللۇققا دالالەت قىلىدۇ. ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. ئىنتىلىش موھتاجلىقنىڭ ئالىي مۇقامىدىكى مۇقەددەسرەك ئىپادىسى، ئۇنىڭدا خىلمۇ- خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بار. ئەمما، موھتاجلىق مەجبۇرلۇقتۇر، بۇنىڭدا بويسۇنۇشلا بار، تاللاش يوق. مەن ئويلايمەنكى، ئىنسان پائالىيىتى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىق بىرلىكىدىنلا ئاندىن مۇكەممەللىككە يەتسە كېرەك. موھتاجلىق رېئاللىقنى، ئىنتىلىش غايىنى كۆزدە تۇتىدۇ. موھتاجلىقنى بايقىيالماي، ئىنتىلىپلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى نەتىجىسىز بولىدۇ. ئەمما ئىنتىلىشنى تەرك ئېتىپ موھتاجلىق ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغۋار بولمايدۇ، ھەتتا بەزىدە پەسكەشلىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ھەممىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەمنىڭ نېمىگە ئىنتىلگەنلىكىدە، نېمىگە موھتاجلىقىدا. ئىنسان ئۇچۇن تاللاشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ سىناق. -b)zira  
    مانا ھازىر بىز شۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋېتىپتىمىزكى، بىز ساناقسىز موھتاجلىقلار بىلەن قورشالغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ئارمانلىرى نەلەردە ئۇنتۇلغان. مائاشقا موھتاج، ئوقۇش ئارمان؟ خوتۇنغا موھتاج، مۇھەببەت ئارمان؟....... ئىنگلىز تىلى ئىگىلەش ئارمىنىم دەيسىز، ئەمما نېمىشقا؟ دەپ سورىسا، دەۋرنىڭ تەلىپى دەيسىز. مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا ئارمان ئەمەس، ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. دەۋر تەقەززا قىلمىغان، ھەرقانداق دەۋردە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ مېنىڭچە، ياق. بۇنداق كىشىلەر بەك ئاز. d95N$n   
    ئىنسانلار ھەر قانداق بىر دەۋردە ياشاش ئۈچۈن ئىلىمگە موھتاج بولغان. ئەمما بۇ خىل موھتاجلىق بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولمىغان. بىلىملىك بولغاننىڭ ئالامەتلىرى بولمىش دىپلوم، ئۇنۋان كىنىشكىلار بۈگۈنكى زاماندا كىشىلەرنىڭ ئىختىراسى، كىشىلەر ھازىر ئۆز سالاھىيىتىنى شۇلاردىن ئىزدەيدىغان بولدى. بۇ سالاھىيەتلەر قامچا خىلمۇ- خىللاشقانسېرى ئەسلى ئىنسانلىق سالاھىيەت بارا- بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، ئادەملەر سەن كىم؟ دېگەن سوئالغىمۇ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي، ئىسەنكىرەپ قالىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ بولۇشى خاتا ئەمەس، ئەمما ھەممىنى شۇنىڭدىن ئىزدەش، شۇنى ئۆزىنىڭ ماركىسى قىلىۋېلىش خاتادۇر. چۈنكى، ئىنسان ئۈچۈن ئىنسان دېگەن ماركا يېتەرلىك شەرەپ. ئادەم بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا تاپتىن چىقىدۇ. &8AS=v  
    ساختىلىق- قارا يۈرەكلىك بىلەن موھتاجلىقنىڭ مەھسۇلى. ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ساختىلىق ئىشلەتمىگەن ھېچنېمە قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم- مەرىپەتكە ئىشلىتىلگەن ساختىلىق ئادەملەرنى ئەبەدىي پۇشايماندا قالدۇرىدۇ. بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز بۇنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تارتىمىز. ئۇنداقتا بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسى ياكى مائارىپى قانچىلىك پاكىز؟ O|&TL9:  
    بەلكىم بۇ ساھەدىكى پاكىزلىقنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى بولمىسا كېرەك. رايونىمىزدا " سەللە يوغان ئىمان يوق، داستىخان يوغان بىر نان يوق " دېگەن تەمسىل ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان. ھېچكىممۇ خەنزۇ تىلىدا بەش يىل ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ بىرەر پارچە ئىلتىماسنى خەنزۇچە قاملاشتۇرۇپ يازالمىغانلىقىدىن بەك ھەيران قېلىپ يۈرمەيدۇ. (ھەيران قالماسلىق كۆنۈپ كەتكەننىڭ ئىپادىسى، تولا ھەيران قېلىش بىلمەسلىكنىڭ ئالامىتى، پەقەت ھەيران قالماسلىق غالىبلىقنىڭ ئالامىتى.) .XKvk(9  
    ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن دىپلوم، ئۇنۋانلارمۇ ئىلىم سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى نان يېيىش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىر دىپلومىڭىز يوغىنىسا، قولىڭىزدىكى زاغرا كاكچىغا، بېشىڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ خىل زۆرۈرىيەت جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن تېزلىكتە جەمئىيەت ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەر قانداق بىر ساھە، قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى. يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم. ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار بىرەر ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدىغۇ دەپ ئويلىغانىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنۋان دەۋاگىرى ئار- نومۇسنى قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ " جاپالىق " خىزمەت شارائىتىدا " ھارماي- تالماي " ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن " شانلىق " نەتىجىلىرىنى ئېغىزلىرىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىدىكەن (يازغان كەمچىلىك- يېتەرسىزلىكلىرى بىرەر ۋاراقمۇ چىقمايدۇ)، ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ئۇنۋانغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىكەنمىز. ناۋادا بېرىلگەن سان- نامزاتلار يېتىشمىسە، ئويۇننىڭ قىزىقى شۇ يەردە. ئۇ يەردىكى تالاش- تارتىشلارنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ، بىر قۇيۇپ بەرگىلى بولسا دەپ قالىمەن. مەن ئەسلىدە ئۇ تالاش- تارتىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى نامزاتلار ئارىسىدا بولىدۇ، ئادەم ئۆز ئۇتۇقلىرىنى ئاشكارا دېيىش، پەش قىلىشتىن يۈزى قىزىرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئۇلار ماڭا مېنىڭ خاتا ئويلىغىنىمنى كۆرسىتىپ قويدى. ھەتتا ئۇلار شۇ تۈپەيلى بىر- بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ، قاراشمايمۇ يۈرۈشىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا بۇ يىل نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ "بۇلتۇر پالانى باھالانغاندا غىڭ قىلمىدىم، ھازىر مېنىڭ سىتاژىممۇ ئەڭ ئۇزۇن، قىلغان خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس، ئەمدى بۇ يىل باھالىنىۋالمىسام كېلەر يىلى يەنە بىر نەچچىسى چىقىدۇ، دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال باھالىنىۋالاي، تەشكىل بۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويسۇن" دېگەنلىك ئەمەسمۇ ؟بۇلارچە بولغاندا ئۇنۋان خىزمەتنىڭ سۈپىتىگە ئەمەس، سىتاژىغا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەشكىلمۇ " |J Q:.h  
    ئۇنۋان ئۈچۈن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش، ئۆز نامىدا ئېلان قىلدۇرۇش دېگەنلەر ھازىر ھېچكىم تىلغا ئالمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى. z){UuiUM+=  
    1998-يىلى ساۋاقداشلىرىم ئۈرۈمچىگە دېسسىرتاتسىيە ياقىلىغىلى كەلگەندە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە كەلدىم. ئۇلار دېگەن گەپلەر مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى " سىز خوتەندىن كەلدىڭىزمۇ ؟ خوتەننىڭ ياڭىقى داڭلىق ھە " دېگەن ئىما- ئىشارەتلەرنى قىلغانمىش، ھەتتا بەزىلىرى خېلى ئاشكارىلا مەقسەتنى بايان قىلغانمىش. دېسسىرتاتسىيە ماقالىسىنى خەققە يازدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يېتەكچىلىرىنى " زارى "قىلغانلارنىڭ ماقالىلىرى " ئەلا "باھالاندى. مانا بۇ رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سەرخىللىرىنىڭ كومېدىيىلىرى. بۇ موھتاجلىقتىن كېلىپ چىققان پەسكەشلىكمۇ؟ ~R@m!'I k  
    ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى تېلېفونلىرى، دۇكانلىرىنىڭ ئەينەكلىرى ھەتتا ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ پەشتاقلىرى...... ئىشقىلىپ كۆزگە تاشلىنىدىغانلا ھەر قانداق بىر يەرگە قارىسىڭىز ھەر قانداق دىپلوم، كىنىشكا بېجىرىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. " كىنىشكا بېجىرىمىز " دېگەن خەتنى ھەر قانداق يەردىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلار ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەي، ئەنسىرىمەي، يانفون، چاقىرغۇلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى يېزىپ قويۇشىدۇ. بۇ يەردىكى ئېغىر مەسىلە، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى قانداق بولۇپ بۇنچە ئەركىن ئومۇملىشىپ كېتەلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىدا. UVCMB_T  
    دېمەيلا قويۇڭ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى بىردىنبىر ۋەكىللىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرى دەپ ئاتاشقان قەشقەر پېداگوگىكا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شەھىرىمىزگە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن 1، 2 دەپ سانىغىدەك رەھبەرلىرىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرسىڭىز خۇددى پۈتۈن شىنجاڭ مائارىپىدىن ئۈمىد ئۈزگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالىسىز. ئەسلىدە مەن ئۆتكەن يىلى بۇ توغرىسىدا بىر ماقالە يېزىپ بۇ ئىشلار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشنى ئويلاشقان ئىدىم، لېكىن يەنىلا شۇلارنىڭ يۈزى... ;]ShC\1  
    ئادەم تەربىيىلەيدىغانلار بۇنداق بولسا قالغانلىرىچۇ؟؟! inv{dg/2  
    بىر پۈتۈن مەكتەپنى باشقۇرىدىغانلار مۇشۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىچۇ!؟!؟ Vc52s+7=8  
    " ئىسرائىلىيە چوڭاملىرىغا خەت " دېگەن فېليەتوندا مۇنداق بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىپتۇ. EOnp!]Y  
    " يۈز نەچچە نەپەر مائارىپ ئەربابى، ئالىي ساقچى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھار ساھە قاتلاملىرىدىكى سەر خىللار يالغان دىپلوم سېتىۋېلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قاپتۇ. بۇ ئىش پۈتۈن ئىسرائىلىيىنى زىل- زىلىگە سېلىۋېتىپتۇ. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار دەرھال كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى تارماق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بەش نەپەر خادىم ھەمدە ئىسرائىلىيە ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىنى رەسمىي قولغا ئاپتۇ. قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ، يالغان دىپلوم سېتىۋالغان ئىسرائىلىيە ساقچى ئەمەلدارى ۋە بىر نەچچەيلەننى سوراق قىپتۇ. ھەتتا شىمال ساقچىلار قوماندانىنىمۇ دەرھال چاقىرىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيە باش شتابىنىڭ ساقچىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سوراق قىپتۇ. ساختا دىپلوم ياسىغان لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرىدىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى توختىتىپتۇ ھەمدە بۇ مەكتەپلەر تارقاتقان ھەرقانداق دىپلومنى ئېتىراپ قىلماپتۇ. " ئەگەر بۇ ئىش جۇڭگودا يۈز بەرگەن بولسا قانداق بولار ئىدى ؟ ئىشقىلىپ چوقۇم ئىسرائىلىيىدەك بولمايتتى. ھەتتا شۇ ماقالىدە دېيىشىچە (جۇڭگودىكى) مەلۇم بىر شەھەردە خىزمەت باھالىغۇچىلار شۇ شەھەردىكى ٪64 ئالىي مەكتەپ دىپلومىنىڭ يالغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلمىغان. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇچاڭچىڭ (ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان پارىخور ئەمەلدار) جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ نوپۇزلۇق بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىن ماگىستىرلىق دىپلومى ھەل قىلغان. (ئەگەر پارىخورلۇقى ئاشكارىلانمىغان بولسا، بۇنى ھېچكىم بىلمەس ئىدى). mERZ_[a2  
    يەنە ئىسرائىلىيىدىكى ھېلىقى ۋەقە توغرۇلۇق مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ: " سىلەر ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنتايىن يامان بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار ". دېگەن. يەنە بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى: "دىپلوم ئالدامچىلىقى ئىنتايىن رەزىل جىنايەت، خۇددى ئەسكەرنىڭ دۈشمەنگە مىلتىقىنى ساتقاندەك ئىپلاس قىلمىش " دېگەن. YNJpQAuSn)  
    ئاخىرىدا فېليەتون ئاپتورى لېي چاڭفىڭ كىنايە تەلەپپۇزىدا: " دىپلوم، كىنىشكا لازىم بولسا جۇڭگوغا كېلىڭلار، تام- ئىستولبىلاردىكى چاقىرغۇ نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلساڭلار بىر دەمدىلا ھەل بولىدۇ، ھەم ئەرزان، ھەم بىخەتەر " دېگەن. <,X+`m&  
    يەنە تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قۇلاق سېلىڭلار: مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مۇپەتتىش ئىشخانىسى 2001- يىلدىكى ئىلىم ساھەسىدىكى چېرىكلەرنى ئېلان قىلغان. تاكى 2001- يىلى 31- دېكابىرغىچە بۇ ئىشخانا مۇشۇ خىلدىكى دېلودىن 72نى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ پارچىسى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلدۇرۇش، باشقىلاردىن كۆچۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئادىل بولماسلىق، مۇكاپات سوممىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش....... d!QD vO  
    ئىلىم ساھەسىدىكى ساختىپەزلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈۋېلىش دېگەندەك چىرىكلىكلەر ئادەتتىكى ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغانلار ئىچىدە پروفېسسورلار، ئاسپىرانتلار بولماستىن، ھەتتا ئاكادېمىكلار، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىمۇ بار ئىكەن. پۇلغا چىدىسىڭىزلا ئىنتېرنېتتىن ئىزدىسىڭىز باكالاۋرلىق ئىلمىي ماقالىسىنى 10كوي، ماگىستىرلىقنىڭ 20كوي، دوكتورلۇقنىڭ 30كوي ئىكەن. (ئويلاپ كۆرۈڭ، نەچچە يىل چاچ ئارقارغىچە ئوقۇپ، كېچە-كېچىلەپ يازىدىغان ماقالىلەرنىڭ باھاسى شۇنچىلىك بولسا- ھە ! ھازىر مەدىكارلارمۇ سائىتىگە 10كويغا رازى بولامدۇ، بىر گەپ !) dI ZTLb"a  
    بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر دوستۇم: بېيجىڭدا ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق دىپلومىنى تاپماق ئاسان، ئىشقىلىپ شۇ ئۇنۋاننىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ساتىدىغانلار بەك كۆپ. ئۇلار دىپلوم، نىكاھ گۇۋاھنامىسى، ئاجرىشىش خېتى، ھەتتا ئۆلۈم ئىسپاتى....... قاتارلىق 160 خىلدىن ئارتۇق كىنىشكا ياسىيالايدىكەن، دېگەنىدى. مەن تازا چىنپۈتمىگەنىدىم، مانا ئەمدى چىنپۈتمەي بولمىدى. +z jzO]8  
    ئەمەلىيەتتە ئۇلار دىپلوم، كىنىشكا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى سېتىۋاتىدۇ. ئۇلار چىقارغان باھالار ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىر- ئىستىقبالىغا چىقىرىلغان باھادۇر. e7bT%h9i  
    بولۇپمۇ بۇ خىل چىرىكلىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر. ئوقۇغۇچىنى قەستەن ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ تېما قىلىدىغان ئىشلار تولا. بۇنىڭغا ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ كۆنۈپ كەتتى. بۇ ئاللىقاچان ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى. 9{UP)1 7  
    ئالىي مەكتەپ قانداق جاي؟ ئو قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر بەلكىم بىزنىڭ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە تېخى ئايدىڭ بولمىسا كېرەك. بىر ئالىي مەكتەپنىڭ، بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە بولىدۇ. Z:o 86~su  
    بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئون ئۇنىۋېرسىتېت مۇنداق ئورتاق تونۇشقا كەلگەن: دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۆلچىمى بولىدۇ. بىرى رايون ئىقتىسادىنى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالغا سۈرگۈچ رول ئوينىيالىشى، يەنى بىرى شۇ رايون، دۆلەتنىڭ مەرىپەت، مەدەنىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك. ئومۇمەن مۇنداق ئورتاق قاراش بار. دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. p[@oF5M  
    1. خەلقئارادا زور تەسىرگە ئىگە، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىشى كېرەك. gKs/T'PW  
    2. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا بىر تۈركۈم دۇنياۋى پىشىۋالار بولۇشى كېرەك. }Uwkef.Q  
    3. دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلىرى بولۇشى كېرەك. -0KbdHIKb'  
    4. ئىلمىي تەتقىقاتلىرى دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلالىشى ھەم دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى كېرەك. _Xk03\n6  
    5. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك. مەدەنىيەت، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك. (قارىغاندا، مەن ھازىرغا قەدەر ھازىرقى زامان ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايمەن.) *t?~)o7  
    قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ئەرەب ماگناتىنىڭ ئۆز ئىسمىنى قويۇش بەدىلىگە بېرىدىغان غايەت زور ياردەم پۇلىنى رەت قىلغان. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنى بولسا ئامېرىكىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى رېگاننىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان مۇقەددەسلەشكەن ئۇنىۋېرسىتېت روھى، خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان پرىنسىپ شەكىللىنىپ بولغان. }[KDE{,V  
    قارىغاندا مائارىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلىم چىرىكلىكىنى دەپ بولغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. مەيلى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىكى پارىخورلۇق ياكى يالغان دىپلوم، كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئوغرىلىغان ماقالە، ئەسەرلەر مەسىلىسى بولسۇن، بۇلار كىشىلەرگە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاجايىپ "كەڭ قورساق " ئىكەنلىكىنى، شۇنچىلىك ئالەمشۇمۇل رەزىللىكلەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مۇشۇ رەزىللىكلەرگە قارىتا بىر ئۈنۈملۈك نازارەت، باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ بولماسلىقى ياكى بولسىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى كىشىنى ئاجايىپ ئېچىندۇرىدۇ. JhhU g  
    ۋېي جيەنمىي: «ئالىي مەكتەپلەردە نېمە كەم؟» دېگەن فېليەتونىدا بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئەڭ ئاددىي سەۋەب ئالىي مەكتەپلەردىكى بىيرۇكىراتلاشقان تۈزۈمدە. غەربتە مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك p( H)W D  
    پروفېسسور، مۇتەخەسسىسلەر باشقۇرىدۇ. بىرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىز بولسا باشقارما، ئىشخانىلارغا تولغان. ھېلىقى ئولتۇرسا ئۆيى، ماڭسا پىكاپى تەييار باشقارما باشلىقى، نازىرلارنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى مائارىپ بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق كىشىلەردۇر. بىيرۇكرات باشقۇرۇش مۇھىتى ئەلۋەتتە بىيرۇكىراتلاشقان كەيپىياتنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلەرگە ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ پارتىيىگە كىرەلەيدۇ، ئەلا باھالىنالايدۇ، يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ. ھەقىقىي ئىلىم ساھىبلىرى، ۋىجدان. ئىگىلىرى بولغان پروفېسسور، مۇتەخەسسىسلەر چەمبىرەك سىرتىدا قالىدۇ. بۇنداق (رىقابەت)مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قانداقمۇ جەمئىيەتتە ئادالەت بارلىقىغا ئىشەنسۇن ؟ ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىرى شۇ چاغلاردىلا ئادالەت، ھەقىقەتكە بولغان ئېتىقاد، چۈشەنچىلەردىن ۋاز كېچىپ بولىدۇ-دە، چوڭ ئېقىمغا قوشۇلىدۇ. " ){:q;E]^fB  
    ھازىرقى زاماندا ئالىي مەكتەپ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ مېڭىسىدۇر. بۇ يەردىن چىققانلار جەمئىيەتنىڭ سەر خىللىرى، كىشىلەرنىڭ ئىلغارلىرىدۇر. ئۇلار جەمئىيەتنى ساغلام بىر نىشانغا يېتەكلەشكە، ئاۋامنى ئاقارتىشقا، ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە، ئۇلار چۈشىنەلمىگەننى چۈشەندۈرۈشكە، بىلمەي قالغاننى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك. ئۇلار خۇددى تۇزدەك پۈتكۈل جەمئىيەتكە تېتىشى كېرەك. بولمىسا شەخس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى ئىكەنلىكىدەك زاكۇنلارنىمۇ چۈشەنمەي يۈرىدۇ. X@ bn??  
    ئەپسۇس، بىز ھازىر ستۇدېنتلىرىمىزدىن بۇلارنى كۈتەلەمدۇق؟ ئۇيغۇرلار ھازىر بۇلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈك بوپقالماي ئۆزىنىڭ جىنىنى باقالىغانلىقىدىن خوش. ئاتا- ئانىلار قىزلىرى ئالىي مەكتەپلەردىن "ساق "قايتىپ كەلگەنلىكىدىن، باشقىلار كەينىدىن قېچىپ كەتمىگەنلىكىدىن خوش. ئوغۇللىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالمىغانلىقىدىن خوش. دېمەك بۇلاردىن بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق بىر نەرسىنى كۈتكىلى بولمىغاچقا، بىز تەلەپ ئۆلچەملىرىمىزنى شۇنچىلىك قىلىشقا مەجبۇر. بىز ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ، يامانلىق قىلمايدىغان ئادەملەرنى ياخشى ئادەم دەيمىز. مۇتلەق كۆپ سانلىق ستۇدېنتتىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايە، نىشان كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. ;* wT,2;  
    كرىزىس ھەر خىل بولىدۇ. ئەمما بۇ كرىزىسلار شۇنىڭ ئۈچۈن پاجىئەلىك، تەخىرسىزكى چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ مېڭىسىدە. o%/-5-  
    مېڭىسىدىن چاتاق چىققان ئادەمدىن يەنى نىمىنى كۈتۈش مۇمكىن ؟؟؟ #Cg}!38  
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-11-26 06:35 PM دە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-26, 18:35
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەشقەر ئوغلى
ANWAR425
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1984

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   598 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6919 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   293  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4322
 سائەت
دەرىجىسى:
4322 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

بۇ  ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئاخىردا بىرىپ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئاددى پۇقرالار !
 
http://tejelliy67.blogbus.com
huxalbala1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44826

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   86 (سوم)
 ياخشى باھا:   17 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2690
 سائەت
دەرىجىسى:
2690 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:04

ياخشى تىما  مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇقۇغان يەنە ىوش بولدۇم   %jEY 3q  
ئابدۇرھىم دۆلەت ياخشى يازغۇچىلارنڭ بىرى
 
kitabqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62117

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   72 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   615 (سوم)
 ياخشى باھا:   133 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16
 سائەت
دەرىجىسى:
16 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:12

دېمىسىمۇ بىر كۈندە چوڭ بازاردىن جەنۇبىي قوۋۇققىچە بولغان ئارىلىققا بېرىپ بولغۇچە ھېلقى‹‹شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دىپلوم ياساش››دېگەنىڭ كارتۇچكىلىرى يېغىپلا كېتىدۇ،دىپلومنىغۇ دېمەيلى راستىنلا ئۇلار ياسىغان دەرىجە كىنىشكىلىرى ئەسقاتارمۇ؟ بەزىلەر ئالتە ئايغىچە توردا تەكشۈرۈشكە بولىدىكەن دەۋاتىتى، بۇ ماقالىگە قارىسام 6 يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنغىچىمۇ ئاقىدىغاندەكلا قىلىدۇ...
 
kaqmixlar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62322

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   203 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1100 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 658
 سائەت
دەرىجىسى:
658 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:57

  
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى