مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       269 
  •    ئىنكاس 
       5 

تەنقىد ۋە قوبۇل قىلىش

قەۋەت ئاتلاش
haci
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55366

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   126 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1934 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   349  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1189
 سائەت
دەرىجىسى:
1189 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-29

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مۇنبەرداشلار Y9c9/_CSj  
   كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك «مىسىرانىم مۇنبىرى» گە يېزىلىۋاتقان تىمىلار ئاساسىي جەھەتتىن ناھايتى سەرخىللىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىىمۇ ناھايتى جايىدا، مۇۋاپىق يىزىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كۆپ بۆلەكلىك ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشتىكى بۆلەكلىرىگە قارىغاندا كىيىنكى بۆلەكلىرى تىخىمۇ چۈشىنىشلىك، تىخىمۇ راۋان يىزىلىۋاتىدۇ. بۇ ئالقىشلاشقا، رىغبەتلەندۈرىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى ئەھۋال. لىكىن بەزى تەنقىدىي پىكىرلەر، تۈزىتىش تەكلىپلىرىگە قارىتا تىما ئاپتۇرى بىلەن ئوقۇرمەن، يەنە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئۆز- ئارا چۈشەنمەسلىكتىن كىلىپ چىققان بىر قىسىم تالاش- تارتىشلاردىنمۇ خالىي بولالمىدۇق. بۇ تالاش- تارتىشىشلار ئاخىرىدا تىما مەزمۇنىدىن چەتنەپ، ئەزالار ئارىسىدىكى جەڭگە- جىدەلگە ئايلىنىپ كەتتى. 4OESsN$O  
  قانداق تەنقىد ۋە تەكلىپ بىرىش، ھەمدە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ «زىيالىيلارنىڭ كىملىكى ۋە رولى ئۈستىدە ئويلىنىش»  سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ تەنقىدكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تەنقىدنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈپ، پايدىلىنىش ناھايتى مۇھىم دەپ قارايمەن. دىققىتىڭلار ئاستىدىكى مەزمۇندا بولسۇن. crOtQ  
t$kf'An}/  
     «زىيالىيلارنىڭ كىملىكى ۋە رولى ئۈستىدە ئويلىنىش» تىن ئۈزۈندە
)LS+M_  
   (? #U &  
  ...... i|! 9o:  
  يېقىندا ئابدۇقادىر جالالىددىننى چۈشەنمەي ئىنتېر تورىدا تەنقىد قىلىش دولقۇنى قوزغىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ تەنقىد قىلىشتىكى مەقسىتى، ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆپلىگەن تورداشنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. مەن ئاشۇ ئىنكاسلاردىن ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى، خەلقنىڭ كىمنىڭ ھەقىقىي ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئايرىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، پىكىرنىڭ، ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئادەم، ئىلىم سەمىمىيىتى يېتىلدۈرگەن زىيالىي بىراۋنىڭ ئۆزىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ تەنقىد قىلىپ بېقىشىنى كۈتىدۇ (ھېچبولمىغاندا مەن شۇنداق ئويلايمەن). چۈنكى، تەنقىدتىمۇ ئوتتەك مېھىر بار. ناۋادا تەنقىد قىلغۇچىنىڭ نىيىتى خالىس ۋە سەمىمىي بولسىلا؛ ئۇ، تەنقىد ئوبيېكتىنىڭ روھىي دۇنياسىغا كىرىپ، چۈشىنىپ تۇرۇپ تەنقىد قىلالىسىلا. لېكىن، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ خىلدىكى سەمىمىي تەنقىدچىلىك  تېخى بىر بوش ساھە بولسا كېرەك. 2008 – يىللىق قىشلىق تەتىلدە ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكا بىلەن تەنقىدكە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم. C Wl95g  
0kr& c;~  
− ئادەمنى تەرلەتكۈدەك ئوپېراتسىيە قىلىدىغان، نىيىتى دۇرۇس تەنقىدچىگە ئۇچراشمۇ بىر بەخت. لېكىن، كۆپىنچە ھالدا بىزدە تەنقىدكە شەخسىي غەرەز ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يا چۈشەنمەي تۇرۇپ تەنقىد قىلىش، ياكى بولمىسا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە قەلەم تەۋرىتىش بەزى ياشلارنىڭ ئارىسىدىكى  خاھىشقا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.  مەن ھازىرغىچە مۇنداق ئىككى تەنقىدنى ئىچ – ئىچىمدىن قايىل قىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدىم. بىرى، قەشقەردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەرھۇم مۇھەممەت ئوسمان ھاجىمنىڭ بىر پارچە خېتى. يەنە بىرى، يۇرتىمىزدىكى دەريا ناملىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن يەكەنلىك مائارىپچى سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ زەرەپشان دەرياسى ھەققىدە يازغانلىرى. مۇھەممەت ئوسمان ھاجىم «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابىمنى ئوقۇپ خۇرسەن بوپتۇ. ئەمما كىتابتىكى بىر نۇقتا ئۇ زاتقا ياقماپتۇ.  مۇھەممەت ئوسمان ھاجىم خېتىدە: «بىز ئۇيغۇرلاردا ئاشكارا سورۇنلاردا، كىتابلاردا خوتۇن توغرۇلۇق جىق توختىلىدىغان ئەنئەنە يوق. كىتابىڭىز شۇنداق ياخشى يېزىلغان، ئەمما ئۇنىڭدا ئايالىڭىز ھەققىدىكى گەپلەر سەل جىق       بوپكەتكەن» دەپ يېزىپتۇ.  بۇ تەنقىد مېنى قايىل قىلدى. ياپونىيىدىكى مۇساپىرچىلىق ۋە شۇنىڭغىچە بولغان جەرياندا ئايالىم جەمىلەنىڭ ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە جىق ئەجرى سىڭگەچكە، بەزى تەپسىلاتلار سەل جىق بوپكەتكەنىكەن. بۇ مەن قوبۇل قىلغان بىرىنچى تەنقىد. ئىككىنچىسى، سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن گەپنى «يەكەن دەرياسى» دەپ ئېلىش ھەققىدە يازغان خېتى. ئۇ، خېتىدە: «مەن يەكەن دەرياسى ھەققىدە ئىزدىنىپ ھازىرغا كەلگۈچە نەچچە پارچە ماقالە يازدىم. سىز شۇنچە كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم تۇرۇقلۇق ماقالىلىرىمنى ئوقۇپمۇ قويماپسىز. كىتابىڭىز ياخشى يېزىلغان، ئەمما يەكەن دەرياسىنى زەرەپشان دەرياسى دەپ ئاپسىز. بۇ توغرا ئەمەس» دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىپتۇ. مەن خىجىل بولۇپ ئۇ كىشىدىن تېلېفوندا ئۆزرە  سوراپ، تەنقىدىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. t2%bHIG}  
."@a1_F|  
    ئىلمىي پىكىرگە ھۆرمەت قىلىش − ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يەنە بىر ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بىرى. ئۇ،  ئىلىمدە ئەستايىدىل. بىرەر ئاتالغۇ، بىرەر ئېنىقلىما ئۈچۈن گاھىدا توم – توم قامۇسلارنى ۋاراقلايدۇ.  مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان، پىكىرلەشكەن چاغلاردا بۇنداق مەنزىرىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن. ئارىلىقتا ئىنتېر تورىدا ئۇنىڭ «<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> تىكى بەدىئىي تېكىستلەر  ھەققىدە تەھلىل» دېگەن ماقالىسىدىكى جاھىزىيغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى تەنقىد قىلىدىغانلار چىقتى. ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكا  پايدىلانغان مەنبەلەردە  شۇنداق يېزىلغانلىقى ئۈچۈن بۇنى يالغۇز ئاپتورغىلا دۆڭگەشكە بولمايتتى ھەم  ئاپتورنىڭ مەقسىتىنى باشقا ياققا بۇرمىلاپ تەھلىل قىلىش توغرا ئەمەس ئىدى. تەنقىدچىنىڭ سەمىمىيىتى بار – يوقلۇقى، ئۇسۇلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكا بۇ تەنقىدنىڭ  جەۋھەر يېرىنى قوبۇل قىلدى. يەنى«شىنجاڭ  ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر مەھمۇد كاشغەرىي نامىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سانىغا ماقالە سوراپ كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ جاھىزىي ھەققىدە ئالغان نەقىل مەنبەلىرىنى قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ، تولۇقلاشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى تولۇقلاپ، ماقالىگە قايتا ئىشلەپ بەردى. ئۇستازنىڭ مۇشۇنداق تەرەپلىرى ئادەمگە تەسىر قىلاتتى. '~x _  
$S-;M0 G x  
   ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىر دەڭسەپ كۆرىدىغان ۋاقتى كەلدى. بىر قىسىم  زىيالىي تەنقىد كۆتۈرەلمەيدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن پىكىر بولمايدۇ، پەقەتلا ئوخشىمىغان مەۋقەدىن چىقىپ قىلىنغان پىكىرلا بولىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى تەنقىدنىڭ، بەھس – مۇنازىرىنىڭ چوقۇم بولۇشىنى بەلگىلىگەن. مەن كۆرگەن غەرب دۇنياسىدا تەنقىدكە توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھـۆرمەت قىلىش ئىجتىمائىي پەنلەر دۇنياسىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان. مىسالەن، ئامېرىكىنىڭ 20 – ئەسىردىكى پسىخولوگىيە ساھەسىگە دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن ئىككى مەشھۇر پسىخولوگ، يەنى، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەرىكەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ بۆسۈشكە ئېرىشكەن سكىننېر   (B. F. Skinner , 1990-1904) بىلەن، ئۆزلۈككە قايتىش، ئادەمنىڭ ئۆزىنى قېزىشى ھەققىدىكى بۈيۈك نەزەرىيىلىرى بىلەن داڭق قازانغان كارل روجېرس              ( Carl Rogers , 1987-1902) 1956 -  يىلى بىر – بىرىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇنازىرىگە چۈشكەن. مۇنازىرىدىن كېيىن كارل روجېرس سكىننېر  ھەققىدە توختىلىپ: « قەدىردان سكىننېرنىڭ  ھەرىكەت بىلەن تونۇلۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بايانلىرى مەن ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغان نۇقتىلارنى ئېسىمگە سالدى » دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،  20 – ئەسىر دۇنيا ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئاجايىپ يۇقىرى ئورۇن تۇتىدىغان  فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر مىچېل فۇكاۋ(1926-1984 Michel Foucult) بىلەن ئامېرىكا ماسساچۇستېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەممە ساھەسىدە كۆپ قىرلىق ئىزدەنگەن، «تىل ۋە تەپەككۇر»، «تېررورىزم مەدەنىيىتى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى جورج بوشنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىشىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلغان نوئام چومسكىي(Noam Chomsky)1981 – يىلى تېلېۋىزوردا مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۆزئارا تەنقىدنىڭ، مۇنازىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى بۇنداق مىسال كۈرمىڭ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پىكىرنىڭ ھۆرمىتىنى، ئىلىمنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىشنى ئويلايدىكەن، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ تەنقىدكە، بەھس – مۇنازىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. تەنقىد قىلغۇچىلار بولسا ئۆزى تەنقىد قىلماقچى بولغان ئەسەرنىڭ روھىغا چۆكۈپ، توغرا ئۇسۇل، خالىس نىيەت بىلەن تەنقىدكە كىرىشىشى كېرەك. شۇندىلا بىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەيىمىز قايتىدىن گۈللىنەلەيدۇ، زىيالىيلار ئارىسىدا پىكىرنىڭ ھۆرمىتى بولىدۇ. بۇ ئاخىرى بېرىپ مىللەتنىڭ مەنىۋى تەپەككۇر خەزىنىسىگە، پىكىر قۇۋۋىتىگە ئوزۇق، بايلىق سۈپىتىدە قېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن زەرەتلىنىدىغان، ئىلھام ئالىدىغان پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكا بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلغان زىيالىي.  مەن بۇ يەردە يەنە تەنقىد ھەققىدىكى گېپى ماڭا تەسىر قىلغان ئىككى ئەدىبنىڭ ئىسمىنى تىلغان ئېلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. بىرى، مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر. يەنە بىرى، پېشىقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي. زوردۇن سابىر 1993- يىلى نويابىردا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە (ئىككى ساۋاقدىشىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بارغانىدىم) تەنقىد ھەققىدە توختىلىپ: «تەنقىد ئوبيېكتىغا تەسىر قىلالمىغان تەنقىدچى مەغلۇبىيەتچىدۇر» دېگەنىدى. ئۆزىدە خالىس نىيەت ۋە تەنقىد ئەخلاقى يېتىلدۈرمىگەن تەنقىدچى دەل مۇشۇنداق مەغلۇبىيەتچىدۇر. يەنە ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ  «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2006 – يىللىق بىر سانىدا ئېلان قىلغان «مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر» دېگەن ماقالىسمۇ مېنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكا دەل مانا مۇشۇنداق روھقا ئىگە كىشى. ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى  تەنقىدكە خاپا بولغان – بولمىغانلىقى ھەققىدىكى قارىشىنى سورىغاندا دېگەن: «بەزىلەر تەنقىدچىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالىدىكەن. مېنىڭچە، بۇنداق بولماسلىقى  كېرەك. مېنى تەنقىد قىلغۇچى ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر. شۇڭا تەنقىد سەمىمىيىتى بولۇش – بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر،  مەن ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيمەن» دېگەن گېپى ھازىرغىچە ئېسىمدە. l\l]9Z6%  
j*lWi0Z-  
   خەلق ۋە ئانا تىل كونكرېت ھەرىكەتتە سۆيۈلگەندە V?=zuB?'  
    …
]KPg=@Q/  
5^qp&  
     بۇ ماقالىنىڭ بىشى ۋە ئاخىرىنى كۆرمەكچى بولغانلار، ماقالە ماۋزۇسىغا ئۇلانغان ئۇلانمىدىن كىرىپ ئوقۇڭلار. .Im+()b&&  
     ئاخىرىدا مۇنبەر ئەھلىنىڭ تەنقىد ۋە تەربىيەنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقىنى، « مىسىرانىم مۇنبىرى» دىكى، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تورلىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ سەرخىل ۋە سەۋىيەلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )RKhEm%Vr2  
    
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-26, 11:35
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ماختىغانغا ئۇچۇپ كەتمىدىم، تىللىغانغا قىلمىدىم پەرۋا...
peyaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66157

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   518 (سوم)
 ياخشى باھا:   105 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 199
 سائەت
دەرىجىسى:
199 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

ئىنتايىن ئەھمىيىتى بار يوللانما ئىكەن ، بولۇپمۇ ماقالە ماۋزۇسىغا ئۇلانغان ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلار ؟

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

ئۇ ماقالىدىكى ئانا تىل ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ ناھايتى ئىسىل، ئانا تىل دەپ كۈچىگەنلەر كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.


 
uyhurung
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25477

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   229 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3047 (سوم)
 ياخشى باھا:   210 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 58
 سائەت
دەرىجىسى:
58 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-27
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

تىما  ئىسىل ،ئابدۇقادىر  جالالىدىن   ئاكا  تىخىمۇ  ئىسىل . ...........

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنى كەڭ دائرىدە تور ئەھلىگە تونۇتۇش كىرەك. ھەقىقەتەن پىشقان ئەدىب.


 
haci
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55366

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   126 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1934 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   349  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1189
 سائەت
دەرىجىسى:
1189 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

«بىلمىگەننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن.بىلگىنىڭىزنى يوللاڭ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن» L)5nb-qp  
ئىنتىل سەيناسىنىڭ بۇ شۇئارى ماڭا بەك ياقىدۇ.... يۇقارقى ئۇلانمىدا تىخىمۇ ئىسىل مەزمۇنلار بار.
 
ماختىغانغا ئۇچۇپ كەتمىدىم، تىللىغانغا قىلمىدىم پەرۋا...
xiwas1-
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13794

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1046 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   527 (سوم)
 ياخشى باھا:   1426 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1752  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 728
 سائەت
دەرىجىسى:
728 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-28
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

ئۆزنۆۋىتىدىكى يوللۇق تەنقىدنى كۆتۈرەلمىگەن يازمىچى ORoraEK  
يەنى نۆۋىتىدىكى ئالقىش سادالىرىغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .......
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
pirates مۇنبەر پۇلى +1 11-26 خېلى جايىدا سۆز قىلىپسىز
 
akkani
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3577

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   254 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19344 (سوم)
 ياخشى باھا:   1483 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4090
 سائەت
دەرىجىسى:
4090 سائەت 250 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-26

قايسى بىر دانىشمەننىڭ مۇنۇ سۈزى ئىسىمگە كەلدى،تىمىڭىزنى كۆرۈپ. 9pgct6BO  
‹‹ تەنقىت قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئوخشاشتۇر.ئۇنىڭسىز تۇرغۇنلۇق ۋە كېسەللىك مەۋجۇت بولىدۇ.››
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى