بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئالتە شەھەرنىڭ بېرىسىدا شاھ قەسىرىدىكى ھەشەمەتلىك سارايلارنىڭ بىرىدە كىچىككىنە بىر قۇرۇت ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن كېتىۋاتسا تۇيۇقسىز گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ:
E:%>0FE -كىمسەن، ئايىقىمدا ئۆمىلەكلەپ مېنى بىزار قىلغان؟
La@\q[U{@ -قۇرۇت قورققىنىدىن تۈگۈلۈپ كېتىپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا گەپ قىلىۋاتقان مىللىيچە كىيىنگەن، بېلىگە زەر مەشۇتتىن بەلباغ باغلىغان، بېشىغا ھەيۋەتلىك سەللىسىنى ئورىغان تۈۋرۈك غوجامكەن. قۇرۇت:
;Kt'S
it -غوجام، بۇ مەن، كىچىك قۇرۇت. قىشلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن ماكانىمغا قايتقانىدىم، ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ قويۇپتىمەن. مېنى كەچۈرگەيلا،-دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراپتۇ. تۈۋرۈك غوجام:
zv&ePq\# -خا، خا، خا، خا...سېنىڭمۇ ماكانىڭ بارمۇ تېخى؟ قىشتا ئۇخلاپ يەنە ياشىغۇڭ بارمۇ سېنىڭ؟-دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ.
L,tZh0 -مېنى كىچىك دەپ كۆزگە ئىلمايۋاتىدىلا-ھە، غوجام. كىچىك بولساممۇ ئۆزۈمگە لايىق ھايات يولۇم، ئالاھىدە رولۇم ۋە ياشاش پىرىنسىپىم بار.
.Y
dr[ -سېنىڭ نېمە كارامىتىڭ بولماقچىدى؟ بار دېيىلسىمۇ ئۆزۈڭگە لايىق بولار؟ مېنىڭچە سەن ئالدىمىزدىكى مۇشۇ قىشتىن ساق-سالامەت چىقىۋالالىساڭلا چوڭ گەپ. تۆھپە، دۇنيا دېگەنلەر مانا بىزدەك پۈتۈن ئوردا-سارايلارنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ شاھلارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى، شان-شۆھرىتىنى جاھانغا تونىتىۋاتقان باتۇرلارغا مەنسۇپ.
5^bh
.uF -مېنى بوش چاغلىمىسىلا، غوجام. گەرچە مەن كىچىك، يۇمشاق بولساممۇ سىزدەك شۇنچە زور، شۇنچە ھەيۋەتلىك تۈۋرۈكلەرنىمۇ يىقىتىۋېتەلەيمەن.
~D$#>'C# -مۈمكىن ئەمەس...قولۇمنى شۇنداقلا كۆتۈرسەم مىجىقىڭ چىقىپلا كېتىدۇ. ھىچقانداق ھەركەت قىلماي جىم تۇرۇپ بەرسەممۇ مېنى بىر نەرسە قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشەنمەيمەن،-دەپ قۇرۇتنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپتۇ تۈۋرۈك غوجام.
LNWqgIq بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇرۇت ئالدىرىماي ئۆمىلىگىنىچە تۈۋرۈك غوجامغا يامىشىپتۇ ۋە ھايال ئۆتمەي كىچىككىنە بىر تۆشۈككە كىرىپ كېتىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
ئايلار ئۆتۈپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى بۇ شاھانە پىشايۋان تۇيۇقسىز گومۈرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. كىشىلەر قارىسا تۈۋرۈك غوجامنىڭ ئاستى تەرىپىنى ھېلىقى كىچىككىنە قۇرۇت كاردىن چىقارغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىغا: hqdC9?\
كىچىككىنە قۇرۇتمۇ، SjFF=ib
يەيدۇ قاتتىق ياغاچنى. Zb12:?
قاتتىق سۆزلۈك بولسا كىم، oFX"F0rx
شۇ كۆپ يەيدۇ تاياقنى. @'6S[zU
دېگەن قوشاق تارقىلىپ كېتىپتۇ [1t\|v
^p{A!I!
چاشقان بىلەن چۈمۈلە r@N39O*Wq
(مەسەل)
hpd(d$j
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا چاشقان بىلەن چۈمۈلە خوشنا ئىكەن. چاشقاننىڭ ھەركەتلىرى بەكمۇ خۇپىيانە بولۇپ، پەقەت كېچىلىرى ھەركەت قىلىدىكەن. كۈندۈزلىرى بولسا ئۆيدىن چىقمايدىكەن. چۈمۈلە بولسا باشقىلارغا ئارلاشماي ، ئۆز ئىشى بىلەن ياشايدىكەن. بىر كۈنى چۈمۈلە ئۆزىدىن نەچچە ئون ھەسسە چوڭ بىر قوڭغۇزنى سۆرەپ ئۇۋىسىغا ئېلىپ كېتىۋېتىپ چاشقانغا ئۇچراپ قاپتۇ. 3sd{AkD^
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،- ئۇ خوشنىسىغا ئەدەپ بىلەن سالام قىپتۇ. O6*'gnke
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كىچىككىنە جېنىڭغا نېمانچە قىينىلىسەن؟ نېمەڭگە نېمەڭ يەتمەي بۇنچە زورىقىسەن؟-دەپ سوراپتۇ چاشقان. FN{H\W1cf
چۈمۈلە كىچىككىنە قوللىرى بىلەن پىشانىسىدىكى تەرلەرنى ئىرتىپ تۇرۇپ: G.A=hGw
-باللىرىم كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونىلار، قىشنىڭ غېمىنى يازدا قىل، دەپتىكەن، قىشنىڭ غېمىنى قىلمىساق بولماس؟-دەپتۇ. v
Ie=wf~D`
-تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەنسەن، ئەمما چاپىنىڭ تىزىڭدىن ئاشمايدىكەن، نېمە قىلىسەن، ياخشى يەپ، ياخشى كەيمەي؟ 60Xl.
-ھازىرچە باللىرىمنىڭ گېلىدىن ئاشمايۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ چۈمۈلە سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا. چاشقان: y@2vY[)3s
-ۋاي بىچارە، شۇمۇ كۈن بولدىمۇ؟ جۈرە، مەن سېنىڭ كۆزۈڭنى بىر ئېچىپ قوياي،- دەپ چۈمۈلىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى ئۆيىگە باشلاپتۇ. YD0vfwh
چۈمۈلە چاشقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھەيران بولغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ. تۈر-تۈرى بىلەن رەت-رەت بېسىلغان ئاشلىقلارنى كۆرۈپ:«ياپىر، بۇ نېمە ئىش» دەپ ساپتۇ. چاشقان ئاشلىق ئامبارلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا: r_!{!i3
B
-قانداق، ئاشلىقلىرىم كۆپمىكەن؟-دەپ سوراپتۇ. Y&1!Z*OL;
-ھەقىقەتەن كۆپكەن. مەن بۇ ئاشلىقلارنى باللىرىم بىلەن بىرنەچچە يىل يىگۈدەكمەن. i{1)=_$Vt`
-ئەمىسە، مەن بىلەن دوست بول. بىز ھەمكارلىشايلى. مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلساڭ، سەنمۇ ئۇزاققا بارماي كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالىسەن. k8Su/U
-شۇنچە ئاسانما؟ >uP{9kDm
-شۇنداق، سېنىڭ بەدىنىڭ كىچىك، چاققان. خەقنىڭ كۆزىگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيسەن. بۇ ئارتۇقچىلىقىڭنى جارى قىلدۇرۇپ كىمنىڭ، قايسى يېرىدە ئاشلىق بار، شۇنى بىلىپ كەلسەڭلا بولدى. ئالتۇن-كۆمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلار بولسا تېخى ياخشى، قالغان ئىشنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن. {Kq*5Aq8
-بۇ... بۇ... ئەسلىدە مۇنداقكەن-دە؟ كەچۈرۈڭ، مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشالمىغۇدەكمەن. Q+y-*1
-نېمىشقا؟
Xv?
S
-چۈنكى مەن ئىشلەپ كۆنۈپ قاپتىمەن. بىكار تۇرسام ئىچىم پۇشۇدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەزەلدىن جاپا چەكمەي ھالاۋەت كۆرۈشنى، ئەجىر-مىھنەتسىز تاماق يېيىشنى ئويلاپ باقمىدىم،-چۈمۈلە گەپنى تۈگىتىپلا چىقىپ كېتىپتۇ. چاشقان ۋاقىراپ: kp#c:ym
-ۋۇ، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئەخمەق،-دەپ تىللاپتۇ. kG|>_5
بىر كۈنى چۈمۈلە يولدا كېتىۋېتىپ تونۇش بىر چىراينى كۆرۈپ قاپتۇ. ئەسلىدە چاشقان باشقىلارنىڭ ئاشلىقىنى ئوغۇرلايمەن دەپ باسماققا چۈشۈپ قالغانىكەن. چۈمۈلە:«نىيىتىڭ يامان بولسا، بېشىڭ ئامان بولماس»دېگەن سۆزنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىپتۇ.