مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       489 
  •    ئىنكاس 
       11 

يادا ئەپسۇنى ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
sampultilmaqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66368

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   714 (سوم)
 ياخشى باھا:   210 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-27

يادا ئەپسۇنى ھەققىدە )v*k\:Hw  
خانېدا ئاكىرا (ياپونىيە) =,C]d~  
         ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى ,qo^G0XO  
Ihr[44#  
ج.گ.فرازېر بۈيۈك ئەسىرى «ئالتۇن شاخ»تا تۇيغۇ ئەپسۇنى ياكى تەقلىد ئەپسۇننىڭ «ھاۋارايىنى تەڭشىگۈچى ئەپسۇن» ىن ئاساس قىلىپ مۇھاكىمە قىلغاندا «يامغۇر ئەپسۇنى »ھەققىدە بايان قىلىپ، «مەيلى تاشنى سۇغا چۆكتۈرسۈن، سۇنى چاپسۇن، ئىشقىلىپ ھەر قانداق بىر مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئەھۋالدا، يامغۇر ياغدۇرۇش كارامېتى بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن» دەپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە مەشرىقتىن مەغرىپقىچە تارقالغان نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسەتكەن. ئەپسۇسكى، يۇقىرىقى ئەسەردە شامانىزىم ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان قەدىمكى تۇرۇكلەر، مۇڭغۇللار ئارىسىدا كەڭ تارقالغارن، خېلى ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يادا ئەپسۇنى ھەققىدە ئاساسەن تۇختالمىغان(1). ئەمەلىيەتتە يادا ئەپسۇنىنىڭ «ھاۋا رايىنى تەڭشىشى»نى بىر قەدەر ۋەكىللىك مىسال دېيىش مۇمكىن. 7ku=roPoF  
        قەدىمكى تۈركىې تىلىدىن موڭغۇللارغا سىڭگەن «يادا» سۆزى چىنگىزخان دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق «يادا»، «يەدە» دىگەن شەكىللەردە خەنزۇ، پارىس ۋە ئەرەپلەر  ھەتتا ياۋروپالىقلارغىچە تۇنۇشلۇق ئاتالغۇ بۇلۇپ كەتكەن. موڭغۇللارنىڭ ئىستىلا ئۇرۇشلىرى جەريانىدا، غەلىبە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دائىم يادا ئەپسۇنىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى ئەينى چاغدىكى شەرىق–غەرىپ تارىخلىرىغا پۈتۈلگەن. F6{/iF  
«يادا» ياكى «يەدا»نىڭ ئەسلى شەكلى دەپ قارالغان قەدىمكى تۈركىې تىلىدىكى «يات»،«يادە» سۆزى «يامغۇر  ياغدۇرىدىغان ئەپسۇن» دېگەن مەنىدە بۇلۇپ، زاماننىڭ ئوتۈشى بىلەن «يامغۇر ياغدۇرۇدىغان تاش» مەنىسىدىكى «يادا قىلغان»، «يادا تاش»، «ساڭى يادا»، «ھەجەرۇل مەتەر»بىلەن ئارلاشتۇرۋېتىلگەن، دەپ قارالماقتا. يادا ئارقىلىق ئەپسۇن ئوقىغۇچى «ياداچى، يادىچى» دەپ ئاتىلىدۇ. U;*t5l  
يادا ئەپسۇنى ياكى يادا تاش ھەققىدە دەسلەپ ئې.كۇئاترېمېرى شەرق-غەرب تارىخلىرىدىكى ماتىرىياللارنى توپلاپ تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، ۋامبېرى، راۋفا، ماكۋارت، پىللىئوت قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەزكىرە، تىل تارىخى ۋە فولكلور تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا ئۇچرايدۇ. كلاۋسوننىڭ «تۈركىي تىللارنىڭ ئېتمولوگىلىيلىك لۇغىتى»دە ئۇنى تىل تارىخى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەن(2). بۇ ماقالىدە يۇقىرىقى ئالىملارنىڭ تەتقىقات سەمەرىلىرىنى ئاساس قىلىپ كۇئاترېمىرنىڭ ئەسىرى ۋە 2-3-تەتقىقات نەتىجىسىدىن باشقا ئەسلىي ئەسەرنى تېپىشقا ئىمكان بولمىدى. مەرھۇم دوكتور ئىۋائى ئوساتونىڭ «كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىكى يادا ھەققىدىكى ماتىرىياللار توپلىمى» («كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىش»، 7-جىلىد. 1961-يىلدىكى نەشىرگە كىرگۈزۈلگەن)دا بۇ توغرۇلۇق ماتىرىياللار كۆپ ئۇچرايدۇ. T31F8K3x  
1.«غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»دىكى يادا ئەپسۇنى ya5HAs  
يادا ئەپسۇنى ياكى يادا تاش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن ئەسەرلەر نۇرغۇن. چۈنيۈەن ئەپەندى يازغان «غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە» (1777-يىلى يېزىلغان. 7-جىلىد«مەھسۇلاتلار»ماددىسى) ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. گەرچە بۇ خاتىرىنى تەپسىلىي، توغرا يېزىلغان دېگىلى بولمىسىمۇ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان مەزمۇنلار بار. شۇڭا تولۇق مەنىسىنى نەزىرىڭلارغا سۇنىمەن: tQYV4h\Qj  
«يادا. چىڭلىقتا تاشتەك، كۆك، سېرىق، قىزىل، ئاق، يېشىل ۋە قارا بولۇپ، رەڭگى بىر خىل ئەمەس. چوڭ-كىچىكلىكىمۇ تەكشى ئەمەس. بۇ تاش ئۇي، يىلىقنىڭ قارنىدا شەكىللىنىدىكەن. بەزىلىرى تېخى كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرۇقى ۋە توڭگۇزنىڭ كاللىسىدىمۇ بولىدىكەن. ئۇي، يىلىقنىڭ قارنىدا شەكىللەنگىنى ئېسىل بولىدىكەن. ئۇيغۇرلار يامغۇر تىلىگەندە، سۆگەتنىڭ چىۋىقى بىلەن تاشنى ساۋىداپ، پاكىز سۇغا پاتۇرسا يامغۇر ياغىدىكەن. بوران تىلىگەندە تاشنى توسۇن ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئاسىدىكەن. تۇمان تىلىگەندە تاشنى ئاتنىڭ بىلىگە تاڭىدىكەن. ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلەيدىغان ئەپسۇنى ئايرىم بولىدىكەن. كارامەت بولماي قالمايدىكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن تۇرغۇت قالماقلار(تۇرغۇت موڭغۇللىرى) كۆپىنچە يازدا سەپەرگە چىققاندا سالقىنداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر ‹يادا سالدۇق› دەيدىكەن. لامالار يادا سالسا كارامىتى بەك تىز كۆرىلىدىكەن». :Ny[?jt c  
مەتىنىدە بىر قانچە مەنىسى، ئېنىق بولمىغان سۆز بولمىسىمۇ، يادا تاشنىڭ تېنىدە شەكىللىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن يامغۇر، بوران، تۇمان تىلىگىلى بولىدىغانلىقى، ھەرخىل يادا تاشنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئەپسۇننىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، لاما دىندىكى موڭغۇللار، ئىسلام دىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يادا ئەپسۇنى قىلىدىغانلىقى ناھايتى ئىنىق بولدى. c0HPS9N\  
بۇ مەتىنگە روسىيلىك ئالىملار بۇرۇندىنلا دىققەت قىلغان ھەمدە نەچچە رەت رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەھقىقلەنگەن.   ئەسىردە ياۋرۇپالىق ئالىملار پايدىلانغىنى مۇشۇ مەتىنىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسۇدۇر. مەسىلەن: ۋامبېرى بۇداگوف تۈزگەن «تۈرك-تاتار تىلى لۇغىتى»(1869-1871-تۈزۈلگەن)دە «غەرنىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»دىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن پايدىلانغان دەپ ھۆكۈم قىلغان(3). كوۋالېۋىسكى تۈزگەن «موڭغۇل تىلى لوغىتى»(1844-يىلى تۈزۈلگەن)دە «يادا ماددىسىغا يازغان ئىزاھاتىدا بىچۇرىننىڭ جۇڭغارىيگە مۇناسىۋەتلىك ئەسىرىدىن نەقىل ئالدىم»دىگەن(4)، بولسىمۇ، ئۇ مەزمۇن«غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان–كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»دىكى مەزمۇن بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. يەنە 1820-1821-يىلى تىمكوفىسكى يازغان «بېيجىڭغا سەپەر» دېگەن ئەسەردىكى يادانىڭ چۈشەندۈرۈلىشىمۇ(5) تامامەن ئوخشاش. شۇڭا بۇلارغا قاراپ، «غەربىي يۇرتتىكى ئاڭلىغان–كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»دىكى مەتىننىڭ تەرجىمىسى ياكى شۇنىڭدىن ئېلىنغان نەقىل ئىكەنلىكىدى گۇمان يوق. );y ZyWDV  
بىراق بۇ كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر خاتا تەرجىمە ۋە خاتا چۈشەنچىدىن خالىي بولالمىغان. مەنىسىنى تىگى-تەكتىدىن ئاڭقىرالمىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. شۇڭا ئىنىقلا قىلىپ «غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»نىڭ تەرجىمىسىدىن نەقىل ئېلىنغانلىقنى ھۆكۈم قىلغان ۋامبېرىنىڭ ئىسلام دىندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ دېگىنى ئەمەلىيەت ئىدى. يادا ئەپسۇنىنى ئىشلىتىدىغانلار شامان ئېتىقاتىدىكى تۈركلەر ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، بۇنداق خاتا چۈشەنچىنى ئاساس قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىمۇ «يەنە شامان ئېتىقاتىدا»،دەپ قارىغان. `B&=ya|bl  
قانداقلا بولمىسۇن، «غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە»دىن قارىغاندا،   ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كىيىن، كۆچمەن چارۋىچى لاما دىنىدىكى موڭغۇللار بىلەن مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار، شامان ئەقىدىسىدىكى يادا ئەپسۇنىغا ئىشىنىدىكەن. بۇ مەسىلىگە تۈركىينىڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناسى بولمىش كۆپرۈلۈزادە خېلى بۇرۇنلا شامانىزىمنىڭ ئىسلامغا بولغان تەسىرى(6) ھەققىدە توختالغان. zDEgC  
2.يادا ئەپسۇنىنىڭ كېلىپ چىقىشى PC+Soh*  
تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى رايونلار يەنى جۇڭغارىيە،ئىلى دەريا ۋادىسى، يەتتە سۇ قاتارلىق جايلارنىڭ كىلىماتى سوغۇق بولغاننى ئۈستىگە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن مەشھۇر. يىراق قەدىمكى زاماندا، بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەردە يادا ئەپسۇنى بولمىغانمىدۇ؟ ئەسىرنىڭ بېشىدا ھىندىستانلىق سەيياھ مىر ئىززەتۇللانىڭ: «بۇ ئەپسۇن مەركىزىي ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى سوغۇق جايلاردا كارامىتىنى كۆرسىتەلمەيدۇ»(7) دېگىنى يۇقىرىقى قىياسىمغا ماس كىلىدۇ. DfU= i'R  
   بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ۋېينامە»102-جىلىد .غەربىي يۇرت تەزكىرىسى ياپبان ئىلىنىڭ بايانى›دا مىلادىيە 448-يىلى جۇڭگۇغا كەلگەن ياپبان ئەلچىسى: «ئىلىدە كاتتا ئەپسۇنچىلار بارلىقىنى، جۇجانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغاندا ئەپسۇنچىلار قاتتىق قار-يامغۇر ياغدۇرۇپ، قارا بوران چىقىرىپ، جۇرجانلارنىڭ ئوندىن ئىككى-ئۈچىنى مۇزلىتىپ ئۆلۈكلىرىنى لەيلىتىۋەتكەن»لىرىنى ھىكايە قىلغان(8). بۇ ئىلى دەريا ۋادىسى ياكا يەتتە سۇ تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچىلار ئارىسىدا قەدىمدىن باشلاپ يادا ئەپسۇنى قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي ماتىرىيالدۇر. ?u;m ],w!  
ياپبانلارنىڭ تېرىتورىيسى ئېنىق ئەمەس. تۈركىي قەۋم ياكى ئەمەسلىكىگىمۇ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ جۇڭغارىيدە ياشىغانلىقى ئىنىق. «جۇۋنامە»، «ياتلار تەزكىرىسى»نىڭ داۋامى، (قەدىمكى)تۈركلەر بايانىدا: تۈركلەرنىڭ ئەجدادى نىشاتۇرنىڭ ئالاھىدە كارامىتى بولۇپ، بوران-يامغۇرنى چىللاپ كىلەلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خاتۇنى بار بولۇپ، بىرى ياز ئىلاھىنىڭ، يەنە بىرى قىش ئىلاھىنىڭ قىزى ئىكەن، دىگەن خاتىرە ئەپسۇنى بىلەن تۈركلەرنىڭ چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنى ھىكايە قىلىدۇ. {dP6fr1z  
10-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سامانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر، ئەرەب سەيياھ ئابدۇللا بىن مۇقىففە يادا دىگەن نامنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، قىماق تۈركلىرى ئارىسىدا «يامغۇر ياغدۇرىدىغان ئەپسۇن»بارلىقىنى رىۋايەت قىلغان(9). يەنە   ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆتكەن مەھمۇد قەشقىرى تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئاساس قىلغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ياغما تۈركلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەپسۇن ئىشلەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن(10). مەھمۇد قەشقىرى يەنە ياغمىلار تىلىدا «يادا»نىڭ تەلەپپۇزى «ياد»، «يات»ئىكەنلىكىنىمۇ خاتىرىلىگەن. يادا سۆزى بىلەن ئەپسۇننى نايمان تۈركلىرىدىن چىنگىزخاننىڭ موڭغۇللىرى قوبۇل قىلىپ(11)، موڭغۇللارنىڭ پائالىيتىدە ئايرىلالماس قىلىۋېتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. -5]lHw}  
3.يادا ئەپسۇنىنىڭ ئىسلاملاشتۇرىلىشى v@ qDR|?^  
ئەسلىدە شامان ئەقىدىسىگە تەئەللۇق بولغان يادا ئەپسۇنىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتكە مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنكى ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار ئىسلامچە يىڭىدىن شەرھىسىنى قوشقان. يەنە يادا تاش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بوۋىسى بولمىش نوھ ئەلەيھىسسالامدىن تۈركىي ۋە موڭغۇل قەۋملىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى يافەسكە مىراس قالغانىكەن. يافەسنىڭ يۇرتىدا سۇ قىس بولغاچقا، يافەسنىڭ تەلىپىگە بىنائەن نوھ ئەلەيھىسسالام ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ، تاشقا كارامەت يەرگەنىكەن. بۇ تاش يافەسنىڭ  چوڭ ئوغلى تۈرككە قېلىشى كىرەك بولسىمۇ، تۈركنىڭ ئىنىسى غۇز تاشنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تارتىۋېلىپ، ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرغانىكەن. بۇ مىرخوندى ئەسىرى ۋە تۆمۆرىيلەر دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەردە ھىكايە قىلىنغان رىۋايەتتۇر(12). بۇ رىۋايەتنى نۆۋەتتە    ئەسىردە ئۆتكەن ئىرانلىق تارىخچى گەردىزىنىڭ بايانىغىچە تەھقىقلىگىلى بولىدۇ. ماكۋارت ئەپەندى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك بولسا ئوغۇزلارنىڭ ئەجدادى ياكى تۈركلەرنى ئۇلۇغلىغان دەۋرىدىكى خاتىرىسىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.(13) ئەمما، بۇ يەردىكى ئوغۇز، توققۇز ئوغۇز يەنى ئۇيغۇر دىگەىلىكمۇ؟ ياكى    ئەسىرلەردىكى ئىسلام تارىخچىلىرى ئادەتتە ئاتاپ كۆنگەن سەلجۇق (ئوسمانلى)تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان ئاتالمىش تۈرۈكمەنلەر ۋەكىللىكىدىكى تۈركلەرنى كۆرسىتەمدۇ؟ دىگەن يەنە بىر مەسىلە ئايدىڭلاشمايۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، مىرخوندى تۈرك بىلەن ئوغۇزنىڭ قېرىنداشلىقى ئەمەلىيەتتە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىككى چوڭ تارمىقى ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى كىيىنلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ، قەدىمكى رىۋايەتكە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېكايە قىلغانلىقى ئىنىق. شۇنىڭدىن باشلاپ «تارىخىي ئەمەنىيە»نىڭ مۇئەللىپى موللا مۇسا سايرامىمۇ، يادا تاشنىڭ كىلىپ چىقىشىنى نوھ ئەلەيھىسسالامغا باغلاش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. لىكىن رىۋايەتنىڭ بىر قۇرۇلمىسى بولمىش تۈرك ۋە ئوغۇز ئىككى ئوغۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «يادا تاش»جېدىلى تەلتۆكۈس ھەل بولمىغان. )F\kG e  
بۇنداق ئىسلاملاشتۇرۇلغان رىۋايەت شەكلى يادا ئەپسۇنى ۋە شۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلارنى ئىسلاملاشتۇرۇلغان دەپ پەرەز قىلغىزىدۇ. تارىخى ماتېرياللاردا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مەزمۇنلار چەكلىك بولغاچقا، پەقەت يادا تاش ۋە باشقىلارنىڭ كارامىتى بارلىقىنى ھەم ئىشەندۈرۈلگەن ئەپسۇننىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىگىلا ئىسپات بولدى. نۆۋەتتە شامان ئەقىدىسىكى يامغۇر ياغدۇرۇش ئەپسۇنىنى مىسال قىلىپ پايدىلىنىدىغانغا رادلوف توپلىغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئېغىر ئەدەبىياتى توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن تۆلۆس قەۋمىدىكى شاماننىڭ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلىقىلا بار(14). يەنە بىر تەرەپتىن لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللار ئارىسىدا يامغۇر ياغدۇرۇش، ئاسماننى تۇمانلاشتۇرۇش، بوران چىقىرىش ۋە ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈشنى بۇدساتۋا ۋە باشقا تەڭرىلەرگە ئىلتىجا قىلىپ، ھەربىر ‹تارانى›غا سېغىنىشى پاللاس ئەپەندىنىڭ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن(15). يەنە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە 16.ئەسىردە ئۆتكەن ئەزەربەيجانلىق سەيياھ سەيفى(تۇرپاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى چۆلدە 40 كۈن يۈرۈپ، يازدا چۆلنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن) ‹كىلىماتنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن›(16) يادا ئەپسۇنى ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇلار ‹قۇرئان كەرىم›دىكى ‹سۇرە شەمس›تىن بىر ئايەتنى قىرائەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرە(17) بىردىبىر ئىسپاتتۇر. yiXb<g+B  
4.تۈركىي ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە شامانىزم %Ie,J5g5  
  مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئىسلاملىشىشىغا دائىر مەسىلىدە بارتولد تەسەۋۋۇپچى سوپىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى بولمىش دەرۋىشلەرنىڭ ئوينىغان رولىغا يوقۇرى باھا بەرگەن. لېكىن، فۇنكىسىيە جەھەتتىن سوپىلار بىلەن ناھىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شاماننىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. كۆچمەن چارۋىچى تۈركى خەلقلەر ئارىسىدىكى ئىسلامنىڭ بۈيۈك ماكانىنى تاشلاپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاش تەس بولغان خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ ئېھتىماللىق تەسىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن. بىراق، ئىسلاملاشقاندىن كىيىنمۇ شامانىزم تۈركى خەلقلەرنىڭ مەنىېى ھاياتىدا ساقلىنىپ، داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان(18). كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىكى تۈركى-موڭغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىش سىرىنى يېشىشتە، ئاچقۇچ بولمىش ئىسلامنىڭ ئۆزىدىنمۇ، شامانىزىم تەرتپتىنمۇ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، كادوفرۇي.دۇمۇمبىنۇس: ‹ئۇ مىللەتنىڭ ئىسلامى تۈزۈلمىسى، ئىشلەتكەن سۆزلىرى قۇرئان ئىبارىلىرىگە يېقىنلىشىۋەرگەچكە، ئىسلاملاشقان› دەپ چۈشەندۈرىدۇ(19). مەككە بىلەن مەدىنىدىن يىراق ئەلدىكى موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شالغۇتلىشىشى جىددىيلىشىپ، پارىسلارنى ۋاستىچى قىلىپ 10-ئەسىردىن باشلاپ ئاساسەن ئىستىخىيلىك ھالدا ئىسلاملىشىش يولىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار بىردىنلا ئىسلاملىشىپ  ئەسىردە ئىسلاملىشىشنى تاماملاپ بولدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى راسا ئىمانلىشىپ، ئىسلام دىندىكىلەردىن ياتلارنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىشى توختاپ كەسكىن بولمىغانلىقىنىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ. يادا ئەپسۇنىمۇ شۇنىڭ بىر مىسالى. بۇ ھەقتە يەنە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلمىسا بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. vXwMo4F*  
ئاسىيادىكى دىنلاردا مۇرەسسەلىشىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىك بار. ئاسىيادىكى دىنلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر خۇدالىق دىنلار بولمىش سام خەلقلىرىدىكى يەھۇدىي دىنى، خىرىستىئان دىنى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئىز باسارى ئىسلام دىندىن ئۆزگە پارسلاردا پەيدا بولغان زەردەش دىنى، مانى دىنى بپلۇپمۇ مانى دىنى، ھىندىستاندا پەيدا بولغان بۇددا دىنى، جۇڭگۇدىكى خەنزۇلارنىڭ داۋ ئەقىدىسى، زاڭزۇلارنىڭ لاما دىنى، ياپونىيدىكى ئىلاھىيەت ئەقىدىسى قاتارلىقلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ، مۇرەسسەچىلىكنىڭ خارەكتىرى ئۇچرايدۇ ھەم يۇقىرىقى دىنلاردىمۇ تۈركىي ۋە موڭغۇللار ئەبەدىي ساقلانغان شامانىزىمنىڭ خاراكتىرى تېخىمۇ گەۋدىلىكتۇر. ئەسلىدە شامان دىنغا يېقىن كىلىدىغان ئېتىقاتتىكى جۇڭگۇلۇقلار، ياپونلار بۇددا دىنىدەك سىرتتىن كەلگەن دىنلارنى نىسبەتەن ئاسان قوبۇل قىلىپ، ئاسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىشى بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. جۇڭگۇدا خىرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ رايىنى سىناپ كۆرگەن مىسسىيونىر بۈۋى مەريەم، خىرىستوس ۋە پەرىشتىلەرنى داۋ ئەقىدىسىچە تۈس بېرىپ ئاۋامنى ئېتىقاد قىلغۇزغاندىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى بايقاپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىدەك بىر ئېپىزوتنى رىۋايەت قىلىدۇ. شامان دىندىكى تۈركىي ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىمۇ، ھېچبولمىغاندا ئاۋامنىڭ سەۋىيەسىگە مۇۋاپىقلاشقان. يادا ئەپسۇنى ھەققىدىكى ھەقىقەت شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن بېشارەت بىرىدۇ. #O,w{S  
ئىزاھات: ]B8iQr-!  
(1)ئالتۇن شاخ»تۇرمۇش نەشىرىياتى،1934-يىلى، ياپونە نەشىرى،141-166-بەتلەر.ياقۇتلارنىڭ تاشنى ئىشلىتىپ بوراننى توختىدىغانلىقىلا كۆزگە چېلىقىدۇ. mA% }ijR6y  
(2)گ.كلدۋسون:«  ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللارنىڭ ئېتمولوگىلىيلىك لوغىتى» ئوكسىفورد نەشىرىياتى،1972-يىلى،ئىنگىلىزچە نەشىرى،883-بەت. #*lDKn[vO  
(3)ئىۋائى ئوساتو:«كۆچمەن چارۋىۋى مىللەتلەردىكى يادا ھەققىدىكى ماتېرىياللار توپلىمى»(«كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ جەمىئەت تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىش»كە كىرگۈزۈلگەن ماقالە)7.جىلىد،1969-يىلى ياپونچە نەشىرى،14-بەت. VPuo!H  
(4)كوۋالېۋسكى:«موڭغۇلچە-رۇسچە-فىرانسوزچە لۇغەت» 1849-يىلى قازان نەشىرى،3-توم 2275-بەت. [+CFQf>  
(5)مىر ئابدۇلكەرىم بۇخارى«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى »1876-يىلى،پارىژ فرانسوزچە،نەشىرى 301-بەت. pFiE2V_aS  
(6)فۇئاد كۆپرۇلۇزادە؛«تۈركىي ۋە موڭغۇللاردىكى شامانىزىم ۋە مۇسۇلمانلاردىكى تەسەۋۋۇپ»ئىستانبۇل، 1929-يىلى،ئېنگىلىزچە نەشىرى. i$}G[v<4  
(7)خىنوسيوشى:«ئىلغار سەپەر»فۇرۇڭ كىتاپخانىسى،1973-يىلى ياپونچە نەشىرى،136-بەت. hCc%d$wVk  
(8)ئىۋائى ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسى 7-بەت. {|j-e{*  
(9)دوكتور فۇجىدا تويوخاچى بۇنى خىيالىي شەخسنىڭ خىيالىي كارامىتىنىڭ بىر خىلى، دەپ قارايدۇ. ئېنىقكى، ئۇ يادا ئەپسۇنىنى خاتا ۈشىنىۋالغان.(«شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»غەربىي يۇرت سەھىپىسى ئوكۇشوگېن،1933-يىلى ياپونچە نەشىرى،484-،485-بەتلەر). Y#-c 
(10)ماكۇۋارت:«شەرقىي تۈرك دىئالىكىتلىرى، 1914-يىلى،بېرلىن،گىرمانچە نەشىرى ،100-بەت).ئۇ يەنە :«تۈركلەردىكى يادا »سۆزى ياۋرۇپالىقلارغا «قاشتېشى»، پارس ۋە ھىندىلارغا سېھىر)جادۇ مەنىسىدە ئومۇملاشقان.«كۆپچىلىككە مەلۇمكى ‹يادا تاش›خوتەننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلار يېرىلغانىكەن.شۇڭا خوتەن دەرياسى بىلەن يەكەن دەرياسى، كېرىيە دەرياسى بىلەن پىشامشان دەرياسى يادا تاشنى يۇيىۋەتكەنىكەن»،دەپ قارايدۇ. \>EUa}%xn  
(11)مەھمۇد قەشقىرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1943-يىلى، ئەنقەرە، تۈركچە نەشىرى، 3-توم، 14-159-بەتلەر. n!~QC  
(12)رەشىىددىن فەزىللا:«جامىئۇن تاۋارىخ» تېھران، ھىجىريىنىڭ 1338-يىلى، پارسچە نەشىرى،179-بەتتە:«نايمان تۈركلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئوڭخان 1202-يىلى چىڭگىزخانغا ھۇجۇم قىلغاندا،قار ياغدۇرۇپ بوران چىقىرىپ،«يادا لىمىشى (يادا مىشى؟)قىلغان.......قار بىلەن بوران ئۇلار تەرەپكە ئۇچقان»دىگەن قىززىق بايان بار. ){u# (sW  
(13)كۋاترېمېرې:«موڭغۇل تارىخى» پارىژ،1836-يىلى،فرانسوزچە نەشىرى،428-بەت. LV 0gw"  
(14)ماكۋارتنىڭ ماقالىسى37-بەت. C R't  
(15)موللا مۇسا سايرامى:«تارىخىي ئەمىنىيە»1905-يىلى،قازان نەشىرى،موللا شاكىرنىڭ «زەپەرنامە»سىدە ئاقسۇدىكى جەڭدە يادا تاش بىلەن يامغۇر ياغدۇرغانلىقى خاتىرىلەنگەن-تەرجىماندىن. eYjF"Aq  
(16)چادۋىك.جىرمۇنىسكى:«ئۇرالنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا »كامبىرىج،1969-يىلى،ئىنگىلىزچە نەشىرى،163-بەت. i!JSEQ_8  
(16)پاللاس:«شەرقتىكى موڭغۇللار تارىخى»پېتېربۇرگ،1801-يىلى،رۇسچە نەشىرى،348-350-بەتلەر. $(OL#>9Ly  
(17)مىر ئابدۇلكەرىم بۇ خارارىنىڭ يۇقىرىقى ئەسىرى،300-3001-بەتلەر. " ;8kKR  
(18)«سوفىزىم ۋە تۈركىي خەلقلەر دىگەن ماقالەمگە قاراڭ. Sn.I{~  
(19)گۇدېفروي-دېمومېنۇس:«مۇسۇلمانلار ھەققىدە تەتقىقات»1921-يىلى،پارىژ نەشىرى،17-بەت. -%[6q  
1. Q"<[M  
*>o@EUArN  
xBw ua;  
eR3MU]zF  
Z%r8oj\n  
(بۇ ماقالە خانېدا ئاكىرانىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ھەققىدە تەتقىقات»دىگەن ياپونچە كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)                                 ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى  f|yq~3x)  
مەنبە:‹مىراس›ژورنىلى 2004.يىللىق 4.سانى ZQ_~ L!ot  

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-24, 19:47
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
dilbar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   773 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2666 (سوم)
 ياخشى باھا:   421 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   597  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5474
 سائەت
دەرىجىسى:
5474 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-24

دىمەك ،يادا ئەپسۇنى ئۇيغۇرلاردىن مۇڭغۇللارغاۋە ئوتتۇرا جوڭگۇغا تەسىر قىلغان .....ئىسىل تېما........
 
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
kvyqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43993

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   233 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1729 (سوم)
 ياخشى باھا:   531 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 68
 سائەت
دەرىجىسى:
68 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-24

سىز دىمەكچى  ، ئويغۇرلار ئىشۇ 1777يىللىرىمۇ مۇسۇلمان ئەمس، شامان دىنغا ئىتقاد قىلغان ؟؟؟؟؟
 
قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!
Naprat2009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4456

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8750 (سوم)
 ياخشى باھا:   526 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   683  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6278
 سائەت
دەرىجىسى:
6278 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-28
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-24

قومۇلدا بۇ ئادەت 30 يىل بۇرۇنلا بار ئىكەندۇق، ئانامنىڭ دېيىشىچە، يۇرتىمىزدا ئۇدا يامغۇر يېغىپ توختىماپتىكەن، 7 ئادەم ئەزان ئېيتىپ يامغۇرنى توختاتقان دېگەندەك پاراڭلارنى سېلىپ بېرەتتى، يادا ئەپسۇسىنىنى قومۇلدا ھازىرمۇ بىلىدىغان كىشىلەر بار، پەقەت ئىسلامچە ئامىللار قوشۇلۇپ قالغان. =:v5` :  
مۇنداق دېسەم بەزىلەر ئىشەنمەيدۇ...لېكىن بۇ رېئاللىق دە
 
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1918 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11594 (سوم)
 ياخشى باھا:   1702 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   697  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4682
 سائەت
دەرىجىسى:
4682 سائەت 268 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-27
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-24

ئەفسۇننىڭ ھىچقايسىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس
 
afhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66004

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   68 (سوم)
 ياخشى باھا:   13 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 582
 سائەت
دەرىجىسى:
582 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا يامغۇرنى تىلەپ ياغدۇغىلى بولىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى qxe%RYdA'j  
ئاڭلايتتىم...   دېمەك بۇ راسكەندە.. ?nAKB5=  

 
ataohli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24989

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   342 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8287 (سوم)
 ياخشى باھا:   1312 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1645  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 872
 سائەت
دەرىجىسى:
872 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

بىدئەد   خالاس    تۇقۇيمەن دىسە  مەن ئەۋلىيانىڭ ئەۋلادى  دەپ يىزىرۋېرىدۇ     ئىسلامدىنى  بۇنداق ئىشلارنى چەكلىسە  نەدىن كەلدى ئۇ يادا ئەپسۇننى ئىسلاملاشتۇرۇش دىگەن گەپ    بىر گەپ ئۇيغۇرچە ئاھاڭغا چۇشسە  ئۇيغۇرچە دەپلا يۇرۇيدىغان گەپكەن   پىسا قاتلىمىسى  پىشسا قاتلىمىسى  ، كاستىيۇم  كاساتون  ، ئەمدى يادا  يادقا   .  ......   يەنەا نىمە چىقا ر ئۆلمىسەم ئاڭلامەن    
 
كىم بۇلىشىمدىن قەتئى نەزەر  مەنبىر ئاللاھنىڭ بەندىسى
boldibas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.65723

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   59 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-27
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

/read.php?tid=64790&displayMode=1#864672 CRWO R pP  
كىم شۇنداق دەيدۇ سىزگە ؟ بىلمىسىڭىز يازماڭ ، نوھ پەيغەمبەردىن ئوغۇللىرىغا قالغان دەۋاتسا ئىسلامچە ئەمەس دېگەن نېمە گەپ ئەمدى ؟
 
a1b2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.66527

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-25
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،، تالاشماڭ لا
 
mamatabla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7962

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5280 (سوم)
 ياخشى باھا:   197 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2378
 سائەت
دەرىجىسى:
2378 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-28
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئانامدىن ئاڭلىشىمچە «يادا تېشىنى»سۇغا چىلاپ تۇرۇپ داخانلار ئوقۇسا يامغۇر ياغارمىشكەنتۇق.    
 
uzumtal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49911

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   421 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7069 (سوم)
 ياخشى باھا:   458 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 273
 سائەت
دەرىجىسى:
273 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-25

  يۇقۇرقى تىمىنى يازغان ئاپتۇر ،ۋە مۇنبەرگە يوللىغان ئادەم، كۆزۇمگە ئىللىق كۆرۇندى . )<|TEp4r-  
s6$3[9Vh&9  
  .......... ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇش ،توختۇتۇش. بوران چىقىرىش . بىر ھاكىمىيتنى ئاغدۇرۋىتىش .......دىگەندەك ئىشلارغا ئوقۇيدىغان دۇئالەرنى بىر كىشنىڭ  تىلەك ،ئارزۇسىغا باغلاپ قويسا . شۇ ئادەمنىڭ قىزىققانلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان قەۋىم ياكى ھەكىمىيەت ئۇستىدىن كىلەر-كەلمەس ،ئانداق-مۇنداق دۇئالەرنى قىلىپ ،دۇنيانىڭ مۇئەييەن بىر تەرتىپىنى بۇزۇپ ،يەر يۇزىدە قالايمىقان پىتنە-پاسات تىرىپ. يەر يۇزىدىكى مەلۇم بىر قەۋىم، ياكى مەلۇم بىر  ھاكىمىيەتلەرنىڭ ،ئاللاھ ئۆزى بەلگۇلەپ بەرگەن، مۇئەييەن بىر ۋاقىتقىچە ،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ھالىتى، خاتىرجەملىككە ئىگە بولمايتتى . 1m0':n Vdu  
    شۇڭا ئاللاھ  مۇنداق ۋەزنى ئىغىر ، بىر مىللەتنىڭ ،ھاكىمىيەتنىڭ..... كەڭ دائىرلىك پالىييەتلىرىنىڭ، بىر ئادەمنىڭ شەخسى غەرىزى بىلەن ،ئاستى-ئۇستى بولۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلش ئۇچۇن، بۇلار ئۇستىدىن ئوقۇلىدىغان دۇئالەرنى ئوقۇغاندا ،چۇقۇم ئەڭ ئاز بولغىندا  100000 دىن 500000 مىڭغىچە مۇسۇلماننىڭ ، پاكىز تاھارەت ئىلىش بىلەن بىرگە، نارىسىدە باللارنى  كۆپرەك قاتناشتۇرۇش شەرىت قىلنغان.  مانا كۆيۇمچان مىھرىبان ئاللاھنىڭ بىرەر مۇسۇلمان قەۋىمنىڭ ،ئۆزنىڭ ئۇستىدىن باشقا بىر قەۋىمنىڭ، زورلۇق قىلىش .قىرغىنچىلىق قىلش ،تالان-تاراج قىلىش.....تەك زورلۇق بىسىملارغا تاقابىل تۇراي دىسە  ،ئۆزلىرىنىڭ ئۇستىدىن زورلۇق قىلىۋاتقان ،شۇ كىشىلەرنىڭ ئۇستىدىن غەلبە قىلغۇدەك ،ئىقدىدارى يوق، بىر شارائىت ئاستىدا ،يۇقۇردا بايان قىلىنغاندەك ،نەچچە يۇزمىڭ مۇسۇلماننىڭ، بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە پاكىز تاھارەت ئىلىپ، كۇنلەرنىڭ ئىچىدىن مۇبارەك بىر كۇننى تاللاپ ،شۇ جامائەتنىڭ ئىچىدىن ،تەقۋادار بىر مويسىپىتنىڭ يىتەكچىلىكىدە ،ئىككى رىكەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھقا شۇ ئۆزلىرىنى ئەزگۇچى قەۋىمنىڭ ئۇستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلش توغۇرسىدا، دۇئالەردە بولسا، ئاللاھ دۇئالىرىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ئىزىلگۇچى  قەۋىمنى ، بىر نەچچە يىل يەنى تۆت يىلىدىن سەككىز يىل ئىچىدە ،شۇ زالىم قەۋىمنىڭ قولىدىن   (  ئاللاھنڭ ئازدۇرىشى بىلەن شۇ زالىم قەۋىمنى بىرەر بىر سىياسى مەنپەت، ياكى ئىقدىسادى مەنپەت ئۇچۇن ،ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇقشماسلىقتىن، ئۆزىدىن ئۇستۇن كۇچلۇك بولغان بىر قەۋىم ياكى دۆلەتنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇشقا ئوخشاش ....ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇش ئاساسىدا ،ئۆزىدىن   زور دەرىجىدە كۇچلۇك بولغان قەۋىم ياكى دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قىلىپ ، شۇ زالىم قەۋىمنىڭ شۇ كۇچلۇق دۆلەت بىلەن ،ئۇرۇش پاتپارقچىلىغى بىلەن بولىۋاتقاندا، شۇ ئۆزلىرى نەچچە يىلدىن بىرى  ئىزىۋاتقان ،مۇسۇلمان قەۋىمنىڭ ئىچىدىكى ،بىرەر يىراقنى كۆرەر بىلملىك ئادملەرنىڭ دىلىغا، مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىش توغۇرلۇق ،خىيالنى سىلىش بىلەن، شۇ قەۋىمنىڭ ،ئۆزلىرىنى ئىزىۋاتقان زالىم قەۋىمنىڭ ئۇستىگە ، قوزغۇلۇپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ،بىر مەيدان ئىنقىلابنى قوزغاش ...........دىگەندەك ئىشلارنى سەۋەب قىلىپ، ئىزىلىۋاتقان قەۋىم ياكى مىللەتنى ،ئۆزلىرىنىڭ ئۇستىدىن زۇلۇم سىلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىن   )  قۇتۇلدىرىدۇ ...........   d.Z]R&X08  
مەسىلەن : بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى شۇ زاماننىڭ ئكزىدىكى ئەڭ كۇچلۇك ۋە قابىليەتلىك بولغان فىرئەۋىننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغان . jmFN*VIL  
يىقىن زاماندىكى مۇشۇنداق ئىشلاردىن، يۇگۇسلاۋىيدىكى سىرىب مۇسۇلمانلىرى ( قارا تىزىملىكتىكى كىشلەر ) EDo (  
ئافىرىقا. |}`5< a!6U  
كۆسوۋۇ. u! i5Q  
تاجىگىستان .قىرغىسىستان. ئۆزبىگىستان....................بۇ مىللەتلەرنى باشقۇرۋاتقانلار ئەينى شۇ دەۋىردە دۇنيادىكى ئەڭ كۇزۇر ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلەرىدىن ئىدى ھىكىم بۇ قەۋىملەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلالايدۇ دىسە ئىشەنمەيىتتى ... cC4T3]4l '  
ئەجدادى نەچچە ئەسسىر قۇل بولۇپ ئوتكەن ، ئوبامانى ئامېرىكغا زۇڭتۇڭ بولىدۇ دىسە ھىچكىم ئىشەنمەيىتتى . ff#-USK^R  
پەلەستننىڭ داھىيسى ( ئاللاھ شۇ كىشىدىن زارى بولسۇن ) ئەرەپاتنى ئۆزنىڭ رەقىبى بولغان يەھۇدى 23-24 ياشلاردىكى بىرقىز ياخشى كۆرۇپ قىلىپ توي قىلىدۇ دىسە ھىچكىم ئىشەنمەيىتى . -  -G1H  
زەڭگى دەپ خورلىنىۋاتقان بىر قارا تەنلىك ئاننانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبى بولىدۇ دىسە ئىچكىم ئىشەنمەيىتتى ..........دىمەك دۇنيادا مۇندەق گەپلەرگە ئىشىنىدىغانلار بەكلا ئاز ئىدى. nR7\ o(!  
ئۇلا ئاللاھنىڭ يۇقاردىكىدەك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرشىدا نىمىلەرنى مەخسەت قىلغاندۇ ؟ ئى قەلبى روشەن دوسلىرىم ئىزدىنەيلى .ئۆيلىنايلى ، تىرشايلى ، مۇنداق پىت بىسىپ يەپ-ئىچىپ ئۆلۇپ كەتمەيلى............. '!R,)5l0h  
Xo`1#6xsE  
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ - بىر قىينچىلىقتىن كىيىن بىر ئاسانلىق بار .  مەنىسى يىشىپ يۇرمىسەممۇ سىلەرمۇ چۇشىنىسىلەر بۇ ئايەتنىڭ. |=LkV"_v  
   Bu1z$#AC  
  دىمەك ! ھەر قانداق ئارزۇ قىلۋاتقان نىيەتلىرىمىز ئۇچۇن، ياخشى غايە ،ياخشى نىيەت بىلەن تىرىشپ تىرىشچانلىق كۆرسىىتپ، ئاللاھنىڭ سەۋەب قىلىڭلار دىگەن، مۇبارەك سۆزىنىڭ قاراتمىغىلىقىغا مۇناسىپ ،كۇچ-قۇۋىتىمىزنىڭ يىتىشچە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت سەۋەبىنى ،قىلىپ بەرسەكلا  ھەر قانداق قىيىن ئىش ،يەككە-يىگانە قۇدىرەتلىك بىر ئاللاھقا ناھايىتى ئاسان................ i.sq ^]j  
Z=0W@_s  
لىكىن يۇقۇردىكى ئىش ،ھەر بىر مەلۇم بىر دەۋىردە، بۇ ئىشلارنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ شەرىتلىرىمۇ . ئىش ھەركەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ،پىرىنسىپىلىرىمۇ  ،مۇئەييەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . ............  شۇڭا ...شۇڭا  ئىنكاسنى مۇشۇنداق يىزىش كىرەك   j;)6uia*A  
مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەرلك بولىدۇ ھە دوسلار ! ............................
[ بۇ يازما uzumtal تەرپىدىن 2011-11-25 09:17 PM دە ق ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
Kiyok مۇنبەر پۇلى +100 تۈنۈگۈن 17:23 كۆزقارىشىمىز ئوخشاشكەن قېرىندىشىم
 
تادۇ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.59302

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   276 (سوم)
 ياخشى باھا:   72 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 548
 سائەت
دەرىجىسى:
548 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:52

سىھىر ئىشلەتكۇچىلەرنىڭ ئاخىرەتتە نىسىۋىسى بولمايدۇ.
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى