ئادەمنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى بەك گۈزەل ، ئاجايىپ شېرىن ھېسلارغا چۈمۈلگەن بولىدىكەن!تۇرمۇشنىڭ بۇ شىددەتلىك بورانلىرىدا ئاشۇ
>e;-$$e گۈزەل بالىقىمنى ، بۇۋامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇچتەك ئاقارغان ساقاللىرىنى بۇدرىققىنە قوللىرىم بىلەن تارتىپ ئويناپ ، ئۇنىڭ غارايىپ ھېكايىلىرى قاينىمىغا غەرق بولغانلىرىمنى چەكسىز سېغىنىمەن ... ئەڭ بولۇپمۇ مەھەللىمىز ئايىغىدىكى قۇملۇقتىكى ئاشۇ ھەۋەتلىك توغراقنى بەك سېغىنىمەن... ئېسىمگە كەلگەندىن بېرى بالىلار بىلەن ئاشۇ توغراق يېنىدا نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق، ئۇ يەرگە بالىلارنىڭ ھەممىسى يېغىلغاچقا ئەڭ قىززىيدىغان جاي شۇ يەر ئېدى . ئانىلار باللىرىنى تاپالمىسا ئۇدۇل شۇ يەرگە كېلەتتى . بىز ئۈچۈن جاھاننىڭ مەركىزى شۇ يەر ئېدى.... ھېلىمۇ ئېسىمدە بۇۋامدىن:‹‹ بۇۋا ، توغراقلارنى قۇملۇققا كىم تېككەن؟›› دېسەم ، بۇۋام كۈلۈپ كېتىپ :‹‹ قۇملار بۇرۇن شامالدا ئۇچۇپ توختىمىغاندا، خۇدايىم توغراققنى قۇملۇققنى قوغداشقا ئەۋەتكەن.›› دەپ جاۋاب بەرگەنىدى، مەن :‹‹ئۇنداق بولسا بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى چوڭ توغراقنىمۇ خۇدايم ئەۋەتىپتىكەندە؟›› دېسەم بۇۋام كۈلۈپ كەتكەنىدى.....
y*
+y& باشلانغۇچ 6-يىللىققا چىققاندا ئۇ مەھەللىمىزدىن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق ، لېكىن شۇ مەھەللەمنى ئاشۇ قېرى توغراقنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇردۇم،نەچچە قېتىم بېرىشنى ئويلىساممۇ ئارىلىق بەك يېراق ھەم ئۇ يەردە تۇققىنىمىز يوق ئىدى.
P?0X az ....يىللار بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چېقىپ ، توي قېلىپ بالىلىق بولدۇم، بالاممۇ 7ياشقا كىردى ، ئۇنىڭ سەبىي قېلىقلىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالىمەن . ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم يوغان توغراقنى سۆزلەپ بەردىم ، ئۇ ھەر دائىم شۇنداق قىززىقىپ ئاڭلايتتى . مەن ۋاقىت چېقىرىپ ئوغلۇمنى شۇ مەھەللىگە ئاپارماقچى ، ھەم بالىلىقىمدا نۇرغۇن شېرىن،گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن شۇ مەلەمگە بېرىپ كەلمەكچى بولدۇم.
J@3, ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار دېگەندەك قىشلىق تەتىلدە بالامنى مەلەمگە ئېلىپ ماڭدىم....
c!6D{(sfh مەھەللىگە كېلىپ سەل ھەيران قالدىم، ئۇ يەرگە نۇرغۇن تونۇمايدىغان كىشىلەر كۆچۈپ كەپتۇ،مەھەللىلەردە چۇرقىرىشىپ ئوينايدىغان كېچىك بالىلارمۇ يوق .... بالام :‹‹ دادا ھېلىقى توغراق قەيەردە؟››سورىدى،مەن ئۇنى توغراقلىققا ئاپادىم ....ئاھ ، تونۇش يوللار،ئاھ بالىلىق ! ئاھ ،گۈزەل يۇرتۇم ئاخىرى كەلدىم قوينۇڭغا...يولدىكى ئاپپاق قارلارنى كۆرۈپ رەھمەتلىك بۇۋامنىڭ ئاپپاق ساقاللىرىنى ئەسكە ئالدىم.... .
|2(q9j نۇرغۇن خېياللار بىلەن مەھەلىنىڭ ئاخىرىدىكى توغراقلىققا كەلدۇق ، مەن بالامنى يېتىلەپ ھىلىقى يوغان توغراقنىڭ يېنىغا كەلدىم ، ئاھ خۇدا! بۇتوغراققا نىمە بولدى؟ ئۇنى خەقلەر ھەرە ، ئورغاق ، پالتا بېلەن كېسىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ يۇزىدە ھەرە پالتىلارنىڭ ئېزلىرى قاپتۇ . بۇ يەردە ھازىر ئوينايدىغان بالىلار قالماپتۇ....ئېچىمدە بۇيەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەرگە مىڭنى كايىدىم:‹‹ بۇنداق گۈزەل ماكاننى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان قانداق نىمىلەردۇ ئۇ ؟ نېمىگە بۇلارنى كېسىدۇ، ئۇلاردا مۇھىت ئېڭى يوقمىدۇ؟ قۇم_بوراننى تېزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ توغراقلارنى كەسكەن قانداق ئىپلاس قوللاردۇ شۇ؟...››
:#rP$LSYC _دادا سەن دېگەن شۇ يوغان توغراق مۇشۇما؟_دەپ سورىدى ، بالام تۇيۇقسىز . كوڭلۈم بەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى: ).`
<FT7QO$I _شۇ.... 28
2b"*~O; _قىزىزق ئەمەسكەن ، سەن مېنى ئالداپسەن !!! ئۆلۈپ قاپتۇ، ئەمدى كۆكلىيەلمەيدۇ.... _دېدى ئۇ، ‹‹ئەمدى كۆكلىيەلمەيدۇ ›› بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىگىم قارتلا قېلىپ قالدى ، كۆزۇمگە ئاچچىق ياش كەلدى . مەن ئورۈلۈپ ئۇنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ تېخىمۇ ئۇماق بولۇپ كەتكەن يۈزىنى ئىككى ئالقىنىم بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ قەتئىي ئېشەنىچ بىلەن:
IskL$Y ^
-ياق بالام ، ئۇ توغراق جاھاندا نامى مەشھۇر ، ئۇ ھەمىمىدىن قەيسەر . توغراق مىڭ يىل كۆكلەيدۇ، مىڭ يىلغىچە يېقىلمايدۇ، يېقىلىپ مىڭ يېلغىچە چېرىمايدۇ.....ئوغلۇم زىمىستان قىش ھامان كېتىدۇ ،باھار ھامان كېلىدۇ . شۇ چاغدا بۇ توغراق ھامان كۆكلەيدۇ.... ئوغلۇمنىڭ سەبىي چىرايىدا ھەيرانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، ئۇ: _دادا، كۆكلۈگىنىنى مەن كۆرەلەمدىم ؟_دەپ سورىدى.مەن ئۇنىڭ تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ: _سەن كۆرەلەيسەن، سەن كۆرەلمىسەڭمۇ سنىڭ باللىرىڭ چوقۇم كۆرەلەيدۇ........ ,
gQnr. مەنبە : ئوزۇم ئابدۇخېلىل (ئېسيانكار)
r.C6`
a [ بۇ يازما Azizim تەرپىدىن 2011-11-19 10:14 AM دە قا ]