d$n<^~Z مەن ئىككى يىل ئىلگىرى قەدىمقى بابىلوننىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بىر كىتابچىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، كىتابتىكى بىلىملەر ھەقىقەت كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كۆپچىلىكنى ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىپ نەپ ئالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتتە مۇنبەرگە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولسا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
s&\krW& D|'[ [=
خەنزۇچە نەشرىگە كىرىش سۆز J.c
yb نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابخانىلارنى ئارىلاۋېتىپ ئىختىيارسىز قەدىمقى بابىلوننىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان «The Richest Man in Babylon» ناملىق كىتابچىسى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابچىدىكى ھېكايىلەر ماڭا ئانچە ئالاھىدە بىلىنىپ كەتمىگەچكە، بۇ پەقەت بىر قىسىم ئاددىي ھېكايىلەر ئىكەنغۇ، ھېچقانچە قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق ئىكەن دەپ قارىغان ئىدىم.
qtFHA+bO جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن، چەتئەل كىتابلىرى تىزىلغان كىتاب جازىسىدا بۇ كىتابنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە بازىرى ئىتتىك كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مەن ئۈچۈن بىر مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، جۇشقۇن، ئەمما جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ كىتابچىغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن.
9d!mGnl نەچچە يىللىق مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، خىزمەتتىن ئىگىلىك تىكلەشكىچە، شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىتاب ئىشكابىمنىڭ بۇلىڭىدا شۈمشىيىپ تۇرغان بۇ كىتاپنى كۆرۈپ قالدىم. ساقلاپ قويغىنىم ياخشى بوپتىكەن، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ قايتىدىن تەپسىلىي ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇش جەريانىدا، ئىلگىرى نادانلىق قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، كىتاپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرى ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمنى يۇرىتىۋەتتى، نەچچە يىللىق مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىك كەچمىشلىرىمنى ئويلاپ، ئەسلىدە كىتاپچىدا بايان قىلىنغان ھېكايىلەرنىڭ دەل مەندە كەم بولغان ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
h]j>
S مەن چەتئەلنىڭ نەزەرىيىلىرى جوڭگۇغا كىرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا ئەسلا ماس كەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە قوللىنىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان پاراسەتلەرنى بالدۇرراق بىلىۋالغان بولسام، بەلكىم كىشىلىك ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا كېلىپ قالماس ئىكەنمەن.
3kVN[0 بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە، بىرلىكتە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر دوستۇمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ كەسىپتە ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان ئىدى. مەن كىتابتىكى ئىگىلىك تىكلەش پاراسەتلىرىنى تىلغا ئالغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: «چەتئەلدە ئوقۇۋاتقاندا بۇ كىتابنى ئوقۇمىغانمۇ؟» دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئاغىزىم تۇۋاقلىنىپلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ كىتابنى مەنمۇ ئوقۇغان. ئەمما، گۈدەكلىكىم تۈپەيلى، ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويغان ئىدىم.
D?4bp'0 3 دوستۇم ماڭا كىتابتىن ئۆگەنگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە كاتتا بايغا ئايلىنىش جەريانلىرىغا قانداق تەدبىقلىغانلىقىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى نەچچە يىللىق كەچمىشلىرىمنى قايتا ئەسلىتىپ، نادانلىقىم ۋە مەنمەنچىلىكىمگە ئۆكۈندۈردى.
"ZFH_5< شۇنىڭ بىلەن مەن بۇكىتابنى قايتا تەتقىق قىلىش قارارىغا كەلدىم. ھەمدە زور بىر تۈركۈم ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت ماتېرىياللارنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ، ئۇلاردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتىم، ئەسلىدە ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت بارلىق پاراسەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئېنگىلىزچە كىتابتىكى 6000 يىللار ئىلگىرىكى قەدىمقى بابىلوندىن تارقالغان ئەقىل-پاراسەتلەرنىڭ كەڭەيىتىلمىسى ۋە خۇلاسىىسى ئىكەن.
.=9d3uWJ/ شۇنداق قىلىپ، مەن قەدىمقىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەل ئىچىگە تارقىلىپ كېلىۋاتقانلىقى چۈشەندىم. ئەسلىدە ئۇ خۇددى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئىگىلىك ئاسمىنىدا مەڭگۈ چاقناپ، ئىگىلىك تىكلەش يۇلىدا ئېزىپ قالغانلارغا تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. بۇ كىتابتىكى ئەقىل-پاراسەتلەرنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما مەن ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالدى.
$ k_6 بۈگۈنگىچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن يېڭىباشتىن نەتىجە قازانغۇچىغا ئايلىنىپ، ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. ئەمما، بۇ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلەرنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋالغان بولسام ئىككى يىللىق ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتمىگەن بۇلاتتى.
i4&V+h" ماڭا ئوخشاش ھېچ نەرسېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى يوق ھاكاۋۇر، مەنمەنچى، ياشلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ بۇ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلەردىن ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتلىنەر دېگەن ئۈمىدتە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدىم. ئىگىلىك تىكلەش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
— خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن
^@Z8_PZo ^$[
iLX ئېنگىلىزچە نەشىرىگە كىرىش سۆز
_z9~\N/@[ خەلقنىڭ بېيىشى بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىكى مۇھىم مەنبەدۇر.
vb}c)w
dp? بۇ كىتاب ى قانداق قىلغاندا ئۆز ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرۇپ بېيىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت، جاپالىق تېرىشىش ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن مەنبەلىنىدۇ، تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن روياپقا چىقىدۇ. پەقەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە پۇختا تەييارلىق بولسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ. ئويلانماي قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىشنى ئاقىلانىلىق دېگىلى بولمايدۇ، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملا ھەقىقى ئەقىل-پاراسەت ھېسابلىنىدۇ.
3jHg9M23[^ بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ بايلىقنى چۈشىنىشى ۋە بېيىشىنىڭ مەنىۋى دەرۋازىسى. خۇددى كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك، بايلىققا تەشنا بولغان كىشىلەرنى ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بېيىشىغا، شۇنداقلا ئاز بايلىقتىن قانداق پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىشغا ياردەم بېرىدۇ.
=r3g:j/>q بۇ كىتاب ئۇقۇرمەنلەرنى قەدىمقى بابىلون دەۋرىگە باشلاپ بارىدۇ. قەدىمقى بابىلون ‐‐‐ مالىيە ئىشلىرى ۋە سودىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى تارقاتقۇچى مۇھىم مەنبەدۇر. قەدىمقى بابىلونلۇقلارنىڭ بۇ پىرىنسىپلىرىنى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى ئىتىراپ قىلغان ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدە قوللانغان.
VCvf'$4(X مەيلى قايسى خىلدىكى ئوقۇرمەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ كىتاب ئۇنىڭ گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلىرىنى تېخىمۇ بېيىتالايدۇ، ھەمدە شەخىسنىڭ ئىقىتساد باشقۇرۇش مەسىلىسىدىكى قىينچىلىقلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
]bYmM@
بابىلوننىڭ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ باي قۇدرەتلىك مەركىزى شەھەرگە ئايلىنالىشىنى، شۇ دەۋىردىكى پۇلدارلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قەدىمقى بابىلوندا ياشاپ ئۆتكەن پۇلدارلارنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ساغلام ۋە مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا تايىنىپ، جۇغلاش، مەبلەغ سېلىش، پۇل تېپىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، ئاشۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش جەريانىنى تاماملىغان. شۇنداق، ئۇلار تۈگىمەس بايلىق ياراتتى. بۇ دەل بىز يەتمەكچى بولىۋاتقان گۈزەل ئارزۇلاردۇر.
— جورجى كلاسسون
jBl$r{L مۇقەددىمە ^)
C# نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئىككى پارچە مەخپىي خەت
0Gu?;]GSv بابىلوننىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرى قىزغىنلىقىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بابىلوننىڭ سىرى ۋە رىۋايەتلىرى بۇ قەدىمى شەھەرگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنى بارغانسېرى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار مەردانىلىك بىلەن ئارخېئولوگىيە سېپىگە قوشۇلدى. كىشىلەر بابىلوندىن ئىبارەت يوقىلىپ كەتكەن قەدىمقى مەدەنىيەتلىك دۆلەتتىكى قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ تېزراق بايقىلىپ، ئىنسانىيەتكە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بابىلون نۇرغۇن كىشىلەرگە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇمۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات سېپىگە قوشۇلۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بابىلوندىن ئىبارەت قەدىمقى مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسېنى ئۆز قولى بىلەن ئېچىپ، ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئېنىق تونۇتۇشنى ئارزۇ قىلىشىۋاتاتتى. ئەنە شۇ ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە پارلاق ۋەزىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەنگىلىيىدىكى مول ئارخېئولوگىيە بىلىمىگە ئىگە ئارخېئولوگلار ئەنگىلىيە ئىلمىي قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئورگىنى قورغان مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىگە كېلىپ تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فرانكىلىن كادۋېر ئىسىملىك مۇھىم شەخسمۇ بار ئىدى.
ukRmjHbLf بابىلونغا قىزىققۇچى مۇتەخەسسىلەر گۇرپپىسى ناھايىتى تېزلا بۇ سىرلىق ماكانغا يېتىپ كېلىپ قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئالتە ئايدىن كېيىن پروفېسسور كادۋېر كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بىر خارابىلىكتىن سېغىز-تاشقا ئويۇلغان ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بەش پارچە پۈتۈكنامە تېپىۋالدى، ھەمدە ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوراپ، ئەنگىلىيىگە بارىدىغان پاراخۇت ئارقىلىق نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى شرېۋسبۇرىغا ئەۋەتىپ پروفېسسوردىن ياردەملىشىپ پۈتۈكنامىدىكى يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىپ بىرىشىنى ئۈتۈندى. ئۇ شىنا (شىنا شەكىللىك، مىخ شەكىللىك) يېزىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئالىي مۇتەخەسس پروفېسسور شرېۋسبۇرى بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن ئىدى.
1aUg({ پۈتۈكنامىلارنى ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن، كادۋېر ئەنگىلىيىدىن خەت كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى. پروفېسسور كادۋىر خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ تاقەتسىزلەنگە ھالدا كونۋېرتنى ئاچتى. ئۇ پۈتۈكنامىلاردىكى مەخپىيەتلىكنى بالدۇرراق بىلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەن ئىدى.
O,S>6o)? ze21Uj1x* بىرىنچى پارچە خەت
$1Zr.ERL|( ئەنگىلىيە فىدراتسىيىسى\ نوتتىنگىخام شەھرى
1GB]Yi[> ترېنت دەرياسى نېۋارك
q?@* نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى\دانىشمەن ساۋىرسىن ئىنىستىتوتى
_x^rHADp 1934-يىلى10-ئاينىڭ 21-كۈنى
N">#fYix ئەنگىلىيە ئىلمىي ئۇسۇلدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى\مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور فرانكىلىن كادۋېرغا تېگىدۇ.
%b2Hm9r+ قەدىرلىك پروفېسسور:
k8%@PC$ ياخشىمۇسىز! ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭىزگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن، مېنى ئەتىۋارلىغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت، بۇنچە قىممەتلىك بۇيۇمنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم، سىز ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن. سىز بابىلون خارابىلىكىدىن تېپىۋېلىپ ماڭا ئەۋەتكەن بەش پارچە پۈتۈكنامىنى ساق سالامەت تاپشۇرىۋالدىم. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار مېنى تولىمۇ جەلىپ قىلدى، پۈتۈكنامىدىكى يېزىقلارنى چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بابىلوننىڭ سىرلىق تارىخىنى قېزىش داۋامىدىكى يېڭى بىر قەدەم بولۇپتۇ. جاپالىق ئەمگىكىڭىزگە ئاپىرىن! خېتىڭىز ۋە پۈتۈكنامىلارنى تاپشۇرىۋالغاندا، سىزگە خەت يېزىۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ خىزمەت ھەلەكچىلىكى ۋە تەرجىمە خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىكى تۈپەيلىدىن جاۋاپ خەت قايتۇرالمىدىم. ھازىر تەرجىمە قىلىپ بولغان بارلىق يېزىقلارنى خەتكە قۇشۇمچە قىلىپ ئەۋەتتىم، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز بىلەن سېغىز-تاش تاختايلارنى مۇكەممەل ھالەتتە تاپشۇرىۋالغاچقا تەرجىمە خىزمىتىممۇ نىسبەتەن تېز بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆچۈپ كەتكەن جايلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خالىغانچە تەرجىمە قىلىشقا پېتىنالمىدىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
=6'bGC%c تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا رەھمەت، بۇلار ھەقىقەتەن ھەر قانداق بايلىقتىنمۇ قىممەتلىك گۆھەرلەر ئىكەن. تەرجىمەمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزنىڭمۇ مەندەك تۇيغۇغا كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، سىزنىڭ بايقىغىنىڭىز راستىنلا بابىلوندىكى يەنە بىر پارلاق جاي ئىكەن. تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرىم تەرجىمە قىلىپ بولغان يېزىقلارنى كۆرۈپ، ھەممىسى: «بۇ بايقاش دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى بىر مۆجىزىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بابىلون تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى يىڭى بىر ئىلگىرلەش بولۇپتۇ» دېيىشتى.
AjoIL دەسلەپتە، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم قەدىمقى بابىلونلىقلار قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بىر قانچە پارچە پۈتۈكچىگە خاتىرلەنگىنى يىراق قەدىمقى دەۋىردىكى رومانتىك شېئىر ۋە رىۋايەتلەر، ۋە «مىڭ بىر كىچە»گە ئوخشاش پەلسەپىۋى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايىلەر بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدۇق، ئەمما تەتقىقاتنى باشلىغاندىن كېيىن، پەرەزلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئەسلىدە پۈتۈكچىلەرگە ئويۇلغان يېزىقلار داباشىر ئىسىملىك قەدىمقى بابىلونلوق بىر كىشىنىڭ قەرىز قايتۇرۇش جەريانى ئىكەن. بىز سېغىز-تاش تاختايلاردىكى يېزىقلار ئارقىلىق ھازىرقى شەھەرلەرنىڭ 6000 يىللار ئىلگىرىكى يىراق قەدىمقى بايلىق شەھىرى بابىلوندىن ھېچقانچە پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۇ شەھەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخدىكى بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق.
aAG']y كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، خۇددى خىزمەتداشلىرىم تەسۋىرلىگەندەك، بۇ قەدىمقى شىنا يېزىقلىرى بىزگە چاخچاق قىلغان ئىدى. بۇلار ھەرگىىزمۇ ئاددى پۈتۈكچىلەر بولماستىن، قەدىمقى بابىلوننىڭ زور مەخپىيەتلىكى ساقلانغان گۆھەر ئىكەن. داڭلىق ئونىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر مەزگىل كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل بىلىملەردىن ئەتراپلىق مەلوماتقا ئىگە بولغان ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولساممۇ، بىراق يىراق قەدىمقى بابىلوننىڭ پۈتۈكچىلىرىدىن خىيال دېڭىزىمغا ئۈزۈپ كىرگەن داباشىر، مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان قەرىز قايتۇرۇش ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك بېيىش يوللىرىنى سۆزلەپ بەردى، بۇلار قەرىزنى قانداق قايتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەميانىمىزدىكى پۇلنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش توغرىسىدىكى سىر بولۇپ، مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. تەرجىمەمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭمۇ مەندەك تەسىراتقا كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
lP*=4Jh ماڭا نىسبەتەن، بۇ روھىمنى ئۇرغۇتىدىغان ئاجايىپ چارە-ئامال بولدى، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، بىز قەدىمقى باىبىلونلۇق داباشىرنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدۇق، مەنچە بۇ ئۇسۇللار تامامەن ئۈنۈملۈك. مەن ۋە ئايالىم مۇشۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردەم بىرىشنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىگىلىكىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. بۇلارنى ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بايقىشىڭىزغا رەھمەت، بەلكىم بۇلار تۇرمۇشىمىزدا زور بورۇلۇش ھاسىل قىلىپ، بۇ پۈتۈكچىلەردىكى پاراسەتلەرنىڭ دەلىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
:8==Bu ئاخىرىدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ پۈتۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بابىلوننىڭ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلىرىنى بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا بىرلىكتە قوللىنىشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىزگە يەنە بىر قېتىم ياردەم بېرىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : پروفېسسور شرېۋسبۇرى
K_-m:P OEXa}K# بىرىنچى پارچە پۈتۈكچە
} # L_R Gf:dN_e6. ئاي تولغان ۋاقىت، مەن داباشىر، سۇرىيە قۇللىرى سالاھىيتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ، قايتىدىن بابىلونغا قايتىپ ئەركىن ئادەمگە ئايلانغۇچى. شەك-شۈبھبسىزكى بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى يېڭى باشلىنىش، يېڭىدىن توغۇلۇش بولدى، قەلبىم ئۈمىدكە ۋە ئىلاھقا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان ئىدى.
sUK|*y مەن بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇررۇپ، بابىلونلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر پۇلدارلاردىن بولۇپ، قۇللۇق ئارا-نۇمۇسۇمنى تەلتۈكۈس يويۇشقا بەل باغلىدىم. ھازىر، قەرىز قايتۇرۇش جەريانىم توغرىسىدىكى مەڭگۈلۈك خاتىرىلەرنى ئويۇپ قالدۇرماقچىمەن. بۇنىڭ ھاياتىمدىكى تىلىكىمگە يېتىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر يول كۆرسەتكۈچ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
noEl+5uY مەن يېقىن دوستۇم — سەرراپخانا خوجايىنى ماسسوننىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى زور ئىلھامغا ئېرىشتىم، قەلبىم ئىشەنچكە تولدى، شۇنىڭ بىلەن كارغا كېلىدىغان مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا بەل باغلىدىم. ماسسوننىڭ سەمىيمى مەسلىھەتى قەرىز قايتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم ئۈچۈن، قايتىدىن بايلار سېپىگە قوشۇلۇشقا ئاتلىنىشتكى بىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئۇسۇل ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، بۇ ئۇسۇل مېنى ئوزۇن مەزگىللىك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغۇسى!
!H{>c@i بۇ پىلان مەن ئىزچىل تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھەۋەس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ نىشانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ھاياتىمدىكى ئەڭ چوك ئارمانلىرىم ئىدى.
u86
PTp+ ئاۋۋال، بۇ مېنى كەلگۈسىدە بىر زەردارغا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم پىلان، شۇنداقلا مېنڭ بۈيۈك مەقسىتىم. شۇڭا، كېيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن، بارلىق كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى ساقلاپ قويىمەن. ماسسون بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ: «بىر ئادەم ھەميانىدىكى ئاقچىلىرىنى ياخشى نازارەت قىلالىسا، ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا شاھقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان بولىدۇ، بۇمۇ شاھقا ساداقاتمەن بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى» دېدى. مەن ئۇزۇن مۇددەت يىغىش ئارقىلىق، تەدرىجى ئۈزۈمگە تەئەللۇق مۈلۈكنى توپلاپ، كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى.
~TeOl|!lE+ «بىرى ھەميانىدا نەچچە يارماقلا قالدۇرۇپ قويسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئائىلىسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىز، شاھقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇنداق ئادەمنى ھەرگىزمۇ ساداقەتمەن كىشى دېگىلى بولمايدۇ.» مەجبۇرى ھايات كەچۈرۈش مەھكۈملىكىگە مۇپتىلا بولغان بۇنداق ئادەم قانداقمۇ بېيالىسۇن؟
M X7Ix{ «يىغىپ قويغان پۇلى يوق، ھەتتا قەرىزگە بوغۇلغان ئادەم، ئائىلىسىگە شەپقەتسىىىز، شاھقا ساداقەتسىز كىشىدۇر، بۇنداق كىشىلەر تەڭرىنىڭ جاراسىغا ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. بۇنداق ئادەم قەرىزدىن قېچىپ ھاياتىنى دەككە-دۈككىدە ۋە مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. »
);6f8H@G «شۇڭا، ھەميانىنى ئالتۇن كۆمۈش بىلەن توشقۇزۇشقا تەشنا بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان، شاھقا ساداقەتمەن پۇخرا ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ. شۇندىلا ئاخرىدا بېيىش يولىغا يۈزلىنەلەيدۇ.»
D6+3f#k6 ئۇنىڭدىن قالسا، بۇ ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ كىيىم-كىچەك، يىمەك ئىچمەك غېمىنى تۆگىتىدىغان پىلان، مەن بۇنىڭغا ئۇزۇن يىل تەشنا بولۇپ كەلگەن. ئىلگىرى قەرىزىمنڭ كۆپلىكىدىن، ئايالىمنى ئانىسېنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خورلۇق ئىدى. ھازىر گەرچە ئايالىم يېنىمغا قايتىپ كېلىپ ماڭا ناھايىتى ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئايالىمنىڭ مېنى تاشلاپ كەتمەي قايتىپ كېلىپ توغرا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك، ئەمەلىيەيتتە ئۆزۈممۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تايىنىشقا بولىدىغان ئەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ شۇ ئارقىلىق ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپ، قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ماسسون ئېيتقاندەك، ئايالىغا ياخشى قارىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش، ھەرقانداق بىر ئەر پەخرلەنگۈدەك ۋە ماختانغۇدەك ئىش، بۇ شۇنداقلا يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق كىشى قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە ۋە شىجائەت ھازىرلاپ بولغان بولىدۇ، مەن ھازىر ئۈزۈمنىڭ بۇنداق ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىمگە، زەردارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىمغا، ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن قايتىدىن بەخىتلىك تۇرۇمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشىنى ئائىلەمنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، شۇنداق قىلغىنىمدىلا ، يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلماي بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن. بۇ بىر ئەر، بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئائىلىگە نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ۋە ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىم، مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم پۇللارنى باشقا خىراجەتلەرگە ئىشلىتىمەن، يەنە بىر قىسمىنى زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاخىرى بىر كۈنى بېيىش يۇلىغا ماڭالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
&zJ*afi) ئەمما، ماسسون ماڭا يەنە، بېيىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلەمنىڭ بارلىق خىراجىتىنى چۇقۇم كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدە تىزگىنلىشىمىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك خىراجەتكە ئىگە بولالايدىغانلىقىمنى تەكىتلىدى.
$p&eS_f ماسسوننىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى، كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېتىشتە تامامەن مەسىلە يوق ئىدى، بۇنداق قىلغاندا بىز يەنە تۇرمۇشتىكى ئارتۇقچە چىقىمنى تېجەپ قالالايتتۇق، بۇ بىز ئۈچۈن پۇل يىغىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا مەن خىراجەتنى پەقەت كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدىلا كونترول قىلىشىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىقىم كېرەك. بۇ ئۆزۈمگە شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرگە بەرگەن ۋەدە، ئارزويۇمغا قىلىنغان ۋەزنى ئېغىر ختاب ئىدى.
bZ OCj1 N- knhA R8eBIJ/@_ }1~9i'o%Z ئىككىىنچى پارچە پۈتۈكچە
6NhGTLI B)1( بۇ قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمنى تاماملىشىمغا ياردەم بىرىدىغان پىلان. شۇڭا ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى ئۈلۈشىنى ئايرىپ، سەمىيمىيلىك ۋە ئادىللىق بىلەن بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ ماڭا ئىشەنگەن، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ماڭا ياردەم قىلغان، دوستلىرىم ۋە قەرىز ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىمەن. بۇنداق قىلغاندا ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنە كىرىمىمىزنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ، كەلگۈسى تۇمۇشىمىزنى كاپالەتلەندۈرەلەيمەن.
Zf
مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، «قەرىزدار» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن. 9+s&|XS*
شۇڭا مەن بۇ قېتىم ئاي تولغاندا، بۇ سېغىز تاختايغا، بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئىسمى، قىلىدىغان ئىشى، مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قەرىز سوممىسېنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويۇپ چىقتىم، بۇنداق بولغاندا ئۆزۈمگە بىر نىشان تۈزۈپ چىقىلاتتى، بۇ سېغىز تاختاي ھەر ۋاقىت مېنى قەرىز قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىپ تۇراتتى، ئۇ بولسىلا مەن قىلچە بۇشىشىپ قالمايتتىم. {6:*c
فارۇ: تۇقۇمىچىلىق سودىگىرى، ئىككى ئاقچا، ئالتە يارماق؛ ag47 $9(
سىنگا: دىۋان(سافا) ئۇستىسى، بىر ئاقچا؛ svl!"tMXl
ئامەر: دوستۇم، ئۈچ ئاقچا، بىر يارماق؛ zNoFM/1Vb
جامكار: دوستۇم، تۆت ئاقچا، يەتتە يارماق؛ HF_8661g
ئاسكامىر: دوستۇم، بىر ئاقچا، ئۈچ يارماق؛ .Wy'
خالىنشىر: ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى، ئالتە ئاقچا، ئىككى يارماق؛ ~wv$uL8y
ئاكاخا: ئۆي ئىگىسى، 14ئاقچا؛ -)')PV_+
ماسسون: سەرراپخانا خوجايىنى، توققۇز ئاقچا؛ ,(K-;Id4
بىرىيجىك: تېرىقچى، ئىككى ئاقچا، يەتتە يارماق؛ R#;xBBt8
(بۇنىڭ ئاستىدىكى خەتلەر ئۆچۈپ كەتكەچكە پەرىقلەندۈرەلمەي، مۇشۇ يەرگىچىلا تەرجىمە قىلالىدىم.)....... <4vCx
yF.Gz`yi
,@?9H ~\
ئۈچىنچى پارچە پۈتۈكچە /NCN wAj7
WlvT&W
شۇڭا مەن بۇ قەرىزلەرنى تەپسىلىي ھېسابلاپ كۆردۈم، قەرىز ئىگىلىرى ۋە دوستلىرىمدىن بولۇپ جەمئىي 190 ئاقچا 140 يارماق بوپتۇ. بۇلار قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ۋە قوللىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا تامامەن ئىشەنگەنلىكى ئىدى، شۇڭا، مەن قانچىلىك كۆپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قەرىزلەرنى پاك-پاكىزە قايتۇرۇشىم كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا مەن ياش، تۇرمۇش تەجرىبەم كەمچىل بولغاچقا، شۇنچە كۆپ قەرىزگە بوغۇلۇپ، قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، ئايالىمنىڭمۇ ماڭا تايىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ قېيىن ئاتامغا بېقىندى بولۇشقا مەجبۇرلىغان. ئۈزۈممۇ ئامالسىز بابىلوندىن ئايرىلىىپ، ناتۇنۇش ئەلگە بېرىپ بىيىش يولى ئىزدىگەن، ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولدا كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكۈنلىشىپ قۇلغا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرىپىدىن مالغا ئوخشاش سېتىلغان ئىدىم. بۈگۈن، بۇ قەرىزلەرنى تاختايلارغا ئويۇپ قالدۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ۋە ياشلىقتىكى قەرىزىمنى قايتۇرۇشقا يۈزلىنىپ، سەۋەنلىكلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت. مەن بۇ قەرىزلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن، شۇڭا رېئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلىنىشىم كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن. >Jx=k"Kv+
مەن ھازىر ماسسوندىن ئۆز كىرىمىمدىن قانداق پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن تۇرمۇشنى قامداپ، يەنە بىر تەرەپتىن قەرىز قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. ماسسوننىڭ ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن ھايتلىقتىكى تاڭ شەپىقىگە ئوخشاش، قەلبىمنى يورۇتتى. شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى قۇۋەتلەيمەن، ھەمدە ئۈزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن كارغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۈزۈمنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە بەتخەجلىكى تۈپەيلىدىن كانايغىچە قەرىزگە بۇغۇلغانلىقىمنى، رېئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلەنمىگەنلىكىمنى، ياش ۋە ئەقىلسىزلىقىمنى، ھاماقەتلىكتە ئۇچچىقا چىققانلىقىمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئەمدى ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق بۇ مەھكۈم روھىمنى قۇتۇلدۇرىشىم، يەنى ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق دادىل ھالدا بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشۇم كېرەك.
wLqj
مەن ماسسوننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىشەنىچكە تولغان قەلبىمنى جۈرئەت ۋە جاسارەت روھى بىلەن سۇغۇرۇپ بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنى يوقلاپ چىقىپ، ئۈزۈمگە ۋە قەرىز ئىگىلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىشىم كىرەك. چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلاردىن مېنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈتۈنۈشىم، ھازىر پەقەت پۇل تېپىپ قەرىز قايتۇرۇشتىن باشقا ئامالىم يوقلىقىنى، شۇڭا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى قىسمىنى تەڭ بۆلگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ھەر بىر قەرىز ئىگىسىگە بىرىش ئارزۇيۇمنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك. نۆۋەتتە مەن قەرىزىمنى پەقەت ئاز-ئازدىنلا قايتۇرالايمەن، كۆپلەپ قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن، ئەمما ئۇلارغا ناھايىتى تولۇق ئىشەنچ بىلەن كاپالەت بىرەلەيمەن، مۇبادا ئۇلا ماڭا ئىشەنسە، ئۇزۇنراق مەزگىلدە بارلىق قەرىزنى ئاز-ئازدىن پاك-پاكىزە قايتۇرۇپ بولىمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ قۇشۇلىشىغا باغلىق. W$NFk(
ئامەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سەمىمىي ياردەم قولىنى سۇنغان، ئەمما ئۇ بۈگۈن ئازراقمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن، يۈزمۇ-يۈز تورۇپ مېنى قاتتىق تىللىدى، مەن ناھايىتى ئۇڭايسىزلاندىم، ئىزا تارتقان ھالدا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. تېرىقچى بىرىيجىك ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەرىزىنى قايتۇرۇشۇمنى ئۈتۈندى، چۈنكى ئۇنىڭ قولى قىسقا بۇلۇپ، پۇلغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدى، مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پەقەت ئاز-ئازدىن قايتۇرالايدىغانلىقىمنى، بىر يوللا قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئاخىرىدا ئۇ ئامالسىز قارارىمغا قوشۇلدى. ئۆي خوجايىنى ئاكاخامۇ ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئۇ قەتئىي ھالدا دەرھال يارماقلارنى قايتۇرۇشۇمنى، ئۇنداق قىلالمىسام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ ناھيىتى ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم، ئەمما ئۇسۇلۇم بويىچە قەرىزنى چۇقۇم پاك-پاكىزە قايتۇرىدىغانلىقىمنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردىم، مېنى قوغلاپ چىقارسا، ماڭا بەرگەن قەرىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى، قوغلىۋەتمىسە ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى ئۆي ئىجارىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغانلىقىمدىن ئىبارەت بىر نوقتا ئاخىرى ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى. jmaw-Rx
خۇشاللىنارلىقى شۇكى، قەرىز ئىگىلىرى تەكلىپىمنى سۈكۈت ئىچىدە قوبۇل قىلدى، دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ياخشىراق ئامالى يوق ئىدى، مەنمۇ قەرىز قايتۇرۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتىم. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇسۇلۇم قەرىز ئىگىلىرىنى قايىل قىلدى، تۆۋەندىكىسى مېنىڭ قەرىز قايتۇرۇش جەريانىمدىن ئىبارەت. باتۇرلۇق بىلەن قەرىزگە يۈزلىنىشىم، قەرىزدىن قېچىپ يۇشۇرنۇپ يۈرۈپ دەككە-دۈككىدە ياشىغىنمدىن كۆپ ياخشى ئىدى، شۇڭا بۇ ئامالنىڭ كىشىنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىرچە بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرالمىغان بولساممۇ، ئەمما كۆپ سانلىق قەرىز ئىگىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدىم، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش بېسىمىممۇ يېنىكلەپ قالدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاياتىمدىكى مۇھىم مۇساپە ئىدى، شۇنداق قىلىپ مەن قەرىز قايتۇرۇش سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم. md'wre3
;NdH]a{
mR@d4(:J?
تۆتىنچى پارچە پۈتۈكچە r/ g{j
7:uz{xPK6
يەنە بىر قېتىم ئاي تولغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى. ھەر قېتىمقى ئاي تولغان ۋاقىتتا قەلبىم ھاياجانغا تولاتتى. بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ، خاتىرجەم ھالدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدىم، ئايالىممۇ پىلانىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەردى، مەن بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى. تەمكىنلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خوجايىنىم تۆگە سودىگىرى — ناباتقا بىر توپ تېمەن تۆگە ئېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، مېنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاپ، 19شېكىل ئىش ھەققى بەردى. _1G/qHf^S
مەن پىلانىمغا ئاساسەن كىرىمىمنى بۆلۈپ، ئوندىن بىر قىسمىنى ساقلاپ قويۇپ، ئوندىن يەتتە قىسمىنى ئائىلىنى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئايالمىغا بەردىم، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىتا ئۇنچىلىك قىينىلىپ كەتمەيتتۇق، ئېشىپ قالغان ئوندىن ئىككى قىسمىنى بىر قانچە يارماققا بۆلۈپ، بىر قىسىم قەرىز ئىگىلىرىگە ئاپىرىپ بەردىم. t7x<=rW7u
قەرىز قايتۇرغىلى بارغاندا ئامەرنى تاپالماي، ئۇنىڭغا تېگىشلىكىنى ئايالىغا بەردىم. تېرىقچى بىرىيجىككە تېگىشلىكىىنى تاپشۇرغاندا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇپ، مېنى سەمىمىي ئادەم ئىكەنسەن، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرالىساڭلا قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ بۇلالىغۇدەكسەن دېدى. شۈبھىسىزكى، بۇ مەن ئۈچۈن زور ئىلھام ئىدى. پەقەت ئاكاخا تاغىلا قەرىز قايتۇرۇشۇمنىڭ ئاستىلىقغا كايىپ، قەرىزنى يەنىمۇ تېزراق قايتۇرۇشنى سۈيلىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر تويغىدەك تاماق يېيەلىگەن، تۇرمۇشتا ئۇنچىلىك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولسام قەرىزلىرىڭنى تېزلا قايتۇرۇپ بولغان بولاتتىم، دەپ جاۋاب بەردىم. باشقا قەرىز ئىگىلىرى رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى ھەمدە مىنى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تىرىشچان بولۇپ كېتىپسەن دەپ ماختاشتى. ھەمدە مەندىن رازى بولۇپ ، مۇشۇنداق ھەر ئايدا بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىشتى. Eq;w5;7s
شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن قەرىزىم تۆت ئاقچا ئازايدى، قەرىز ئىگىلىرىنى تاپالمىغانلىقتىن يەنە ئىككى ئاقچا ئارتۇق يىغىۋالدىم. ئۇزۇندىن بىرى مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان غەم-قايغۇلار بىر قسىم قەرىزلەرنى قايتۇرغاندىن كېيىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مۇكەممەل پىلاننىڭ، ماسسوننىڭ تەكلىپىنىڭ تۆھپىسى ئىدى. مەن ماسسونغا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ قورساق قەرىز ئىگىلىرىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى باشلىنىش بولدى، شۇڭا بۇ پىلاننى ئۇزۇن مۇددەت يۈرگۈزىمەن. j0{`7n
ناھايىتى تېزلا ئاي تولغان كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ ئايدا تىرىشىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئەمما نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى بولالمىدى، ئىشلاردىمۇ ئانچە ئىلگىرلەش كۆرۈلمىدى. شۇڭا بۇ ئايدا ئاران 11 شىكېل ئىش ھەققىگە ئېرىشەلىدىم. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئاددىي ئوزۇقلانغان، كىيىم-كىچەكلىرىمىز كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، پىلان بويىچە قەرىز قايتۇرۇشنى دۋاملاشتۇردۇق. بۇ قېتىملىق قەرىز قايتۇرۇشتا، ئامەر ئاز بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ماختىدى، بۇنىڭدىن مەن ئەس ھۇشۇمنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدىم، بىرىيجىكمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ مىنى بىر قۇر ماختاپ چىقتى. پەقەت ئاكاخالا قاتتىق تېرىكىپ، تىللىۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا مەن ناھايىتى پەم بىلەن ئۇنىڭغا ئاز كۆرۈپ ئېلىشنى خالىمىغان بولسىڭىز ئىككى ئايدا سىزگە بەرگە پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، قاچان سىزگە بارلىق قەرىزلىرىمنى بىر يوللا قايتۇرۇپ بېرەلىگىدەك بولغاندا ئاندىن بېرەي، بۇنداق بولغاندا مەنمۇ يەنە ئاۋۋال باشقىلارنىڭ قەرىزلىرىنى بالدۇرراق قايتۇرالايمەن دېدىم. ئاكاخا سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئاخىرى مۇرەسسەگە چۈشتى. باشقا قەرىز ئىگىلىرى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا، تەدرىجى قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى بولدى. بۇ شۈبھىسىزكى ماڭا نىسبەتەن زور ئىلھام ئىدى، مىنىڭ قەرزلىرىم يەنە بىر قانچە كۈمۈش يارماق ئازايدى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۈزۈمنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، قەرىزلىرىمنى چۇقۇم قايتۇرۇپ بولالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم يەنىمۇ ئاشتى. *|\bS "
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر ئاي تولغان كۈن يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم سېغىز تاختايغا خەت ئويغان ۋاقىتتا مەن ناھايىتى خۇشال ئىدىم، چۈنكى ئاجايىپ بەلەن بىر توپ تۆگە ئۇچىراپ قېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىدىن تاللاپ بەردىم، خوجايىننىڭ موكاپاتلىشى بىلەن بۇ ئايلىق ئىش ھەققىم 42 شېكىلغا ئۇلاشتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئايدا ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بىر قانچە جۈپ ساندال(ساپما كەش) ۋە كىيىم سېتىۋېلىپلا قالماي، قوي گۆشى ۋە قۇش گۆشلىرىگە ئېغىز تېگەلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەرىز ئىگىلىرىگە 8 شېكىلدىن ئوشۇقراق كۈمۈش يارماق قايتۇرالىدۇق. بۇ قېتىم ئاكاخامۇ پىكىرىمگە نارازىلىق بىلدۈرمەي، قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قەرىزلىرىنى تېرزراق قايتۇرۇشقا قىستاپمۇ كەتمىدى. T{+a48,;
بۇ مۇكەممەل پىلان بىلەن مەن تەدىرىجى قەرىز چۈشەكلىرىدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، ئازراق بولسىمۇ پۇل يىغالىدىم. كەيپىياتىممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بېسىمىممۇ ئازايدى، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى بەخىتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن بۇ پىلاننى ئۇيۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۈچ ئاي تولغۇچىلىك ۋاقىتنى سەرىپ قىلدىم، ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ قويدىم، بەزىدە، پۇل قىس بولۇپمۇ قالدى. ئەمما، كىرىمنىڭ ئوندىن يەتتىسى بىلەنمۇ يەنىلا تۇرمۇشنى قامداپ كەتكىلى بۇلاتتى. ھەر ئايدا تاپقان پۇلۇمنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بىلەن قەرىز قايتۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىش ھەققىمنىڭ يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇممۇ يامان ئەمەس قامدالدى. يەنە تېخى ئازراق پۇلمۇ يىغىۋالدىم. پىلانىمنى داۋاملاشتۇرالىساملا كەلگۈسۈمنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىدا گەپ يوق ئىدى. 1[Yl8W%pj
ھازىر يانچۇقۇمدا 21 ئاقچا بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن، باشقىلارنىڭ نەزىرىگىمۇ ئۇلىشالايمەن. مەن ئەمدى يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق گاداي ئەمەس، پۇلۇم بار بولدى، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ھەرقانداق ئادەمگە ئائىلىسېنىمۇ باقالمايدىغان يارىماس ئادەم ئەمەسمەن دېيەلەيمەن. t}h(j|
ئايالىممۇ ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۆينى رەتلىك، پاكىزە تۇتتى، بىز يەنە خېلى يېڭى كىيىملەرنى كىيەلىدۇق. تىرىشچانلىقىمىز بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئايلاندى. m6BUKX\m
بۇ مۇكەممەل پىلان بىزگە كۈتۈلمىگەن شادلىق ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلدى. بۇ تەڭىرىنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق مەندەك گادايغا قىلغان ئىلتىپاتى، ماڭا ئامراقلىقى، مۇشۇ پىلاننى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىساملا بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئۇۋاقىتتا يېنىمدىكى پۇلمۇ كۆپىيىدۇ. ~$T>,^K
y
zu
@|"f^`
%+j/nA1%S
بەشىنىچى پارچە پۈتۈكچە A
9BoH[is7
~%>i lWaHB
بۈگۈن يەنە ئاي تولغان كۈن. ئەمما، بۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز ئالاھىدە كۈن. مەن سېغىز تاختايلارغا خەت يېزىشتىن باشلاپ ھازىرغىچە تەخمىنەن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. Fik;hB
بۈگۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۈن، بۇ مەن ئۈچۈن ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنى، چۈنكى بۈگۈن قېپقالغان ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىسىم قەرىزىمنى قايتۇرىۋېتىمەن. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئىنتايىن خۇشال، بىز زىياپەت ئۈستىلى ھازىرلاپ، جاسارىتىمىز ۋە ئىرادىمىز، شۇنىڭدەك بۇ يۈكسەك نىشانىمىزنى ئورۇنلاپ، بارلىق قەرىزلىرىمىزنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىمىزنى تەبرىكلىدۇق. ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىللىق جاپالىق قەرىز قايتۇررش جەريانىمنى ئەسلەپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى. ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى، بۈگۈندىن باشلاپ، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىمەن. ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە، مەن ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار يۈز بەردى. ئامەر ماڭا ئاھانەت قىلىپ تىللىغانلىرىنى ئەپۇ قىلىشىمنى ئۆتۈندى، ھەمدە مېنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ياخشى دوستى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتى. }9
\6!GY0
ئاكاخامۇ ماڭا قايتا قاپاق تۈرمىدى، ئەكسىچە سەمىمىي ھالدا: «سەن ئىلگىرى بىر ئوچۇم لايغا ئوخشاش باشقىلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئىدىڭ، ئەمما ھازىر ئۆز تىرىشچانلىقىڭ ئارقىلىق بىر پارچە ئۆتكۈر بىسلىق مىس زۇلپىقارغا ئايلاندىڭ، ئەگەر پۇلغا ئېھتىياجلىق بولساڭ، ئىزدەپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمەن. ساڭا ئىشىنىمەن، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنسەن» دېدى. /fT"WaTEK
ئاكاخالا ئەمەس باشقا قەرىز ئىگىلىرىمۇ ماڭا ھۆرمەت پوزىتسىيسى ۋە نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئايالىمنىڭ ھاياجانغا ۋە شاتلىققا تولغان كۆرلىرى مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى، مەن ئەمدى ئائىلىگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە كۈيىنىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقرا بولدۇم. !|4]V}JQ
ئاشۇ مۇكەممەل پىلان مېنى غەلبىگە يۈزلەندۈرۈپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە، مەسئۇلىيەتچان ئەرگە، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقراغا ئايلاندۇردى. ئۇ بارلىق قەرىزلىرىمنى تۆلىشىمگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە ئوندىن بىر قىسىم تاپاۋەتنى جۇغلاپ ئاز بولمىغان تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلدى. شۇڭا، بېيىشقا تەشنا بولىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پىلانىم بويىچە ئىش كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا چۇقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ. ئۇ پىلان يېنىدا بىر تىيىن پۇلى يوق مەندەك بىر قۇلنى قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ يەنە خېلى كۆپ تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلالىغان ئىكەن، باشقىلارنى تېخىمۇ يىراق مەنزىلگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، مەن تېخى بۇ پىلاننى پۈتۈنلەي ئورۇنداپ بولالمىدىم دەپ قارايمەن. ئەمما پەقەت ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلىسەملا ھامان بىر كۈنى، بابىلوندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بايلارغا ئايلىنالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، مانا بۇ پىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانى ئىدى. "QXnE^
كۆرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پروففېسسور كادۋېرنىڭ تۇيۇقسىز قانلىرى ئۇرغۇپ، قوللىرى يېنىك تەرلەپ، قەلبى ھاياجانغا تولدى، ئەسلىدە ئۇ بۇنداق بىر مۆجىزىنى بايقاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار بىر قىسىم دوستىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق قەرىز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ھېچكىممۇ بۇ ئامالنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى. بىراق، كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىر قانچە بەت تەرجىمە ماتېرىيال ئۇنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، داباشىرنىڭ بۇ پىلانى ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل پىلان ئىدى، ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش قارىشى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايان قىلغىنىدىنمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىدى. (VMCVZ
«بابىلون خارابىلىكىدە چۇقۇم يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا دائىر مەسلىھەت شۇنىڭدەك بېيىش مەخپىيەتلىكى ساقلانغان»، پروففېسسور كادۋېر كەيپىياتىنى سەل تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئويغا چۆمگەن ھالدا: «مەن بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسلىھەتى ۋە بېيىش پاراسەتلىرىنى قېزىپ چىقىشىم كېرەك، بۇ ھازىرقى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ۋاقتى ئۆتمىگەن ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە پاراسەتتۇر. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىم. بىراق بابىلون خارابىلىكىدە راستىنلا يەنە بۇلارغا ئوخشاش سىرلىق تاختايلار بارمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسېنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېتەكچى ئەھمىيىتى بارمۇ قانداق؟» دەپ پىچىرلىدى. klQmo30i
پروفېسسور كادۋېرنىڭ بۇ پىلانغا نىسبەتەن نۇرغۇن گۇمانى بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە ئىپادىلەش قىيىن بولغان بىر خىل كۈچنىڭ ئىلھامى ئۇنى بۇ تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھېكايە مەيدانغا كەلدى. T=-UcF
خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، پروفېسسور بىر تەرەپتىن سېغىز-تاش تاختايلارنى قېزىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرىنى پۈتۈكچىلەرنى يېغىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ 565 پارچە پۈتۈكچە يىغىۋالدى. ئۇ باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ پۈتۈكچىلەر ئىچىدىكى 398 پارچىسېنىڭ ئاشۇ سىرلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا كۆپ تەشەككۈر، نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسەت تارقىلىدىغان بولدى، [nV BnB
بۇ سىرلىق پۈتۈكچىلەر ئالدىدا، پروفېسسور كادۋېر ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەل-پەل ئەندىشە قىلىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتۈكچىلەرنى ئەنگىلىيگە ساق سالامەت يەتكۈۈزش چوڭ بىر قۇرلۇش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇرەككەپ شىنا يېزىقلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇلارنى كولاپ چىققاندەك ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ زىھنى كۈچ كېتەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ پروفېسسور شرېۋسبۇرىنى قانداق تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرەتتى. ^ fC2o%3^
ئۇ كۆڭلىدە: «پروفېسسور شرېۋسبۇرى مۇشۇ يەردە بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى، پۈتۈكچىلەردىكى پاراسەتلەرنى قېزىپ چىقالىغان بوللاتتۇق» دەپ ئويلايتتى. z-gMk@l
ئىككىنچى پارچە خەت 6}R*7iMs
جوڭگۇلۇقلار، ساۋساۋنىڭ گېپىنى قىلسىلا ساۋساۋ كېلىدۇ دېگەندەك پروفېسسور كادۋېر ئاشۇلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن يەنە بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدى، بۇ خەت دەل پروفېسسور شرېۋسبۇرىدىن كەلگەن ئىدى. 6ZHeAb]"
پروفېسسور كادۋىر تاقەتسىزلەنگەن ھالدا خەتنى ئاچتى، ئۇنىڭ قوللىرى ھاياجاندىن تىتىرەۋاتاتتى، ئۇ كەيپىياتىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى. P/ 6$TgQ
ئەنگىلىيە\ئەنگىلىيە فىدراتسىيىسى\ نوتتىنگىخام شەھرى [sH3REE1h
ترېنت دەرياسى نېۋارك $ dI
mA
نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى\دانىشمەن ساۋىرسون ئىنىستىتوتى
Co(N8>1
1936-يىلى11-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەنگىلىيە ئىلمىي ئۇسۇلدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى\مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور فرانكىلىن كادۋېرغا تېگىدۇ. %"(HjanH
قەدىرلىك پروفېسسور: xP>cQEL ot
ياخشىمۇسىز دوستۇم! قەدىمقى بابىلون خارابىسىدىن يەنە باشقا پۈتۈكچىلەرنى تېپىۋېلىپ، بابىلونلۇق تۆگە سودىگىرى داباشىرنىڭ ئەرۋاھى بىلەن ئۇچرىشالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر راستىنلا ئۇچرىشالىغان بولسىڭىز، ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭغا: قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكايىلىرىنىڭ ئەنگىلىيىدە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. (OE S~G
ئىككى يىل ئىلگىرى سىزگە يازغان خەتتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، داباشىرنىڭ پىلانىنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، قەرىز قايتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز تىرىشچانلىقىمز ئارقىلىق ئىقتىساد توپلىماقچى بولغانلىقىم توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ گەرچە ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى قارىماققا باياشاتتەك كۆرۈنسىمۇ، دوستلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ھالىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىمايتتۇق. ئەمما، دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم. 8k:^( kByF
شۇنچە كۆپ يىللاردىن بويان، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز قەرىز قايتۇرۇش زۇلۇمى ۋە نامراتلىق خورلۇقىنى يەتكىچە تارتىپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇق، چوڭ قەرىز ئىگىلىرى ۋە پارچە ئوقەتچىلەر قەرىزدار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئودۇل كەلگەن يەردە سۆزلەپ يۈرسە، مەن ئۈچۈن شەپقەتسىز زەربە بۇلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئونىۋېرسىتىېتتىن رەسۋالارچە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئىككىمىز زور تىرىشچانلىق بىلەن قەرىز قايتۇرغان بولساقمۇ، كونا قەرىزنى تۆگەتسەك، يەنە يېڭى قەرىزگە بوغۇلۇپ، قەرىزنى تەلتۈكۈس قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز نۇرغۇن ماگزىنلاردىن نېسىي بىزەك بۇيۇملىرى (زىبو-زىننەت بۇيۇملىرى) سېتىۋالغان ئىدۇق. بۇ بۇيۇملار باشقا يەرلەردىكىگە قارىغاندا كۆپ قىممەت بولسىمۇ نېسىي سېتىۋالغاچقا ئانچە پىسەنت قىلپ كەتمىگەن ئىدۇق، ئەمما ئاشۇ نېسىي سودىلار بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئاخىرى زور سوممىلىق قەرىزگە بوغۇلدۇق. U{ 0~&
قىيىن تۇرمۇش مانا شۇنداق داۋاملىشىپ، ئاخىردا ناچار ۋەزىيەت شەكىللەندى، تېرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بارغانچە ئەھمىيتى قالمايۋاتاتتى. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن، چوڭ ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ، ئەرزان باھالىق ئۆيگە كۆچۈپ چىقىمنى تېجەشكە مەجبۇر بولدۇق. &'k(v(>n,
قىلىغانلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى بىزگە قىلچە ئۈمىد ئاتا قىلالمايتتى، ئەر-خوتۇن ئىككىمز بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەرىزىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن، ئونىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم، ئاشۇ ئازغىنە مائاش تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈك ئىدى، راستىنلا خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قالسام، ئىككىمز قورساقنىمۇ تويغۇزالماي، كوچىغا چىقىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى. EmO[-W|2
مۇشۇ ۋاقىتلاردا سىز ماڭا قەدىمقى بابىلوندىن كەلگەن باي ‐‐‐تۆگە سودىگىرى داباشىرنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدىڭىز، مەن ئۇنىڭ پۈتۈكچىلىرىدىكى پىلانىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ پىلانى بىزگە ئۈمىد ئاتا قىلدى، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكايىلەر بىزگە زور ئىلھام بولدى، ئىككىمىز مەسلىھەتلەشتۇق، ئۇ بۇ پىلاننى كەسكىن ئۇرۇنداشقا قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ قەرىز تەپسىلىي تىزىملىكىنى تۇغۇزۇپ چىقىپ، بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ يېنىغا بىرىپ ئۇلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇردۇق. *V:U\G
ئاندىن قەرىز ئىگىلىرىگە مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا قەرىزلەرنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىمنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردۈم. قەرىز ئىگىلىرى تىزىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەرىزلەرنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرالمايدىغانلىقمغا كۆزى يەتتى، ھەمدە ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ئېنىق چۈشەندى. مەن ئۇلارغا ھەر ئايلىق مائاشىمنىڭ ٪20 نى ھەر قايسى قەرىز ئىگىلىرىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىمنى، مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرغىنىمدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بارلىق قەرىزلەرنى قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بۇنداق بولغاندا ماگزىنلاردىن نەق مال سېتىۋېۋالالايتتىم، بۇ ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىدى. BQWgL
خۇشاللىنارلىقى، قەرىز ئىگىلىرى كەڭ قورساقلىق بىلەن شەرتىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىق بىر سودىگەر مەن ئوتتۇرغا قويغان ئۇسۇلنى ماختاپ: «ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ نەق پۇلغا مال سېتىۋالالىىسىڭىز ھەمدە قەرىزلىرىڭىزنى قايتۇرالالىسىڭىز، ناھايىتى ياخشى ئامال بوپتۇ، بۇ ھېچبولمىغاندا نېسىگە مال سېتىۋالغىنىڭىزدىن كۆپ ياخشى. بىلەمسىز؟ سىز بۇ يەردىن نېسى مال سېتىۋالغىلى توپتوغرا ئۈچ يىل بولدى.» 25`W"x_
ئەينى ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى قويارغا يەر تاپالماي ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق كەلدى. بىراق بۇ خىجالەت تۇيغۇسى ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئەڭ ئاخىرى، ھەربىر قەرىز ئىگىسى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، ٪20 مائاشىمنى ئۇلارغا تەڭ بۆلۈپ بەرسەملا، ئۇلار قالغىنىنى دەرھال بىرىشكە قىستىمايدىغان، قەرىز سۈيلەپ مېنى ئىزدەپ يۈرمەيدىغان بولدى، بۇ ھال تۇرمۇشىمىزنى خېلى ئىزىغا چۈشۈردى، كۈندە قەرىز ئىگىلىرىدىن قېچىپ، غەم ئەندىشىدە ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. 4rL`||
بۇنداق مۇكەممەل پىلان، بىزگە نىسبەتەن قىزىقارلىق تەۋەككۈلچىلىك بولسىمۇ داباشىرنىڭ ھېكايىسى شۆبھىسىز ئىدى. بىز پىلان بۇيىچە قەرىز قايتۇرۇپلا قالماي كىرىمىمىزنىڭ ٪70 تى بىلەنمۇ تۇرمۇش، ئاش-تاماق، كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلمايتتۇق. بۇ بىزنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى. كېيىنچە بىز بىر قىسىم ئېسىل چاي شۇنىڭدەك زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچتۇق. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي ئازغىنە پۇلغىمۇ خېلى يامان ئەمەس نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، نىسىي مالنىڭ، نەق سېتىۋالغان مالغا قارىغاندا كۆپ قىممەتلىكىنى بايقاپ، باھاسى ئەرزان سۈپىتىمۇ خېلى ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق. rG~W=!bj
بىز بۇ پىلاننى ئۇزۇن مەزگىل يۈرگۈزدۇق، ۋاقتىنچە ھەممىنى سۆزلەپ بولالمايمەن. ئەمما، راسىت گەپنى قىلسام، بۇ پىلاننى ئۇرۇنداش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەسكەن، بۇنىڭدا ھالقىلىق بولغىنى كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىكەن. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داباشىرنىڭ پىلانى بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق قەرىزلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بەلكى، تۇرمۇش رېتىمىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماستىن خاتىرجەم قەرىز قايتۇرۇشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىز تەدرىجى قەرىز ئىگىلىرىنىڭ قەرىز سۈيلەپ كېلىشىدىن قۇتۇلدۇق، بۇ نىمىدىگەن خۇشاللىنارلىق ئىش-ھە!
W^^0Rh_
بۇ ۋاقىتتا، كىرىمىمنىڭ يىغىپ قويغان ٪10تىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق تاپتىم. بەزىدە يانچۇقىمىزدا ئېشىنچە پۇلمۇ تۇرۇپ قالىدىغان بولدى، بۇ دەل پىلاننىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەرىپى ئىكەن. بىز يېنىمىزدىكى خەجلىمىگەن پۇللارنىڭ ھەممىسېنى ساقلاپ قويدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان خۇشاللىق بولدى. ئۇزۇن ۋاقىت ئاشۇنداق يىىغىش ئارقىلىق خەجلىۋەتكەن پۇللارنى بەرگەندىنمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتۇق، بۇ بىزنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلدى. 0$`pYW]
تەدرىجى ھالدا بىر قىسىم ئېشىنچە پۇل يىغقاندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى تاپتۇق. بىز ھەر ئايدا مائاشىمىزنىڭ ٪10تىنى يىغىش ئۇسۇلى بىلەن مۇقىم بولغان بىر ئىشقا مەبلەغ سالدۇق. بۇ مەبلەغ بىز ئۈچۈن يېڭى باشلىىنىش بولدى، بۇ بىزنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى، بىز تەدىرجى پىلانىمىزدىن رازى بولدۇق. ئەنە شۇنداق قىلىپ ھەر ئايلىق مائاشىمىزنىڭ ٪10تىنى ھېلىقى مەبلەغكە قوشۇپ مېڭىۋەردۇق. بۇ مەبلەغمۇ بىزگە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. N
e{=KdzT
سەرمايىمىزدىن مۇقىم بىر قىسىم كىرىمگە ئىرىشىپ تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى. بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق. سەرمايىمىزنىڭ پايدىسى بىلەن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ راھەت ئۆتكۈزەلەيتتۇق. سەرمايىمىزدىن كەلگەن پايدا ئازغىنە مائاشىمىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى، ئەجىبا بۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ 1WqCezI
بۇ ئازغىنە مائاشىىمىزغا تايىنىپ ياشىغىنىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ مۆجىزە ئىدى. قارىماققا بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، بىراق بۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەقىقى كارتىنىسى ئىدى. ھازىر قەرزىمىزنى قايتۇرۇپ بۇلۇشقا ئازلا قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سەرمايىمىزدىن ئۈزلۈكسىز كىرىم بولۇپ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، داباشىرنىڭ پىلانى ئارقىلىق، ئىگىلىك باشقۇرۇش ماھارىتىمىز بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى. بۇنداق مۇۋاپىق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۇرمۇشىمىزدا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇنى بىر مۆجىزە دېسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ داباشىر ئىككىڭلارنىڭ ماڭا قىلغان زور ياردىمى، شۇڭا سىلەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. rU9")4sQ
بۇ يىل يىل ئاخىرىغا بارغاندا، بارلىق قەرىزلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بولىمىز. ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقىرىپ مەبلەغ سالىمىز، يەنە تېخى ئېشىپ قالغان پۇللار بىلەن كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىمىز. ئەمما، قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر چىقىملىرىمىزنى كىرىمىمىزنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلىشىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈلەيدىكەنمىز. تۆگە سودىگىرى داباشىر بىلەن ئىككىڭلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەمدى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ قالتىس پىلانى مۇھتاجلىق ھالەتتىكى تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى. سىزنىڭ بايقىشىڭىز بىزگە گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. بىزنى قەرىز پاتقىقىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ بارچە گۈزەللىكلىرىدىن بەھىرلەندۈردى. _z%\53h
داباشىر جەزمەن مۇشۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئاشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ ساۋاق ئېلىشىنى ۋە باشقىلارغا ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلغان. بولمىسا، تاش-سېغىز تاختايلارغا خەت ئويۇپ جاپا تارتىپ نېمە قىلىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ئۆز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تارقىلىشنى ئارزۇ قىلغان، بىز ئۇنىڭ بۇنداق شەخسىيەتسىزلىكى ۋە ئەقىل-پارسىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
ئۇ ئويۇپ قالدۇرغان پۈتۈكچىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاپلىق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش، 6000 يىلىدىن كىينكى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىدىن ئوخشاشلا زور ياردەمگە ۋە پايدىغا ئىرىشەلىدۇق، بۇ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغىمۇ ماس كىلىدىغانلىقى، ئەسلا ۋاقىتى ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. :,p3&2I
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ياخشىلانغاندا، لوندون «كۈندىلىك ئاخپارات گېزىتى»نىڭ ياردىمىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى باھاردا بابىلونغا بېرىپ، ئالتۇندىمۇ قىممەتلىك بولغان ئۇ قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى سىز بىلەن بىرلىكتە قازىمەن، ئىشىنىمەنكى، ئىككىمىزنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئاستىدا قەدىمقى بابىلونلىقلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسەتلىرى دۇنياغا قايتا نامايەن بولىدۇ! ھۆرمەت بىلەن: پروفېسسور شرېۋسبۇرى
sV5k@1Y
پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئابزاس خېتىنى كۆرۈپ، پروفېسسور كادۋېرنىڭ يۈرىكى سەكرەپ چىقىپ كېتىدىغاندەك، چەكسىز ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى زور ئىش ئىدى. شرېۋسبۇرىنىڭمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلىشى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك بولۇپ، ئۇنىڭ ياردىمى بولسىلا كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتى ناھايىتى تېز تاماملىناتتى. پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ پۈتۈكچىلەردىكى قەدىمىي ھەم سىرلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئۆزى سىناپ كۆرۈپ نەتىجە قازىنىشى، ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى بۇ قەدىمىي ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پارسەتلىرىنىڭ ھازىر قانچىلىك ئەھمىيىتى بولسۇن، دەيدىغان غەم-ئەندىشىسېنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ خېتىنى قايتا بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېىين، تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان پۈتۈكچىلەرگە قاراپ بۇلار قانداق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بىرەلەيدۇ؟ يەنە قانچىلىك سىرلار دۇنياغا ئايان بولىدۇ؟ دېگەنلەر خيالىدىن كىچىشكە باشلىدى. Ag:/iB]
كېيىنكى ھېكايىلەرنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. پروفېسسور شرېۋسبۇرى بابىلونغا كەلگەندىن كېىين، ئىككى پروفېسسور كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەشنى باشلىۋەتتى، ئۇلار بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق يېڭى پۈتۈكچىلەرنى ئىزدەيتتى، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقى ئاخىرى زور مۆجىزە ياراتتى. خارابىلىكتىكى نەچچە مىڭ يىل سۈكۈتتە ياتقان كېسەكلەردىن بابىلۇنلىق بىر قانچە باي ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلق ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكۈسى، بۇ تىرىشچانلىق ۋە قان تەر بەدىلىگە بەت-بەپ يېزىقلار ۋۇجۇدقا كېلىپ، كىشىلەرگە بۇ پۈتۈكچىلەردىكى شەخىس ۋە ئەقىل-پاراسەتلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئەتراپلىق نامايەن قىلىپ بەردى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيراق قالدۇرىدىغىنى، بۇ پۈتۈكچىلەردىكى كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ئەقىل-پاراسەتلەر بولۇپ، بۇ ئەقىل-پاراسەتلەر سىناپ كۆرگەنلەرگە ناھايىتى زوور شادلىق ۋە مۆجىزە ئېلىپ كەلگۈسى!