>^ 0JlL`XG  خېلىن كېللېر ( Helen Keller )
 =\e}fyuK    &NZN_%  
 g3 6oEz~|   eft-]c+*0   Qzw~\KY:   ~;_]U[eOL  بىرىنچى كۈنى
 p%+	0^]v1   d?GfT$1   o<1e-  كۆزۈم ئېچىلىپ بىرىنچى كۈنى ، مەن ئادەملەرگە قارايمەن . چۈنىك ، ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى ، ئىللىق مىھرى ۋە دوستلۇقى تۇرمۇشۇمنى مەنىگە ئىگە قىلدى . ئالدى بىلەن قەدىرلىك مۇئەللىمىم ئاننېي سۇللىۋان ماتسى خېنىمنىڭ يۈزىگە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قارىۋالسام دەيمەن . چۈنكى ، ئۇ مەن تېخى كىچىككىنە بالا ۋاقتىمدىلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ، ماڭا تاشقىرىدىكى دۇنيا ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى . خاتىرەمدە ئەتىۋارلاپ ساقلاش ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ يۈزىنىڭ كىپتىنىلا(ئىسكەتى) كۆرۈش بىلەن بولدى قىلمايمەن . يەنە ئۇنىڭ چىھرىدىن ھېسداشلىقتىن پەيدا بولغان مۇلايىملىق ۋە سەۋرچانلىقنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىپ تەتقىق قىلىمەن . چۈنكى ، ئۇ مانا شۇلار بىلەن مېنى تەربىيەلەشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادا قىلغان . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنى قىيىنچىلىق ئالدىدا مەزمۇت تۇرغۇزغان قەيسەر مىجەز - خارەكتىرىنى كۆرۈشنى ، شۇنداقلا دائىم ماڭا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قىلغان خەيرخاھلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن . 
 oD4NQR   h#@l'Cye  مەن <<قەلب ئەينىكى >> ، يەنى دوستىنىڭ كۆزىدىن قەلبىنى كۆرۈش دىگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن . مەن پەقەت بارماقلىرىم ئارقىلىقلا بىر يۈزنىڭ كىپتىنىلا كۆرەلەيمەن ، قاقاقلاپ كۈلۈش ، قاتتىق قايغۇرۇش ۋە باشقا نۇرغۇن روشەن ھېسسىياتنى سېزىۋالالايمەن . مەن دوستلىرىمنىڭ يۈزىنى سىلاش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن تۇنۇشقان ، ئەمما سىلاش بىلەنلا ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى ھەقىقىي يۇسۇندا سۈرەتلەپ بىرەلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى باشقا يوللار ئارقىلىق ، يەنى ئۇلار ماڭا ئىپادىلىگەن ئوي - پىكىر ، ماڭا نامايان قىلغان ھەر قانداق ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ ئىگىلەيمەن ، چۈشىنىمەن ، ئەمما ئۇلارنى چوڭقۇرراق چۈشىنەلمەيمەن . ئىشىنىمەنكى ، بۇنداق چۈشىنىشتە ئۇلارنى ئىنىق كۆرۈش ، ئۇلار ئىپادىلىگەن تۈرلۈك ئوي - پىكىر ۋە ئەھۋاللارغا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ۋە چىرايىدىكى ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق ئىگە بولغىلى بولىدۇ . 
 8[Cp   bIT		OA
  يېنىمدىكى دوسلىرىمنى بولسا ، ئۇلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە بولغانلىقىم ھەم ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خارەكتىرىنى ماڭا ئايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىمەن . 
 	^	'FC.   ھالبۇكى ، تاسادىپىي دوستلىشىپ قالغانلارغا قارىتا مەندە پەقەت مۇكەممەل بولمىغان تەسىراتلار بار . بۇمۇ بىر قېتىملىق قول ئېلىشىش ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز - جۈملىلەرنى چۈشىنىش ياكى ئۇلارنىڭ خەتنى قولۇمغا بوش يېزىپ بەرگەنلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن تەسىرات .
 Jy@cMq2   3H%R`ha  كۆزى كۆرەلەيدىغان سىلەردەك كىشىلەر قارشى تەرەپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنە ۋە ماھىيەتنى ، قارشى تەرەپنىڭ چىرايىدىكى نازۇك ئىپادىنى ، يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ تىترىشىنى ، قول ئىشارىتىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تىزلا بىلىۋالايسىلەر . بۇ نەقەدەر ئاسان ، كىشنى نەقەدەر قانائەتلەندۈرىدىغان جاۋاپ ھە ؟ !! لىكىن سىلەر كۆرۈش سەزگۈڭلار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ يۈزىدىكى چىراي ئىپادە ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ بىر دوستۇڭلار ياكى تۇنۇشۇڭلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ( يەنى قەلبىنى ) كۆرۈپ بېقىشنى ئويلاشتىڭلارمۇ، يوق ؟
 /*`BGNkYY   z{pNQ[t1Z  يەنى سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ، بەش نەپەر يېقىن دوستۇڭلارنىڭ چىرايىنى توغرا سۈرەتلەپ بىرەلەمسىلەر ؟ بۇنى ئاز بىر قىسمىڭلارلا قىلالايسىلەر ، لىكىن كۆپىنچىڭلار قىلالمايسىلەر ، مەن سىناق قىلىپ بەزى ئەرلەردىن خوتۇنىنىڭ كۆزى قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى سوراپ كۆرگەنىدىم ، ئۇلار گاڭگىراپ قېلىشتى ۋە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى . گېزى كەلگەندە دەپ ئۆتەي : خوتۇنلار ھەمىشە ئەرلىرىمىز يېڭى كىيىم ، يېڭى شىلەپىلىرىمىزنىڭ رەڭگىگە ، شۇنداقلا ئۆي جاھازىلىرى ، نەرسە ، كىرەكلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلمايدۇ دەپ قاقشايدۇ . 
 `)\_   ZLyJ  كۆرۈش سەزگۈسى بار كىشىلەرنىڭ كۆزى ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ قائىدىسىگە پاتلا كۆنۈپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆزى پەقەت ھەيران قالارلىق ۋە ھەيۋەتلىك شەيئىلەرگىلا دىققەت قىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئەڭ ھەيۋەت ، كۆركەم مەنزىرىلەرگە قارىغاندىمۇ كۆزى ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ . سوت خاتىرىلىرىدە ھەر كۈنى << كۆرگۈچى>> لەرنىڭ قانچىلىك توغرا كۆرەلمىگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ ، يەنى مەلۇم بىر ۋەقەنى بىر قانچە گۇۋاھچى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە شەكىلدە << كۆرىدۇ >> . بىرلىرى باشقىلاردىن كۆپرەك نەرسىنى كۆرىدۇ . ئەمما ، نەزەر دائىرىسى ئىچىدىكى جىمى نەرسىنى كۆرەلەيدىغانلار ھېچقانچە چىقمايدۇ .
 }oYR.UH   m?'5*\(ST  ئاھ ، ئەگەر كۆزۈم ئۈچ كۈنلا كۆرەلىسە ئىدى ، مەن قانچىلىك نەرسىنى كۆرەلىگەن بولاتتىم - ھە !
 kuu9'Sqc'b   VD/Wl2DK  بىرىنچى كۈنى ، ئەڭ ئالدىراش بولغان بولاتتىم . قەدىردان دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى چاقىرتىپ كىلىپ ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ ، ئىچكى گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ تۇرغان تاشقى كۈرۈنۈشىنى يۈرىكىمگە نەقش قىلىپ ئورنىتىۋالاتتىم . يەنە نەزىرىمنى بىر بوۋاقنىڭ يۈزىدە توختىتىپ ، تۇرمۇش تۇقۇنۇشلىرى پەيدا قىلغان شەخسىي ئاڭ شەكىللىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئارزۇ ، سەبىيلەرچە غۇبارسىز گۈزەللىكىنى تۇتۇۋالغان بولاتتىم .
 1,`-n5@J%n   <
Xm5re.  يەنە ئىتلىرىمنىڭ ساداقەتمەنلىك ، ئىشەنچ بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان كۆزلىرىگە ، يەنى سۆلەتلىك ، جىمغۇر سىكوت ، داركى ، قاۋۇل ، ساغلام ، ئەقىللىق دادېخن ۋە ھايگېرلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىغۇم بار . چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزغىن ، غۇبارسىز، شوخ دوستلۇقى ماڭا زور تەسەللىي بەخش ئەتكەنىدى . 
 B7nMyoj
   "M
v%M2'c  ئالدىراش بولغان بىرىنچى كۈنى ، ھۇجرامدىكى ئاددىي ، كىچىك نەرسىلەرگە نەزەر سالىمەن . پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى كىچىك گىلەمنىڭ ئىسسىق رەڭگىگە ، تامدىكى رەسىملەرگە ، ئۆينى ئائىلە ئىللىقلىقىغا چۆمدۈرگەن كىچىك نەرسىلەرگە قارايمەن . مەن ئوقۇغان ئەمالار يېزىقىدىكى كىتابلارغا ھۆرمەت نەزەرىم بىلەن قارايمەن . شۇنداقتىمۇ كۆزى كۆرىدىغانلار ئوقۇيالايدىغان باسما شەكىلدىكى كىتابلار مىنى تېخىمۇ قىززىقتۇرىدۇ . 
 &YO5N4X~o  ئۇزاق ھاياتىمدىكى قاراڭغۇلۇقتا ئۆزۈم ئۇقۇغان ۋە باشقىلار ئوقۇپ بەرگەن كىتابلار سەلتەنەتلىك ، غايەت زور ماياك بولۇپ ، ماڭا ھاياتىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى ئەڭ ئىچكىرى يوللارنى كۆرسىتىپ بەردى . 
 	ABNsi$]r0   ' :g8a=L  مەن كۆرەلەيدىغان بولغان بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كىيىن ئورمانلىققا بېرىپ ، كۆزلىرىمنى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن مەست قىلىمەن . بىر قانچە سائەت ئىچىدە نورمال كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ھەمىشە ئايان بولۇپ تۇرىدىغان پارلاق ، كۆركەم ، بىپايان ، ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرىلەرنى كۆزۈم ئارقىلىق بار كۈچۈم بىلەن شۈمۈرىمەن . ئورمان ساياھىتىدىن قايتىپ كىلىش يولىدا ، قۇرۇققا يېقىن چىغىر يوللار بىلەن مېڭىپ ، ئېتىزلىقلاردا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان ئاتلارنى ( بەلكىم بىرەر تىراكتورنى كۆرۈشۈم مۇمكىن ) يەر تېرىشقا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان ئەركىن - ئازادە كىشىلەرنى كۆرۈۋالىمەن . كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى ھەيۋەتلىك ، رەڭدار كۆركەم مەنزىرىنى كۆرۈپ دۇئا قىلىمەن .
 ^c<	 
 $Bz |[=  
گۇگۇم پەيتىدە بولسا ، سىرتقى شەيئىلەرنى سۈنئىي يۇرۇقلۇق ياردىمىدە كۆرۈپ شادلىققا چۆمىمەن . تەبىئەت قاراڭغۇ تۈن يىتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان چاغدا ، ئىنسانلار تالانتى بىلەن ئىقاد قىلغان چىراغ يۇرۇقى ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۇزارتقان ، مەن كۆزۈم كۆرەلىگەن بىرىنچى كۈنى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ . قەلبىم بۇ بىر بىر كۈندىكى خاتىرىلەر بىلەن تولىدۇ . 4en&EWUr  
 cmt3ceCb  
ئىككىنجى كۈنى y
97QqQ^  
 TMKemc
i  
 p!' "hx  
كۆزۈم كۆرەلىگەن ئىكىنچى كۈنى ، مەن سۈبھى بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، سىرتقا چىقىپ قاراڭغۇ تۈن بىلەن يۇرۇق كۈن ئالماشقان ، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان مۆجىزىنى تاماشا قىلىمەن .  6TfL|W<  
 	bsM`C]h&  
بۇ كۈنى مەن دۇنياغا ، ئۆتۈپ كەتكەن دۇنيا ۋە ھازىرقى دۇنياغا ئالدىراش - تىنەش بىر نەزەر سالىمەن . ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ ئاجايىباتلىرىنى ، سانسىزلىغان ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان قەدىم زاماننى كۆرۈپ چىقسام دەيمەن . بۇنچە نۇرغۇن يىللارنى قانداقمۇ بىر كۈنگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ ؟ . ئەلۋەتتە ، بۇنى مۇزىيلار ئارقىلىق قىلىمەن .مەن دائىم نيۈيورك تەبىئەت تارىخى مۇزىيىغا بېرىپ ، تىزىلغان نۇرغۇن بۇيۇملارنى تۇتۇپ باققانىدىم . ئەمما ، يەرشارىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ، ئۇ يەرگە تىزىلغان يەرشارىدىكى ئاھالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتىم . ئۇ يەردە تەبىئىي مۇھىت بويىچە تەسۋىرلەنگەن ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار ، غايەت زور دىنازاۋور ، تاشقا ئايلانغان ئۆتكۈر چىشلىق پىل بار ئىدى . ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن ھەمدە كىچىككىنە تەنلىرى ، كۈچلۈك باشلىرى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنى بۇيسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار يەرشارىدا ئايلىنىپ يۈرگەنىدى . مۇزىيدا يەنە ھايۋانلار ، ئىنسانلار ھەمدە ئەمگەك قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى ، ئىنسانلارنىڭ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ بۇ پلانىتادا ئۆزلىرىگە بىخەتەر پۇختا ئۆيلەرنى ياسىغانلىقى راستتەكلا تۇنۇشتۇرۇلاتتى .  H b]   
مۇزىيدا يەنە تەبىئەت تارىخىنىڭ باشقا سانسىزلىغان تەرەپلىرىمۇ تۇنۇشتۇرۇلاتتى . ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان مۇزىيدىكى ھايات ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل تۇرقى تەسۋىرلەنگەن بۇيۇملارنى قانچىلىك كىتاپخانلارنىڭ كۆرگەنلىكىنى بىلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بۇنداق پۇرسەت بولمىدى . ئەمما ، مەن ئىشىنىمەنكى ، پۇرسەت بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانمىدى ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سىز كۆزىڭىزنى ئىشلىتىدىغان ئوبدان جاي ، سىز كۆزىڭىز كۆرەلىگەندىن كىيىن ئۇ يەردە نۇرغۇن پايدىلىق ، ئۈنۈملۈك كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلەيسىز . ھالبۇكى ، تەسەۋۋۇرۇمدىكى كۆز كۆرەلەيدىغان ۋاقىت ئۈچ كۈنلا بولغلانلىقى ئۈچۈن ئالدىراش - تىنەشلا نەزەر سالىمەن ، خالاس .  =)Ew6}
W6  
 q*DR~Ov  
كىيىنكى بىكىتىم پايتەخت سەنئەت مۇزىيى ، تەبىئەت تارىخىي مۇزىيى دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ تاشقى كۈرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ بەرگەنگە ئوخشاش ، پايتەخت سەنئەت مۇزىيى ئىنسانلار روھىنىڭ سانسىزلىغان كىچىك يان تەرەپلىرىنى نامايان قىلىدۇ . پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىي باسقۇچىدا ، ئىنسانلارنىڭ سەنئەتكە ئىپادىلىگەن كۈچلۈك ، يالقۇنلۇق ئىنتىلىشى بەئەينى يىمەكلىك ، ئۆزىنى يۇشۇرىدىغان ماكان ۋە تۇغۇش ، كۆپىيىشكە ئوخشاشلا تەخىرسىز بولغان . بۇ يەردە ، پايتەخت سەنئەت مۇزىيىنىڭ ئالامەت يوغان كۆرگەزمە زالىدا مىسىر ، يۇنان ، رىمنىڭ روھى ئۇلارنىڭ سەنئىتىدە ئىپادىلىنىپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى .  >m}.}g8  
 s7FqE>#c0  
مەن قەدىمقى زاماندىكى نىل دەرياسى دۆلىتىدىكى ئىلاھلارنى قولۇم ئارقىلىق ئېنى بىلدىم . باتەينوڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تەقلىدىي بۇيۇملارنى سىلاپ ئافىنا ئاۋانگارت جەڭچىلىرىدىكى بەدەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم . ئاپوللو ، ۋېناس ۋە قاناتلىق غەلىبە ئىلاھى سامورېسلار مېنى شۇنچىلىك مەپتۇن قىلىۋالدىكى قولۇمنى تارتالمايلا قالدىم . ھومېرنىڭ جاراھەت ۋە ساقال باسقان چىرايى مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ، چۈنكى نېمىنىڭ كۆرەلمەسلىك ، ئەمالىق ئىكەنلىكىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ . قوللىرىم رىم ۋە كىيىنكى دەۋردىكى راستتەكلا ياسالغان مەرمەر ھەيكەلدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى . قوللىرىم مىكىلانگلو ياسىغان باتۇر ، قەھرىمان موسسىنىڭ تەسىرلىك تاشقى ھەيكىلىنى تۇلۇپ سىلاپ چىقتى . مەن رولانىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ، گوتلارنىڭ ياغاچ ئويمىغا تۇتقان سەمىمىيىتىگە ھۆرمەت بىلدۈردۈم . قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بۇ سەنئەت بۇيۇملىرى مەن ئۈچۈ ن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك . ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ تۇتۇشى ئۈچۈن قويۇلغان دىگەندىن كۆرە كۆرۈپ زوق ئېلىشى ئۈچۈن قۇيۇلغان دىگەن ياخشى . مەن كۆرەلمەيدىغان ئۇ خىل گۈزەللىكنى  z9h`sY~   
پەقەتلا قىياس قىلالايمەن . گىرىتسىيە لوڭقىلىرىنىڭ ئاددىي سىزىقلىرىدىن ھۇزۇر ئالالىغىنىم بىلەن نۇسخىلىرىنى ، بىزەكلىرىنى كۆرەلمەيمەن .  TUy*wp9  
 k49CS*I  
شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ كۈنى ماڭا نۇر ئاتا قىلىنغان ئىككىنچى كۈنى ئىنسانلارنىڭ روھىنى سەنئەتتىن ئىزدەيمەن . سىلاش سىزىمىم بىلەن بىلەن بىلىۋالغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيمەن . ئاجايىپ ئىش ، ئاجايىپ سەلتەنەتلىك پۈتكۈل رەسىم دۇنياسى ، يەنى ئىتالىيەنىڭ سۈرلۈك دىنىي تۈسكە ئىگە باي ئىپتىدائىي سەنئىتىدىن تارتىپ ئەركىن پىكىر ئۇسلۇبىدىكى ھازىرقى زامان ئېقىمىدىكى سەنئەت ماڭا دارۋازىسىنى چوڭ ئاشتى . مەن رافائىل ، دافېنچ ، تىزان (تىزىيانو) رېمبىرانىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ چىقىمەن . ۋىلونېيسانىڭ ئىسسىق رەڭلىرىنى قانغۇچە كۆرۈپ ، ئېل گېلىگونىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىمەن ، كورونىڭ رەسىملىرىدىن تەبىئەتنى يېڭىۋاشتىن كۆزىتىمەن . ئاھ ، كۆزۈڭلار كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ! FX} 
سىلەر تارىخىي دەۋرلەردىكى سەنئەتتىن ، شۇنچىۋالا مول مەنە ۋە گۈزەللىكتىن ھۇزۇر ئالالايدىكەنسىلەر !  4DuZF
-y  
سىرلىق سەنئەت ئوردىسىدا قىلغان بۇ قىسقىغىنا ساياھىتىمدىن كۆز ئالدىمدا نامايان بولغان بۈيۈك سەنئەت دۇنياسىغا قارىتا ئازراق بولسىمۇ ئۆز باھايىمنى بىرەلمىدىم . پەقەت ئۆز تەسىراتىمغا ئىگە بولدۇم . سەنئەتكارلار ماڭا سەنەئتتىن چوڭقۇر ۋە ھەقىقىي يۇسۇندا زوق ئېلىش ئۈچۈن كۆزنى مەشق قىلدۇرۇش كىرەكلىكىنى ئېيتتى . بىر ئادەم سىزىق ، قۇرۇلما ، شەكل ۋە رەڭنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەلا ياكى ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى تەجرىبە ئارقىلىق ئۆگىنىۋېلىشى كىرەك . ئەگەر مەن كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ئادەمنى بۇنچە مەپتۇن قىلىدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولسام ، قانچىلىك بەىتلىك بولار ئىدىم ھە ؟! لىكىن ، سەنئەت دۇنياسى سىلەردەك كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر دۇنيا دەپ ئاڭلىدىم .  KT?vs5jg$&  
 2(\>PN-  
پايتەخت دسەنئەت مۇزىيىدىن گويا بوينۇمدىن باغلىغاندەك تولىمۇ قىيىندا ئايرىلدىم . ئۇ يەردە گۈزەللىك ئاچقۇچى بار ئىكەن . كۆرەلەيدىغان كىشىلەرگە پايتەخت سەنئەت مۇزىيىغا بېرىپ گۈزەللىك ئاچقۇچىنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن . چۈنىك ، ئوخشاش ئاچقۇچ ئۇلارنى كىچىكرەك مۇزىيلاردا ياكى كىچىكرەك كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتاپ جاھازىلىرىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . ئەمما ، مەن تەسەۋۋۇرۇمدىكى كۆزۈم ئېچىلغان چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ، مەن ئەڭ كۆپ بايلىق قۇيۇلغان جاينى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاچالايدىغان ئاچقۇچنى تاللاپ ئېلىشىم كىرەك .  z+wV(i97  
 J4`08,  
مەن يۇرۇقلۇقنى كۆرەلىگەن ئىككىنچى ئاخشامنى تىياتىرخانا ياكى كىنوخانىدا ئۆتكۈزمەكچى . مەن ھازىرمۇ تىياتىرخانىلاردا قۇيۇلىۋاتقان تۈرلۈك ئۇيۇنلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن . لىكىن ، تىياتىر ۋەقەلىكىنى بىر ھەمراھىم قولۇمغا يېزىپ بېرىدۇ . ھالبۇكى ، مەن خاملېتنىڭ جەلپكار قەددىي - قامىتىنى ياكى ئېلزابىت دەۋرىگە خاس ئۇچۇق رەڭلىك كىيىم كىيگەن ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق شوخ فىرىستافنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ! خاملېتنىڭ ھەر بىر سىپايە ، چىرايلىق ھەرىكىتىنى ، روھى ئۇرغۇپ تۇرغان فىرىستافنىڭ كېرىلىپ يۈرۈشلىرىنى زەن سېلىپ كۆرگۈم كېلىدۇ .  Ba`]Sm=  
 ((.PPOdJV  
مەن پەقەت بىر مەيدانلا ئۇيۇن كۆرەلەيمەن . بۇمۇ ناھايىتى قىيىن چۈشىدۇ . لىكىن ، مىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئۇيۇنلارنى كۆرگۈم بار .  .	s?
''/(  
 sB7DF<91  
سىلەر كۆزۈڭلار كۆرەلىگەچكە ، ياخشى كۆرىدىغان ھەر قانداق ئۇيۇننى كۆرەلەيسىلە ر . بىرەر ئۇيۇن ، بىرەر كىنو كۆرگەن ياكى ھەر قانداق بىر سورۇندا بولساڭلار ، گۈزەللىكلىرى ۋە نەفس ھەرىكەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرغىنىنى كۆرۈش سەزگۈڭلارنىڭ مۆجىزىسى ئىنكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتەلەيسىلەركىن ، مىننەتدار بولىسىلەركىن تاڭ . ھاياتىم قول بىلەن تۇتۇپ بېقىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان دائىرىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ، رېتىملىق ، نەپس ھەرىكەت گۈزەللىكىدىن زوق ئالالمايمەن . ئەمما ، باگالوۋانىڭ گۈزەللىكى ، لاتاپىتىنى خىرە بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . مۇزىكىنىڭ پولدىكى تىترىشىدىن ئۇنىڭ رىتىمىنى دائىم سىزىپ تۇرغاچقا ، رىتىم ھەرىكىتىنىڭ شادلىق سېزىمىنى ئازراق بىلەلەيمەن . شۇ رېتىملىق ھەرىكەتنڭ دۇنيا بويىچە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ نەفس مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . مەرمەر ھەيكەلنىڭ سىزىقلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئاز - تولا ھۆكۈم قىلالايمەن . شۇڭا ، جىمجىت ھالەتتىكى گۈزەللىك ئادەمنى بۇنچە ھاياجانغا سالغان يەردە ، ھەرىكەت گۈزەللىكى بەلكىم ئادەمنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىپ سۈيۈندۈرەر- ھە K<|b>PI.s  
دەپ ئويلايمەن . ئەڭ قەدىرلەيدىغان خاتىرەمنىڭ بىرى شۇكى ، جوزېف جېففېرسون ئۆزى ئامراق ئۆزى ئامراق رىب ۋان ۋېنكىنى سۆزلەپ ، ياساپ چۈشەندرۈۋاتقاندا ، ئۇنىڭ يۈزى ۋە قوللىرىنى سىلاپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلغانىدى . 
Lb2B
u >  
 50_%Tl[  
ئۈچىنجى كۈنى !vImmhI!I  
 
diTzolY7  
كىيىنكى كۈنى سەھەردە ، مەن يەنە بىر نۆۋەت سۈبھىنى كۈتۈۋېلىشقا ، يېڭى خۇشھاللىق تېپىشقا ئالدىرايمەن . c
(\-7*En  
كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر كۈنكى سۈبھى چۇقۇم مەڭگۈ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يېڭى ، گۈزەل مەنزىرە ،ئۆزۈم تۇقۇپ چىققان مۆجىزە مۆھلىتى بويىچە بولغاندا ، بۇ كۈن كۆزۈم كۆرەلەيدىغان بولغاننىڭ ئۈچۈنچى ، شۇنداقلا ئاخىرقى بىر كۈنى . كۆرۈشكە تىگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن نۇرغۇن بولغاچقا ، مىنىڭ ئۆكۈنۈش ۋە ئەسەبىي قىزغىنلىق باغرىدا يۈرگۈدەك ھېچقانداق ۋاقتىم قالمىدى . بىرىنچى كۈنى ماڭا ھايات ياشاۋاتقان ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن دوستلىرىمنى بەخش ئەتتى .  s?0r\ cc|:  
 Nkv2?o>l  
ئىككىنچى كۈنى ماڭا ئادەم ۋە تەبىئەت تارىخىنى نامايان قىلدى . بۈگۈن مەن نۆۋەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش دۇنياسىدا كۈن ئۆتكۈزىمەن . تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چاپىدىغان كىشىلەر بارىدىغان يەرگە بارىمەن .  y99G 3t  
كىشىلەرنىڭ نيۇ يوركتىكىدەك شۇنچە كۆپ ھەرىكەت پائالىيىتى ۋە ئاجايىپ - غارايىپ ھالەتلىرىنى نەدىن تاپقىلى بولار ؟ مۇشۇ ئوي بىلەن مەن شەھەرنى نىشان قىلدىم .  
+?mZ_sf8w  
 o
&Nr5S  
مەن ئۆيۈمدىن ، ئۇزۇن ئارال (لوڭ - ئايلېند ) نىڭ فراسىت دىگەن يىرىدىكى كىچىك ، ئەمما تىنچ شەھەر ئەتراپى رايونىدىن يولغا چىقتىم . بۇ يەردە يېشىل مەخمەل كەبى ئوتلاقلار ، دەل - دەرەخلەر ، چىرايلىق گۈللەر ، رەتلىك سېلىنغان پاكىز ئۆيلەر بار . ھەممىلا يەردە ئاياللار ، بالىلارنىڭ شاد - خۇرام ئاۋازى ۋە پائالىيىتى بەخت ناۋاسى . شۇڭا ، جاي شەھەردىكى ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ پىنھان ئارامگاھى، مەن ماشىنامنى ھەيدەپ ئىستې دەرياسىغا سېلىنغان تاسما شەكىللىك پولات كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ، ئادەم مىڭىسىنىڭ قۇدرىتى ۋە خاس ئىجادچانلىقىغا قارىتا يېپيېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىمەن . ئالدىراش كىمىلەر دەريادا تاتاتلاپ تېز يۈرىدۇ . يەنە تىز سۈرئەتلىك كاتىرلار ، ئېغىر پۇشۇلداپ ، ئاستا يۈرىدىغان چاتما كىمىلەرمۇ بار . ئەگەر كىيىنكى ۋاقىتتا يەنە كۆزۈم كۆرىدىغان كۈنلەر بولۇپ قالسا ، مەن شۇ يەردىكى قاينام - تاشقىن مەنزىرىنى كۆپرەك ، ئۇزۇنراق كۆرۈۋالىمەن . ئالدىمغا نەزەر سېلىۋېدىم ، نيۇيورك شەھىرى ، ئەپسانە كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىدن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن شەھەردىكىەە ئوخشاشلا ئاجايىپ كۆركەم ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ . نەقەدەر ھەيۋەت ئىمارەتلەر بۇ ! چېركاۋ مۇنارىنىڭ يالتىراپ تۇرغان ئۇچى ، كەڭ كەتكەن ، تاشتىن قوپۇرۇلغان مۇستەھكەم توسمىلارنى ئىلاھلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسىغاندەك بىلىنىدۇ . بۇ تەسىرلىك كۈرۈنۈشەر مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى . بىلدىم ، قانچىلىك ئادەم كەينىگە قايرىلىپ بۇ مەنزىرىگە نەزەر سالاركىن ؟ بۇنداقلار ناھيىتى ئاز بولسا كىرەك . ئۇلار تولا كۆرۈپ تۇنۇش بولۇپ كەتكەچكە ، بۇ ھەيۋەت گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ .  &=02.E@  
 
3FNj~=N  
مەن تېز مېڭىپ بۇ يوغان، كاتتا ، سۈرلۈك ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىمپرىيە سارىينىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتىم . چۈنكى مەن تېخى يېقىندا ئۇ يەردە تۇرۇپ كاتىپنىڭ كۆزىنىڭ ياردىمىدە بۇ شەھەرگە نەزەر سالغانىدىم . شۇڭا ،تەسەۋۋۇرۇم بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر سېلىشتۇرۇپ باققۇم بار . . ئىشىنىمەنكى كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدىغان پۈتكۈل مەنزىرە مىنى ھەرگىز نائۈمىد قىلمايدۇ . چۈنكى ، مەن ئۈچۈن ئۇ باشقا بىر دۇنيانىڭ مەنزىرىسى .  `^_.E:f  
 [0J0 
مەن بۇ شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم . ئالدى بىلەن ئاۋات كوچىنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرۇپ ، كىشىلەرگە قاراپ ، ئۇلارنى كۆزىتىش ئاقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇندۇم . ئۇلارنىڭ چىھرىدىكى شادىيانە تەبەسسۇمنى كۆرۈپ خۇشھال بولدۇم . كەسكىن قارارلىرىنى كۆرۈپ ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم . ئازاپ ، مۈشكۈللىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئىچ ئاغرىتتىم .  %kVpW&
~  
 z&-3H/	  
مەن 5 - كوچىنى بويلاپ سەيلى قىلدىم ، ئەتراپقا ئاستا نەزەر سالدىم . نەزىرىمنى مەلۇم بىر ئالاھىدە نىشانغا قاراتماستىن مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ قانمىدىم . كىشىلەر توپى ئىچىدە يۈرگەن ئاياللارنىڭ رەڭگارەك كىيىملىرى ئىشىنىمەنكى ، بۇ مەن كۆرۈپ قانمايدىغان ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ ئىسىل مەنزىرە . ھالبۇكى ، ئەگەر مەن كۆرەلەيدىغان بولسام ، مەنمۇ باشقا كۆپ ساندىكى ئاياللارغا ئوخشاش كۆپلىگەن چاقناق رەڭلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي ، ئايرىم كىيىملەرنىڭ پاسونى ۋە مودىلىرىغا دىققەت قىلغان بولاتتىم . يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، مەن ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانۋېترىنا خېرىدارى بولۇپ قالىمەن . چۈنكى تىزىپ قۇيۇلغان سانسىز ئېسىل بۇيۇملاردىن ھۇزۇر ئېلىش بىرخىل بەخت .  *7-uQKp  
 B3I<
$  
5 - كوچىدىن باشلاپ ئايلىنىپ مېڭىپ باغچا كوچىسىغا كەلدىم . نامراتلارنىڭ كۈلبىلىرىگە ، زاۋۇتلارغا باردىم . ، يەنە بالىلار ئويناۋاتقان باغچىغا باردىم . تېخى چەتئەللىكلەر ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ ، چەتئەلگە بارماي تۇرۇپ چەتئەلنى ساياھەت قىلىمەن . يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ، كىشىلەرنىڭ قانداق ئىشلەۋاتقانلىقى ، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئوڭاي بولۇشۇمنى نەزەردە تۇتۇپ ، بەختىيارلىق ۋە پاجىئە مەنزىرە ، ئەھۋاللارغا باشتىن - ئاخىر كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارايمەن .  (a)d7y.oo  
  n*_FC  
قەلبىم ئادەم ۋە شەيئىلەر ئوبرازى بىلەن تولدى . كۆزلىرىم كىچىك ئىشلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي ، كۆرەلىگەن شەيئىلەرنىڭ بارلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشقا تىرىشىدۇ . بەزى كۈرۈنۈشلەر ئادەمنى خۇشھال قىلىدۇ ، مەستخۇش قىلىدۇ . لىكىن بەزى كۈرۈنۈشلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ ، يۈرەكنى ئېزىدۇ . بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ھەرگىز كۆزۈمنى يۇمۇۋالمايمەن . چۈنكى ، ئۇلارمۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى . ئۇلارنى كۆرگەندە كۆزنى يۇمۇۋېلىش ، قەلبنى ئېتىۋالغانغا ، ئوي پىكىرلىرىنى ئېتىۋالغا باراۋەر .  ;itz`9T  
 S{
*RF)  
كۆرەلەيدىغان بولغان ئۈچىنچى كۈنمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى . مۇشۇ قالغان بىر نەچچە سائەت ئىچىدە كۆرۈۋېلىشقا ، قىلىۋېلىشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار بار بولۇشى مۇمكىن . ئەمما ، مۇشۇ ئاخىرقى ئاخشىمى ، ئىنسانلار قەلبىدىكى ئاۋازنى ئوبدانراق تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ، يەنە تىياتىرخانىغا بېرىپ تازا قىززىق ۋە كۈلكىلىك بىر ئۇيۇن كۈرۈشۈمدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن .  zeR!Y	yt!  
 (( 
t8  
تۈن يېرىم بولغان چاغدا مەن ئەمالىق جاپاسىدىن قۇتۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئاخىرلىشىدۇ . مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق يەنە يېنىمغا قىستاپ كىلىدۇ . بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ، تەبىئەتتىكى مەن كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان جىمى نەرسىنى كۆرۈپ بولالمايمەن . قاراڭغۇ زۇلمەت ماڭا يەنە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە ئاندىن قانچىلىك نەرسىلەرنى كۆرەلمەي قالغانلىىقىمنى ھېس قىلىپ يىتىمەن . ۋەھالەنكى ، قەلبىم شرىن ئەسىلىمىلەر بىلەن تولغانلىقتىن ئككۈنۈپ ئەپسۇسلىنىشقا ئاجرىتىدىغان ۋاقتىم ناھايىتى ئاز بولىدۇ . بۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەر بىر بۇيۇمنى سىلىغاندا ، خاتىرەم شۇ بۇيۇملارنىڭ تۇرقىنى ، شەكلىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . z?E:s.4F  
 %} \@Wk~  
كۆزۈم قايتىدىن كۆرەلەيدىغان بولغان بۇ ئۈچ كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى بايانلىرىم ، ئىھتىمال قىياسىڭىزدا سىزنىڭ كۆزىڭىزنىڭ كۆرۈشتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز بىلەن بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن بۇنداق يامان تەقدىرگە دۇچ كەلگەن بولسىڭىز ، نەزىرىڭىز ئىمكانقەدەر ئىلگىرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەگە چۈشىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇزۇن قاراڭغۇلۇقتا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى خاتىرىسىدە مەھكەم ساقلايدۇ . شۇڭلاشقا سىز بۇ ھالدا كۆزىڭىزدىن باشقا ھەر قادناق چاغدىكىدىن بەكرەك پايدىلىنىسىز . سىز كۆرەلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن شۇنچىلىك قەدىرلىك بولىدۇ . سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز كۆرۈش دائىرىڭىزدە پەيدا بولغان بارلىق بۇيۇمنى قانغۇدەك كۆرۈۋالىدۇ . كىيىن سىز ھەقىقەتەن كۆرەلىگىدەك بولغان چاغدا ، كۆز ئالدىڭىزدا گۈزەل بىر دۇنيا نامايان بولىدۇ .  e'7!aysj  
 *=r,V  
كۆزۈم كۆرەلمەيدىغان مەن ، كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ سەمىگە بىر نەرسىنى سالماقچىمەن ؛ تەبىئىي كۈرۈش سەزگۈسىدىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغان كىشىلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچىمەن ؛ سىز گويا ئەتىلا كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشتەك بالا - قازاغا يۇلۇقىدىغان تەرزدە ، كۆزىڭىزنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭ . ئوخشاش چارە بىلەن باشقا ئەزالىرىڭىزدىنمۇ پايدىلىنىڭ . مۇزىكىنىڭ يېقىملىق ناۋاسىنى ، تارلىق ئوركىستېرنىڭ چەيۋەتلىك ، جاراڭلىق ، ياڭراق كۈيىنى ئوبدان تىڭشىۋېلىڭ . خۇددى سىز ئەتىلا گاس بولۇپ قېلىشتەك يامان تەقدىرگە يۇلۇقىدىغاندەك ، سىلىۋالسام دەپ ئويلىغان بۇيۇملارنى سىلاپ - سىلىۋېلىڭ ، گويا ئەتىلا تۇتۇش سەزگۈڭىز ئاجىزلاپ كىتىدىغاندەك .. يېڭى ئېچىلغان گۈللەرنى پۇرىۋېلىڭ ئىسىل نازۇ نىمەتلەرنى تېتىۋېلىڭ ، گويا ئەتىلا پۇراش ، تېتىش سېزىمىڭىز يوقىلىپ كىتىدىغاندەك . ھەر بىر ئەزايىڭىزدىن تولۇڭ پايدىلىنىپ ، تەبىئەت ئاتا قىلغان تۈرلۈك تۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق دۇنيا سىزگە نامايان قىلغان بارلىق خۇشال - خۇرام ھەر گۈزەل تەپسىلاتلاردىن پەخىرلىنىڭ ! بىراق ، مەن ئىشىنىمەنكى ، بارلىق ئەزالار ئىچىدە كۆرۈش سەزگۈسى چۇقۇم ئادەمنى ھەممىدىن بەك شاد ئەيلەيدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ . [g<6i. 
 nc	l-VN  
 «كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى» ناملىق كىتاب ... كۆچۈرۈپ چاپلاندى [ بۇ يازما bedir تەرپىدىن 2011-11-18 02:37 AM دە قاي ]