-
تىزىم نۇمۇرى:62656
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-10-29
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-20
- تور ۋاقتى:32سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
#=rI[KI Zzs pE} رىۋايەت بەزى چاغلاردا ئادەمگە ئاجايىپ ھىسلارنى ئاتا قىلىدۇ،مانا بۈگۈن ماڭىمۇ ئاشۇ ھىس توزانلىرى قونغان چېغى،رىۋايەتنىڭ سىرلىق سىرلىرىدىن بىھۇش بولغان چاغلارىمدا، ئىجادىيەت ئىلھاملىرى تۇيۇقسىز مېنى چۈشتىن ئويغاتتى.شۇ سەۋەپتىن رىۋايەتكە چەلەڭگۈچ خىياللار مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. +8"H%#~ مەن ‹‹چىنتۈمۇر باتۇر››رىۋايىتىنى ئاڭلاشقا تولىمۇ ئامراق ،شۇسەۋەپ بۇ رىۋايەت كاللامغا ئورناپ كەتكەن چېغى،قايسى كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتىمەن،چۈشۈمدە،چىنتۈمۇر باتۇر مىسران قېلىچى بىلەن ياۋۇزلۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ يەر جاھاننى ھەيراندا قالدۇرغىدەك،ئاشۇ ۋاقىتتا مەن چىنتۈمۈر باتۇرنىڭ قېشىغا كېلىپ ۋە مىسران قېلىچىغا ھەۋەسلىنىپ قارىغىنىمچە مۇنداق سۇئال سوراپتىمەن:_‹باتۇر،سىزدىكى مۇشۇ پۈتمەس قۇدىرەت زادى نەدىن كەلگەن،مىسران قېلىچ بىلەن تاغنى تالقان قىلدىڭىز يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ جاھاننى زۇلمەت ئىچىدىن ئازات قىلدىڭىز،ئەگەر،بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ ئاشۇنداق سېھىرلىك قېلىچ بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!ئۇچاغدا بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ رەزىللىكتىن ...ئەسەر قالمىغان بولاتتى.› z$A5p4=B'^ بۇنىڭغا جاۋابەن چىنتۈمۈر باتۇر مۇنداق دېگۈدەك:-‹مەندىكى باتۇرلۇق بولسا خەلقىمنىڭ ماڭا بەرگەن دۇئاسى،ئەمدى مىسران قېلىچقا كەلسەك بۇنداق قېلىچ ھەربىر غۇرۇر ئىگىسىدە بولىشى كېرەك،ئەلۋەتتە،سەنمۇ مۇشۇنداق قېلىچقا ئىگە بولۇشقا ھەقلىقسەن،قىلچىلىك مەيۈسلەنمە ئەگەر سەن بايقىساڭلا،مىنىڭكى قېلىچىمدىنمۇ مىسلىسىزكۈچكە ئىگە بولغان مىسران قېلىچقا ئىگە بولىشىڭ مۇمكىن.بىراق سېنىڭ بۇ قېلىچنى تېپىپ ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشۇڭ ئۆزەڭگە باغلىق› m`t7-kiZ :-چىنتۈمۈر باتۇر مەن بۇ قېلىچنى نەدىن تاپىمەن؟ EP
@=i :-يىراق دېسەڭ،جاھاننىڭ ئۇ قېتىدا يېقىن دىسەڭ ئەتراپىڭدىلا.... 'tc$#f^: چىنتۈمۈر باتۇر،چىنتۈمۈرباتۇر...دەل مۇشۇيەرگە كەلگەندە چۈشتىن ئويغىنىپ كەتتىم،بىراق چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم راستتەكلا قىلاتتى،شۇڭا شىجائەت كەمىرىمنى چىڭ باغلاپ مىسران قېلىچنى ئىزدەش كۆرىشىگە ئاتلاندىم . دېگەندەكلا مىسران قېلىچنىڭ سايىسى يېنمدىلا ئەگىپ يۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ. ~ lS3+H تور دۇنياسى ھەقىقەتەن بىر كىچىكلىتىلگەن دۇنيا مەن بۇ دۇنيانى ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز مىسران قېلىچنى بايقاپ قالدىم بىراق بۇ قېلىچ بىر مەۋھۇم قېلىچ ئىدى،دەل مۇشۇ مىسرانىم توربېتى بۇمەۋھۇم مىسران قىېلىچنى تارقىتىش ۋە ساقلاش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولغان ئىدى .خوشاللىقىمدا مەنمۇ مىسران قېلىچتىن بىرنى ئىلتىماس قىلدىم ،ئوھوي!باشقىلار مەندىن چاققان چىقىپ كېتىپتىغۇ،60_50مىڭلىغان مىسران قېلىچلىرى ھەر خىل ناملاربىلەن مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ تور دۇنياسىدا ئۆز ئىگىلىرىنى تېپىپتۇ. مەنمۇ بوشكەلمەي جۇمۇ،مەنمۇ قېلىچتىن بىرنى ئىلتىماس قىلاي . _IGQ | |