مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       215 
  •    ئىنكاس 
       7 

ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل

قەۋەت ئاتلاش
bedir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63239

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   383 (سوم)
 ياخشى باھا:   71 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 160
 سائەت
دەرىجىسى:
160 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-20

   I[`2MKh  
     سىز يالغۇز سەپەر قىلىۋېتىپ ئالدىڭىزدا بىر ئاچا يولنى كۆرسىڭىز ، بىرى تاققا ئۆرلەپ چىقىدىغان مېڭىش ناھايىتى قىيىن بولغان داۋان ، يەنە بىرى تۈپتۈز مېڭىش ئاسان بولغان يول . بىرىنجى يول ئىگىز-پەس ، تاش-تىكەن ، ئازگاللىق بولۇپ، مېڭىش قىيىن ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ بېشى ئىگىز-پەس ، مېڭىش قىيىن ، ئەمما بۇ يول كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدىغان توغرا يول .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . يەنە بىر يول بولسا ئاسفالىتلانغان بولۇپ ئۇنىڭغا گۈللەر، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن . بۇ يولنىڭ ئىككى تەرپىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، دىل ھۇزۇرلىنىدىغان ، كۆز خۇرسەن بولىدىغان ، قۇلاققا خوش ياقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ ئاخىرسىدا چىققىلى بولمايدىغان ھەقىقى ھالاكەت بار .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . c@^:tB  
  سىز بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسىدا ماڭىسىز ؟ ... 6nfkZvn  
شەك-شۈبھىسىزكى ، كۆڭۈل قىيىنسىز ئاسانغا ، دەرتسىز لەززەتكە مايىل بولىدۇ ، ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ ، كىشەننى يامان كۆرىدۇ . بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئەت . ئىنسان كۆڭۈل خاھىشىنى ئىختىيارىغا قويۇپ شۇنىڭغا ئەگەشسە ئىككىنجى يولغا ماڭىدۇ . لېكىن ئەقىل ئارلىشىپ ھازىرقى قىسقىغىنا لەززەتكە ئەگىشىپ كېلىدىغان مەڭگۈلۈك دەرد-ئەلەم  بىلەن ۋاقىتلىق مۇشەققەتتىن كېيىن كېلىدىغان مەڭگۈلۈك لەززەتنىڭ ئوتتۇرسىنى سېلىشتۇرىدۇ-دە بىرىنجى يولنى تاللايدۇ ، مانا بۇ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ مىسالى . B5cyX*!?  
  دوزاق يولىدا بارلىق لەززەتلىك ، كۆڭۈللۈك نەرسىلەر بار بولۇپ ، كۆڭۇل شۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ . ئۇ يولدا چىرايلىقلارغا ، ئۇلارنىڭ شەرمەندە يەرلىرىگە قاراش ۋە شەھۋەتكە ، ئۇنىڭ لەززىتىگە بېرىلىش ۋە قانداقلا ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن مال-دۇنيا يېغىش بار بولۇپ ، بۇ يولدىكى مال بەك سۆيۈملۈك ۋە تاتلىق . بۇ يولدا باش-باشتاقلىق بار ، كۆڭۈل شۇنى ياخشى كۆرىدۇ ، چەكلىمىنى يامان كۆرىدۇ . dbuOiZ  
  جەننەت يولىدا جاپا-مۇشەققەت ، قىيىنچىلىق ،چەك-چىگرا ، بەلگىلىمە ، كۆڭۈلگە قارشى تۇرۇش ، ھاۋايى-ھەۋەستىن يىراق بولۇش بار . لېكىن جەننەت يولىدىكى جاپا مۇشەققەتنىڭ ئاقىۋىتى ئاخىرەتتىكى دائىملىق لەززەتتۇر . دەزاخ يولىدىكى ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ نەتىجىسى جەھەننەمدىكى مەڭگۈلۈك ئازابتۇر . مەسىلەن : ئوقۇغۇچى ئىمتىھان كىچىلىرىدە ناھايىتى خوشال-خورام تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقان ئائىلە كىشىلىرىنى تاشلاپ ، يالغۇزھالدا كىتاب-دەپتەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ جاپا چىكىدۇ . شۇ جاپادىن كېيىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش خوشاللىقىغا ئېرىشىدۇ . كىسەل ياخشى تائاملاردىن بىر نەچچەكۈن پەرىز تۇتۇش ئازابىغا بەرداشلىق بەرسىلا كېيىن سالامەتلىكىنىڭ لەززىتىگە ئېرىشىدۇ . .apX72's,  
  ئاللاھ تائالا ئالدىمىزغا ئىككى يولنى قويدى ، ۋە بىزگە ئاشۇ ئىككى يولنى ئايرىيدىغان ئىقتىدارنىمۇ بەردى . كىشىلەر ئىقتىدار ئارقىلىق ياخشى-ياماننى ئايرىپ ، يامانلىقلاردىن ئۆزىنى توسىيالايدۇ . كىشىلەرنىڭ دىللىرى ياخشى ئىش قىلغان ۋاقىتتا راھەتلەنسە ، يامان ئىش قىلغان ۋاقتىدا ئالاقزادە بولىدۇ . IX*S:7S[  
  ئاللاھ تائالا جەننەت يولىغا چاقىرىدىغان ۋە شۇ يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى تۇرغۇزدى . شۇنىڭدەك دوزاخ يولىغا چاقىرىدىغان ۋەئۇنىڭغا قىززىقتۇرىدىغان ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنىمۇ تۇرغۇزدى . ئالىملارنى بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى قىلدى . =zjUd  5  
  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مال-دۇنيا ، كۆچمەس مۈلۈك مىراس ئالغان ئەمەس . ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام چاقىرقىنى مىسراس ئالدى . كىمكى بۇنى ھەقىقى ئېلىپ بارىدىكەن پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى بولۇشقا لايىق بولىدۇ . بۇ چاقىرىق بولسا قىيىن . چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى باش-باشتاقلىققا مايىل ، دىن بۇنىڭغا چەكلىمە قويىدۇ . كۈڭۈل لەززەتكە مايىل ، دىن بۇنى توختىتىدۇ . كىمكى بۇزۇق ۋە خاتا ئىشلارغا چاقىرىدىكەن بۇ ھېسىياتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ-دە ، كىشىلەر شۇ يامانلىققا چاقىرغۇچىنىڭ كەينىدىن سۇ پەسكە ئاققاندەك ماڭىدۇ . تاغ چوققىسىدىكى سۇ ئامبارلىرىغا چىقىپ ئامبارنى جوتو بىلەن ئۇرۇپ تەشسىڭىز سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ . سىز سۇ جىلغىغا چۈشۈپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن سۇنى قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز ، بۇ سۇنى باسما قۇدۇق ئارقىلىق ناھايىتى قىيىنچىلىق ، زور چىقىملار بىلەن قايتۇرۇپ چىقالايسىز . تاغ چوقىسىدىكى مۇستەھكەم تاشلارنى دومىلىتىش ئۈچۈن ئىتتىرىپ قويسىڭىزلا ئاسانلا دومىلاپ پەسكە چۈشىدۇ . قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت چېكىسىز ، مانا بۇ ئىنساننىڭ مىسالى . D{4hNO  
  يامان ھەمرا سىزگە بۇيەردە چىرايلىق ئايال يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ، دېسە كۆڭلىڭىز ئۇنىڭغا مايىل بولىدۇ . ھېسىيات سىزنى شۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . نەچچە مىڭلىغان شەيتان سىزنى ئۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . سىز سەزمەستىنلا ئۇنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ قالىسىز . ئەگەر سىزنى ئۇنىڭدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بىرەرسى نەسىھەت قىلسا ، سىزنىڭ نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىشىڭىز ، كۆڭلىڭىزنىڭ قىززىقىشىغا قارشى تۇرىشىڭىز قىيىن بولىدۇ . يامانلىقنىڭ چاقىرغۇچىسى جاپا چەكمەيدۇ . تىرىشچانلىقمۇ كۆرسەتمەيدۇ . لېكىن جاپا-مۇشەققەت تىرىشچانلىق كۆرستىش ۋە نەسىھەت ئارقىلىق ياخشىلىققا چاقىرغۇچى كىشىلەرگىدۇر . سىز بەدىنى ئۇچۇق قالغان قىزنى كۆرسىڭىز چىرايلىق يېرىنى كۆرۈشكە قىززىقىسىز . ياخشىلىققا چاقىرغۇچى سىزگە كۆزۈڭنى يۇم ، ئۇنىڭغا قارىما دەيدۇ . u/[]g+  
  ياخشىلىققا چاقىرغۇچى ئادەم كىشىلەرگە كەلگۈسىدىكى بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرقى لەززەتنى تەرك ئېتىڭلار ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆز ئالدىڭلاردىكى نەرسىلەردىن ۋاز كىچىڭلار ، ھېسىياتىڭلارنىڭ قىززىقتۇرشىغا ، كۆڭلۈڭلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشى تۇرۇڭلار ، دەيدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلگە نىسبەتەن ئېغىر تۇيىلىدۇ . مېنىڭ ئېغىر دەپ سۈپەتلىگىنىمنى ئىنكار قىلماڭلار . ھەرقانداق ئىسىل ئىشلار كۆڭۈلگە ئېغىر تۇيىلىدۇ. مەسىلەن : ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىۋىزور كۆرمەي دەرس كۆرۈشى ئېغىر . ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماي ، دەرس ئۆتۈشى ئېغىر . ئۇخلاۋاتقان كىشىنىڭ ئىسسىق ئورۇندىن بامدات نامىزىغا تۇرىشى ئېغىر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكى ئادەملەر ياخشى ئادمدىن كۆپ . ئازغۇنلۇقتا تۇرۋاتقان ، بىپەرۋا ، غاپىل كىشىلەر توغرا يولدا مېڭىۋاتقان كىشىلەردىن كۆپ . كۆپۈنچە كىشىلەر پاكىتسىز ئىشەنگەنلىكتىن تولا ۋاقىتتا ئېزىپ كېتىدۇ .   UjDF  
  ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئالىملاردىن بولغان ۋارىسلىرى جەننەت يولىغا چاقىرىدۇ . شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسدىكى بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ياردەمچىلىرى دوزاخ يولىغا چاقىرىدۇ . بىزنىڭ ئىچىمىزدە شۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلار بار. پەيغەمبەر ۋارىسلىرى ئەقىدىدە گەۋدىلىنىدۇ . شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھېسىياتتا گەۋدىلىنىدۇ ... ھەممىمىز «مەن كۆڭلۈمگە مۇنداق دېدىم » ۋە « ئەقلىم ماڭا مۇنداق دېدى » دەيمىز ، بۇنداقتا «مەن نېمە ؟» «كۆڭلۈمچۇ ؟» «ھېسىيات دېگەن نېمە ؟» «ئەقىلچۇ؟» تېخىچە بۇ بىزگە روشەن بولمىدى . سىز قىش كىچىسى ئىسسىق ئۆي ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋېتىپ نامازغا چاقىرىق قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ، ئىچكى قىسمىڭىزدا « نامازغا تۇر ! » دېگەن نىدانى سېزىسىز . ئورنىڭىزدىن تۇرماقچى بولغىنىڭىزدا سىزدە«ئازراق ئۇخلىۋال» دېگەن يەنە بىر سېزىم پەيدا بولىدۇ . ئاندىن باشتىكى سېزىم سىزگە « ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى » دېسە ، كىيىنكى سېزىم «ئۇيقۇ تاتلىق ، ۋاقىت كەڭرى ، يەنە بىردەم ئۇخلىۋال» دەيدۇ . ئىككى سېزىم ئارقىمۇ-ئارقا «تۇر،ئۇخلا ،تۇر،ئۇخلا» دەيدۇ . مانا بۇ ئەقىل ۋە ھېسىيات . بۇ مىڭلىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان مىسالدۇر. ھەرۋاقىت ئىنسان بۇ ئىشلارغا دۇچ كەلسە ،كۆڭۈل ھارام لەززەتكە ئىنتىلىدۇ . ئۇكىشىنىڭ قەلبىدە ئەقلىنى لەززەتتىن توسۇپ تۇرىدىغان ئىمان بار. ئەقىلنىڭ ياردەم بېرىدىغان مەنبىئى  ئىماننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدۇر . بۇنىڭ مەنىسى : ئەقىل دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ ،مۇسۇلمانلار يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەيدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئىسلام تەبىيئى ۋە ئەمەلى دىن . ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالا مەخسۇس ئىبادەت ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ياراتقان . بىزنى پەرىشتە قىلمىدى ۋە ئەھۋالى گۇناھ مەئسىيەتلەربىلەن ئۆتىدىغان شەيتانلارنى ياراتتى . ئاللاھ بىزنى شەيتانغا ئوخشاش قىلمىدى . ئاللاھ يەنە ھايۋانلاردىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك مەخلۇقلارنى يارىتىپ ئۇلارغا پەقەت سېزىملا بەردى . ئۇلار ئەمەل-ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ . قىلغان ئىشلىرىدىن سوئال-سوراقمۇ قىلىنمايدۇ . بىزنى ئاللاھ ۋەھشىي ھايۋان قىلمىدى ، ئۇنداقتا بىزنېمە ؟ ئىنسانچۇ ؟ H|)1T-%  
  ئىنسان ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر مەخلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭدا پەرىشتە ، شەيتان ۋە ھايۋانلاردىن مۇجەسسەملەشكەن خاراكتىر بار . ئەگەر ئادەملەر ئىبادەتنى ياخشى قىلىپ ئاللاھ بىلەن سىرداشقان ۋاقتىدا قەلبى پاك ، دىلى روشەن ھالدا ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىيالىسا ، بۇكىشدە پەرىشتىلىك سۈپەت غەلبە قىلىدۇ . ئەگەر ياراتقۇچىسىغا ئىشەنمىسە ، پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلسا ، ياكى شىرىك كەلتۈرسە ئۇ كىشىدە شەيتانلىق سۈپەت غەلبە قىلغان بولىدۇ . ئۇ كىشىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە تومۇرلىرى كۆپۈپ ، قېنى قىززىپ كېتىدۇ . ئۇكىشى دۈشمىنىنى تېپىپ ، چىشلەپ ، تاتىلاپ ، گېلېىنى سىقىپ ، ئېغىز-بۇرنىدىن قان ئالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. مانا بۇخىل ھالەتتە كىشىدە ھايۋانلارنىڭ سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ يولۋاس ، شىردىن كۆپ پەرقى قالمايدۇ . كىشىنىڭ قورسىقى ئاچسا ، ئۇسسىسا ، تويغىچىلىك نان ، قانغۇدەك سۇ بولسا ، جىنسى قىززىقىش ئۇكىشىنىڭ خىيالىنى كونتىرول قىلىۋالغان بولسا ، زېھنى ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسا ، بۇھالەتتە ئۇ كىشىگە ھايۋانلىق سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ، ئۇكىشى  ئىشەك ، قويغا ئوخشاش بوپ قالىدۇ . مانا بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىتى بولۇپ ، ئاللاھ تائالا ئىسانغا ياخشىلىق ۋە يامانلىققا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ياخشى ياماننى ئايرىش ئۈچۈن ئەقىلنى ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادىنى بەردى .  ئەگەرئىنسان ئەقلىنى ياخشى ئىشلىتىپ ، ئىشلارنى ئورۇنلاشتا ئىرادىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرسا ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئەخلاقلىق بولسا ئاخىرەتتە بەختلىك كىشىلەردىن بولىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئازابلانغۇچىلاردىن بولىدۇ . BXo|CITso  
   توغرا ، كۆڭۈل باش-باشتاقلىقنى خالايدۇ . دىن بۇنى چەكلەيدۇ. ئەگەر كۆڭۈل ئەركىگە قويۇپ بېرىلسە ، ئۆ‍ز خاھىشى بويىچە بۇزۇق ئىشلارغا ئاتلىنىدۇ-دە ، جەمىيەت بىر پۈتۈن بۇزۇقلار جەمىيىتى بولۇپ كېتىدۇ . چۈنكى مۇتلەق ئەركىنلىك ساراڭلارغا مەنسۇپ . ساراڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلالايدۇ . كوچىدا يالىڭاچ ماڭالايدۇ . ئۇچرىغانلار كىشىنى ئۇرۇپ-تىللىيالايدۇ . باشقىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلالايدۇ ... ]Z-oUO Z 
  ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ئىشلار تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن  شېرىن تۇيىلىدۇ . باشقىلارنىڭ يامانلىقىنى چىشلەپ تارتىۋاتقان كىشىدىن ئاڭلىغان سۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىڭىزنى سەزدۈرىدۇ . غەيۋەت ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىز خوش بولىدۇ . جازانەخورلۇق جاپا-مۇشەققەتسىز مال-دۇنياغا ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن لەززەتلىك . زىنادا كۆڭۈلنى خاھىشقا قويۇپ بېرىش ، تەلىۋىنى قاندۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن زىنامۇ لەززەتلىك تۇيىلىدۇ . مەجبۇرىيەتتىن قېچىش راھەتلىك دەم ئېلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ كۆڭۈلگە ياخشى تۇيىلىدۇ . لېكىن ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلسا بۇ ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ كېيىنكى چەكسىز ئازابقا باراۋەر كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ . $vLV< y07  
  كىم بىز بىلەن بىريىللىق توختام تۈزۈشكە رازى بولىدۇ . بىز بۇبىريىل ئىچىدە ئۇ كىشىگە تەلەپ قىلغان مال-دۇنيانى بېرىمىز . خالىغان شەھەردە تۇرغۇزىمىز، ھېچ ئىشتىن توسىمايمىز . بىراق بىر يىل تۈگىسە ئۇكىشىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمىز دېسەك بۇنىڭغا كىم رازى بولسۇن . ھەرقانداق ئادەم قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق بەخت دېمەمدۇ ؟ ئۆزىنىڭ دارغا ئېسىلىپ تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمامدۇ ؟ بۇدۇنيادىكى دار ئازابى بىرقانچە مىنۇت ، ئاخىرەتتىكى ئازابنىڭ چېكى بولمايدۇ . J=X% xb  
  بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆمرىدە گۇناھ قىلىپ باقمىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆڭۈل خالىغان ئىشلاردىن لەززەتلەنمىگەن كىشى يوق . ئەقەللىسى بىرقېتىم ناماز بامداتقا تۇرۇشتىن كۆرپىنىڭ ھۇزۇرىنى ئەلا بىلىپ مۇشۇ گۇناھنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغان كىشى يوق ... ئون يىل ئىلگىرى ھۇزۇرلانغان شۇ لەززەتلەردىن ھازىر قولىمىزدا نېمە قالدى ؟ رامىزاندا ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىبارەت ئەمەل ئىبادەتنىڭ جاپاسىدىن ھازىر نېمە قالدى ؟ ھېچ نەرسە قالمىدى . ئۆلۈم ۋاقتى يېقىنلاشتى . بىز تېتىغان ئاشۇ لەززەتلەردىن ، شۇ دەرد-ئەلەملەردىن قايسىسى بىزگە ئۆلۈم سائىتىدە ئەسقاتار ؟ قايسىسى بىزگە ھەمراھ بولار ؟ E.`d k.  
  شەكسىزكى ، ھەرقانداق مۆئمىن ئادەم تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىشنى ئويلايدۇ، لېكىن كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئارقىغا سۈرىدۇ . مەن ھەج قىلسام تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىمەن دەيتتىم . ھەج قىلدىم ، تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىق ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا تەۋبە قىلىمەن دېدىم . قېرىق ياشقا كىردىم لېكىن يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىدىم يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . بۇ مەن ھەمىشە ئاللاھ چەكلىگەن پاھىشە ، يامان ئىشلار بىلەن بولدۇم دېگەنلىك ئەمەس . خۇداغا شۈكرى ، مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . لېكىن ئارقىغا سۈرىدۇ . ۋاقىت كەڭرى ، ئۆمۈرتېخى ئۇزۇن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇكىشى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ . ھەقىقەتەن مەنمۇ ئۆلۈمنى ئىككى قېتىم كۆردۈم . ئۆلۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ ، تائەت-ئىبادەتسىز ئۆتكەن ھەربىر مىنۇت ئۆمرۈمگە پۇشايمان قىلدىم . بۇ تەسىرات بىرقانچە ئاي داۋاملاشتى . كېيىن بۇئىشلار سەل ئۇنتۇلۇپ ھاياتلىق قاينىمىغا ئىككىنچى قېتىم چۆمدۈم . ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ... D i'u%r  
   ھەركۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى ئۇنتۇيمىز . ئۆزىمىزنىڭ يېقىندا ئۆلىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمايمىز . ھەممىمىز جىنازا نامىزىدا تۇرۇپ دۇنيا توغرىسىدا ئويلىنىمىز. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇدۇنيادا مەڭگۈ تۇرمايدىغانلىقىنى ، دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈم بارلىق كىشىلەرگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەپ ئويلايدۇ . لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ . K~8tN ,~&  
  مەيلى ئىنسان قانداقلا ياشىسۇن ئۆلىدۇ . ئۇ ئاتمىش يىل ياشىسۇن ياكى يۈزيىل ياشىسۇن بەرىبىر ئۆلىدۇ. ھايات ئاخىرلاشماي قالارمۇ ؟ نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىپ 950يىل ياشىغان . نۇھ ئەلەيھىسسالام ھازىر قەيەردە ؟ ئۇ ، دۇنيادا مەڭگۈتۇردىمۇ ؟ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىمۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايمىز . ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ بولمايدىكەن ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمايمىز ؟ '98h<(@]  
  ئەگەر بىركىشىنىڭ ئالدىدا سەپەر بولسا ئۇ كىشى سەپەر ۋاقتىنى بىلمىسىمۇ سەپەرگە تەييارلىق قىلىپ تۇرغان بولسا ، چاقىرسىلا دەرھال ماڭالايدۇ. بىراق سەل قارىغان كىشى بولسا ، چاقىرىلغان ۋاقىتتا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاي ، ئائىلىدىكىلەربىلەن خوشلىشىۋالاي دەيدۇ-دە سەپەرپۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ . بىراق ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلسە جاننى ئالماي كەتمەيدۇ . بەلكى مەجبۇرىي ھالدا ئالىدۇ . ئۇ كىشىگە بىرە سائەت ،بىرەر مىنۇت ياكى بىرەر سىكونتمۇ ۋاقىت بەرمەيدۇ . ۋاقىت بېرىش ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ قولىدىنمۇ كەلمەيدۇ . ھەممىمىز ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، لېكىن قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز . ئۇنداقتا ئۆلۈم دېگەن نېمە ؟ ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىچۇ ؟ m_$I?F0  
  ئىنسان ھاياتى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىلىك باسقۇچى ، بۇدۇنيادىكى ھاياتلىق باسقۇچى ، ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك بولغان بەزرەخ باسقۇچى ۋە ھەقىقى ھايات - دائىملىق باسقۇچ يەنى ئاخىرەت باسقۇچىدىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئانىنىڭ قورسىقىنى دۇنيادەپ ئويلايدۇ . ئەگەر ئۇبالا ئويلىيالىسا ،پىكىر يۈرگىزەلىسە ئانىنىڭ قورسىقىدىن چىقىشنى ھەقىقى ئۆلۈم دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى . سىز ئۆزجىسمىڭىزنىڭ بالا ھەمرىيىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەسىز ؟ يەنى كىربولۇپ تاشلىۋېتىلگەن كۆڭلەككە ئوخشاش ياكى كىيىشكە ھاجىتى قالمىغان كىيىمگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟  مانا بۇ ئۆلۈم . ئۆلۈم ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق باسقۇچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر باسقۇچقا يىڭى تۇغۇلۇش بولۇپ ، بۇدۇنيا پەقەتلا بىر يول . بۇ يولدىكى بىزنىڭ ھاياتىمىز خۇددى يىراق بىر ئەلگە كۆچۈپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ . چۈنكى ئۇ كۆچمەن پاراخۇتتا ياخشى ئۆيلەرنى تاللايدۇ ، راھەتكە قىززىقىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ . لېكىن ئۇ ئادەم بارلىق مال-مۈلكىنى ياتىقىنى يىڭىلاش ، تاملىرىغا نەقىش قىلىش ئىشلىرىغا چىقىم قىلىۋېتىپ مەنزىلگە ئۆزىدە ھېچ نەرسە يوق خالتىسى قۇرۇق قەلەندەر بولۇپ بارامدۇ ؟ ياكى مەن بۇ ئۆيدە بىرەر ھەپتە تۇرىمەن ، بۇجەرياندا ماڭا زۆرۈر بولغان نەرسە بولسىلا بولدى ، مەن ھازىر بىر كۆچمەن مال-مۈلكۈمنى يېقىندا بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان شەھەردىكى ئولتۇراق جايىمغا قالدۇرشۇم كېرەك دەمدۇ ؟ !1'-'Q@f  
  بۇ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەتلا قىلىش، قوللىرىنى مال-دۇنياغا يېقىن ئەكەلمەي ، مەسچىتتىن چىقماي ئولتۇرسۇن ، ئۆڭكۈرلەرگە ئورۇنلىشىۋېلىپ بىر ئۆمۈر دەرۋىش بولسۇن دېگەنلىك ئەمەس . ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ... بەلكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن ياخشى مەدەنىيەت يارىتىپ ھەرقانداق مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ،ئىقتىسادى جەھەتتە كاتتا باي بولۇشنى ، ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە كاتتا ئالىم بولۇشنى شۇنداقلا ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئۇزۇقلىنىشىنى ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى خوش قىلىشنى ، ئائىلىسىدىكەرگە بويسۇنۇپ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىش ، ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەش ، يول كۆرسىتىش ، مىھرىبان بولۇش قاتارلىق ھەقلىرىنى ئۆتەپ جەمىيەتنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيىتىنى تونۇشنى ، خۇددى ئاللاھ تائالاغا يەككە-يىگانە دەپ ئىششىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ، بىزدىكى ھەققىنى تونۇغىنىمىزدەك b3b~T]]  
يۇقىرىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ توغرا تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .   UY-IHz;&O-  
   مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانىغا مەيلى ئاشكارا مەيلى مەخپىي بولسۇن شېرىك ئارىلاشتۇرماي توغرا ئىسلام ۋە توغرا تەۋھىد ئەقىدىسىى ئۈستىدە تۇرۇپ ھالالدىن مال دۇنيا توپلىشى ، ئائىلىسىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ، ئىسلام رۇخسەت قىلغان پاك نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى ، ھارام ئىشلارنى قەتئىي تەرىك ئېتىشى ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ، مال-دۇنيا ئۇ كىشىنىڭ دىلىدا ئەمەس قولىدا بولىشى ، مال-دۇنياغا ئەمەس ئۆز پەرۋەردىگارىغا تايىنىشى بولۇپمۇ ئۇكىشىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولۇشى لازىم ... [u9JL3  
[b.'3a++  
    ئەلى تەنتاۋىنىڭ " ئىسلامنى ئومومىي تونۇشتۇرۇش" ناملىق كىتاۋىدىن ...
تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-17, 03:48
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
munqak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28786

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   519 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6111 (سوم)
 ياخشى باھا:   642 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   710  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5849
 سائەت
دەرىجىسى:
5849 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-17

مەن بۈگۈن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل تېما!......تۆنۈگۈن مەنمۇ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، تۇيۇقسىز بىرسى«تۇر›› دىگەندەكلا ئورنۇمدىن تۇردۇم، خۇددى ھازىرلا ئەزرائىل كېلىپ جېنىمنى ئالىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى. نامازنى ئوقۇيالماي ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ دەپ بەكلا قورقتۇم. شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ دەرھال تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدۇم، ۋە جەينامازدا خېلى ئوزۇنغىچە بېشىمنى سەجدىگە قويۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يىغلىدىم.... D.'h?^kA  
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.....ئۇلۇغ ئاللاھ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىسۇن...بىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن......ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز، شۇڭا ئاخىرەت ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنىڭ يورۇق بولىشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلايلى!........ ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
sofi مۇنبەر پۇلى +1 ئۈلۈشكۈن 11:45 رەخمەت `````
 
kugul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.129

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3532 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1768 (سوم)
 ياخشى باھا:   1995 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2559
 سائەت
دەرىجىسى:
2559 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-17

مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى كۆرمەي قاپتىمەن دىسە. +Y}V3(w9X  
ئۇلۇغ ئاللاھ  ھەممىمىزنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ئۆزى ساقلىسۇن. :_ROJ  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم !ياخشى ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
 
بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.
isil255
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.65072

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   118 (سوم)
 ياخشى باھا:   42 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   49  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-17

نىمە دىگەن ئىسىل تېما بۇ !ئاللا رەھمەت قىلسۇن
 
بىز ھەممىز قايـتقۇچىلارمىز ئىسىل ياشايلى
sofi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31608

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1085 (سوم)
 ياخشى باھا:   104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 200
 سائەت
دەرىجىسى:
200 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:45

رەخمەت `````
 
darwin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33027

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3926 (سوم)
 ياخشى باھا:   489 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   600  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1065
 سائەت
دەرىجىسى:
1065 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:07

مەن بۇنى كۆچىرىۋالاي.
 
ئاتام ئادەم، ئانام ھەۋۋا.
مىللىتىم ئىبراھىم خەلىيلۇللاھ.
ئىسمىم مۇھەممەد مۇستافا،
چىكىشىم شۆلىيەن، ئىچىشىم پىيجو.
bedir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63239

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   383 (سوم)
 ياخشى باھا:   71 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 160
 سائەت
دەرىجىسى:
160 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:42

كۆڭۈل ئەقىلگە بويسۇنسۇن ... ئەقىل ئىسلامغا بويسۇنسۇن
 
xah!
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62656

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   797 (سوم)
 ياخشى باھا:   234 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   298  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 32
 سائەت
دەرىجىسى:
32 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 04:00

اللەھ ،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يۇرۇتقاي
 
كىشى مېنى كىشى دېسە، كىشى مېنىڭ كىشمىشىم. كىشى مېنى كىشى دېمىسە ،كىشى بىلەن نېمە ئىشىم.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى