مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       473 
  •    ئىنكاس 
       15 

مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر

قەۋەت ئاتلاش
yalkun085
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20381

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4618 (سوم)
 ياخشى باھا:   631 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1004  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1176
 سائەت
دەرىجىسى:
1176 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-16

مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر 7j& l2Z  
JCZJ\f*EZ  
_wf"E(c3D  
 \'"q6y  
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن N1(}3O  
i4!n Oyk  
9&'Mb[C`"  
K"b vUH  
«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 1993-يىللىق 29-ئىيۇلدىكى سانى. A Sy7")5  
qg6Hk:^r  
Ok({Al1A,w  
L +.K}w  
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ بۇ يىللىق خەنزۇچە 1-سانىدا بېسىلغان، خەن زىيۇڭ، لې لىن ئىسىملىك ئىككى ئاپتۇر يازغان «تەبىئەت، مەدەنىيەت، ئىنسان» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ، غەربى دىياردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە مىللى مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم. n3b@ 6V1_  
iJrscy-  
ماقالىدە غەربي دىيارنىڭ «تەبىئەت ئانىسى» مۇھىتىدا كۈچلۈك، مىللى ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىز، سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سىياسى ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسسىيات ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، يېڭىلىققا قىزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئائىلىسىنىڭ روھىي مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ماقالە ئاپتورلىرى غەربي دىيارلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ بىر-بىرىنىڭ چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىزلىقىنى، تارىخقا، ئاتا-ئانىغا، پېشىقەدەم نامايەندىلەرگە، ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت، ۋارىسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش، قەدىرلىمەسلىك، بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن كۆپ ئاجىزلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ يادرو ھاسىل قىلالماسلىقى، تۆت ئەتراپىدىكى ئۇيۇشقان، يادرو ھاسىل قىلغان سىياسى ھاكىمىيەت كونتروللۇقىنى تەقدىر قىلغانلىقى، سەرگەردان مىللەتتىكى، مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ باشقا خەلىقلەر تەزكىرىلىرىگە نامى چۈشۈپ قالغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن بىللە چەكسىز قۇم دېڭىزىغا غەرق بۇلىدىغانلىقىنى ئوچۇقتىن-يورۇق بايان قىلغان. )vGRfFjw_  
'Dk(jpYB  
ماقالىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قاتار تارىخي ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقلىرىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى» قېلىپىدا شۇنداق ئەزەلىلىككە ئىگە بۇلۇپ يارالغان دېگىلى بولمىسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئىجتىماي ۋە روھى مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان ئۈچ مۇھىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقنى قايتا ھېس قىلدىم. بۇ نوقتىدىن يۇقىرقى ئىككى ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق-يورۇق ئىلمي پوزىتسيسىگە تەسەننا ئوقۇش كېرەك. [EGE|   
$ 9QVl  
مەن ئىلگىرى يېزىپ ئىلان قىلغان «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۈرجىكى»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ناملىق ماقالىلىرىمدە خەلقىمىزنىڭ روھىيەت تۈزىلمىسى، مەدەنىيەت پىسخىكى، تۇرمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئىللەتلەرنى يۈز خاتىرە قىلماي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ (يۇرتۋازلىق، كەسپىي ھەسەتخورلۇق، پىتنە-ئىغۋاغا ھىرىسمەنلىك، ئۆزىدىن چىققان ياراملىق كىشىلەرنى چۆكۈرۈش، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، قەسىت قىلىش) بىزدىكى ئاساسىي ئىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىدىم. #2HygS  
KI>7h.t  
ھېسسىياتقا بېرىلىش، گاھى قەھرىمان، گاھى غەرىبان، گاھى خوشخۇي، گاھى چۈشكۈن روھىيەتكە ئەسىر بۇلۇش، ئوقتەك قىزىپ نىكاھلىنىپ، تېزدىن سوۋۇپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىش، غەزەپكە پايلىماي پاجىئە ھاسىل قىلىش، بىكار تەلەپ، سۆلەتۋازلىق قاتارلىقلارنى دائىم يۇلۇقتۇرۇپ تۇرىمىز. RXx +rdF0  
"F[VqqD  
مۇھىمى شۇكى، مىللىتىمىز ئۇمۇمەن ئەقلىي، مەنتىقى، نەزەرىيىۋى، ئىلمي تەپەككۇرغا نىسبەتەن ھېسىسىيات ۋە ئۆز ئالدىدىكى روھي كەيپىيات بويچە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئېغىر دەرىجىدە مايىل. بىزدە شائىرلىق، يازغۇچىلىق، ئارتىسلىق، سازەندىلىك، ناخشىچىلىق خاھىشى ئىلمي ۋە نەزەرىيۋى جەھەتتىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىدىن كۆپ كۈچلۈك. `XWxC:j3%  
3?5 ~KxOE(  
بىزدە ئەنئەنىۋى ئاڭ تولىمۇ ئاجىز، ئاتا-ئانىلارنى، پېشىقەدەم جامائەت ئەربابلىرىنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىش، ئۆزتارىخىنى ئىزچىل-مەنتىقى چۈشىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكى، قۇرۇق قايىل چىلىق ۋە ئەقىدىۋازلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈكرەك ساقلاپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزمۇ يوق. تارىخىمىزنىڭ خېلى بىر قىسمى گاھىدا ئۇ ئىشان، گاھىدا بۇ خوجىنىڭ ئارقىسىدىن مۇرىت بۇلۇش بىلەن بىللە ئۈتۈپ كەتكەن. بۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا دىققىتىمىز بىردىنلا مىللي مائارىپىمىزغا بۇرالدى. مائارىپ-ئىنساننى تەبىئەت دۇنياسىدىن مەدەنىيەت دۇنياسىغا، جاھىللىق ئالىمىدىن ئارىفلىق ئالىمىغا قايتا تۆرەلدۈردىغان ئۇلۇغ بىناكارلىق، مىللي مائارىپ نىسپي مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ كونكىرېت تارىخى، ئىجتىمائى، مىللي ۋە روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىن ئىبارەت. 0U/:Tpyr  
P^h2w%6'  
ئاپتونوم رايۇنىمىزدا مىللي مائارىپ، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللي مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ ھالقىلىق ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق بايقىغان ۋە قاراتمىلىققا ئىگە تەلىم- تەربىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى رۇشەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇشى لازىم. مېنىڭچە، ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسسىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۈر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بۇلۇش ھادىسىسىنى تەربىيە ئارقىلىق تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقى ۋە تارىخى، ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق مەسىلىسنى چۈشەندۈرگىلى، تەدرىجىي ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. hU=J^Gi0  
XIp9=jhSR  
مەلۇمكى، «مىللەتنىڭ مۇھىم بايلىقى-خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدىن ئىبارەت» (چېرنېشۋىسكىي). خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى ئاخىرقى ھېسابتا نەزەرىيۋى تەپەككۈرغا باغلىق. HK[sHB&  
"]NQTUb;  
نەزەرىيۋى تەپەككۈر دەل ماركس تەرپىدىن «ئۆز زامانىسنىڭ مەنىۋى تاجى» دەپ ئاتالغان ئىلمي تەپەككۈر ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۈردىن ئىبارت. O5=ggG  
|t]9RC.;7  
مىللى مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ نەزەرىيۋى تەپەككۈر جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىگەن ھالدا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە پەلسەپە، تەبىئەت پەنلىرى، قانۇنشۇناسلىق، جەميەتشۇناسلىق ۋە تارىخى پەنلەردىن نۇقتىلىق تەربىيە بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتكا، لوگىكا ۋە سىياسي-ئىقتىسادقا ئائىت پەنلەرنى ئىگىلىشىگە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرشى كېرەك. D{l.WlA.  
U/iAP W4U  
فېيختىۋانگېر «مەنتىقىي تەپەككۈر- ئىنسانىيەت تەڭرىسى» دېسە، ئېنگىلىس «دۇنيادا بىرەر مىللەت ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمەن دېسە، نەزەرىيۋى تەپەككۈردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغان بۇلۇشى لازىم» دېگەنىدى. ئەلۋەتتە، بۇ «ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك، ئەدەبىيات-سەنئەتتە نەزەرىيۋى تەپەككۈر يوق دېگەنلىك ئەمەس». بۇ، پەقەت بىزدە ئەدەبىيات-سەنئەتكە نىسبەتەن، ئەدەبىيات-سەنئەت كىتابلىرى، گېزىت-ژورناللارغا نىسبەتەن، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن پەلسەپە، تەبىئەت پەنلىرى، ئىقتىساد، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىققا ئوخشاش غوللۇق ئىلمىي، نەزەرىيۋى تەپەككۈر ۋاستىلىرى، ئىجادىيەت خاھىشى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ كەم دېگەنلىك. {X =\  
U|Jo[4A  
بىز ئائىلىلەردىن جەميەتكىچە كىشىلەرنى قائىدە-پىرىنسىپلار بويىچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان، سۆزلەيدىغان، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، مۇستەقىل پىكىر يۈگۈزەلەيدىغان قىلالىساق، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ نەزەرىيۋى تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەپ، تەبىئىي پەن كۇرۇژۇكلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا نەزەرىيۋى تەپەككۈر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلىسەك، بۇ مەقسەتتە بۇشاشماي بىر قانچە يىل قېتىرقىنىپ ئىشلىسەك چۇقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالايمىز. #VO2O0GR  
C3b' Q  
نەزەرىيۋى تەپەككۈرنىڭ ئۈستۈن ۋە ئەۋزەل مۇھىتىنى يارىتىش، مىنىڭچە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي يېتەكچى ئېڭى ۋە تارىخىي خىزمىتى بۇلۇپ ھېسابلىنىشى كېرەك. v =?V{"wk!  
)-QNWN H  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-16, 17:05
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
نۇرى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19059

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3755 (سوم)
 ياخشى باھا:   225 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   267  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3128
 سائەت
دەرىجىسى:
3128 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

مىللى مائارىپ دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟
 
.يا تارىخنى يازىمىز ياكى تارىخ بولىمىز .
kvyqi2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63260

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   440 (سوم)
 ياخشى باھا:   139 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9
 سائەت
دەرىجىسى:
9 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ھەق گەپتىن بىرسى بولوپتۇ .، ئىشقىلىپ بىزدە يۇققۇردا دىيىلگەندەك بىر قاتار كەمچلىكلەر مەۋجۇت ! ئەڭ ئەقەللىسى ئۇيۇشۇچانلىق ئاجىز ! بىزدە ئۇيغۇر دەپ ئات بولوشىدىكى سەۋەپ بىز بۇرۇن ئۇيۇشچان بولمىغاچقا ئاتىلار بىزگە ئارزۇلاپ ئامانلاپ مۇشۇنداق ئىسىملارنى قۇيغانمىكىن دەپ قالىمەن ! ئەلۋەتتە بۇ پەقەت مىنىڭ مۇنداقلا قارىشىم !
 
ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!
kvyqi2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63260

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   440 (سوم)
 ياخشى باھا:   139 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9
 سائەت
دەرىجىسى:
9 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-16
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16
1قەۋەتتىكى(نۇرى) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

جوڭگۇچە مائارىپ: ئۇقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن تەڭ ، ھەممىگە قادىر قىلىپ يىتىلدۈرۈش، ~B&*7Q7  
چەتئەل مائارىپى: ئاساسەن تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى مائارىپ مېتودى كۆزدە تۇتۇلغان بولوپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىق ئالاھىدىلىكى چىڭ تۇتۇلوپ چەككە يەتكۈزۈلىدۇ ! V./w06;0  
مىللى مائارىپ: ھەر بىر مىللەتنىڭ  ئۆزىگە خاس تارىخى ، مەدىنىيىتى بولىدۇ، باشقا قىرىنداش مىللەتلەردىن پەرىق قىلغان ئاساستا مائارىپ تۈزۈلمىسىنى يولغا قۇيۇش بولوپ ھىساپلىندۇ !
 
ھەرقانداق شارائىتتا  قىزلار  ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!
ئىپارە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33575

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   221 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2380 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1557
 سائەت
دەرىجىسى:
1557 سائەت 143 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

مىنىڭ سىڭلىم خەنزۇچە ئوقۇيدۇ يەنى تۇلۇقسز 3 ئوقۇيدۇ تەبى پەندىكى نەتىجىسى 90دىن چۇشمەيدۇ .  خەنزۇچە ئوقۇغانلار تەبى پەندە  سەل ئۇستا بولامدۇ قانداق؟
 
taxqin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57371

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   379 (سوم)
 ياخشى باھا:   56 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1438
 سائەت
دەرىجىسى:
1438 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

  ماۋۇ تېمىنىڭ بويۇن قىسىپ قالغىنىنى. *v rW A  
نەدە تايىنى يوق تېمىلار ئاۋات بوپ كېتىپتۇ، كەچكىچە ئۇيغۇرنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغانلار ئۇيغۇر توغرىلىق چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇنداق تېمىلارغىمۇ نەزەر سېپ قويۇڭلا، قۇرۇق ‹ئۇيغۇرپەرۋەرلىك› نىڭ نىمىگە پايدىسى بار!؟
 
مەسچىت سالدۇق دوقمۇش- دوقمۇشقا ، كۆككە تاقاشتى  بېشىمىز، مەكتەپ بىلەن  نىمە  ئىشىمىز.
52arslan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17211

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   267 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7541 (سوم)
 ياخشى باھا:   509 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   688  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1917
 سائەت
دەرىجىسى:
1917 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ئالىم مەن تېخى ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدىغان چاغلاردىلا مۇشۇلانى ئالدىن كۆرسىتىپ بىرىپتىكەن بولمىسا ، مانا بىر بىرلەپ كىلىۋاتىدۇ ھازېر، قاچانمۇ بۇرنىمىزغا سۇ كىرەر.....
 
ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
Naprat2009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4456

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8521 (سوم)
 ياخشى باھا:   459 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6056
 سائەت
دەرىجىسى:
6056 سائەت 234 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  ئىپارە كە 2011-11-16 06:17 PMئەۋەتىلدى  : S`iR9{+&  
مىنىڭ سىڭلىم خەنزۇچە ئوقۇيدۇ يەنى تۇلۇقسز 3 ئوقۇيدۇ تەبى پەندىكى نەتىجىسى 90دىن چۇشمەيدۇ .  خەنزۇچە ئوقۇغانلار تەبى پەندە  سەل ئۇستا بولامدۇ قانداق؟ d(7NO;S8  
^Kqf ~yS%  
قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارمۇ شۇلاردىن چىقىدۇ، چەتئەللىك دوستلىرىم بۇلار نومۇرنى يۇقىرى ئالغان بىلەن ئاخىرىدا ھېچنېمە ئىجاد قىلالمايدىكەنغۇ؟ دېگەنتى باش چۆكۈرۈپ ئۆگۈنۈۋاتقانلار تۆت كۆزلەرنى كۆرۈپ.
 
phonon
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.54864

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   517 (سوم)
 ياخشى باھا:   21 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 108
 سائەت
دەرىجىسى:
108 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

نەزەرىيۋى تەپەككۈر دىگەن قانداق تەپەككۇر؟ خىيال سۈرۈشما؟ ,9of(T(~  
ئەگەر سىز ياغاچنىڭ سۇدا لەيلىگىنى كۆرۈپ كىمە ياسىسىڭىز... بۇ ياخشى! M#,Q ^rH#  
ئەگەر ياغاچنىڭ سۇدا لەيلىگىنىدىن لەيلەش كۈچىنى ياكى قانۇنىيىتىنى بايقاپ، پولاتتىن كىمىلەرنى ياسىسىڭىز ... بۇ ئەڭ ياخشى! بىزگە كېرىگى مۇشۇ!
 
تەپەككۇر توختاپ قالمىسۇن!
shoruq
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58858

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   519 (سوم)
 ياخشى باھا:   129 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

مەن بەك ھەيران. ئۆتمۇش جەمىيەتتە 20 يىل ئوقۇغان ئادەم ئالىم بۇلاتتىكەن. ئانا تىلنى مۇكەممەل بىلگەندىن باشقا ئەرەپ تىلى، پارس تىلى، تۈرك تىلى ،خەنزۇ تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق بىر قاتار تىللارنى ؛ ئىجتىمائىي، تەبئىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىلمىي ئەسەر يازالىغۇدەك دەرىجىگە يېتەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان- ھەدىسلەرنى تەپسىر قىلىش، يادلاشتەك دىنى بىلىملەرمۇ ئۇلارنىڭ بىلىش دائىرسىدە بۇلاتتىكەن. بۈگۈنكى مائارىپىمىزدىمۇ 20 يىللاپ ئوقۇپ، بىر كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمايدىغان، خەنزۇ تىلى بىلسە ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىگەن. كەسىپتىن نەتىجە قازانغىنى بولسا دىنى قائىدە يۇسۇنلاردىن خەۋەرسىز قالغان... ئۇچاغدىكى مائارىپ قانداق بولغىيتى؟ ھازىرقى مائارىپچۇ؟!
 
ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4365 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   56227 (سوم)
 ياخشى باھا:   2751 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2636  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1720
 سائەت
دەرىجىسى:
1720 سائەت 170 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

مىللىي مائارىپ توغرۇلۇق سۆز بولۇنسا ،ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ،يۈرىكم ئېچىشىدۇ... xw5d|20b  
بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ھازىر قانداق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
muyunqur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35062

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   113 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   975 (سوم)
 ياخشى باھا:   123 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   161  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1113
 سائەت
دەرىجىسى:
1113 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ئالىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ يېراقنى كۈرەرلىكىدە.ماقالىنى ئۇقۇپ ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى.ئالىم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹نەزىريىۋى يەپەككۈر››قانداق يىتەرمىز؟!ھازىر قوش تىل مائارىپى دەپ چۈشۈپ قالغان دوپپىمىزغا قارىماي كېتىۋاتساق.‹‹نەزىريىۋى تەپەككۈر››نى قايسى تىلدا قانداق يىتىلدۈرەمىز؟!
 
مۇيۇنچۇر
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى