مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       419 
  •    ئىنكاس 
       12 

سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلايلى

قەۋەت ئاتلاش
turgun2005
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17680

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5741 (سوم)
 ياخشى باھا:   381 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   563  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1757
 سائەت
دەرىجىسى:
1757 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-19

سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلايلى bhc .UmH  
*q+z5G;O  
(نەنجىڭ تەبىئى پەن –سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتى ئادىميەت پەنلىرى ئىنىستوتىدىن  تۇرغۇن ئەلى) zM mV Yx  
d&[.=M\E8  
}!0nb)kL  
قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە جەميەتتىكى بىر قىسىم كىشلەردىكى بىر خىل خاتا قاراش « مىللىتىمىزدا ھەممە ئادەم سەنئەتكە يۇزلىنىپ كەتتى ،تەبىئى پەن ئۆگۈنىشى كېرەك »دىگەنگە قارتا ئوخشىمىغان نوختىدىن تەھلىل يۈگۈزۈپ ،سەنئەتنىڭ نورمال تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيگە قارتا تەھلىل يۈرگۈزۈپ بىر قىسىم تەكلىپ پىكىرلەر بىرىلگەن. UkV{4*E  
ZsikI@?  
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سەنئەت، تەبىئى پەن،ئىجىتمائى پەن ،تەرەققىيات =/]d\JSp  
??.9`3CYo  
سەنئەت ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدىنيەت بايلىقى ،شۇنداقلا مىللى ئالاھىلىك ،مىللى روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان مەنۋى ئۇزۇق .بۈگۈنكى كۈندە ،ئۇ يەنە مەدىنيەت بايلىقى كاتورگىيىسىدىن سەكرەپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىدىغان مۇستەقىل بىر مەدىنيەت كەسىپكە ئايلاندى.ھەتتا ساياھەتچىلىك ،دىپلوماتىيە دوسىتلىق ئالماشتۇرۇش ئالاقىلىرى ،مەدىنيەت پائاليەتلىرى،ئىقتىسادى پائاليەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ  بىر دۆلەت ،بىر رايوننىڭ ،دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمىلى كۈچ تەركىبىگە قۇشۇلۇپ كەتتى. ئەپسۇسكى جەميىتىمىزدە بىر قىسىم زىيالىلار باشچىلىقىدىكى كىشلەر توپى تارقىتىش ۋاسىتلىرىدا بۇلۇپمۇ توردىن ئىبارەت سۈرئىتى تىز، تەكلىپ ،نازارەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ساھەدە باشقىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئوبىكتىپ باھاسىغا ئاتالمىش ‹ئويغۇرلار سەنئەتكە ،ناخشا ئۇسۇلغا بىرلىپ كەتتى …،تەبىئى پەنگە بىرلىششى  كېرەك !›دىگەن بىر تەرەپلىمە قارشىنى باھانە قېلىپ ياۋۇزلارچە ھۇجۇم قىلماقتا.ئەمىليەتتە ھەرقانداق نەرسە ئىلمى ئوبىكتىپ بولغان تەنقىت نازارەتتىن ئايرىلدىكەن ئۇ باشباشتاقسىز ،شەخىسنىڭ ياكى ئۈزى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ئىجىتمائى توپنىڭ ئىرادىسىدىن خالى ھالدا تەرققى قىلىۋېردۇ .ئەمىليەتتە سەنئەت باشقا ئىجىتمائى مەۋجۇدىيەتكە ئوخشاش ئوبىكتىپ مەۋجۇت نەرسە.ئۇنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشى ياكى تەرەققىياتىنى ھەر قانداق بىر شەخىس ،جەميەت  تۇسۇۋالالمايدۇ،بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.شۇڭا مەيلى ئىلىم ساھاسىدىكىلەر بولسۇن مەيلى جەميەتنىڭ باشقا قاتلامدىكىلەر بولسۇن سەنئەتكە ئاكتىپ تەسىر كۆرۈستىش نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.ئەمما بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. _& qM^  
   بىرىنچى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن تەبىئى پەن بىلەن ئىجىتمائى پەننىڭ زىيادە ئايرىۋېتىلىشىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتى،نۇرغۇن دۆلەتلەر دۆلىتىمىزمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى،ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.شۇڭا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ،چەتئەللەرنىڭ ئەدىبىيات -سەنئەت ،بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ فانتازىيىلىك كىنو، كەلگۈسىشۇناسلىق ئەدىبىياتى،تېخنىكىشۇناسلىق ئەدىبىياتى ،زامانىۋى سەھنىچىلىك ، گىرىمچىلىك ،ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىق ،سىناريىچىلىك  قاتارلىق جەھەتلەردە تەبىئى پەن بىلىملىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىشىپ زور نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.سەنئەت يەنە ئىقتىساد ،جەميەت ،مەدىنيەت  بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇن كۈڭۈل ئېچىش خارەكتىردىن ھالقىپ رايۇنلار ئارا رىقابەتلىشىدىغان يۇمشاق كەسىپكە ئايلاندى.شۇڭا بىز سەنئەتنى ئىنكار قىلماي بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بۇلۇش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ،تەبىئى پەن ،پەن-تېخنىكا ،زامانىۋى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلۇپ ،ئىلغار ئىدىيە ،تارىخ نوقتىسىدىن كۈزتۈپ  ئۇنىڭ نورمال ئىزدا تەرەققى قىلىشىغا تۈرۈتكە بۇلۇشىمىز كېرەك. B)cVbjTn  
    ئىككىنچىدىن، قارغۇلارچە سەنئەتنى چەكلەپ تەبىئى پەن ئۆگۈنۈشكە چاقىرىق قىلىش ئۇ ئاخمايدىغان پوزىتسىيە.سەۋەبى ناھايتى ئاددى :سەنئەتنى چەكلىگەنگە كىشلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئى پەننى ئۆگۈنۈپ كېتەمۇ؟!بۈگۈنكىدەك ئېچىۋەتكەن كۈندە سەنئەتنى چەكلىگىلى بولامدۇ؟كىشلەرنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلۋېتىش كېرەكمۇ؟ ياكى يۈرۈكىنى قۇلۇپلاش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى جەميەت ئىدىيسنى مۇشۇ يولغا باشلاش كېرەكمۇ ؟ئېنىقكى ئېچىۋەتكەن جەميەتتە سىز ئۈزىڭىزنىڭ سەنئىتىنى چەكلىگەن ۋاقىتىڭىزدا ئۇنتۇپ قالماڭ ،باشقىلارنىڭكىنى چەكلىيەلمەيسىز،باشقىلارنىڭ سەنئىتى ئوخشاشلا سەنئەت بولغاچقا بىز نىڭ كۈڭۈل ئېچىش ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشتىن سىرىت ،ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يولللار بىلەن ئۇچۇراشقىنمىزدا  سەنئەتنى چەكلەش بەدىلىگە كەلگەن مەنىۋى بوشلۇقىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئاپەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ،بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ،ئىدىيمىز ،مەدىنيىتىمىز شۇلارنى دوراپ قېلىشى مۇمكىن .ئىدىينى توغۇرلاش پوزىتسىيسىمۇ بۇ نوقتىدىن قەتئى توغرا ئەمەس.مەنىۋى جەھەتتە نامرات خەلىق ھەرگىز ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقللىيالمايدۇ.سەنئەت بىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىمىزدىكى بىر مۇھىم تەركىبى قىسىم ،بۇ بىر ئوبىكتىپ رىئالنى پاكىت.   S9Ka  
     ئۈچىنچىدىن ،سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلغاندىلا سەنئەتنىڭ تەرەققى قىلىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ،سەۋيىسىنى ئۆستۈرگىلى بۇلۇپلا قالماستىن كىشلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان پوزىتيىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.بىزنىڭ سەنئىتىمىز تارىختىن بۇيان  توغرا لىنيىدە ،يەنى ئاممىباپ خەلىقچىل مەيداندا تۇرۇپ تەرەققى قىلغاچقا ،ھەممە كىشى سەنئەتكە قىزقىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان.بۇ ھازىرمۇ داۋاملىشۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن سەنئەتنى تىك لىنيىدە يەنى،بىزدىن ئېشىپ كەتكەنلەردىن ئۆگۈنۈش ،بەسلىشىش پوزىتسىيسىدە  ۋە ئۈزىمىزدىكى بار بولغان سەنئەت بايلىقىنىى خەلىقئارالاشتۇرۇش نوقتىسىدا كۈزەتمەيمىز ،شۇنداق پوزىتسىيدە بولمايمىز؟--- كىشلەرنى بۇلۇپمۇ ياشلارنى، سەنئەتنى كۈزەتكەندە تەبىئى پەن نوقتىسىسىدا ياكى پەن تېخنىكا نوقتىسسىدا ،تارخ تەرەققىيات نوقتىسىىسدا تۇرۇپ كۈزتۈشكە يېتەكچىلىك قىلشقا ھەركەت قىلمايمىز؟ ئىشىنمەنكى سەنئەتنى مۇشۇ نوقتىدىن كۈزەتكەندە ،ئاشۇ سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغانلار ئۇنى كامال تاپقۇزۇشنى خىيال ئەتكەنلەر سەنئەت بولغان شەيداسىدىن كۈچ قۇۋەتكە ئىرشىپ ئۆز ئىشتىىياقىنى  تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىش ئۈچۈن  ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەبىئى پەننى ۋە باشقا بىلىملەرنى ئىچ-ئىچىدىن ئۆگۈنىدۇ.سەنئەت تىك لىنيىدە تەرەققى قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتىرلىدۇ،سەنئەتكەرلارغا قۇيۇلغان ئۈنىۋېرسال تەلەپ يۇقىرى بولىدۇ،تلانىت ۋە ئالاقىدار ئىجىتمائى بىلىملەرنى ئېگەللىگەندىن سىرىت ئىجادىيەتتە ۋە  ئۇرۇنلاشتا تەبىئى پەن بىلىملىرى،تېخنىكىلىرىنى ئېگەللەش تەلىپى تۇغۇلىدۇ. ئۆلچەم ناھايتى ئىتتىكلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.كەسىپنى دىمەيلا قويايلى، چەتئەل تىلى بىلىش ،ئىقتىساد بىلىملىرىنى بىلىشتىن سىرىت ماتېماتكا ،خېميە،فىزىكاىغا دائىر بىلىملەرنى بىلگەنلەر سىناريىنى ئەپچىللىك بىلەن تېخنىكا تەسساۋۇرى بىلەن زىچ باغلاپ سەنئەتنى ئاجايىپ يېڭى سەۋيىگە كۆتىرەلەيدۇ،بىزنىڭ قىممەت قارشىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈلەيدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن تەبىئى ھالدا تەبىئى پەننىمۇ ئېگەللىمىسەك سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىكەنمىز دىگەن ئىجىتمائى ئۆلچەم پەيدا بولىدۇ-دە ،ئاتالمىش سەنئەت يۇلىدا ئۆمىلەپ بۇسۇغۇسىدىلا ياشلىق باھارىنى ،نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرىپ قىلۋاتقان ياشلار ئۇجۇقۇپلا كېتىدۇ.شۇڭا كىشلەرنىڭ سەنئەتنى چەكلەپ تەبىئى پەنگە يۇرۈش قىلىشتەك سوبىكتىپ بولغان ،ئۇلۇغۋار ئەمما قۇرۇق سەپسەتىنى تور يۇزىدە ،ئەتىراپىمىزدا تەشۋىق قىلىپ سەنئەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. V`MV_zA2  
      ئاخىردا  مەن مۇنداق بىر نوقتىنى تەكىتلەپ قويماقچى، بىزدە سەنئەت ساھەسىدىكلەردىن خەلىق قۇرۇلتىيدا ،سىياسى كېڭەشتە ئاز بولمىغان ۋەكىللەر چىقىپتۇ،مەسلەن ،دىلنار ئابدۇللا، ئادىل ھۇشۇر،تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان،پاشا ئېشان،يەنە مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىينىڭ سابىىق مۇئاۋىن باشلىقى تۈمۈر داۋامەت (ئەدىبىيات ،شىئىريەت ساھەسى) دىگەندەك.بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈمۈر داۋامەتنىڭ 12 مۇقامنىڭ رەتلىنىشى ۋە شۆھرەت تېپىشىغا  ۋە ئازدۇر –كۆپتۇر ئۆتكۈزۈلۋاتقان خەلىقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى قوللاشتەك ئۇنتۇلماس تۆھپىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا ۋەكىللەرنىڭ سەنئەتىمىزنىڭ  بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك دەۋرى بۆلگۈچ خارەكتىرلىك ئىشلىگەن خىزمىتى يوق دىيەرلىك.ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى خىزمىتى ياكى تۆھپىسىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.مەن دىمەكچى ئاپتۇنۇم رايۇن ھازىر سەنئەت ساھەسىگە مەبلەغ ئاجىراتقان پەيىتتە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ھەرقايسى تارماق پەنلىرى بۇيچە خەلىقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە پائاليەتلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرشى ،ھازىرقىدەك مەبلەغ يېتەرلىك بولغان  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرا ئاسيادا تەسىربولغان بېرەر سەنئەت پائاليىتى مەسىلەن ،‹ئۈرۈمچى كىنو فېستىۋالى›دىگەندەكلەرنى تەسىس قېلىپ  تەجىربە ئالماشترۇش سوپىسى پەيدا قىلىشى كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا ھە دىسىلا ئۇسۇل ناخشا ئىجادىيتىگىلا مەركەزلىشىپ قالماي ،كىنو ،تىياتىر ،دېرامما ،ئۈن-سىن ئىجادىيتىگە يېتەرلىك كۈڭۈل بۆلىشى كېرەك.ئەمىلى ئىزچىل بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك.سەۋيە تەلەپنى يۇقىرلىتىشى ،سەنئەتتىكى يېڭى پەيدا بولغان شەيئىىلەرنى،ئىختىساسلىق خادىملارنى  مەنۋى ۋە ماددى جەھەتتىن قوللىشى،يېڭى رايۇن خارەكتىرلىك ئوبراز ،تىپ يارتىشىش كېرەك.مەسلەن ئابلاجان  ئاۋۇت ئايۇپ دىگەندەك . بۇ ياش خەلىقئارادىكى  R&B دىگەن ،  تۇلۇق نامى    Rhythm & Blues   بولغان  بىرخىل ناخشا ئيتىش ئۇسلۇبىنى ئۆگۈنۈپ ،ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئىجادىيەت قىلىپ  بىر قىسىم نادىر ساغلام نۇمۇرلارنى قۇربان ھېيىت كېچىلىكىگە ئېلىپ چىقىپ ،MTV ئىشلەپ جەميەتنىڭ ئىىتراپ قېلىشىغا ئىرىشتى.خەنزۇچە تور بىكەتلىردە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپلا قالماستىن ئۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلۋاتىدۇ،بىزنىڭ جەميىتىمىز ۋە ئالاقىدارلار بۇنداقلارنى چۇقۇم قوللىشى كېرەك. MGzuQrl{H  
    مىللىتىمىز سەنئىتىنىڭ دۇنيا سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن بىر قەدەمدە مېڭىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار ،بۇلۇپمۇ بۇجەھەتتىكى كەسىپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلارنىڭ  تارخى مەسئۇليىتى تېخىمۇ ئېغىر،بۇدەۋىرنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تەققەزاسى. ,/P)c*at5  
(ON_(MN  
   2011-يىل 16-نويابىر      نەنجىڭ xRx8E;Q@h?  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-16, 17:05
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +55
kanat مۇنبەر پۇلى +55 11-16 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4679 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30173 (سوم)
 ياخشى باھا:   901 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5544
 سائەت
دەرىجىسى:
5544 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-17
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

نىەم دېسەم بۇلار، بىز سەنئەتنى چەتكە قامايمىز ھەم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز، دېمەكچى سەنئەت ساھەسىگە قىستۇرۇلۇپ كىرۋالغانلار، ئاۋازى بەكرەك چىقسىلا ناخشىچى بۇلۋالغانلار، پۈچەك تىكىست بىلەن ئادەمنىڭ قۇلىقنى غىدىقلاپ زىرىكتۈرۋتىدىغانلار سەنئەتنى پاخاللاشتۇرمىسۇن. بىزنىڭ مىللتىمىزنىڭ سەنئەت ھۈجەيرىسى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان( مېنىڭ شەخسەن قارىشىم)، شۇنداىقلا تەلپىمىزمۇ يۇقىرى، ئۈن-سىن ئىشلرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقانلار مۈزىكا-تېكىسىت قاتارلىقلارغا تەلەپنى يۇقىرراق قۇيۇشى لازىم. بۇرۇنقى ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى بەكمۇ ياخشىكەندۇق، دېگەننى ئويلاپ قېلىۋاتىمەن يېقىندىن بېرى.
 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
kugul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.129

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3532 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1768 (سوم)
 ياخشى باھا:   1995 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2559
 سائەت
دەرىجىسى:
2559 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ھەربىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. {S\cpCI`  
ئەمما سەنئەتنىڭ شۇ سەنئەتكە  قىززىققۇچىلارغا،نىسبەتەن روھي كەيپىياتىنى غىدىقلاپ مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش ۋە ئارام ئالدۇرۇشتىن باشقا پايدىسى بارمىدۇ؟ئۇيغۇرلار سەنئەتنى دەپ ئارقىدا قالغان مىللەت دەپ ئاڭلىغان باشقىلاردىن. باشقىلار نەتىجە قازىنىپ ئايغا چىقسا، ئۇيغۇر مىللىتى ساز بىلەن يەرشارىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. t09,X  
بۇنداق دىسەم ،سەنئەت سۈيەر خەلىقىمنىڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كىتەر.شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمدە نىمە بولسا شۇنى سۆزلەپ قويدۇمغۇ. 3}$L4U  
سەنئەتچىلەر ئۆز كەسپىنى قەدىرلەپ داۋاملىق ئۆرلىسۇن!چۈنكى ئۇيغۇرلار 12مۇقام بىلەن دۇنياغا تۇنۇلدى دىگەن گەپمۇ بار ئىدى.
 
بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.
xahzatjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.65211

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 22
 سائەت
دەرىجىسى:
22 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

توغرا  ،  سەئەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك  !  
 
شەيدا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2137

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   981 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7320 (سوم)
 ياخشى باھا:   370 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   254  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13147
 سائەت
دەرىجىسى:
13147 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

مېنىڭ شەخسى پىكرىم:ھازىرقى سەنئىتىمىزنى سەنئەت ساھەسى(娱乐圈)دىن خېلى يىراقتا دەپ ئويلايمەن .قېرىنداش مىللەتلەر ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسىلا«ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت»دەپ يۈرگەچكە،ئارىمىزدىكى كىشىلەر سەنئەت دېگەن سۆزگە بەك سەزگۈر بۇلۇپ كەتتى،'ئۇيغۇر'،'ناخشا-ئۇسسۇل' دېگەن ئىككى سۆز بىر يەردە كېلىپ قالسىلا بەزىلەرگە رېئاكسىيە قىلىپ قايناپ كېتىپ قالىدۇ،تېخى سىگانلار بىلەن بىر قاتارغا تىزىپ سۆزلەپ كېتىدۇ.شۇنداقلارغا دەيدىغىنىم:بىزنىڭ سەنئىتىمىزمۇ تەرەققىي قىلىپ بىريەرگە كەتكىنى يوق،ئاشۇ ئالا-تاغىل توۋلاپ يۈرگەنلەرنىمۇ سەنئەتچى دەپ يۈرگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بۇلىسىز.
 
ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
فىزىك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1705

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10305 (سوم)
 ياخشى باھا:   466 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   564  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 207
 سائەت
دەرىجىسى:
207 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

سىز نىمە دىمەكچى ، توختىماي ناخشا توۋلايلى دىمەكچىما . vv" _u=H  

 
uzumtal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49911

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   378 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6375 (سوم)
 ياخشى باھا:   383 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 234
 سائەت
دەرىجىسى:
234 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

   xdd7OSc0{  
AE={P*g  
mS p -  
سەنئەتنى ياقتۇرمايدىغان ھچىكىم يوق ئاداش .بۇ يەردە باللارنىڭ ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان كۆز قاراشلىرىنى زەپەر دىگەن ئاداش ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. XI} C| ]#  
سەنئەت دىگەن بىر مىللەتنىڭ ئوتمىشى بۇگۇنى ۋە كەلگۇسىنى يارتىشتا كىرەكىل بولغان ھەر بىر شەئىينى ئەڭ يارقىن بىر ئۇسۇلۇبتا ئىپادە قىلىپ بىرىش شەكلى بولۇپ ، CC0@RU  
سەنئەتنىڭ ھەر بىر ھۇجەيرلىرىدە شۇ مىللەتنىڭ بىر پۇتۇن  مەدىنىيەت، تۇرمۇش ، ھەر خىل خاراكتىر ئالاھىيدىلىكى بولغان ئومۇمى ئىپادىسى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ دەپ قارايمەن   I L 'i7p  
vIF=kKl9,  
مىنىڭ كۆز قارشىم  سەنئەتنى نۇقۇل مىللەتنىڭ تۇتقىلىق مەسىللەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى مۇتلەق توغرا دەپمۇ قارىمايمەن، بىراق مۇتلەق تاشلاپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ دەپ قارىمايمەن . {>H#/I8si  
orVsMT[A  
............سەنئەت مىللەتنىڭ تەرىقى قىلىىشىدا ئاكتىپ رولمۇ ئوينىيالمايدۇ . q#:,6HDd  
سەنئەت پەقەت كىشىلەر توپىنىڭ ئۆزلۇك تۇرمۇشتىكى شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىستىيە جەيراندىكى قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىلودىيە. G~1#kg  
&$?e D{  
%jdV8D#Q  
ياپۇنيە ، گىرمانىيە ، ئەنگلىيە ، ئامىركا بىزدەك سەنئەتكە ئوزنى ئەڭ قاتتق ئۇرۇپ كىتىدىغان مىللەتمۇ ئەمەس. پەقەت بۇلار سەنئەتنى بىر ئىزدىمايى كەسىپى پەن سۇپىتىدە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ . لىكىن يۇكسەك تەرەقى قىلدۇرۇش تەرەپدارلىرىنى چەتكە قاقمايدۇ . ]W7(}~m  
بىراق بىز سەنئەتنى ئۇچ ۋاقىت تاماقتەك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلاندۇرۋالدۇق ............ v_)a=I%o&2  
F's( $n  
مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەر توۋەندىكى  ئىنكاسلىرىم قوشۇمچە خالاس 9_h 3<3e  
C7[ge&  
كۆڭلۇمدىكى گەپنى قىلسام ئەسلى سەنئەت دىگەننى ئاتا بوۋىللىرىمىز جۇلالاندۇۇرپتىكەن . C9E l {f  
ھازىرقى بىر قىسىم ناخشىچىلارنى دەيمەن ئەجداتلىرىمىز تەييار قىلىپ بەرگەن قوشاق شېئىر ،نەزمە ،بىيىتلارنىمۇ توغرا ھەزىم قىلالماي قول يازمىلاردىكى ئىبارە سۆزلەرنىڭ ۋارىيانتىنى...........بۇزۇپلا ئىيتىۋاتقان. AFcsbw  
xT70Rp(2po  
ناخشىچىلار ئىچىدە ئابدۇللا ئاكىمىز . تاش مۇھەممەت.مەخمۇد سۇلايمان . مۆمىنجان ئابلىكىم .......... Pk9s~}X  
ئاياللاردىن سەنەۋەر تۇرسۇن .پەرىدە قاسىم . ئىززەت ئىلىياس................لاردەك ئىسلل بۇلبۇللارنىڭ  ئىزىنىڭ ئۇزلۇپ قالماسلىقنى ئارزۇ قىلىمەن . G;_QE 
`,i'vb`W#b  
;F9<Yv  
..........بەزى سەنئەتچىللىرىمز ئىچىدە شۇنداق سۆيۇملۇك ئوغىرى ناخشىچىللىرىمىز بار .چەتنىڭ ناخشىللىرنى ۋە ناخشنىڭ مىلودىيە ئاھاڭلىرى بىرىلگگن مۇزىكىلارنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئەسلى نۇسقىستىنمۇ  ئىسىل ئوقۇيدىغان . بولسا مۇشۇنداق ئىسىل ئوغىرلار تىخمۇ رولنى جارى قىلدرسا ........ خالىدە ئىمام ئاڭلىدىڭىزمۇ  ؟  ناخشا پىلاستىنكىڭىز ياخشى جۇمۇ !  بولسا جۇشقۇن ۋاقتىم كەتتى دەپ ئولتۇرماي ئانچە مۇنچە سايراپ تۇرۇڭ گۇللەر ۋاقىتسىز توزۇپ كەتمىسۇن .. O(  G|fs  
     /%C6e )7BL  

 
taxqin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57371

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   379 (سوم)
 ياخشى باھا:   56 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1438
 سائەت
دەرىجىسى:
1438 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

سەنئەت يالغۇز ناخشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ.ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت. رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق، ئاكتىيورلۇق، بىناكارلىق قاتارلىقلارمۇ سەنئەتنىڭ دائىرسىدىكى تۈرلەردۇر، شۇڭا سەنئەتكە سوغۇققانلىق بىلەن پوزوتسىيە تۇتقان ياخشى، بەزىلەر سەنئەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسىلا مىيىقىدا كۈلىپ، سەنئەتكارلارنى ، سەنئەتنى مەسخىرە قىلىشقا چۈشۈپ كىتىدىكەن. V2sWcV?  
  بىزدە نىمىشقا ‹ئورما ناخشىسى› ‹ خامان ناخشىسى› ...... دىگەندەك ناخشىلار كۆپ ؟ بۇنى ئەجدادىمىز  ياشىغان  جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسى موھىتتىن ئىزدىسەك بولىدۇ، ياشاش موھىتىمىز خەلىقنى ناخشىچى، سازەندە قىلىپ تەربىلەپ چىققان، قايغۇرساقمۇ، خوشال بولساقمۇ ناخشا- ساز، ئۇسۇل بىلەن تېنچلىنىپ كەلگەن. 8T92;.~(  
  خەلقىمىز بىر نەچچەلىگەن بوستانلىقتا ياشىغان بولغاچقا ئەينى چاغدا بىر بوستانلىقتىن يەنە بىر بوستانلىققا بېرىشقا نەچچە كۈن ھەتتا بىرەر ئاي ۋاقىت كىتەتتى، شۇڭا مانا شۇنداق موھىت ، تەكلىماكاننىڭ قاغجىرىغان، سۇسىز تەبىئىتى قوشۇلىپ خەلقىمىز مەنىۋىيىتىنى قۇرغاقلاشتۇرغان، باشقا چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمىگەچكە قولىدىن كېلىدىغان ناخشا - ئۇسۇل سازغا بىرىلىپ كەتكەن. dl;~-'0  
ھازىرقى شارائىتتا پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشى نۇرغۇن ‹ ئاتالمىش سەنئەتچى› لەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قابىليىتىنى ئويلاشماي ‹ سەنئەت ئەسەرلىرى› نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىپ، ياكى ئوغۇرلاپ ، سەنئەتنى پاخاللاشتۇرۋەتتى. )tR5JK} AV  
ئەمەليەتتە سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ  دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان مەنىۋى قاتلامدۇر. ?g% 5 d  
سەنئەتنى چۆكۇرگىلى تۇرساڭلا ‹ ئاپپاق خوجا مۇرىتلىرى › غا بوپ بىرىدۇ، بىزنىڭ قالاقلىقىمىزنى سەنئەتكە دۆڭگەشكە ئاران تۇرىدۇ، ھىلىمۇ بەزىلىرى مەسخىرە قىلىشقا ئۈلگۈرىپتۇ. F{)YdqQ  
سەنئەت بولمىسا بولمايدۇ، لېكىن بارلىقىمىزنى سەنئەتكە ئاتىۋەتسەك تېخىمۇ بولمايدۇ.
 
مەسچىت سالدۇق دوقمۇش- دوقمۇشقا ، كۆككە تاقاشتى  بېشىمىز، مەكتەپ بىلەن  نىمە  ئىشىمىز.
mantipaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43245

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   154 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4609 (سوم)
 ياخشى باھا:   1137 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1700  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2421
 سائەت
دەرىجىسى:
2421 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز ، بىراق بارلىقىمىز ئەمەس .
 
بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   651 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8942 (سوم)
 ياخشى باھا:   467 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6260
 سائەت
دەرىجىسى:
6260 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچى ۋە يارىتىۋاتقان ئىقتىسادىي ،ئىجتىمائى ئۈنۈمىگە كۆز يۈمغىلى بولمايدۇ .بىراق سەنئەتنى بىر مىللەتنىڭ بارلىغى دەپ شۇئار توۋلاش ئاخمىقانىلىق .ئەجداتلىرىمىز قاچانلاردا قولىدىكى نەيزە ،قىلىش ،دۇبۇلغا ۋە كەتمەن ،گۇرجەكنى دۇتتار تەبۇرغا ئالماشتۇرۋالغىنىنى تازا بىلمەيمەن ،بىراق شۇ كۈندىن باشلاپ مىللىي كۈچىمىز كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەلگىنى ئېنىق .سەنئەت بىر مىللەتنىڭ بارلىغى ئەمەس بەلكى  پەقەت بىر قىسمى .ئۇ ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن تېخىممۇ زور قودرەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. داڭلىق رەسسام داۋىنىچ  ماتېماتىكىلىق ئالتۇن سان 0.618نى ھېساپلاپ چىقىپ ئۇنى سەنئەتكە ئىشلىتەلىگىنى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ مىڭنالىزاسى شۇنچىلىك ئەتىۋارلىق ۋە قىممەتلىكتۇر .بىزدىكى سەنئەتتە ئىلمىي تەپەككۇر كامچىل ،سىزغان سىزمىلاردا ئۇيغۇرنىڭ ئىچىنىشلىق رېئاللىغى ئەكىس ئەتكەچكىلا ،كۆرگۈچىلار ياخشىكەن دەپ باھا بىرىشىدۇ .بۇ باھا سىزمىغا بىرىلگەن باھا بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر بىشىدىن كەچۈرگەن ئىچىنىشلىق تۇرمۇشنىڭ كۆرگۈچىدە پەيدە قىلغان بىردەملىك ھېسسىي سېلكىنىشىدۇ .ئۇنىڭ قىممىتىنى مىڭلنالىزانىڭ قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ  .ھەمىمىز «ئاپاندا»نى قىزىقىپ كۆردۇق،بالىلىرىمىز «خارى پوتتېر»نىڭ 7-بولىمىنى زارىقىپ كۈتتى .بىزنى شۇنچىلىك تەشنا قىلغان زادى نېمە ؟ ئۇ دەل بىزدە پەيدە  بولغان ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ياراتقان يېڭى ئىدىيە ،يېڭىچە تەپەككۇر شەكلىگە بولغان ئىنتىلىشىدۇر .بىزدە بىز زارىقىپ كۈتكىدەك بىرەر ئەدەبىيات -سەئەت مېۋىسى بارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
faeza
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15939

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   338 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5865 (سوم)
 ياخشى باھا:   374 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6837
 سائەت
دەرىجىسى:
6837 سائەت 183 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-17

    مەن بىر ئوقۇتقۇچى . ئوقۇغۇچىلىرىمىز دەرسنى ئۆگەنمىسە ئۆگەنمەيدىكىن ، ناخشا ، يۇمۇر ئېيتىشقا ، ئاڭلاشقا بەك ئامراق . بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا «نىمە قىلايلى؟» دەپ سوراپ قالساق «ناخشا ، يۇمۇر ئېيتايلى!» دەپلا تۇرىدۇ . بۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟
 
borankuxi123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60680

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   925 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   348  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 411
 سائەت
دەرىجىسى:
411 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-17

90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغۇن باللارنىڭ ئوينىغان مىللىيچە ئۇسۇلىنى كۆرسە....ۋاي بولدىلا
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى