مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       607 
  •    ئىنكاس 
       24 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغنلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز.

قەۋەت ئاتلاش
kok-sultan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3170

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1048 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23225 (سوم)
 ياخشى باھا:   1839 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2716  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3856
 سائەت
دەرىجىسى:
3856 سائەت 194 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
— بۇ تېمىنى Misranim2 شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-11-16) —

ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ شائىر، دراماتورگ ۋە رەسسام بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چۈنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. >&F:/   
    لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «تەسىراتىم»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «يانار تاغلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «كۈرەش قىزى»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «چىمەنگۈل»، «تاھىر-زوھرە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇلاردىن تاشقىرى يەنە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار. لۇتپۇللا يەنە «داۋانلار ئاشقاندا» دېگەن روماننى يېزىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ قوليازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. @L0)k^:  
    لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن. Fdq5:v?k  
    لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ تاماملىغان. 1936 - يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان. *~b~y7C  
0[N1SY\lj  
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938 - يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى. R\/tKZJjb  
   شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرت، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !! 3*(>< 
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. _Vt(Eg_\  
:m/qR74+"  
    1944-يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاب سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا، گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قامىغان، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە قەتىل قىلغان. كېيىن كىشىلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتىنى ئەۋرەز كارىزىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ-تاراپ ئاقسۇ شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئارقىسىدىكى (ھازىرقى شياڭگاڭ بازىرىنىڭ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.8 H, @- O8 X4 G ;W FiMM\  
Pt-O1$C[  
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر، ئەدىب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى، تىنچلىقى، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت. بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز ! W`TSR?4~t?  
e#F3KLSL`  
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزمغا، فېئودالىزمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق  كۈرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە  شىنجاڭنىڭ ھەممە  جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى. qG g29  
    1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابقا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى. :QXKG8^  
    ئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشتى. Q]VG6x  
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدە  پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 14 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ،  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى. \ (` C*d  
    ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشر قىلدى. hPCSAo!|  
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40 - يىللار ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ. : Cli8#  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-16, 17:04
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +199
yawaat0998 مۇنبەر پۇلى +99 ئۈلۈشكۈن 01:52 -
yilal مۇنبەر پۇلى +100 11-16 ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ
sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.54988

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   808 (سوم)
 ياخشى باھا:   55 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2416
 سائەت
دەرىجىسى:
2416 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 22 يىل 8 ئايلىق ھاياتى ئاچچىق قىسمەتكە تولغان ھايات. شۇ ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن ئۇ باھادىردۇر،باتۇردۇر،ئۆلمەس ئىنساندۇر!
 
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4679 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30173 (سوم)
 ياخشى باھا:   901 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5544
 سائەت
دەرىجىسى:
5544 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-17
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

قىسقىغىنە ھاياتىدا ھاياتنىڭ قىممتىنى تۇلۇق نامايەن قىلدى بۇ شائىر.
 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
yehya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35042

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2004 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3276
 سائەت
دەرىجىسى:
3276 سائەت 224 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

قاينام ئۆركىشى.
 
mantipaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43245

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   154 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4609 (سوم)
 ياخشى باھا:   1137 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1700  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2421
 سائەت
دەرىجىسى:
2421 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

لوتپۇللا مۈتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» ناملىق شېئىرى نىمە ئۈچۈن پۇشكىننىڭ مۇشۇ ھەقتىكى شېئىرىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغاندۇ ؟
 
بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !
ablat45
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58247

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   54 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   881 (سوم)
 ياخشى باھا:   234 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 964
 سائەت
دەرىجىسى:
964 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-18
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ھايات بولغان بولسا  قانچە شئېرلارنى يازغان بۇلاتتى ھە  !!!
 
رافىت
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53033

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   453 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2211 (سوم)
 ياخشى باھا:   894 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   743  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 275
 سائەت
دەرىجىسى:
275 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

ئىسىل m7,;Hr(  
مىنىڭ ئىسىمدە قالماپتىكەن >S HW  
قاپاق كاللامغا ئەسلەتكنلىرگە رەھمەت
 
ھايات مەن ئۇچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لىكىن كىچمەن ھەر ئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۇچۈنلا پەقەت .

........................  پىتوفى ساندورو
nazila998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37842

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   799 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7745 (سوم)
 ياخشى باھا:   1255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1071  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2393
 سائەت
دەرىجىسى:
2393 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

  بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا ، لىكىن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن ھايات ، مەن بۇ شائىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن .
 
كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
dilbar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   754 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2399 (سوم)
 ياخشى باھا:   372 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   547  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5293
 سائەت
دەرىجىسى:
5293 سائەت 307 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

]ppws3*Pa  
I 
قارا بۇلۇتلار ئۇچرىشىپ چاقماقلار چاقسۇن! &U0Y#11Cx  
مۆلدۈرلەر يېغىپ دەريالار سەل بولۇپ ئاقسۇن! -%6Y&_5VK  
چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن! W`` -/  
مەنزىل توساپ جاڭگاللار كۆكرىكىن ياقسۇن! `*HM5 1U  
شۇ چاغدىمۇ ۋەتەن ئەلا ،خەلق ئەلا. &Y|AX2KUC  
fD ?w!7f-1  
دېڭىزلار ئۇپقۇن ياساپ قىرغاقتىن تاشسۇن! <CY<-H  
جاھان قاپساپ خۇد-بورانلار ھەددىدىن ئاشسۇن! T +~ _D  
تاغلار ئۆرىلىپ پۈتكۈل يوللارنى باسسۇن! =>,X)+O  
يولدا پۇتلاش ئەجدىھا ،لوجىلار ياتسۇن! && E)  
يەنە بەرىبىر ۋەتەن ئەلا،خەلق ئەلا. TOXZl3 s5#  
>XK |jPK  
ل.مۇتەللىپ 1QJB4|5R#  
cSWn4-B@l  
<A@qN95m  
e]@R'oM?#`  
"=vH,_"Ql  

 
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
★Esl~YaXa★
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6216

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   214 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6089 (سوم)
 ياخشى باھا:   269 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   256  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1452
 سائەت
دەرىجىسى:
1452 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

لۇتپۇللا مۇتەللىپ  قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات ````
 
ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!
Я!У♬ㄒ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43923

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   183 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   960 (سوم)
 ياخشى باھا:   282 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2558
 سائەت
دەرىجىسى:
2558 سائەت 192 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-19
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە ،يولۋاستەك بىر يىل ياشا . ?)V}_%fVv  

 
M U X T A 世界 B U
kunsanap
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62783

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   67 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   365 (سوم)
 ياخشى باھا:   67 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 505
 سائەت
دەرىجىسى:
505 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-20
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-16

قالتىس ئادەم بۇ ،،!! :n?K[f?LfY  
مەن  ھەقىقىي  قول قويدىغان ئادەم  بۇ  !! %95'oW)lo  
23 ياشلىق ھاياتىدا شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ،، m+m,0Ey5H  
ئەمما بىزچۇ ،،؟؟ &]?X"K  

 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى