-
تىزىم نۇمۇرى:59026
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-10-04
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-19
- تور ۋاقتى:705سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
دوختۇرلارنىڭ كېسەلگە خاتا دىياگنوز قويۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشمۇ؟ @[v~y"tE} >KKMcTO
YY لى چىڭچىڭ 2-نويابىر كەچتە قورسىقى ئاغرىپ دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دەپ دىياگنوز قويۇپ، ئۇنىڭغا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسىڭىز بولمايدۇ دەيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، باش ئوپېراتسىيەچى ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىپ، لى چىڭچىڭنىڭ يولدىشىغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەمەس، بەلكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئىكەن دەپ، ئۇنىڭدىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوپېراتسىيەسىگە قوشۇلىمەن دەپ قايتا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن لى چىڭىڭنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، دوختۇرخانا بۇنداق خاتا دىياگنوز قويۇلۇش نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدۇ، نۆۋەتتە دوختۇرخانا بىمار بىلەن بۇ ھەقتە كېڭەشمەكتە. NyuQMU
Dum9lj ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، داۋالاش دىياگنوزىدا كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش تەس. 2008-يىلى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «جۇڭگو مېدىتسىناسىدا خاتا دىياگنوز قويۇش ھۆججەتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتى %27.8 بولۇپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى %30 بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن. بۇ-خاتا دىياگنوزنىڭ دۇنياۋى مېدىتسىنا ھادىسىسى ئىكەنلىكى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىرقى داۋالاش سەۋىيەسىدە تېخى %100 توغرا دىياگنوز قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، بۇنداق رېئاللىقنى سىز قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ]J]h#ZHx !Xw5<J3L- لېكىن نۆۋەتتىكى مەسىلە خاتا دىياگنوز قويۇشتا ئەمەس، بەلكى داۋالاش ئورگانلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى، خاتا دىياگنوزنى نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدىغان قورقۇنچلۇق تەپەككۇردا ئىپادىلەنمەكتە. كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەن ھامان، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدۇ، نېمە كېسەل، بۇنى قانداق داۋالاشنى دوختۇرخانا بېكىتىدۇ، دوختۇرخانا كېسەللەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش بىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ جەھەتتىكى ئالاقىدار كۆرسەتمىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە خاتا دىياگنوز قويغان شۇنداقلا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، كېسەلنىڭ روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنداق ئاتالمىش نورمال ئەھۋالنى ھەقىقەتەن نورمال ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ.مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نورمال، ئېھتىماللىق ئىچىدە بولسۇن ياكى دوختۇرخانا يول قويغان دائىرىدە بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسىنى كېسەل ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بولمىسا، نورمال ئەھۋال قارىشى تونۇش جەھەتتىكى چەتنەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: دوختۇرخانا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئويلىشىپ مۇمكىنچىلىكنىڭ مۇقەررەرلىككە ئايلىنىشىغا يول قويۇپ، ئاخىرىدا ئاتالمىش نورمال ئەھۋالدىكى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويىدىغان ۋە خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان باھانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. ئارقىدىن، داۋالاشتىكى بارلىق خاتالىقنى خاتا دىياگنوز بىلەن يېپىپ، داۋالاش ۋەقەسىنى چەكلىشى تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن. BfiD9ka-z J4U1t2@)9 بۇ ھەرگىز قورقۇتۇپ ئېيتىلغان گەپ ئەمەس، بەزى خەۋەرلەر بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىكى ۋاڭ خانىمغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئۈچ ئايلا ياشىيالايدۇ دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانا ئالمىشىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن خاتا دىياگنوز ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ، لېكىن زىيادە خىمىيەلىك داۋالاشتا ئۆپكىنىڭ سول قانىتى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقتىن كېسىپ تاشلىنىدۇ. ۋاڭ خانىم جاۋابكار دوختۇرخانىغا بېرىپ، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، دوختۇرخانا 30 نەچچە يالغان كېسەللىك تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئورتاقلىققا ئايلىنىپ قالدى، نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى پاكىتنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىش بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئەھۋالى يوشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەپ قويۇش بولماقتا، نەتىجىدە دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە يوشۇرۇن خەۋپ كېلىپ چىقتى. l}M!8:UzU [=`q>|;pOv شۇڭا، خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتسىيە تېخنىكىدىنمۇ مۇھىم. بىر تەرەپتىن، دوختۇرخانا بىلەن دوختۇرلار سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن داۋالاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بۇ-داۋالاشنىڭ ئىلمىيلىكىنى بەلگىلىگەن. ئەگەر ئۆزىنى قاچۇرسا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىلى بولمايدۇ، سەۋەبىنى ئىزدەپ، ئۈنۈملۈك باھالىسا ھەم خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر خاتا دىياگنوز قويۇش ئەمەلىيىتىگە بىۋاسىتە يۈزلەنمەي، تۈزۈم جەھەتتىن دۆلەتنىڭ تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورناتماي، خەتەرلىك ئەھۋال پەيدا قىلسا، ئاخىرىدا دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەسكە چۈشىدۇ. o3}3p]S\ w@fi{H(R خاتا دىياگنوزدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس، بۇنى داۋالاش ۋەقەسىنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. g<
.qUBPKX o#1 $q`Z مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى [ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-11-16 09:57 AM دە ]
|
|
|
|
|
تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-16, 09:57
|