مائاشنى سېغىنىش
( ساتىرا )
njUM>E,'
مائاش مېنىڭ كۆز نۇرۇم، مائاش مېنىڭ يۈركىم، ) 0}o bPp
مائاش مېنىڭ ئاشقازىنىم، مائاش مىنىڭ بۆرىكىم. %< j=&
مائاش مېنىڭ ئائىلەم، مائاش مېنىڭ بارلىقىم، }_?7k0EZ@
مائاش مېنىڭ ئابرۇيۇم ، ئەڭ ئاخرىقى تىلىكىم.
مەن مائاشنى ئالىمەن، دوپپا قىرلاپ ماڭىمەن، N,[M8n,
يانچۇقۇمدا ھەميان بار، ناخشا توۋلاپ ماڭىمەن. '.kbXw0}
چاي-تۇز بىلەن توي -تۆكۇن،دوستلار بىلەن ئولتۇرۇش، 7H>dv'
ھەر قەدەمدە ھەمياننى قورقماي كولاپ ماڭىمەن،
ئاينىڭ بېشى ئاي تۇتۇق، لىكىن مېنىڭ كۆڭلۈم توق، J7cq
n j
قەدەملىرىم بەك يىنىك، كەيپىيات ساز، ھەميان توق. T@vVff
خىزمەت دىگەن نىمىتى؟ ئورۇندايدۇ بىلەكلەر، T2(+HI2
ھەر قەدەمدە جۇشقۇنلۇق، ھەسرەت بىلەن ئارمان يوق.
مەن- ماشىنا، مائاش- ماي، مەن- بوز يىگىت، مائاش -ئاي، ?1412Tq5
ئۇ -خوجايىن، مەن- ئىشچى، ئۇ -پومىشچىك، مەن- مالاي. 5N|77AAxK
مائاش- دادا،مەن- بالا، مائاش -ئانا ،مەن- بالا _%L3?PpF"
شۇ ئانامنىڭ قوينىدا غەمسىز ئۆسكەن ئەركە تاي.
خىزمەت روھىم مائاشىم ئۆسۇپ تۇرار سەن بىلەن، G:&Q)_
سېغىنغاندا خىيالىم قېچىپ تۇرار سەن بىلەن. dl;A'/(t
سايەم دىسەم بولامدۇ؟ چۇشلىرىممۇ سېنىڭكى، jyT(LDsS
خىزمەت ئىشىم ھەر دائىم كۆچۇپ تۇرار سەن بىلەن.
مەن قەغەزدە ياسىدىم 100 لىرىڭنى مائاشىم، ;;`KkNysm
بىلسە بۇنى كۈلەرمۇ؟ دوست-بۇرادەر ، ئاداشىم. oDP|>yXC)
‹ ساراڭ › دىسە دەۋەرسۇن، خەجلىمەيمەن ساقلايمەن، Ux
سەن مېنىڭكى بارلىقىم ، سەن مېنىڭكى قاياشىم.
مائاش دىمەك پۇل دىمەك، ئېغىز، بۇرۇن ،قول دىمەك، $fn^i.
تىرىشچانغا، ئىشچانغا نېنىڭنى تاپ، بول دىمەك. a*D|$
رەنجىمەيسەن ئىنساندىن ھوقۇقىڭنى خارلىسا، 50Jr(OeU<
يامانغىمۇ يانتاياق_ ئارقا ئىشىك يول دىمەك.
كەمبەغەلنى شاھ قىلىپ بىر كېچىدە تىكلەيسەن، nbRg<@
چۆلدە بولساڭ قەلەمچە بىر دەمدىلا كۆكلەيسەن. j>:T)zhyY
قانداق بايراق تىكلىسەڭ يۈكۈنىدۇ سىياسەت، L7b{H2 2
نوپوزۇڭ بار ھەر قانداق ۋەزىپىنى يۈكلەيسەن.
قەغەز بىلەن قەلبنى تەڭ قىلمايمەن دىسەممۇ، ^49moC-
ھالال بىلەن ھارامنى ئىلەشتۇرمەي دىسەممۇ، Eg:p_F*lr
كىرىپ كەتتىم شەيتاننىڭ ئۇسۇل ئويناپ دېپىغا، S`^W#,rj
قېرىنداشلار ئارسىدا جەڭ قىلمايمەن دىسەممۇ؟!
سەن بولمىساڭ ئەسكەرلەر جەڭ قىلامدۇ قان تۆكۇپ؟
>fdN`W}M
سەن بولمىساڭ رەھبەرلەر سۆز قىلامدۇ ‹ شال ›تۆكۇپ؟ RAxz+1JT
ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە، دېھقان ئاكام ئېتىزدا، _aGdC8%[
سەن بولمىساڭ ئۇلارمۇ ئىشلەلەمدۇ تەر تۆكۆپ؟
مەن يىغلىدىم نىمىشقا ؟ ئىككى بالام ئاچ قالدى، = V , _
كۆزنى يۇمدۇم ئايالىم بويون قىسىپ ياش قالدى. %!S
ھەممىدىن بەك يامىنى كېسەل ئەمەس موھتاجلىق، 4s8E:I=K
غەملەر بىسىپ مۈرىنى باشتا ئۈچ تال چاچ قالدى.
قۇربان ھېيتقا ئاز قالدى مائاش نەگە كەتتىڭىز؟ Rt|Hma
ئۇرۇق -تۇققان ، دوست كەلدى مائاش نەگە كەتتىڭىز؟ L_r &'B
گاز، توك، پار ھەم سۇ پۇلى نىسى سۈيلەپ كەپتىغۇ، P(;c`
ماشىنامغا ماي قۇياي مائاش نەگە كەتتىڭىز؟
يانچۇقۇمدا كارتا كۆپ، ھەميان قۇرۇپ كەتتىغۇ، YMd&+J
`
ئىككى رومكا ئىچىپلا ۋىجدان تۇرۇپ كەتتىغۇ. F~AS(sk
سەرسانىلىق كوچىدا چىۋىن بولدۇم نىشانسىز، 6Ts`5$e
موھتاجلىقنىڭ ئانىسى ھەجەپ كۈلۈپ كەتتىغۇ؟!
دوختۇرخانا ئىچىگە كىرەي دىسەم قورقىمەن، ss<'g@R
ماشىنامدىن ساقچىغا قاراي دىسەم قورقىمەن. U VKN#"_{
كاستىيومنى قاتۇرۇپ گالاستۇكنى تاقىدىم، "Zk6B"o)
ئاق ئارىلىغان چېچېمنى تاراي دىسەم قورقىمەن.
توي-تۆكۇننىڭ دەستىدىن بارغاقلارغا پۇتلاشتىم ;Y^RF?un
قولوم- قوشنا تۇققاندىن بارغانسىرى ياتلاشتىم. +a-@
!J~:
ئائىلىدە ئېقتىساد قىزىل رەقەم كۆرسەتكەچ، o}A #-
خوتون بىلەن بەزىدە يۇز- كۆزلەرنى تاتلاشتىم.
^mpB\D)q
ئەڭ چىرايلىق پەرىزات قېنى نەگە كەتتىڭىز؟ sCQup^\
ئەڭ ھوقۇلۇق خانىشىم قېنى نەگە كەتتىڭىز؟ !@{[I:5
پۇتىڭىزغا باش قوياي،سەجدە قىلماق ئاسانمۇ؟ )yW_O:
ۋاقىت دىگەن ئېشەكنى مىنىپ نەگە كەتتىڭىز؟
يۇرىكىم ياش تۆكسىمۇ تەببەسسۇم بار كۆزۇمدە، QtQ^"d65
روزا تۇتتۇم ئىچىمدە ،ھېيت- بايرام بار يۈزۈمدە. 9Oyi:2A
تومۇزدىمۇ تىتىرەپ چىكەتكىدەك سايرايمەن، I%919
دوست- بۇرادەر، قوشنامنى ‹ ئۆيگە كىرىڭ› دىگەندە.
q&Wwtqc9
مائاش مېنىڭ كۆز نۇرۇم ، مائاش مېنىڭ يۇرىكىم، {K4t8T]
مائاش مېنىڭ جىگىرىم، مائاش مېنىڭ بۆرىكىم. JK"uj%
مائاش مېنىڭ ئائىلەم، مائاش مېنىڭ بارلىقىم، [;?{BB
مائاش مېنىڭ غورۇرۇم ، ئەڭ ئاخرىقى تىلىكىم.