$\H46Ji ;!Bkk9r"H ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى،بۈگۈن پاراڭلىشىش دېتالى چ چ بوشلۇقۇمنى ئېچىپ قارىسام،نەدىن بىر رەسىمنى تاپتىكىن،سۆز قالدۇردىغان يەرگە
>u[ln@ l يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىز،قىرغىزئىستان دۆلەت پۇلىغا چىقارغان بىر رەسىمنى كۆرۈپ قالدىم.كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى،بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى دەپ ئويلىدىم.قىرغىزلار بىز بىلەن قېرىنداش خەلق،ئۇلار بىلەن ئۇزاق يىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا قېرىنداش بولۇپ،ئاكا-ئۇكىلاردەك بوپ ئۆتتۈق،لېكىن،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بەتلەردە بولسۇن،مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغۇرسىدا باشقىلار ئۆزىنىڭ مىللىتى قىلىۋىلىش دەۋاسى تا ھازىرغا كەلگۈچە تۈگمەيۋاتىدۇ،قىرغىزلارنىڭ بۇنى دۆلەت پۇلى قىپ چىقىرۋىلىشى مېنى بەكمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى.مەن كۈتۈپخانامغا تىزىپ قويغان ‹‹قۇداد غۇبىلىگ››دېگەن كىتابنى ئاختۇرۇپ،(1984-يىلى5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتىدىن نەشىر قىلىنغان). كىتابنى ۋاراقلاپ كۆردۈم،كىتابنىڭ باش بېتىدە،5-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن:بۇ كىتابنى يازغۇچى بالاساغۇندا تۇغۇلغان بىر تەقۋادار زاتتۇر؛ئەمما،بۇ كىتابنى قەشقەر ئېلىدە تاماملاپ،مەشرىق شاھى تاۋغاچ بۇغراخان ھۇزۇرىغا سۇنغاندۇر،شاھ بۇغراخانمۇ ئۇنى قەدىرلەپ(ۋە)ئۇلۇغلاپ،ئۇنىڭغا خاس ھاجىپلىقنى ئىلتىپات قىلغان(ۋە)ئۇلۇغلاپ،ئۇنىڭغا يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ نام-شۆھرىتى دۇنياغا يېيىلغاندۇر.1 بالاساغۇن توغۇرسىدا ئىزدىنىپ باقتىم،مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ‹‹يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت››دېگەن كىتابىنى ۋاراقلاپ كۆردۈم،ئالىمنىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ 183-بېتىدە ‹‹بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلسى ھەققىدە››دېگەن تەتقىقات قىممىتى يوقۇرى بولغان بىر ماقالە ئۇچراپ قالدى.مەزكۇر ماقالىدىكى مۇھىم ئۈزۈندىلەرنى ئارىيە ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.
2M`Ni&v بالاساغۇن -قۇز ئوردا ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم توپىنومىيىلىك كاتۇگىرىيە.بالاساغۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى قارا قوجۇ،يارغۇل،قارا بالغاسۇن،بېشىبالىق ،قەشقەر-ئوردا كەنت بىلەن تەڭ دەرىجىدە شانلىق ئورۇن ئالغان.
g}h0J%s بالاساغۇن تارىخىي مەنبەلەردە يىراق ئەپراسياپ ۋە بويلاسانغۇن بۆكە قاغان نامى بىلەن تۇتاشقان.بالاساغۇن ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئىلىك دەۋرلىرىدە ياغما قەبىلىرى ۋە قاراخانىلار ياغما سۇلتانلىرىنىڭ نەسەپگاھ دەرگاھى،دەسلەپكى ھەربىي-سىياسىي پالىيەت مەركىزى،ئوغۇلچاق قىدىرخان تالاستىن قەشقەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن،قاراخانىلارنىڭ سامانىلارغا نىسبەتەن ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان جاي،ئورداكەنت-قەشقەر يېنىدىكى سالقىن ئوردا -قۇز ئوردا بولغان جاي.
P1jkoJ بالاساغۇن -يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل،شەرق-غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىكى مۇھىم بەلباغ،جۈملىدىن قاراخانىلارغا تەئەللۇق بىر قاتار ئالىملار كۆز ئاچقان مەشھۇر شەھەر.
m8`A~ بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلسى بارتولددىن كېيىنكى مۇھاكىمىلەردە بارغانسىرى خاتا پەرەز ۋە ئاساسسىز ھۆكۈم تۈتەكلىەكىگە كىرىپ كەتتى.نەتىجىدە بالاساغۇننى ياغما ۋە توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنى ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان،بالاساغۇننى ئوردا كەنت يېنىدىكى قۇز ئوردىدىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلدىغان ،بالاساغۇننى ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ ئەينى زاماندا يازغان يەر مۇساپىلىرى توغرىسىدىكى ناتوغرا قىياسلىرىنى دەلىل قىلىۋىلىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان،ھەتتا بالاساغۇن،يۇقىرى بارسىغان،سۇياب (چۇئاب)،توقماق(بۇرانە ۋە ئاق پېشىم)ئارىلاشتۇرۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىندىغان ئەھۋاللار كېپ چىقتى.بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈملەر شۇ پېتىلا قايتا مۇھاكىمىسىز قۇبۇل قىلىنىپ،تەكرارلىنىۋىرىپ،قانداقتۇر‹‹بالاساغۇن -توقماق››پىگۇرىسى دەخلىسىز ئاخىرقى ھۆكۈم بوپ قالدى.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي-جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي ئېتنولىگىيىلىك ئېغىشلارغا يۈزلەندى.
L2tmo-]nw ئۇيغۇر ئالىمى،سوۋىت ئىتىپاقى ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادىمىكى مەرھۇم مۇراد مەھرايىف 1972-يىلى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان ‹‹دەۋر سەھىپىلىرى››ناملىق كىتابىنىڭ 84-بېتىدە سوۋىت ئىتىپاقى ئالىمى پېروفېسسور ئا.ن.كونىرنوفنىڭ ‹‹قۇداد غۇبىلىگ››رۇسچە نۇسخىسىغا تەرجىمە نۇسخىسىغا يازغان مۇقەددىمە ماقالىسىگە ئاساسلىنىپ:‹‹يۈسۈپ بالاساغۇنى تۇغۇلغان بۇ شەھەر ‹قۇز ئوردا›نامى بىلەن مەشھۇر بۇلۇپ،ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى››،‹‹بالاساغۇن شەھىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا گۇمانلىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشاپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان قەشقەردە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا ھېچقانداق گۇمان يوق››دەپ يازغانىدى.
HX[#tT|m~ بۇ ئالىمنىڭ بىر قەدەر يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولغان ماقالىسىدىن ئۈزۈندىلەر.تۆۋەندە چ چ بوشلۇقۇمدا كۆرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ رەسىمىنى سىلەرگە كۆرسىتىمەن:
fTcRqov
g9.hR8X
s=+G%B' ئۇيغۇر رەسساملاردىن غازى ئەھمەد،ئابدۇكېرىم نەسىردىن قىياس شەكلىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىپ پىرۇتىپىنى سىزىپ چىققان،بۇ رەسىملەر ‹‹قۇداد غۇبىلىگ››توغۇرسىدا چىققان كىتابلار بولسۇن ياكى ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى››دا كۆرگىلى بولىدۇ،يازغۇچىمىز يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق بۇنىڭغا قۇرۇق گەپ تېپىپ،ئۇمۇملاشقان،كىشىلەر ئىدىيىسىگە سىڭىپ بولغان رەسىملەرگە پەتىۋا چىقىرىپ،‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››ژۇرنىلىدا باشتىكى سەللە توغۇرلۇق گەپ تاپقان ھەمدە ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەپ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقىرى پوترىتى توغۇرسىدا قاملاشمىغان قىياسلارنى قۇيۇپ،دەلىل -ئىسپاتى چولتا،ئاساسسىز پىكىرلەرنى قىلىپ،ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆز قارىشىغا نۇقسان يەتكۈزگەن،دەرۋەقە،يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق بۇ رەسىملەر بىلەن بۇ ئىلمىي يەكۈنى يوق ماقالە يازسىمۇ،لېكىن،ئۇنىڭ ‹‹قۇداد غۇبىلىگ››تەتقىقاتى ئادەمنى سۆيۈندۇرىدۇ.
zE{zX@ يوقۇردىكى رەسىم قىرغىستاننىڭ دۆلەت پۇلىغا چىقارغان رەسىم بۇلۇپ،بۇ بىزنى غەزەپلەندۈرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ،مەن بۇ تېمىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىز تارتىۋاپتۇ دەپ ھېسىيات ئارىلاشقان قۇرۇق گەپنى ساتقۇم يوق،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنىڭ ئورنىتىلىش تارىخىنى بىلىش،بالاساغۇن توغۇرسىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرى توغۇرسىدا ھەرخىل تەتقىقات بولغان،يېقىندا ژۇرنال،مەتبۇئات،دۇنيا تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى نۇپۇسلۇق ئالىملارنىڭ بۇ ئالىم توغۇرسىدا چىققان ماقالە،ئىلمىي ئەسەرلىرى بارمۇ يوق،بۇنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇت قەشقىرى دەۋاسى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا تالىشىش تا ھازىرغا كەلگۈچە تۈگمىدى،ئىلگىرى قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ‹‹مەسنەۋى شېرىف››نى تېپىپ،ۋەخپىنامىنى مەتبۇئاتتا ئاشكارە قىلغاندىن كېيىن،مەھمۇد قەشقىرىنى ئۆزبىك مىللىتىنىڭ تارتىۋىلىش پەسكۇيغا چۈشتى.بىز مەسىللەرنى ئانالىز قىلغاندا،چوقۇم تارىخىي نۇقتىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر،بالاساغۇن-مەسىلسىنىڭ ئورنى مۇھىم مەسىلە بوپ قالدى،بۇ تېخىمۇ كۆپ تارىخچى،ئارخىېلوگ،ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆپ ئىزدىنىشى،تەتقىق قىلىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك،بارتولد تىن كېيىنكى تەتقىقاتتا ئېغىر دەرىجىدە ئېغىش يۈز بەرگەن.قىرغىزلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش چەتئەلدىكى نۇپوزلۇق ئالىملارنىڭ خاتا كۆز-قاراشلىرى ئۇلارنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.ھەممە ئىشتا دەلىل -ئسپات بولمىسا بولمايدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەزەلدىن ئۇيغۇر ،قەشقەردە قەبرىسى بار تۇرسىمۇ،‹‹قۇداد غۇبىلىگ››دېگەن كىتابتا بالاساغۇن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپلا،قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ ئالىمى بۇلۇش ،ھەرخىل خاتا قاراشتىن كېپ چىققان يەكۈنلەر ئوتتۇرغا سەكرەپ چىققان.شۇڭا،بۇ مەسىلىنى قانداق تۈزەش،نېمىنى مۇھىم تۇتۇش،قانداق يول ئارقىلىق توغرا يەكۈن چىقىرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.قېنى،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئۇزۇن يىللىق مۇشەقەتلىك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ،ئۇ گەرچە ،ئۇيغۇر مىللىتى بولسىمۇ،قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ئېغىر سۈركىلىش مەۋجۇد.بۇ مەسىللەرنى قانداق قىلغاندا ھەل قىپ كەتكىلى بولار؟
3
+'w% I ئەسكەرتىش:مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تېمىنى ئوبدان كۆرۈشىنى،خاتا يەكۈنلەردىن كېپ چىققان زىدىيەتلەرنى توغرا چۈشىنىپ،باشقا مىللەتنى ھاقارەتلەيدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشىنى،قانداق قىلىش،نېمىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىش توغۇرسىدا ئەركىن-ئازادە پىكىر يۈرگۈزشىنى ئۈمىد قىلىمەن.قالايمىقان سۆز قىلماي،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى،ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى،غازى ئەھمەد ۋە ئابدۇكېرەم نەسرىدىن سىزغان رەسىم بىلەن قىرغىزلار پۇلغا چىقارغان رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ،ئىلمىي پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. {:cA'6f.b مەنبە:ئۆزۈم
To95WG7G پايدىلانغان مەنبەلەر:1.قۇداد غۇبىلىگ.1984-يىلى 5-ئاي.مىللەتلەر نەشرىياتى.
co|0s+%PBq 2.يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.2001-يىل7-ئاي.
,.B8hr@H6-