مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       315 
  •    ئىنكاس 
       0 

گازا (غەززە) نى مەڭگۈ ئەسلەيمەن

قەۋەت ئاتلاش
Naprat2009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4456

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   315 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8547 (سوم)
 ياخشى باھا:   444 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5614
 سائەت
دەرىجىسى:
5614 سائەت 326 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
— بۇ يازما Azizim تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-10-26) —

گازا (غەززە) نى مەڭگۈ ئەسلەيمەن *Q2}Qbu  
x-=qlg&EI  
ئاپتورى: داۋىد مىلىباند   (تەرجىمىدە: نەپرەت2009) p EbyQ[  
y[sO0u\  
ھۆكۈمەت تەرەپتىن پەقەت سانلىق مەلۇماتقىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، تۇرمۇشىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبىتىنى پەقەت خەلق ئۆزىلا بىلىدۇ. بۇ پەرق بۈگۈنكى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ۋە نارازى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرلا بەك مۈشكۈل بوپ كەتتى، خەلقئارا مەسىلىلەردىكى يىراق ئارىلىق كىشىلەرنى تېخىمۇ گاڭگرىتىپ قويدى ۋە بىزار قىلدى. ئادەتتىكىگە ئوخشاش، نۆۋەتتە ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشىشگە تېخىمۇ موھتاج. l)( 3]  
SpX6PwM  
كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق شۇكى، 1 مىليون 500 مىڭ پەلەستىن خەلقى ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئارىسىدىكى گازا (غەززە) رايونىدا قاتتىق موھتاجلىق ئىچىدە ياشىماقتا. غەرب ھاماس كونتروللىقىدىكى گازا ھۆكۈمىتىنى يېتىم قويدى. ئۆكتەبىرنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىغا بولغان ياردەمنى ئۈزۈپ تاشلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. ;R{ffS6  
f 8836  
سىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، %80 گازا خەلقى ب د ت نىڭ ئاشلىق ياردىمىگە تايىنىدىكەن. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %65 يەتكەن. ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تورىدا مۇكەممەل بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، ئىسرائىلىيە گازاغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ھەر خىل ئەشيالار بېسىلغان يۈك ماشىنلىرىنىڭ سانى تىزىلغان. E?[]N[0Kl  
n|f Huv  
گازا خەلقىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە تىركىشىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ، پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خەۋەرلەردە، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىقى 8-ئايدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى ئەسلىدە خېلى ئۈنۈملۈك بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، گازا ۋاقىت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنتۇپ قالغان جايغا ئايلاندى. whvvc2  
Z`Sbq{Kx  
دەل شۇنداق بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتە مەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، گازا رايونىنى زىيارەت قىلدىم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى سۈپىتىدە گازانى زىيارەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم. ھازىر مەن گازادىكى تۇرمۇشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈمىدىدە بولىۋاتىمەن، ھەرگىزمۇ گازا توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەمەس. بۇ قېتىمقى گازا سەپىرىمنىڭ مەقسىتى سىياسىئون ۋە تاكتىكىچىلار بىلەن كۆرۈشۈش ئەمەس، ئۆز كۆزۈم بىلەن (گەرچە ئالدىراپ-تېنەپ بىر قاراپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتسەممۇ) گازا خەلقىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش. As-xO~+  
(S1Co&SX  
بۇ دەل ھەقىقىي تۇرمۇش: غەرب بالىلىرى دائىم كۆرەلەيدىغان مېسى (پۇتبول چولپىنى) نىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان پۇتبول كىيىمى، ئوتتۇرا دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرغان رېستۇران، ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان ياغلىق چەككەن قىز ئوقۇغۇچىلار، ساتراشخانا، كىيىم دۇكىنى، مېۋە يايمىسى، يەنە ئالدىراش قاتناشلار، بۇنىڭدا مىسىر چېگرىسىدىكى فىلادېلفى (Philadelphi) يولدىكى لەخمە ئارقىلىق ئەسكەس قىلىپ كەلگەن يېڭى ماشىنىلارمۇ بار ئىدى. |KLCO'x  
e.jbFSnA  
ئەمما رېئال تۇرمۇشتا ئازاب ۋە چەكلىمىلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. بىز ھاماسنىڭ ئىلگىرىكى بىناسىلا ئەمەس، باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ يەنىلا ۋەيرانە تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ئۆيلەرنىڭ تېمى ئوقتا ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەر كۈنى 8 سائەت توك يوق. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى كۈچىنىڭ قىس بولىشى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق كۆلىمى 50-60 ئادەمگە يەتكەن، ھەر كۈنىدىكى مەكتەپتە تۇرۇش ۋاقتىمۇ نەچچە سائەتكە قىسقارتىلغان بولۇپ، ئىككىنچى ھەتتا ئۈچۈنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ دەرس ئۆتىشىگە بوشىتىپ بېرىدۇ. 2Bg0 M  
Vmf !0-  
ھەممە ياردە ئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇرۇش رايونىدىكى ئەھۋال كىشىنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ چېلىقىدۇ. مەن ئىسرائىلىيە بىلەن گازا چېگىرلىنىدىغان توقۇنۇش بەلۋېغىدىكى تەنھا قالغان دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنىڭ جىيەن قىزى بىلەن ئوغلىنى يوقلىدىم. جىيەن قىزىنىڭ بىر كۆزى يوق ئىدى، ئوغلىنىڭ بىر قولى يوق، ئىككىسىنىڭكىنىلا 2008-2009 يىللىرىدىكى ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيەنىڭ زەمبىرەك ئوقى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. s'Wu \r'  
-oR P ZtW  
ئېنىقكى، بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى 18 ياشقا توشمىغان %53 گازا نوپۇسىدۇر. سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا دېيىلىشىچە، %10 بالا 2 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئوزۇقلۇق ئېغىر ھالدا كەمچىل بولغانلىقتىن يېتىلىشى ناچار ئىكەن، ئۇلار تولۇق يېتىلىشكە ئامالسىز ئىكەن. ,37\8y?o\  
p]erk  
مەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار گازادا بىر ئوزۇقلۇق مەركىزى قۇرغان بولۇپ، ئانىلار ۋە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى كېڭەيتىش، بالىلارغا يېمەكلىك تەمىنلەش ھەمدە ئانىلارنى داۋالاش قاتارلىق ئاساسىي ھاجەتلىرىدىن چىقىدىكەن. ئەمما ياردەمگە موھتاج بولغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىكەن، شۇڭا بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى زور ساندا خىزمەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ، ئائىلىلەرنى ئۇلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. ].r~?9'/  
 \qj(`0HG  
پۇرسەت يارىتىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. قاتتان بالىلار مەركىزى ئەنگىلىيە شېركىتىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، كۇتۇپخانا، تىياتىرخانا، كومپيۇتىر ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت تۈرلىرى بار. بۇ مەركەزنىڭ مەسئولى قاتتىننىڭ ئەھدىنامىسى ئادەم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇ مەركەز ئىسمى جىسمىغا لايىق خوشاللىق مەركىزى ئىدى. S5>?j n1  
KO3X)D<3  
بۇ خوشاللىق مەركەزلىرى سىياسىينىڭ زور يىمىرىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. 2009-يىلى 1-ئايدا ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت گازانى ئېچىۋېتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. 3 يىل ئۆتۈپ كەتتى، يەنىلا قاتمال ھالەتتە تىركەشمەكتە. بۇ ئەكسىچە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمان بولۇۋاتقان زېمىندا دۆلەت قۇرۇش پىلانىنىڭ قاتماللىققا چۈشۈپ قېلىش قەدىمى بىلەن بىردەك بولۇپ قالدى. Z(:q.{"r  
V Bv|7S  
مەسئولىيەتنىڭ مەنبەسى ئىسرائىلىيەدە. ب د ت نىڭ گازا تىنچلىق لاھىيىسى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلەش لىنىيىسىنى ئېچىۋېتىشىنى دەۋەت قىلغان، ئەمما ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا قارىتا سوغاق پوزىتسىيەدە بولدى. بۇ دەل گازا لەخمىلىرىدىكى سودىنىڭ گۈللىنىشىدىكى سەۋەب، ھاماس بۇ ئارقىلىق زور مىقداردا مەبلەغكە ئېرىشتى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى رەددىيە بېرىپ، گازا تىنچلىق لاھىيىسىدە ئوخشاشلا گازاغا قورال توشۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ تەلەپ ئەمەلىيلەشمىدى دېدى.بۇ گېپىمۇ ئورۇنلۇق ئىدى. f1,VbuS9I  
{DWL 5V#M  
ئەمما خەلقئارانىڭ بېسىمى يەنىلا مەغلۇپ بولدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسى بۇ يېرىدە ئەمەس. ئەمما گازا خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپى يەنىلا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرۇن بۇلتۇر ئېيتقان «تۈرمىنى ئېچىۋېتىش» تا تۇرماقتا. شەك-شۈبھىسىزكى، ئوخشىمىغان پارتىيىلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ بۇ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ھەققىدىكى ئىختىلاپلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىمكانىيەت بار، بولمىسا ئىختىلاپ ئاللابۇرۇن كەلگۈسى سىياسىي ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ^bG91"0A  
Ev>P|k V&A  
كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى، گازانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش تۈپتىن ئاقىلانەقىلمىش ئەمەس. بۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىسرائىلىيە بۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ھاماس ۋە فاتاخ بۇ سەۋەبلىكلا  كىشىلەرنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ;(r,;S_`0  
:` >bh  
ئوزۇقلۇق مەركىزىدىكى بىر ئانا ماڭا ئۆزىنىڭ بوغالتىرلىق ئۇنۋانىغا يېڭىلا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى، ئەمما خىزمەت تاپالمىغان. قاتتان مەركىزىدىكى 9 ياشلىق يوسۇف بىر تەرەپتىن كومپيۇتىر ئوينىغاچ، بىر تەرەپتىن ماڭا ئارزۇسىنىڭ ئۇچقۇچى بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ تەھدىتى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەنىلا ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ ئۈمىدى. ئۇلارغا لازىملىقى پەقەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش. 7 tQ?av  
b>]k=zd  
مەنبە: ئاپتورى داۋىد مىلىباند 2007-2009 يىللىرى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان، ھازىر ئىشچىلار پارتىيىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى. Aa4 DJ  
نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى
تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-26, 21:26
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران