مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       937 
  •    ئىنكاس 
       30 

يەنە سىيىت نوچى ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
ikbal30
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61902

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   118 (سوم)
 ياخشى باھا:   30 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13
 سائەت
دەرىجىسى:
13 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-25

مۇتەللىپ ئىقبال BNy"YK$  
بىر دوستۇمنڭ ھاۋالىسى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى گۈلەننىڭ سىيىت نوچى ھەققىدىكى ماقالىسىنى كۈرۈپ قالدىم. ماقالىنىڭ نەزىرىيەلىرى خىلى ئۆتكۈر بۇلۇپ، سىيىت نوچى خاراكتىرىكى ئاجىزلىقلارنى ئۆتكۈر تىل بىلەن ئېچىپ بەرگەن ئىدى. كىيىن قارىسام يەنە بىر ئاپتۇر سىيىت نوچىنى ئاقلاپ ماقالە يېزىپتۇ. كۈلكىلىك يىرى شۇكى ئىككىنجى ماقالىنىڭ ئاپتۇرى سىيىت نوچىنى ماختاپ ئۇنى جامائەت ئەربابى دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىدە سىيىت نوچى جامائەت ئەربابى دىگەن گەپ نەچچە يەردە ئۇچرايدىكەن. مەن ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ سۆزنىڭ لوغەت مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىزدەپ باقتىم. سىيىت نوچى ۋۇجۇدىدا جامائەت ئەربانى بۇلۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر يوق ئىكەن. [s/@z*,M1  
2011-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك ئۇيغۇر داستانچىلىق يىغىنىدا مەن سىيىت نوچى داستانىنىڭ ئوخشىمىغان تىكىستلىرى ئۈستىدە تەھلىل دىگەن ماقالەمنى ئۇقۇپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ئىدىم. شۇ يىغىندا بىر تەتقىقاتچىنىڭ دىيشىچە ئۇ سىيىت نوچى داستانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدا يەنە باشقا بىر خىل ۋارىيانتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىز ھازىر توپلاپ رەتلىگەن سىيىت نوچى داستانى تۆت خىل بۇلۇپ، بىر خىل ۋارىيانتى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. قالغان ئۈچ ۋارىيانتى ئېلان قىلىنىمىغان. مەيلى ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى توپلاپ ئېلان قىلغان سىيىت نوچى داستانى ياكى بىز بىز بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تىرىك داستانچىلارنىڭ ئاغزىدىن توپلىغان سىيىت نوچى داستانى بولسۇن ئۇمۇمىي قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغان سىيىت نوچى ماتېتەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ ۋە ئۈلۈم ئالدىدا قەشقەر خەلقىگە خىتاپ قىلىدۇ. ]M2 
مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىككىنجى ماقالىدە سىيىت نوچىنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى نالىسىگە ئانچە ئىتىبار بىرىلمىگەندەك تۇرىدۇ. چۈنكى داستاننىڭ تۆت خىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىسدە سىيىت نوچى ئۈلۈم ئالدىدا ساۋاتسىزلىقنىڭ، ئىلىم-بىلىم بىلمىگەنلىكىنىڭ زىينى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ ۋە كىشىلەرنى مەرىپەتلىك بۇلۇشقا چاقىرىدۇ. مانا بۇ سىيىت نوچىنىڭ ئۈلۈم ئالدىدا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىشى. 'l:2R,cP  
ئۇنى خەنزۇچە خەت بىلمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ تۇزچى بۇۋاينىڭ نەسىھىتى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەن. ئۇيغۇر تارىخىدا يالغان قۇرئان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ تىراگىدىيە پەيدا قىلىدىغان ھادىسە 20-ئەسىر ئىچىدىلا ئۈچ قېتىم يۈز بەردى. سىيىت نوچى خۇيزۇلارنىڭ يالغان قەسەم ۋەدىسىگە ئىشەندى. تۈمۈر خەلپىمۇ بىر تال قىشقا ئىشەندى...... دىمەك بۇنداق پاجىئەئەلەر 20-ئەسىر تارىخمىزدا خىلى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دەۋرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان قارا تېپىشمىقى ۋە نادانلىقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىسى. 2tv40(M:<  
ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا سىيىت نوچىنىڭ ئىنقىلاپقا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆپ. سىيىت نوچى قاتناشقان بولسا بۇ مەخپىي تەشكىلات بولغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ ئىسمى كىيىنكىلەرگە ئۇچۇق بىلنىشى ياكى ھۆججەتلەردە تەپسلىي خاتىرىلىنىشى تەس. ئۇنىڭ خەلقنىڭ دەردىنى ئويلايدىغان كىشى دەپ قارىساق، ئەمەلىيەتتە ئۈچتۇرپاندا ئامبالنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل راھەت پاراغەتتە ئۆتكەنلىكىنى راست. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي ئىنقىلاپچى بولسا ئۇنداق قىلمىغان بۇلاتتى. چۈنكى ئۇ ئامبال يېنىدا ياشاۋاتقان مەزگىلدە خەلق تېخىمۇ ئېغىر غۇربەتچىلىكتە ئىدى. 6:,^CI|@ t  
ئەمدى ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ داستان قىلىپ ئۇقۇلىشىغا كەلسەك، بۇنى ئوبىكتىپ چۈشىنىش كىرەك. تارىخ سەھنىسىدە قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەندەك يامان كىشىلەرمۇ قۇشاق، رىۋايەتلەر ئارقىلىق تەرىپلىنىدۇ. داستاننىڭ ئۇقۇساق داستاننىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنىڭ سىيىت نوچىنىڭ ئۈزى تەرپىدىن توقۇلغانلىقىنى، كۆپ قسىمىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن تۇقۇلغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى داستاندا بىرىنجى شەخىس ۋە ئۈچىنجى شەخىس تىلى بىلەن بايانلار بىرىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە خۇتەندە داستانچىلار سىيىت نوچى داستانىنى ئوقۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىلىم ئۈگۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. سىيىت نوچىنىڭ ھەقىقى ھايات شەجەرىسىنى ئىنقلاش بۇ توغرىسىكى ئىككى قۇتۇپلۇق باھالارنى ئاياغلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىش. مىنىڭچە شەخسىي غەرەزدىن بەكرەك ھەقىقى تارىخى قوينىدىن تەجرىبە ۋە قىممەت ئىزدىگىنىمىز ياخشى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىيىت نوچىنىڭ شىرىپ خۇشتار تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. K[[k,W]qb  
FNuu',:  
FT;JYkO  
   ]KeNC)R  
S:YL<_oI|  
ماشاۋ ۋۇ (ما دوتەي)  喀什行政长官:马绍武 ! cb#fl  
   fYy.>m+P1  
ما شاۋ ۋۇ –خۇيزۇلارنىڭ خەلپىسى، ئىشانى،. ئېيتىشلارغا قارغاندا، ماشاۋۋۇ توقسۇن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دىن تەرغىپ قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان، كۆپلىگەن مۇرىت توپلىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى دەسلەپ توقسۇن، قەشقەردە،  كېيىنكى ۋاقىتتا ئىلدا تۇرغان.   \zU5G#LQ  
ماشاۋۋۇ شىنخەي .ئنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەردە تۇرغاندا ئۇنىڭ قەشقەر، يەكەن، خۇتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مۇرىتلىرى نەچچە مىڭ (خۇيزۇ) غا يەتكەن. ئۇنىڭ دىننىي سالاھىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ياڭ زېڭشىن ئۇنۇڭغا قەشقەرنىڭ ئامبال(ھاكىم)لىقىنى بەرگەن. ما فۇشىڭ(ما تىتەي) قەشقەردە بولغان مەزگىلىدە ما تىتەينىڭ خوتىنى ماشاۋۋۇغا مورىىت بولغان ۋە ئۇنى كۆرگەنلا يەردە تىزلىنىپ ئۇنۇڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. ئۆزنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان ما تىتەي بۇنۇڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. شۇ كۈنلەردە ماشاۋۋۇ قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ رۇيچى بىلەن زىتىلىشىپ قالىدۇ. ماتىتەي ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلمايلا، جۇ رۇيچى (دوتەي) بىلەن ماشاۋۋۇ (ھاكىم)نىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قەشقەردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ياڭ زېڭشىن ما تىتەينىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئاغرىنىپ، بۇنڭىدىن ئۆچ ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە پۇرسەت كۈتىدۇ. ۋەقەدىن كېيىن  جۇ رۇيچنى ئاقسۇغا دوتەي، ماشاۋۋۇنى ئۈچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ.     A232"p_  
   uw=Ube(  
ما فۇشىڭ(ما تىتەي) !h!9SE  
(喀什都督马福兴) "6yiQ\`J  
3 \r@f_p  
1919-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، يەنى ماشاۋۋۇ ئۈچ تۇرپاندىكى مەزگىلدە، تاشكەنىتتە ئابدۇللا رۇزى باقىيوف، ما سەنچاڭلار باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچۇرشىدۇ. 3-ئىنتېرناتسىئونال ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئىتتىپاقتا نەچچە مىڭلىغان ئەزا ۋە 568 كوممۇنىسىت بار ئىدى. بۇ كوممۇنىسىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئىدى.  3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شەرىق بىيۇروسىنىڭ شۇجۇسى ئابدۇللا رۇزى باقىيوف، مۇئاۋىنى ما سەنجى ئىدى(ما سەنجى قارا قولدا توختاپ قالغان ئىلغار زىيالى خۇيزۇ ئىدى). شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئىچىدە سوتسىيالىستىك يېڭى ئىدىيە تارقىتىش، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ھەققانىي كۈرشىگە يارىدەم بېرىش 3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شنجاڭغا قاراتقان ۋەزىپىسى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىمىلىرى ماشاۋۋۇنىڭ ما فۇشىڭ بىلەن زىددىيىتى  بارلىقىنى بىلەتتى، ما شاۋۋۇنىڭ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرگەنلىكىنى بىلەتتى.   V^I /nuy  
قانداقتۇر بىر سەۋەپلەر بىلەن ماشاۋۋۇ ئوتتۇرا ئاسيىا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى خۇيزۇ كومۇنىستلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدۇ. شۇنۇڭىدىن باشلاپ ماشاۋۋۇ ماتىتەيدىن ئۆچ ئېلىشقا ھازىرلىنىدۇ. ئۇ ئاقسۇ دوتىيى جۇرۇيچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ماتىتەينىڭ ياڭزېڭشىنغا يوللىغان پوچتا مەكتۈپلىرىنى ئاقسۇدا تۇتۇپ قالىدۇ. ياڭزېڭشىننىڭ ما تىتەيگە ئەۋەتكەن مەكتۈپلىرىنىمۇ ئۆتكۈزمەي، يۇقرى بىلەن تۈۋەننى زىدىيەتكە سالىدۇ ۋە ياڭزېڭشىنغا مەكتۈپ يوللاپ، ماتىتەينىڭ يامان غەرىزنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينى ئۆزىگە نىسبەتەن خەۋىپلىك دەپ بىلىپ، ئۇنى كونا رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلى بىلەن يۇقاتماقچى بۇلۇپ، ماشاۋۋۇغا بۇيرۇق قىلىدۇ. ماشاۋۋۇ جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ماشاۋۋۇ ھەربىي مەمۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچىكى ئۆلكىلەردىن ئەپيۇن تۇشۇپ كېلىپ، ئەپيۇنخانا، قىمار خانا ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقانىدى.   3|Sy'J0'K  
شۇ كۈنلەردە سېيىت نوچى ئۈچتۇرپانغا كېلىدۇ ۋە ئۈچتۇرپاندا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ناشايان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۈچتۇرپاندا قىمارخانا، ئەپيۇنخانلار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار ئۈچتۇرپان خەلقىگە ئالۋان سېلىش ئارقىلىق ياشلارنى قىمارخانىلارغا ئالداپ، زورلاپ ئېلىپ كېلىپ، مەجبۇرىي قىمار ئوينىتاتتى. ئۇتتۇرسا قاماپ قۇيۇپ ياكى باغلاپ ئاتا-ئانسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆي-زېمىنلىرىنى، ۋەج-بىساتلىرىنى ساتقۇزۇپ پۇلىنى ئېلىۋالاتتى.     hxVM]e[  
بۇنۇڭدىن غەزەپلەنگەن سېيىت نوچى بىر قىمارخانىدا جىدەل چىقىرىپ ، قىمارخانا خۇجايىنىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ قىمارخانا ھەربىيلەر باشقۇرغان قىمارخانا بولغاچقا، مىمارخانا خۇجاينى بىر پەي ئەسكەرنى سېيىت نوچىنى تۇتقىلى ئەۋەتىدۇ. سىيىت نوچى بوي بەرمەي، ئۇلارنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋىتىدۇ. بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ماشاۋۋۇ سېيىت نوچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ھىمايىسىگە ئېلىپ، قىمارخانىنىڭ زىيىنىنى تۈلەپ بىرىدۇ. ئۈچتۇرپاندا ھەركەت قىلىۋاتقان گېلاۋ خۇيچىلار سېيتى نوچىنىڭ ماشاۋۋۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سىېيىت نوچى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېيىت نوچى ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ.   ;Ia1L{472m  
سېيىت نوچىنى پايلاپ يۈرگەن ھەربىي-مەمۇرىيلار ماشاۋۋۇغا سېيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلقىنى مەلۇم قىلىغاندا، ماشاۋۋۇ سېيىت نوچىنى يۇقاتماقچى بۇلىدۇ ۋە سېيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاغا-ئىنى بۇلىشىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتۇقۇزۇپ، يول خىراجىتى بېىرپ، ئۇنى قەشقەرگە جۇ دوتەينىڭ يېنىغا يولغا سالىدۇ. ئاغزى چاپلانمىغان بۇ كونۋېرىتتىكى خەتنى ئاق كۈڭۈل سېيىت نوچى ئۇقۇتۇپ باقمايدۇ.   v8bl-9DQ  
جۇ دوتەي خەتنى ئېلىپ ئۇقۇپ ھەيران بۇلۇپ، ئۇنۇڭدىن: ‹‹خەتنى ئېچىپ باقتىڭمۇ؟›› دەپ سۇرايدۇ ۋە: ‹‹بۇ خەتتىن مەن ۋاقىپ بولدۇم، شۇنداقتىمۇ سەن ھاكىمنىڭ ئالدىغا بار›› دەيدۇ. ئاندىن تەرجىمانغا:‹‹ بۇ تۇلۇمۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئادەم ئىكەن. بۇ خەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇڭلار، قېچىپ كەتسۇن!›› دەيدۇ. سېيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ماششاۋۋۇ بىلەن قۇرئان تۇتۇپ قىلىشقان قەسىمىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ ۋە:‹‹بۇ ئۆلۈم خېتى ئەمەس!›› دەپ تۇرۇۋالىدۇ. قەشقەر ھاكىمى بۇ خەتنىڭ راستنلا ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقاندا، سېيىت نوچى ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.   Tki/ d\!+  
‹‹سىېيىت نوچى ئۆزنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ كەپتۇ›› دېگەن گەپ قەشقەرگە تارىلىپ، كىشىلەر سېتىت نوچىدىن ھال سوراپ كېلىپ، ئۇنۇڭغا قېچىپ كىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمما سېيىت نوچى:‹‹قاچسام باشقىلارنىڭ سېيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان، دىگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!›› دەپ قاچقىلى ئۇنمايدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن سېيىت نوچى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. كىشىلەر جاللاتنى سېتىۋېلىپ،‹‹ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يىرىگە ئاتقىن›› دەپ تاپلايدۇ. ئەمىلىيەتتە شۇنداق قىلىنىدۇ. لېكىن سېيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئاخىر ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇ ئۆلۈشتىن ئېلگىرى:‹‹مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نائۇستاڭ يېقىن كەلمە›› دېگەن قۇشاقنى ئېيىتپ مەردانىلەرچە ئۆلىدۇ.   ^r*%BUU9]%  
ماشاۋۋۇ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن، ماتىتەينى ئۆز قۇلى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.   DhNo +"!z  
كېيىن ئۇ ما تىتەينىڭ لەنگەردىكى داچىسىغا كېتىۋاتقاندا، ماتىتەينىڭ گۇماشتىللىرى تەرىپىن ئوققا تۇتۇلغان بولسىمۇ، يېنىك يارلىنىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ.   gH^$Y~Lx  
|4. o$*0Y  
Xm:=jQn  
.xkV#ol  
(被处决后的马福兴)   LQ\ ELJj  
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماشاۋۋۇ ئۈچتۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە خۇيزۇ كۇمۇنىسىتلىرى ئارقىلىق سوۋېت بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان ئىكەن. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قۇيۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مومكىن.   8o7]XZE=)  
ماشاۋۋۇ قەشقەردە ئوق تېگپ يارلانغاندا، سوۋېت كونسۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن سوۋېتكەچقىپ داۋالاندى ۋە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قەشقەرگە دوتەي قىلىپ كۆتۈرۈلدى.   0IgnpeA]  
1933-يىل 4-ئاينىڭ8-كۈنى تۆمۈر سىجاڭ(تۆمۈر ئېلى) قۇشۇنى قەشقەرنى ئىشخال قىلغاندا، ما دوتەي قەشقەر ھاكىمىيىتى ۋە خەزىنىسىنى ماجەنساڭغا ئۆتكۈزۈپ بېىرپ، سوۋېت ئىتتپاقى كونسۇلىنىڭ ھىمايىسىدە سوۋېتىپەرەس ئىبراھىم لوزۇڭ دېگەننىڭ بېغىدا تۇردى.   x*&&?nV Iz  
شۇ يىلى 8-ئاينىڭ17-كۈنى تۆمۈر سىلىڭ قىرغىز ئوسمان قىسىملىرىنى قوغلاپ چىققاندا، ما جەنساڭ قىسىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ چاغدا ماشاۋۋۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورنىغا قايتىپ، يەنىلا دوتەيلىك مەنسىپىدە تۇردى.   j(6$7+2qN  
ئۇ 1935-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، خەلىق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولدى. 1937-يىلى شېڭ شىسەي ھاكىمىيتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى. 1942-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.   xcZ%,7  
(شېرىپ خۇشتار يازغان‹‹ شنىجاڭ يېقىنىقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر›› نامىلىق كىتابتىن
تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-25, 11:11
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +11
xah~deyar مۇنبەر پۇلى +11 10-25 قۇرۇق سەپسەتە،ئەخلەت تىما
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
j@h@ng!r
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55786

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   175 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1134 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 79
 سائەت
دەرىجىسى:
79 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

يەنە شۇ  سىيىت نوچى .................
qiqakkiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50822

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1225 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16659 (سوم)
 ياخشى باھا:   1002 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   998  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2803
 سائەت
دەرىجىسى:
2803 سائەت 187 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ تىمىنى قۇلۇپلىۋەتسەڭلار قانداق ؟ سېيت نوچىنىڭ قانداق ئادەملىكىگە ئۆز ۋاختىدا ئۇلۇغ ئاللاھ باھا بىرىپ بولغان . يەنى قەبرىدە . بىزنىڭ مۇشۇنداق ئىللەرلىرىمىز قاچانمۇ تۈگەر . سىيت نوچى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ۋاختىمىزنى ، ئازراق بولسىمۇ ئىبادەت قىلىشقا ئاجراتساق ياخشى بۇلاتتى . ھەي................................
ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
ataman0
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45199

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   571 (سوم)
 ياخشى باھا:   96 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 441
 سائەت
دەرىجىسى:
441 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم VO9XkA7  
سىيت نوچى توغورلۇق يىزىلغان يازمىلار ئىچىدە گۈلەن ئەپەندىمنىڭ يازمىسىدەك ئەتراپلىق ھەم ئۆتكۈر پىكىر بىلەن يىزىلغان ماقالنى كۆرۈپ باقمىدىم . مىنىڭچە ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئەمدى يىزىلماسمىكىن . گۈلەننىڭ يازمىدا سىيىت نوچى ئوبرازىنى ئەينەب بىزگە يشىپ بەرگەن .
ياخشى كۈنلەر ئالدىمدا
gunqa721
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6279

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   595 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8724 (سوم)
 ياخشى باھا:   544 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   590  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4649
 سائەت
دەرىجىسى:
4649 سائەت 301 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

تېمىنى ئەستايدىللىق بىلەن تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، مىسرانىم مۇنبىرىگە سىيت نوچى توغرىسىدا تېما يوللانغاندىن بۇيان ئىزچىل دىققەت قىلىپ ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. «ئىقبال» ئېيتقاندەك سىيت نوچى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم تېما يوللىغان قېرىندىشىمىز سىيت نوچى خاراكتېرىدىكى بىر قىسىم ئاجىزلىقلارنى يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق تېمىسىدا سىيىت نوچىنىڭ ھەقىقىي «نوچى» ئەمەس «نادان، ئاخماق»لىقىدەك مەركىزىي ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇ تېمىدا يەنە بىر قېرىندىشىمىز (مۇنبەردىكى ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) يالقۇن روزىنىڭ سىيىت نوچى توغرىسىدىكى يازغان ماقالىسىنى يوللاپ تېمىغا تېخىمۇ جان كىرگۈزگەن. لېكىن كېيىنكى ماقالىدە  بىر قىسىم قېرىنداشلار يالقۇن روزىنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. سىيىت نوچى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم تېما يوللىغان قېرىندىشىمىز سىيىت نوچىنى ئاقلىغان. مەن سىيىت نوچى توغرىسىدىكى ماقالە مىسرانىمدا يوللانغاندىن بۇيان ئىزچىل ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، سىيىت نوچىنىڭ ئاخماق، نادانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم. ئۇنىڭ نادانلىقتا شۇ دەرىجىدە چېگىگە يېتىپ تۇزچى بوۋاينىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمىغانلىقى، نەچچە قېتىمىلق ھايات قېلىش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەي ئاتالمىش «مەرد، مەردانىلىق» يولىنى تاللاپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشى كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. ئەجىبا ھاياتلىق شۇنچە قەدىرسىزمۇ؟ كونىلارمۇ «ئون شېھىتتىن بىر تىرىك ئەلا» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. ئۇ زادى كىم ئۈچۈن ئۆلدى؟تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئۇ قۇرۇق نام-ئاتاقنى دەپ ئۆلدى. يېتىپ ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆلمىدى. مانا بۇ ئاللادىن ئۆزگىگە زىيادە ئىشەنگەنگە تۆلەنگەن بەدەل. يەنە سۆزلىسەم گەپ بەك ئۇزۇراپ كەتكۈدەك، قالغان پىكىرنى باشقا تورداشلاردىنمۇ ئاڭلاپ باقايلى.
بلىملىكلەر مەدەنىيەتنى ئەدەب-ئەخلاق، بىلىمدىن ئىزدىسە، مەدەنىيەتسىز چاكىنىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىبېشىدىن ئىزدىشىدۇ.
hekmat-uyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47689

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   418 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4595 (سوم)
 ياخشى باھا:   987 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   946  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 731
 سائەت
دەرىجىسى:
731 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

     مۇنبەردىكى  ئوغلاقچىلارغا  يەنە  بىر  ئوغلاق  تاشلىنىپتۇ  دە! $"8d:N?I[  
         سىيت  نوچىنى  ياراتمايدىغانلار  ،  قېنى  ئۆزەڭلار  ئۇيغۇر  جەمىيىتىدە  ،   تارىخىدا   بىر  نوچى  ئاتىلىپ  باقمامسىلەر؟
خەقنىڭ مەدىنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ كىرىش،ئۆزمىللىتىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر...
كارۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.79

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2427 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17105 (سوم)
 ياخشى باھا:   1573 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 471
 سائەت
دەرىجىسى:
471 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

ئۇقۇپ قويساقلا كۇپايە بەك تالاش-تارتىش قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.ئاخىردا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش بىلەن تۈگەيدۇ.ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى دەپ ھاياتلار يامانلىشىپ قالماڭلار.
ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
osmanjan37
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58510

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   268 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1748 (سوم)
 ياخشى باھا:   358 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 512
 سائەت
دەرىجىسى:
512 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25
4قەۋەتتىكى(gunqa721) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

قوللايمەن، تىرىك قالغان بولسىدى،نۇغۇن ئىشلارنى قىلار ئىدى، بۇ ئەسەر تارىخنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ.
ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!
osmanjan37
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58510

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   268 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1748 (سوم)
 ياخشى باھا:   358 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 512
 سائەت
دەرىجىسى:
512 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

سىيىت نوچى  ، مەنمۇ ئىزچىل سىيىت نوچى توغرىسىدىكى تېمىلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن  . بۇ تېمىمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، ئەينەن تارىخنى يازسا  باشقىلار تىللايدىغان بولۇپ كېتىپتىغۇ؟  
ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!
0998.erpane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26436

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19459 (سوم)
 ياخشى باھا:   1458 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1790  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5080
 سائەت
دەرىجىسى:
5080 سائەت 190 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

يەنە شۇ تېما  ! بېر تىمىنى قايتا-قايتا چېقىرىۋىرەمدۇق دەيمە    
ئىبراھىىمجان ئىرپانى
gawda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36749

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   192 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3104 (سوم)
 ياخشى باھا:   552 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   824  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6193
 سائەت
دەرىجىسى:
6193 سائەت 97 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس
دۇنيادا مەڭگۈلۈك بەخىتمۇ، مەڭگۈلۈك بەختسىزلىكمۇ بولمايدۇ.
harsan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1183 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2685 (سوم)
 ياخشى باھا:   782 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   917  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12328
 سائەت
دەرىجىسى:
12328 سائەت 412 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-25

يەنە شۇ سىيىت نوچىمۇ ؟ باشقا گەپ يوقمۇ ؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى