مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2090 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئانار يۇرتىدىكى  ئىجتىھاتلىق شائىر مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

قەۋەت ئاتلاش
tumurkadiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51612

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   888 (سوم)
 ياخشى باھا:   158 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 562
 سائەت
دەرىجىسى:
562 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-12-16
— بۇ تېمىنى ARKZAT پايدىلنىش ئۇچۇرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-10-16) —

PgMU|O7To  
oEN^O:9e  
             ئانار يۇرتىدىكى ئىجتىھاتلىق شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن 9o<5Z=  
L!l`2[F|  
                                                                          تۆمۈر قادىرى +J;T= p  
Yn+d!w<3:  
چىرا ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى، شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن بۇ ناھىيەنىڭ مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار مائارىپچى ، شۇنداقلا كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ژانېرلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. /UP1*L  
o-7,P RmKN  
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن 1956-يىلى نويابردا چىرا يېزىسىنىڭ ماخمال كەنتىدە تۇغۇلدى. 1979-يىلى7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجىدە  پۈتكۈزۈپ ،  شۇ يىلى 9-ئايدا بۇ ناھىيەنىڭ كوئىنلۇن تاغلىق رايونىدىكى مەرىپەت ئوچىقى ــــ نۇرى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. بۇ مەكتەپتە بەش يېرىم يىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن  1985-يىلى 2-ئايدا گۇلاخما يېزىلىق ئوتتۇرار مەكتىپىگە، 1986-يىلى 12-ئايدا بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989-يىلى9-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولدى.  ھازىر چىرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. i+XHXpk  
@en*JxIM  
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن خىزمەتكە قاتناشقان 32 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كەسپكە بېغىشلاپ، ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ. خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۇرۇژۇك  پائالىيىتى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى.  ئۇ بىۋاسىتە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن 30 دىن ئارتۇق ھەۋەسكارنىڭ ئەسىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ،  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بەزىلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى نوپۇزلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ قالدى. WMk;-,S!)  
v3I-i|L<)  
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن ، كۆپ قېتىم « مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپ، يېزا، ناھىيە تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان « ۋەتىنىمنى سۆيىمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە چىقىدىغان ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە، 900 پارچىدىن ئارتۇقراق ئەدەبىيات-سەنئەت  نەزەرىيەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئاخبارتچىلىق نەزەرىيەسىگە ئائىت ئىلمىي ماقالە، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  30دىن ئارتۇق داڭلىق سەنئەتكارنىڭ سەنئەت ھاياتىنى، ئون نەچچە نەپەر كلاسسىك شائىرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىنى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇردى. چىرا ناھىيەلىك1-ئوتتۇرا  مەكتەپ، بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، نۇرى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مەرىكىسىگە ئاتاپ  چىقىرىلغان « ئانار يۇرتىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى»، « بوستاندىكى مەرىپەت بۆشۈكى»،« قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى نۇربۇلاق» ناملىق ژۇرناللارنىڭ  ماقالىلىرىنى  تەييارلاش، تەھرىرلەش، نەشىر قىلدۇرۇش ۋە چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى ئىشخانىسى نەشر قىلدۇرغان « چىرا ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ سەھىيە  تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ سۇ- ئېلېكتر، ئېنېرگىيە تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق، قۇم تىزگىنلەش  تەزكىرىسى »، « چىرا ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىشلىرى  تەزكىرىسى »  قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشتى.  ئۇ يازغان« چىرا ناھىيەسىنىڭ پەننىي مائارىپ تارىخى »، « ياغاچ قاچا-قۇچا ياساش » ناملىق ئىككى كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.  بىر قىسىم شېئىر، ماقالىلىرى « گۈلدەستە»، « گۈزەل ئارزۇلار»، « شانلىق 40 يىل» ، « خوتەن يولىدا پايانداز»، « خويمۇ ئۇز خوتەن» قاتارلىق  كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى.  ئۇ يەنە  ئۆز كەسپىدە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ، نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا  ئېلان قىلدۇردى.  ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى كۆپ قاتلام، كۆپ ژانېرلىق،  مول ھوسۇللۇق ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بەزى ئەسەرلىرى مەتبۇئات يۈزىدىكى كۈچلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولسا، بەزى ئەسەرلىرى ئوبزورچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.  ئەدەبىي ھاياتى، ئىش پائالىيەتلىرى « شىنجاڭ ياشلىرى»، « بىلىم- كۈچ»، « كروران»، « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، « دەۋر سادسى»، « جەزىرە»، « دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» قاتارلىق بىر نەچچە گېزىت- ژۇرنال، كىتابتا  سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلدى.  ئىلگىر-كېيىن بولۇپ 30 پارچىدىن ئارتۇقراق ئەسىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.  ھەر خىل ناملاردا 20 قېتىمدىن ئارتۇقراق تەقدىرلەندى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. -?}Z0e(w  
dHO8 bYBH  
[ بۇ يازما ARKZAT تەرپىدىن 2011-10-17 12:22 AM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ARKZAT
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-17, 00:33
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ARKZAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30135

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   454 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35297 (سوم)
 ياخشى باھا:   1489 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2237  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5594
 سائەت
دەرىجىسى:
5594 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-12
ئاخــىرقىسى:2011-12-18
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-16

  بۇ ئىجتىھاتلىق باغۋەن، مول ھوسۇللۇق قەلەمكەش ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!
ئەركزاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.
       (  Y.O. ARKZAT  )
رافىت
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53033

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   526 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (سوم)
 ياخشى باھا:   1212 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1184  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 338
 سائەت
دەرىجىسى:
338 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-12-18
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-16

ئىملا خاتالىقى                   Idr|-s%l6'  
ئانار يارتىدىكى  ئىجتىھاتلىق شائىر مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن A?H.EZ  
ئانار يۇرتىدىكى ئىجتىھاتلىق شائىر مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن #Kt5+"+7  
BV eIj }  
................ مەن ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي ئەمسە
مىنگەن ئات كىيگەن تون بەختىڭ بۇگۈنكى،
تاڭ ئاتسا ئۆزۇڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۆلكى.
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلۇرۈڭ بار يەردە دۇشمەن بار چۇنكى

http://65933.com/17064
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   536 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3965 (سوم)
 ياخشى باھا:   1341 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1348  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4002
 سائەت
دەرىجىسى:
4002 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-17

ما باشقۇرغۇچىلار ئى تىمسىنى بى تەھرىرلەپ قويشالا ماقممممممممممممممممممممما
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
natik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49057

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   770 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   419 (سوم)
 ياخشى باھا:   1659 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1493  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1086
 سائەت
دەرىجىسى:
1086 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-12-18
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-17

شۇنداق قىلىڭلار باشقۇرغۇچى غۇجا ئاكىلار  تىمسى تازا قاملاشمدىمۇ يە.
ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3714 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   120 (سوم)
 ياخشى باھا:   1399 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   741  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7732
 سائەت
دەرىجىسى:
7732 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-12-16
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-17

ھازىر قارسام يارتىدىكى دەپ تۇرتى.ئىنكاس يازغۇچىە تەھرىرلەپ ئوڭشاپ قۇيۇپتۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى