مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3278 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئاپپاق غوجىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى

قەۋەت ئاتلاش
توخار
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53836

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   551 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9405 (سوم)
 ياخشى باھا:   1464 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1539  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2606
 سائەت
دەرىجىسى:
2606 سائەت 144 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-12-18
— بۇ يازما Misranim2 تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-10-16) —

  ئەن بەدەن ــــ بۇ ئادەمنىڭ قول،پۇت،قۇلاق،بۇرۇن قاتارلىق مۈچىلىرىنى كېسىپ تاشلايدىغان ياكى ئادەمنىڭ كۆزىنى ئويۇپ،تىلىنى كېسىپ،بۇرنىنى يۇلۇپ،ئەرلىكىنى پىچىپ،ئاختا قىلىپ ناكا قىلدىغان،ئاياللارنىڭ تۇغۇتىنى قۇرۇتۇپ،نىمجان قىلىپ تاشلايدىغان بىرخىل ۋەھشىي جازا ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم قىينىلىپ ئاخىر مىڭبىر ئازاپ ئىچىدە جان تەسەددۇق قىلاتتى. BA.uw_^4  
  مىش قىيناق ــــــ بۇ ئادەمنى مۈشۈككە تاتىلىتىپ،مورلىتىپ،چىشلىتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل قىيناش جازاسى بۇلۇپ،گۇناھىنى ئىقرار قىلمىغان ياكى لەۋزىدىن يېنىۋالغان ئادەمنىڭ ئشتىنىنىڭ ئىچىگە ماڭغا كىرگەن چىشى مۈشۈكنى سولاپ،ئۈستىدىن خوخا تىكەن بىلەن ساۋاش ئارقىلىق ئادەمنى مۈشۈككە تاتلىتىپ،چىشلىتىپ قىيناپ سوراق قىلدىغان بىرخىل ۋەھشىي جازا ئىدى. 8P`"M#fI  
   پەي قىرقىما ـــــــ بۇ ئادەمنىڭ پېيىنى كېسىدىغان جازا بۇلۇپ،پاتتاڭنىڭ پېيىنى كېسىش،پاقالچاقنىڭ پېيىنى كېسىش،،سۆڭگەچنىڭ پېيىنى كېسىش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنەتتى. \U_@S.  
پاتتىڭىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم بېشىنى كۆتۈرەلمەي دېمى سىقىلىپ ئۆلەتتى.پاقالچىقىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم ئۆرە بولالماي ئۆلەتتى.سۆڭگۈچىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم ماڭالماي ئۆلەتتى. x)&\z}  
    كۆتەك ــــــــ بۇ ئادەمنىڭ پۇتىغا گۇندا -كۆتەك سېلىپ قويىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.كۆتەك-بىر پارچە چېقىر ئۈجمە ياكى قارىياغاچ كۆتىكىنى زەنجىر بىلەن مىخلاپ ئادەمنىڭ پۇتىغا گۇندا قىلىپ چېتىپ قويىدىغان ۋە كۆتەكنى ئوتتۇرىدىن تېشىپ،كامىرىغا ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىنى سېلىپ كۆتەكنى مىخلاپ قۇيۇش ئارقىلىق ئادەمنى بەند قىلىپ قويىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.پۇتىغا گۇندا-كۆتەك سېلىنغان ئادەم مىدىرلىماي قىينىلىپ ئۆلەتتى. iy"*5<;*DD  
  دەررە ـــــــــــ بۇ ئىچىگە قۇم ياكى ئۇششاق تاش تولدۇرۇلغان ياپىلاق كۆك پالاق بۇلۇپ،غولدا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.جازالانغۇچىنىڭ غولىغا دەررە بىلەن ئۇرۇلغاندا،ئادەتتە ھەر قانداق مەن -مەن دېگەن بوز يىگىتلەرمۇ ئوتتۇز-قىرىق غولدىغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن جان تەسەددۇق قىلاتتى. b,@/!ia  
  ئۆرە قىيناق ـــــــ بۇ ئادەمنى قىش-قىرودا يالىڭاياق مۇزغا دەسسىتىپ قويىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،جازالانغان ئادەم سوغۇقتا ئۆرە تۇرۇۋىرىپ ئاخىرى سوغۇقتا قېتىپ قېلىپ ئۆلەتتى. ssL\g`xe  
  قىل قىيناق ــــــــــــ بۇ ئادەتتە ئەر كىشىگە قوللىنىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،ئەر كىشىنىڭ زەكىرىگە ئات قىلىنى تىقىپ قىينايدىغان بىرخىل ۋەھشىي قىيناق جازاسى ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم ئون ئۆلۈپ-بىر تىرىلىپ،خۇدادىن ئىتتىكرەك جېنىمنى ئالساڭ،دەپ تىلەيتى. *zLMpL_  
  قاپ قىيناق ـــــــــ بۇ ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قىپيالىڭاچ قىلغاندىن كېيىن قىل تاغارغا سېلىپ،ئاندىن ئادەمنى تاغار بىلەن ئېگىزدىن پەسكە قارىتىپ دومىلىتىدىغان ياكى ئاسمانغا ئېتىپ يەرگە تاشلايدىغان بىرخىل جازا ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم ئاخىرىدا سۆڭەك-ئۇستىخانلىرىنى پىقىش-پىقىش بۇلۇپ كېتىپ،بىر دۆۋە گۆشكە ئايلىنىپ قالاتتى. 30{ gI0jk  
  قوڭ قىيناق ــــــــــ بۇ ئادەمنى ئۆرۈك ياغىچىدىن ئۇچلۇق قىلىپ ئۇچلانغان قۇزۇققا ئولتۇرغۇزىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇلغان ئادەم ئۈچ-تۆت كۈنگىچە يا ئۆلمەي،يا تىرىلمەي،قىينىلىپ جان تالىشاتتى ــ دە،ئاخىر ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتەتتى. GvAb`c=  
   چۆل قاق  ـــــــــــ بۇ ئادەمنى چۆل-جەزىرىگە ئاپىرىپ پىژغىرىم ئاپتاپتا قاق سېلىپ قۇرۇتۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى. dr"1s-D4IQ  
    ئات قۇيرۇق ـــــــ بۇ ئادەمنى ئىككى پۇتىدىن ئىككى ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ،چېتىدىن يېرىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى. 7 8,n%=nG  
    ياغ قايناق ـــــ بۇ ئادەمنى تىرىك پېتى قازاندىكى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى. PY'2h4IL  
    بوغما قول ـــــ بۇ ئادەمنى كۆشۈك ھارۋىسىغا سېلىپ،بېشىنى قىسماققا ئالغاندىن كېيىن تانا بىلەن قىسماقنى بارغانسىرى چىڭىتىش ئارقىلىق بۇغۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى. +[ZY:ZQ  
    جان ئوغلاق ــــ بۇ تىرىك ئادەمنى ئوغلاق قىلىپ تارتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى..... xD7]C|8o  
     بەس!ئاپاق غوجىنىڭ بۇنداق‹‹جازا ئىجادىيەتلىرى››ھەققىدە مۇشۇنچىلىكلا توختىلىشقا بولىدۇ!چۈنكى،مۇئەللىپ بۇ سەتىرلەرنى يېزىۋىتىپ تېنى شۈركىنىپ،بۇنىڭ نېرىسىغا يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى! a9Vi];  
     چىشىنى خۇن پىچىقى،مىجەزىنى ئىت پەيلى ئوراپ ۋە چىرماپ تۇرغان بۇ جاللات سوپىلار بىگۇناھلارنى جازالىغاندا چايەندەك چېقىپ تۇرىدىغان،زەھەرلىك قوللىرى يىرتقۇچلارنىڭ پەنجە-چىشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان،نە ئەقىل،نە دىن،نە شەرم-ھايا...دىن مەھرۇم بولغان بۇ مەلئۇن  خوجىلار؛قىلغان ئىشلىرى خۇددى يالماۋۇزدەك، خۇن تۆكۈش،ئىنساننى خارۇ -زار قىلىش،ئەل-يۇرتىدىن تاندۇرۇش، ۋە ئۆي-ماكانىنى توزدۇرۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان بۇ شەرمەندە ئىشانلار؛پۈتۈن ۋۇجۇدى پىسقى-فۇجۇر بىلەن تولغان،نامەردلىك،رەزىللىك،ۋەھشىي قىلمىشلارنى كەشىپ قىلماقنى ئۆزىگە زاكا ئادەت قىلغان بۇ ھايات كۈشەندىلىرى يەنە يېڭى-يېڭى جازا قىيناقلارنى داۋاملىق ئويلاپ ئىجاد قىلاتتى..... EX"yxZ~  
- يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ ‹‹ئاپاق غوجا››ناملىق تارىخىي رومان كىتابىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-10-16 06:11 PM دە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-16, 18:12
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 13 پارچە مۇنبەر پۇلى +263
zakeya مۇنبەر پۇلى +1 11-19 ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ......
nursoft مۇنبەر پۇلى +1 10-20 -
man-zil مۇنبەر پۇلى +11 10-19 شۇ ئەمەسمۇ تاقاپ قويغىنى نىمە گەپ
humar1216 مۇنبەر پۇلى +1 10-19 ئۇ بىر تۇز كور مۇناپىق، خۇنخۇر.
nazila998 مۇنبەر پۇلى +50 10-17 -
hasalhan مۇنبەر پۇلى +11 10-17 ئاللاھ جاجىسىنى بەرسۇن!!!!!
مەلىكە مۇنبەر پۇلى +15 10-17 تىنىم شۈركىنىپ كەتتى،شۈكرى ئاللاھ.......
XERHAN مۇنبەر پۇلى +10 10-16 داۋامىنى ئوقۇشقا پېتىنالمىدىم قەبىھ.
sazguri مۇنبەر پۇلى +10 10-16 مامىسرانىمغا بىر نىمە دىيەلمىدىم جىم
YamanKiz مۇنبەر پۇلى +100 10-16 ئېچىپ قويۇڭلار،تاقىمىسىمۇ بولىدۇ.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئىدىيىدىكى قاتماللىق،روھىيەتتىكى گادايلىق،ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈك،ئىرادىدىكى بوشاڭلىق تۈپەيلى زامان بىزگە تار كۆرۈنۋاتىدۇ.