مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2282 
  •    ئىنكاس 
       6 

رومانچىلىقىمىزدىكى بىر گۈل - «ئاشىق-مەشۇقلار»

قەۋەت ئاتلاش
pazilat2004
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49804

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   365 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11505 (سوم)
 ياخشى باھا:   2533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3688  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1936
 سائەت
دەرىجىسى:
1936 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-25

رومانچىلىقىمىزدىكى بىر گۈل - «ئاشىق-مەشۇقلار»
lg$zG a?  
ABh&X+YD  
ئوقۇرمەنلىك ھېسسىياتىمۇ قىزىق بولىدىكەن، بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇساق، گاھىدا ئۇنى ئۆزىمىز يازغاندەك سۆيۈنۈپ كېتىدىكەنمىز. گاھىدا ئاپتوردىن خاپىلاپ، ئاچچىقىمىز كېلىپ، ئۆزىمىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھەسرەتلىنىپ كېتىدىكەنمىز. ئاپتورلارمۇ قىزىقكەن، تەنقىدتىن كۆپرەك ماختاشنى ياقتۇرىدىكەن. بۇ بەلكىم تەنقىدنىڭ ئاچچىق، ماختاشنىڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغانلىقىدىن، جۈملىدىن ئىنساننىڭ شۇنىڭغا مايىل پىسخىكىسىدىن بولسا كېرەك. بەزى ئاپتورلار ئازراقلا ماختاپ قويسىڭىز، شۇنچە يىراق يەردىن دوستلۇق غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ، سىزگە ئىلتىپات ۋە خۇشامىتىنى ئىپادىلەپ كېتىشىدىكەن. ئەكسىچە، يەنە بەزى ئاپتورلارنى تەنقىدلەپ قويسىڭىز، خۇددى ئۇزۇن يىللىق قان قەرزى بار رەقىبلەردەك شۇنچە يىراق يەردىن سىزگە ھۈرپىيىپ، نەشتىرىنى سانجىغىلى تۇرىدىكەن؛ خالىس، ياخشى نىيەتلىك بىلەن قىلغان ئىشىڭىزدىن بىكاردىن بىكارلا ئۆزىڭىزگە «دۈشمەن» تېپىۋالىدىكەنسىز. بۇ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تازا بىر «سەت» ئىشكەن! !bnyJA  
شۇڭا ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك گاھى ھاللاردا ئۆزىنىڭ راست گېپىنى دېيەلمەيلا كەلدى. ئورۇنلۇق تەنقىد ئورۇنلۇق ماختاشقا ئوخشاشلا شۇنداق قۇدرەتكە ئىگىكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە تەنقىد ئوبيېكتىغا سۇنۇلغان سەمىمىي ياردەم، ھاياتى كۈچى بار تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. بىر ماختاش بىلەنلا ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىش ياكى بىر تەنقىد بىلەنلا ئۆزىنى تۈگەشتىم، دەپ ئويلاش ماھىيەتتە ئىرادىسىزلىك، ئاجىزلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزدا، جۈملىدىن ئاپتورلىرىمىزدا يېتەرلىك روھىي ساپانىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۇ شۇندىلا ماختاش ياكى تەنقىدلەر ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ. نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ماختاش ياكى تەنقىدكە ئۇچرىمىغان ئەسەرنى «تايىنلىق، ئادەتتىكىچە، مۇنداقلا بىر ئەسەر» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە كۈچ يېتەرسىز ھەم ھورۇنلۇق گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر ئىنكاسسىز قالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە «نوپۇزغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى نوپۇز تەرەپكە ئاغىدىغان» بىر خاھىش مەۋجۇت بولغاچقا، كۆپىنچە نامى چىققان، بەلگىلىك تەسىرى مۇقىملىشىپ قالغان ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىگىلا نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىگە تۇشلۇق پىداكارلىق بىلەن «سەپ» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە ئانچە كۆڭۈلشىمەيدىغان بىر ئەھۋالمۇ ساقلانماقتا. %NHkDa!  
بەزى كىتابخانلىرىمىزمۇ شۇنداق ساددىكى، ماختاپ قويۇلغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا ئەل بوپكېتىدۇ؛ ئەكسىچە، تەنقىد قىلىنغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا سوۋۇپ كېتىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مۇستەقىل مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ماختالغان ئەسەرنىڭ ياخشى بوپكېتىشى، تەنقىدلەنگەن ئەسەرنىڭ ناچار بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ يەنىلا تەقرىز ئاپتورىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، پوزىتسىيىسى، ھېسسىيات ئارقا كۆرۈنۈشى، چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى... قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. `aC){&AP(  
ئەنە شۇ جاپاكەش قەلەمكەشلەر ئىچىدە «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»، «ئەخمەت ئەپەندىم»، «ئاشۇ يىللاردا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن دىققىتىمنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر يازغۇچىمىز بار. 2009-يىلى 6-ئايدا يازغۇچىمىزنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئاشىق-مەشۇقلار» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ، مۇشۇ ھەقتىكى ھېس قىلغانلىرىمنى كىتابخانىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ باققۇم كەلدى ۋە يۇقارقىدەك ئەگەشمە ئويلارغا ئىگە قىلدى. em{(4!W>  
ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا 200 دىن ئارتۇق روماننىڭ نەشر قىلىنىشى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەرەققىياتنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چۈنكى، يىرىك ھەجىملىك رومانچىلىق ژانىرى بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات بارومېتىرى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخقا بولغان ئىشتىھاسى بەكرەك روشەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي تېپىشماقلارنىڭ ئۆلۈك ھالدىكى ۋەقەلەر تىزمىسى شەكلىدە ئەمەس، ئادەمدە ھاياجان ۋە تەسەۋۋۇر قوزغىيالايدىغان ئىستېتىك لەززەت سۈپىتىدىكى بەدىئىي شەكىلدە يورۇتۇلۇشى بىر مەزگىل تارىخىي رومانلار قىزغىنلىقىنى، جۈملىدىن يازغۇچىلارنىڭ شۇنىڭغا مايىل خاھىشىنى قوزغىۋەتتى. ھازىرمۇ تارىخىي رومانلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولماقتا. ئەلۋەتتە بىزگە تارىخىي رومانلار كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە دەۋرىمىز روھى، رېئاللىقىمىز بىلەن تىنىقداش، نەق بۈگۈنىمىزگە يۈزلەنگەن رومانلارمۇ كېرەك. P"/G  
d5`3wd]]'v  
dG7OqA:9  
مەنبەسى:    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    . G fEX>  
@.Ic z  
}7E^ZZ]f  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-16, 03:12
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
sansizmu5208 مۇنبەر پۇلى +1 10-19 ھس
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
israil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58937

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   881 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   396  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 806
 سائەت
دەرىجىسى:
806 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-03
ئاخــىرقىسى:2011-12-02
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-16

توغرا ھەركىمنىڭ ھەربىر ئەسەرگە تۇتقان پوزتسىيسى ئوخشاش بولماتدۇ. مەن بۇئەسەرنى ئوقۇپ ياراتماي تاشلاپ قويغان ئىدىم .تارىخ يىزلىشى كېرەك لىكىن ئەملىيەتكە ئۇيغۇن بولشى كېرەك ...
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   569 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11450 (سوم)
 ياخشى باھا:   447 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8367
 سائەت
دەرىجىسى:
8367 سائەت 233 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-16

راستىمنى ئېيتقاندا ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇل يازغان ئاشىق-مەشۇقلار ناملىق بۇ روماننى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم..بۇلۇپمۇ دېئالوگلار بەكلا سۈنئىي يېزىلغاندەك ھېس قىلىدىم.. .yz}ROmN^  
پاتىگۈل خېنىم بىلەن نۇرنىسا خېنىمنىڭ دېئالوگلىرى بىلەن پىسخىكا تەسىۋىرلىرى ۋە ياندىن بايان بىر-بىرىگە ماسلاشمىغان..پەرىدەنىڭ ئەر بار كوچىغا دەسسىمەيمەن دەپ تۇرۇقلۇق نۇرنىسا خېنىم يېرىم سائەت سۆزلەپ،ماختاپ ،تەرىپلەپ بەرسە باشتىكى ئىرادىسى قۇمغا سىڭگەن سۇدەك يوقاپ ئالىم بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىشى ھەمدە بىرلا كۆرۈپلا ،ئاپىسىنىڭ ئۇ يىگىتنىڭ يېشى چوڭكەن دېيىشىگە قارىماي،ئالىمغا تەككىنىم تەككەن دېيشى،ئىلگىرى يىگىتلەرنى تۇنۇشتۇرسا قاپىقى تۈرۈلۈپ قالىدىغان پەرىدەنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرشلىرى ئادەمگە بەكلا سۈنئىي تۈس بېرىدۇ.. !2ZF(@C /  
ئالىم ئىلگىردىنلا پەردەنىڭ ئاپىسى پاتىگۈل خېنىم بىلەن تۇنۇش،تېخى پاتىگۈل خېنىم ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل ئالىمىغا كۆيۈپ يۈرگەن،بۇنى نۇرنىسا خېنىممۇ بىلىدۇ.مۇشۇنداق تۇرسا يەنە قىزىنى ئالىمغا بېرشى ۋە ئۆزىنىڭ ئالىم بىلەن توي قىلىپ قېلىشىنى خىيال قىلىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ ..يەنە نۇرغۇن يوچۇقلار بار... \W~ N  
شۇڭا بۇ ئەسەرنى رومانچىلىقىمىزدىكى بىر گۈل دەپ تەرىپلەش ئارتۇق كەتكەن دەپ قارايمەن..
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
alabag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39646

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   171 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2060 (سوم)
 ياخشى باھا:   480 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   550  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 743
 سائەت
دەرىجىسى:
743 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-04
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-16

مەن تارىخى رۇمانلارغا بەك ئامراق .شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇيمەن .
مەن تىنىچلىق ئەلچىسى، مەن تىنىچلىقنى سۇيىمەن .
sarkarda01
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3481

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   345 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5291 (سوم)
 ياخشى باھا:   321 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   319  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 313
 سائەت
دەرىجىسى:
313 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2011-12-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-17

بۇ روماننىڭ ئاخىرى سەل  ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس، ئالىم كۈي ئوغۇل تۇرۇپ ،قىزىنى بېرىپ قۇدا بۇلدۇ، .
مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى
israil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58937

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   881 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   396  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 806
 سائەت
دەرىجىسى:
806 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-03
ئاخــىرقىسى:2011-12-02
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-18

سىلەرچە بۇ تارىخى رۇمانمۇ؟
赛乃木江
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50478

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   115 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1243 (سوم)
 ياخشى باھا:   313 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   347  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 924
 سائەت
دەرىجىسى:
924 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-04
ئاخــىرقىسى:2011-12-16
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-19

توۋا مەن ئوقىمىغان قايسى روماندۇ بۇ دەپ كېتىپتىمەن تېخى،ئىسىمدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتۇ .ئىككى يىل بولمايلا.مەنمۇ بۇ روماننى ئوقۇپ كىم بىلەن كىم ئاشىق - مەشۇق دىيىلگەندۇ دەپ ئويلاپ قالغان ھەم شۇنداقلا ۋاقتىمنى  ئىسراپ قىلىپ ئوقىغانغا ئاچچىقىممۇ كەلگەن ،مۆمكىن بولسا ئاپتۇر بىلەن پىكىرلەشكەن بولسام.رومان دېگەن ‹ئامەت ۋە ئاپەت›تەك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالالىسا مېنى يىغلاتقاندەك نەچچە كۈن يىغلىتالىسا ،نەچچە كېچە روماندىكى قەدىرداننىڭ تەستىكىگە سېلىپ چۈشەتكۈزەلىسە ،ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلىسە ،كىتاپ ئوقىۋاتقان ئەمەس شۇ مۇھىت ئىچىدە ئۆزى باردەك ئۆزىنى ئۇنتىيالىسا رومان بولىدۇ.بۇ ئاشىق - مەشۇقلار رومانى ئۆلىۋېلىش سەنئىتى دېگەن كىتابتەك ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ?p{Nwl#  
بۇ تارىخى رومان ئەمەس.ئازىراق ئارقا كۆرۈنىشى بولسىمۇ قايسى زامانغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىنىق ئەمەس
تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى