e-{k;V7b دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ ۋىلايىتىمىزنىڭ شەرقى ناھىيىلىرىدىن بىرسىدىكى مەلۈم بىر ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتۇم، ھەر ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاغدىشىم شەھىدەمۇ بۇ ئورۇنغا ئىشقا چۈشكەندى، يالغۇز قالمايدىغان بولدۇم دەپ خوشال بولساممۇ ، لىكىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ئىدى، بوپتىلا نىمىلا بولمىسۇن مەكتەپ پۈتتۇرۇپلا خىزمەتكە چىقىۋالدىم، جەمىئەتتە ئىش كۈتۈپ يۇرگەنلەر نۇرغۇنغۇ دەيتىم ئۆز -ئۆزەمگە تەسەلللىي بېرىپ، ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىمىز ئىدارا باشلىقى ئىشخانىسىغا چاقىرىپتۇ، بۇ يىل بۇ ئىدارىگە مەن بىلەن ئوخشاش خوشنا ناھىيە،خوشنا ۋىلايەت دىگەندەك سىرىتتىن كەلگەن يېڭى خىزمەتچىدىن 5مىز باركەنمىز ، شەھىدە بىلەن مەن قىز بالا ، قالغانلىرى ئوغۇللار ئىدى، باشلىق ئىدارىدىكى ئىشلارنى بىرقۇر سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، بىزگە قاراپ : -بىزنىڭ ناھىمىزگە كىلىپ بىزنىڭ باللارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئىگەللىۋالغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭلاردا ئىشلىسەڭلار بولماسمىدى؟ بىزنىڭ بالىلارغا ئىش يۇق بىكارچى بۇلۇپ كەتتى. دىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن يا چاخچاق يا تەنە گەپ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيلا كۈزۈمنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ قالدىم، شۇ ئەسنادا ئاغزى ئىتتىك شەھىدە كۈلۈپ يۇرۇپ:-ۋاي جۇيجاڭ شۇنى دىمەمسىز ، بىزنىڭمۇ ئۆز يۇرتىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ يېنىدا بەكمۇ ئىشلىگۈمىز بارتى ، لىكىن نەدىنمۇ چىقتى بۇ شۇرى قۇرغۇر ئىمتىھان بىزگىمۇ ئامال يوق، سىلەرنىڭ بالىلار تىرىشىپ باقسا بىزنىڭ شەھەرلەرگە، ھەتتا ئۈرۈمچىگىمۇ ئۈتۈپ چوڭ باشلىق بۇلۇپ كىتەر ، قانداق دىدىم ھە خانقىز دىدى، ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپ مۇغەمبەرلەرچە، بۇنىڭ گىپىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق .لىكىن مىنىڭ كۈلكەم ئىچ-ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئېچىنىش كۈلكىسى ئىدى.شۇنچە چوڭ بىر ئىدارىدا 46ئادەمنى باشقۇرىۋاتقان بۇ باشلىقنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزگە ھەيران قالدىم ھەم ئاچچىقىم كەلدى.......
_?O'6
5 مانا مۇشۇنىڭ بىلەن يېڭى خىزمەت ئورنىمىزدا خىزمەتكە چۈشۇپ كەتتۇق، خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى.بۇ ئىككى يىل جەريانىدىمۇ باشقا خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن باشقا جايدىن كەلگەنلىكىمىز، بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىمىز تۇغرىلىق بەزى ئايرىمچىلىق گەپ سۆزلىرى بۇلۇپ تۇراتتى.
;wTl#\|w0 بۈگۈن ئەتىگەن يۇقىرىغا يوللايدىغان بىز دوكلاتنى تەھرىرلەپ ئولتۇراتتىم، شەھىدە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى: بىزگە ئۇنۋان بېرىدىكەن، ئوقۇش پۈتتۇرۇش گوۋاھنامىسى، كىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىپ جەدىۋەل توشقۇزۇڭلار دەيدۇ، چۈشتىن كىتىن كادىرلار ئىشخانىسغا بىللە كىرەيلى دەپ چىقىپ كەتتى، چۇشتىن كىتىن كېرەكلىك نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ كادىرلار ئىشخانىسىغا كىردۇق، كادىرلار ئىشىغا مەسئول ئابلىكىم بىزگە توشقۇزىدىغان جەدىۋەلنى ئېلىپ چۈشەندۇرۇپ ئەتە تاپشۇرىشىمىزنى ئېيتتى. ئىشخانىغا يېنىپ چىقىپ جەدىۋەلنى توشقۇزۋاتاتتىم، بىردىنلا كاردۇردا ۋاڭ-چۇڭ كۆتىرىلىپ كەتتى، شۇ ئەسنادا بىز بىلەن بىللە خىزمەتكە چۈشكەن ئەركىن ئىشخانىغا ئۈسۈپ كىردىدە ھاسىرغىنىچە :- ۋاي خانقىز چاققان بۇلۇڭ شەھىدە بىزنىڭ ئىشخانىدىكى رىزۋانگۈل بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى بىز ئاجىرتالمىدۇق.....ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي ئۆزەمنى كاردۇرغا ئاتتىم، كاردۇردا ئىدارىمىزدىكى ھازازۇل، غەيۋەتخور خۇتۇنلارنىڭ باشلىقى بولغان، سىمىزلىكىتىن گۆش تۇخۇسىغا ئوخشايدىغان ، گەپ قىلىشتا ، كىيىم كىيىشتە ھەممىنىڭ ئالدىدا ، ئىش قىلىشتا ئارخىپ تىكىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان رىزۋانگۈل قوللىرىنى بىلىگە تىرىگىنىچە ئىشخانىغا بۇيۇنداپ ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىپ بۇيۇن تۇمۇرلىرىنى كۆپتۇرۇپ شەھىدەنى تىللىۋاتاتتى ، ئىككى ئايال ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ۋاي بولدى كىچىك باللا بىلەن تەڭ بولمىسىلا دەپ ئۇنى سىرىتقا تارتاتتى، ئۇ بۇلسا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيتى،ئىشخانا ئىچىدە مالىك بىلەن نۇربىيە شەھىدەنى ئىچىگە تارتاتتى، مەن ئۇنى يانداپ ئۇتۇپ ئىشخانىغا كىرىپ ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى زەردە بىلەن يېپىۋاتتىم.
Wl::tgU -ۋاي ئىشىكنى يېپىشىنى كۈرەي سېرىق تۇك سەرگەندارلارنىڭ، ياخشى بولساڭ ئۆز يۇرتىڭدا ئىشلەرتىڭ ھەر قايسىڭ، بۇ يەرنى پاخللاشتۇرۇپ يۇرمەي، دىگەن چىرقىراق ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى، شەھىدەمۇ مىنىڭ توسقىنىمغا قارىماي يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئىشىكنى ئاچتىدە ۋارقىراپ تۇرۇپ:-ھە سەنمۇچۇ بولسا بىزنىڭ چوڭ شەھەردە ئىشلەپ باق، بىز ھىچنىمە دىمەيمىز، قۇسىقىڭدىكى ئومىچىڭ تايىنلىق، سىفەن مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ ئېرىڭنىڭ يۇزى بىلەن بۇيەردا موزدوزدەك ئارخىپ تىكىپ ئولتۇرىسەن ، باشلانغۇچ مەكتەپكەئاپىرىپ قۇيسىمۇ 2 بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرالمايسەن ۋۇ ساۋاتسىز، سەندەكلەر بىزنىڭ شەھەرگە بارساڭ ھاجەتخانا باقىسەن ........يەنە قانداق گەپ چىقاركىن بىلمىدىم، باشلىقنىڭ:- ھە نىمە پاراڭ بۇ نۇمۇس قىلىڭلار ئاياللار دىگەن ئاۋازىدىن ھەممىمىز جىم بۇلۇپ قېلىشتۇق.مەن، نۇربىيە قاتارلىقلار شەھىدەنى ئېلىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتۇق ، قالغانلار ئىشخانىلىرىغا كىرىپ كەتتى.
7c4\'dt# پەسكە چۈشۈپ بولغان ئىشلارنىڭ جەريانىدىن خەۋەردار بولدۇم، چۈشتىن كىتىن شەھىدە ئىشخانىسىدا ئۇنۋان ئالىدىغان جەدىۋەلنى تۇشقۇزۇپ ئولتۇرۇپتۇ، ئىككى ئۈچ بىكارچى خۇتۇنلار ئۇنىڭ بۇنىڭ گىپىنى قىلىپ ئاخىردا يەنە شۇ ئۇنۋاننىڭ گىپى چىقىپتۇ، بىز 10يىل جاپا تارتىپ ئىشلەپ ئاران ئالغان بۇ ئۇنۋاننى، بۇلار ئۇياقتىن كىلىپ بۇياقتىن ئالدىغان بوپتۇ، بىزنىڭ باللىرىمىز مەكتەپ پۇتتۇرۇپ خىزمەت يوق بىكارچى بۇلۇپ كەتتى بۇ بىرنىمىلار نە-نەلەردىن كىلىپ بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ رىسقىغا ئولتۇرۇپ ئورنىنى تارتىۋالدى دىيىشىپتۇ، شەھىدە باشتا بۇ گەپلەرگە ئانچە ئېرەن قىلماپتۇ ، لىكىن ئاخىردا دىيىلگەن مۇنۇ سۆزگە پەقەتلە چىدىيالماي قاپتۇ، ئۇ خۇتۇنلار يەنە ‹ كىم بىلىدۇ بۇ بىرنىمىلەر قايسى باشلىققا ئارقا ئىشىك قىلىپ ، قايسى باشلىققا ئاشنا بۇلۇپ ئۆتتى بۇ ئىمتىھاندىن، بۇ ئۇنۋاننىمۇ قايسى يول بىلەن ئالدى›. شۇنىڭ بىلەن شەھىدە ئورنىدىن تۇرۇپ باشلىققا ئاشنا بۇلىدىغان چولىمىز يوق، بىز ئارقا ئىشىك قىلمىساقمۇ مۇشۇنداق ئۈتۈلەيمىز ئىمتىھاندىن ، ھەر قايسىڭىزنىڭ باللىرىغاداشۆدە ئۇقۇڭ دەپ ئەۋەتىپ قويسا دىبادا، مەيخانىدا، بازاردا ئابداللىق قىلىڭ دەپ بىز ئۆگىتىپ قويمىدۇق ، ياخشى ئوقۇسا ئۈتىتى ئىمتىھاندىن دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ جېدەل چىقىپتۇ. بۇ گەپ بۇ خۇتۇننىڭ ئېچىشقان يىرىگە تەككەن بولسا كېرەك، قىزى داشۆدە ياخشى ئۇقۇماي سىنىپ قالغانلىقىنى بىزگە ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەنتى. بۇ گەپنىڭ بىر كۈنى ئۆز پىشانىسىگە ئۈسىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسا كېرەك. ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولدى، بىز بىلەن بىللە كەلگەن خەنزۇ ، مۇڭغۇل بىر قانچە خىزمەتداشلار بار ، ئۇلارغا ھىچكىم ھىچنىمە دىمەيدۇ. توۋا بىر مىللەت تۇرۇپ..................................................................................................................
KcNEB_i يەنە يازسام ئاچچىقىمدا باشقا نەرسىلەرنى يېزىۋاتقىدەكمەن ، بولدىلا ئاچچىقىممۇ خېلى چىقىپ قالدى.
بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم خاتالىق بولسا كۆرسىتىپ بىرەرسىلەر.