j9YI6X" t .&YD x بۇ 2011- يىل.
4cni_m] 20 مىليوندىن ئارتۇق نوپوسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئىچكى ئىستىمال مىقدارى، ئوتتۇرىچە ئىستىمال سەۋىيىسىگە نىسبەتەن، زادى قانچىلىك زاۋۇتلارنى قۇرۇش تەننەرخ كۆتىرىدۇ؟ قايسى قۇرۇلۇشلار تەننەرخ كۆتۈرمەيدۇ؟
:.IVf Zw قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرىمىز بولسا ئاندىن نورمال ئەھۋال بولغان بولىدۇ؟ ھېچ بولمىسا ئەڭ ئەقەللىي ئەھۋال بولغان بولىدۇ؟
SAt{At يانچۇقىمىزدا باشقىلارنىڭ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىنى سېتىۋىلىشقا پۇل بولسىلا ھەممە ئەھۋال نورمال بولغان ھېساپلىنامدۇ؟
dhW)< سىتاتىسكىلاشقا ئېنىق سان يوق، شۇنداق بولسىمۇ ئاددىي، لېكىن ئېچىمىزنى ئاچچىق قىلىشقا يېتىدىغان مىساللارنى ئالايلى:
7p(^I*| ھەممىمىز ئاياق كېيىۋاتىمىز: تەخمىنەن ۋە ئاز دىگەندىمۇ 10 مىليون ئادەم (ئايىغى چىققان بوۋاقلاردىن باشلاپ ئۆلەي دىگەنلەرگىچە..) يىلدا بىر جۈپ ئاياق ئالىدۇ، بۇ ئاياغلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تۈۋەن ھېساپلانغاندىمۇ (بالىلارنىڭ 40، چوڭلارنىڭ 160 تىن، ياش نىسبىتى كىرگۈزۈلگەندە) 110يۈەن بولىدۇ، دەيلى، يىللىق كىرىمنىڭ ئۆزىلا: 10 مىليون جۈپ ئاياغ * 110 = بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدۇ!
D0D0=s تىرناق ئالغۇچ: 20 مىليون كىشىنى ھەر بىر ئائىلىدە 4 جان ياشاۋاتىدۇ، دەپ ئالساق، ئۈچ يىلدا بىر تىرناق ئالغۇچ سېتىۋالدى، 4 يۈەندىن 10 يۈەنلىككىچە، ئوتتۇرىچە باھاسى 7 يۈەن بولدى، دىگەندىمۇ، 5 مىليون ئائىلە * 7 = 35 مىليون يۈەن، بۇنى ئۈچ يىلغا بۆلسەك، يىلغا 11 مىليون يۈەن بولىدۇ!
CCOd4 چايدان: ھەر بىر ئائىلىدە ئىككىدىن بەشكىچە چايدان بولىدۇ، بوپتۇ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئىككى چايدان دەپ تۇرايلى، بۇ چايدانلار، ئەگەر سۇلياۋ بولسا، بەشىنچى يىلى قېپى كاردىن چىقىدۇ، باھاسى 12~15 يۈەن، ئەگەر مېتال قاپلىق بولسا، 10 يىلدىن 15 يىلغىچە تۇتقىلى بولىدۇ، داتلىشىپ سەتلىشىدىغىنى بولمىسىلا، باھاسى 30~120 يۈەن دەپ تۇرايلى. يەنە شۇ 5 مىليون ئائىلە بار دىگەن ھېساپ بويىچە، ھەر بەش يىلدا بىر چايدان ئالىدۇ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن (مېتالدىن بىر، سۇلياۋدىن بىر بويىچە) 35 يۈەن بولىدۇمۇ دەيلى: 5 مىليون * 35 يۈەن = 175 مىليون يۈەن بولىدۇ، بۇنى بەش يىلغا بۆلسەك، ھەر يىلىغا 35 مىليون يۈەنلىك كىرىم بولىدۇ!
hGx)X64Mw كومپيۇتېرنىڭ قېپى: ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھازىر ھەر بىر ئۆيدە بىر كومپيۇتېر بار، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 6 يىلدا بىر يېڭىلايدۇ. ئىدارە- ئورگانلارنى ماركىلىق دەپ ھېساپلىماي تۇرايلى، بىر قاپنىڭ ئۆزى، توك مەنبەسىنى ھېساپلىمىغاندا 90 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە، بۇنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 120 يۈەن دەيلى: 5 مىليون ئائىلىدىن كومپيۇتېرى يوق ئائىلىلەر ئۈچۈن 3 مىليوننى چىقىرىۋېتىپ (3 مىليون ئائىلىنىڭ كومپىيۇتېرى يوق دىگەن سەل مۇبالىغىمۇ قانداق..)، ئىككى مىليون ئائىلە ھەر ئالتە يىلدا بىر كومپيۇتېر قېپىغا ئېھتىياجلىق دېسەك، ئىككى مىليون * 120 يۈەن = 240 مىليون يۈەن، ھەر يىلى ئۈچۈن 40 مىليون يۈەن بولىدۇ!
G-[fz كېيىم- كېچەك: بۇنىڭ سىتاتىسكىسى سەل تەسراق، چۈنكى دۇنيادا ئاياللارلا بولىدىكەن، قانچىلىك كىيىم ئىشلەپچىقارساڭمۇ يەتمەيدۇ! گەپ رەخت، رەڭ، پاسوندا قالىدۇ! بوپتۇ، بونىمۇ ئىشتىن سىرتقى سالاھىيەت بىلەن سىتاتىستىكا قىلايلى، ئەمدى ئائىلە سانى بويىچە ئەمەس، جان سانى بويىچە، 20 مىليون نوپوسنىڭ ئىچىدىن كېيىم كەيمەيدىغانلار ئۈچۈن 1 مىليوننى چىقىرىۋېتەيلى (چۈنكى ئېغىزدىن گەپ چىقىپ بولغىچە تۇغۇلۇۋاتقان ۋە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانىنىمۇ بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدىچۇ، ئۇلار ئەدىيال بىلەن ماتا ئىشلىتىدۇ..) 19 مىليون ئادەم، 19 مىليون ئادەم! مېنىڭ ئېسىمدە قالغان ھازىرغىچە بىر يىللىق كىيىم پۇلۇمنى ئاساس قىلدىم، بۇ مۇۋاپىق، چۈنكى مەن ئانچە كەيمەيمەن، ئىنچىكە ھېساپلىسام سەل ئېشىپ كېتىدىكەن، 2000 سوم چىقىدۇ، بۇنىڭدىن ئازلار بىلەن بۇنىڭدىن كۆپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىمى بۇسانغا يەتمەيدۇ، دىسىڭىزمۇ، ئاياللار بۇ ساننى پۈتۈنلىۋېتىدۇ، يەنىلا دېھقانلارنىمۇ ھېساپ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى ئۇنتۇمىغان ئاساستا، ھەر بىر ئادەم بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1000 سوملۇق كېيىم كىيىدۇ، دەيلى (بۇنىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، دىگۈچىلەرگە سودا سارايلارنىڭ چوڭىغا يول بولسۇن!.. بىر قېتىمدا خەجلەپ چىقمىسا مانا مەن)، ئەمدىكىسى ھېساپ: 19 مىليون كىشى * 1000 يۈەن = 19 مىليارت يۈەن!! ( ۋاي خۇدايىم! بۆگۈن ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا مىليارت يۈەننىڭ گېپىنى قىلالايمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن!..) ئەمدى قانچىلا كەمبەغەللىك بىلەن ھېساپلىساڭمۇ بۇ ساننى يىلىغا ئىككى خانىلىق مىليارت يۈەندىن تۈۋەن چۈشۈرسىڭىز كەم بولا! چۈنكى بىزنىڭ ئاز دىسە ھەپتىدە، كۆپ دىسە ئايدا كىيىم ئالمىسا مۈرىسى قىچىشىپ توختىمايدىغان بۈيۈك كېيىم سېتىۋالغۇچى پىدائى ئاياللار قوشۇنىمىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار 10 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ (ئاياللار جىق!). يىلىغا 19 مىليارت يۈەن.. بۇنى رەخت زاۋۇتلىرى بىلەن بىللە نەچچە ئون داڭلىق ماركىلىق كېيىم كارخانىسى بىلەن سانى 10 مىڭغا يەتمەيدىغان ئۇيغۇر سەيپۇڭلارغا بۆلۈپ باق! زادى كىمنىڭ قۇرسىقى ئاچ قالىدىكىن، ئاشۇ كېيىم سېتىۋالغان قوللار ئاچ قالسا قالىدۇكى، رەخت زاۋۇتى ۋە سەيپۇڭ كارخانىلار ئاچ قالمايدۇ، ھەر ئەللىك ئادەم 2 نەپەر رەخت زاۋۇتى خادىمى بىلەن 1 نەپەر كىيىم- رەخت لايىھىلىگۈچى ۋە بىر نەپەر سەيپۇڭنى باقالىشىدا غەم يوق. قالغان كاپىتاللىق ھېساپ ئۆزەڭلارغا قالدى.
LoQm&3/ قول سائەت: ئوقۇغۇچىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، بايلارنىڭ بويىچە، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر قول سائەت 200 سوم بوپ تۇرسۇن، 19 مىليون كىشىدىن پەقەت 2 مىليون كىشى سائەت تاقىسۇن، ھەر 10 يىلدا كونا سائەتنى ئاۋۇ 17 مىليون تۇغقىنىغا بېرىۋېتىپ يېڭىدىن قىممىتىنى ئالسۇن.. شۇنىڭ بىلەن 200 سوم * 2 مىليون = 400 مىليون، بۇ ھەر يىلىغا 40 مىليون يۈەن بولىدۇ!
cWSiJr):r سومكا:
o })k@-oL خۇرۇم ئاياغ:
:[oFe/1K!4 يانفۇن:
/ov&h; خاتىرە- كىتاپ:
<)L'h ئورۇندۇق:
,c#=qb8"" كارۋات:
JW ;DA E< ئۆي: توۋا، ئۆينى بىر ھېساپلايلى، ئەڭ پۇل خورىتىدىغىنى مۇشۇ.. مەن تونۇيدىغان ياشلاردىنلا 3 يۈرۈش بىنا ئۆيى بارلىرى بار، مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە: 8 جان بىر ئۆيدە ئولتۇرىدىغان دېھقان ئائىلىسىدىن، ھەر بىرجانغا بىر يۈرۈش ئۆيى بارلارغىچە بار؛ ھەر 3 جانغا بىر يۈرۈش ئۆي دەيلى، بىنا ئۆي بىلەن ئادەتتىكى ئۆي، شەھەر ئۆيلىرى بىلەن ناھىيە ئۆيلىرىنى ئويلاشقاندىمۇ (بۇنداق سىتاتىستىكىغا مەن مۇتەخەسىس ئەمەس، ئۇلار دىگۈچە مەن دەپ تۇراي)، 20 مىليون نوپوسنىڭ 7 مىليون ئۆيى بار دەپ تۇرايلى (ئەجەپكى ئۈرۈمچى ئەتىراپىدىلا 3 مىليون نوپوس مانا مەن دەيدۇ، باشقا مىللەتلەرنى ھېساپلىماي تۇرىدىغان بولغان راست..) . 7 مىليون ئۆينىڭ سېتىۋېلىش قىممىتى ئوتتۇرىچە بولغاندا، شەھەر ۋە يېزىلارغىچە ئويلىغاندا (مەن راستىنلا مۇتەخەسىس ئەمەس) 22 تۈمەن دەيلى: 7 مىليون * 22 تۈمەن = بىر تىرلىيون 540 مىليارت يۈەن (راست گەپ قىلسام، ماۋۇ ساننى ئۆزۈم تۆت قېتىم ئوقۇپ ئاران چىقاردىم)، بۇنى ھەر بىر ئۆينى 60 يىل ئولتۇرغىلى بولىدۇ بويىچە ھېسالىغاندا، ھەر يىلى 25 مىليارت يۈەنلىك ئۆي سېلىنغان بولىدۇ.
2B{~
"< يەنە سېسىق تاماكا بىلەن بەدبۇي ھاراقمۇ بار ئىدى، ئۇنى ھېساپلاشقا تاقىتىم يوق، سانمۇ يوق.. مۇشۇ ئىككىسى بىلەنلا يوقىرىدا دىيىلگەن كارخانىدىن نەچچىسىنى قۇرۇشقا بولاتتى كۆپچىلىك! دۇنيادا ئەڭ ئەھمىيەتسىز پۇل ئىسراپ قىلىش دىسە، سېسىق تاماكا- ھاراققا كەتكەن پۇلنى دىسە بولىدۇ! %100 ئىسراپچىلىق!
%]Gm خۇلاسە كالام، يوقىرىدىكى سانلارنى قوشقاندا، ئىستىمال سەۋىيىنىڭ GDP سى بويىچە بىزنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ!
e#MEDjm/)g لېكىن، نۆۋەتنىڭ ئۆزىدە، ئاشۇ ئىستىمال چىقىمىمىزنىڭ نەچچە پىرسەنتى ئۆز ئادەملىرىمىزنى بېقىۋاتىدۇ؟ بۇ گەپ، ئۆزىمىزدە قۇرۇلمىغان، قۇرۇلۇشقا تېگىشلىك زاۋۇتلارغا قارىتىلغان، ئەلۋەتتە زاۋۇت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، تەدبىرلىك كاللا، ئىشچان بېلەكلەر، جاپاكەش پۇتلارنىڭ ئەجرىگە قۇرۇلىدۇ! بىر مىليون كىشى كىيىم كەيسە، لېكىن بۇ بىر مىليون كىشىنىڭ ھېچقايسىسى رەخت خام ماتىرىيالى، رەخت، بوياق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىسا؛ بىر مىليون كىشى ئەينەك ئىستاكان ئىشلەتسە، لېكىن ئەينەك ئېرىتىش زاۋۇتلىرىدا ئون ئېنژىنېر بولمىسا؛ بىر مىليون كىشى ھەر خىل شەكىللەردە ماشىنىدا ئولتۇرسا، لېكىن ماشىنىسازلىق ئېنژىنىرىدىن 10 كىشىمۇ يېڭى ماشىنا پاسونى لايىھىلەشتە بولمىسا؛ بىر مىليون كىشى كومپيۇتېر ئىشلەتسە، لېكىن بىرمۇ كىشى بىر ئۆزەكنى، بىر توك مەنبەنىڭ چىرتىيوژىنى سىزىشقا قاتناشمىسا.. بۇ بىر مىليون كىشى..
p}%T`e=Z9 بۇ بىر مىليون كىشى ئەسلى ئوڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى سول يانچۇقىغا سېلىشنىڭ ئورنىغا ئىككىلا يانچۇقتىن پۇل چىقىرىشتىن باشقىنى بىلمىسە، بۇنى نىمە دەپ ئاتايمىز؟ مانا بۇ بىر مىليون كىشىنىڭ ھەقىقىي ساۋاتسىزلىقى! مانا بۇلار 20 مىليون كىشىنىڭ ھەقىقىي ساۋاتسىزلىقى!!
sf\p>gb زاۋۇتسىز مىللەت ھەقىقەتەن، ھەقىقەتەن، ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈنلەي بىر ساۋاتسىز مىللەت.
6\ g-KO ھازىرقى ئۇيغۇر، مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، بىر ساۋاتسىز مىللەت ھېساپلىنىمىز! ھەر ئالىملىرىمىز، دوكتورلىرىمىزنى مىڭلارچە ساناپ بېرىڭچۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستى- بېشىغا بىر قاراڭ، زاۋۇتسىز مىللەت- ساۋاتسىز مىللەت، دىگەننىڭ نىمىلىكى ھەتتا بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ ئۈستىدىمۇ ئىسپاتى بىلەن تۇرۇپتۇ! ئىشلەتكىنى ھېساپ ئەمەس، سەن نىمە ئىشلەپچىقىرالىدىڭ؟ نىمە سەن تەرەپتىن لايىھلەنگەن؟ نىمىنىڭ خام ئەشياسىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە قاتناشتىڭ؟
| X/QSL ساۋاتسىز مىللەتنىڭ بېلى بوش تەرەپلىرى ساناقسىز، ساۋاتسىز مىللەت ئېغىر ئىشقا چىدىمايدۇ!
m?I$XAE ئەسلى قانداق بولۇشى كېرەك ئىدى؟
T >XnVK چۈشەنچە شۇكى، نوپوسنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، چۈنكى ئۇنىڭدا تىرىك ئىستىمال كۈچى مەۋجۇت، بۇ ئىستىمال كۈچىنىڭ تۈرتىسىدە، بىر ساۋاتسىز مىللەت ساۋاتلىق مىللەتكە قەدەم قويالايدۇ، چۈنكى ئىستىمالنىڭ قۇدرىتى ئىنتايىن زور!
AvF:$kG ئەتىراپىمىزدا ئۇيغۇرنىڭ نوپوسىنى قوشقاندا، 50 مىليوندىن ئاشىدىغان نوپوسنىڭ ئىستىمال كۈچى بار، 500 كىلومېتىردىن سىرت بازارلارنى قوشقاندا، ئەتىراپىمىزدا 100 مىليونلۇق نوپوس بار، يوقىرىدىكى ھەر بىر نوپوسقا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن توغرا كېلدىغان ئىستىمال قىممىتى بىلەن مۇشۇ 50 مىليون نوپوسنى، 100 مىليون نوپوسنى كۆپەيتىپ، چىققان ساننى ئوقۇپ بېقىڭلار، بۇ سانلارنىڭ قۇدرىتى بىر زاۋۇت قۇرۇش چىقىمى، مۇتەخەسىسلەرنى تەربىيىلەش چىقىمى، مائاش، ئۇپىراش، تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئوت ئالدۇرۇپ ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ چىقىرىشقىمۇ يېتىدۇ!
c+:LDc3!Gb بۇ يىل 3- ئايدا، دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ھۇجۇمىدا، بىر قىسىم ياپۇن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى توك تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن قالدى، نۇرغۇن زاۋۇتلار ئېنېرگىيىسىز ئايلانمىدى، بۇنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ياپۇن ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىدىغان ماشىنا زاۋۇتلىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا مەجىبور بولدى. لېكىن، زور تېخنىكىغا، زور ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات كۈچىگە ئىگە بۇ ياپۇنلار، ئاتوم بومبىسىدىن دەس تۇرالىغان يەردە، بۇ دېڭىز شاۋقۇنىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ئۇلارغا ئامەت تىلەيمىز، ئۇلارغا ئاستىدىكى تاش سۇدىن چىقىپ تۇرسىلا يېتەرلىك، ھەممىنى قىلالايدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ ئۇلار بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى، زىل مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا ئېچىپ ئىشلەپچىقىرىشنى بىلىدۇ.
x9Veg4Z7 بىر قىسىم ھازىر بار كارخانىلارغا نەزەر سالايلى: ئارماننى ئاتاۋاتقىلى نۇرغۇن يىل بولدى، پەخىرلىك بۇ شىركەت ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق؛ ئىرپان يېڭىدىن ئوبدان چىقىۋاتىدۇ، ئېلانلىرى تېلېۋىزىيە ۋە شەھەر ئېكىرانلىرىنى قاپلاۋاتىدۇ، ئەمدى ئېرپان ماركىلىق رادىيو، MP4، يانفۇن.. قاتارلىقلارنى ساقلايدىغان ۋاقتىمىز بولدى. تور بېكەتلىرىمىزمۇ كىرىم يارىتىش باسقۇچىغا كىرىپ بولدى.
;Z%PBMa ئەمدى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنىمىز، كەملىكىدىن يۈزىمىزنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتقان يېرىمىز شۇكى، يىنىك سانائەت، ئوتتۇرا سانائەت، ئېغىر سانائەت تۈرىدىكى، يەنى خام ئەشيالارغا تېخنىكا سىڭدۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئېھتىياجلارنى تولۇقلايدىغان سانائەت كارخانىلىرىدۇر. 50 قەۋەت بىنالارنى ئۆز چېرتىيوژلىرى، ئۆز مۇتەخەسىسلىرى بىلەن، ئۆز ئىشچىلىرى بىلەن سالالايدىغان قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدۇر.
Uf#.b2] تارىختىن بېرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەتقىق قىلمىدۇق، زاۋۇتلارنى قۇرمىدۇق، ئاددى كۈپلەرنى ئىشلەپچىقاردۇق- يۇ، نۇرغۇن ساپال تاختا ۋە خىش ياساپ، تاج ماھال مەقبەرىسى كەبىي قۇرۇلۇشلارنى ئېگىز ۋە يوغان قىلىپ سېلىپ قويالمىدۇق، ئاكا- ئۇكا مۇسابايىۋلار تېرە زاۋۇتىنى داۋاملاشتۇرالمىدۇق، ھازىرقى ئىلى لىچۈەن تېرە زاۋۇتى مۇشۇ زاۋۇت ئاساسىدا نامىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملاشتۇرۇلغان، بۇ توغرىسىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى شىنجاڭ گېزىتىدە مەخسۇس خەۋەر بار، ئەسلى بۇ زاۋۇتنىڭ ئىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەينى تۆھپىكارلار خاتىرلىنىشى، ئېتىراپ قىلىنىشى، تارىخى ئۆز ئۇيغۇر يېزىغىمىزدا تاشلارغا پۈتۈلۈپ، زاۋۇت دەرۋازىسى ئىچىگە توختىتىلىشى كېرەك ئىدى.
0J-] ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدە، نۇرغۇن يىل ئالىي مەكتەپنىڭ ئېسىل كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار چىرايى كەلگۈسىدىن بىخەۋەر جەدۋەل تولدۇرۇپ يۈرىدۇ، ئەسلى ئۇ بالىلارنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم كەسىپلەردە ئوقۇغان بالىلار مەلۇم كاپىتاللارنىڭ قوللىشىغا، خىزمەتكە سېلىشىغا ئېھتىياجلىق ئىدى، ھەم ئۇ بالىلارنىڭ قولىدىن كېلەتتى..
'r;C(Gh6 بىزنىڭ قولىمىز زادى زاۋۇت قۇرالمايدىغان قولمىدۇ؟ ئاسان قاپىرىپ كېتەمدىغاندۇ؟ قاپارسا نىمە بوپتۇ؟ بەخىت پىشانەڭدىكى تەردىن كېلىدىغۇ؟!
i;4|UeUl ھەر بىر ئادەم خەت تونۇيدۇ..
jiS|ara" ھەر بىر ئادەم تېلېفۇن تۇتالايدۇ..
H'N$Vv2q ھەر بىر ئادەم كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدۇ..
X2>qx^jT ھەر بىر ئادەم ئانا تىلىدىن سىرت بىر نەچچە تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ..
bvZTB
مۇشۇ ھەر بىر ئادەم ساۋاتسىز ھېساپلىنامدۇ؟ ] .Mr&@
ھەممە ئادەم تۇرمۇش زاۋۇتلىرى قۇرمىغان.. %n
ھەممە ئادەم مېتال تاۋلاش ئۈچۈن تەر تۆكمىگەن.. ^6*LuXPv
ھەممە ئادەم مىليون، مىليارد يۈەنگە يارايدىغان چىرتىيوژ سىزىپ باقمىغان.. 6- H81y3
ھەممە ئادەم ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرۇپ باقمىغان. d5?"GFy
مۇشۇ ھەممە ئادەم ساۋاتسىز بولماي نىمە؟ &^WJ:BvA|^
بىز ساۋاتسىز ئاتىلىشقا تېگىشلىك، بىز بىر ساۋاتسىز مىللەت!.. .{6?%lt
ساۋاتسىز ئاتالغان مىللەت، ئۆزىگە ئۇچۇپ كەلگەن مەسخىرە ئاياغلىرىنى نىمە بىلەن توسىيالايدۇ؟ HD"Pz}k4
بەخىت كېلىدۇ نەدىن، K}^Jf;
پىشانەڭدىكى تەردىن. GtZkzVqLd
بەخىت گۈلى ئېچىلار، 0fc]RkHs"
جاپالىق ئىشلىگەن يەردىن. .;6G?8`
نىمىشقا ئۆتكەن 15 يىلدىن بېرى مۇشۇ شېئىردەك شېئىردىن ئىككىنچىسى يېزىلماي كەلدى؟ 1S!
نېمىشقا ئۆتكەن 15 يىلدىن بېرى، 90- يىللاردا ئوينالغان "سىز بىزگە ئىشىنەمسىز" دىگەن دىراممىدىن يەنە بىرى ئوينالمىدى؟ ]KX _a1e
نېمىشقا؟ A/
kRw'6
"سىز بىزگە ئىشىنەمسىز" دىيەلەيدىغان ياشلار كۆپەيگەن بولسا، پۈتۈن دۇنيا بىزگە ئىشىنەتتى. IEb"tsel
قانداق قىلغاندا ئىستىمالنىڭ غايەت كۈچىنى نۇرغۇن كېرەكلىك نۇقتىلارغا يىغقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا نەچچە يۈز ئالقاننى بىر يېڭى زاۋۇتقا قويۇپ، نەچچە يۈز پىشانىدىن تەڭ تەر ئاققۇزغىلى بولىدۇ؟ F_Q,j]0
مەنبە:ئانايۇرت تورى ]s
lYr8m
7Gb(&'n
yKR0]6ahA
[ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-10-13 07:53 PM دە قاي ]