مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4435 
  •    ئىنكاس 
       22 

يالغۇز ئىكەن يىغلىغان يۈرەك

قەۋەت ئاتلاش
Xarminaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.675

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   663 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10592 (سوم)
 ياخشى باھا:   543 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   671  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1224
 سائەت
دەرىجىسى:
1224 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-12-16

4~/6d9f  
",+uvJT1O  
EpfmH `  
|{nI.>  
يالغۇز ئىكەن يىغلىغان يۈرەك
oGqv,[$qN  
ww2 Qa-K  
( شەرمىناز )
..:V3]-D  
ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يانمۇيان كېتىۋاتىمىز ، خۇددى مەن ھازىرلا قېچىپ كېتىدىغاندەك ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى . << توۋا ، بۇرۇن ماڭا گەپ قىلغۇسىمۇ كەلمەي مەندىن قېچىپ يۈرەتتى . ئەمدى ئۇنتۇپ كېتەي دېگەندە مېنى ئىزدەپ نېمە قىلىدىكىنە ؟ >> دېدىم  ئىچىمدە . ئۇنىڭ چىرايىداا ئىللىق تەبەسسۇم ، مەن بولسام ھەيرانلىقتىن بىر - بىرىمىزگە پات - پات قارىشىپ قوياتتۇق . << ماڭا نېمە بولغاندۇ ؟  مۇشۇ كۈنگە مەن قانچىلىك ئىنتىزار بولغان ئىدىم _ ھە ؟! توۋا ، ئەمدىلىكتە قەلبىمدە خۇشاللىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق . ئەجىبا ، ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتكەندىمەنمۇ ؟ ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلۈم قالمىغانمىدۇ ؟ >> مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم ، ئۇ بولسا ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرگىنىچە قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارىدىغىمىزنىمۇ سورىمىدىم ، پەقەت ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ كەينىدىن  كېتىپ باراتتىم . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغۇم كەلمەي قالدى ، قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولىۋىدىم ئۇ قولۇمنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدى ھەم  << ئەمدى قولىڭىزنى ھەرگىزمۇ قويۇپ بەرمەيمەن شەرمىناز >> دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا  . توۋا ، ئەمدى بۇنڭغا نېمە دەي ؟! بۇ تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمىدۇ ؟ بۇرۇن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىشنى كېچە - كۈندۇر  ئارزۇ قىلغان چاغلىرىمدا تەقدىر ماڭا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت بېغىدا بىللە خۇشال سەيلە قىلىش پۇرسىتىنى نېسىپ قىلمىدى . ئەكسىچە ، مېنى ۋىسالسىز مۇھەببەتنىڭ قۇلى قىلىپ  كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ چەكسىز ئازابقا ، ھىجرانغا تاشلىدى . ئەمدىلىكتە ئۇنى ئۇنتۇپ ئۇ ئازابلىق كۈنلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ھاياتقا ، تۇرمۇشقا قايتىدىن كۈلۈپ قاراپ خوشال ياشاشقا ، يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن شۇ ئىسىمنى قانچە تەس بولسىمۇ ئۆچۈرۋىتشكە تىرىشىپ، ئۇنى تۇرمۇشۇمدىن ، خىيالىمدىن ، ھەتتا پۇتۇن ھاياتىمدىن  چىقىرىپ تاشلاشقا ئازلا قالغان چاغدا يەنە نېمىشقا ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا مېنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولىشىغا يول قويىدۇ ؟! نېمىشقا يەنە مېنى بۇ ئوتقا تاشلايدۇ ؟! ئەجىبا ، مەن بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ دەردىنى تارتىشقا ، ئازاب ئىچىدە ئۆتۈشكىلا يارالغان بىر بەندىمۇ ؟! خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ ئىدى ، ئۇنڭغا قارىغانسىرى خۇددى ناتۇنۇش كىشىلەردەك ھېس قىلماقتا ئىدىم . ئەمدى ئۇنىڭغا  ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق كۆڭلۈم قالمىغانلىقىنى دېمەكچى بولدۇم ، لېكىن نېمىشقىكىن پەقەتلا  گەپ قىلالمىدىم ، نەچچە رەت دېمەكچى بولدۇم _ يۇ ، يەنە گەپ قىلالمىدىم .  دېيەلمىگەنچە ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولاتتىم . ئۇ بولسا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرگىنىچە قولۇمنى تۇتۇپ داۋاملىق ماڭاتتى . << ئەمدى يېتەر شەرمىناز ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە يىل ئازاب تارتىپ ئۆتكىنىڭ يېتەر ! ئەمدى يەنە ۋىسالسىز مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ  بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىپ ، ئازاب ئىچىدە ئۆتەي دەمسەن شەرمىناز ؟ كاللاڭنى سىلكىۋەت ، ئوبدان ئويلان ! ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ !!! >> دەيتتى كىمدۇر بىرى قۇلۇقۇمغا . بۇ گەپتىن شۇنچىلىك چۆچۈپ كەتتىمكى يەنە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم ھەم بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ قولىنى ھەرگىزمو قويۇپ بەرمەيمەن دەپ چىڭ تۇتىۋالماقچى بولدۇم . بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپلا قالدىم چۈنكى ، يېنىمدا ئۇ يوق تۇراتتى ، قولۇم بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالغانىدى . مەن بولسام ئۆزۈم يالغۇز بىز كىچىكىمىزدە دائىم دوستلىرىمىز بىلەن ئوينايدىغان ھېلىقى كوچىدا تۇراتتىم . ئەتراپىمغا قارىدىم ، ئۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى . ئۇنى ئىزدەپ بار كۈچۈم بىلەن ئالدىمغا يۈگۈردۈم ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا - قايتا چاقىردىم . ئەمما ،  شۇنچە ئىزدەپمۇ ، شۇنچە چاقىرىپمۇ ، شۇنچە قاراپمۇ ئۇنى  تاپالمىدىم . ئاخىرى ماغدۇرسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدىم .  كۆزۈمدىن  ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى ، كۈچسىز ئاۋازىم بىلەن  << ئالدامچى ! >> دەپ ۋارقىرىدىم ............ ^&.?kJM  
85 hYYB 0v  
چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم .  كۆزلىرىم ياش يۇقى ئىدى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ سائەتكە قارىدىم ، سائەت ئېستىرىلكىسى 3 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى . دېمەك ، سەھەر سائەت 3 بولۇپ قالغانىدى . كونىلار  << سەھەردە كۆرگەن چۈش ئوڭغا ماڭىدۇ >> دەپ قويىشىدىكەن ، بەزىدە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىپ قالاتتىم . چۈنكى ، نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇنى چۈشۈمدە كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتىم . ناھايتتى ئۇزۇن بوپتىكەن ئۇنى چۈشۈمدە كۆرمىگىلى . ئۇف....  ئەمدى بۇ يەنە نېمىدىن بىشارەتتۇ  ؟! بېشىمغا يەنە قانداق سەۋدالار چۈشەر ؟ مېنى يەنە قانداق دەرد - ئازابلار مېنى ساقلاپ تۇرىۋاتقاندۇ ؟ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشۇم يەنە ھەسرەت - پىغان چېكىپ ، ئازاب ئىچىدە بىلەن ئۆتەرمۇ ؟! چىگىش خىياللار ئىچىدە ئورنۇمدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم ، كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . توۋا ! چۈش دېگەنمۇ ئاجايىب بولىدىكەن . گاھىدا ئادەمنى شىرىن خىياللار قوينىدا ئەللەيلىتىپ شىرىن ھېسلارغا چۆمدۈرسە  ، گاھىدا ئادەمنى ئازابقا سالغان ئىشلارنى ، كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرنى يادىغا سېلىپ كىشى قەلبىدە ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە ئازلا قالغان سىمانى ئەسلىتىپ قويىدىكەن..........   EHHxCq?  
6~S0 t1/t?  
)8SP$  
sdWl5 "  
.................................................................................................. {p 0'Lc<3n  
Y zS*p~|  
8tMte!E  
‹‹ ئۇنتۇلمايدۇ كىچىك چاغدا سۆيگەن يار پەقەت ، W6T&hB  
ئۇنتۇلمايدۇ بىرگە ئويناپ ، كۈلگەن يار ئەبەد . ›› De A'D|  
PuaosMn(9  
8 36m5/kH[  
بۇ مىسرالارنى قاچان ، قەيەردە ئۇقۇغىنىم يادىمدا يوق ، لېكىن ، بۇ ئىككى مىسرا دائىملا يادىمغا كېلىپ قالىدۇ . سىز بىلەن مەن گەرچە بىر يۇرتتىن بولمىساقمۇ ، سىز كىچىكىڭىزدىن بىزنىڭ يېزىدا  يەنى چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىدە كۆپ تۇرىدىغان بولغاچقا بىز ئەنە شۇنداق كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق . كىچىكىمىزدە  مەن سىزگە بەك ئامراق ئىدىم ، سىزنىڭمۇ ماڭا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم . بىز دوستلىرىمىز بىللە ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق ، قوغلىشاتتۇق ، كېپىنەك قوغلايتتۇق . ئويلاپ قالىمەن ، شۇ چاغلار نېمىدىگەن غەمسىز ، خوشال كۈنلەر ئىدى - ھە ؟! يىللارنىڭ ئۆتىشى ھەم  چوڭ بولىشىمىزغا ئەگىشىپ ، مەندە سىزگە نىسبەتەن ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھېسيات پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى . ئەمدىلىكتە سىزنى كۆرسەم سىزدىن خىجىل بولۇپ يىراققا قاچىدىغان ، تارتىنىدىغان ئەمما سىزگە يۇشۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ، يىراقتىن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . بۇ خىل ھېسياتنىڭ زادى قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قىينىلاتتىم . كىيىن بىلسەم ، ئەسلىدە مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن !  گۈللەر ئېچىلغان ، ھەممە ياقتا قۇشلار شوخ ناۋا قىلىۋاتقان ، ساپ ھاۋالىق ياز پەسلىنىڭ ئايدىڭ بىر كېچىسى سىز ماڭا قولدا توقۇلغان ئاددىي ئەمما مەن ئۈچۈن ھەرقانداق ئىسىل زىبۇ - زىننەتلەردىنمۇ قىممەتلىك بولغان بىلەيزۇككە ئوخشاش بىر نەرسىنى سوۋغا قىلدىڭىز . بىلەمسىز ، شۇ كېچە ھاياجاندىن كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىگەنىدى ، ئۇ نەرسىنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ ياتقانىدىم . SZ{cno1`  
 h\d($Ki  
سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشۇ كۈنلىرىمنى ئەسلا ئۇنتالمايمەن . شۇ كۈنى بىز تاغىڭىزنىڭ بېغىدا ئۆرۈك تىرىۋاتاتتۇق . سىزدىن كۆزلىرىمنى ئۈزگۈم كەلمەيتتى ، سىزگە يەر تېگىدىن ئوغۇرلۇقچە قارايتتىم . توساتتىن ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى ، مەن ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالدىم . تەنلىرىم قىزىپ تەرلىمەكتە ، قوللىرىم تىتىرىمەكتە ئىدى. Rk%M~D*-  
{Ch"zuPX  
مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن سىز مېنىڭ قەلبىم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدىڭىز ، قەلىب قەسىرىمنىڭ يۇقىرى تەختىدىن سىزگە ئۇرۇن بەردىم . مېنىڭ قەلبىمدىكى ھۆرمىتىڭىز چەكسىز ، شۆھرىتىڭىز يۈكسەك ئىدى ...... سىزنى دائىم ئويلايتتىم ، ھەممىدىن ئاۋۋال كۈلۈپ تۈرىدىغان كۆزلىرىڭىزنى ئويلايتتىم ، ئاشۇ كۆزلەرنىڭ چۇڭقۇرلۇقىدىن بەخىت ئىزدەيتتىم ، ئۇ كۆزلەردىن ئىقبالىمنى كۆرۈشنى خالايتتىم . 2TEeP7  
vw] D{OBv*  
شۇ چاغلاردا سەزدىڭىزمىكىنتاڭ ، سىزنى دائىم ئۇچراتسام دەيتتىم ، سىزنى ئۇچرىتىپ قالسام بىر سەۋەبلەر بىلەن كۆزلىرىڭىزگە تىكىلەتتىم ، بىراق چاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يىنىڭىزدا ئۇزاق تۇرالمايتتىم . تۇرمۇشۇمنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىمۇ سىز بار ئىدىڭىز ، كېچىلىرى چۈشۈمدە ، كۈندۇزلىرى ئويۇمدا ، ئىشقىلىپ سىز بىلەن خىيالەن بىللە ياشايتتىم ........ t[,T}BCy.  
3b@1Zahz  
شۇ كۈنلەردە سىزنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالدىم ، قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى . شۇنداقتىمۇ سىزگە بولغان بۇ كۆڭلۈمنى يۇشۇرۇپ يۈردۇم ، سىز بىلەن يۈرۈش ، مۇھەببەتلىشىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەيتتىم . چۈنكى ، ئۇ چاغلاردا بىز تېخى كىچىك ئىدۇق . سىزنىڭمۇ ماڭا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلگەچكىمىكىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدى . يىللار ئۆتۈپ بىزمۇ چوڭ بولدۇق ، ئەقلىمىزمۇ چوڭ بولدى ، بىر ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك بولۇپ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ، ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلالايدىغان ، بىلىدىغان بولدۇق . ئەمما ، بۇ چاغدا سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىدىغان ، مەن گەپ قىلمىسام ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدىڭىز . ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدىم . ھەرقېتىم ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا مەن سالام قىلمىسام مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىۋاتقىنىڭىزنى كۆرگىنىمدە  كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولاتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزنىڭ نېمىشقا ماڭا بۇنداق پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم-يۇ ، لېكىن يەنە ئۆزۈمدىكى بۇ تۇيغۇغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمىدى . ئەجىبا ، سىز مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۆزۈمنىڭ بۇ خىيالىغا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى ، ئارتۇقچە گۈمان قىلىۋاتىمەنمىكىن دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى سىزمۇ مەندىن تارتىناتتىڭىز ، ئۇچرىشىپ قالساق قىزىرىپ كېتەتتىڭىز ھەم تەمتىرەپلا قالاتتىڭىز ، يىراقتىن ئوغۇرلۇقچە قارايتتىڭىز . ئىنكار قىلماڭ ، مەن بۇنى بىلەتتىم ، سىزنىڭمۇ يىراقتىن ماڭا ئوغۇرلۇقچە قارايدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم .  شۇڭا سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىڭىزغا ئىشەنمىدىم . BJxm W's/  
!a(qqZ|s  
يىللار ئۆتۈپ بىزمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇشقا چىقتۇق . مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى  . ئەپسۇس ، رەھىمسىز تەقدىر مېنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمىدى . سىز بىلەن باشقا - باشقا مەكتەپلەردە ئۇقۇدۇق . سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇيالمىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ئەمما ئۇقۇشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ماڭا يەنە ھەممىمى ئۇنتۇلدۇردى . بىراق بۇ غەمسىز كۈنلىرىم ئۇزاققا بارمىدى . نېمىشقا دەپ سوراۋاتامسىز ؟ چۈنكى ،  دوستلۇرۇمنىڭ بۇلۇپمۇ يېقىن دوستۇم سەيىدەنىڭ يىگىتى بىلەن خوشال يۈرگىنىنى ، ئۇ يىگىتنىڭ دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن دوستۇمنىڭ ئەتراپىدا  پەرۋانە بولۇپ يۇرگەنلىرىنى كۆرسەملا سىز يادىمغا يېتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز . مېنىڭمۇ سىز بىلەن باشقىلارنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك ئامراق ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتكۈم كەلدى . لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىم يوق ئىدى ھەم مەكتەپ پۇتتۈرگۈچە ئۇنداق قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزگە بولغان سېغىنىشىممۇ كۈچەيگىلى تۇردى . شۇ كۈنلەردە خىيالچان بولۇپ قالغىنىمنى سەزگەن پارتىداش دوستۇم گۈزەلئاي مەندىن سەۋەبىنى سوراپ تۇرىۋالدى . سەيىدە دېگەن دوستۇم بولسا ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن  بولۇپ كېتىپ مەندىكى بۇ پەرىشانلىقنى سەزمىدى. ئاخىرى  گۈزەلئاينىڭ  چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن باشقىلارغا تۇنجى قېتىم سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى ئاشكارىلىدىم . ئۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئامال ئويلاپ تاپتۇق . يەنى سىز بىلەن مەن كىچىكىمىزدىن تونۇشىدىغان بولغاچقا مەن سىزگە دوستلۇق نامىدا ، گەرچە  مەن سىزدەك ئەقىللىق بولمىساممۇ سىز بىلەن ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ بېقىش توغرىسىدا  خەت يازىدىغان بولدۇم . ئادرىسىمنى قانداق بىلدىڭىز دەپ ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن  ،   شۇ يىلى قىشلىق تەتىلدە سىز چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە نەۋرە ئىنىمغا ئادرىسىڭىزنى سوراتقۇزۇپ بىلىۋالغانىدىم . شۇ چاغدا سىزنىڭ قايسى سىنىپتا ئۇقۇيدىغانلىقىڭىزغىلا قىزىققان بولسام ، مانا ئەمدى تازا ئەسقاتتى  . خەتنى پوچتىدىن سېلىپ بولۇپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم . سىزنىمۇ چۇقۇم ماڭا جاۋاب خەت يازىدۇ ، مۇشۇ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدىغۇ دەپ شۇنداق ئىشەنچ قىلغانىدىم . لېكىن ئويلىمىغانكەنمەن ،  سىز ئىشەنچىمنى يەردە قويدىڭىز ، ماڭا جاۋاب قايتۇرمىدىڭىز . ‹‹ بەلكىم دەرسلەر بەك ئالدىراشتۇ !؟›› مۇشۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ يۈردۇم . كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى  ئۆتىۋەردى ،  سىزدىن يەنە جاۋاب خەت كەلمىدى . ھەرقېتىم ساۋاقداشلىرىمغا خەت كەلسە بىر بويۇن قىسىپ قاراپ قالاتتىم . ئاخىرى 2 ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، مانا ، ئەمدى سىزدىن خەت كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم . ئەجىبا ، سىزنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلىڭىز راستىنلا ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ ؟ مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانسىزمۇ ؟؟؟ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . كاللام باش - ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار ھەم جاۋابسىز سۇئاللار بىلەن تولغانىدى ،  بۇ سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى تاپالماي تولىمۇ تولىمۇ قىينىلاتتىم . */dh_P 
)^S^s >3  
شۇ يىلى ياز مەۋسۇم ئاخىرىدا بىز سىز ئۇقۇۋاتقان مەكتەپكە خۇلاسە ئىنتىھان بەرگىلى باردۇق . سىز بىلەن كۆرۈشەلەيدىغىنىم ئۈچۈن بەكلا خۇشال ئىدىم . ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىنتىھان جەريانىدا دوستۇم سەيىدە بىلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇردۇق . بىز ئۆيىڭىزگە كەلگەن كۈنى سىز  بەكمۇ كەچ قايتىپ كەلدىڭىز . ئەمدى بىلىۋاتىمەن ، ئەسلىدە سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ شۇنداق كەچ قايتىپ كەپتىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟! گەرچە بىزنىڭ بىللە تۇرغان ۋاقتىمىز شۇنچىلىك قىسقا بولغان بولسىمۇ  سىزنى كۆرەلىگىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاخىرى ئىنتىھانمۇ تۈگەپ بىزمۇ مەكتەپكە قايتتۇق . ئاپتۇبۇستا قايتىپ كېلىۋېتىپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدىكى ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىم يادىمغا كەلسىلا يىغلاپ تاشلاشتىن ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋالاتتىم . خۇددى ئەمدى سىز بىلەن قايتا كۆرۈشەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم . يىغلىماسلىققا شۇنچە تىرىشتىم ، بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم . ئاخشىمى ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالغاندا ، بېشىمنى يوتقانغا چۈمكەپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم ، ياتاقتىكى باشقا قىزلارنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ ئېغىزىمنى قولۇمدا چىڭ ئېتىۋالدىم . ئەنە شۇنداق يىغلاپ - يىغلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەتىسى شۇنداق روھسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن ، قاپاقلىرىمممۇ ئىشىشىپ كېتىپتۇ . شۇ كۈنى بىز ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىپ تەكرار قىلاتتۇق ،  شۇنچە دىققىتىمنى يىغىپ كىتابقا قارىساممۇ efkie}  
كاللامغا ھېچ نەرسە چۈشمەيۋاتاتتى . خىيالىم سىزدىلا  ئىدى ، ئىچ - ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇنچە يىلدىن بېرى مەن ئەزەلدىن ھازىرقىدەك  ئازابلىنىپ ياش تۆكۈپ باقمىغان ئىدىم ھەم مۇھەببەتكە باش ئەگمەيمەن ، مۇھەببەتنىڭ مېنى كونتۇرۇل قىلىۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن دەپ چوڭ سۆزلەپ يۈرەتتىم . ئەمما ، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ئالدىدا مەن  ئاجىز كەلدىم ، مۇھەببەتكە باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدۇم . بىلمەيمەن ، سىزنى قانداقلارچە بۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ سىز مېنىڭ ياشلىق دەۋرىمنى ، قەلىب ئىشىكىمنى چەككەن تۈنجى ئىنسان . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بېرى سىز بىلەن ئەمىليەتتە بىللە بولالمىساممۇ خىيالىم بىللە ، قەلبىم بىللە ئىدى . بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئىدى ، سىزنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولاتتىم . بىراق نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدىن بىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن . 7TPLVa=hO  
u|>U`[Zpj  
تەتىلمۇ كېلىپ مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . خىيالىم ، ئەس - يادىم سىزدىلا ئىدى . تۇيۇقسىزلا سىز بىلەن ئامراق ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم . بۇ خىيالىم بىلەن تەڭ پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ ، يۈرىكىم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتى . مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ، سىز بىلەن ئاشىق - مەشۇق بولۇپ ئۆتۈپ، سىزگە ئەقىدەمدىن گۈلدەستىلەر تىزىپ سۇنۇشۇمغا نېسىپ بولمىسىمۇ ، يەنىلا  سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز بار يوقلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلدى . سىزنىڭ ھەر تەتىلدە مەھەللىمىزگە چوڭ دادا ، چوڭ ئانىڭىزنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى تەققەزالىق ھەم شۇنچە ئىنتىزارلىق بىلەن  كۈتتۇم . ئاخىرى سىزمۇ كەلدىڭىز ، كۆرشكەندە بولسا سىزدىن سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . ئۇچرىشىپ قالغانلىرىمىزدا بولسا بىز يەنە بۇرۇنقىدەك تارتىنىش ، قورۇنۇش ئىچىدە گەپ - سۆزسىز بېشىمىزنى يىنىك لىڭىشتىپلا سالاملىشىپ قويدۇق . شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن تۇرمايلا يەنە قايتىپ كەتتىڭىز . سىز كەتكەندىن كىيىن ، بۇ تەتىلنى مەن سىزنى سېغىنىش ، ئەسلەش ئىچىدە بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم . تەتىلدىن كىيىن مەن مەكتەپ ئالمىشىپ سىز بار شەھەرگە ئۇقۇشقا كەلدىم . گەرچە سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇش نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ يەنىلا بەك خوشال ئىدىم . چۈنكى ، ئىككى ئۆيدىكىلەر يېقىن ئۆتىدىغان بولغاچقا  ، مەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارمىسام دادىڭىزنىڭ خاپا بولۇپ مېنى ئىزدەپ مەكتەپكە بېرىشى ئېنىق ئىدى . شۇڭا مەن دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيىڭىزگە باراتتىم ، سىزنى كۆرەلىگىنىم ئۈچۈن شۇنچىلىك خوشال ئىدىم . نېمە ئۈچۈنكىن ، سىز  مەن بارغان چاغلاردا سىرتقا چىقىپ كېتىپ كەچ كېلەتتىڭىز ، ئۆيدە بولغان تەقدىردىمۇ مەن گەپ قىلمىسام ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتىڭىز . مەنمۇ  سىزگە گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىپ پەقەت سالام قىلىش ، تىچ - ئامانلىق سوراش بىلەن بولدى قىلاتتىم ، بىز ئۆيدە ئەنە شۇنداق گەپ - سۆزسىز تېلۋىزۇرغا قاراپ ئولتۇراتتۇق . گاھىدا كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى - دە ، ھەر ئىككىلىمىز دەرھال باشقا ياققا قارىۋالاتتۇق . سىز بىلەن شۇنداق جىمجىت ئولتۇرغان چاغلاردا يەنە سىزدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى سوراپ باققۇم كېلەتتى . نۇرغۇن ئىككىلىنشلەردىن كىيىن  سىزدىن سوراشقا تەمشىلەتتىم -يۇ ، يەنە ئېغىزىمدىن چىقىرالمايتتىم . تالاي - تالاي قېتىم شۇنداق نىيەتكە كەلگىنىمنى ، ھەم سىزگـە قارىغىنىمدا ، كۆزلىرىم كۆزلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە يەنە دېيەلمەستىن ئاستاغىنە يەرگە قارىۋالغىنىمنى ئۆزۈممۇ ساناپ بېرەلمەيمەن . شۇ چاغلاردا ،  سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز بار - يوقلىقىنى بىلەلمىگەنچە ئىچىم سىقىلاتتى ، بىئارام بولاتتىم . بۇ خىل تۇيغۇنى بەلكىم سىز مەڭگۈ ھېس قىلالماسسسىز ، ئەلۋەتتە . 8tRh V2  
I u~aTgHX%  
ئارىدىن نەچچە ئاي شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى ، سىزدىن پەقەت سورىيالمىدىم .   كىيىن مەنمۇ  كېسىلىم سەۋەبلىك ئۇقۇشتىن چىكىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم  . زېرىكىشلىك كۈنلىرىم باشلاندى ، ئۇقۇشتىن چىكىنىپ قايتىپ كەلگندىن بۇيان خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانىدىم .  بۇ تاللىشىمنىڭ ماڭا نەقەدەر  ئېغىر شۇنداقلا بەك تەس كەلگەنلىكىنى بەلكىم مەندىن باشقا ھېچ كىم ھېس قىلالمىسا كېرەك . شۇ كۈنلەردىكى بىردىنبىر خوشاللىقىم سىزنى ئويلاش ، ئەسلەش ئىدى ، ئولتۇرسام - قوپسام خىيالىم سىزدىلا ئىدى . سىز بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتىم ، سىردىشاتتىم ھەتتا سىزگە قېيداپ تىللاپمۇ باقاتتىم ......... كىيىن مەكتەپتە يازغان كۈندۈلۈك خاتىرەمنى داۋاملاشتۇرۇپ يازدىم . بۇ خاتىرىنى سىز ئۈچۈن پەقەت سىز ئۈچۈنلا يېزىۋاتاتتىم . قايتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ نەچچە ئايغىچە بۇ خاتىرىنى قولۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغانىدىم .  بۇ خاتىرە مېنىڭ شۇ كۈنلەردىكى بىردىنبىر مۇڭدىشىم ، سىردىشىم ئىدى . سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى ، ئىنتىزارلىقىمنى ، تەلپۈنۈشۈمنى ، ئەقىدەمنى....... ئىشقىلىپ سىزگە دېمەكچى بولغان بارىلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى يازاتتىم . شۇ يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلى ئىدى .  بىر كۈنى شۇ خاتىرەمگە سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى يېزىپ ئولتۇراتتىم ، توساتتىنلا سىز نەۋرە ئاكىڭىز بىلەن كىرىپ كەلدىڭىز . يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى ، قولۇمدىكى قەلەممۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى . m\Fb ,  
_ قاچان كەلدىڭىز ؟ _ ئارانلا شۇنى سورىيالىدىم سىزدىن . `(Q_ 65y  
_ ئەتىگەن كەلگەن _ دېدىڭىز سىزمۇ ئوڭايسىزلانغاندەك . 4f[M$xU&h  
پارىڭىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى . ئادەتتىمۇ بىز سالاملاشقاندىن باشقا ئارتۇق پاراڭلاشمايتتۇق . شۇندىن كىيىن سىزنى ئىككى ، ئۈچ قېتىم كۆرگەنمۇ بولدۇم ، كىيىن يوقاپلا كەتتىڭىز . ئاڭلىسام ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىپسىز . نەۋرە سىڭلىڭىزدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم ، ئۆيگە كىرىپ بىر ھازاغىچە يىغلاپتىمەن . مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا يىغلاڭغۇ بولۇپ قېلىۋاتاتتىم ، كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈنمۇ يىغلاپ سالاتتىم .  كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ، خاتىرەمگە سىز توغۇرلۇق يازغانسىرى ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقىنىمنى ، سىزگە بولغان ئىنتىزارلىقىمنىڭ شۇنچىلىك كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم . سىزگە بولغان سېغىنىشىم كۈچەيگەنسىرى سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىممۇ تەڭ كۈچەيگىلى تۇردى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز چوڭ دادىڭىز ئالەمدىن ئۆتتى ، سىزنىڭ دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىپ ئۆلۈم ئىشى خېلى كۈنلەرگىچە تۇرۇپ قالدى . ئاپىڭىزدىن سىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ ، كاللامغا سىزگە تېلفۇن قىلىپ سوراپ بېقىش ئويى كېلىپ قالدى.  سىلەرنى مەكتەپتىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن كۈنى ، مەن ئۇزاق ئىككىلەنگەندىن كىيىن بەك تەستە سىلەرنىڭ ئۆينىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستىم : k&_u\D"^"%  
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! +JAfHQm-  
تېلفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپلا تۇنۇدۇم . نېمىشقىكىن تىتىرەپ كېتۋاتاتتىم ،  ھاياجاندىن ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى . خۇددى يۈرىكىم ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك . `MYKXBM  
_ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ! _ شۇنچىلىك تەستە جاۋاپ قايتۇردۇم سىزگە _ ياسىنجانمۇ سىز ؟ _ دەپ سورىدۇم سىزدىن يەنە . ah"MzU)  
_ ھەئە ، مەن شۇ _ دەپلا سىزمۇ جىمىپ قالدىڭىز . I;.! hV>E  
_ مېنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟ مەن شەرمىناز _ دېدىم يەنە . y7IbE   
- ھەئە ، تۇنۇدۇم  _ دەپ يەنە جىمىپ قالدىڭىز . (VXx G/E3  
ئەسلىدە ، سىز دەسلەپتىلا ئاۋازىمدىن مېنى تۇنۇغان ئىكەنسىز . ھەر ئىككىلىمىز جىمىپ قالدۇق . بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن مەن يەنە ئېغىز ئاچتىم : L!b0y7yR  
_ كەچۇرۇڭ ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم . سىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىدى ، سورىسام بولامدۇ ؟ _ دېدىم پەس ئاۋازدا . "K$Wh1<7  
_ نېمە گەپ ئىدى ؟ سوراۋىرىڭ _ دېدىڭىز بىر ئاز جىمىپ قېلىپ . IU'!?XVo  
ئەمدى سىزگە قانداق ئېغىز ئېچىشنى ، سىزدىن ئۇ گەپنى قانداق سوراشنى بىلمەي  تەمتىرەپ قالدىم . ئۆزەمنى سەل بېسىۋالغاندىن كىيىن ئاخىرى سىزدىن ئۇدۇللا سورىدۇم : XG\a-dq[  
_مېنى ياخشى كۆرەمسىز ياسىنجان ؟ _ بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالدىم ھەم بۇ  سىزدىن سورىيالىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم . 6=g]Y!o$  
سىز ماڭا باشقا گەپ قىلماي بىرىنى باشقا ئۆيگە چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدىڭىز ، شۇ چاغدىلا يېنىڭىزدا دوستىڭىز بارلىقىنى بىلدىم . گەرچە دوستىڭىزنى تۇنىمىساممۇ ، ئارلىقىمىز شۇنچە يىراق بولسىمۇ ئۆزۈمچە دوستىڭىزدىن خىجىل بولۇپ يۈزلىرىم ئوت بولۇپ ياندى . بىر ئازدىن كىيىن سىز ماڭا : L3=YlX`UL  
_ سىزگە نېمە دېسەم بولار ئەمدى ؟ _ دېگەنىدىڭىز يۈرىكىم << قارتتىدە >> قىلىپ قالدى . gC_s\WU  
يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدىم . شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ : 5)>ZO)F&  
_ مېنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى ئاڭلىغۇم بار _ دېدىم سىزگە . ZaUcP6[h  
_ ماقۇل ئەمىسە ، لېكىن  ھەرگىز خاپا بولماڭ . مەن سىزنى ھازىر ياخشى كۆرمەيمەن _ دېدىڭىز ماڭا پەس ئاۋازدا . K,C $J I  
ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتىۋالساممۇ كۆزۈمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى ، قولۇمدا ئىتتىكلا ئېغىزىمنى ئېتىۋالدىم . چۈنكى سىزگە يىغلىغىنىمنى پەقەت بىلدۈرگۈم يوق ئىدى . {7![3`%7  
_ بۇ گېپىڭىز راستما ؟ _ دېدىم مەن يەنە ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ . n" 
_ كەچۈرۈڭ ، سىزنى بۇرۇن ياخشى كۆرەتتىم ، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس _ دېدىڭىز يەنە ماڭا . WP% {{zR$  
تۇرۇپلا سىزگە ئۆچلۈكۈم كەلدى ، شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم  . بۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئادەم ئەمدى نېمىشقا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز ؟ سىزچە ، بىراۋغا كۆڭۈل بېرىش ھەم كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتىش شۇنچە ئاسانمىكەن ؟ RqN_vk\  
_ سىزگە نەپرەتلىنىمەن ، ياسىنجان _ دېيەلىدىم ئارانلا سىزگە . ++Ys9Y)*,  
توۋا دېگۈم كېلىدۇ ، بۇ گەپنىڭ قانداق بولۇپ ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئۆزۈممۇ بەك ھەيران قالدىم . سىزگە نېمىشقا نەپرەتلىنىمەن ؟  سىزدىن نەپرەتلەنگىدەك مەن نېمىڭىز ئىدىم ؟ بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسا مېنىڭ سىزدىن نەپرەتلەنگۈدەك نېمە سالاھىيىتىم بار ئىدى شۇنچە ؟! /VmCN]2AZ  
_ كەچۈرۈڭ شەرمىناز . ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولساممۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم _ دېدىڭىز بىر خىل ئوڭايسىزلىق بىلەن يەنە . X4P}aC  
گەپ قىلماستىن تېلفۇننى قويىۋەتتىم . ئەمدى گەپ قىلغۇدەك ماجالىممۇ يوق ئىدى ، ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قالدىم . شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ، قەلەم بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ، يىغلىماسلىققا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ، يەنىلا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم . سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىڭىزغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى.  بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ؟ كىچىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئەجىبا ئەمدى چوڭ بولۇپ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن چاغدا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالامدۇ ؟ ئەجىبا ، شۇ چاغلاردىكى مېنى ئەگىپ يۈرۈشلىرىڭىزنى ، يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراشلىرىڭىزنى ، يەنە قايسىدۇر بىر چاغلاردا << تەتىلنى تىزرراق كەلسىكەن دەپ كېتىمەن ، چۈنكى تەتىل بولسا بۇ يەرگە كېلىپ سىزنى كۆرەلەيمەن >> دېگىنىڭىز ، ئاشۇ كۆزلىرىڭىز................... ئەجىبا ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسى يالغانمىدى ؟ نېمىشقا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز ؟ نېمە سەۋەپ....... ؟ ماڭا ھەر قارىغىنىڭىزدا مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ كۆزلىرىڭىز ، مۇھەببەت يولىدا سىز ئۈچۈن پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقۇشقا رازى ، سىزدىن باشقىنى مۇھەببەت بېغىمغا يېقىن يولاتمىغان  شۇ يۈرىكىم ، سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىزار شۇ كۆزلىرىم...... ئەجىبا ، شۇ تۇيغۇلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان بولغۇيمىتى ؟! ئاسىي كۆزلىرىم مېنى ئالدىغان بولغۇيمىتى !؟ .ئەجىبا ، قەلبمدە ئۈنگەن تۈنجى مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلمايلا قۇرۇپ كېتىشى كېرەكمىدى ؟!  مېنىڭ سىز بىلەن يۈرۈپ قېلىش قېلىش نىيىتىم يوق ئىدى ، پەقەت قەلبىڭىزدە ماڭا ئازراق  بولسىمۇ مۇھەببەت بولسىلا مەن شۇنىڭغا رازى ئىدىمغۇ ؟ سىزنىڭ  ئۆزىڭىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ، قەدىرلەيدىغان شۇنداقلا سىزمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئاشىقىڭىزنى تېپىپ بەخىتلىك ئۆتىشىڭىزنى ئۇلۇغ اللادىن تىلەپ ئۆتەتتىمغۇ ؟  نېمىشقا بۇنى سىزگە ئېنىق دېمەگندىمەن ؟! ئىشەنمەيمەن ، مېنى ياخشى كۆرمەيمەن دېگىنىڭىز يالغان ! مېنى ئالداۋاتىسىز ..... خىياللىرىم قالايمىقان ئىدى ، لېكىن ئەمدى ئىشەنمەيمۇ مەندە نېمە ئامال ؟! يۈرىكىم پارە- پارە بولۇپ كەتتى . B=Zukg1G  
شۇ كۈندىن كىيىن يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم . سىزنىڭ ماڭا دېگەن شۇ گەپلىرىڭىزنى يادىمغا كەلسىلا مېنى يىغا تۇتاتتى ، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش تۆكۈلەتتى . سىزنى ئويلىماسلىققا ، خىيالىمدىن يىراق قىلىشقا تىرىشاتتىم . قېرىشقاندەك  سىزنى ئويلىماسلىققا تىرىشقانسىرى خىيالىمدا ، چۈشلىرىمدە سىز ئىدىڭىز . سىزگە نۇرغۇن - نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈم كېلەتتى ، بىراق دېيەلمەيتتىم ، پەقەت سىز ئۈچۈن تۇتقان خاتىرىگە يازاتتىم . شۇ چاغلاردا مېنىڭ بىردىنبىر سىردىشىم ، مۇڭدىشىم ، غەمخانىم  شۇ خاتىرەم  ئىدى . خاتىرەمگە ئەمدى سىزنى ئويلىمايمەن ، ئۇنتۇپ كېتىمەن دەپ تالاي قېتىم ۋەدىلەرنى يازدىم . ئەمما ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم . سىزگە ئۆچ بولدۇم دەپ يازدىم ئەمما يەنە ئۆچ بولالمىدىم . سىزگە نەپرەتلىنىمەن دەپ يازدىم لېكىن يەنە ئۇنداق قىلالمىدىم . ئەسلىدە شۇنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، مېنىڭ سىزگە بولغان بۇ ئۆچلۈكۈمنىڭ ، نەپرىتىمنىڭ ئىچىگە يەنە سىزگە بولغان سۆيگۈم يۇشۇرۇنغان ئىكەن . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان قەلبىمگە نەپرەتلەندىم ، بىراق بۇ نەپرەت بىلەنمۇ سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئامالسىز قالدىم . چۈنكى كۆڭۈل دېگەن زەرگەر ياسايدىغان بېزەك ، كۆيۈپ ئۆچىدىغان تېزەك ئەمەسكەن ........... Fyh?4!/.  
An8%7xa7  
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئۆيدىكىلەردىن سىزنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەم خۇش بولدۇم ھەم ئازابلاندىم . ئازابلىنىشىمنىڭ سەۋەبى سىز ئەمدى مېنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيسىز ، كۆڭلىڭىزدىن كىچىككىنە ئورۇنمۇ بەرمەيسىز . بۇنىسى ماڭا ناھايتتى ئېنىق ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنە ئۇلۇغ اللادىن سىزنىڭ ياخشى ئۇقۇشىڭىزنى ، خوشال ياشىشىڭىزنى تىلىدىم . كۈنلىرىم يەنە سىزنى سېغىنىش بىلەن ئۆتەتتى . گاھىدا،  سىزنى << نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ ؟ تاماق يىگەنمىدۇ ؟ >> دېگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتىم . سىز ئۇقۇشقا بارغان تۇنجى يىلى قىشلىق تەتىلدە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەلدىڭىز . ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە ھاياجاندىن تىتىرەپ كەتتىم ، نېمىشقىكىن كۆزۈمگە ياش كەلدى . سىز بىلەن كۆپ  ئۇچرىشىپ قالدۇق ، سىزدىن يۈز- تۇرانە تۇرۇپ نېمىشقا ئەمدى مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىنىڭىزنى ، قەلبىڭىزدىكى ماڭا بولغان مۇھەببەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە تىز غايىب بولغىنىنى سوراپ باققۇم كەلدى ، بىراق يەنە جۇرئەت قىلالمىدىم . ئالدىڭىزدا يىغلاپ تاشلىشىمدىن ، بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمدىن  قورقتۇم . تۇيۇقسىز كاللامغا يەنە بىر ئەقىل كەلدى . ئاكام دۇكان ئاچقاندىن بېرى مەنمۇ كومپىيۇتىر ئىشلىتىشنى ، تورغا چىقىشنى خېلى ئۆگىنىۋالغانىدىم ، كوت - كوتۇممۇ بار ئىدى . سىزنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۇنى ئىشلىتىدىغىنىڭىزنى بىلگەچكە سىزنىڭ كوت - كوت نۇمۇرىڭىزنى سورىۋالماقچى بولدۇم ھەم بەك تەستە سورىۋالدىم . ئەسلىدە مەن سىز بىلەن توردا پاراڭلاشقان چاغلاردا سىزگە كۆڭۈل سۆزلىرىمنى دەۋالارمەن ، ماڭا پەقەت سىزنىڭ بىر ئېغىز گىپىڭىز بولسىلا كۇپايە ئىكەنلىكىنى ، ھەرگىزمۇ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش نىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى دەۋالارمەن دەپ ئويلىغانىدىم . بىراق سىز ماڭا ئۇنداق پۇرسەتنى بەرمىدىڭىز  ، ئەكسىچە كۆڭلۈمگە قايتا - قايتا ئازار بەردىڭىز . سىزنىڭ كوت - كوتىڭىزنى قوشۇۋېلىپ ئۇزۇن بولماي سىز بىلەن توردا كۆرۈشۈپ قالدىم . بۇ دەل ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى كۈنى ئىدى . سىزگە يەنە مەن باشتا خەت يازدىم : WK_y1(v>  
_ ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! -  بەك ھاياجانلىنىۋاتاتتىم . _r 
سىز بىلەن بۈگۈنكىدەك كۈندە بىللە بولۇشنى مەن كېچە - كۈندۇز ئارزۇ قىلغان ، شىرىن خىياللارنى سۇرگەن ئەمەسمىدىم !  گەرچە ھازىر يېنىمدا بولمىسىڭىزمۇ ، سىز بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىممۇ مەن ئۈچۈن ئالامچە خوشاللىق ئىش ئەلۋەتتە . C$'D]fX  
_ سىزنىڭمۇ شۇ . MKVfy:g%So  
_ ئەجەپ تورخانىغا كىرىۋاپسىزغۇ ؟ بايرام ئۆتكۈزمىدىڭىزمۇ ؟ ياكى سىز بىللە بايرام ئۆتكۈزىدىغان قىز يىراقتا بولسا كۆرۈشكىلى كىردىڭىزمۇ ؟ - بۇ گەپنى دپ بولۇپ يۈرىكىم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتى ، بۇ يىغلاڭغۇ كۆزۈمگە يەنە ياش كەلدى . 6  
_ نېمىلەرنى دەيدىغانسىز شەرمىناز ؟ ئۇنداق ئەمەس . مەن يالغۇز تۇرسام كىم ئۆتكۈزەتتىم بۇ بايرامنى ؟ سىزچۇ ،  بايرام ئۆتكۈزمىدىڭىزمۇ ؟ 2<6`TA*m  
مەندىن مۇشۇنداق سورىغىنىڭىزدا سىزگە << سىز يېنىمدا بولمىسىڭىز كىم بىلەن ئۆتكۈزىمەن ؟ >> دېگۈم كەلدى-يۇ ، لېكىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم . m<FWv2)^  
_ مەنمۇ يالغۇز تۇرسام ... ]e@0T {!  
پارىڭىمىز شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى . ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغۇلغان كۈنىڭىز كەلدى . شۇ كۈنى ئاتايىن سىزنى دەپلا تورغا چىقتىم . ئەپسۇس ، شۇنچە ئۇزۇن ساقلىساممۇ تورغا چىقمىدىڭىز . تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلەپ خەت قالدۇرۇپ قويدۇم . كىيىنكى قېتىم تورغا چىققاندا سىز مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىلىدىغانلىقىمدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىڭىزنى دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپسىز . ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويغىنىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم . لېكىن قانداق بىلگىنىمنى سىزگە دەپ بەرمىدىم . ئەسلىدە مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خېلى بۇرۇنلا  بىر دوستۇمدىن بىلگەنىدىم ھەم ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىڭىز كەلگەندە گەرچە سىز ئاڭلىمىسىڭىزمۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى غايىبانە تەبرىكلەپ قوياتتىم .  ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىز يەنە توردا كۆرۈشۈپ قالدۇق . سىزگە دوستلارچە سالام قىلدىم : !sfX q"F  
_ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ _ دەپ سورىشىمغىلا سىز ماڭا : ,TKs/-_?  
_ بولدى قىلىڭە ، مەن سىزنىڭ ئۇنچىلىك قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيمەن _ دېدىڭىز ناھايتتى قوپاللىق بىلەن . JGk3 b=K  
سىزدىن بىر چىرايلىق ئەھۋال سورىسام  ، سىزنىڭ تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا بەرگەن بۇ قوپال جاۋابىڭىز خۇددى بېشىمغا بىرى توقماق بىلەن ئۇرغاندەك بىلىنىپ بېشىم قېيىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتىم . ( K6~Tj  
_ ئەرزىمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم _ دېدىم مەنمۇ ئاچچىقىم بىلەن . s FQ4O- SM  
شۇنداق دېدىم - يۇ ، يەنە بۇ يىغلاڭغۇ كۆزلىرىمنى باشقۇرالماي قالدىم . نېمىشقا ماڭا بۇنداق قوپاللىق قىلىسىز ؟ بۇ قوپاللىقىڭىز كۆڭلۈمگە بەك كەلدى . سىزدىن رەنجىدىم ، بۇندىن كىيىن سىزگە ھەرگىزمۇ گەپ قىلماسلىق نىيىتىگىمۇ كەلدىم . خۇددى جاھاندا سىزدىن باشقا يىگىتلەر يوقتەك سىزگە نېمىشقا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىمەن يەنە ؟  كاللام زىدىيەتلىك خىياللارغا تولدى ، ھېسياتىم بىلەن ئەقلىم ھامان ئالمىشىپ تۇرىۋاتاتتى . كىيىن يەنە ھېسياتىم ئەقلىم ئۈستىدىن غالىب كېلىپ كوت - كوتىڭىزغا سىزدىن تىنىچ - ئامانلىق سوراپ خەت قالدۇرۇپ تۇردۇم ، لېكىن ھەرقېتىم جاۋاپسىز قالدىم . توۋا دېگۈم كېلىدۇ ، بىر ئېغىز بولسىمۇ << مەن ياخشى >> دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويۇشتىقىمۇ رايىڭىز بارمىغان بولغىيمىتى ؟ ھېچ بولمىسا مەن بىلەن سالاملىشىپ قويۇشقىمۇ رايىڭىز يوق بولغىيمىتى ؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن شۇنچە ئەرزىمەس ئادەم بولغۇيمىتىم ؟! ئالدىڭىزدا خەسسىچىلىك قەدرىممۇ يوق بولغۇيمىتى ؟! Q )LXL.0h  
ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ بىز يەنە توردا كۆرۈشۈپ قالدۇق . بۇ قېتىم سىز ماڭا ناھايتتى ئېنىق قىلىپ : ?Y? gzD  
_ سىزنى بۇرۇن ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمدى بىلسەم ئۇ پەقەت كىچىكلىكتىكى قىزىقىش ئىكەن . شۇڭا مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ _ دېدىڭىز . ?Do^stq'4  
ئەمدى نېمە دېيىشىمنى ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ، كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى . پەقەت تەسلىكتە سىزگە : JQKC ;p  
_ ئۇنداقتا ، بىز دوستمۇ ؟ - دەپ سورىدۇم . W>5vRwx00  
ئەمىليەتتە بۇ سۇئالىم ئارتۇقچە ئىدى . بۇنداق سورىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلەتتىم . چۈنكى بۇ سۇئالىمنىڭ جاۋابى ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىدى . h`wMi}q'D  
_ ئەلۋەتتە ، بىز ياخشى دوستلاردىن بولالايمىز ، _ دېدىڭىز مەن ئويلىغاندەكلا . w(76H^e  
بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىڭىز ، بىز كىچىكىمىزدىن دوست ئىدۇق ، بۇ دوستلۇق مېھرى كىيىن قەلبىمگە مۇھەببەت ئوتىنى ياققانىدى . g$*/ XSr(  
_ بۇنىڭغىمۇ مەيلى _ دېدىم مەن ئېغىر << ئۇھ >> تارتىۋېتىپ _ گەرچە بۇ دوستلۇققا سەدىقە ئورنىدا تىلەپ ئېرىشكەن بولساممۇ ، لېكىن مەن يەنىلا خوشال . چۈنكى ھېچ بولمىسا سىز ماڭا بۇ سەدىقىنى بەردىڭىز . up\oWR:  
سىز گەپ قىلماي جىمىپ قالدىڭىز مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، ھەم گەپ قىلىشىمنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى . كىيىن بىز دوستمۇ بولالمىدۇق ،خۇددى بىر - بىرىمىزگە كۆڭلىمىز چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن ياق سىزنىڭ گىپىڭىز بويىچە ئېيتقاندا قىزىقىش پەيدا بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ياخشى دوست بولالمىغىنىمىزغا ئوخشاش سىز مېنى يەنە دوست ئورنىدىمۇ كۆرمىدىڭىز ، بەلكىم مەن سىزگە نىسبەتەن يات ئادەملەردىنمۇ بەكرەك يات بىلىنسەم كېرەك .......... ! dU9sB2  
G'ij?^?  
)E'Fke  
شۇ كۈندىن كېيىن سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم . سىزنى ئەسلىمەسلىككە ، سىزنى پۈتۈن ھاياتىمدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشتىم . چۇنكى ،  ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ناھايتتى ئېنىق ھېس قىلىۋاتاتتىم  . سىز بىلەن توردا ئۇچرىشىپ قالساممۇ  گەپ قىلمايدىغان ، يۈرىكىم سىزگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ سىزنى كۆرمەسكە سالىدىغان ، كوت - كوتىڭىزغا قارىمايدىغان بولدۇم . سىزنى ئۇنتۇش ئۈچۈن سردىشىم ، مۇڭدىشىم ، ئەڭ يېقىن دوستۇم ھېسابلىنىدىغان ، سىزگە بولغان  چىن ئەقىدەم ، ئوتتەك سېغىنىشىم ، پاك مۇھەببىتىم پۈتۈلگەن ، تۈنجى مۇھەببىتىمنىڭ ، سىز ئۈچۈن تۆككەن كۆز ياشلىرىمنىڭ ، سىز ئۈچۈن چەككەن ھەسرەت - پىغانىمنىڭ ، ئازابلىرىمنىڭ  گۇۋاھچىسى بولغان  شۇ ئەتىۋارلىق خاتىرەمنى بىر باشتىن ئۇقۇدۇم ، ئۇقۇپ بولغۇچە كۆز ياشلىرىم يۈزلىرىمنى ، خاتىرە بەتلىرىنى يۇيۇپ چىقتى . كاشكى ، شۇ كۆز ياشلىرىم يۈرىكىمدىكى ، قەلبىمدىكى شۇ ھەسرەت - ئازابلىرىمنى ، ئەلەملىرىمنىمۇ يۇيۇپ چىقىرۋەتكەن بولسىچۇ ؟! ئۇقۇپ بولۇپ بۇ ئەتىۋارلىق خاتىرەمنى نالە - پەرياد قىلغىنىغا قارىماستىن ، يۈركىمنى تاش قىلىپ تۇرۇپ ،  يىرتىپ - يىرتىپ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتتىم . ئوت ئىچىدە تۈتۈن بولۇپ كۆيىۋاتقان ، مەن كۈلسەم كۈلۈپ ، ئازاب ئىچىدە يىغلىسام مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكۈپ ماڭا ھەمرا بولغان خاتىرەمگە قاراپ ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، يۈرىكىمنى خۇددى بىرى خەنجەر بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى .  سىزگە بولغان مۇھەببىتمنىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈلگە ئايلىنىپ كەتسىكەن ، قايتا يانمىسىكەن دەپ تىلىدىم . ئويلىماپتىمەن ، ئۇنتۇش دېمەك ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمىليەتتە ئۇنتۇپ كەتمەك شۇنچىلىك تەسكەن . خاتىرە يازمايدىغان بولغان دەسلەپكى كۈنلىرىمدە ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ، سىزنى راستنلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم . ئەپسۇس ،  سىزنى ئۇنتۇغاندەك بولغانلىرىمدا ، سىزنى سېغىنمايدىغان بولغانلىرىمدا سىز يەنە تەتىل قىلىپ كېلىپ تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدىڭىز . بۇرۇن  ھەرقېتىم تەتىل قىلىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بۇ يەرگە ئۇرۇق - تۇققانلارنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزدە ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەي كەتمەيتىتىڭىز . ئاتا - ئانىڭىزغا ،  شۇنداقلا سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن  چاي تۇتاتتىم ، تاماق قىلاتتىم . بەزىدە سىزگە چاي دەملەپ ، تاماق ئېتىپ بېرەلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ قوياتتىم .  يەنە بەزىدە  قەلبىڭىزدە ماڭا قىلچىلىكمۇ مۇھەببەتنىڭ يوقلىقى يادىمغا يېتىپ ئازابلىناتتىم ، ئىچ - ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى . سىز بولسىڭىز ماڭا پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا باش لىڭىشتىپ سالام قىلىپ قوياتتىڭىز ، بەلكىم ماڭا قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن خىجىل بولسىڭىز كېرەك يۈزلىرىڭىزدىن ئوڭايسىزلىنىش ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى . سىز يەنە  مېنىڭ يۈرەك يارامنى قوزغاپ قويۇپ ، مېنى يەنە ئازابتا قويۇپ كېتىپ قالاتتىڭىز . بۇ قېتىم   مەن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولدۇم ، سىز بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلدىم . بەلكىم سىزنى كۆرمىسەم ئۇنتۇپ كېتىشىمگە ياردىمى بولۇپ قالار دېگەندىمەن  . سىز بىلەن كۆرۈشمىگەنچە سىزنى ئۇنتۇغاندەك ، بۇرۇنقىدەك كۆپ سېغىنمايدىغان بولدۇم . كۆڭلۈم شۇنچىلىك خاتىرجەم بولۇپ قالدى ، ئۆزۈمنى ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە تۇيۇقسىزلا ئۇچرىشىپ قالدۇق . بۇ تاساددپىي ئۇچرىشىشتىن سىزمۇ ، مەنمۇ ھەيران قالدۇق . ئەسلىدە سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانىدىم ، بىراق يەنىلا سالاملىشىپ قالدۇق . شۇ چاغدا كۆزۈم ئىختىيارسىزلا سول قولىڭىزنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىڭىزگە چۈشۈپ قالدى ، ئىتتىكلا سىزگە قارىدىم . ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ كەتتى . بەلكىم ئۇ ئۈزۈك چوقۇم بىر جۈپ ، يەنە بىرسى قايسى تەلەيلىك قىزنىڭ قولىدىكىن ؟ ئىچىمنى بىر ئازاب قىينايتتى ، يۈرىكىم پۇچىلنىپ ياش تۆكەتتى . ئىىتىيارسىز يادىمغا ھېلىقى ئايدىڭ كېچە كەلدى .  سىز ماڭا 8 يىلنىڭ ئالدىدىكى شۇ ئايدىڭ ئاخشامدا سوۋغا قىلغان ھېلىقى بىلەيزۈكنى مەن ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم . ئۆيگە كېلىپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتىم ، ئاستاغىنە لېۋىمگە تەگكۈزدۈم . ئاشۇ كۈن ،ئاشۇ كېچە پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ  مېنىڭچە ، سىز چۇقۇم ئۇنتۇپ كەتتىڭىز ......... [8>z#*B  
2 \^G['9  
شۇ كۈندىن كىيىن يەنە خىيالىمغا كىرىۋالدىڭىز ، ھەتتا چۈشلىرىمدىمۇ سىز ئىدىڭىز . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم ، شۇنچە قىلساممۇ نېمىشقىكىن  سىزنى يەنە ئويلاپ قالاتتىم . تاڭ بىلمىدىم ، تۈنجى مۇھەببەت مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ . ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ ، سىزنى قانداقلارچە مۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ باشقىلارنى كۆرسەم مەندە ھېچقانداق تەسىرات قوزغىيالمايدۇ . سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېسەم ، بەلكىم باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ ، مۇھەببەتلىشىپ ئالغان تەجرىبە دەپ ئويلاپ قالماڭ . ياخشى كۆرۈش بىلەن ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭمۇ ئۇسۇلى باردۇ ، ئەپسۇسكى مەن بەك دۆت ئوخشايمەن بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن . سىزنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشتىم . بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا ، مۇھەببەت سەپىرىمدە يەنە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  قەدىرسىز بولۇپ ياشاشنى  خالىمىدىم . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش شۇنداقلا بۇ ۋىسالسىز مۇھەببەتتىن ، بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەرنى خاتىرەمدىن يۇيىۋېتىشكە ، تەتىللەردە كەلگىنىڭىزدە گەرچە يۈرىكىم سىزگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ ، ئاسىي كۆزلىرىم سىزنى كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ  سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈشكە ، تاساددىپي ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولساق سىزگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ يۇرۇشكە ھەتتا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن . بۇنداق قىلىشنىڭ ماڭا قانچىلىك تەس كەلگەنلىكىنى سىز بىلمەيسىز ، ئەلۋەتتە . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن ، قانچىلىك تەس ، قانچىلىك ئازابلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ، ھاياتىمدىن چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشىمەن .  بۇ ئازابلاردىن تىزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن اللادىن مەدەت ، سەۋىر  تىلەيمەن . شۇنداقلا سىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭىزنىمۇ  ئۇلۇغ اللادىن تىلەيمەن ! سىز بولسىڭىزمۇ خۇشال ياشاڭ . ھەقىچان سىزنىڭ ماڭا بەخىت تىلىگىڭىزمۇ يوقتۇ ؟ بوپتۇ مەيلى ، سىزدىن رەنجىمەيمەن . چۈنكى سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيەلىگىنىم ، شۇنچە يىل ئەقىدە قىلالىغىنىم ھەم شۇنداقلا سىزگە چىن يۈرىكىمدىن  بەخىت تىلىيەلىگىنىم ئۈچۈن مەنمۇ ھەم بەخىتلىكمەن ! %'Zc2h&z  
"j{i,&Y$_  
خەيىر  ئازابلىق مۇھەببەت ، خەيىر ۋىسال تاپمىغان  تۇنجى سۆيگۈم ، خەيىر ماڭا شۇنچە يىل كىشەن سېلىۋالغان  دەرد - ئازابلار......... ئەمدى سىلەرنى مەڭگۈگە ئۇزىتاي ! سىزگە بولغان سۆيگۈمنى ، ئەقىدەمنى  يۈرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇپ ، سىزنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتەي ........ بۇ ئازابلاردىنمۇ قۇتۇلاي ، مەنمۇ ئەمدى كۈلۈپ ياشاپ باقاي ....... !   A_!QrM  
;Vg^!]LL#  
= 96G8hlT  
........................................................................ ,4[dLWU  
t/}L36@+  
مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى . خىيال بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتىم . فېۋرال ئېيىنىڭ ئاچچىق سوغۇقى بەدىنىمگە ئۇرۇلۇپ تېنىمنى مۇزلىتىۋەتتى . ئۆيگە كىرىپ  كاللامنى تازا بىر سىلكىۋېتىپ ، تەكبىر بىلەن جاينامازغا چىقتىم . نامىزىمدا ئاللاھتىن كۆڭلۈمگە ئەمدى يەنە بۇ ۋىسالسىز ھەم ئازابلىق مۇھەببەتنىڭ ئوتىنى  قايتا سالماسلىقىنى ، مېنى يەنە بۇ قەدىرسىز مۇھەببەتكە باش ئېگىپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا خار قىلماسلىقنى ، ئۇنى تۇرمۇشۇمدىن ، ھاياتىمدىن يىراق قىلىشىنى ،  ماڭا بۇ ئىشلارغا چىدىغۇدەك سەۋىر ھەم چىدام  بېرىشىنى شۇنداقلا يەنە  ئۇنىڭ سالامەت بولىشنى ، كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىشىنى ، كۈنلىرىنىڭ خۇشال ئۆتىشىنى ، ئۇنىڭ كىينكى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .   {fZb@7?GF  
nqT>qS[Z  
بەزىدە توۋا دېگۈم كېلىپ قالىدۇ . قانداق ئىشكىنتاڭ ، مېنىڭ نۇرغۇن چۈشلىرىم ئوڭغا ئۆرۈلۈپ قالىدۇ . بولۇپمۇ ئۇنى كۆرگەن چۈشۈم تېخىمۇ شۇنداق . مانا بۇ قېتىممۇ ئۇنى چۈشۈمدە كۆرىۋىدىم ، ئۇ يەنە پەيدا بولدى . مەن نەچچە ئاي بۇرۇن تېلفۇن تور كەسپىنى ئاچتۇرغانىدىم ، شۇڭا ھازىر كوت - كوتۇمنى كۈندە دېگۈدەك تېلفۇنۇمدا ئېچىپ قوياتتىم . شۇ كۈنى چۈش بولاي دېگەن چاغ ئىدى ، ئۆيدىكىلەر بىلەن  بىر مېھماندارچىلىققا كېتىپ باراتتۇق . يولدا كېتىۋېتىپ نېمىشقىكىن  ئۆزۈمچىلا كوت - كوتۇمغا قاراپ باققۇم كېلىپ قالدى . تېلفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ، كوت - كوتۇمغا ئۇچۇر كەپتۇ . بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۇچۇرنى ئاچتىم . ئاچتىم - يۇ ، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . چۈنكى ئۇچۇر قىلغان ئۇ ئىدى . << توۋا ، ئەجەپ ئىش - ھە ؟! >> دېدىم ئىچىمدە ئاللاھنىڭ بۇ كارامىتىگە ھەيران بولۇپ . مەن ئۇنى ئۆتكەن يىلى قىشتا ئاكامنىڭ تويى بولغاندا غىل - پال ئىككى قېتىم كۆرگەنچە بىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ باقمىغىنىمىزغا  ھەم كوت - كوتتىمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغىنىمىزغا ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى . شۇڭا ئۇنىڭ كوت - كوتۇمغا ئۇچۇر قىلغىنىدىن سەل ھەيران بولۇپ ئۇچۇرىنى ئۇقۇدۇم : v? L  
_ ياخشىمۇسىز ، چىرايلىق قىز ؟ _ دەپ يازغانىدى ئۇ  خەنزۇچە . v:E;^$6Vn  
ئۇنىڭ مېنى << چىرايلىق قىز >> دەپ ئاتىغىنىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم  . ئۇنىڭغا مەنمۇ جاۋاپ قايتۇردۇم . بىز شۇ تەرىقىدە بىردەم پاراڭلاشتۇق ، ئۇ گەپ ئارلىقىدا مېنىڭ توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمنى سەل ئەگىتىپراق سورىدى . نېمىشقىكىن ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا سەل كۈلكىلىك بىلىنىۋاتاتتى . -"=)z / S  
_  ھا....ھا...ھا.... ، مېنى توي قىلدىڭىزمۇ دەپ سورىماقچىغۇ سىز ؟ ياق تېخى توي قىلمىدىم . توي قىلسام سىزنى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن دوستۇم . چۇقۇم كېلىڭ ھە ؟ _ دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش . o\Uu?.-<  
Gav"C{G  
بىر كۈنى ئۆيدىكىلەردىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن بىللە مەھەللىمىزگە كەلگىنىنى ، ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تاماققا چاقىرماقچى بولغىنىمىزنى ئاڭلىدىم .  بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ مەندە بۇرۇنقىدەك ھاياجانلىنىش ، خۇشال بولۇش  دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . قايسى كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كوت - كوتتا پاراڭلاشقاندىمۇ مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تۇيغۇ بولمىغانىدى ، ئۇنى پەقەت ئادەتتىكى بىر دوست دەپ بىلگەنىدىم . بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ،  ھېچ بولمىسا بىرەر قېتىم يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى بۇرۇنقىدەك ئارزۇلاپمۇ كەتمىدىم . بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەلگىنى پەرۋايىممغا كېلىپ قويمىدى . نەۋرە ئاچامنىڭ تويى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىدەكمۇ ۋاقىت چىقمىدى . كىيىن ئاڭلىسام ، ئۇ ئاغرىپ قېلىپ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلا ئۆيىدىكىلەردىن بۇرۇن قايتىپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ كەتكىنىنى ئاڭلاپمۇ بۇرۇنقىدەك كۆرۈشەلمەي قاپتىمەن دەپ قايغۇرۇپ ، ئازابلىنىپمۇ كەتمىدىم ، گويا مەن ئۇنى بۇرۇن تۇنۇمايدىغاندەك ، ئۇنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھېسياتقا كېلىپ كېلىۋاتاتتىم .  قارىغاندا ، ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايمەن . ھېچ بولمىغاندا ، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم ، مېھرىم قالماپتۇ . ئاللاھقا شۇكرى ، ئەمدى ئەقلىمنى تاپقان ئوخشايمەن . we3tx{j  
7h%4]  
تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ بىلەن يەنە كوت - كوتتا پاراڭلىشىپ قالدىم . بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ مېنى يەنە << چىرايلىق قىز >> دەپ ئاتىغىنىنى ئاڭلاپ ، مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم ، ھەم << چىرايلىق قىز >> دېگەن بۇ گەپنى پەقەت ياقتۇرمىدىم . 4S|=/f  
_ مېنى ئۇنداق << چىرايلىق قىز >> دەپ چاقىرماڭە . ھەجەپ غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن قۇلۇقۇمغا ، _ دېدىم ئۇنىڭغا نارازىلىقىمنى ئىپادىلەپ . K/txD20 O|  
ئۇ ماقۇل بولۇپ مېنى << دوستۇم >> دەپ ئاتىماقچى بولدى . دېمىسىمۇ ، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردىن تۇرساق ، گەرچە ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن دوستى  قاتارىدا كۆرمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا  مېنى دوستۇم دەپ ئاتىشى كېرەكتە . شۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا ئۇ مېنى ھەم مەن ئۇنى ئىزدەيدىغان باشقا ياخشىراق سەۋەپمۇ يوق ئىدى ، ئەلۋەتتە . بەلكىم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ، چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن << دوستۇم >> دېگەن سۆزنى ئاڭلاشتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك . ئەمما ، ھازىر ماڭا ئۇنىڭ ئېغىزدىن بۇ گەپنى ئاڭلاش پەقەت ئېغىر كەلمىدى ھەم قىلچىمۇ ئازابلانمىدىم . بىز يەنە بىر ئاز پاراڭلاشتۇق . تۇرۇپلا ئۇنى گەپكە سېلىپ باققۇم كېلىپ قالدى : r`j Wp\z  
_ مۇشۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشمەيلا كېتىپسىز . توۋا ، قانداق چىدىغانسىز - ھە ، مېنى كۆرمەي كېتىشكە ؟  _ دېدىم ئۇنىڭغا ، كۈلكەمنى توختىتالماستىن . B:< ]Hl$  
بۇرۇن ئۇنىڭغا  بۇنداق گەپلەرنى دېگۈم بولسىمۇ نېمىشقىكىن ئېغىزىمدىن  چىقىرالمايتتىم  ، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ گەپنى مەن ئادەتتىكى چاقچاق ئورنىدا قىلىۋاتاتتىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداق ھېسياتتا بولغىنىنى بىلمىدىم . ئەمما ، ئۇ چۇقۇم مېنى ھازىرمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ . p~&BChBl!=  
_ ئۆيىڭىزگە ئىككى قېتىم كىردۇق ، لېكىن ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن . شۇڭا ئامالسىز قايتىپ كەلدىم ، _ دېدى ئۇ ماڭا . p j0fM{E  
_ ئەتە ماڭا ئۇچۇر قىلامسىز ؟ _ دېدىم ئۇنىڭغا تومتاقلا . "X04mQn15  
ئۇ مەندىن سەۋەبىنى سوراپمۇ قويماستىن ماقۇل بولدى . قارىغاندا ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ رەت قىلمىغان بولسا كېرەك . %y&]'A  
_ ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، _ دېدىم ئۇنىڭغا يەنە  چۈشەندۇرۇپ . lwT9~Hyp  
ئۇ ھەيران قالدى ھەم ئەتە چۇقۇم ماڭا ئۇچۇر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدە بەردى . ئەمىليەتتە ، ئۇنىڭ ماڭا ئۇچۇر قىلدىغانلىقىغا تازا ئىشەنمەيتتىم ، پەقەت ئۇنى قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن دەپلا دەپ باققانىدىم . ئۇنىڭ ماقۇل بولغىنىنى يەنە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىغىنى ، سەت تۇرمىسۇن دېگىنى  دەپ چۈشەندىم . ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ مىيىقىدا كۇلۇپلا قويدۇم .  مەن ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپتىمەن ، ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈم ئۆزگىرىپتۇ .  بۇرۇن ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ، تۇغۇلغان كۈنۈمدە ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇچۇر قىلىپ قويىشىنى مەن قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم - ھە ؟؟؟ مۇشۇ كۈنگە ھەم شۇنچىلىك ئىنتىزار بولغان ئەمەسمىدىم ؟! لېكىن ، بۈگۈن مەندە ئۇ خوشاللىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ، خۇددى ناتۇنۇش بىرسى ئۇچۇر قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇبارەكلىگەندەكلا .  ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپمۇ كەتمىدىم . توۋا ، مەن ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلۈم قالماپتۇ ، ئۇنى ھاياتىمدىن ، تۇرمۇشۇمدىن  چىقىرىۋېتەلەپتىمەن . چىن كۆڭلىدىن ئىشقىنى بېرىپ كۆيگەن ئادىمىنى ئۇنتۇپ كېتىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن ، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنمەي بولمايدىكەن ، << كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق >> دېگەن گەپنىڭمۇ ئاساسى بار ئىكەن . بەزىدە ئېرىشەلمىگەن نەرسىدىن چىداپ تۇرۇپ ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەن ، ۋاز كەچكەندىلا كىيىنكى دەرد - ئازابلارمۇ ئاز بولىدىكەن . بۇ ھەقىقەتلەرنى مەن تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلغاچقا نەچچە يىلدىن بېرى  ئەسلىدە ئۆز- ئۆزەمنى قىيناپ ، ئازابلاپ يۇرگەنكەنمەن . كېچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىمنى تاپتىم ، ئەمدى ھېسياتىم بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقلىم  ئىش قىلىدىغان بوپتىمەن .  ھازىر ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ئىنتىزارلىق ، سېغىنىش ھېسياتىم پەقەتلا يوق ئىدى . ھەتتا ئۇنى بۇرۇنقىدەك << تورغا چىققانمىدىمۇ ؟ >> دەپ كوت - كوتىغىمۇ قاراپ باقمايدىغان ، تورغا چىقىپ كوت - كوتىنى ئاچقان تەقدىرىمۇ كارىم بولمايدىغان ، پەرۋا قىلمايدىغان  بولدۇم . خۇددى ئۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەستەك خىيالىمدىن ، تۇرمۇشۇمدىن غايىب بولدى . مېنى بۇ قەدىرسىز مۇھەببەتتىن ، ئازابلىق كۈنلەردىن يىراق قىلغان ، ماڭا ئەقىل بەرگەن شۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا تەشەككۇر ! er2cQS7R  
 z [C3  
<< تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئوتى ھەم تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان دەرد - ئازابلارنىڭ ئۇنتۇلمىقى تەس >> دېگەندەك ، ئۇنىڭغا راستىنلا بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم ، مېھرىم قالمىغىنى بىلەن قەلبىمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بالىلىق چاغلاردىن باشلاپ تاكى ئۇ تۇرمۇشۇمدىن غايىب بولغانغا قەدەر ۋاقىتلاردىكى ھەم گۈزەل ، ھەم ئازابلىق ئەسلىمىلەرنىڭ ئىزناسى بارئىكەن . بەلكىم ، بۇمۇ خۇددى ئوت ئۆچكەن بىلەن كۈلى ، يارا ساقايغان بىلەن تارتۇقى قالغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولسا كېرەك !؟ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، يىللار ئۆتكەنسىرى بۇ ئوتنىڭ كۈلىمۇ توزۈپ كېتىدۇ ، يارىدىن قالغان تارتۇقمۇ سۇسلىشىپ كۆزگە چېلىقمايدىغان بولىدۇ . ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، يىللار ئۆتكەنسىرى قەلبىمدىكى بۇ ئاچچىق - چۈچۈك ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ ، خېتىمۇ سۇسلىشىپ كېتىدۇ . مەن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر ، پىنھان قاتلاملىرىغا يۇشۇرغانغا ئوخشاش ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئەسلىمىلىرىمنىمۇ قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان يېرىگە يۇشۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان مۇھەببەت داستانىمنىمۇ ھەم قەلبىمنىڭ قاراڭغۇ يېرىگە كۆمىۋىتەي ! ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئازابلىنىپ ، ياش تۆكۈپ يۈرمەيمەن . ئۇنىڭ قەلبىدىن ماڭا ئازراق بولسىمۇ ئۇرۇن بېرىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلمايمەن . پەقەت ، ئۇنىڭ مەيلى نەدىلا بولمىسۇن ، نېمىلا ئىش قىلمىسۇن تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ، خۇشال بولىشىنى ، ئامەتلىك بولىشىنى ، بەختىلىك بولىشىنى ئۇلۇغ اللاھدىن تىلەيمەن !
  
m} 3gZu]  
KL [ek  
FY'ty@|_s  
  __________________ شەرمى^^ناز ___________________
/6K Il  
k`\R+WK$  
4-R^/A0  
6/Fzco#N  
T6#CK  
X^@ I].  
=IU*}>#  
LD>\#q8a*  
dRi5hC$  
::5E8919  
ORN6vX(1  
N587(wZ  
j*v40mXl`2  
- r7]S  
+rXF{@ l  
b5G}3)'w  
cO2& VC  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-13, 20:11
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
كىشىلەردىن ھايا يوقالسا ، ئورنىغا بالا كېلىدۇ.........
xukur0996
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   667 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11219 (سوم)
 ياخشى باھا:   323 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   405  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3110
 سائەت
دەرىجىسى:
3110 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-13

[color=#ff0000]شەرمىنازنىڭ بىرىنجى ھەم ئىككىنجى ئىنكاستىن مەيۈسلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. +("7ZK?  
ئىملا خاتالىقىغا ئازراقمۇ يول قويماپسىز . بۇ ئادىتىڭىزنى ياقتۇردۇم . رەھمەت . eh1Q7 ~  
ئۈستىدىكى تورداشقا ئىككىلىك سۆزۈم : مۇھەببەت  تېتىقسىز بولمايدۇ ، ئادەم تېتىقسىز بولىدۇ .

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

رەھمەت سىزگە . توغرا دېدىڭىز ، مەن ئۇنداق مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان قۇسۇرچىلارنىڭ گېپى بىلەن ھەرگىزمۇ مەيۈسلىنىپ قالمايمەن .


دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....
runiyam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55640

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   153 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1573 (سوم)
 ياخشى باھا:   210 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   99  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1072
 سائەت
دەرىجىسى:
1072 سائەت 118 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-09
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

ئوقۇپ بولالمىدىم ساقلىۋالاي ،  ئىنكاس يېزىشنمۇ ئۇنتىمايمەن ئەلۋەتتە... K'#E3={tt  
  ھى ھى ...
salkin302
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37896

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   175 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2376 (سوم)
 ياخشى باھا:   373 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2606
 سائەت
دەرىجىسى:
2606 سائەت 144 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-17
ئاخــىرقىسى:2011-12-12
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.غەيرەتلىك بولۇڭ
جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.
eppar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60205

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   144 (سوم)
 ياخشى باھا:   17 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 312
 سائەت
دەرىجىسى:
312 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-12
ئاخــىرقىسى:2011-12-04
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14
1قەۋەتتىكى(baturjan321) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

شۇنداق ياخشى بىر تىما بۇپتۇغۇ، ئەگەر سىزگە يارىمىغان بۇلسا سىزمۇ بىرەر تىما يۇللاپ بىقىڭە،ئاندىن باشقىلارنىڭ تىمىسىنى باھالاڭ
ئاللا```` بۇكۇنلارمۇ ئۇتۇپ كىتەر.[a]
زىرىكەر مۇھەسرىتىم بىر كۇن
باشقىلارغا مەن دىن كۇچەرمۇ
يىراقلارد اقالغان شاتلىقىم...a
شۇچاغ مىنى  قوغلاپ يىتەرمۇ
sumaya0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6509

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   878 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10368 (سوم)
 ياخشى باھا:   946 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5916
 سائەت
دەرىجىسى:
5916 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-12-12
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

تىمىڭىزنى ياخشى يىزىپسىز....... ھارمىغايسىز.......... يىڭى يىڭى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن......... 0i k7v<:  
شۇنداقلا بەزى تورداشلارنىڭ سوغاققانراق بولۇشىنى ..،،، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن....... بىر ئەسەرنى يىزىپ پۇتتۇرۇپ مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن .... خىلى كۆپ ۋاقىت ۋە خىلى كۆپ ئەجىر كىتىدۇ....... سىزگە ياقمىسا ، ئۇنىڭغا ، ئۇنىڭغا ياخمىسا يەنە باشقىلارغا يىقىشى مۇمكىن ........... رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا سوغۇق سۇ سەپسەك قاملاشماس.........................
شاتئاي
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.118

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   3274 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22792 (سوم)
 ياخشى باھا:   1779 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1817  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1259
 سائەت
دەرىجىسى:
1259 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

‹مەن يالغۇز قالدىم، يالغۇز قالسام نىمە بوپتۇ. ئادەممۇ يالغۇز تۇغۇلۇپ يالغۇز كېتىدىغۇ. ھىم . مەنمۇ شۇ ئازاپلارنى يىڭىمەن. قەلبىمدىكى ئوت ، ئازاپ ئوتى ئالدىدا كۈچلۈك كىلىدۇ. قېنى قاراپ باقايلى . يالغۇز يىغلىغان يۈرەك يەنە ياشىيالامدىكىن. ›_ دەيتى شاتئاي بوشقىنە پىچچىرلاپ. R6kD=JY/!  
vyK7I%T'R  
شەرمىناز ئاغىنە، ماۋۇ ناخشىنىڭ ئورنىغا ئادەمنى لەشتەش بوشاشتۇردىغان بىرەر مۇزىكا قاتساڭلارچۇ ؟ ناخشا بولمىغان بولسا ئۆزۈم بىر قوللۇق قېتىپ قوياتتىم ئېسىل كۈيدىن بىرنى

كىـــشىلىك ھـــايـــاتتىـــكى ئــەڭ گـــۈزەل بــۇرۇچ ۋە ئىنـــســان تۇرمـــۇشـــىدىـــكى ئــەڭ گــــۈزەل بەخـــىت،تىـــگى-تەكتـــىدىن ئـــىلىپ ئېيـــىتقاندا ،ئۈگۈنۈش!!!
___________ بالزاك
aynuri--15061
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49711

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   668 (سوم)
 ياخشى باھا:   103 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3902
 سائەت
دەرىجىسى:
3902 سائەت 148 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-15

بەك غەيرەتلىك ئىكەنسىز ،ئەسەرنىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىپسىز!
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېـتىدۇ.过一天算一天
kizturuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40748

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1036 (سوم)
 ياخشى باھا:   174 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1035
 سائەت
دەرىجىسى:
1035 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-14
ئاخــىرقىسى:2011-12-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-15

ياخشى يېزىپسىز
nadanlik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56580

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   275 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1381 (سوم)
 ياخشى باھا:   276 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1810
 سائەت
دەرىجىسى:
1810 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-15
ئاخــىرقىسى:2011-12-17
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-15

توغرا دەيسىز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممە ئۇنتۇلىدۇ. 1e(E:_t  
بەك غەيرەتلىككەنسىز، بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ كۆزۈمدىن تۇيۇقسىزلا ياش سىرىلىپ چۈشتى
ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭى چىقىش يولى .
冻心
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57395

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   712 (سوم)
 ياخشى باھا:   139 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   49  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1050
 سائەت
دەرىجىسى:
1050 سائەت 140 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-12-14
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-19

ھىسىياتىڭىزنىڭ شۇنداق نازۇك يەرلرىنىمۇ ئېنىق ئىپادىليەلەپسز ، قەلمىڭىز ھارمىغاي !
كۆڭۈل - بىر پارچە نىپىز ئەينەككە ئوخشايدۇ ، ئاۋايلا! ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمە! دەز كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ !
1314009
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61831

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4 (سوم)
 ياخشى باھا:   1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-24

ھەقىقەتەنمۇ ياخشىى يىزىلىپتۇ.داۋاملىق تىرشىڭ.
مىسرانىم تورىغا ئەزا بولغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن .كۆپچىلكنىڭ ئۆزئارا ياردەملششىنى ئۈمۈد قىلمەن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى