مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1155 
  •    ئىنكاس 
       4 

ئاياللىرىمىز ۋە مائارىپىمىزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى

قەۋەت ئاتلاش
0998cn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30005

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2291 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   251  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 119
 سائەت
دەرىجىسى:
119 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-27

خەلقىم ئەمدى ئىچ ئاغرىتىدىغان سۆز-ئىبارىلەرگە مۇھتاج بولمىسا دەيمەن،بۇنىڭىدىن كېيىنكى ھاياتمىدا مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىد قىلىدىغىنىم شۇ. Y;[#~3CA  
-ئسرائىلينىڭ سابىق زۇڭلىسى مېير خانىم ھەممىزگە تونۇشلۇق،تۆۋەتتىكى رېئاللىقنى ئاساس قىلىغان ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ۋە تۈرلۈك جانلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسدە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىمۇ كۆرنەرلىك ياخشىنىشلار مەيدانغا كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ.بۇنىڭ دەلىلى سۈپتىدە،بىر قىسىم دەۋىر ھالقىغان ئىختىساسلىق خانىم-قىزلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا ھەسىسىلەپ تۆھپە يارىتىپ،ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدى.بۇلار بىز پەخىرىمىز ۋە ئۈمىدىمىز،ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-پائالىيتى كېينكىلەر ئۈچۈن جانلىق مائارىپ(ئوقۇتۇش ماتىرىيالى)سۈپتىدە ئۆز سېھرى كۈچىنى داۋاملىق كۆرسەتكۈسى،لېكىن ubvXpK:.  
ئومۇمىي جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال ساپا نوقتىسىدىن ئېيتىقاندا،رايۇنىمىز ئاياللىرىنىڭ ساپاسى ئېلىمىزنىڭ ئىچكىر ئۆلكە،رايۇن ۋە ئېچىۋېتىلىگەن دېڭىز بويى رايۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن.ئەلۋەتتە،بۇ ھەقتە پارتىيە،ھۆكۈمەت(مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە تۈرلۈك ئورگان،جەمئىيەتلەر)كۆڭۈل بۆلۈپ،بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن رېئاللىقتىكى ئۆزگىرىشلەر تەلەپتىن خېلىلا يىراقتا.نۆۋەتتە مەملىكەتنىڭ نوقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولغان غەربىي رايۇنننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش باشلاندى،بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۈپ نېگىزى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ،ئورتاق گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت،ئۆزىمىزدە مەسلە كۆرۈلگەنكەن،ئالدى بىلەن ئۆزىمىز كۆڭۈل بولۇشىمىز،تەدبىر بەلگىلەپ ئۆزگەرتىش يولىدا ئۆزىمىز كۈچ چىقىرشىمىز كېرەك،ئۇنداقتا بىزنىڭ نامراتلىقىمىز قەيەردە؟نامراتلىقىتىن قانداق قۇتۇلۇپ،دەسلەپكى قەدەمدىكى ھاللىق سەۋىينى قولغا كەلتۈرىمىز؟ 'HdOW[3o  
نامراتلىق يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتكى نامراتلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ،ئۇ يەنە ماددىي نامراتلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەنىۋى نامرارلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ،رايۇنىمىز خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ زور كۆپ ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.رايۇنىمىز خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ زور كۆپ قىسىمى دېھقان،دېمەك ئۇلار سانائەت ۋە تېخنىكىدا نامرات،يېتەرلىك تۇرمۇش ۋاستىلىرىغا ئىگە ئەمەس،ئۇ جايلاردا مەدەنىيەت،ئۇچۇر ئالمىشىش سۈرئىتى ئاجىز،كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا تەدىبقلىنىپ ماددىي بايلىققا ئايلىنىشى تۆۋەنرەك،يەنى بۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە بار بايلىقلارنى (شەكلسىز بولسۇن،شەكىللىك بولسۇن) تەقسىملەش،ئورۇنلاشتۇرۇش يولى بىلەن ئىھتىياجلىقكىرىنى، ئۆزىگە نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ياكى سېتۋېلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس،يەنى،ئىقسىادىي ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس،قانۇن ئارقلىق ئۆزىنى قوغداش دېگەندەك بىلىپ كەتمەيدۇ، ئادەمنىڭ ياشاش ھوقۇقى،نام-ئەمەل ھوقۇقى،مىراسخورلۇق ھوقۇقى،ئوقۇش،بىلىم ئېلىش ھوقۇقى،بىخەتەرلىك ھوقۇقى،شان-شەرەپ ھوقۇقى ھەمدە گۈزەللىكلەرنى يارىتىش،باھالاش،بەھرىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئاز-تولا بولسىمۇ ئۆز مەزمۇنى بىلەن چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ،نەتىجىدە مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتا بىر قىسىم نوقسانلار كۆرۈلىدۇ.بۇ ئاياللىمىزنىڭ تاۋار ئېڭى،ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭى تېخى تەلتۆكۈش يېشىلىپ بولالمىدى،يەنى،بايلىقىنى،ئەمگەكنى،تېخخنىكا-ھۈنەرلىرىنى ھازىرقى دەۋردىكى بازارنىڭ تەلپى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى دېگەندەك تونۇپ يېتەلمىدى،ئىجادىي ئەمگەكنى كېڭەيتىشنى،قوغداشنى،تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ پۇلغا ئايلاندۇرۇپ خۇجايىن بولۇشنى،ئۇنى مەبلەغ قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ،جەمئىيەتنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان كارخانچى بولۇشنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلىش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.....قىسقىسى،قىز-ئاياللىرىمىز گەرچە ھالال ئەمگىكى بىلەن ئۆزىگە تۇرۇشلۇق قىممەت يارىتىپ،ئۆز تۇرشىنى قامداپ،ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەپ،جەمئىيەتتە مەلۇم مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن تېخى تېگىشلىك ئۈنۈم كۆرۈلگىنى يوق،ئۇنداقتا،بىز قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلمىز؟قانداق قىلىپ ئەمگەككە يارىشا ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە گۈللىنىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىمىز؟ 4`mF 6%UC  
خانىم-قىزلارنىڭ تەرەققىياتتا بىر كىشىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلىدۇرالىشى تېخىمۇ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن مائارىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە،ئىزچىل ئكزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلىشى،تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرىپ تەربىيىلىنەلىشى،ئۇلاردا ھەقىقىي تۈردىكى ئىدىيە ئازادلىقنى بارلىققا كەلتۈرەلىشى كېرەك،شۇنداقلا بۇنىڭغا خانىم-قىزلىرىمىزمۇ ئاكىتىپ تۈردە ماسلىشىش،مائارىپنىڭ رولىنى ۋە ئەھمىيتىنى تولۇق بىلىشى،مائارىپنىڭ  رولىنى ۋە ئەھمىيتىنى تولۇق بىلىشى،ئۇنىڭ بىلەن قۇراللىنىپ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تىكلەشنى،ھاياتنىڭ خوۋلۇقىنى تېتىشنى ئۆگىنۋېلىشى لازىم.ئەلۋەتتە.مائارىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چەكسىز بولىدۇ.خانىم-قىزلىرىمىز ئۆز ئاجىزلىقىنى بىلگەندىن كىيىن شۇ ھەقتە ئويلىنىشى،ئۆگىنىشى،كىتاب كۆرۈشى،ئۆز ئارا پىكىرلىشىشى لازىم،ئۆز ئارا ئۆگىنىش تەرەققىي قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى.بۇ يالغۇز دوقمۇش پارىڭى ياكى سورۇندىكى جانسىز تەشەببۇس خاراكتېرىنى ئېلىپ قالماي،بىر يېتەكچى ئىدىيگە، ئورتاق تونۇشقا،ئەقلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ،رېئاللىقتا ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى ئۆزگىىرشى پەيدا قىلالىشى كېرەك. v%6mH6V  
بىز نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشنى،مائارىپنى تەشەببۇس قىلمىز؟ئاخىرقى مەقسىتىمىز شۇكى،ھەىر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى ئىقتىدارنى،خاس تالانىتىنى ئېچىش،جارى قىلىدۇرۇش،تۇرمۇش يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى،توسالغۇلارنى توغرا ئۇسۇلدا يېڭىشنى  ئۆگىنىش ۋە ئۆزىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىش،كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز،ئ ۆز ئارا زوقلىنىشنى،خاراكتېر ۋە مىجەز جەھەتتە مۇكەممەللىككە يېتىشكە ئىنتىلىپ بېقىشنى ئۆگىنىمىز،ئادەمنىڭ يارىتىش كۈچ-قۇدرىتىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئاشكارىلاشنى ئۆگىنىشىمىز،قىسىقىسى،بۈگۈنكى زامان ئاياللىرى بىلەن بىر قاتاردا ھەم شەرقنىڭ مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلالايدىغان،ھەم غەرب مەدەنىيتىدىنمۇ ئىجادىي بەھرىلىنەلەيدىغان بۈگۈننىڭ ئادىمى بولۇش ئۈچۈن ئۆگىمىز،مائارىپنىڭ ئەمەلىيتى بۇنى بىزگە ھېس قىلىدۇرىدۇ. iig ({b  
مائارىپنىڭ ۋەزىپسى ئېغىر.مائارىپ تۈرلۈك سورۇنلارغا سىڭىپ كىرىپ ئادەم تەربىيلىشى،قىز،ئاياللاردا مەلۇم نىشان ئاستىدا كۈرەش قىلىش،جاپا چېكىش ئىرادىسىنى تورغۇزالىشى كېرەك.ئەگەر ئاياللاردا ئۆگىنىش ۋە ئەمگەك قارىشىنىمۇ تۈرغۇزالمىسا مەلۇم مەنىدىن ئېيتىقاندا،بۇنداق مائارىپ مەغلۇپ بولغان بولىدۇ.ئادەملەر ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا ئەدەبىيات-سەنئەتكنىڭ،پەلسەپەنىڭ،قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ۋە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندى تەسىرىگە ئۇچراپ،تەسىرلىنىپ تۇرىدۇ،تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى چىڭ تۇتقان ۋاقىتتا،ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ۋە قىسقا مەزگىلىلىك كۆڭۈل ئېچىش قىممىتىنى ئويلىشىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئادەم تەربىيلەش كۈچى،مائارىپ رولىنى  ئۆتەش ئالاھىدىلكىنى مۇھىم ئورۇنغا كېرەك.پەلسەپنى تۇتقا قىلىغان ھالدا ئىقتىسادىي ئاڭنى سىڭدۈرۈشنى،ئىجادىي ئەخلاق ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خاس ئوبرازىنى قانداق يوللار بىلەن يارىتىشنى ئۆگىتىپ قويالىشى كېرەك.بولمىسا نوقۇل سىيۇژىت ۋە تەسەۋۇر بىلەنلا ھەرگىزمۇ ئاساسىي مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ،بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس،ئەلۋەتتە. _x ;fTW0  
مائارىپ يالغۇز مەكتەپتىلا  بولمايدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشمۇ مائارىپ،كىتاب ئوقۇشمۇ،پىكىرلىشىشمۇ،كۆرگەزمە كۆرۈشمۇ،شەھەر چۆگىلەشمۇ....ھەممىسى مائارىپ.ئۆگىتەلەيدىغان نەرسىلەر نۇرغۇن.ئاياللىرىمىز مېھرىبان لېكىن بۇ مېھرىبانلىققا ئاقىلانىلىك ۋە چۈشىنىش قوشۇلۇشى كېرەك،ئاياللىرىمىز تىرشچان ۋە جاپاكەش.،ئەمما،بۇنىىڭغا توغرا نىشان ۋە ئىلغار قىممەت قارشى قوشۇلۇشى كېرەك،ئاياللىرىمىز ئېغىر-بېسىق ۋە چىرايلىق،ئەمما بۇ يېڭى ئىدىيە ئېلىپ كېلەلىشى، ئۇنىڭغا مائارىپ قوشۇلۇشى كېرەك،ئۇلاردىكى ئاق كۆڭۈللۈككە،قەيسەرلىككە،ئەپۇچانلىققا....ئەقىل قوشۇلۇشى،بۈگۈننى  ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىقتىدار قوشۇلۇشى كېرەك،ئۇالردا يەنە ئادەم تەربىيلەش كۈچى،ئېنىق گۈزەللىك قارىشى بولۇشى،قۇلاققا سالسا جىرىڭلاپ تۇرىدىغان ھالقىغا لەززىتىدىن بىلىمسىزلىكنىڭ ئاھانىتى ئېغىر بولىدۇ،دەيدىغان غورۇر،ئىززەت قارشى بولۇشى كېرەك،مائارىپ بۈگۈنگە قەدەر تالايلاپ ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ كەلدى.مائارىپ تەسىرىدە تالايلاپ ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ كەلدى.مائارىپ تەسىرىدە تالايلاپ مۇنەۋۋەر ئاياللار بارلىققا كەلدى.بىز شۇ ئاياللار قاتارىدا تۇرمۇش ئۈچۈ تىرىشىمىز كېرەك.ئۇنداقتا،بۈگۈنكى زاماندىك ئىدىيسى ئازاد ئاياللار قانداق بولىدۇ؟مېنىڭچە ئۇلار تۆت جەھەتتىن خاراكتېرلىنىدۇ؛(1)ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇش،مەيلى سىزنڭى ئايلىق كىرىمىڭىز100يۈەن بولغان ھالەتتىمۇ سىزدە مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇشى كېرەك،بۇ سىزنىڭ نۇرمال ھايات كەچۈرۈشىڭىزنىڭ كاپالىتى ھەم ئەقەللىي كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىشتكى ئىشەنچىلىك ئاساس(2)بەلگىلىك مەدەنىيەت ساپاسى ئاستىدا ساغلاپ پىسخىكا بىلەن مەلۇم نىشاننى چۆرىدەپ،ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ئاساستا قارار بەلگىلەۋاتقان بولۇشىڭىز كېرەك.(3)مەلۇم ئىجتىمائى ئورنىڭىز بولۇشى كېرەك،مەيلى سىز قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانماڭ،جەمئىيەتتە ھامان مەلۇم بىر سالاھىيەت ۋە ئىجتىمائىي توپقا تەۋ نوپۇز ئىلكىدە ياشايسىز،شۇ نوقتىا تۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشڭىز،شۇ نوقىتىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىڭىز،شۇ يول بىلەن بىر كىشىلىك قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئىسپاتلاۋاتقان بولۇشىڭىز كېرەك.(4)فىزىئولوگىيە،جىنسىي ساۋاتلاردىن بەلگلىك دەرىجىدە تەربىيلەنگەن بولۇشىڭىز لازىم،سىز بۇ دۇنياغا ئادەم سۈپتىدە كەلگەن ئىكەنسىز،تۈرلۈك مۇناسىۋەت ئېھتىياجلار ئارسىدا ياشايمىز،شۇڭا،سىز ئۆزىڭىزنى،ئادەملەرنى چۈشىنىشىڭىز،شۇ قاتاردا ئىنسانلار جەمئىيتىنى توغرا تونۇپ ئاقىلانە تاللاش ئېلىپ بارالىشىڭىز كېرەك. A_vf3 *q  
قىز-ئاياللار ئىجتىمائىيلىقىنىڭ شۇنداقلا تەبئەتنىڭ مەلۇم بىر قىسىمى.جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكچى ۋە داۋاملاشتۇرماقچى بولىدىكەنمىز،چوقۇم ئاياللارنى تەربىيلىشىمىز لازىم.شۇ قاتاردا ئېيتىپ قويدىغىنىم؛ Hlg Q0qb  
قەدىرلىك قېرىنداشلار،قولۇڭلاردىكى گەزمالچىغا ياكى تاماكا ساتقۇچىغا ئۇزىتىۋاتقان پۇلۇڭلاردىن بىر مەتەم كېچىپ ھەدە-سىڭىل،ئاناڭلار ئۈچۈن گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولساڭلار،ئېھتىمال بۇ ئۇلارنى بىر ئۆمۈر يۆلىگىنىڭلار،ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭلەرگە ئەقلىي مەبلەغ سالغىنىڭلار بولۇپ قالار.ئۇلار شۇ تەدرىجىي باي خاراكتېرى بىلەن بىر ئۆمۈر خۇشال ياشىغۇسى،ئاخىرىدا گېپىمنى ئى.ئا گونچاروۋانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن؛(بىلمىسىز گۈزەللىك گۈزەللىك ئەمەس،پەمى يوق،ئەقىلسىز ساھىبجامالغا قارا؛يۈزىدىكى ھەر بىر بەلگە،ھىجىيىش،قاراش ۋە باشقا ئىپادىلىرىگە سەپسېلىپ قارايدىغان بولساڭ،ئۇنىڭ گۈزەللىكى بارا-بارا ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى بىمەنە ۋە تېتىقسىزلىققا ئايلىنىدۇ)مائارىپ،مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ،كۆزىمىزنى قىسىپ قويۇش دەيمىز،ئۈچ ۋاخلىق تاماقتىن سىرت يەنە مەدەنىيەت سورۇنلىرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى،ئىلھامىمىزنى قوزغىيالىشى،ھاياتنىڭ تۈرلۈك،كۆپ قاتلاملىق گۈزەللىكلىرىنى ھېس قىلىدۇرالىشى كېرەك،ھەممىمىز مائارىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە شەكسىز ئىشىنىمىز،ئىخلاسىمىز بار،بىز جان پىدارلىق بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرۈشنى خالايمىز،ئۇنداقتا مائارىپ بىزنى ئۆزىگە تارتىپ قاۋاق ۋە قالايمىقان مۇلازىمەت،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن تەزدۈرەلەرمۇ؟ ^.f`6 6/  
;:)?@IuSy  
مەنبە:يۇلتۇزۇڭ بولايمۇ،يىلتىزىڭمۇ gU^2;C  
4xE [S  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-10, 21:36
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاق ئەتىر گۈل
kokatirgol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44007

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   477 (سوم)
 ياخشى باھا:   111 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-10

ياخشى مۇلاھىزە ئىكەن .تەلىم -تەربىيە ھەقىقەتەن مۇھىم.
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   625 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8711 (سوم)
 ياخشى باھا:   441 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6018
 سائەت
دەرىجىسى:
6018 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

مىللىتىمىز باشقا نەرسىدە ئەمەس دەل تېخنىكىدا نامرات ،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن ئۆگىنىش روھى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك .بۇ ئىككى روھ بولمىسا ،تېخنىكىنى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان تەغدىردىمۇ ،ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋىلىش بەك تەسكە چۈشىدۇ .
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   887 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9018 (سوم)
 ياخشى باھا:   302 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5914
 سائەت
دەرىجىسى:
5914 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

بىر يەردە ئوقۇغان ئىسىمدە ،  ئەسلى كىتاپتا ئوقۇپ بوپتىكەنمەن .
 
uygurogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12460

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   36 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5601 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   407  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 149
 سائەت
دەرىجىسى:
149 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-12

تىلىگىنىڭىز كەلسۇن! ئۇيغۇر نامرات ئەمەس........
 
قەشقەر ئوغلى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى