ھېكايە: C#P7@ JE
x$.0:jP/s
قىينى ئانىسنى ئۇرغان كىلىن /}nq?Vf l f_q6y SyIi*dH كۈز ئايلىرنىڭ مەلۈم بىر كۈنى ئىدى...كىلىن بىلەن قېينى ئانا گەپ تاكاللىشىپ قالدى.شۇ جەرياندا كىلىن قىينى ئانىسنى قاتتىق سىلكىپ ئۇرۇپ سالدى.ۋە ئۇرغىنىغا پۇشايمان، قىلىشتا يوق يەنە تىللاپ ھاقارەتلەپ ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىگە كەتتى...بۇ ئازاپتىن ئانىنىڭ يۈركى پارە-پارە بۇپ كەتتى...مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغىنىمدا قاتتىق ئۆكۈندىم،ھەر بىر قىز بۇدۇنياغا تۇغۇلۇپ چوڭ بۇلۇپ ھامىنى ئانا-ھەم قېينى ئانا بۇلىدۇ.قىينى ئانىسنى ئۆز ئانىستەك كۆرۈپ ،ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن يولدىشىنى ئەمىن تاپقۇزىشى كىرەك ئىدى...ئەپسۇس بۇ كىلىن ئۇنداق قىلمىدى.شۇنداق يۇۋاش قىينى ئانىسنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ،ئىرى ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلدى.
]~4*ak=)5\ .cB>ab& ئالدىنقى يىلى كۈز ئايلىرنىڭ مەلۈم بىر كۈنى ،ئابلەت بىلەن ئىپارنىڭ تۇيى بولدى.بۇ توي ئابلەتنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە بولدى.ئۇرۇق تۇققانلار، ئابلەتنىڭ ئىپارنى ئىلشىغا قارشى چىققان بولسىمۇ! ئابلەتنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن بۇ تويغا قۇشۇلدى.كۆڭلىدىن خالاپ ئەمەس،ئابلەتنىڭ رايىغا بېقىپ قۇشۇلدى.
<%S[6*6U CmdPa!4) بۇ ئائىيلە ئابلەتنى دىنى ئالىم قىلىش ئۇيى بىلەن ،ئابلەت 5-ياشقا توشقاندىن كىيىنلا دىندا ئۇقۇتۇشنى باشلىغان.ئۆيدە چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئابلەتنىڭ رايىغا بېرىپ نىم دېسە شۇنى قىلاتتى...ئابلەتمۇ تىرىشچان بالا ئىدى.ئاتا-ئانىسنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە دىنىيدا شۇنداق ياخشى ئوقۇدى.ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ كۆز قارچۇقىدەك كۆرۈپ بارلىق مېھرىنى ئابلەتكە سىڭدۈردى.باشقا باللار ئاتا-ئانىسنىڭ ئابلەتكە ھەددىدىن زىيادە كۈينىشلىردىن ئاچچىقى كىلىپ،بەزى ئاتا-ئانىسغا بىز ئۆگەي باللىرىڭىزمۇ؟بىزگە ئۇنچە كۈيۈنمەيسىز دەپ تاپا تەنە قىلاتتى...بۇنداق چاغلاردا ئاتا-ئانا باللىرغا چۈشەندۈرۈپ،<<باللىرىم ئۇكاڭلارنىڭ ئوقۇشى ئېغىر ئۇنىڭ بىلەن بەس تالاشماڭلار!سىلەر بىزنىڭ ئوخشاش باللىرمىز>>دەيىتتى...ئابلەتمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.ئابلەتنىڭ ھاياتى ئۇقۇش بىلەنلا ئۆتەتتى.ئۆينىڭ ياكى تالانىڭ ھېچ قانداق ئىشلىرغا قاراشمايىتتى.ئابلەتنىڭ قىلغۇسى بولسىمۇ ئاتا-ئانىسى قىلغىلى قويمايىتتى.
m.c2y6<= ww)ow\ كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى...ئابلەتمۇ چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتتى...بۇ ئاردا ئابلەتنى جېنىدىن ئەزىز كۆردېغان مىھرىبان ،كۈيۈمچان تۈگرىكى دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى...مىھرىبان دادىنىڭ ئۆلۈمى بۇ ئائىيلىگە بولۇپمۇ ئابلەتكە بەك ئېغىر كەلدى.
M>u84|` RSIhZYA ئابلەت بىر مەزگىل ئاكىلىرنىڭ گىپگە كىرمەي چۈشكىنلىشىپ كەتتى...كىيىن مېھرىبان ئانىسنىڭ كۆز يېشى بىلەن،دادىسنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈتلىرنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.ئابلەت ئۆيدە بولمىغان مەزگىلدە مېھرىبان ئانا بەك ئەنسىرەيىتتى...ئابلەتنىڭ ئاكىلىرى بەك كۈيۈمچان باللار بولغاچ،ئىنىسى ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالىغۇدەك بولغان بولسىمۇ،خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن ھېچ نىمىسنى ئايمايىتتى...ئابلەت مانا مۇشۇنداق ئۇقۇش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەردە،ئىپار بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى.مۇشۇ كۈندىن باشلاپ ئابلەتنىڭ ئۇقۇشى پەقەت ئالغا ئىلگىرلىمەيۋاتاتتى...مېھرىبان ئانا <<ئوغلۇم قەيەرگە كەلدىڭىز >>دەپ سورىسا ،ئابلەت پەرۋا قىلماي <<كەلدىم بىريەرگە ھەممىنى سىزگە دەپ بۇلالايمەنمۇ >>دەيدېغان بولۋالدى.ئانا بۇ ئاچچىق سۆزلەرگە پىسەنىت قىلماي بالىسىنىڭ ئوقۇشى ئېغىر بولغاچقا ،نىرۋىسى چېچىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندى.
5E}!TL$ J/\^3rCB ئاردىن بىر يىل ئۆتۈپ ئابلەتنىڭ ئىپار بىلەن ،يۈرۋاتقىنى ئاكىلىرنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالدى.ئاكىلىرى ئابلەتكە چىرايلىق ئولتۇرۇپ،<<جېنىم ئۇكام دادامنىڭ سىنى ئوقۇشتا مەلۈم بىر دەرجىگە بارغۇزغۇسى باتتى.سەن دادام-ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىماي تۇرۇپ ،توي ئىشىڭنى ئويلاشمىغىن،يەنە كىلىپ ئۇ قىز بىلەن يۈرمىگىن ،>>دەپ تەربىيە قىلدى.لېكىن بۇ ئاكىسنىڭ تەربىيسى ئابلەتنىڭ ئۇ قۇلقىدىن كىرىپ بۇ قۇلقىدىن چىقتى...ئوقۇشقا بارمەن دەپ يولنى ئوقۇشقا سەپ قويۇپ ئۇ قىز بىلەن كۆرشۈپ يۈردى. ئاكىلىرى ئۇ قىز بىلەن ئابلەتنى ئايرىيالماي، ئابلەتنى يىراققا يولغا سېلۋېتىپ بىر نەچچە ئاي يىراقلاشتۇرۇپ ئۇنتۇلدۇرماقچى بولدى.
pXK-,7- U[NQ" ئاكىسى ئابلەتكە ئۆز تىجارىتىگە ياردەملىشىش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتى.ئابلەتمۇ قوشۇلدى.ئاكىسى ئابلەتنى ئېلىپ ئىچكىرگە كەتتى.ئابلەت ئىچكىردىمۇ ئاكىسنىڭ كۆزنى بۇياپ ئۇ قىز بىلەن ئالاقىلشىپ تۇردى.ئاكىسى بىر نەچچە قېتىم ئىنىسنى بۇ تۇغۇرلۇق قاتتىق ئۇردى.لېكىن يەنىلا كار قىلمىدى.ئاردىن 6 ئاي ئۆتتى.ئاكىسى ئامال قىلالماي ئىنىسنى يولغا سېلىپ قويدى.
#|F5Kh" u\u6<[>P ئابلەتنىڭ ئانىسنىڭ،ئاكىسنىڭ ، ئىپار بىلەن يۈرشىگە قۇشۇلماسلىقىدىكى ...تۈپ مەسىلە ئىپار بىر توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن قىز ئىدى.يولدىشىنىڭ ئۆيىدە ئاران 15كۈن تۇرغان بولسىمۇ بىر نىكاھلانغاندەك ھەقىقەت بار ئىدى.
vue=K ئابلەتنىڭ ئاكىسى ئابلەتكە !<<توي قىلمىغان يىگىت تۇرۇپ بىر توي قىلغان قىزنى ئالساڭ خۇلۇن -خۇشنا ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.>>دەپ قوشۇلمايىتتى...
"`
kSI&2 ئابلەت قايتىپ كەلدى.ئىپار بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ يۈردى.ۋە ئانىسغا <<ئىپار بىلەن توي قىلىپ بۇلۇپ ئان ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرمەن.بولمىسا ئوقۇش كاللامغا چۈشمەيدىكەن.توي ئىشىمغا قوشۇلغان بولسىڭىز ئانا >>دېدى.مېھرىبان ئانا باشقا باللىرنىڭ قارشى تۇرشىغا قارماي،بۇ ئەتىۋارلىق ئوغلىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەكچى بولۇپ قوشۇلدى.
%QQJSake| oFp4*<\ ئابلەتنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن چوڭ ئاكىسى ئۆيدە دادىسقا ئوخشاش رول ئوينايىتتى...ئانا چوڭ ئوغلىغا ئابلەتنىڭ تويىنى قىلۋېتەيلى دېدى.چوڭ ئوغۇل ئانىنىڭ كۆز يېشىغا قاراپ بۇپتۇ.دەپ قۇشۇلدى.
dI~{0)s \!zM4ppr توينى كۈز ئايلىرنىڭ مەلۈم بىر كۈنى قىلدى.تويدىن كىيىن قىز دوكان ئاچىمەن دەپ تۈزۈك كۈندە ئۆيدە بولمايىتتى.قىينى ئانىمۇ بۇپتۇ بالام ئىككىڭلار تىرشىپ ئىگىلىك تىكلەڭلار دەپ كىلىننىڭ رايىغا باققان ئىدى.كىلىن ئەتتىگەن چىكەتسە كەچتە ئاران ئۆيگە كىلەتتى...ئەتتىگەندە تاماق ئىتىپ بۇلۇپ ماڭاتتى.كەچتە تاماقنىڭ پىششىغا ئۈلگۈرۈپ كىرەتتى...مانا كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋەردى.ئەتتىگەندە ئوغول بىلەن كىلىننى يولغا سەپ قويسا ئانا ئۆيدە يالغۇز تىكەندەكلا قالاتتى...بىر يىلدىن كىيىن ئابلەت ئايالىغا <<ئانامغا ھەمراھ، بول دۇكاننى ئۆيۈڭدىكىلەر ئاچسۇن ،بىز ئىككىمىزلا چىقىپ كەتسەك ئانام يالغۇز قالىدىكەن،بىز يوق چاغلاردا ئاغرىپ قالسا بىلمەيدىكەنمىز ،قايسى كۈنى ھېلىمۇ ئاكامنىڭ بالىسى كەپ قاپتۇ .بولمىسا نىم كۈننى كۆرەر ئىدۇق،ئانامنىڭ قان بېسىمى بار،ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالايلى...يەنە سەنمۇ ئۆيدە بىر ئاز ئوقۇغىن >>دىدى.ئىپار نارازى بولسىمۇ ئامال يوق قوشۇلدى.
~--F?KUnL 6&6t= ئابلەت ئوقۇشنىمۇ ئوقۇغاچ ئانچە-مۇنچە تىجارەت قىلدى.ئاكىسنىڭ قولىغا قاراپ ئولتۇرسىمۇ بولمايدۇ دە؟بۇرۇنغۇ ئۆزى يالغۇز ئىدى. ئەمدى،ئايالى يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي بالىسى بوپ قالسا!ھەممىگە ئاكىسقا قاراپ تۇرسا بولمايىتتى...كىلىن بىلەن ئانا بىر مەزگىل شۇنداق ياخشى ئۆتتى...بىراق كىلىننىڭ مىجەزى ،خۇيى بار-بارا ئۆزگەردى. دۇكان ئاچقان مەزگىلدە قىينى ئانىسنى شۇنداق ھۆرمەتلەيىتتى...لېكىن ھازىر ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالدى. ھە دېسىلا قىينى ئانىسنى سىلكىپ ،يوق ئىشلارنى بانە قىلىپ ئۆيىگە يامانلاپ كىتەتتى...ئانا كىلىنىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆنەلمىگەن ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئىپار ھامىلدار بۇپ قالدى.
vd0uI#g%# 2@:Ztt6~ ئابلەت سىرىتقا چىقىپ كەتكەن چاغلاردا ئىپار ھوجرىسىغا بىكلىۋېلىپ ئۇخلايىتتى...ئانا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ،تاماق ئىتىپ ئەكرىپ بىرەتتى... بۇ ئەھۋال ئابلەتنىڭ ئاكىلىرنىڭ ئايالىنىڭ كۆزىگە سىغمىدى.قىينى ئانىسقا ئىچى ئاغرىدىمۇ ياكى ،ئىپارغا كۆينىشىگە چىدىمىدىمۇ؟ئىيتاۋۇر قىينى ئانىسقا بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلدى.
N==Y]Z$G %( #kJZ قىينى ئانا بۇپتۇ باللىرىم،ئىپار ئۇيقۇغا سىزىك بۇپتۇ.بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇڭشىلىدۇ ،دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى بىسىقتۇردى.
J@o$V- KK قىينى ئانىسنىڭ كۆيۈنگەنلىرنى ھىس قىلالمىغان ئىپار .ھە دېسە قىينى ئانىستىن قۇسۇر ئىزدەيتتى...قىينى ئانا بار-بارا ئىپاردىن شۇنداق قورقىدېغان بوپ قالدى.ئىپارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
o| 9Mj71 7xCm"jgP بۇ چوڭ ئۆيگە باشقا كىلىن،نەۋرىلەر كەلسە ئىپارنىڭ قاپىقى تۈرلۈپ قالاتتى....<<ھە دېسىلا كىلۋالىدىكەن.ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرماي>> دەپ سۆزلەپ كىتەتتى.بۇ چاغدا ئانا <<بالام بۇ چوڭ ئۆي ھەممىسى مىنى دەپ كىلىدۇ.ئۇنداق دىمەڭ>>دەيىتتى.ئىپارنىڭ يامان مىجەزىدىن قورقۇپ نەۋرىلەرمۇ چوڭ ئۆيگە تۈزۈك كەلمەس بوپ قالدى.ئانا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ھەممىگە چىدىدى.ئەمما ئىپار نىڭ مىجەزى تېىخىمۇ ئوساللىشىپ كەتتى.
IV|})[n* ? ;$f"Wl تۆنۈگۈن ئىپار ئۆيىگە كەتكەن .ئۆينىڭ ئارلىقى شۇنداق يىقىن بولسىمۇ قونۇپ بۈگۈن قايتىپ كەلدى.بۇنداق ئەھۋاللار بەك جىق ئىدى.ئابلەت بولسا ئەتتىگەندە سىرىتقا چىكەتكەن ئىدى.ئانا يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇپ،ئىپارنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ئاچقۇچنى نەۋرىستىن ئەۋەتتى...ئۆزى ھايال قالماي كەلدى.ئىپار يەنىلا يوتقانغا پۈركۈنۈپ ياتقان ئىدى.
;
e)vk| JO&+W^$uY} ئانا كىلىپ<<قىزىم مىجەزىڭىز يوقمۇ؟مىجەزىڭىز بولمىسا دوختۇرغا ئاپرايلى...تۆنۈگۈن بىر ئۇبدان كەتكەن ئىدىڭىز ئۆيىڭىزگە!>>دېدى.ئىپار ياتقان يىردىن قوپۇپ،<<ياق مىجەزىم ياخشى شۇ ياتقۇم كەپ ياتتىم>>دېدى.ئانا ئىپارغا <<مىجەزىڭىز ياخشى بولغاندىكىن ھويلا ئارامنى سۈپۈرۋەتسىڭىز،ياكى تاماق بولسىمۇ ئەتكەچ تۇرسىڭىز بولماسمىدى.ھېلى ئابلەت كەلسە قورسىقى ئېچىپ كىلىدۇ>>دېدى.ئىپار قىينى ئانىسقا گەپ ياندۇرۇپ،<<قانداق تاماقمۇ ئەتمەيمەن .ھويلىنىمۇ سۈپۈرمەيمەن.قانداق قىلالەيىتتىلە؟>>دېدى.ئانا كىلىننىڭ بۇ ئاچچىق گەپ ياندۇرشىدىن غەزەپلىنىپ<<قىزىم ئىپارخان ھېچ ئىش قىلغۇڭىز بولمىسا نىمە مەخسىتىڭىز بار سىزنىڭ >>دېدى.ئىپارمۇ قىينى ئانىسغا جاۋاپ قايتۇرۇپ،<<سىلنىڭ نېمە مەخسەتلىرى بار.قىلغۇم كەلسە قىلىمەن قىلغۇم كەلمىسە قىلمايمەن ،>>دېدى.ئاندىن ئورنىدىن قۇپۇپ يامانلاپ ماڭدى.ئانا كىلىنگە<< بولدى كەتمەڭ قىزىم >>دەپ قۇلىنى مەھكەم تۇتىۋالدى.ئىپار بۇ جەرياندا ئانىنىڭ قۇلىنى سىلكىپ ئىتتىرۋەتتى.ئانا يەنە ئوغلى ئۈچۈن ئىپارغا يالۋۇرۇپ،ئىپارنى تۇتۋالدى.ئەمما ئىپار بۇ قېتىم ئانىنىڭ قۇلىغا ۋە باشقا يىرگە ئۇردى.بۇ ئەھۋالنى يىراقتىن ئازراق كۆرۈپ قالغان ئابلەتنىڭ ئاكىسى ،ئاچچىقىنى ئاران بېسۋېلىپ ،<<بولدى قۇيۋېتىڭ بۇ كەتسە كەتسۇن >>دېدى.ئانا ھۆر-ھۆر يىغلىدى.چوڭ ئوغلىغا <<بۇ ئوغۇل باققاننىڭ سازايىما؟بالام!بۇ كىلىننىڭ ھەممە ئىشلىرغا شۇ ئوغلۇمنى دەپ چىدىدىمغۇ؟قانداق قىينى ئانا كىلىندىن قورقىدۇ.مەن ئىپاردىن ئەزرائىلدىن قورۇققاندەك قورۇقساممۇ ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ھەممىگە سۈكۈت قىلدىم.باشقا كىلىنلىرىم ،بىلەن ئۆز قىزىمدىنمۇ ئەۋزەل ياخشى ئۆتكەنغۇ مەن،>>دەپ يىغلىدى.
sdXZsQw b}Wm-]|+ AzFS6<_ ئانىنىڭ يىغىسقا چىدىمىغان ئابلەتنىڭ ئاكىسى ئابلەتكە تېلفۇن قىلىپ چاقىرىپ كەلدى.بولغان ئىشلارنى ئابلەتكە دېدى.بۇلغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئابلەت ئۆزىنى قاتتىق ئەيىپلەپ،ئاچچىقىدا <<مەن بىرىپ ئىپارنى ئۆلتۈرۋېتىمەن >>دەپ جار سالدى.ئاكسى <<بولدى .ئاچچىقىڭغا ھاي بەر،ئايالىڭنىڭ قۇرسىقىدا بار بالىنى ئويلىمىساق بولماس >>دەپ ئابلەتنى تىنىچلاندۇردى.ئابلەت ئىپارغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئېيتاۋۇر نىملەرنىدۇر دىدى.
M Jtn)gXb xGt>X77 ئانىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس جاراھەت ئىزى چۈشتى.كىيىن بۇ ئىككىسى ياخشىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ،ئانىنىڭ قەلبىدىكى بۇ ئېغىر جاراھەت ئورنىنى مەڭگۈ يۇيۋېتەلمەيدۇ.ئابلەتمۇ بىر ھەقىقى ئوغول بولسا بۇنداق ئايال ئالتۇن تۇغۇپ بەرسىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتمايدۇ.
}/M`G]wT# (dAE قانداق كىلىن قىينى ئانىغا ھاقارەت قىلىپ قول ياندۇردۇ.بۇ ئىش پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى.بولغان ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ،بۇ قىزغا لەنەت ئۇقۇدۇم.ئىپارساڭا لەنەتلەر بولسۇن.سەنمۇ ئانا بۇلۇش ئالدىدائىكەنسەن...يۈركىڭگە قۇلۇڭنى سېلىپ ياخشى ئويلاپ باق.بۇ كۈن ساڭىمۇ ھامىنى كىلىدۇ.يەرگە نىمە تىرساڭ شۇنى ئالىسەن دەيدېغان گەپ بار.
uX~YDy l'kV
i ]DLs'W;) :;N2hnHoG مەنبە ئاچچىق ھىسلىرىم
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-10-09 10:01 PM دە ]