مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1405 
  •    ئىنكاس 
       6 

ۋاقىت توغرىسىدا قىزىقارلىق مۇلاھىزىلەر

قەۋەت ئاتلاش
pulsar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23754

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3574 (سوم)
 ياخشى باھا:   284 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   413  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3422
 سائەت
دەرىجىسى:
3422 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-25
ئاخــىرقىسى:2011-10-31

ۋاقىت توغرىسىدا قىزىقارلىق مۇلاھىزىلەر `VS/ Xyp  
EJN}$|*Av  
بىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشىمىز ۋاقىت بىلەن زىچ باغلانغان. قەيەردە تۇرمايلى، شۇ جايغا ماس بولغان ۋاقىت بىزنى ئوراپ تۇرغان بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ۋاقىت ئورۇن، سورۇنغا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت ئاددىيلا بىر ئوقۇم بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق مۇلاھىزىلەرنىڭ باش تېمىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. \bfNki  
)C  
بىرىنچى كۆرۈنۈش zR]l2zL3  
HPu nNsA  
بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئۇلار چوڭ بولۇپ، ئۆي-ئۇچاقلىق بولۇشتى. بىر ئائىلىنىڭ غېمى بېشىغا چۈشكەندىن  كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە، چوڭ ئوغۇل دېھقانچىلىق قىلماق بولۇپ بوۋاينىڭ يېنىدا قالدى. كىچىك ئوغۇل پادا باقماق بولۇپ، ئوت-چۆپلىرى بۇلۇق ئۆسكەن تاغقا قاراپ يول ئالدى. Zf IQ Fh>  
يىللار ئۆتتى. بوۋاي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئىككى ئوغۇلمۇ مەھەللىدىكى چوڭلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تىرىشىپ ئىشلىگەچكە، ئۇلارنىڭ پۇل-مېلى كۆپىيىپ خېلى زەردارلاردىن بولۇپ قالغانىدى. مەھەللىدە بولغان نەزىر-چىراق، توي-تۆكۈنلەرگە بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا قاتناشقاندا، تونومىغان كىشىلەر ھەمىشە دېگۈدەك ئىنىسىنى چوڭ دەپ قاراپ، تۆرگە ئالدى بىلەن باشلايتتى. تونۇيدىغان كىشىلەرمۇ بەزىدە ئالماشتۇرۇپ قوياتتى. دېمىسىمۇ ئىنىسى ئاكىسىغا قارىغاندا قېرى كۆرىنەتتى. چېچىدىكى ئاق، يۈزىدىكى قورۇقلار ئاكىسىنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. مەھەللىدىكى كىشىلەر كىچىكىگە قاراپ: «تاغنىڭ جاپاسى يامانكەن!» دەپ ئويلاپ قالاتتى. [x9eamJ,H  
كېيىن بىر دانىشمەن بۇنىڭ سىرىنى يەشتى. ئەسلى سەۋەب مۇنداق ئىدى: يەر شارىنىڭ «چاقچاق» قىلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، تۆۋەن تۈزلەڭلىك رايونىدا ئۆتىدىغان ۋاقىت، ئىگىز تاغلىق رايوندا ئۆتىدىغان ۋاقىتتىن ئاستا ئىكەن. تۆۋەن جايدىكى تارتىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، قانچە ئىگىز ئۆرلىگەنسېرى جىسىم ئۆز ئېنىرگىيىسىنى يوقىتىدىكەن. مانا بۇ پادىچى بولغان ئىنىسىنىڭ دېھقان بولغان ئاكىسىدىن بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. \GBv@  
KZ&8aulP  
ئىككىنچى كۆرۈنۈش y/ vE  
HjL+Wg  
ئاكا-ئۇكا شاكىچىكلەر قۇيۇق ئورمانلىقتا بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ شادىيانە كۈلكىلىرى ئورمانلىقنى ماكان ئەتكەن قۇشلارنىمۇ ئۈركۈتۈپ، دەرەخ شاخلىرىغا قۇنۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغانىدى. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە تەخسە شەكىللىك بىر غەيرىي ئۇچار جىسىم پەيدا بولدى. بۇ چاغدا قۇشلار نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتكەنىدى. ئۇكىسى بولسا ئاكىسىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ قەيەرگىدۇر مۈكۈنىۋالغانىدى. ئاكىسى ئۇكىسىنى بىر قانچە رەت چاقىرىپ كۆردى، ئەمما  شەيتان ئۇكىسى ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىم ئاكىسىنىڭ باش ئۈستىگە كېلىپ بىر نۇر چاقنىتىپلا بالىمۇ، ئۆزىمۇ كۆزدىن غايىپ بولدى. Dy0RZF 4_  
ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىنى ئىزدىمىگەن يېرى قالمىدى. بىراق تاپالمىدى. بالا يوقاپ كەتكەن جايدا بولسا ئىزمۇ قالمىغان ئىدى. ئىنىسى بولسا ئەينى ۋاقىتتا نۇر چاقناش بىلەنلا ئۆزىنىڭ ھىچنېمىنى ئاڭقىرالمىغانلىقىنى دەپ بەردى. بىر كۈنى بالا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى بالا يوقاپ كەتكەندىكىدەك ھالەتتە بولۇپ، ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. ئىنىسى بولسا بوي تارتىپ قىران يىگىتكە ئايلانغانىدى. بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىشتى. = q;ACW,z  
دانىشمەن بۇنىڭ سىرىنى يەشتى: تەخسە شەكىللىك جىسىمنىڭ تېزلىكى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن نۇر تېزلىكى( سىكونتىغا 300 مىڭ كىلومىتىر)گە باراۋەر كېلىدۇ. جىسىم نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سائەت ئاستىلايدۇ. ئەينى چاغدا بالىنى ئۇچار تەخسە ئىچىدىكى تاشقى پىلانىتا ئادىمى ئېلىپ قاچقان بولۇپ، ئۇچار تەخسىنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە باراۋار دېگۈدەك بولغانلىقتىن، ئون نەچچە يىل جەريانىدا بالا چوڭايماي شۇ پېتى تۇرغان. دانىشمەن يەنە شۇنى قوشۇپ قويدى: تاشقى پىلانىتا ئادىمىنىڭ بار-يوقلۇقى تېخى ئىشەنچلىك ئەمەس، بۇ پەقەت ھوللىۋۇد سىنارىيەچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى، خالاس. 'V } -0  
T&cf6soo  
ئۈچىنچى كۆرۈنۈش a$"3T  
Me2%X>;  
تويغا تەكلىپ قىلىنغان قىزىقچى ئەتراپىدىكىلەرگە كۈلكە بولسۇن، دەپ «ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان»نى ئېيتىپ بەردى: "}(*Km5Po  
.......يەنە يول يۈردۇق، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈردۇق، بىر چاغدا بىر ئېتىزغا چىقىپ قالدۇق. قارىساق ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدە تۆرەلمىگەن توشقان يېتىپتۇ. شېخى يوق دەرەختىن پۇتىمىغان چوماقنى ئېلىپ، ھېلىقى توشقاننى راسا بىر ئۇرىۋېدۇق، توشقان جىم يېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى كولىمىغان ئورىغا چۈشۈپ جان بەردى.......... +<&_1% 5+  
ئەتراپتىكىلەر كۈلۈپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن «ئۈنمىگەن چىغ، تۆرەلمىگەن توشقان، شېخى يوق دەرەختىكى پۇتىمىغان چوماق، كولىمىغان ئورا» دەك كەلگۈسى ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تازا قاملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان بۇ يالغان ئۇلارغا ھوزۇر ئاتا قىلغان ئىدى. كەلگۈسىدىكى ئىشلار قانداقمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالسۇن؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ c7,p5[  
دانىشمەن بۇنىڭغا ھىجىيىپ قويدى. ئۇنىڭچە ھازىرقى زامان ئىلمىدە بۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار ئىدى: ئالەمدىكى تەرتىپسىزلىك ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئازىيىپ بارىدىغان بولۇپ، «يالغان»نى سۆزلىگەن ھېلىقى قىزىقچىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، ئاشۇ تەرتىپسىزلىك ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئازىيىدىغان ئالەمدە ياشىسا، مەيلى قىزىقچى بولسۇن ياكى باشقا ھەر  قانداق ئادەم بولسۇن تەتۈر ئايلىنىدىغان ۋاقىت ئىستىرىلكىسىغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «ئۈنمىگەن چىغ، تۆرەلمىگەن توشقان، شېخى يوق دەرەختىكى پۇتىمىغان چوماق، كولىمىغان ئورا» دەك كەلگۈسى ئىشلارنى ئېسىدە تۇتىۋالىدۇ. ئالەم تارايغاندا ۋاقىت ئەكس يۈنىلىشتە بولىدۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر ئارقىغا قايتىش شەكلىدە ياشايدۇ. توغۇلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ھەمدە ئالەمنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ ياشىرىپ بارىدۇ. دانىشمەن يەنە شۇنى قوشۇپ قويدى: شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلمەك بولىدۇ، جۇمۇ! x rf z-"n4  
^#KkO3  
تۆتىنچى كۆرۈنۈش /&_$+Iun  
nD{o8;  
ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالغان بالا دائىم دېگۈدەك ئاتا-ئانىسىنىڭ زادى قانداقلىقىنى خىيال قىلاتتى. ئۇلارنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئاخىرى ئارزۇسىغا يەتتى. قانداق يەتتى دەڭ، ئۇ بىر يۋاقىت ماشىنىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشكە قايتىپ باردى. ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق تونۇشقانلىقىنى، قانداق مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى، نىكاھىنىڭ قانداق ئوقۇلۇپ، توي مەرىكىسىنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئۇسسۇل ئوينىدى، ئاتا-ئانىسى ئۇنى تونۇماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلىغا مەپتۇن بولۇپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ يىتىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. كۆڭلى يېرىم بولۇپ، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلار تۆكۈلدى. چىداپ بولالماي، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قايتتى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ WB K6Ug  
دانىشمەن بۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بەردى: بوشلۇق ئەگرى بولغانلىقتىن، ۋاقىت-بوشلۇق ئىگىلىپ يۆگەلگەندە، ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ئوتتۇرىسىدا يىقىن يول بولۇشى مۇمكىن. شۇندىلا ۋاقىت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۆتمۈشكە بېرىش مۇمكىن. ھازىرقى شارائىتىمىزدا نۇر تېزلىكىگە يېتەلەيدىغان بوشلۇق كېمىسى ياسالغىنى يوق. ئۇنىڭغا غايەت زور قۇۋۋەت كېرەك، ئۇمۇ يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا يورۇقلۇق تېزلىكى توسۇقىدىن ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆتمۈشىگە قاراپ ساياھەت قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەمما بوشلۇق-ۋاقىتنىڭ يۆگىلىشى بىزگە يىقىن يولنى، يەنى ھازىر بىلەن ئۆتمۈش ئوتتۇرىسىدا كارىدور ھاسىل قىلىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ فانتازىيەچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەرخىل تېمىلاردا يورۇقلۇققا چىقتى. e ^2n58  
+DU^"q=  
ۋاقىت توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلار بۇلارلا ئەمەس، گەرچە ئەقىلگە سىغمايدىكەن بۇ، دەپ ئويلاپپ باقساقمۇ، شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، غەلىتىلىكلەر ئىچىگە ھەرخىل چوڭقۇر ئىلمىي قاراشلار سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ پەقەت بىزنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن چوڭقۇر كۆزىتىشىمىزگە باغلىق.   l|9' M'a  
k#liYw I  
مەنبە: فەلەكىيات بىلوگى  http://felekiyat.blogbus.com < KG q  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-09, 10:44
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ark-arzu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58096

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   40 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 740
 سائەت
دەرىجىسى:
740 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

ھەممىسگە ئىشىنمەن . ۋاقىت تونىلى .ھەي شۇنداق ئۇچار جىسىم ياسالغان بولسا ئۈتمۈشكە بېرىپ كۈرۈپ باقسام ئاھ . bd]9 kRq1K  

 
AzGhμЙ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28308

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   129 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2507 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3885
 سائەت
دەرىجىسى:
3885 سائەت 165 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

ناۋادا شۇنداق نۇر تڭزلىكىگە يىقىنلىشىدىغان ئۇچار جىسىم بولغان بولسا، ئۆتمۈشكە قايتىپ، ‹ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىمىز›نىڭ قانداق جەڭ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ كىلەتتىم................
 
بۇ دۇنيا نىمانچە رەھىمسىز!!!
nadanlik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56580

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   192 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   966 (سوم)
 ياخشى باھا:   193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1077
 سائەت
دەرىجىسى:
1077 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

غەلىتىلىكلەر ئىچىگە ھەرخىل چوڭقۇر ئىلمىي قاراشلار سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ پەقەت بىزنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن چوڭقۇر كۆزىتىشىمىزگە باغلىق.   `7CK;NeT  

 
ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭى چىقىش يولى .
Romantic-killer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   656 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9462 (سوم)
 ياخشى باھا:   382 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   314  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4645
 سائەت
دەرىجىسى:
4645 سائەت 305 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئۇچارجىسىم بولغان بولسا،ئۆتمۇشكە قايتىپ،چىڭگىزخان ۋە سىيىت نوچىلار بىلەن كۆرۇشۇپ،مۇنبەرنى ئىگىز-پەس قىلىۋەتكەن،سيىت نوچى ۋە چىڭگىزخان توغرىسىدىكى تېمىلارغا جاۋاپ تاپاتتىم
 
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
uzumtal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49911

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   306 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5076 (سوم)
 ياخشى باھا:   310 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 186
 سائەت
دەرىجىسى:
186 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

نۇر تىزلىكىدە ماڭىدىغان جىسىمنى ئىنسانلار ياساپ چىقالمايدۇ . بىراق نۇر تىزلىكىدىن نەچچە يۇز ھەسسە  تىخىمۇ تىز بولغان مىكرو زەرچە. ..بايقىلۋاتىدۇ . بىراق شۇ نۇرنىڭ تىزلىكىدىنمۇ سۇرئىتى  نەچچە يۇز ھەسسە تىز بولغان مىكرو زەرچىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇنى تۇرمۇشىمىزدا خىزمەت قىلدۇرۇپ تىخمۇ يۇكسەك بولغان پەن-تىخنىكا تەرىقىياتلىرىنى بارلىققا كەلتۇررۇشكە بولىدۇ .
 
j@h@ng!r
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55786

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1269 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 85
 سائەت
دەرىجىسى:
85 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-22

ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئۇچارجىسىم بولغان بولسا،ئۆتمۇشكە قايتىپ،چىڭگىزخان ۋە سىيىت نوچىلار بىلەن كۆرۇشۇپ،مۇنبەرنى ئىگىز-پەس قىلىۋەتكەن،سيىت نوچى ۋە چىڭگىزخان توغرىسىدىكى تېمىلارغا جاۋاپ تاپاتتىم
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى