مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       586 
  •    ئىنكاس 
       0 

جۇڭگو بىلەن روسىيە سۈرىيەنى جازالاشقا نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
noshirwan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32830

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   192 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6963 (سوم)
 ياخشى باھا:   831 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5217
 سائەت
دەرىجىسى:
5217 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-06
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
— بۇ يازما Azizim تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-10-07) —

جۇڭگو بىلەن روسىيە سۈرىيەنى جازالاشقا نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدۇ؟ bu1O< *  
hvnZ 2x.?d  
5lu620o  
2011-يىلى 4-ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ باش شتابىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان. روسىيە، جۇڭگو قارشى ئاۋاز بېرىپ، رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، برازىلىيە، لىۋان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، پورتىگالىيە، ئامېرىكا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. قارار لايىھەسى ماقۇللانمىغان. !ANvXPp  
^PMP2\JQA  
~3dBt@%0  
/lCn^E6-  
2011-يىلى 4-ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ باش شتابىدا جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭ قارشى ئاۋاز بەرگەن. %u-l6 
X<9jBj/t  
=5a~xlBjD  
2011-يىلى 4-ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ باش شتابىدا روسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىن قارشى ئاۋاز بەرگەن. L5 Rj;qhi  
SWvy< f4<  
0.4c|-n  
كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىغان: جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «ب د ت خارتىيىسى»نىڭ باش مەقسىدىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنىسىپىنى قوغداپ، سۈرىيە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. v4kk4}lE  
<\|f;7/  
بۇ قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش 2008-يىلى 11-ئىيۇل جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە زىنبابۋىينى جازالاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن بۇيان 2-قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى تەڭلا يۈرگۈزىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش غەرىزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدا غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن كەسكىن تالاش-تارتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. }A'QXtI/G  
Gdq_T*  
&uI`Xq.  
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت /!rH DcR  
w&:"x@ -|  
tbrjTeC  
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنى ئەسلى شۇ يەر ۋاقتى 4-چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئېچىلماقچى بولغان. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، يىغىن بىر سائەتتىن كۆپرەك كېچىكتۈرۈلگەن. ئاۋازغا قويۇلغان قارار لايىھەسىنى فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، پورتىگالىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بىرلىشىپ تەييارلىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. لايىھەدە سۈرىيە دائىرىلىرى قاتتىق ئەيىپلەنگەن ھەمدە بىر مۇنچە تەلەپ قويۇلغان. -&oJ@Aa  
RNE} )B  
ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن، روسىيە قارشى ئاۋاز بېرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقتىن، ياۋروپادىكى تۆت دۆلەت لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، سۈرىيەگە نىشانلىق تەدبىر قوللىنىش ھەققىدىكى قىسمىنى چىقىرىۋەتكەن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى تەيىنلەشتىن بۇرۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى قوشقان. لايىھەدە سۈرىيەنىڭ قارارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش، «ب د ت خارتىيىسى»نىڭ 41-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەر قاتارلىق تۈرلۈك تاللاشلارنى ئويلىشىش توغرىسىدىكى مەزمۇن ساقلاپ قېلىنغان. بۇ ماھىيەتتە سۈرىيەگە ئىقتىسادىي، قاتناش، دېپلوماتىيە جەھەتلەردە جازالاش تەدبىرى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىق بولاتتى. ^$c+r%9k  
h lD0^8S  
ئاۋاز بەرگەندە، روسىيە، جۇڭگو قارشى ئاۋاز بېرىپ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، برازىلىيە، لىۋان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، پورتىگالىيە، نېگىرىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، گابون، كولومبىيە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، «ئالتۇن خىش» دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەيدانى ئاساسەن ئوخشاش بولغان. M^DYzJ  
D6@c&  
جۇڭگو بىلەن روسىيە نېمە ئۈچۈن قارشى ئاۋاز بېرىدۇ؟ ?NoG.  
@U08v_,  
كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىغان: جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ سۈرىيەنى جازالاش قارارىنى رەت قىلىشىدا ئاساسلىقى مۇنداق سەۋەبلەر بار: gf7%vyMo$  
?(UeWLC#  
بىرىنچى، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قارىتا، جۇڭگو، روسىيە ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تەپەككۇرىدا روشەن پەرق بار. ئاۋاز بېرىلگەندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈشتە، روسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىن: بۇ قارار لايىھەسى «قارشىلىشىش تەپەككۇر يولى» بىلەن تەييارلانغان، روسىيە دەمەشقنى ئەيىپلەشكە قوشۇلمايدۇ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئاخىرقى ئولتىماتىم شەكلىدە تەھدىت سېلىشقا تېخىمۇ قوشۇلمايدۇ، دېگەن. >u? pq6;  
|{]W (/  
ۋىتالىي چۇركىن يەنە: بۇنداق قىلىش «سۈرىيەدە كىرزسنى سۆھبەت ئاساسىدا تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش پىرىنسىپى»غا زىت كېلىدۇ، ئاۋازغا قويۇلغان قارار لايىھەسىگە روسىيە تەۋسىيە قىلغان «تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىشىدىن ساقلىنىش» توغرىسىدىكى مەزمۇن كىرگۈزۈلمەپتۇ، دېگەن. PRcW}"m]Qg  
musZCg$  
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭ چۈشەندۈرۈپ: جۇڭگو نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جازالاش ياكى جازالايمىز دەپ تەھدىت سېلىش سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇ قارار لايىھەسىدە سۈرىيەگە بېسىم قىلىنغان ھەتتا جازالايمىز دەپ تەھدىت سېلىنغان، بۇنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىگە پايدىسى يوق. شۇ سەۋەبتىن، جۇڭگو قارشى ئاۋاز بەردى، دېگەن. MgkeD  
&6V[@gmD  
ئىككىنچى، بۇ قېتىم رەت قىلىنغان قارار لايىھەسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىنغان، سۈرىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمىگەن. |Am +f.  
_{0'3tI7  
روسىيە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆزى تەييارلىغان بىر پارچە قارار لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تارقاتقان. بۇ لايىھەدە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە سۈرىيە كىرزسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكىتلەنگەن.  بۇ نۇقتىدا، روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەيدانى ناھايىتى بىردەك بولغان. لى باۋدوڭ: سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە سۈرىيە كىرزسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى جۇڭگو قوللايدۇ، دېگەن. w ;+x g  
t[/WGF&(R  
ئۈچىنچى، سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش بۇ دۆلەتتە ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. %X)w$}WH  
xe9E 
سۈرىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ تېنچ ۋە مۇقىم بولۇشى سۈرىيە خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللانسا ھەم يولغا قويۇلسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىكى قۇرالى شۇنداقلا سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. =Ji+GJ <,9  
WrJgU&H{  
تۆتىنچى، روسىيە بۇ قارار لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارغا ئوخشايدۇ دەپ قارىغان. ۋىتالىي چۇركىن سۆزىدە ش ئا ئە ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شۇ قارارىنى كىڭەيتىپ ئىزاھلاپ، لىۋىيەنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. ئۇ: ش ئا ئە ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارىدىن پايدىلىنىپ، لىۋىيەگە ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزدى، روسىيە بۇنداق ئىشنىڭ سۈرىيەدە يەنە تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، دېگەن. mAO$gHQ  
62BT3/~  
كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، جۇڭگو ۋە روسىيە بۇ قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى بىلەن كارى بولماي قالمايدۇ. ئۇلار سۈرىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ئىختىلاپنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى، سۈرىيەنىڭ تېچنلىق ۋە تەرەققىيات يولىغا بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. Ik W 8$>  
oihn`DY {  
G':wJ7[]`  
$aIq>vJO9  
ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، پورتىگالىيە، نېگىرىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، گابون، كولومبىيە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ]/31@RT  
?w/i;pp<,  
B8J_^kd  
ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، برازىلىيە، لىۋان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن aYy+iP'$  
y^OT0mZkg  
=17d7#-  
قارار لايىھەسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان سۈرىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاففارى سۆز قىلماقتا w8(8n&5  
S=f:-?N|  
,Q%q!#@  
دېپلوماتىيە كۈرىشى داۋاملىشىدۇ +)J;4B  
Dt#( fuk#  
جۇڭگو ۋە روسىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسقان بولسىمۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى دېپلوماتىيە كۈرىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا. V= wWY*C  
:r+BL@9  
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رايس قارار لايىھەسى رەت قىلىنغانلىقىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە ئۈمىتسىزلەنگەن. ئۇ: سۈرىيە مەسىلىسى داۋاملىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇرىدۇ، دېگەن. فرانسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئالاۋدې: قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە «ئەركىن بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقى»نى بېرەلمەيدۇ، رەت قىلىش بىزنى توسىيالمايدۇ، بىز سۈرىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز» دېگەن. K$1(HbL  
]S2F9  
قارار لايىھەسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان سۈرىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاففارى خۇشال بولغان. ئۇ سۆز قىلغاندا: «دانا»لارغا  تەشەككۈر ئېيتقان ھەمدە ئۇلارنى ھامان مەغلۇپ بولىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە ھەربىي غەرىزىگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى مەدھىيلىگەن. ئۇ سۆزىدە: بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللانسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىكى قۇرالى بولۇپ قالاتتى، دېگەن. جاففارى سۆز قىلىۋاتقاندا، رايس يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. v~B "Il  
$c1zMkY)u  
مانا بۇنىڭدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مەسىلىسىدە كەسكىن ئىختىلاپ بارلىقىنى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. z<I@SI^ >  
XJSI/jpa@  
L\cb Y6b  
+|K/*VVn`  
ئاپتورى: گۇ جېنچيۇ، بەي جيې، ۋېي ۋېي. |a|##/  
8V?*Bz-4`  
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. oF(=@ UL  
xoB "hNIX  
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان. FgnS+c3W(  
uS|f|)U&  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-07, 01:44
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +30
hazniqi مۇنبەر پۇلى +30 10-08 غەرب#،جوڭگو +روىىيە ھاھاھا
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئەلبەھرە تورى قۇرۇلدى.
www.elbehre.com
چ چ: 1547408515