مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       344 
  •    ئىنكاس 
       3 

«قىممەتلىك تەجرىبە»

قەۋەت ئاتلاش
unutkuqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36646

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   153 (سوم)
 ياخشى باھا:   35 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 418
 سائەت
دەرىجىسى:
418 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-10-09

«قىممەتلىك تەجرىبە» ~c?yHpZx%  
       (ھېكايە) 7@EYF  
       -ھە،قايسى مەكتەپتە ئوقۇدۇم دىدىڭىز؟  شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى!...ۋاھ،يارايسىز،يارايسىز! ئىسمىڭىزمۇ شۇنداق ھەيۋەتلىك،«باھادىر»دىسە ئادەمنى بىرئاز سۈر باسىدىكەن،گويا جەڭ مەيدانىدا ئات تۇياقلىرىدىن توپا توزۇتقىنىچە ھۇررا توۋلاپ بوراندەك چىپىپ كىلىۋاتقان قەھرىماننى كۆرگەندەك...دىمەكچىمەنكى،ئىسمىڭىزدىن بىرخىل جەڭگىۋارلىق،جەسۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىكەن،ئوقۇغان مەكتىپىڭىزنى بىر دىمەڭ،رايۇنىمىزدىكى نامى بار،ھەممە كىشى كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەكتەپلەردىن ئىكەن.لىكى،پەقەت چۈشىنەلمىدىم ئۇكا،نىمىشقىمۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ نەس باسقۇر كەسىپكە قىزىقىپ قالغانسىز دەيمىنا؟! ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى سۆيىمەن دەمسىز؟ قويۇڭ ئۇنداق شۇئار گەپلىرىڭىزنى!...بۇ ئاي،بۇ كۈنلەردە  نىرۋىسى ساق ئادەمنىڭ ھېچبىرى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىمايدۇ.نىمە؟ ئاتا- ئانىڭىزمۇ ئوقۇتقۇچى؟! مەن شۇلارنىڭ ئارزۇسى ھەم ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان دەۋاتامسىز؟...بوپتۇ،بوپتۇ،بۇنىمۇ توغرا دەپ تۇرايلى،جاھان دىگەندە ئادەم ئەقلىگە سىغدۇرالمايدىغان ئىشلار ماڭدامدا بىر بولۇپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟!... ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك،مەكتىپىمىزدە تۆت ئاي پىراكتىكا قىلىدىكەنسىز،بۇ جەرياندا پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئوقۇتۇشتىكى تەجرىبىسىنى ئىگەللەپ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندە تەمتىرەپ قالماسلىق ئۈچۈن ياخشى ئۇل ھازىرلايدىكەنسىز،بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ.بىزنىڭ زامانىمىزدا نەدىمۇ بۇنداق ئىشلار بار دەيسىز؟ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بولغاچ،گەرچە يىڭىدىن پىراكتىكىغا چىققان بولۇشۇمغا قارىماي،بىر سىنىپنى بىشىمغا كىيىپ،پىراكتىكا ۋاقتى توشقىچە ئاشۇ سىنىپقا بەند قىلىۋىتىلگەنىدىم.شۇڭىمۇ،خىزمەتكە چىققان كۈندىن باشلاپلا  خىزمەت دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ،دەپ  مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشكەندەك ئۆزەمنى خىزمەتكە زىيادە ئۇرۇپ ئىشلەپ كىتىپتىكەنمەن.ئىسىت!...بۇ جەھەتتە سىزنى ئامەتلىك دىيىشكە بولىدۇ.نىمىشقا دىسىڭىز،بايا دىگىنىمدەك ماڭا پىراكتىكا مەزگىلىدە باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كەڭ دائىرىلىك پاراڭلىشىپ«قۇلاق پۇشۇرىدىغان»،پىشقەدەملەرنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ«كۆز پۇشۇرىدىغان» پۇرسەت پەقەت بولمىغان.شۇڭىمۇ ساقال مەيدىگە چۈشكىلى تۇرغاندا ئاندىن ئىشنىڭ «ئىپى»نى بىلگەندەك بولدۇم.لىكىن،كۆپ كىچىكتۇق- تە!...سىزگە بولسا پۇرسەت بولۇش بىلەن بىرگە،شارائىتمۇ يىتەرلىك بار.قايسى ئىشنىڭ ئىپىنى بىلىۋالدىڭىز دىدىڭىزما؟ مانا،مانا،تۇرقىڭىزدىنمىغۇ ئەقىللىقلىقىڭىز بىلىنپلا تۇرىدۇ،يامانكەنسى،نەق يىرىنى تىپىپ سورىدىڭىز،ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە كۆپرەك ئىگەللەيدىغىنىڭلارمۇ دەل مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبىغۇ دەيمەن!؟سىزگە دىسەم،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بىرىنچى بولۇپ مەكتەپ مۇدىرىڭىز بىلەن يىقىنلىشىۋىلىڭ،«قانداق قىلسام دەرىسنى ياخشى ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلارمەن» دىگەننى ئويلىماي،«قانداق قىلسام مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە مايىل قىلىۋالالارمەن» دىگەننى بەكرەك ئويلاڭ ۋە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ھەركەت قىلىڭ.دىگىنىمدەك قىلالىسىڭىز خىزمەتتە ھېچقانداقئاۋارىچىلىككە يولۇقمايسىز.نىمىگە ماڭا بۇنچە چەكچىيىپ قارايسىز؟خاتا سۆزلىمىگەندىمەن؟سىز تەجرىبە ئۆگىنىسىزغۇ،مەن سىزگە ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىكى ئىگەللىۋىلىشقا تىگىشلىك بولغان تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ جەۋھىرىنى سۆزلەپ بىرىۋاتىمەن.مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سىز بىلەن خوشى چىقمايدىكەن،بەك بىلىملىك بولۇپ كىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئاسمان پەلەك دەرىس ئۆزلەشتۈرىۋەتسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايسىز.ۋاقتى كەلگەندە مۇكاپاتنى ئالىدىغىنى نەتىجىسى سىزدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن تۇرىدىغان بىرى بولىۋىرىدۇ.سىز بۇنىڭغا پالان- پۇستان دىيەلمەيسىز،شۇنداق ئىغىز ئاچتىڭىزمۇ،بولدى،ئىچى تار،ھەسەتخور،مەنمەنچى،پىتنە- پاسات تىرىغۇچى  سانىلىپ،ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە تاپا –تەنىدىن قۇتۇلالمايسىز.ئەكسىچە بولغاندا،كۆرۈنە- كۆرۈنمەس ئىشلەپ قويسىڭىزمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «يۈزى» بىلەن ئىلغارلىق سىزدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئوقۇتقۇچىلار سىزگە باشقىچە يىقىنچىلىق بىلەن قارايدىغان بولىدۇ.بۇ نىمىنىڭ بىشارىتى بىلەمسىز؟راستىنلا بىلمەمسىز!؟ ھوقۇقنىڭ،پات ئارىدا بىشىڭىزغا بەخت قۇشى قونىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى! بارغانسىرى ھەيران قىلىۋاتىسىز –ھە؟  مەكتەپ دىگەندە مەكتەپ مۇدىرى كىم بىلەن «يىقىن» ئۆتسە شۇ چوقۇم تۆۋەن بولغاندا ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا بولسىمۇ ئۆستۈرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىز كالتا قوشۇقنىڭ سىپىچىلىك بولسىمۇ ئەمەلگە ئىرىشسىڭىز،بىرىنچىدىن،ھەپتىلىك دەرىس سائىتىڭىز ئازىيىپ ئازراق بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ۋاتىلداپ سۆزلەشتى،مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئالۋىڭىدىن قۇتۇلىسىز.ئىككىنچىدىن،مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مەكتەپتە ئىچىلغان ھەرقانداق يىغىنغا قاتنىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىڭىزنى باشقىلارغا تونۇتۇپ قويالايسىز.ئۈچىنچىدىن،تىخىمۇ ئۆرلەش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلىغان بولىسىز.بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن كىتىدىغىنى، ھەر ئايلىق مائاشنى ئالغاندا،ئۇنىڭ ئازراق پىرسەنتىنى  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «كۆڭلىنى ئىلىش»ئۈچۈن خالىس ئاتىۋەتسىڭىزلا بولغىنى شۇ! يۇقۇرىغا يامىشىدىغان بۇ شوتىنى قەدىرلەپ،ئەقلىڭىزنى ئوبدان ئىشقا سالسىڭىزلا تىخىمۇ ئىگىزگە قولىڭىز يىتىدۇ.سىز بىلىپ يەتكەن ئىشنىڭ ئىپى شۇمۇ،دەپ سوراۋاتامسىز؟قانداق،سىزگە ياقمىدىما؟ ھىم،تەخسىكەشلىكتەك بۇنداق پەس قىلىقنى ئۆلسەممۇ قىلمايمەن،دەڭ!؟ مەن سىزنى ئۇنداق قىلىڭ دىمىدىمغۇ! لىكىن سىز دىگەنلىرىمنىڭ تىگىگە يىتىپ باقسىڭىز ئاندىن قايىل بولاتتىڭىز.ماقۇل،سىزنىڭ قارىشىڭىزنىمۇ ئاڭلاپ باقاي،لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ۋەتەن،مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئىنىق تونۇشى كىرەك،دەمسىز؟...بولىدۇ،بولىدۇ،سۆزىڭىزنى بۆلمەي تۇراي.كۆڭلىڭىزگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ- غايىلەرنى پۈكۈپسىز،ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سىپىدىن ئايرىلماي ياش غۇنچىلارنى تەربىيەلەش يولىدا ئۈن- تىنسىز تەر تۆكمەكچى بوپسىز.بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ گويا تەسىرلىك بىر نۇتۇق ئاڭلىغاندەك تەسىراتقا كىلىپ قالدىم.ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان قايسىبىر ياشنى بۇنداق ئويلىمايدۇ،دىيەلەيسىز؟ سىزگە ئىيىتسام،مەنمۇ دەسلەپ شۇنداق ئويدا خىزمەتكە چىققان،سىزنىڭ ئارزۇ- غايىڭىز قانچە يۈكسەك بولۇپ،ئەمەلىي شارائىت ئۇنىڭغا يار بەرمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟...ئىرادىلىك ئادەملەر قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدۇ،شارائىتقا بىقىپ ئەمەس،شارائىتنى ئۆزى يارىتىپ ياشايدۇ.بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئەمدى؟ خىيالىي دۇنيادىن چىقىپ بولالمىغان سىپى ئۆزىدىن بالا داشۆسىڭ- دە،سىز!...جانباقتى ئوقۇتقۇچى بولۇش- ئەڭ بىچارىلىك،دەپكەتكىنىڭىزدىن ئايلىناي! جاننى مۇھاپىزەت قىلىپ ياشىغاننىڭ نىمە يامىنى بار؟ پۈتۈن ئىسىيادىڭىزنى خىزمەتكىلا ئاتاپ،«ئوقۇتقۇچى دىگەن شامغا ئوخشايدۇ» دەپ ئۆزىڭىزنى شامدەك خورىتىپ ئالىمادىس بىرەر كىسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ كىسەللىك چىرمىۋالسا،قىينىلىدىغىنى يەنىلا سىز بولىسىز.بۇنداق چاغدا بايا دىگەن دەبدەبىلىك سۆزىڭىزنىڭ قولىدىن ھېچنىمە كەلمەي قالىدۇ.جان سىزگە لازىم بولغاندىكىن،خىزمەتكە جاننى بەك سەپ بەرمىگەن ياخشى.«جان بولسا جاھان،ئاش بولسا قازان» دىگەن تەمسىلنى بىلىدىغانسىز؟ھە،ھەممە ئىشقا ئەقىلنى ئىشلىتىش كىرەك.مىنىڭ دۇنيا قارىشىم مۇجىمەلمىكەن؟ ئادەم ئۆزى سۆيگەن كەسىپنى قەدىرلەپ ھاياتىغا مەنا ئاتا قىلىشى كىرەك دەمسىز؟سىز دىمەكچى بولغان مەنا- سىنىپتا بور توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ دوسكا تۈۋىدە ھەيكەلدەك قىتىپ تۇرۇش؛ كىچىسى ئۆيدە تاپشۇرۇق تەكشۈرىمەن دەپ ئۈستەل چىرىغىنىڭ يورۇقىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇشتۇر،ھەقەچان! نوچى مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭىز بىلەن سەل زېھنىڭىز قوياق بالىكەنسىز،ئەتىگەننىڭياقى بىر تاغار گەپ قىلسام يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى يورغىلىتىپ...ۋىجدان دىگەن نىمە،دەپ سوراۋاتامسىز؟ قاراڭ،تەلەپپۇزىڭىزنىڭمۇ قاتتىقلىقىنى،مەن تىخى سىزنى بىرسىگە گەپ قىلغاندا  قىزىرىپ- تارتىنىپ يۇمشاق سۆزلىگىنىڭزنى  كۆرۈپ بولىدىغان بالىكەن،دەپ يۈرسەم كىچىك تىلىڭىز ئۇزارغىلى تۇردىغۇ بىردەمدە.نىمىگە مەندىن بۇنداق مۇقامدا يوق سۇئالنى سوراپ يۈرۈيسىز؟ جاۋاب بىرىشىم شەرتما؟ جاۋاب بەرمىسەمچۇ؟...بولدى،بەس! مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز ئەمەس سۇئال سورايدىغان!...ۋىجدان- ئادەملەرنىڭ قانداقلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازا،دىگىنىڭىزگە قارىغاندا سىزدە باشقىلارنى ئاشۇ تارازىڭىزدا ئۆلچەپ باھا بىرەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدار بار ئوخشايدۇ- ھە!؟ پوچىلىق قىلىپ«ھەئە»دەپ كەتكىنىڭزنى قاراڭ،ئۇنداق بولساماڭا بىر باھا بىرىپ بىقىڭا قىنى،مەن قانداق ئادەمكەنمەن؟نىمە،نىمە!؟...روھى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن جەسەت،دىدىڭما؟!ھۇ،شۇم ئىغىز بەدبەخ! ئوقۇتقۇچىلىقتىن نىمە سەۋەپ بىلەن توختۇتۇپ قويۇلغانلىقىڭىزنى ئەمدى ئىنىق چۈشەندىم،دەمسەن؟ چۈشەنسەڭ نىمە بوپتۇ،ئوقۇتۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى،دەپ توختۇتۇپ قويغىلى يىرىم يىل بولدى شۇ! ھەممىنى قىلغان يىڭىدىن ئالمىشىپ كەلگەن «كەلگۈندى» مەكتەپ مۇدىرى.كۆڭلىنى ئىزدەپ قىلمىغىنىم قالمىدى،بارا- بارا كۆندۈرىۋالارمەن،دەپ بولغىچە ئوقۇتۇشتا ئىسلاھات ئىلىپ بارىمەن،دەپ بىرىنچى پاي ئوقنى ماڭا ئاتتى.كىرەك يوق،ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ دىگەن چوڭ بىلگىدەك نىمىسى بار؟ سەنزە شۇنى دەستەك قىلىپ ماڭا پوپوزا قىلىۋىتىپسەن- دە!؟ كىلەر ماۋسۇمدا مىنى تەربىيەلەش كۇرىسىغا قاتناشتۇرۇپ،كۇرىس ئاخىرلاشقاندا نەتىجەم لاياقەتلىك بولسا  خىزمىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىشىپتىكەنما؟ بۇ گىپىڭىز راسىتمۇ يا؟ۋاھ،راسىتلا شۇنداق بولسا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇلۇپ كىلىۋاتقان مائاشىم تولۇق تىگىدىكەن- دە! ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ بولىدىغان يەرلىرى خىلى بار بولمىسا.ئاددىيسى،مائاش يۇقۇرى ھەم مۇقىم. نىمە دەيسەن ھەي،ئەمدى؟!... ماتىرىيالىڭىزنى  يۇقۇرىغا يوللاپتىكەن،تەستىقلانماپتۇ،تەستىقلانمىغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ،دەۋاتامسەن؟ مەندەك ئادەملەر «ئوقۇتقۇچى» دىگەن نامغا مەڭگۈ لايىق بولالمامدۇ؟ھۇ،خۇمپەر،مىنى تولا كولدۇرلاتماي، يوقال كۆزۈمدىن! ئەجەپمۇ T ,7Y7MzF  
چىشىمنى قىرىشتۇردىيا،ماۋۇ شەپەرەڭ پالۋان!...         )r?i^D&4  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-07, 01:39
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
...؟!
osmanjan37
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58510

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   690 (سوم)
 ياخشى باھا:   140 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 281
 سائەت
دەرىجىسى:
281 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-07

جەمئىيىتمىزدە دىمىسىمۇ مۇنداق ئىشلار ئاينىپ كەتتى !  شۇڭا مائارىپ چېكىنىۋاتىدۇ......
ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!
sumaya0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6509

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   703 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9203 (سوم)
 ياخشى باھا:   740 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4822
 سائەت
دەرىجىسى:
4822 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-07

ئوقۇتقۇچى بۇلمغاق راست بەك تەس.........
hekmat-uyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47689

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   289 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3569 (سوم)
 ياخشى باھا:   766 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   796  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 365
 سائەت
دەرىجىسى:
365 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-07

   1. مائارىپنىڭ چېكىنىشى  ئوقۇتۇش  ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئوقۇتۇش ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەسىپسىزلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ  كەسىپسىزلىشىپ كېتىشى مائارىپ ئۈستى قۇرۇلمىسىنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشى بېلەن مۇناسىۋەتلىك،مائارىپ ئۈستى قۇرۇلمىسىنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشى تېخىمۇ ئۈستۈن قۇرۇلمىنىڭ  چىرىكلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ^~Sn{esA  
2.مائارىپنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى بىر قىسىم ئوقۇتۇشقا  مۇناسىۋەتسىز  يەرلىك ئالۋاڭ -سىيەسەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە بىمالال ئۈسۈپ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىر قىسىم ئوقۇتۇشقا  مۇناسىۋەتسىز  يەرلىك ئالۋاڭ -سىيەسەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە بىمالال ئۈسۈپ كىرىشى  بىرقىسىم مائارىپ ئەمەلدارلىرىنىڭ يوقۇرىغا خوشامەتچى،تۆۋەنگە مۇستەبىت بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،بىرقىسىم مائارىپ ئەمەلدارلىرىنىڭ يوقۇرىغا خوشامەتچى،تۆۋەنگە مۇستەبىت بولۇپ كېتىشى يوقۇرىنىڭ  يۇمشاقباش،خوشامەتچىگە ئامراق بولۇپ كېتىشى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ يەنە يوقۇرىنڭ يەنە بىرقانداقلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. `{Jb{L@f  
  3 .مائارىپنىڭ چېكىنىپ كېتىشى :ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا زۆرۈر بولغان نىشاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،ئىمپورت قىلغان نىشانلارنى ھەدەپ زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك،بۇ يەنە يوقۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك......... Sx2j~(pOr  
   قىسقىسى كۆپ سۆزلىمەي،،،،،،،
خەقنىڭ مەدىنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ كىرىش،ئۆزمىللىتىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر...
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى