جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر ئىلاۋىسى:
B\a-Q,Wf 2011-يىلى 5-ئۆكتەبىر — 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995.10.5-1923) ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى. بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىكى بارلىق خادىملار ئەدىب ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە خاتىرىلىمەكتىمىز. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسى ئەدىبنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىدى. پىروگراممىنىڭ تۇنجى ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 11:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، تەكرار ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 19:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى).
?5e:w?&g@ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر o5gt`H"
c>~"Z-VtX
(1923-1995.10.5)
+0mU) 4n/ 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر قىزى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن قىلغان بولسا، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخ تېمىسىدىكى رومانلىرى ئارقىلىق تارىخىي رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان. كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس.
w-?_U7' ئۇنىڭ زاماندىشى، مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە باھا بېرىپ: «كىشى مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. بەزىلەر جىسمانىي جەھەتتە ئۆلۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن نامىمۇ ئۆچىدۇ، لېكىن بەزىلەر ھاياتىدا ئەزگۈ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نام-ئاتىقى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بەزىلەر ‹نامىمنى چىقىرىمەن› دەپ ھەر قىسما ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. ھەتتا ۋەتەننىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى شەخسىي ھالاۋىتى ئۈچۈن پايمال قىلىۋېتىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆمىچىنى كۈلدە قالدۇرۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، ئەزگۈ ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان ئەزىز زات!» دېگەنىدى
&