مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1581 
  •    ئىنكاس 
       34 

ئەڭ ئاخىرقىسى زادى كىم ؟

قەۋەت ئاتلاش
zuber
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45433

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   151 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6258 (سوم)
 ياخشى باھا:   817 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1146  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 454
 سائەت
دەرىجىسى:
454 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-10

                                                                                  زۇبېر JuJW]E Q  
                                                                                           b^R:q7 ea  
                                                               ئاتالمىغان ئەردىن، ئاتالغان دۆڭ ياخشى . oyVT  
                                                                         ئۇيغۇر خەلق ماقال_تەمسىللىرىدىن. smCACQ$ (  
                                                                                 }P.s  
               يېقىندىن بېرى  توردا ئۇلغىيىپ قىلىۋاتقان، زامانىسىدا مەردانە ئۆتكەن مەشھۇرلىرىمىزنى قايتا تارتىپ چىقىرىپ، «ئەستايىدىل» ئوپىراتسىيە قىلىپ باھالاش شامىلى(بۇنداق ئىشلار مەتبۇئاتدىمۇ پات_پات كۆرىلىپ تۇرىدۇ)، ئادەمنى خۇددى توردا تور « مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۇرىۋاتماقتا. WrP +n  
             >V.?XZ nt  
               مۇشۇ يىل 6-ئايدا مىسرانىمغا ئەزا بولۇپ يازغان تۇنجى يازمامدا، ئۆزىمىزدىكى بار ئىللەتلەرنى سۆكگەنلىكىم ئۈچۈن، تەنقىتچىلەر تەرىپىدىن تەنقىتلەنگەن ئىدىم. مانا ھازىر مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى مۇنازىرلەردە، شۇ تەنقىتچىلەرنىڭ ئەڭ ئاددىيسى  ئىنكاسمۇ يېزىپ قويمىغانلىغى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇردى.  گەرچە قىلىشقا تىگىشلىك، لېكىن تېخى قىلىنمىغان نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىلمۇ_خىل سەۋەپلەر مېنى بۇ ھەقتە يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. 9@1n:X  
       p;4FZ$  
               بىز سۆكمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر زادى كىم؟  ئالدىدا سىيىت نوچى، ئاندىن تۆمۈر خەلىپە، ئەمدى خوجىنىياز ھاجى سۆكۈلسە . . . زامانلاردىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمىز: ( خوجىنىياز ھاجى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تۇڭگانلارنى باشلاپ چىققان مىللى مۇناپىق) دەپ پىتنە قىلىشارمۇ؟ شۇ پىتنىنىڭ سەۋەپچىسى بىز بولۇپ قالارمىزمۇ؟ كاللامدا قورقۇنۇچلۇق خىياللار . . . 6$#,$aO  
G5hRx@vfrL  
             يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان (سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ، بىز ئەخمەقمۇ؟)  ناملىق ماقالە مېنىڭ ئاچچىق كۈلكەمنى قىستىدى. ئاپتور ماقالىدە، ئۆزىنىڭ دۇنيا قاراشلىرىدا شەكىللەندۇرگەن ئوي_خىياللىرىنى يېزىپ ئاخىرىدا  ئىككى مەشھۇر شەخسنى نادان، گالۋاڭغا چىقارغان. ئەلۋەتتە، ئاپتور ئېيتقاندەك ھەممىمىزگە ئىشنىڭ نەتىجىسى كېرەك. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنى ئۆزىنىڭ ياشاش مىزانى قىلغان، يىگىتلىك دۇمبىسىنى دۇشمىنىگە كۆرسىتىشتىن، ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلگەن سىيىت نوچىنىڭ ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ خەلق قەلبىدە ھازىرغىچە ھايات. تىللاردا داستان بولماقتا. ئاققا قارا ئاسان يۇققاندەك، ئۇنى سۆكىدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، شۇ نوچىنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ھايۋان سۇپەت مەلئۇنغا مەيلى سىيىت نوچىنى قارىلىغۇچىلار بولسۇن ياكى ئاقلىغۇچىلار بولسۇن، ئوخشاشلا  لەنەت ئېيتماقتا. سىيىت نوچى توغرۇلۇق « سىيىت نوچىغا يېزىلغان خەت» تە توختالغانلىغىم ئۈچۈن، بۇ يەردە جىق سۆزلىمەسلىكنى لايىق تاپتىم. '&Ur(axs  
@ws&W=NQ  
           يەنە شۇ ماقالىدە تۆمۈر خەلىپە توغرۇلۇقمۇ سۆزلەنگەن. كۆپىنچىمىز تۆمۈر خەلىپىنى مەرھۇم ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ « ئىز» ناملىق تارىخى رومانى ئارقىلىق بىلگەن. مەنمۇ ھەم شۇ. مەن بۇ روماننى قانچە قىتىملاپ ئوقۇغانلىغىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.  لېكىن مەن بۇ كىتاپنى شۇنچە جىق ئوقۇپمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئالدانغانلىقىدەك ۋەقەلىكنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. ماقالە ئاپتورى شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت ئۈستىدە ھىچقانداق ئويلىنىش قىلماي تۇرۇپلا، تۆمۈر خەلىپىنى باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغان ئەخمەق،  گالۋاڭغا چىقارغان. تۆمۈر خەلىپە راستىنلا ئالدانغانمۇ؟  شۇ ۋاقىتتىكى زالىملارغا چاشقان تۆشۈگىنى ساراي كۆرسەتكەن تۆمۈر خەلىپە راستىنلا گالۋاڭمۇ؟  ئۆزىنىڭ جىنىغا قەست قىلغان ئىپلاس مەلئۇننى «ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.» دەپ  ئەپۇ قىلغان تۆمۈر خەلىپە راستىنلا . . .؟ xS,F DPA  
-s HX   
          مېنىڭچە تۆمۈر خەلىپە ئالدانمىغان، تۆمۈر خەلىپە ئاپتور ئېيتقاندەك گالۋاڭ ئادەم بولغان بولسا، ئۇنى ئالداش ئۈچۈن لى شۇفۇنىڭ تاغدىكى قىلغان ساختا ئەمەللىرى ( تەقۋادارلىقى، پاكىزلىگى، دىننى بىلىمى، يېتىم_يېسىرلارغا مېھرىبانلىقى . . .) يېتەرلىك ئىدى. تۆمۈر خەلىپە ئالدانمىدى، ئۇ پەقەت ساماۋى كىتاپ_ قۇرئاننىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەندى. 8Z}%,G*n  
)h ,v(Rxa  
           سوقراتنى قەتلى قىلىشقا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىر ئايال يىغلاپ تۇرۇپ دېدى:   )E9c6'd  
     _ بۇ قانداق ناھەقچىلىق، ھېچقانداق گۇناھىڭ يوق تۇرۇپمۇ سېنى قەتلى قىلىشماقچى.   bD)"Jy  
        سوقرات جاۋاب بەردى:       KrP?*yk  
     _ ئەي ئايال، ھەيرانمەن، سەن مېنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، شۇ جىنايىتىمگە يارىشا قەتلى قىلىنىشىمنى خالامسەن؟       NJJ=ch  
#n&/v'!\  
           شۇنداق، سوقرات، سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلىپە . . . ئۆلتۇرۇلدى. ھىچقانداق گۇناھى يوق تۇرۇپمۇ ئۆلتۇرۇلدى.  ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئۆلتۇرۇلگەنلىگى، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالغانلىغى 21-ئەسىردە ئۇلارنىڭ گۇناھى بولماقتا. ئەقىدە سۆزى  سوپى اللە يارنىڭ: f0@*>  
          ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، ,J2qLH1  
          گەر مىڭ يىل ئەمەل دەپ قىلسا يەلدۇر.  دىگەن مەشھۇر ئىبارىسىنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى. ?9?A)?O 
4'3;{k$z  
         تارىخى شەخىسلەرگە باھا بەرگەندە، ئۆزىمىزدە شۇنداق سالاھىيەت بار-يوقلىغىغا، بىلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ شۇ شەخسنى تەنقىتلەشكە يېتىدىغان ياكى يەتمەيدىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. تەنقىتلەش كېرەك.  كىمنى تەنقىت قىلىش كېرەك؟  ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان تەنقىت ئوبىكتى، دەل ھەممىمىزگە ئۆز ئۆزىمىز. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا بىز نىمە ئىشلارنى  قىلدۇق، يەنە نىمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ =84EX 
f>xi (0  
          سوقرات، سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلىپە . . . ئۇ قاراڭغۇلۇقتا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى تەرىپىدىن سۇغۇرىۋىلىنغان دانكونىڭ يۇرىگىدىكى چاقناپ تۇرغان ئۇچقۇن ! >r X$E 
f4,|D |  
                             مەنبە: ئەبجەش خىياللار. >aVtYp B  
                                                                  2011_يىل. ئۆكتەبىر.
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-10-04 08:04 PM ]

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-04, 20:05
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 6 پارچە مۇنبەر پۇلى +566
kuraxlirim مۇنبەر پۇلى +100 تۈنۈگۈن 22:42 نادىر ئەسەر!!!!!!
jevlan مۇنبەر پۇلى +1 10-06 ناخايىتى  توغرا يېزىپتۇ خە!
nim-japa مۇنبەر پۇلى +55 10-05 ئېسىل .  ھەقىقەتەن ئېسىل
希特勒1 مۇنبەر پۇلى +10 10-05 ياخشى پىكىر!
sarsan1117 مۇنبەر پۇلى +100 10-05 -
larzan مۇنبەر پۇلى +300 10-04 قايىل بولدۇم.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ھېس-تۇيغۇلىرىڭغا ئىتىبارسىز قارىما، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭدە ئەۋلىيالىقنى سېزىسەن .
umak88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1969

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1622 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14293 (سوم)
 ياخشى باھا:   554 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   478  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2911
 سائەت
دەرىجىسى:
2911 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

بىر ئوي بىر خىيالدىكى ئادەملەر بار ئىكەن مانا . تېما ئېگىسىنىڭ بۇ توغۇرلۇق قەلەم تەۋرەتكىنىگە كۆپ مەمنۇن بولدۇم  . V'>Plb.A  
مەنمۇ ئىلگىرى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا سىيىت نوچىنى شۇنداق گالۋاڭ ئادەم ئوخشايدۇ ، مۇشۇ گالۋاڭ ئادەمنى نىمىشقا ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم . كىيىن تارىخى كىتاپلارنى ئۇقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ئازىراق تۇنۇش ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن بۇرۇنقى گۈدەك خىياللىرىمنىڭ نەقەدەر نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۆزۈمنى خېلى ئەيىپلىگەن ئىدىم . 5_](N$$  
سىيىت نوچىنىڭ ۋەدىسىدە تۇردىغانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ، ۋەدە ...........ھەي ۋەدە ........مانا مۇشۇ ۋەدىلەرگە كىم ۋە كىملەر ئەمەل قىلالايدۇ ۋە قىلىدۇ ھەم قىلدى ؟ %,~\,+NP  
تۆمۈر خەلپىگە كەلسەم مەنمۇ ئا . ئۆتكۈرنىڭ ئىز نامىلىق رۇمانى ئارقىلىق تۇنۇشقان بۇ ئەزىمەت بىلەن . سادىر پەلۋاننى تۇلۇق چۈشەنگىلىمۇ 2 يېرىم يىل بۇلۇپ قالدى مانا . گۈمبەزلىك قەۋرىنىڭ سىرى دىگەن رۇمان ئارقىلىق سادىر پەلۋاننى تۇلۇق چۈشنىپ يەتكەن ئىدىم . <%d !Sk4  
بىرسىنى چۈشنىش ۋە ئۇ توغۇرلىق بىرەر بىلىمگە ئېرشىش ئۈچۈن قارسىغىلا ، يۈزەكىلا بىر نەرسە دەپ كاراڭشىپ يۈرمەي ئۇ كىشىنىڭ تارىخىغا ، قىلۋاتقان ئىشىغا تەپسىلى قاراش كىرەك . بۇرۇن ئۆتكەن شۇ ئادەملەر كىم ئۈچۈن شۇ زور قۇربانلارنى بەرگەن ؟ بىزگە نىملەرنى ئۆلگە قالدۇرۇپ كەتكەن ؟ چۇڭقۇر ئويلانساق ئادەمنى يىغا باسىدۇ . دۇنيادا ھەممە جەھەتتىن تۇلۇق ، مۇئەييەن ئادەم بولمايدۇ ، ھەممە كىشىنىڭ كەمتۇكچىلىگى ، خاتالىقى بۇلىدۇ . بۇ كىچىككىنە چىكىت بىزنىڭ يىراقنى كۆرۈش ، مىللىتىمىزنى سۈيۈش ، ۋىجدان بىلەن ياشاش يۇلىمىزنى خىرەلەشتۈرۈپ قويمىسۇن . Ua:@,};  
4'`P+p"A  
[ بۇ يازما umak88 تەرپىدىن 2011-10-04 08:37 PM دە قا ]

http://blog.sina.com.cn/u/2324072392
qiqakkiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50822

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1199 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16497 (سوم)
 ياخشى باھا:   976 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   998  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2797
 سائەت
دەرىجىسى:
2797 سائەت 193 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

توغرا ئويلاپسىز، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە كىملەرنى سۆكۈپ ، كىملەرنى ھاقارەتلەپ يۈرەرمىز ؟ بىز ئۇلارنى سۆككەن ۋاختىمىزدا ، بىزمۇ شۇلارنىڭ دەۋرىدە ، شۇلارنىڭ سەۋىيىسىدە بولغان بولساق نىمە ئىش قىلابوغۇيتتۇق ؟ خەلىقنىڭ ئۇتىدا كۈيەمىدۇق ياكى بىر جېنىمىزنى بېقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلامىدۇق ؟ دىگەن سۇئالنى ئۆزىمىزگە قويۇپ باقايلى .
ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
uzumtal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49911

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2266 (سوم)
 ياخشى باھا:   136 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 82
 سائەت
دەرىجىسى:
82 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04
ئاپتور(zuber) نىڭ تېمىسىغا

مۇنداق ئىشلار مىللىتىمزگە چۇشكەن مىتە قۇرۇت زۇبىر ئاداش. مەنمۇ بۇ ھەقتە ئاراق بىر نەرسە يىزىۋاتقان مۇشۇ نەچچە كۇندىن بىرى ئالدىراشلا ۋاقت يوق. 5.9 C  
    بۇ قىتىم  سىيىت نوچى ھەققىدە يىزىلغان ماقالنى ئوقۇپ يۇرىگىم راستىنلا ئاغدى ... ئىس يادىم نۇزۇگۇمدا قالدى. ئەتە ئۆگۇن ئۇ سىڭلىمىزنمۇ بىرسى بىر نىمە دەپ ئۇنىڭمۇ گۆشىدە سامسا ياقارمىكىن دەيمەن . تاپا- تەنىدىن قورۇقماڭ ئاداش . ئەل-ئاۋامنىڭ بەخىت-سائادەت باغچىسىغا تۇكۇرگەنلەرنڭمۇ شۇ ئەل ئاۋامغا زار بولدىغان ۋاقىتلىرى كىلىدۇ .       
sardar100
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49686

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   29 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   176 (سوم)
 ياخشى باھا:   29 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 522
 سائەت
دەرىجىسى:
522 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

ھەقىقەتنى يىزىپسىز. giakEPl  
بىز ئۇلارنى تىللاش،سۆكۈشتىن ئاۋال مەن نىمە قىلالىدىم دىگەننى ئويلاپ بىقىپ ئۇنىڭدىن كىيىن بىرنەرسە دىگىنىمىز تۈزۈك ھەقىچان-ھە!
ئەتە ئۈچۈن تىرىشايلى!!! ئالغا!!!
tograk119
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6601

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6400 (سوم)
 ياخشى باھا:   574 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1100
 سائەت
دەرىجىسى:
1100 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

خېلى بۇپتىكەن  بۇنداق تېرەن ئوي- پىكىر .ھەقىقى قەلىب ساداسىنى . توغىرا  بىز  نىمە  ئىشلارنى  قىلىدىم. نىمە ئىشلارنى قىلپ بېرەليمەن.   دەپ سۇئال قۇيۇپ كۆرۈپ باقايلى !
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   689 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11852 (سوم)
 ياخشى باھا:   1222 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1548  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4823
 سائەت
دەرىجىسى:
4823 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

سىيىت نوچى  ئامبالنىڭ ئۆزىگە دۈشمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا خەتنى يۈتتۈرۋەتمەيدۇ ياكى ئاغزىنى ئىچىپ ، كۆرۈپ ئىچىدە نىمە سۈيقەسىت نىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ .   سىيىت نوچى ئەينى ۋاقىتتا مەنچىڭغا قارشى پالۋانتىغۇ . نىمە ئۈچۈن سىنى قۇتقۇزۋالىلى دىسە ، ئۇنمايدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا سىيىت نوچىنىڭ بىرەر مەقسىتى بامۇ ؟ مەقسىتى بولسا ئامبالغا راۋاپ چىلىپ بىرەمتى ؟  ئۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش سىيىت نوچىغا مەنسۇپ . بىزمۇ بىلمىدۇق . شۇڭا قارىسىغا گەپ قىلىش گۇناھ ؟
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
bahirah
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13057

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1062 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4842 (سوم)
 ياخشى باھا:   559 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3037
 سائەت
دەرىجىسى:
3037 سائەت 203 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

يۇرىكى ئىچىشماي تۇرۇپ ئۆز ئەجداتلىرىنى تىللايدىغانلارنى جادۇ بىسىۋەتسە كىشى.  ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغان ھازىرقى شارائىتتا سىيىت نوچىنى راسا تىللىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىپپەت ئەرزىمەس ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە نۇزۇگۇمنى تىللايدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. ‹جاننى ساقلاش مۇھىم، ئىپپەت ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىغان بارمۇ؟ ئەرنى رازى قىلىش ياخشى ئىش، شۇ ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسە بولمامدۇ؟ نىمە قىلىدۇ ئۆلۈم يولىنى تاللاپ؟› دەيدىغان ئەقلىنى ئىت يەپكەتكەنلەرنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدىكەن ھازىرقى شارائىتتا. تارىختا ئۆتكەن ئاشۇ قەدىردانلارنى ئەيىپلەشكە مىنىڭ نىمە سالاھىيتىم بار؟ مەن شۇلار قىلغان ئىشنىڭ قانچىلىكىنى قىلدىم؟ دىمەي ناھايىتى چوڭ سۈپەتلىك بىلەن ئاقسا ئولتۇرۇپ سۆكۈپ كىتىدۇ تىخى بەزىلەر..............
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
zuber مۇنبەر پۇلى +100 10-05 ماۋۇ خاتا ئەمەس. ھى ھى ھى . . .
ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ للە پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!
توخار
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53836

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2557 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   499  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 847
 سائەت
دەرىجىسى:
847 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

بەك ياخشى يېزىپسىز،مۇنبەردىمۇ ساق تۇرالماي،مۇنبەر تۈرمىسىگە بەنت بوپ كېتىۋاتقانلار بارغۇ،شۇڭا،ھەممە ئىشتا سەمىمىي بولىشىمىز كېرەك.
بۇژغۇنلۇق دېڭىزدا تەنھا بىر قولۋاق،
پىچىرلار ئۆزىگە ‹‹مەنزىلىم يىراق››.
توخار
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53836

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2557 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   499  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 847
 سائەت
دەرىجىسى:
847 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

غايىبتىن بىر سادا كەلگەندەك تۇيۇلدى: 5 tVg++I  
-ياق،سەن ئاللانىڭ ئالدىدا،ئەل -يۇرتنىڭ ئالدىدا،مىللەتنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ گۇناھكار ئەمەس!سەن ئۆزەڭنىڭ ئىنسانىي -ۋىجدانىي بۇرچۇڭنى،تارىخىي بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ.بۇ ھەسرەتلىك ئاقىۋەت،بۇ قانلىق پاجىئە زاماندىن كەلدى،مۇھىتىتىن كەلدى.سەن ياشىغان زېمىن شۇنداق زېمىن،بۇ يەردە جەننەتتەك باغۇ بوستانلىقلار بىلەن بىپايان ۋادىلارمۇ،تاشلىق داۋانلار بىلەن قاراڭغۇ توقايلىقلارمۇ كۆپ.بىپايان چۆللەردە بولسا دائىم ئېزىتقۇغا ئۇچرايدۇ كىشى.تۈن قاراڭغۇلاشقانسىرى يۇلتۇزلارغا قاراپ يول تېپىشنى سەنمۇ بىلەتتىڭغۇ،ئەپسۇس!تۆت ئاغلىق ئاتمۇ گاھىدا مۈدۈرۈلۈپ كېتىدۇ،ئات مۈدۈرۈلۈپ كەتسىمۇ،ئەر غاپىل بولماسلىقى،گول بولماسلىقى لازىم ئىدى.ئاق كۆڭۈللۈك-ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلىتى،ئەمما،بۆرە-تۈلكىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك قىلغان كىشى چوقۇم نادامەت چېكىدۇ.خەير،سېنىڭ خاتالىقلىرىڭ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇپ قالىدۇ.‹‹تارىخ خاتالىقلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس،ئۇرۇنۇشلار جەريانى.››قۇمۇل تاغلىرىدا،سېنىڭ باشچىلىقىڭدا باشلانغان بۇ گۈلدۈرماما بۇ كەڭ زېمىننى،ئۇنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى ئويغىتىۋەتتى.ئويغانغان زېمىننى ئەمدى ھېچكىم ئۇخلىتالمايدۇ.چۈنكى،ئويغانغان زېمىننىڭ ئىگىلىرى-مىليۇنلىغان خەلق ئاممىسى -ئۆزىنى ۋە دوست -دۈشمەننى تۇنۇۋالدى،ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرۈۋالدى.سان-ساناقسىز قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە پارلاق كېلەچەكنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىدى.كەلگۈسى ئەۋلاد سېنى ۋە سىلەرنى ئۇنتۇمايدۇ.تارىخ بىر كۈنى چوقۇم ئادىل ھۆكمىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ. } f!wQx b  
-ئويغانغان زېمىن2-كىتاب

بۇژغۇنلۇق دېڭىزدا تەنھا بىر قولۋاق،
پىچىرلار ئۆزىگە ‹‹مەنزىلىم يىراق››.
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4228 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53340 (سوم)
 ياخشى باھا:   2440 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2336  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1624
 سائەت
دەرىجىسى:
1624 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

تارىخي شەخسلەرنى  بىز پەقەت تارىخىي كىتاب ئارقىلىقلا تونۇغان،ئۇلار  خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان بولغاچقا ،ئۇلار ياشىغان دەۋردىكى خەلق ئۇلارغا يۈكسەك باھالارنى بەرگەن ... 7YU}-gi  
][T>052v  
مەن ئۆزۈمگە ‹‹مەن نېمە قىلىۋاتىمەن،ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيمەنمۇ ؟››دېگەن سوئالنى قويۇپ،ئۆزۈمگە باھا بېرەي....
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
karluk007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14017

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   222 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5003 (سوم)
 ياخشى باھا:   244 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2046
 سائەت
دەرىجىسى:
2046 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-15
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

سىيىت نوچىنىڭ دادىسنىڭ ئىسمى نوچى ئەمەستۇ؟نوچىلىغى بولمىسا باكادىن باكاغا سىيىت نوچى دەپ ئاتىلىپ قالامدۇ دەيمەندە
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى