مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       280 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئالتۇنبۆشۈك لىرىكىلىرى

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   114 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9357 (سوم)
 ياخشى باھا:   398 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   582  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 847
 سائەت
دەرىجىسى:
847 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-05

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
كۆرگىنىمدە دەسلەپتە سېنى،
دەپقاپتىمەن ھۆرمۇ يا پەرى.
شۇندىن بېرى ئەقلىمدىن ئازدىم،
يامان ئىكەن ئاشىقلىق دەردى.
چاچلىرىڭنى سىنغا ئالغانمۇ؟
ئوكيانلاردا شۇڭغىغان قۇندۇز.
گۈل-ھۆسنۈڭنى ئەنداز ئالغانمۇ؟
نۇر تۆككۈچى قۇياش ۋە يۇلتۇز.
بېرىپ تۇردۇم پات-پات مەلەڭگە،
كۈنۈم ئۆتتى چىمەنگە قاراپ.
گۈللەر ئارا كۆرۈنمىسەڭ گەر،
كاككۇك كەبى باغلاردا سايراپ.
يۇلتۇزلاردەك كۆزلەر ئىچىدىن،
كۆزلىرىڭنى ئىزدەيمەن سەرسان.
بويلىرىڭنى ھىدلاپ يۈرىيمەن،
يانداشقىدەك بولسىلا ئىمكان.
بىلسەم جانان كۆڭۈل سىرىڭنى،
دىل قەسىرەڭ سۈكۈتكە چۆككەن.
ئەمما مەندە يۈرەك باشقىچە،
قاتلىرىغا سۆيگۈ پۈتۈلگەن.
بولدى ئەمدى كەلگىن نىگارىم،
ئاتا قىلغىن ماڭا خوشاللىق.
نەۋباھارىم غازاڭ بولمىسۇن،
ياپراقلارنى تۆكۈپ پىغانلىق.
ياپراقلارنى تۆكسىمۇ يىللار،
ۋەدەم بىلەن تۇرىمەن يانا،
ئاداققى بىر نەپەس قالغىچە
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
ئۈزۈمچى قىزغا...
ئۈزۈم كېسىپ يۈرىيدۇ بىر قىز،
كۆزلىرىدە شادلىق جىلۋىسى.
قولى چىۋەر قەدىمى چاققان،
جاراڭلايدۇ ياشلىق ناخشىسى.
چاقچاقلارغا كۈلۈپ قويىدۇ،
گەپ سۆزلىرى شۇنچە ھايالىق.
بويلىرىدىن ئىپار تارايدۇ،
ھۆسنى گۈلدۇر، ئۆزى ۋاپالىق.
ئۈزۈم كېسىپ يۈرگەن ئاشۇ قىز،
ئۈزۈم ئەمەس يۈرەكنى كەستى.
شۇنچە جىمجىت كۆڭۈل بېغىمنىڭ،
بىر يېرىدىن شورىلار تەشتى.
...غا
بىر قەترە سۇدىمۇ كۆرىنەر قۇياش،
گۈل بەرگى ئۈستىدە توختايدىكەن ياش.
نە ئۈچۈن دىلىڭغا سىغمايدۇ دىلبەر،
زارىقىپ ئېرىشكەن ئاشۇ بىر قاراش.
بىر ئېغىز گېپىڭنى كۈتتۈم ئۇزاق يىل،
چاچقا ئاق كىرگىچە ساقلاندى تاقەت.
كۈتۈشلەر ئېغىركەن، قالمىدى ماجال،
يا ھىجران بەر ماڭا ياكى مۇھەببەت!
كۈتۈشلەر بارغانچە ھالسىراپ كەتتى،
ياشلىرىم قالدىغۇ مەڭزىمدە قېتىپ.
ۋىسالسىز دۇنيادىن كېتەر ئوخشايمەن،
ھىجران تاشلىرىنى قەۋرەمگە قېقىپ.
خىياللار
ئەزىم دەريا دولقۇنىسەن خىياللار،
مېنى سۆيگۈ دېڭىزىغا باشلايسەن.
ئەگەشتۈرۈپ قەدىمىگە دىلبەرنىڭ،
مۇھەببەتنىڭ قاينىمىغا تاشلايسەن.
ئەي خىياللار، تاتلىق، ئويناق خىياللار،
ئارامىمنى بۇزۇپ مېنى قىينايسەن.
شىرىن ھىسلار قۇچىقىدا ئەللەيلەپ،
تۇيدۇرماستىن يۈرىكىمنى سىنايسەن.
بىلدۈرمەستىن قىز كۆڭلىنى ئوۋ قىلىپ،
ئىشقىم ئۈچۈن قانات قېقىپ ئۇچىسەن.
گاھى ھىجران چۆللىرىگە ئاپىرىپ،
گاھى ۋىسال كۆكلىرىنى قۇچىسەن.
ئانىلار
قۇياش نۇر تۆككەندەك تۆكىلەركەن،
ئانىلار قەلبىدىن مىھىر نۇرلىرى.
ئىرىيدۇ يۈرەكلەر، ئىرىيدۇ ۋۇجۇد،
ئاغزىغا تامغاندا ئانا سۈتلىرى.
ئانىلار ساھىلى گۈللەرگە تولغان،
ھەريانغا تارقىلىدۇ پۇراقلىرى.
جەننەتتەك ئۆزىگە چىڭ تارتىپ تۇرار،
تۇغۇلۇپ تا ئۆلگىچە قۇچاقلىرى.
قۇچاقتا ئوتلار كۆيەر، يانغىن يانار،
ھارارەت تارقىلىدۇ شۇ تەرەپتىن.
سۈت ئەمگەك سەبى بوۋاق ۋىلىقلايدۇ،
ئارمانلار يېلىنجايدۇ يۈرەكلەردىن.
ئەقىدە، ئىرادە بار، مىھنىتى بار،
ئانىلار قەدىمىدە، ئىزلىرىدا.
ئەجداتلار سىماسى بار، جەۋلانى بار،
ئۇ تۇغقان ئەركەكلەردە، قىزلىرىدا.
غەيۋەتخور
ئەي غەيۋەتخور بازارغا،
ئېلىپ كەپسەن ھەممىنى.
بەكمۇ ئەرزان قىلىپسەن،
ئانا يۇرتنىڭ نەرقىنى.
بىر قولۇڭدا ئەرلەرنىڭ،
ئەركەكلەرنىڭ ئىپپىتى.
بىر قولۇڭدا مىللەتنىڭ
ئىپتىخارى، ساپ قېنى.
يۈرىكىڭگە قول سالسام،
غورورۇڭنىڭ بېغى يوق.
ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپسەن،
دوست-دۈشمەننىڭ پەرقىنى.
باشقىلارنىڭ ئىزىدىن،
تېرىپ چاۋا-چاتقاللار،
ئارقىسىغا ئوت قويۇپ،
بولۇپ قاپسەن لەنىتى.
ئەي غەيۋەتخور ئاڭلاپ قوي،
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىكچە.
چاۋاڭنى چىتقا يېيىپ،
بىر كۈن ئالار دەردىنى.
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-04, 16:14
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +533
OTYAK مۇنبەر پۇلى +333 10-05 -
musilina مۇنبەر پۇلى +200 10-04 ئېسىل لېرىكىلار...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
2256
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58136

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2436 (سوم)
 ياخشى باھا:   429 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 66
 سائەت
دەرىجىسى:
66 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

ھەقىقەتەن ياخشى شىئىرلاركەن قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.! K>*a*[t0Sy  
626Z5Afg  
كۈتۈشلەر بارغانچە ھالسىراپ كەتتى، ZPbpp@,  
سېغىنغاچ قاپقارا سۇمبۇل چېچىڭنى. LpR3BP@At  
ئازاپتا قىينىتىپ ئۆلتۈرەي دەمسەن، ]\7]%(  
قىيناتمەي كۆرسەتكىن ئوماق ئۆزۈڭنى.
سەن ئالدىڭغا ئىككى قەدەم ماڭساڭ.
كەينىڭدىكىلەرگە بىر قەدەم يول قوي.
nazigul8
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57007

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2659 (سوم)
 ياخشى باھا:   601 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   798  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 308
 سائەت
دەرىجىسى:
308 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

يېنىك ھەم راۋان شېئىرى تىللار بىلەن ھىسسىياتىڭىزنى ۋە شېئىر مەزمۇنىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز. بىرىدىن-بىرى ياخشى، ھەممىسىنى ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم. تېما ئىگىسىگە رەخمەت!
تالانتىمىز ھەرقانچە ئېشىپ كەتسىمۇ...
ھەممە تالانت ئىلكىڭدە بولسىمۇ...
بۇ ھاياتلىق... بۇ مۇنبەر بىز ئۈچۈن، ھەممە ئۈچۈن__يەنىلا ئۈگۈنۈش سورۇنى...
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4228 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53339 (سوم)
 ياخشى باھا:   2440 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2336  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1624
 سائەت
دەرىجىسى:
1624 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

تىلى ئوبرازلىق،ھېسياتلىق،يېنىك،كۆڭۈلگە يېقىشلىق چىققان لېرىك شېئىرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم.... t]YC"%[S  
O<,\^[x  
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي...

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

رەھمەت...


مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
sumaya0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6509

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   703 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9203 (سوم)
 ياخشى باھا:   740 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4836
 سائەت
دەرىجىسى:
4836 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

بىر بىرىدىن ئىسىل لىرىكىلىرىڭىز نى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بۇلدۇم بەك ياخشى يىزىپسىز .......... ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.............
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2042 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23352 (سوم)
 ياخشى باھا:   732 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   749  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-05

بىر-بىرىدىن ياخشى يازمىلار ئىكەن. ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى