D 2Go,1 n*6',BY ئىسلام ھالال - ھارام قىلىش ھوقۇقىنى بەلگىلەپ، بۇ ھوقۇقنى اللاھ ۋە خەلىقنىڭ نەزىرىدە دەرىجىللىرى نەقەدەر كاتتا بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىنسانلارنىڭ قولىغا بەرمەي، ئۇنى يالغۇز اللاھنىڭلا ھەققى قىلغان. شۇڭا بىرەر نەرسىنى اللاھ نىڭ بەندىللىرىگە مەڭگۈ ھارام قىلىپ چەكلىۋېتىشىگە راھىبلەرنىڭمۇ، پاپازلارنىڭمۇ، پادىشاھ ياكى دۆلەت رەئىسىنىڭمۇ ھەقىقى يوقتۇر. بۇنداق قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئېشىپ اللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقلىرىغا قانۇن بەلگىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت پەرۋەردىگارلىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە رازى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان كىشىمۇ، اللاھ قا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرگەن بۇلىدۇ.
)Bk?"q 0QIocha «ئۇلارنىڭ اللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا دىن قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟» (سۈرە سۇرا 21- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
1y"37;x KwQO,($,] «قۇرئان كەرىم» ھالال _ ھارام قىلىش ھوقۇقىنى پاپاز - راھبلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرغان يەھۇدىي ناسارالارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
W{m0z+N[B d8RpL{9\7 «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ راھىبلىرى (ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ھالبۇكى ،ئۇلار بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغاندى، اللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق، اللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر» (سۈرە تەۋبە 31- ئايەت)
X-{:.9 ?s"v0cg+ بىر كۈنى ھەزىرىتى ئەدىي ئىبىن ھاتەم ( ئۇ ئىسلامدىن بۇرۇن خىرىستىئان ئىدى ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇغىنىنى ئاڭلاپ:«ئى اللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇلار (خىرىستىئانلار)ئاخۇن_پاپازلىرىغا ئىبادەت قىلمىغانىدى»، دېگەن. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:« ياق، ئۇلار (ئاخۇن_پاپازلار) خرىستىئالارغا ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىپ بەرگەن، خىرىستىئانلار ئۇلارغا ئەگەشكەن ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئاخۇن_ پاپازلىرىغا ئىبادەت قىلغىنىدۇر» . (بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئىمام تىرمىزى ئۇنىڭغا «ھەسەن» دەپ باھا بەرگەن)
MthThsr7 4!}fCP ty يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئايەتنى تەفسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن:«گەرچە ئۇلار ئاخۇن _ پاپازلىرىغا ئىبادەت قىلمىسىمۇ ، لېكىن ئاخۇن-پاپازلىرى ئۇلارغا بىر ھارامنى ھالال، بىر ھالالنى ھارام قىلغاندا ئۇلار قۇبۇل قىلىپ ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش قىلاتتى».
usTCn3u S8)awTA9 خرىستىئانلار تا ھازىرغىچە ھەزىرتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئاسمانغا ئۆرلىگەن چېغىدا) شاگىرتلىرىغا خالىغانچە ھارام ۋە ھالال قىلىشقا ئىجازەت بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. مەسىلەن، مەتتە ئىنجىلىنىڭ 18- بۆلۈمى 18 - جۈمىلىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:«سىلەرگە ھەقنى ئېيتىمەن، سىلەر زېمىندا ھالال قىلغان ھەر نەرسە كۆكتە ھالال قىلىنغاندۇر» (مانا بۇ خرىستىئانلارنىڭ ئۆز دىنىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قانداق ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ)
N~ozyIP, «قۇرئان كەرىم» يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش اللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىغان نەرسىلەرگە ئۆز خاھىشلىرىچە ھالال ۋە ھارامنى ھۆكۈملىرىنى چىقارغان مۇشىرىكلارنىڭمۇ ئېغىر جىنايەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
sTqB%$K} «ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! نېمىگە ئاساسەن سىلەرگە اللاھ چۈشۈرگەن ھالال رىزىقنىڭ بەزىسىنى ھارام ، بەزىسىنى ھالال قىلىۋالدىڭلار؟ سىلەرگە بۇنداق قىلىشقا اللاھ ئىزىنى بەردىمۇ؟ ياكى اللاھ قا يالغاننى چاپلامسىلەر؟»(سۈرە يۈنۇس 59- ئايەت)
e #OU {2X x+TNF>%'D ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
+{w&ksk «اللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەپ (ھېچ دەلىلسىز) «بۇھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، اللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار قەتئى مەقسىتىگە ئېرشەلمەيدۇ»(سۈرە نەھىل 116 - ئايەت)
?3Fo:Z`@F d?P
aZz{4 بۇ ئوچۇق ئايەت، ھەدىس شەرىغلەردىن ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى شۇنى كەسكىن تۇنۇپ يەتكەن:: ھالال - ھارام قىلىش ھەققى يالغۇز اللاھنىڭدۇر، اللاھ ھالال -ھارامنى «قۇرئان كەرىم»دە ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدە بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ (شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ)ۋەزىپىسى پەقەت ھالال-ھارامنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.
1
O9y Q9sl
«اللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوچۇق بايان قىلدى» (سۈرە ئەنئام 119- ئايەت) k1H0hDE
}00e@a
شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى: كىشىلەرگە بۇ جائىز، بۇ جائىز ئەمەس دەپ ھۆكۈم بەلگىلەپ بېرىش ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، ئۇلار مۇجتەھىدلىك، ئىماملىق سۈپۈتلىرى بولسىمۇ پەتىۋا بېرىشتىن قېچىشاتتى، اللاھنىڭ ھالال -ھارام ھۆكۈمىدە خاتالىشىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، پەتىۋا سوراپ كەلگەن كىشىلەرگە بىر - بىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشاتتى. D/Wuan?yPN
uSQ*/h-<)0
ئىمام شافىئ «ئەلئۇم» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: نوئمان ئىبىن سابىت . مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنەفي مەزھىپىنىڭ ئىمامى.[ 80-150 ھ ] باغدادتا ۋاپات بولغان) نىڭ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ ( قازى ئەبۇ يۈسۈپ : يەئقۇب ئىبىن ئىبراھىم . 183-ھ باغدادتا ۋاپات بولغان) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئىلىم ئەھلىدىن بولغان ئۇستازلىرىمنىڭ پەتىۋا بېرىشتىن يىرگىنىدىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار تەفسىر قىلىش كەتمەيدىغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئوچۇق بىر دەلىلىگە تايانماي تۇرۇپ بۇ ھالال ، بۇ ھارام دېيىشنى بەك يامان كۆرەتتى». !T{g& f
=KZ4:d5
ئىبنۇسسائىب تابىئىيلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بولغان رابىئي ئىبن ھەيسەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان :«سىلەردىن بىرىڭلار: «بۇنى اللاھ ھالال قىلغان ياكى بۇنىڭدىن اللاھ رازى بولغان» دىگەن شەكىلدە پەتىۋا بەرمىسۇن، چۈنكى بۇ پەتىۋا بەرگۈچىگە اللاھ «بۇنى ھالال قىلمىدىم ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولمىدىم» دىيشى مۇمكىن، ياكى بىرسىڭلار : « اللاھ بۇنى ھارام قىلدى» دېگەندە ، اللاھ ئۇنىڭغا جاۋاب بىرىپ:«يالغان ئېيتىۋاتىسەن ، مەن بۇنى ھارام قىلمىدىم ھەم مەنئى قىلمىدىم» دېيشى مۇمكىن. بەزى دوستلىرىمىزنىڭ ئاڭلىشىچە، ئىبىراھىم ئەننەخائى (كۇفەدىكى تابىئي ئۆلىمالاردىن بىرى) بىزگە ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر نەرسە ھەققىدە پەتىۋا بەرگەندە ياكى ھەر قانداق بىر نەرسىنى قىلىشتىن توسقاندا : «بۇ مەكرۇھتۇر ، بۇ زىيانلىقتۇر ، بۇنىڭدا چاتاق يوق » دەيدىغانلىقىنى ، بۇنداق قىلىش ھالال، ئۇنداق قىلىش ھارام دېگەن تەرىقىدە كەسكىن ھۆكۈم قىلىشنى ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتقان» (ئەلئۇم ، 7- توم 317 بەت) VfwD{+5
%E\%nTV
بۇ ئەبۇ يۈسۈپنىڭ پىشقەدەم زاتلاردىن نەقىل كەلتۈرگەن، ئىمام شافىئىينىڭمۇ نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئىبىن مۇفلىھ (بۇرھانىددىن ئىبن مۇالىھ، ھەنبەنى مەزھەب ئالىملىرىدىن ،ھېجىرىيە 884- يىلى ۋاپات بولغان)مۇ شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىينىڭ شۇ سۆزىنى نەقىل قىلغان:«بۇرۇنقىلار ھاراملىقى كەسكىن بىلىنمىگەن نەرسىگە ھارام تامغۇسىنى ئۇرمايتتى». (بۇنى تەكىتلەيدىنى شۇكى، ساھابىلەر بەقەرە سۈرىسىدىكى [سەندىن ھاراق ۋە قىمار ھەققىدە سورىشىدۇ،سەن ئۇلارغا «بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە چوڭ كۇناھ ۋە كىشلەرگە ئانچە مۇنچە پايدىمۇ بار ، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ»دېگىن] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىنمۇ تېخى ھاراقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشمىگەندى، مائىد سۈرىسىدىكى ئايەت نازىل بولغاندىلا ئاندىن ھاراقتىن ئۈزۈل كىسىل قول ئۈزۈشكەن). j5O*H_D
-DnK)u\@
يۇقىرقىغا ئوخشاش سۆزلەر ئىمام مالىكتىن ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ۋە باشقا بارىلىق ئىماملاردىن رىۋايەت قىلغان، ئۇلاردىن اللاھ رازى بولسۇن. قوللىرىدا دەلىل ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە بولماستىن ھەر قانداق بىر نەرسىگە «ھارام» تامغۇسىنى ئالدىراپ بېسىۋىتىدىغانلار بۇنى بىلىۋالسۇن. <.B s`P
9F](%/
مەنبە: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما Kunduz^_^ay تەرپىدىن 2011-10-03 11:23 PM ]