مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2622 
  •    ئىنكاس 
       13 

بالىلىرىمىز جاپانىمۇ تېتىپ چوڭ بولسۇن

قەۋەت ئاتلاش
Jim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7631

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   315 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26 (سوم)
 ياخشى باھا:   890 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2599
 سائەت
دەرىجىسى:
2599 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09

بۈركۈت بالىلىرى سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانا بۈركۈت ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىدىكى سېلىنچىلارنى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۈركۈت بالىلىرى دەرەخ شېخىنىڭ تىكەنلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇۋىنىڭ ئېغىزىغا بېرىپ قالىدىكەن . دەل شۇ چاغدا ، ئانا بۈركۈت ئۇلارنى ئۇۋىنىڭ ئېغىزىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىدىكەن . بۈركۈت بالىلىرى چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان چېغىدا ، كىچىككىنە قاناتلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە پالاقلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىدىكەن . ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار جېنىنى ساقلاپ قالىدىكەن . چۈنكى ، ئاشۇ خەتەرلىك پەيىتتە ئۇلار بۈركۈتلەر ھازىرلاشقا بولغان ئەڭ ئاساسىي ماھارەت - پەرۋاز قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدىكەن . ZZ>"LH  
   يەر شارىدىكى بارلىق ئاتا - ئانىلارنى غەلۋىرنىڭ تۆشۈكىدىن بىرمۇ بىر تاسقاپ ئۆتكۈزسىمۇ بىزدەك بالا دېسە جېنىنى بېرىدىغان ، بالىلىرىنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ ھەممىدىن كېچىدىغان ئاتا - ئانىلار يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن . ئاتا - ئانا بولغۇچى ئۆزىمىز بالىلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا تەييارغا ھەييار بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەچكە ، ئۇلارمۇ بىر ئۆمۈر بىزگە تايىنىپ ، قان - تەرىمىز بەدىلىگە چوڭ بولىدۇ . xH\!j  
/78zs-  
   قاچان ئاتا - ئانا بولىمىز ، شۇ كۈندىن باشلاپ يۈتمەس - تۈگىمەس غەم - غۇسسە ئىچىدە بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلايمىز . بالىلىرىمىز يىغلاپ تۇغۇلىدۇ ، بىز كۈلىمىز . پۈتۈن زېھنىمىز ، تاپقان - تەرگىنىمىز پەقەت بالا ئۈچۈنلا سەرپ بولىدۇ . ئالىقىنىمىزغا تەرەت قىلىپ سالسىمۇ خۇددى ئالتۇن چىقىرىپ بەرگەندەك خۇشال بولىمىز . بوۋاقلارنىڭ چۈشىنىكسىز مەنىدە ۋىلىققىدە كۈلۈشى ، تەمتەم مېڭىشىمۇ بىزگە ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ . ناۋادا بالىمىز بىلەن ئاتا - ئانىمىز ئىككى يولدا پىيادە كېلىۋاتقان بولسا زور كۆپچىلىكىمىز ئالدى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ ئادىغا يۈگرەيمىز . بىزنىڭ بۇنداق كۆيۈنۈشلىرىمىز بىلەن بالىلىرىمىز غەمسىز ھالدا باشلانغۇچ  ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدۇ . چۈنكى ، بۇ جەرياندا بىز ھەر ۋاقىت ئۇلارغا يار - يۆلەك بولىمىز . ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ بارلىق ئۈمىدىمىزنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپكە ماڭىدۇ . بۇ ۋاقىتتىمۇ بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى جايلايمىز . ئۆزىمىز ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى قىسىپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ياقا يۇرتتا جاپا تارتىپ ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر ئايدا يېتەرلىك خىراجەتنى ماڭغۇزۇپ تۇرىمىز . l4gF.-.GYF  
vbD""  
   ئۆزىمىزنى ھارغىن ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا ، بالىلىرىمىزنىڭ دۆۋە - دۆۋە ماتېرىيال ئارىسغا چۆكۈپ ، مىنۇت ، سېكۇنتىنى قولدىن بەرمەي ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز - دە ، ھاردۇقىمىز چىقىپ كېتىدۇ . بالىلىرىمىزنىڭ دەرسلىرىنىڭ قىيىنلىقى ، تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىكى تېلېفون ، خەتلىرى بىزگە ئالەمچە تەسەللى بولىدۇ . بىراق ، بىزدەك تېرەك ئاستىدا ، ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك غەمسىز ياشاۋاتقان ئاشۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئۆگىنىش قىلىش ئورنىغا مودا ئېقىمىغا ماسلىشىشنى ، مۇھەببەت باغلاشنى ، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىپ ، يەنە ئالدىمىزغا قايتىپ كېلىپ يانچۇقىمىزنى قايتىدىن كولاشقا باشلايدۇ . `h|Y0x  
Z0/$XS9|h;  
   بىرىنى ئۆيلەپ ، بىرىگە ئۆي ئېلىپ ، بىر ئۆمۈر جەبىر - جاپادىن ، غەم - ئەندىشىدىن نېرى بولالماي ، ئاران ئۇھ دېگەندە ئۆزىمىز ئاللىقاچان دۈمچەك بوۋاي ، گۈل يۈزلىرىمىزنى قورۇق باسقان مومايلارغا ئايلانغان بولىمىز . %[4u #G`  
?f$U8A4lp  
   2003 - يىلى ئىدرەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قېتىملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش بازىرىدا مۇخبىرلىق قىلدىم . مۇندااق بىر ئىش زادى كاللامدىن كەتمەي دائىم ئاچچىق يۇتىمەن .  0ij YE  
J(G-c5&=  
   ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى ئۈرۈمچىدىكى خېلى داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل فكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپتۇ . بۇ قىز ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە ئۈچ خىل تىلنى بىلىدىكەن . ئۈرۈمچىدە خېلى چوڭ ئىدارە ، كارخانىلار قىزنى يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىمز دېگەن بولسىمۇ ، ئاتا - ئانىسى ئۇنى يېنىمىزدا تۇرسۇن دەپ قايتۇرۇپ كەپتۇ . بىراق ئۇ قىز يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي ، ئىختىساسلىقلار بازىرىغا كەلگەنىكەن . ئەپسۇس ، بۇ يەردە قىزنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقماپتۇ . قىز ماڭا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قايناق شەھەردە قېلىپ يولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە گەپ - سۆزدە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ، خەقنىڭ شەھىرىدە جاپا تارتىپ غېرىبسىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەكىلىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى . QuP)j1"X  
NEUr w/  
   <<جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق>> دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز ناھايىتىمۇ توغرا ئېيىتلغان . بۇ دۇنيادا قايسىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى بىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ جاپايىمىزنى بىرگە تارتىشىپ بەرگەن ؟ بەلكىم بۇ قىزنىڭ خىزمەت مەسىلىسى بىر كۈنلەردە ھەل بولۇپ ، نېنى پۈتۈن بولار ۋە ياكى ئەمدى پېشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ ، دەپ ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلىپ ، شۇنچە تەستە ئۆگەنگەن نەرسىسىنى ئۇنتۇپ ، ئۆي تۇتۇپ ، بىر ئەرنىڭ ئەمىر - پەرمانىغا بويسۇنۇپ ، بالىلىق بولۇپ ، بىر ئۆمۈر ئوچاق بېشىدىن ، بۆشۈك قېشىدىن نېرى بولالماي ئۆتۈپ كېتەر . 04WxV(fo'  
48Jt5Jz_  
   ئاتا - ئانىلار نېمە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بالىلىرىمىزنىڭ ھەممە ھەرىكىتى بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدا ، بىز سىزىپ بەرگەن سىزىق ئىچىدە بولۇشى كېرەك ، دەپ ئويلايدىغاندىمىز ؟ پەرزەنتلەرمۇ ، بۇ دېگەن ئاتا - ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ چۈشىنىدىغاندۇ ؟! نېمىشقا بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ جەبىر - جاپادا ، ئىسسىق - سوغۇقتا چېنىقتۇرۇپ چوڭ قىلمايمىز ؟ بالىلىرىمىز يىقىلسا قانچىمىز ئۇنى ئۆزى تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق ۋە قانچىمىز يۈگۈرۈپ بېرىپ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدۇق ؟ =van 
M&jlUr&l  
   ئاتا - ئانىلاردىن قانچىمىز بالىمىز 10 يۈەن بەر دېسە ( ئەلۋەتتە بالاغەتكە يەتكەنلىرىنى )10 يۈەننى بېرىپ :<<بۇ 10 يۈەننى دەسمايە قىلىپ گازىر - پۇرچاق بولسىمۇ ئېلىپ - سېتىپ ، پايدىسىنى ئۆزۈڭ خەجلەپ ، دەسمايىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر>> دەپ ، ئۇلارغا پۇل تېپىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى بىلىشكە پۇرسەت يارتىپ بېرەلەمدۇق ؟ ئۇلارنى بىز ئۆزىمىز ئاشۇنداق تەييارغا ھەييار قىلىپ كۆندۈرگەن . ھازىر بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز ، ھەر بىر سائىتىمىز كۈچلۈك رىقابەت ، خىرىس ئىچىدە ئۆتمەكتە . يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسى بىزنى تېخىمۇ تىرىششقا ئۈندىمەكتە . ئەمدى بىز ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ ، بالىلارنىڭمۇ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ياشايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى . g[R4/]K^$  
76o3Sge:  
   بىز ھازىر ئۇياقتىن ئوقۇش پۈتتۈرسە بۇياقتىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان زاماندا ئەمەس ، بەلكى كۈچلۈكلەر پۇت تىرەپ تۇرىدىغان ، ئاجىزلار شاللىنىپ كېتىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز . ئالىي مەكتەپلەردە ئىقتىسادچانلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ ، بىر ياقتىن ئوقۇپ ، بىر ياقتىن ئىشلەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پەرزەنتلىرىمىز ناۋادا خىزمەت تەقسىماتىغا ئېرىشەلمىسە ، ئاددىي بولسىمۇ بىرەر ئورۇندا ۋاقىتلىق ئىشلەش ئارقىلىق كېيىنچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ كېتەلىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇلار ئىشلەش جەريانىدا تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ . تەجرىبە ئۆگىنىدۇ ، ئۇچۇر توپلايدۇ . ~F53{qxV  
z9:yt5ar  
   ئەمما ، ھېلىقىدەك تەييارغا ھەييار چوڭ بولغانلار بولسا ، بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، بەزىلىرى چۈشكۈنلىشىپ ئىچىملىككە ، چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىش ، پۇلنى دەپ ئەخلەپ جەھەتتە بۇزۇلۇشى ، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشىمۇ مۇمكىن . =]5f\f6  
j 7 ^A%9  
   بالىلىرىمىز يىقىلسا يۆلەيلى ، بىراق قارا كۈچىمىز بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارغا روھىي تۈۋرۈك بولۇپ ، ئۆزنى ئۆزىگە يۆلەتكۈزەيلى . بالىلىرىمىز كۆزلىرى قارا لاتا بىلەن چىڭ چىگىلىپ تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ ، ئۇ تام ، بۇ تاملارغا ئۈسۈپ تورغىنىدا : <<بالام يول بۇياقتا>> دەپ قولىنى قولىمىز بىلەن تۇتۇپ ئەمەس ، ۋۇجۇدىغا نۇر كەبى سىڭىپ يولىنى يورۇتايلى ! lX-i<0`  
D66NF;7q  
مەنبە: $bD`B'5  
ساقلىۋالغان ماتىريال c3Gy1#f:#2  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-03, 11:32
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
mosajan0997 مۇنبەر پۇلى +20 10-03 يارايسىز...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .
يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
娜紫拉
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52418

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   158 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1124 (سوم)
 ياخشى باھا:   189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1523
 سائەت
دەرىجىسى:
1523 سائەت 177 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-18

قىز لىرمىزنى   مۈكەممەل تەربىلەش ئۈچۈن  ئانا بولغۈچى   چوقۈم   ئۆيدە  تاماق  ئىتىش  ھەم  باشقا ھەرقانداق  ئۆي ئىشلىرنى  بالىلا بىلەن  بېرگە  قىلساق    بالىلار  بەزى  ئېشلارنى  قىلالايدىغان   بولشى  مومكىن   بالاتەربىلەشتە ئاتانا بولغۈچى   تەربىيەنى   ئۆزىدىن  باشلاش كېرەك..................................
 
Jim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7631

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   315 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26 (سوم)
 ياخشى باھا:   890 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2599
 سائەت
دەرىجىسى:
2599 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

يوللانمامنى ياقتۇرغىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۇر .تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار مۇشۇنداق ساقلانمىلىرىم خېلى بار .يوللاپ تۇرىمەن
 
ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .
يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
quxtikiakku
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5635

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6848 (سوم)
 ياخشى باھا:   311 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2729
 سائەت
دەرىجىسى:
2729 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

بىز ھازىر بالىلارنى بەكلا تەييار تاپ قىلىپ تەربىيەلەپ قويىۋاتىمىز ، مىنىڭ يولدىشىم داۋاملىق مۇشۇنداق دەپ مىنى ئەيىپلەيدۇ ئۇنىڭ دىگىنى توغرا بىراق مىنىڭ ئىككى قىزىم تازا ئىشچان ئەمەس.
 
مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
sumaya0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6509

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   854 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10248 (سوم)
 ياخشى باھا:   922 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5250
 سائەت
دەرىجىسى:
5250 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار بولغان ھەربىر ئاتا - ئانا بولغۇچى ئويلىشىپ بىقىشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ..........
 
yawayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.784

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   286 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9772 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   383  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2684
 سائەت
دەرىجىسى:
2684 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى ، eV?%3h.   
ئاتام سىلكىپ مىندۇردى ئاتقا . N9/k`ZGC  
جاپالاردا راسا تاۋلىدى ^ ` yhN  
قۇل بولما دەپ ياۋلارغا ،ياتقا ! `?$-T5Rr  
4xW~@m eNB  
مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت ، M]5l-i$  
ئاھ ! جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت !!
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
zapar مۇنبەر پۇلى +100 10-04 ئىسىل
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   625 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8711 (سوم)
 ياخشى باھا:   441 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6018
 سائەت
دەرىجىسى:
6018 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

بۇ تېما جەمىيىتىمىزدىكى رىئال مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ .ھازىر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەمىللشىپ ، بىر ياكى ئىككى پەرزەنتىمىزلا بولغاچقا ئۇلارنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىپ  ،پارنىكتىكى مايسىدەكلا ئۆستۇرۇپ قويىۋاتىمىز .ئۇلار ئۇچۇم بولغاندا جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ تەبىئى مۇھىتقا ماسلىشالماي يەنە ئۆزىمىزگە يۈك بولۇپ قىلىۋاتىدۇ .بۇلتۇر شاڭخەيدە بىر كۇرستا بىرقانچە جەنوبى جوڭگولۇق كەسىپداشلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم .ئۇلاردىن بىرى مەندىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بەكلا تەپسىلى سۇراپ كەتتى .مەن ئۇنىڭدىن سايەھەتكە بارساڭ مېنى ئىزدە ،مەن يولغا سېلىپ قويىمەن دېسەم ،ئۇ ئۆزەم بارمايمەن ،بالامنى ئەۋەتەي دېگەن ئىدىم دىدى .مەن ئۇنىڭغا ياخشى مەكتەپلەر ھەممىسى دېگۈدەك ئىشكىرى ئۆلكىلەردە تۇرسا ،شىنجاڭدا نېمە ئۆگىنىدۇ دەپ سۇرىدىم.ئۇ ،دېگىنىڭ توغرا ،لىكىن مېنىڭ بۇ ئوغلوم بەكلا ئەركە چوڭ بولۇپ قالدى ،پۇلنى بەك بۇزۇپ چاچىدۇ ،پۇلنىڭ قانداق قىلىپ مېنىڭ يانچۇغۇمغا كىرىدىغىنىنى بىلمەيدۇ .سۆزلىسەم خاپا بولىدۇ ،مەن ئۇنى شىنجاڭدەك  جاپالىق جايدا  بىر چىنىقتۇرۇپ كېلەي دەيمەن ،مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر مەن بىلەن ئوخشاش  ئويدا دەيدۇ .بۇ گەپنى ئاڭلاپ باللارنىڭ راھەتپەرەسلىك كېسىلى ئومۇمىيتۈزلۇك مەۋجۇت مەسىلە ئوخشايدۇ ،ئۇلار بالىلىرىنى شىنجاڭدا چىنىقتۇرسا بىز بالىلىرىمىزنى نەگە ئەۋەتسەك بولا دەپ ئويلاپ قالدىم .      
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

دىگەن گىپىڭىزنىڭ ناھايتى ئاساسى بار...  ھەر قانداق بىرئاتا-ئانا ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن.
 
faeza
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15939

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   332 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5835 (سوم)
 ياخشى باھا:   368 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6557
 سائەت
دەرىجىسى:
6557 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

توغرا دەيسىز ، ئاتا ئانىلىرىمىز بىزنى دەپ قىلمىغىنى قالمايدۇ . .سىڭلىم ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ كىلىپلا  مەھەللىدىكى قىزلار بىلەن پاختا تىرىپ پۇل تاپماقچى بۇلۇپ ئاتامدىن يۇشۇرۇن نەچچە كۈن چىقىپ پۇل تاپتى ، بىر كۈنى ئاتام بايقاپ قېلىپ ، «جاپا تارتىپ نىمە قىلىسەن؟ پۇل دىسەڭ مەن بېرىمەن ، چىقما!» دەپ چىققىلى قويمىدى . ئەمدى بىزمۇ ئاتا ئانا بۇلۇۋاتىمىز . مۇشۇنداق زىيادە كۈيۈنۈشلەر بالىلىرىمىزغا زىيان بولسا بۇلىدىكى ھەرگىز پايدىلىق ئەمەس . ھەقىقەتەن بالىلىرىمىز جاپانى كۆرۈپ چوڭ بولسۇن.
 
huxalbala1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44826

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   66 (سوم)
 ياخشى باھا:   13 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2399
 سائەت
دەرىجىسى:
2399 سائەت 121 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

بەزىلەرگە پۇلمۇ كەتمەي ئۆزىنىڭ ھالال مىھنىتى بىلەن ئاستا ئاستا يول تېپىپ نۇرغۇن مۇلۇككە ئىگە بولسا بەزىلەرگە ئاتا ئانىسى نۇرغۇن مەبلەغ بەرسىمۇ بىر تىيىنمۇ يوق سالپىيىپ ھىچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ  مانا بۇ بىزدىكى يىلتىزىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىمىكىن دەيمەن
 
BABY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4385

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9291 (سوم)
 ياخشى باھا:   505 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1268
 سائەت
دەرىجىسى:
1268 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

بۈگۈن كۆرگەن تېمامنىڭ ھەممىسلا بالا تەربىيەلەش بوپتۇ ... ig,v6lqhM  
مۇشۇنداق تەربىيەلەرنى ھەممىز ئوقۇپ تۇرساق ،ئوقۇپ تاشلاپلا قويماي ، ئىشلەتسەك ... ئىشنىمەنكى ، بىزنىڭ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىز چوقۇم ساپالىق چوڭ بولىدۇ ...

 
گۈل ...
ئۆل
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41729

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   387 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2609 (سوم)
 ياخشى باھا:   372 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 843
 سائەت
دەرىجىسى:
843 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

ھەي ! بۇنى مىنىڭ ئەركە ئاكامغا ئوقۇپ بېردىغان تېمىكەن nVoPTr  
رەخمەت ....ھەممىنى بېشىغا كەلگەندەچۈشۈنۈپ يەتكىلى بولدۇ ...  
لىكىن ئاتا –ئانا دىگەن شۇ ...بولۇپمۇ بىزىنىڭ مىللىتمىز شۇنداق ،بالا دىسە ocy fU=}X  
تىك تۇرىمىز ....ئەمما ۋاي بالام دەپ ھەممە نىمسىنى تەق قىلىپ بەرگەنلەر ئىچىدىنمۇ نى نى ياراملىق ئادەملەر چىقدۇ ....مەن دەيمەن يەنلا ئىچكى ئامىل ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ ............
 
ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى