gs[uD5oo< \:'/'^=#| تۈركىيەنىڭ پوپ ناخشا چولپىنى تاركان ئاق ساتقانلىقى، چەككەنلىكى ۋە يېنىدىن ئاق تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىپلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھەققىدىكى داۋا داۋاملاشماقتا. تاركان ھەققىدە ئېچىلغان بۇ سوتقا رەجەپ. ئايەت، كۇبىلاي. كەستىن، تارىك. مىراس، ئۆمەر. فەرۇك. مىراس، ئۆزلەم. دىنلەر. ئالتۇن، بەكىر. ساچار، ئابدۇلمەلىك. گەنىش، مەھمەت. سالىھ. گەنىش قاتارلىق ئادۋۇكاتلار قاتناشتى.
Xl{P8L تاركان. تەۋەت ئوغلى يەنى تاركان بۇ قېتىمقى سوتتا ئۆزىنىڭ ساقچىخانا ۋە ئادۋۇكاتلارغا بەرگەن ئىقرارىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:« مەن سەنئەتچى. ھاياتنىڭ ۋە شۆھرەتنىڭ قىينىشى ۋە ئازاپلىنىشىدىن ئازىراق بولسىمۇ قۇتۇلۇش ۋە ئۇلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئازىراق ئاق چەككەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. تۇتۇلغاندىن كېيىن چەكمىدىم. ھەم ئاق چەككىنىمگە پۇشمان قىلدىم».
I_#kg
p سوتچى تاركاندىن ئاقنى كىمدىن ئالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ سوتچىغا ئاقنى مۇرات. ئەردوغاندىن ئالغانلىقىنى، بىراق پۇل تۆلىمەي نىسىگە ئالغانلىقىى ئېيتتى.
Fyx|z'4b تاركاننىڭ ئاۋۇكاتى گۆنسەر. دېدې بۇ ماتېرىيالنىڭ ساناقلىقلا ئىكەنلىكىنى، بۇ دېلو ھەققىدىكى كېسىمنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«مېنىڭ ۋاكالەتچىم سەنئەتچى. شۇ سەۋەپلىك مەن بۇ دېلو توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تېزىراق ئايرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەمدە ئۇنىڭ كىپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن». ئۇنىڭدىن باشقا ئادۋۇكاتلارمۇ تاركاننى كىپىلىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
A`$%SVgFV^ ئۆيىدىن ئاق تاماكا بىلەن تۇتۇلغان تاركاننىڭ دېلوسىغا ئىستانبۇل ئالاھىدە ھوقوقلۇق باش سوت مەھكىمىسى مەسئول بولغان. تەكشۈرۈشلەر ۋە سوت قىلىشلار ئارقىلىق، ئىستانبۇل ئالاھىدە ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسى تاركاننىڭ بۇ دېلوسىغا مۇنداق كىسىم چىقاردى:« تاركان چەكمەك ئۈچۈن ئاق تاماكا سېتۋالغانلىقى گۇناھى بىلەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى».
On:il$MU /SR*W5#s 7kLz[N6Ll مەنبە:نۇر تۇرى [ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-10-02 08:22 PM دە ق ]