ئۈچ سوئالغا بىر شاپىلاق جاۋاب
xOhRTxic
yz2(_@R NOV.Bs{
yL بىر بالا ياۋروپاغا بېرىپ بەش يىل ئوقۇپ كېلىپلا ئۆزىنى‹‹دىنسىز››دەپ جاكارلاپ دىننى سۆكىدىغان،دىنىي-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان بولۇۋاپتۇ.بۇ ئەھۋال مەسجىدىنىڭ ئۆلىماسىغا يەتكەندە،بۇ كىشى ھېلىقى بالىنى ئىزلەپ بېرىپ نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.ئاسپىرانت يىگىت مۇنداق دەپتۇ:
8`a,D5U: hX&-/fF+f -مەن ياۋروپادا بىر قانچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى دوست تۇتتۇم،شۇلارنىڭ تەسىرىدىن دىنىي-ئېتىقادتىكى بىر قانچە چۈشىنىكسىز ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەي ياۋروپالىق دوستلىرىمغا ئوخشاش دىنسىزلىق يولىنى تاللىۋالدىم،-دەپتۇ يىگىت.
qv.n9 9?] -قانداق سوئالىڭ بولسا مەندىن سورا،ئىزدىنىپ قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بېرىشكە تىرىشاي.-دەپتۇ مەھەللە ئۆلىماسى.
S
q<3Rw ئاسپىرانت سۆزلەپتۇ:
ej<`CQ -سورىماقچى بولغان سوئالىمنىڭ بىرىنچىسى،خۇدا بار دەيدىكەنمىز،بولسا ئۇ نەدە؟نىمىشقا بىز ئۇنى كۆرمەيمىز؟ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىغان،قول بىلەن تۇتقىلى بولمىغان نەرسىگە نىمىشقا ئىشەنگۈدەكمىز؟ مەن خۇدانى ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ تۇتۇپ باقمىدىم، شۇڭا مېنىڭ خۇلاسەم-خۇدا يوق(ئەئۇزۇبىللاھ).سورىماقچى بولغان سوئالىمنىڭ ئىككىنچىسى،ئاللاھ شەيتاننى ئوتتىن يارىتىپتىكەن،قىيامەتتە يەنە ئۇنى دوزاخ ئوتىغا تاشلاپ ئازاپلايدىكەن.بۇ يەردە مۇنداق بىر لوگىكىلىق زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ-شەيتانمۇ ئوت،ئۇنى ئاغرىتىپ ئازاپلايدىغان دوزاخمۇ ئوت.ئوتنى ئوت بىلەن ئازاپلىسا ئۇ ئاغرىق-ئازاپ ھېس قىلامدۇ؟ سورىماقچى بولغان سوئالىمنىڭ ئاخىرقىسى-تەقدىر دىگەن نىمە؟ماڭا شۇنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.يۇقارىقى ئۈچ سوئالىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپسام دىنغا يېڭىباشتىن كىرىپ تەۋبە قىلىمەن.ئەگەر جاۋاب تېپىلمىسا مەن دىنسىز-ئاتىئىزىمچى بولۇپ ھەممە يەردە ياۋروپالىق دوستلىرىمدەك دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىپ يۈرىۋېرىمەن،-دەپتۇ ئاسپىرانت يىگىت.
n7@j}Q(&? ئۆلىما كىشى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئازغىنە ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
Bf/|{@ خوپ.سوئالىڭنى ئاڭلىدىم،ھەممىسى ئورۇنلۇق سوئاللاركەن.ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلگىن،بايىقى سوئاللىرىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەي.
:
:ri3Tu ئەتىسى دىگەن ۋاقىتتا ئاسپىرانت يىگىت ئۆلىمانىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ھەم قول ئېلىشىپ كۆرۈشكىلى ئالدىغا بارغىنىدا ئۆلىما كىشى تۇيۇقسىز ئاسپىرانت يىگىتنىڭ يۈزىگە كەلتۈرۈپ بىر شاپىلاق ساپتۇ،ئاسپىرانتنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كېتىپتۇ.غەزەپلەنگەن ئاسپىرانت:
# 9V'';: -سوئالىمغا جاۋاب بېرەلمەي چىدىماسلىق قىلىپ مېنى ئۇردۇڭمۇ؟-دەپ ئۆڭۈپتۇ. قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئۆلىما مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
hc"6u\> -خاپا بولما ئۇكام، قوپاللىق قىلىپ قويدۇم.بىلسەڭ! تۈنۈگۈن مەندىن سورىغان ھەممە سوئاللىرىڭغا مۇشۇ بىر شاپىلاقتىن جاۋاب چىقىپ بولدى،-دەپتۇ.ئەجەپلەنگەن ئاسپىرانت ئۆلىماغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپتۇ.
I
-TlrW=t -مەن بايا سېنى بىر شاپىلاق ئۇرغىنىمدا يۈزۈڭ ئاغرىدىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
*G\=i
A -ئەلۋەتتە ئاغرىدى،ھازىرمۇ يالىلداپ ئېچىشىۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاسپىرانت.
M= atls -خوش..ئۇنداق بولسا شۇ ئاغرىقنى تۇتۇپ ماڭا كۆرسەتكىن دەپتۇ،-ئۆلىما.
UP R/XQ - قىزىقكەنسىز،ئاغرىق دىگەننى ھەر ئادەم ئۆزى ھېس قىلىدۇ،ئۇنى قانداقمۇ تۇتۇپ كۆرسەتكىلى بولسۇن؟-دەپ تەئەجۇپلىنىپتۇ ئاسپىرانت.
N70zjy4?fL -ھەببەللى!سەن تۈنۈگۈن ماڭا نىمە دىگەن؟شۇ دىگىنىڭ بويىچە قول بىلەن تۇتقىلى،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغانىدىڭ ئەمەسمۇ؟شۇنداق بولغاندا سەن يۈزۈڭدىكى ئاغرىقنى ماڭا تۇتۇپ كۆرسىتەلمىسەڭ،دىمەك يۈزۈڭنىڭ ئاغرىغىنى يالغان بولمامدۇ؟ ئېسىڭدە بولسۇن ئاللاھنىمۇ بىز تۇتالمايمىز ياكى كۆرەلمەيمىز،ئاللاھ زىيادە ئۇلۇغ ھەم زور بولغانلىقتىن ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە قادىر ئەمەسمىز.بىراق،ئەقىل-تەپەككۈرىمىز ئارقىلىق،ياراتقۇچىنىڭ كائىناتتىكى مۆجىزاتلىرىدىن، ھەممە قانۇنىيەتلەرنى ئۆز قۇدرەت-كامالى،ئىنچىكە ھېكمىتى بىلەن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ياراتقانلىقىغا قاراپ بارچىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز.ئەمدى ئىككىنچى سوئالىڭغا كەلسەك،مېنىڭ قولۇممۇ گۆش،سېنىڭ يۈزۈڭمۇ گۆش تۇرۇپ مەن قولۇم بىلەن يۈزۈڭگە ئۇرسام يۈزۈڭ ئاغرىدى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش شەيتاننى ئوتتىن ياراتقان بولسا، دوزاخ ھەم ئوت بولسا ئاللاھ ئوت ئارقىلىق ئوتنى ئازاپلاشقا تامامەن قادىر؟ئۈچىنچى سوئالىڭنىڭ جاۋابى-سەن مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىدىغان چاغدا شاپىلاق يىيىشنى ئويلاپ باققانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
4?
v,wq -ياق ئويلاپ باقمىغان،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاسپىرانت يىگىت.
p+vh[+yp -مانا بۇ تەقدىر.ئاللاھ بېكىتىپ قويغان،لېكىن سەن بىلەن مەن بىلىپ يېتەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزى تەقدىردۇر.-دەپ سۆزىنى تۈگىتىپتۇ،-ئۆلىما كىشى.
^:+
Rg}]W^ ئاسپىرانت يىگىت ئۆلىماغا چوڭقۇر قايىللىق ھەم ئىسلامغا بولغان باشقىچە مايىللىق بىلەن قايتىدىن ئىمان ئېيتىپ خۇرسەنلىك ئىچىدە قايتىپتۇ.
z$66\/V'] wW^Zb مەنبە:‹‹ھارۇن-يەھيا ئىلمىي ئىسلام رىسالىسى››دىن ئېلىندى.2-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى. -
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-10-02 03:23 PM دە ق ]