مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3077 
  •    ئىنكاس 
       22 

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906536 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11852
 سائەت
دەرىجىسى:
11852 سائەت 388 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى Va^Y3/  
R;,&s!\<  
Wyu$J  
خۇرشىدە ئابلىمىت
Y<('G5A  
W- Q:G=S-  
R<$_ <z  
ئىلاۋە: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلار قوشۇنى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. مەن بۇ ماقالەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرىنىڭ 30 يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، يازغان ئىلىمىي ماقالىلىرى، ئەسەرلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. E (DNK  
  5WN^8`{'3  
V<~.:G$3H  
بۇ دۇنيا يارىلىشىدىنلا ئەرلەر ۋە ئاياللار بىلەنلا بىر پۈتۈنلۈككە، چوڭقۇر ۋە ئاجايىپ مەناغا ئىگە بولۇپ، ئاياللارسىز بۇ دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش، بۇ دۇنيانى مەۋجۇت دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئاياللار تارىختىن بۇيان زىممىسىدىكى يۈك قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ، ئاياللىق بۇرچىنى، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان. دۆلەت، مىللەت ۋە ئائىلە ئۈچۈن قۇربان بەرگەن. شۇڭا، ئاياللار ئائىلىنىڭ ئانىسى، مىللەتنىڭ ئانىسى، جەمئىيەتنىڭ ئانىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئانىسى، دەپ شۆھرەتلەنگەن. )eFXjnHN  
; MU8@?yN  
ئۇزاق تارىخىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختا ئۆزىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن چېلىقارلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى ئۆتكەن باتىسقان (ئوماي) ئانا، جىۋا (مىلادى 4–ئەسىردە كۈسەندە ئۆتكەن)، سىمىدا (10–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن) شاۋگۇەنيىن (11–ئەسىردە ئۆتكەن) شاۋ سى سى (12–ئەسىردە ئۆتكەن)، شى لەن لەن باخشى (14–ئەسىردە قۇچۇدا ئۆتكەن)، كۈن سىۋىنچى قىزى (13–ئەسىردە ئۆتكەن)، ئاماننىسا (15–ئەسىردە يەكەندە ئۆتكەن)، زۇلەيخا بېگىم (يەكەندە ئۆتكەن)، زۇلفىيە كاشىغەرى، بى بى مەسۇم ئەزىزەم (18–ئەسىردە يەكەندە ئۆتكەن)، مۇتىرىبە (19–ئەسىردە پەرغانىدە ئۆتكەن)، نۇزۇگۇم (19–ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن)، ئاخۇن ئاغىچا (19–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن)، ھەمرا بۈۋى (19–ئەسىردە ئاتۇشتا ئۆتكەن)، زۇمرەت (19–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن)، قەشقەر قىزى ۋە ئايشەم بۈۋى، مېھرىبانۇ ۋاڭ (19–ئەسىردە غۇلجىدا ۋە قۇمۇلدا ئۆتكەن)، راھىلە (19-، 20–ئەسىردە ئاتۇشتا ئۆتكەن)، رىزۋانگۈل (20–ئەسىردە غۇلجىدا ئۆتكەن)... قاتارلىق ئـانـىـلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە ئەجىر ئەمگەكلىرى بىلەن قەلب تۆرىمىزدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان ئىدى. ^z&eD,  
R`}C/'Ty  
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 دىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاياللىرى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەلىرىدە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ دۆلەتكە ۋە مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەم ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش چاقىرىقىغا بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولدى. eF]`?AeWQ  
hV5Aw;7C  
60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ئۆز ساھەسىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئىستىداتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلار ئۆز ساھەسى بۇيىچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى نەشردىن چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىرىگە قاراپ، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان غايەت زور بىر كۈچ، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇلار پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى ئۆزىنىڭ ئىلىمىي نەتىجىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، يېڭى مەزمۇن، يېڭى سەھىپە يارىتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئەدەبىياتىغا، تۇرمۇشىغا ۋە تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم ئايال تۆھپىكارلاردىن: ئامىنە غاپپار، سائادەت ئىمىن، مەريەم سەپەربايىۋا، نۇرىيە ئېلاخۇن، ھۆرنىسا تۇردى، رىسالەت ھەسەن، تاجىگۈل ئابدۇۋايىت، مېھرىنىسا ئابلىمىت، خاسىيەت ھاجىۋا، ھەجەر قادىر، رۇقىيە ھاجى، تۇرسۇنئاي ساقىم، ھەجەر سايىتىۋا، ئايشەم ئەخمەت، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، تۇرسۇنئاي يۇنۇس، ئاتىكەم زەمىرى، رىسالەت ناسىر، ئايشەم ھوشۇر، تاجىگۈل مۇھەممەد، مەريەم مەمتىمىن، خالىدە ئىسرائىل، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، دىلبەر قېيۇم، ھەنىپە ئابدۇللا، پەرىدە ئەمىن، سارەم ئىبراھىم، مىنەۋەر ھەبىبۇللانۇر، چىمەنگۈل ئاۋۇت، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، ئايسىمە ئىدرىس، غەلىبە مۇھەممەد، قۇندۇز مۇھەممەد، گۈلباھار ناسىر، رىسالەت مەردان، رەيھان قادىر، رەيھانگۈل مامۇت، بېلىقىز سۇلايمان، ئامىنە ئابدۇرېشىت، مۇھەببەت قاسىم، ئاسىمە نىياز، راھىلە داۋۇت، مەھبۇبە رەھىم، ۋېنىرا مۇساجان، ساھىبجامال دۆلەت، پاتىگۈل ماخمۇت، چىمەن نەجمىدىن، مۇنىرە ئابلىمىت، چىمەن يۇنۇس، بۈھەجەر، ئايشەم روزى، گۈلپەرى ئابدۇللا، دىلنار توختى، رەنا قاسىم، ئادالەت قاسىم، لالە سۈزۈك ھاجى، چىمەنگۈل ھوشۇر، گۈلنار ئابابەكرى، خاسىيەت ئەلى، گۈلباھار قادىر، خۇرشىدە ياقۇپ، گۈلزار مەمتىمىن، شەمشىنۇر، پاتەم، جەمىلە ئاپپاي، زەينىسا ئابلەت، گۈلباھار غوپۇر، خۇرشىدە غوپۇر، مۇنىرە غوپۇر، خۇرشىدە تۇردى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. 8U,VpuQ:  
(S1c6~  
بۇلارنىڭ بەزىلىرى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، دىكتور، تەرجىمان، تەھرىر، مۇھەررىر، رىياسەتچى. بەزىلىرى ئوبزورچى، مۇخبىر، ژۇرنالىست، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئارتىس. ئىشقىلىپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن بار. ئۇلارنىڭ مىللەتكە، دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس. بىز زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىياللىرىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، كەسپى ساھەسىدە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى شۇنىڭدەك قوشقان تۆھپىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمدى بىز ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال ئەدىبىلىرىمىزدىن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى، ژۇرنالىست، ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تارىخىي رومان يېزىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىخىي رومان يېزىش جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئەدەبىيات تارىخىغا يېڭى ئابىدە تىكلىگىگەن ھارماس تۇلپار، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» ئايشەم ئەخمەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز. N ]KS\  
~>C@n'\lv  
ئايشەم ئەخمەت خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ 10 مىڭ كۇبلېتتىن ئارتۇق خەلق قوشاق-بېيىتلىرىنى توپلاپ ئىككى توپلام نەشر قىلدۇرغان ھەم «ئۈچ توپلام» خىزمىتىگە ياردەملىشىپ ئۆزى توپلىغان قوشاق، بېيىت، ماقال، تەمسىل، قۇمۇل خەلق داستانلىرىنى ۋە چۆچەكلىرىنى «ئۈچ توپلام»غا تەقدىم قىلغان. قۇمۇلنىڭ تارىخىنى، ئەنئەنىلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە تىل شېۋىلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە «ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەد بىشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى، «مېھرىبانۇ ۋاڭ» ناملىق تارىخىي دىرامىنى، قۇمۇلنى تونۇشتۇرىدىغان بىيوگرافىك كىتاب «قۇمۇل»نى، خانىم-قىزلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە يازغان «خانىم-قىزلار دەستۇرى»، «قىزلار دەستۇرى» ناملىق كىتابلارنى، «باغداش چېچىكى»، «مەلىكىنىڭ مەڭزىدىكى داغ»، «قارا چامادان»، «بۇلۇت يېرىپ چىققان ئاي»، «چەت ئەلدە توقۇلغان ھېكايىلەر» ناملىق پوۋېست، ھېكايە توپلاملىرى، چاتما ھېكايە، «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ تېكىستلىرى ھەققىدە»، «‹مايتىرى سىمىت› ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ئۆز ئابىدىسىنى تىكلەپ كەتكەن ئالىم»، «چۈشىنىش ھەققىدە»، «قۇمۇل خەلق مەشرەپلىرى ھەققىدە»، «تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ ئاياللار ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسر، ئاخبارات ئەدەبىياتى، ئوچېرىك ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە نەشر قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدە چىقىدىغان گېزىت ۋە ژۇرناللاردىمۇ يەتتە پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى. ئون پارچىدەك ئەسىرى قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇكاپاتلاندى. ئايشەم ئەخمەت 2004– يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. قۇمۇل ۋىلايىتىدە «تۆھپىكار مۇھەررىر»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» بولۇپ باھالاندى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» بولغىنىدەك ئايشەم ئەخمەتنىڭ بۇ تۆھپىلىرى ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىدا مەڭگۈ ئۆچمەس بىر يورۇق چولپان يۇلتۇز بولغىسى. ئايشەم ئەخمەت يۇقىرىقى ئەمگەكلىرى شەرىپىگە «جۇڭگو ھازىرقى زامان مەشھۇر مۇھەررىرلەر قامۇسى»غا، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەشھۇر كىشىلەر قامۇسى»غا، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروفېسسورلىرى قامۇسى»غا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى. ~)5NX 4Po  
V_b"^911r  
ئايشەم ئەخمەت يەنە «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» ناملىق 31 قىسىملىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ «قۇمۇل ئوردا مەشرىپى»، «كۆك مەشرىپى» دېگەن قىسمىنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىپ چىقتى. ئايشەم ئەخمەت ۋە باشقا تۆھپىكار كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئەجىر ئەمگىكىنىڭ شاراپىتىدىن بۇ 31 قىسىملىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 2010-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاغزاكى قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش، قېزىش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش توغرىسىدىكى تەستىقىغا ئېرىشتى. يازغۇچى ئايشەم ئەخمەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۆپ تەر تۆككەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئايشەم ئەخمەت ھازىر «قۇمۇل مۇقام مەشرەپلىرى» دېگەن يىرىك ئەسىرىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا. N?cvQR{r9  
K%NNw7\A  
مەرھۇم تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا بىر ئۆمۈر شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شېئىرلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ قەلب كۈيلىرىنى ئىزھار قىلغان، بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە قەلەم دۇردانىلىرىدىن قۇياش نۇرىنى تۆككەن، تۆھپىكار ئانا ئەدىبتۇر. @.IGOh  
5%H(AaG*q  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئاياللار، بالىلار توغرىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان. ئۇ دەسلىپىدە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ سەر خىل ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئۆز ھايات مۇساپىسىدە يازغۇچى، شائىرە، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مۇھەررىر بولۇپ ھاياتىنى ئاياللار، خانىم-قىزلار، بالىلارنى كۈيلەشكە بېغىشلىدى. «جىنەستە»، «گۈل نىھال»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق»، «بالىلىقىم»، «سەھرا نەزمىلىرى»، «قارا قۇشقاچ»، «توققۇز پارچە سۈرەت» قاتارلىق داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇردى. 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى، پوۋىسىت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. O &DkB*-  
X`/3X}<$7  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن 2004– يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئاياللىرى رېئاكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. بۇ شەرەپ مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىنگە خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن بېرىلگەن ھەقىقىي بىر ئەجىر سوۋغىسىدۇر. F"p7&e\W|l  
y T[CC>]l  
مەن تۆۋەندىكى شېئىرىمنى تۇرسۇنئاي ھۈسەيىنگە بېغىشلايمەن: t:MeSO  
e6?iQ0  
يامغۇر بولۇپ ياغدىلا گۈللەر سۇغا قانسۇن دەپ، --S1p0  
ئانىلارنىڭ مېھرىدىن گۈل مايسىلار ئۈنسۇن دەپ، pe}mA}9U  
ھەر ئىنسانغا ئانىلار قۇياشتەك نۇر چاچسۇن دەپ، n $Nw/Vm  
قەلبىمىزدە يادلانسۇن تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن دەپ. +0,'B5 (E  
1omjP`]|,  
  500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان ئانا ئاز، G909R>  
داستانى بار ئون پارچە قەلەم تۇتقان قولمۇ ئاز. ,W8E U  
ئەجرىدىن ئالتۇندەك قۇرلارنى يازغان ئۇ ھەم ساز، KU]co4]8^s  
ھەممە ئانىغا نېسىپ بولماس «تۆھپىكار» دېگەن بۇ تاج. $7bLw)7  
 
قايرىلدى چىنار شېخى ئانا ئەدىب غولىدىن، 9f(0 qa  
كەتتى بىزدىن قانچىسى تۆھپىكارلىق ئۆيىدىن. bk(q8xR`  
«ئانىلار قەلبى» يىغلىدى «ساھىبجامال قىز» ئۈچۈن، rCK   
ئەلۋىدا ئەلنىڭ قىزى ئۇيغۇر يىغلار سىلى ئۈچۈن.
f-.dL  
"*U0xnI  
تۇرسۇنئاي ساقىم ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تۈرك تىلى دىكتورى ۋە تەرجىمانى بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا مەملىكىتىمىزنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. تارىخىي ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش، قايتا نەشر قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىش جەھەتلەردە چوڭقۇر ئىزدىنىپ چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان. خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋەكىل بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان قابىل تەرجىماندۇر.تۇرسۇنئاي ساقىم «چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق»، «جۇۋىلىق خانىم»، «ئۆكسۈش»، «ئۇيقۇسىز كېچىلەر»، «سۇسىز ياز»، «ئېچىنىش» قاتارلىق رومان ھەم پوۋېستلارنى تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلغان. ئىلمىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىن «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، «بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى»، «قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرغان. 1992-يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك فولكلور جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تۈركىيە خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان شەخس» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە نائىل بولغان. 2004-يىلى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى «جۇڭگو ئىختىساس ئىگىلىرى قامۇسى» ۋە «21-ئەسىردىكى ئىختىساسلىقلار ئامبىرى» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن. تۇرسۇنئاي ساقىم ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي، تۆت قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە 11 پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. gg0rkg  
TS_5R>R3  
تۇرسۇنئاي ساقىمنى بىر كۇپلېت شېئىر بىلەن ياد ئەتمەكچىمەن. (HEi;  
40e(p/Qka  
«چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق» تۈركىيەدىن كۆچتى بىللە، }s7@0#j@a  
يىغلاتتىڭىز قانچە كۆزنى مۇھەببەت ئوتى ئۆچتى بىللە. FNN7[ku!  
«ئانا يۇرتتىن ئاناتولىيە بويلىرىغىچە» تۆھپىڭىزدۇر ئانا ئەدىب، \?D~&d,a=  
تۇرسۇنئاي ساقىم ئۈچۈن يىغلايدۇ يۈرەك بىللە.
=.`:jZG  
xA'RO-a}h  
تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ئۆزىنىڭ ھېكايە، پوۋېستى، ئەدەبىي ئاخبارات، ئىجتىمائىي خەۋەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان يەنە بىر تۆھپىكار ئانا ئەدىبتۇر. تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئارتىس، پىرىكازچىك، مۇخبىر، تەھرىر، شائىرە ھەم يازغۇچى بولۇپ ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا چېلىقارلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تونۇلغان ئايال يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى. .9u0WP95  
9bQD"%ha=d  
تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئاخبارات سېپىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم 500 پارچىدىن ئارتۇق تەسۋىرى خەۋەر، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي خەۋەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە 50 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى گېزىتتىن باشقا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاڭلىتىلىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىز ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، دوختۇر، پەن –تېخنىكا خادىمى، مائارىپچىلاردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى گېزىتتە تونۇشتۇرغان، يازغۇچى تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەردىمۇ خېلى تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان گېزىت-ژورناللىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004-يىلى «كارۋان ئىزى» ناملىق رومانىنى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇل تارىخىغا چوڭقۇر ئۇل سالغان، خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئۇسسۇل پېشۋاسى قەمبەرخانىمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «قەمبەرخانىم» ناملىق بىيوگرافىك ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى، ئۇ يەنە «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق رومانىنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا تاپشۇردى. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى تەرىپىدىن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن مۇكاپاتلاندى. 1gA^Qv~?  
R?3N> 
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىش يولىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىۋاتقان ئاتاقلىق تەرجىمان، تېلېۋىزىيە فىلىمى تەرجىمە تەھرىرلىكىدىكى ئىجتىھاتلىق باشلامچىدۇر. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھازىرغىچە «بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «لياۋشىن ئۇرۇشى»، «خۇۋەيخەي ئۇرۇشى»، «پېڭجىن ئۇرۇشى»، «كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى»، «مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىن كېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جاۋيۈلۈ» قاتارلىق 500دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان. 1800دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «غەربكە ساياھەت»، «دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ»، «يۇڭجىڭ خاندانلىقى»، «كاڭشى خاندانلىقى»، «چيەنلۇڭ خاندانلىقى»، «تەيپىڭ تيەنگو»، «چىڭگىزخان»، «تاڭ پادىشاھى شۈەنزۇڭ»، «شەھەرىستاندا زاۋال»، «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى»، «تەدبىركار جى شاۋلەن»، «شەھەرىستاندا بەربات بولغان چۈش» قاتارلىق 1000 قىسىمدىن ئارتۇق كىلاسسىك تارىخىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 3000 قىسىمدىن ئارتۇق ھازىرقى زامان تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت دەرىجىلىك «ئۇچقۇر ئەجدىھا مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى»غا، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ساماۋى كۆۋرۈك»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىمى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ماھىنۇر خانىم تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىلىرىدىن باشقا جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخىنىڭ 9-تومى يەنى «مىڭ، چىڭ سۇلالىسى قىسمى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشردىن چىقتى. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پاموكنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «بېيجىڭ» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقات جەھەتتە «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا»، «تەرجىمە سۈپىتىنى تۈزىتىشتىكى مۇھىم ئامىللار»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىشى»، «تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسى»، «زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى» قاتارلىق ماقالىلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «شىنجاڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا»، «ئۇنۋان ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «راخمان مامۇتنىڭ تەرجىمە كەسپىدىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە»، «ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە ئومۇمىي بايان» قاتارلىق ماقالىلىرىمۇ ئوقۇرمەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ياش ئەدىب، تەرجىمانلارنى تەربىيەلەش يۈزىسىدىن «ئەدەبىي تەرجىمىلەر تەھرىراتى» ئۇيۇشتۇرغان كۇرسلارغىمۇ تەرجىمە ئەمەلىيىتىدىن دەرس بەرگەن. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يېقىندا «مۇقام تۆھپىكارى ـــــۋەنتۇڭشۇ» ناملىق روماننى تەرجىمە قىلدى. 11 توملۇق تارىخىي رومان «بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيەسى»نىڭ 3-تومىنىڭ تەرجىمىسىنى جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ. %ws@t"aER  
Ak dx1h,  
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم سەر خىل ئەسەرلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغان شۇنداقلا يېڭى دەۋر پىروزىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشقان ۋە ئىجادىيەتتە پەللە ياراتقان مۇنەۋۋەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. [$DI!%e|  
U>i}C_7g  
خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئېھ، ھايات»تىن باشلانغان «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «يىلتىز»، «تىمتاس شەھەر»، «ئوربىتا»، «مەختۇمسۇلا»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «رەڭدار قۇيۇن»، «باھاردا ياغقان قار» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرى نۆۋەتتىكى ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بۇ ھېكايىلەر پوۋېستلىرى بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ نازۇك روھىي تۈگۈنلىرىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان، چۈچۈك تىلى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىدى. S l`F`  
cCuK?3V4K  
خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ئۇنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. «قۇملۇقنىڭ چۈشى» يازغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى سۈپىتىدە كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى. خالىدە ئىسرائىلنىڭ توختاپ قالماي داۋاملىق شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا تىلەكداشمىز. 2M>` W5  
AZE  
IvX+yU  
`J$7X  
چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ بوسۇغىسىنى ئاتلىغۇچى ئىقتىدارلىق ھەم ئىپتىخارلىق، شېئىرىيەتتىكى تەپەككۇرى ھازىرقى زامان ياشلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچىلىك ئىگە بولغان، قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، تەسۋىرلەش روھىغا باي ياش ئەدىبلەرنىڭ بىرى. چىمەنگۈل ئاۋۇت «تەتۈر چېقىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن،«قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ھەم «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ئىلگىرىلەپ ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى بولغان سەنئەتكىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ناخشا تېكىستى MTV پىلاستىنكىسى، كىنو پىلاستىنكىسى تېكىستلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، چىمەنگۈل ئاۋۇت تېكىستىنى يازغان ئاتاقلىق ناخشىچى ئىززەت ئىلياس ئورۇندىغان «سىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدا «ئالتۇن مۇكاپات»قا ئېرىشكەن. شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسىمۇ 2010 – يىلى بازارغا سېلىنىپ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىل شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى» مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىب»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. يېڭى تىزىلغان دەستە-دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقۇچى چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ يېڭى ئىجادىيىتىگە بارىكاللا. Sc?q}tt^C  
1d!TU=*  
ماقالەمنىڭ بۇ قىسىمدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن ئەدەبىيات گۈلزارىمىزنىڭ رەڭمۇرەڭ گۈل چېچەك جەۋھەرلىرى بىلەن گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان ئاتىكەم زەمىرىنىڭ «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر»، «مۇز تاغنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» (تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، غەلىبە مۇھەممەدنىڭ «قار ياغقان كېچە»، گۈلباھار سىدىقنىڭ «زامان ئاخىرنىڭ ئاياللىرى»، گۈلباھار ناسىرنىڭ «سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر»، رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ «قىزارغان سەھرا»، «سۆيگۈ مەنزىلى»، «يېشىل ئارمان»، پاتىگۈل ئىمىننىڭ «سەنسىز»، ماھىنۇر ئابلىكىمنىڭ «ساداقەت»، «تۇمان تارىغان سەھەر»، زۇلپىيە كۆلتىكىننىڭ «كۆيۈككە داۋا يوق»، رەيھانگۈل مىجىتنىڭ «قايتا نىكاھ»، پاتەم ناسىرنىڭ «ئۆگەن بېشى»، تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ «ناماششامگۈل»، مىنەۋەر ھەبىبۇللانۇرنىڭ «ئاتېللا»، «چىمەنلەر سەلكىنى»، مۇنىرە غوپۇرنىڭ «رىياسەتچىلىك سەنئىتى»، مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز» دېگەن كىتابى، رىسالەت مەرداننىڭ «ئەدەبىيات ئوبزورلىرى»، ئايسىمە ئىدرىسنىڭ «ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئۇنىۋېرسال شېئىر، پوۋېستلىرى» قاتارلىق رومان، پوۋېست، شېئىرلار توپلىمى، ھېكايە، ئەدەبىيات ئوبزورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتقان ھەم ژۇرنالىستلىق، تەرجىمانلىق، تەھرىرلىك جەھەتتىمۇ يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن سارەم ئىبراھىم، رەيھانگۈل مامۇت، پەرىدە ئەمىن، ھەنىپە ئابدۇللا، گۈلباھار ناسىر، قەمبەرنىسا مۇھەممەد ھاجى، ھەلىمە تۇرسۇن، ئايگۈل بارات، زۇلپىيە مۇھەممەد قاتارلىق ھەم قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەم مۇكاپاتلانغان تەتقىقاتچى، شائىرە، تەھرىر مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللانۇرمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئىسمى ئاتالماي قالغان مۇشۇ كەسىپلەر بويىچە تەر تۆكۈپ ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان خانىم قىزلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى ئىز، يېڭى قەدەملەر بىلەن ئۆز كارامەتلىرىنى نامايەندە قىلماقتا. _7;D0l  
goOw.~dZ'  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر مۇنداق دەپ يازغان: «ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدىبلىرى ئاياللار بولغان ئىكەن. مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى، يۇرتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئالدى بىلەن قان، سۈت، تىل، سۆيۈش ئارقىلىق پەرزەنتىنىڭ يۇمران قەلبىگە قىلىق، مىجەز، پىسخىك ئامىلىنى سالىدىغان ئانىنىڭ ۋۇجۇدى، ئېڭى بىلەن بولىدۇ. ئاندىن مائارىپتىن باشلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەربىيە تەرەققىياتىدىن ئىزدىنىشىمىز لازىم. تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىمۇ ھەرقايسى دەۋر، زامانلاردا چىققان مەشھۇر ئەدىب، ئاپتور، جەمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ قالدۇرغان ئۆچمەس تارىخ، مەدەنىيەت ئىزلىرى، پاراسەتلىك ئىجادكار، ئېگىلمەس روھىي مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرەلەيمىز» eGLB,29g  
`n"PHur  
قىسقىسى، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر ئايال زىيالىلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىجادكارلىقى، پاراسەتلىكى ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ ھەر خىل بېسىملىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر كۈچلۈك قوشۇنغا ئايلاندى. شۇنداق دەپ قارايمەنكى، بۇ تۆھپىكارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەۋرىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئايال تۆھپىكارلارغا ئاپىرىن!
=u`tlN5pOT  
oL7F^34;  
X4JSI%E  
مەنبە:مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-01, 19:46
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
alwida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13674

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   84 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5385 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   282  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2386
 سائەت
دەرىجىسى:
2386 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-19
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

يەنە بىر نادىر تىما ، ئۈستىدىكى ئىسىملارنىڭ قېشىغا تىرناق ئىچىگە كەسپىنى كىستۇرۇپ قويغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن، كۆپ ساندىكىلىرىنى تۇنۇمايدىكەنمىز.
 
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   802 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13012 (سوم)
 ياخشى باھا:   1482 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1796  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5281
 سائەت
دەرىجىسى:
5281 سائەت 319 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

نادىر تىما . مانا بۇلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسى . Gzs$0Ki=  
مانا بۇئاياللار سايلامغىمۇ قاتناشمىغان ۋە ھەقىقى بىر ئانا بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان . بەدەل تۆلىگەن ئانىلاردۇر . ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى تالاشمىغان . پەقەت ئەرلىرى نىمە تىپىپ ئەكىرسە شۇنىڭغا شۈكىرى دەپ باللىرى ياخىش تەربىيلەپ . يۇقارقىدەك ئانىلىرىمىز دەپ ئاتىلدىغان بۈيۈك نامغا ئېرىشكەن . R\ 
ئىسىل تىما !
 
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
natik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49057

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   517 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4536 (سوم)
 ياخشى باھا:   1167 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1093  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 811
 سائەت
دەرىجىسى:
811 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01
ئاپتور(تارىم) نىڭ تېمىسىغا

مەمەت ئاۋاق دىگەن كىتابنىڭ ئىلك كىتاب نۇسخسنى تاپقلى بۇلامۇ  ،
 
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   508 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10633 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7500
 سائەت
دەرىجىسى:
7500 سائەت 290 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

تۇرسۇنئاي ساقىم ئاپپاينى ‹چالىقۇشى›بىلەن ‹ئۆكسۈش›نى ھەر قېتىم ئوقىغىنمدا ،يۈرىكىمنى ھاياجانلىق ئىزتىراپلارغا سېلىپ،كىتاپ ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلىرىمىدە ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلەيمەن.. 6j+X@|2^  
خالىدە ئىسرائىلنىڭ‹ئەڭ گۈزەل خاتىرە›مەن تۇللۇقىسز ئەدەبىيات دەرسلىكىمدە پەش-چىكىتلىرىنى قويماي يادىلاپ بەرگۈدەك دەرىجىدە يادا بۇلۇپ كەتكەن ھېكايە...ئۇنىڭدىكى تەبىئەت تەسۋىرىنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدۇ... ‹ئوربىتا›سى ھازىرغىچە ئېسمىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.. pU[yr'D.r  
گۇلباھار ناسىرنىڭ‹سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر›،‹تاش شەھەردىكى ئايال›مېنى خېلى بىر چاغلارغىچە ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويغان ئىدى... ^]~!:Ej0  
ئاتىكەم زەمىرىنىڭ‹ھۆرلىقا›سى مېنى تۇنجى قېتىم تاجىك خەلقىنىڭ مۇھەببەت ۋە ئۆرپ-ئادەت ،تۇرمۇشىغا قىزىقشقا باشلاپ كىرگەن. td23Z1Elk#  
غەلبە مۇھەممەتنىڭ ‹كۆيگەن توقاچ› ئاپام بىلەن مېنى  بىر مەزگىل ئۇھ تارتقۇزۇپ، پېرسوناژلارغا تولا ھېسداشلىق قىلىپ ،ھالىمنى قويمىغان... m6]6 !_  
ئايشەم ئەخمەتنىڭ ‹قارا چامدان›ئەدەبىيات مۇئەللىمىم سىنىپتا ئوقۇپ بەرگەن تۇنجى دەرستىن سىرتقى ئەسەر.... {MTtj4$  
گۇلباھار سىدىقىنىڭ ‹زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى›،رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ‹قىزارغان سەھرا›،زۇلپىيە كۆلىتىگىننىڭ ‹نامىسز بارماق›،‹كۆيۈككە داۋا يوق›، ماھىنۇر ئابلىكىمنىڭ ‹ساداقەت›،‹تۇمان تارىغان سەھەر›،مۇنىرە غۇپۇرنىڭ ‹رىياسەتچىلىك سەنئىتى›،تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ ‹نامازشامگۈل›،‹سەرۋىخان›،‹ئۈچىنىچى سوت›قاتارلىق ئەسەرلىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. x5Fo?E  
تۇنجى چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى بولغاچقىمۇ ياكى تەجىرىبە-ساۋاقلار كەم بولغاچقىمۇ پاتىگۈل ئىمىننىڭ ‹سەنسىز›ناملىق رومانى ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتىر ئۇرۇنلاشتۇلىشى جەھەتتەماڭا ئانچە يېقىپ كەتمىدى... A wk1d  
?r5a*  
ئاخىرىدا تارىم سىزدىن سورايدىغان بىر گەپ بارئىدى.. 53pT{2]zAi  
سىزنى ئەدەبىيات جەھەتتىن خېلى ئەتراپىلىق بىلىمگە ئىگە دەپ ئويلايمەن..ھەم سىزمۇ ئاقسۇدىن بولغاچ بىلشىڭىز مۇمكىن..مەن ئاقسۇ ئەدەبىياتى ۋە شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدا دائىم ئىسىمنى كۆرۈپ قالىدىغان بىر ئايال يازغۇچىمىز بار ئىدى،،ئىسمىنى پەقەت ئەسكە ئالالمىدىم،بىراق تەخەللۇسى ‹سەرۋى›،بۇ ئېنىق ئېسمىدە..بۇ ھەدەشنىڭ تارىم ژۇرنلىغا ‹يامغۇرلۇق كۈندىكى ھېكايە›دەپ بىر پوۋسىتى بېسلىغان..ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:ئەسەردىكى مەن نىڭ ھەدىسى ئېرى تەرپىدىن خورلۇق تارتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ..كېيىن مەن ھەدىسگە بولغان سېغىنىش ۋە يېزنىسگە بولغان ئازاپ تۈپەيلى يېزنىسىنى (يەنى ھەدىسىنىڭ ئېرى)نى ئۆلتۈرۋېتىش ئۈچۈن بىر لۈكچەك بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ،ئۇ بالا يەنە ئوغىرىغۇ دەيمەن.ئاخىرىدا بىر قاتار ئىشلار بۇلۇپ بۇ قىز ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ..كېيىن ئۆيىدىكىلەرنى قايىل قىلىپ ئۇ بالا بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردىغان بىر ئەسەر ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بەك تەسىر قىلىپ كېتىپتىكەن،بىراق ئاپتورنىڭ ئىسىمى سەرۋى دەپلا بارئىكەندۇق..مۇشۇ ئايال يازغۇچىنىڭ بىر قانچە شېئرىنىمۇ كۆردۇم ،بىراق يەنىلا تۇللۇق ئىسىمى يوق...مۇشۇ يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى دەپ بېرەلەرسىمۇ؟ۋە يەنە باشقا ئەسەرلىرى دېگەندەك...بۇ ئايال ئائىلە ئايالىغۇ دەيمەن...سىزنى ئاۋارە قىلدىم..
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
zulayha مۇنبەر پۇلى +10 11-02 -
تارىم مۇنبەر پۇلى +10 10-01 قەيەردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىۋاپسىزا...
 
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906536 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11852
 سائەت
دەرىجىسى:
11852 سائەت 388 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01
4قەۋەتتىكى(چېچەك) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

سىز تىلغا ئالغان ئەسەرنى بىر چاغدا مەنمۇ ئوقۇغاندەك(ۋەقەلىكىدىن قارىغاندا). r KdsVW  
مەنمۇ ژورناللاردا پات-پات كۆرۈپ قالىدىغان ئاپتور ئىسمى ئورنىغا تەخەللۇسىلام يىزىقلىق ...لىكىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولماق تەس. pSI Xv%1J  
بىرنەچچەيلەن بار ئىكەن،ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە ئاپتور ئىسمى ئورنىغا پەقەت تەخەللۇسىنىلا چىقىرىپ قۇيىدىكەن،بۇ بەلكىم شۇ قەلەمكەشلىرىمىزنى خاھىشىدۇ،تەخەللۇس بىلەنلا ئەسەر ئېلان قىلاي دەپ ئويلىغاندۇ بەلكىم.
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   508 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10633 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7500
 سائەت
دەرىجىسى:
7500 سائەت 290 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01
5قەۋەتتىكى(تارىم) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

شۇ يازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگۈم بار ئىدى..ئىسىمىنى بىلمىگەچ ئەسەرلىرىنى ئەگەر ئىسىمى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان بولسا دىققەت قىلمىدىممىكىن دەيمەن..رەھمەت سىزگە،مەنمۇ ئاقسۇدىن...[
 
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
adalet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48047

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   172 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1984 (سوم)
 ياخشى باھا:   291 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   199  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 666
 سائەت
دەرىجىسى:
666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

نادىر تىما! X1V~.k vt)  
wg:\$_ Og  
3000 يىللار ئىلگىرى ئۆتكەن باتىسقان (ئوماي) ئانا، جىۋا (مىلادى 4–ئەسىردە كۈسەندە ئۆتكەن)، سىمىدا (10–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن) شاۋگۇەنيىن (11–ئەسىردە ئۆتكەن) شاۋ سى سى (12–ئەسىردە ئۆتكەن)، شى لەن لەن باخشى (14–ئەسىردە قۇچۇدا ئۆتكەن)، كۈن سىۋىنچى قىزى (13–ئەسىردە ئۆتكەن)، a,fcR <  
%?S[{ 4A&  
بۇلارمۇ ئۇيغۇر ئىكەندە...........
 
xarkyultuzi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8607

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   139 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5140 (سوم)
 ياخشى باھا:   225 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3453
 سائەت
دەرىجىسى:
3453 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمىكەن! كۆپلىگەن ئايال ئەدىپلىرىمىزنى بىلىۋالدۇق، تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت!
 
ئىتىڭنىڭ ساڭا بولغان ھېرىسلىقىنى ئۆزۈڭنىڭ قالتىسلىقىڭنىڭ دەلىلى دەپ قالما!
sarvinas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56099

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   661 (سوم)
 ياخشى باھا:   160 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1199
 سائەت
دەرىجىسى:
1199 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

مۇشۇلارنى ئوقىۋىتىپ نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىسمى كۆز ئالدىمدا توختىماي نامايەن بولدى.....مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئايال.
 
nigora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9034

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6088 (سوم)
 ياخشى باھا:   365 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   355  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 286
 سائەت
دەرىجىسى:
286 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  sarvinas كە 2011-10-01 11:11 PMئەۋەتىلدى  : * 
مۇشۇلارنى ئوقىۋىتىپ نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىسمى كۆز ئالدىمدا توختىماي نامايەن بولدى.....مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئايال. 4`") aM  
@\W-=YKLg  
تىمىدا ئىسمى يوقمۇ نىمە....مەنمۇ بەك ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل ئايال.
 
چۈش بولسىچۇ گۆرگىنىم ھەممە، يىغلاپ _ يىغلاپ ئويغنىپ كەتسەم.....
kuraxqan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6222

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   206 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6029 (سوم)
 ياخشى باھا:   257 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 455
 سائەت
دەرىجىسى:
455 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

بۇ تىما بەك ياخشى ئىكەن. تەسرلىنپ تولوق ئۇقۇپ چىقىتم. مەن تىخى ئوقۇپ چىقمىغان ئەسەر كىتاپلا كۇپ ئىكەن.
 
ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى