مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1236 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئەردوغاننىڭ دۇنيا دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتقان نۇتقى ئاخىرىلاشتى

قەۋەت ئاتلاش
altun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   185 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11679 (سوم)
 ياخشى باھا:   667 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   890  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2777
 سائەت
دەرىجىسى:
2777 سائەت 213 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
— بۇ يازما xiwas1- تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-09-30) —

ئەردوغاننىڭ دۇنيا دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتقان نۇتقى ئاخىرىلاشتى
v^vE aB  
[mhY_ Hmz]  
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې )|:|.`H  
باش نازىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلىكى تاشقىي ئىشلار نازىرلىرى يىغنىدا بىر نۇتۇق سۆزلىدى.ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر نەچچە ئەسىرلىك دوستلۇق رىشتىگە ئىگە. غەززەدە يىغلىغان پەلەستىنلىك بىر بالا ئەنقەرەدىكى بىر ئانىنىڭ يۈرەك – باغرىنى تىترىتىدۇ. بىز بىر بەدەننىڭ ۋە بىر رۇھنىڭ ئامىللىرىمىز. بىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چوڭ بىر ئائىلە. تارىخى بىر باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز. بىر بىرىمىزنى ھەر زاماندىكىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىمىز، تېخىمۇ ئوبدان بىلىشىمىز. تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن كېلەچەككە قاراۋاتىمىز.تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق شۇئارى بولىشى كېرەك. خەلقلىرىمىزنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا مەجبۇرمىز. قانۇنسىز يوللار بىلەن كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار بۈگۈن بىلىپ يەتمىسە، ئەتە ئۆزىنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۆر. تارىخ بۇرۇلۇش ياسىغان بۇ مەزگىلدە قېرىنداش ئەرەب خەلقىنىڭ سالماقلىق بىلەن تىك تۇرۇشىغا چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.قېرىنداشلىرىمنىڭ شان – شەرەپلىك بىر كېلەچەككە ئىگە بولىشى ئۈچۈن بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.تۈرك ۋە ئەرەب خەلقى، ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن ئارىمىزدىن شامال ئۆتمىگىدەك دەرىجىدە سېپىمىزنى مۇستەھكەم تۇتىشىمىز كېرەك. ئوخشىاش بولمىغان تىلغا ئىگە، ئەمما ئوخشاش بىر جۇغراپىيگە ۋە ئوخشاش بىر قىسمەتكە ئىگە بولغان بىزلەر ئۈچۈن، قايتىدىن ئورتاق كېلەچەككە ئىگە بولىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى ئالدىدا بۈگۈن بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيىمىز ۋە باسىدىغان قەدەملىرىمىزنىڭ ھېسابىنى پەقەت خەلق سورالايدۇ. بۇ چاقىرىقىم، رايونىمىزدىكى پۈتۈن ئەللەر ۋە ئىسرائىل ئۈچۈن.بەزىلەرگە ئوخشاش لىۋىيىنىڭ يەر ئاستى بايلىقغا كۆز تىككەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى لىۋىيە خەلقىنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن.نەچچە ئەسىر بويىچە تەبىئىي پەندىن ئەدەبىياتقا، سەنئەتتىن پەلسەپىگىچە گۈللىنىش مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ رايوننىڭ كىشىلىرى بۈگۈن ئىگە بولىشى كېرەك بولغان يەردە ئەمەس.لىۋىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۆرىشىنى زەپەر بىلەن ئاخىرىلاشتۇرىشى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىتا سۈكۈتتە تۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنى پەقەت بۇ رايوندا يەر ئالغانلىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتىۋاتىمەن.ئوتتۇرا شەرقتە يېڭىلىققا ئۆتۈش جەريانىدا بىزگە ھاجىتى چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە دوستلۇق قولىمىزنى ئۇزاتتۇق. قولىمىزنى تۇتمىغانلار بولدى. دوستانە نەسىھەتلىرىمىزنى قايتا – قايتا بىلدۈردۇق.ئىسرائىل ئۆزىنىڭ قانۇنىي مەۋجۇدىيىتىنى تەۋرىتىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئىش – ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئىسرائىل خەلقئارالىق دېڭىزدا ياردەم كېمىسىگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىدە ھۇشۇنى يوقۇتۇپ قويدى. ئىسرائىل خەلقى ئىسرائىل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قامال قىلىندى. ئىسرائىل، ئەپۇ سوراش ۋە تۆلەم تۆلەش تەلپىمىزگە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالماقتا.تەييارلانغان دوكلاتنىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوق. غەززە قامالىنى ئىتىراپ قىلمايمىز، قۇبۇل قىلمايمىز. ئىسرائىل قاچان يوللۇق، مەسئۇلىيەتچان ۋە كىشىلىك ھەقلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت سۈپتىدە مۇئامىلە قىلسا، ھازىرقى يېتىم قالغان ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شەرتلەر ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. ئىسرائىل ئەپۇ سوراپ، ئۆلتۈرگەن شېھىدلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىمىگىچە ۋە غەززەگە يۈرگۈزىۋاتقان قامالنى بىكار قىلمىغىچە، تۈركىيە – ئىسرائىل مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولمايدۇ. تۈركىيە ئىسرائىلنىڭ غەززەگە يۈرگۈزگەن قامالىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.ھېچقانداق بىر دۆلەت خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. دۆلەتلەر ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا ئۈچۈن دۆلەتلەرمۇ تېرورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشقا مەجبۇر.بولۇپمۇ شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ب د ت باشچىلقىدىكى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىسرائىلنىڭ بىر ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزىۋاتقان تەنتەك سىياسىتىگە يول قويىۋەرسە، بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە كۆز يۇمۇۋەرسە، ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنايەتنىڭ بىر شېرىكى سۈپتىدە ياد ئېتىلىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.بۇ داۋا پەلەستىننىڭ ئەمەس، ئادالەت ۋە قانۇننى ياقلايدىغانلارنىڭ ئورتاق داۋاسى. ئىسرائىل – پەلەستىن مەسىلىسى بىر ئىنسانى مەسىلە. غەززەدە بۇ ۋەزىيەت داۋاملاشقان مۇددەتكىچە خەلقئارا سەھنىدە ھەق ۋە قانۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كرزىس داۋاملىشىدۇ. زۇلۇمغا تايىنىپ سىياسەت يۈرگۈزگەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىم سېغىنىش ئىچىدە تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولىشى كېرەك. « كېلىڭلار، بايراق خادىسىغا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاسايلى ۋە ئۇ بايراق ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق، ئادالەتنىڭ سىموۋۇلى بولسۇن! كېلىڭلار، ئوتتۇرا شەرققە ئىگە بولىشىغا تىگىشلىك بولغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ھەسسە قوشايلى! ». ]5^u^  
:U~ [%]  
9 eP @}C6  
9%4rO\q  
مەنبە: )ZT&V I  
-IPc;`<  
http://www.timeturk.com/tr/2011/09/13/erdogan-arap-birligi-nde-konusuyor-canli.html ;yH/GN#O  
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-09-30 10:22 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xiwas1-
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-30, 22:24
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
bakri1114 مۇنبەر پۇلى +10 10-02 ئوسمانىلار دەۋرىگە قايتىش......
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بۇران - چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت - شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دوچ كەلسىمۇ ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ .