qac8zt#2
C بىر توي قىلىپ بولغان ئەرلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ ئابروي ئۈچۈن توي قىلمىغانلارنى ئىزدىشگە قانداق قارايسىز
CAa&,ZR ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە مۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋال مەۋجۇت (جەنۇپ تەرەپلەردە كۆپرەك بولشى مۆمكىن ،شىمال تەرپلەردە قانداقلىقى توغۇرلۇق قولىمىزدا ئىنىق مەلۇمات يوق ،بىراق پەقەت ئۇچراتمايمۇ قالمىدۇق !)يەنى بىر توي قىلىپ بولغان ئەر ،توي قىلمىغان قىزلارنى ئۆزىگە ھالال جۈپتىلىككە تاللاش ،بىر ئادەمىنىڭ نورمال پىسخىكىسى بويۇنچە ئىلىپ ئيىتىقاندا ،ئادەم بىر ئىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككىنجى قىتىم مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تىرشىدۇ ،ياكى قايتا شۇنداق خاتالىق سادىر بولۇپ قىلشىنى خالىمايدۇ ،بىراق يەنە نۇرغۇن كىشلرىمىز ئۇنداق ئەمەس ،ئۆزى توي قىلىپ بولغان تۇرۇپ ئىددىيىسىدىكى ،ئاياللارنى كەمسىتىشتەك ناچار يارمان خاھىش تۈپەيلى ،كۆز-كۆز قىلىش ئابروي پەرەسلىك تۈپەيلى ،ئەل -جامەئەتكە مانا مەن ئاجىرشىپ كەتكەن بولساممۇھەر ئامال بىلەن تىخى تۇرمۇشلۇق بولمىغانلارنىمۇ ئۆز ئەمرىمگە ئالالايمەن ،ياكى بۇنى خىيالىدىكى ئاتالىمىش ئەركەكلىكىنىڭ سىموۋلى دەپ قاراپ ،(ئەلۋەتتە ئۆز ئارا تونۇشۇپ بىر-بىرگە كۆڭلى چۈشكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا )ھەر خىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ يالغان -ياۋداقىنى بولشىغا توقۇپ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكەلەرنى بولشىغا خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ تويدىن كىيىن ئۆزنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى ئاشكارلاۋاتقان ،تويدىن بۇرۇنقى ۋەدىسىنىڭ بىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىخى تەتۈرسىگە يىنىپ ،ئىككى گىپنىڭ بىرى بولسا ،سەن ئەمدى توي قىلىپ بولغان ئاتاققا چىقىپ بولدۇڭ ،ساڭاڭ كىم قىزىقىدۇ دەپ جار سالدىغان ناچار ،ئادەم قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەن كىشلىك ئىززەت -ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلدىغان خاھىشلار ئەتراپىمىزدا خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ قىلىۋىتىىپتۇ ،بۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ يىقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ئالاھىدە ئەۋىج ئالدى دىيىشكە بولدىكەن ،بۇنىڭ كۆپىنچىسى 30 ياشتىن ھالقىپ كەتكەنلەردە كۆپرەك كۆرىلىۋىتىپتۇ ،قىزنىڭ ئاتا-ئانسىنى ئۆزنى تۇرمۇشتا تەجىربىلىك دەپ ئويلاپ شۇنداق بىر ئاجراشقان بولغاندىكىن ،قىزىمدىن يىشى چوڭ بولغاندىكىن چوقۇم قىزىمغا ياخشى مۇئامىلدە بولىدۇ ،قىزىمىزنىڭ تۇرمۇشدىنمۇ خاتىرجەم بولىمىز ،ئەركىشىنىڭ يىشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ،قىزىمىزغا ياخشى قارىسلا بولدى دەپ ئويلاپ ،تويغا رازى بولغان ئاتا-ئانىلار دەرىتنى بولشىغا تارتىپ ،پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق يۇرشىپتۇ ،
x +]ek
تىخى بۇنداقلارنىڭ كۆپۈنچىسى ، 2-3 توي قىلغان تەقدىردىمۇ ئاران بىر ئايلا ئۆي تۇتالايدىكەندە ،ئاندىن قىزنى بولشىغا بەزدۈرۈپ ،ۋاي ئەركىشى دىگەن سەندەك بولىدىغان بولسا دىگەن يەرگە كەلتۈرۈپ ،ئەر تەرەپ ئاجىرشايلى دەپ بولغىچە قىز ماقۇل دەيدىغان جايغا ئىلىپ كىلدىكەن ،يەنە بىر قىسىملىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ تويغا زورلىشىغا جاۋاپ ،باھانە تىپىپ بىرىش ئۈچۈنلا توي قىلىپ ،1 ئايغا قالمايلا ئاجىرىشىپ مانا مەن توي قىلدىغانغا ماس كەلمەيدىكەنمەن ،دىگەننى كۆرسىتىپ قويدىكەن ،تىخى ئۇ ئاز كىلىپ ئاجىرشىپ بولۇپ نومۇس قىلماي تويلۇقنى قايتۇرسۇن دەيدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتۇق ،شۇنىڭ بىلەن بىر قىزنىڭ بەختىنىڭ ۋەيران بولغىنى بىلەن ئىشى يوق ،يەنە شۇ ئۆزنىڭ كەيىپ ساپاسى بىلەن يۈرشىدىكەن ،بۇنداقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشىچە باللىق بولۇش ،ئايالىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئىلىش ،ئۆي تۇتتۇم دەپ ئۆيگە ئۇن ماي ،گۈرۈچ توشۇش ،ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالدىدىن خەۋەر ئىلىىپ ۋاپادارلىق قىلىش ،تۇققانلىرىغا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش دىگەن ئارتۇقچە بىر ئشىكەن ،كۆپۈنچىسى بۇنى خالىمايدىكەن ،ئاساسلىق مەخسىتى ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ،نىكاھ دىگەن پەقەت شۇنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن بەزىسى تىخى بىر ۋاخ ناماز ئوقۇشىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ئايالىغا ۋەز نەسىھەت سۆزلەپ ئايالىنى بەزدۈرۈپ ئاران قويدىكەن ،شۇنداق ئەھۋاللارغا قاراپ ئارىمىزدا پىسخكا كىسلى بارلار كۈندىن -كۈنگە ئاۋۇپ قىلىۋاتامدۇ نىمە دىگەن يەرگە كىلىپ قالدۇق ھەم ئەنسىرەپ قالدۇق ،بىزنىڭچە بۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىمىكىن ،توي قىلىپ بولغانلار ھەر بىر توي قىلسا 4-5 قىزنى توي قىلغان ئاتاققا چىقىرىپ قويۇپ ،تىخى نۇرغۇنلىرى بىر توي قىلغان ئايالنىمۇ ئالغىلى بولامدۇ دەپ جار سىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئويلاشمىساق بولمىدى ،بولمىسا بىرىجى ئەۋلات ۋە ئىككىنجى ئەۋلات ئاي پاتەملەر كۆپىيىپ كىتىپ بىزنىڭ يىگىتلەر ،باشقا قەۋىم قىزلىرىنى ئىلشىقا مەجبۇر بولۇپ قالماڭلار دەيمىز !
[MXyOE يەنە بىزنىڭ بەزى سۇئالىمىزغا قارتا مۇشۇ مۇنبەرىدكى مەلۇم بىرەيلەن مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى ( قىز بولسا پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ،بىر توي قىلغان ئايالىنىڭ بولسا ئۇنداق ئەمەس ،بۇ كىشىنىڭ ئىيىتىشىچە قىيامەتتە باللىرىم گىلىمدىن سىقسا قانداق قىلىمەن دەپ ئويلاپ ،ھەم ئۆزنىڭلا بەختى ،نەپسى ھەممدىدن ئۈستۈن كىلىپ ،قىز ئىلىش قارارىغا كەلگەنمىش ،مىللەت كەلگۈسى ئۈسىتىدە قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتى ئۈسىتىدە ئۇنچە جىق ئويلىنىپ كىتەلمەيمىش )
?A]/
M~3B مۇلاھىزىگە سۇندۇق ،ئىلىمى مۇلاھىزە بولشىنى سورايمىز ،قالايمىقان تىتىقسىز ئىنكاس يازغۇچىلار ياكى كۈلكە قىلۋالغۇچىلار بولسا ،تىمنى قالايمىقان قىلماسلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت مىللىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسى ئۈچۈن تىرىششىنى ئارزۇ قىلىدىغان ،كىشلىرىمىز بولسا ئىلىمى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز !
ifI0s)Pn ھەتتا پەيغەنبىرىمىزنى شىپە كەلتۈرۈپ پەيغەمبىرىمىز قىز ئىلىڭلار دىگەن دەپ جار سىلۋاتقانلار بار ،مۇنداق توي قىلىپ بولغانلار چوقۇم قىز ئىلىڭلار ،توي قىلىپ بولغان ئايالىنى ھچكىم ئالمىسۇن دىگەن مەزمۇندىكى ھەدىسنى تىخى كۆرگۈچى بولمىدۇق ،بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويسا بولىدۇ ،لىكىن قانۇنغا چىتىلىپ قالدىغان ،ۋە خىلاپ كىلدىغان مەزمۇن يوللاشتىن ساقلىنىڭ !ھەممىزگە ياخشى !
RaC8Sq7hW T%]@R4z#q مەنبە : ئۆزۈم !
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-09-29 09:27 PM دە ق ]