قەۋرە ئىچىدە ئۆتكەن تۇغۇلغان كۈن
pp _ddk o4795r,jz ئۈ كىچىنى قانچىلىك تەقاززالىق -ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۇيقۇسىز ئۆرۈلۈشلىرىم بىلەن تاڭغا ئۇلىغىنىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بۇ كۈننىڭ خوشال-خورام،شاد كۈلكە مەۋجىللىرى بىلەن چەكسىز بەختىيارلىققا چۆمۈلگەن كەيپىياتتا دوست،يارۇ-بۇرادەر،قەۋمى-قېرىنداشلىرى بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتىشى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ گۈزەل تۇيغۇلاردا بولىدۇ.بىراق مىنىڭ خىيال قەسرىمدە باشقا بىر رىئالى ئىكران ھۆكىمدار ئىدى.
1Pc'wfj Vt>E\{@[t -تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!....-دەرۋازىدىن كىرىشىمگىلا ھەممەيلەن مىنى تەبرىكلەشتى.مەن ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ھايال ئۆتمەيلا؛
\NRRN eu| -ئەمسە ماڭىلى-دىدىم.بىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان قەۋرە ئىچىشقا لازىملىق ئەسۋاپلارنى ھارۋىغا باستۇق.
nV1,
):kh -كىلە بالام، بۇ تاشنىمۇ ئىلىۋالايلى...ئاپاڭنىڭ قەۋرە بېشىغا ئورنىتىمىز...-دادام 100 كىلوچە كېلىدىغان ئۇزۇن،چاسا تاشنى ئىشارە قىلدى.
X}
8U-N6) -توخـتا! سەن ياشىنىپ قالدىڭ،بۇ تاشنى ئۆزەم كۆتۈرۈپ ئېلىپ چېقاي.
uEY5&wX` -ياق-بەك ئېغىر!
bSzb! hT` -ئېغىر؟! مېنىڭچە ئېغىر ئەمەس.شۇنچە مۇشاقەتتە قوساقتا كۆتۈرۈپ،تۇغۇپ قاتاغا قوشقان ئېغىرچىلىقلىرىدىن ئېغىر ئەمەس!...
F!'"mU<f مەن يەنە نىمىلەرنى دىۋەتتىم بىلمەيمەن.ئۇلار مىنىڭ قەتئىلىكىمدىن شۈكلىشىپ قالدى.شۇنداق بىر كۈچ ئۆز ئېغىرلىقىمدىنمۇ ئېغىر ئەشۇ تاشنى كۆتۈرگۈزۈپ ھارۋىغا باستىم.
d?qz7#kc سەھەر بولىشغا قارىماي كۈننىڭ تەپتى خېلى قىززىق ئىدى. قەۋرىستانلىق قەۋرە يۆتكەش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن ئۆز جىمجىتلىقىنى بۇزغان ئىدى.بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى ناھايىتىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكنى قېزىشقا باشلىدۇق.ھەر بىر گۈرجەك توپىنى شۇنداق ئېھتىياتچانلىق ۋە ھەر خىل ھەمغۇسە بىلەن سېرىتقا ئاتاتتىم.تاش يەرلىك ئاخىرى قېزىلىپ بولدى.ئەنە رەتلىك تىزىلغان خىشلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.قولۇمدىن ئىختىيارسىز گۈرجەك چۈشۈپ كەتتى.چۈشەنگۈسىز ئاچچىق،ئەلەملىك بىر روھ مىنى چىرمىدى.ئاستا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قوللۇرۇم بىلەن خىشلارنى سىلاپ ،توپىللىرىنى سۈرتۈپ چۈشۈرۈشكە باشلىدىم.بىردىنلا يېغا باستى.دەل مۇشۇ خىشلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ ۋە ئەڭ ئۇلۇغ دوستۇم،ئەڭ سۆيۈملۈك يولباشچىم ۋە ئەڭ كۆيىمچان ئانام ئاللاقاچان ئۇستىخان بولۇپ ياتاتتى....ئۇ گويا شۇ تاپ خىشلارنى ئۆرۈپ چېقىپلا مىنى باغرىغا مەھكەم باسىدىغاندەك،‹ھەجەپ كۆرگۈم كەلگەن سېنى › دەپ مىنى ئەركىلىتىپ ،قۇچىقىغا ئېلىپ ئانىلىق مېھرى بىلەن مەڭزىللىرىمگە سۆيۈپ كىتىدىغاندەك ،ئۇنۇڭغا دىمەكچى بولغانلىرىمنى بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.توپا قوللۇرۇمنىڭ كەينى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئالدىراپ ئېچىشقا تەمشەلدىم.
)LUl? -توختا! گوركار ئۆزى ئاچسۇن! خەتەرلىك...-يۇقۇردىن دادامنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.ئىنىم قوللۇرۇمغا ،ئېسىنى ئۇنتۇغان خامۇش جىسمىمغا مەھكەم ئېسىلدى.
;!b(b% -ياق،ياق!-مەن تۇيۇقسىز ۋاقىراپ كەتتىم.بىشىم قېيۋاتامدۇ،زىمىن چۆرگىلەۋاتامدۇ...كۆزۈمگە ھېشنىمە كۆرۈنمەيتى ،قۇلۇقۇمغا ھېشنىمە ئاڭلانمايتى...ئېسىنى يوقاتقان ئادەملەردەك خېلى بىر ھازاغىچە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
L M[`%p قاچانلاردىدۇ ئېسىمگە كەلدىم.يىڭى كىپەنلىككە ئاۋايلاپ سېلىنىۋاتقان ئاپامنىڭ مەزگىلسىز ئۆچكەن رۇخسارىنىڭ قالدۇقلىرىنى سىلىدىم.مىنى كۆتۈشۈكلەردە،ئىڭىزلىقلاردا يىتىلەپ نامرات قارا كۈنلۈرۈمنىڭ ئازاپ -ئوقۇبەتلىرىدىن بىلىندۈرمەي ئۈزدۈرۈپ ئېلىپ چېققان قوللىرىنى،قوراي باسقان ئېتىز قىرلىرىدا ھاپپاشلاپ ،قۇمساڭغۇ،لايلىق يوللاردا قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ماڭغان ئېغىر يەلكىللىرىگە تىرەك ئەشۇ بەرداش پۈتلىرىنى ...ماڭا ئۇلار ئاقىرىپ كەتكەن ئۇستىخان ئەمەستەك مەڭزىم يېقىپ نەملىدىم.خوشاللىقلىرىمنى ،بەختىمنى ،تولىمۇ غۇبارسىز مۇھەببىتىمنى تۇنجى قېتىم مۇشۇ ئېرىشىشتىن ھەقىقى ئېتىراپ قىپ ئولتۇراتتىم. مەن بارغانچە تەمكىن،روھلۇق بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ئۇنۇڭغا پىچچىرلايتىم...ئۇ مەندىن پات-پات ئايرىلغانلىرىمىزدا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھېلىقى ناخشامنى يەنە تەلەپ قىلىۋاتقاندەك ئاستا شىۋىرلىدىم.
rL/+`H ‹دۇنياغا تۇغۇلۇپ ئۆلمەكلىگىمنى،دىلدىكى ئارمانغا يەتمەكلىگىمنى....بىلەلمىدىم ھېچ...بىلەلمىدىم ھېچ....›
7dRU7p> ئۇ مەندىن يەنە بىر قېتىم خوش بولىۋاتقاندەك ماڭا جۈر بولۇپ ئەشۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.شۇنداق كىپەن ئىچىدىكى بۇ ئۇستىخانلار مىنىڭ پۈتۈن ئۆمرۈمدە مەن مەڭگۈ داخىل بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمايدىغان كاتتا داستىخاندەك شۇنچە ئىپتىخار،ھاياجاندا ئىدىم.ۋاقىت،بۇ كۈن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك تىز ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. مەن باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇنىماي ئۆز قولۇم بىلەن ئانامنى-ئۇنۇڭ كىپىنىنى كۆتۈرۈپ يىڭى يەرلىكىگە قويدۇم.
sh
RvwE[ 28-سىنتەبىر مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى.8 يىل قۇچاقلاشتىن ،ھېدىنى پۇراشتىن مەھرۇم بولغان ئەزىزانە ئانامنى باغرىمغا باسالىدىم.ئۇنۇڭغا يۈركۈمنىڭ ئىزگۈللىرىنى بىلدۈرەلىدىم.ئۇنى خۇددى 33 يىل مۇقەددەم مىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدىم.
'aJ?Syn bE{`g]C5 ‹2006-يىل 28-سىنتەبىر›
pD9c%P 6Xa2A6 مەنبە؛قەلەم
[ بۇ يازما .tuz. تەرپىدىن 2011-09-28 03:07 PM دە قاي ]