9 m`VIB ئىزاھات: بۇلار پەقەت توقۇلما خالاس، ئاپتورنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئەمەس
bc}BQ|Q (ھېكايە)
Hru~Y}V D@
4sq^|2 مۇشۇنداقمۇ گەپ بولامدۇ دەمسىز؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن راستلا ئايالىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىلمەكچى بولسىڭىز بايانىمغا قۇلاق سېلىڭ.
s5cY> T1[B*RwC بىز توينى ئۆيدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. قىز مېنىڭ دادامنىڭ سودىدىكى كونا شېرىكىنىڭ قىزى ئىدى. ئۆزىمۇ ياۋاش ئىكەن ئەمما كۆزۈمگە سىغمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن سىرتتا خفلىغانچە ئويناپ كۈلۈپ، شوخ قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەچكە بۇنداق قىزلارغا تازا مەيلىم يوق ئىدى، ئەمما دادامنىڭ «مىراس لازىم بولسا شۇ قىزغا ئۆيلىنىسەن، ياكى بولمىسا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ نەگە بارساڭ بارىسەن» دېگەندەك تەھدىتلىك گەپلىرى ئاستىدا ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلاندىم.
o@47WD'm UsQh+W"? «نىكاھ ئەرلەر ئۈچۈن مەسئۇلىيەت» دېگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلايتتىم، قانچىلىك ئىش بولماقچىتى؟ كەچتە كىرىمەن، ئەتىگەندە چىقىپ كېتىمەن، چۈشتە بىرەر ۋاخ ئەتكەن تامىقىنى يېسەم بولدى، ئارىلاپ ماشىنىغا سېلىپ قېيناتاملارنىڭكىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم بولدى دەپلا ئويلىدىم. يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك كەيىپ-ساپا سورۇنلىرىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي دۇكاننى تاقىساملا ئاغىنىلەرگە تېلىفون قىلىپ بەش ئون قىزلارنى ئەكەلدۈرۈپلا قايسىدۇر ھورداقخانا،كېچىلىك بەزمىخانا دېگەندەك يەرلەرگە قاترايتتىم، توي قىلغىلى بىر يىل بولغان «ئايالىم» خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى.
3 =-XA2zJ \;bDDTM كەچ قايتىپ كەلسەم ئۇ مەندىن نەگە بارغانلىقىمنى سورايتتى، مەن پالانى ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە توي بوپتۇ، ياكى بولمىسا پۇستانچى سەپەرگە چىقىدىكەن، شۇڭا چاي بېرىپتۇ شۇيەرگە باردىم دەپلا گەپنى تۈگىتەتتىم، ئۇمۇ كوچىلاپ سوراپ كەتمەيتتى. مەنمۇ شۇ يېرىدىن خوش ئىدىم. بىراق ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمدەك ئايال بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ نىكاھىمدىن تازا رازى ئەمەس، قويىۋىتىپ يېڭىسىغا ئۆيلەنگۈم كېلەتتى، بىراق بۇنىڭغا ئىمكان يوقتە. كۈنلەر يەنە شۇ بىرخىل رېتىمدا داۋام قىلماقتا ئىدى.
GMW,
+ 'S#D+oF(1~ بىر كۈنى يەنە بۇرۇنقىدەك كەچ قايتىپ كەلدىم. ئۇمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ مېنى ساقلاپتۇ.
eB2a1<S&@ /n-!dXi -بۈگۈن نېمە كۈن بىلەمسىز؟-دەپ سورىدى ئۇ.
gPqdl6#c '<-F3 -سەيشەنبىغۇ؟
26B+qXEt *wp>a?sG\ سودا ئشىلىرىڭىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇنتۇپسىزدە، بۈگۈن بىزنىڭ توي قىلغىنىمىزنىڭ 3يىللىق خاتىرە كۈنى.
wzf%~ats v4Mn@e_#c كۈندە يېنىمدا تۇرىدىغان، كېچىسى بىر كارىۋاتتا يانمۇيان ئۇخلايدىغان ئىنسان يادىمدا بولمىسا بۇنداق بىرەر كۈننى قانداقمۇ ئېسىمدە تۇتاي؟
R?5v//[ |{ TVW -ئۇنتۇپتىمەن، كەچۈر. بىردەمدە ئۈچ يىل بولدى دېگىن.
BRTCo,i T0v{qQ -شۇنداق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، تاتلىق كىچىك بالا ئىدۇق، بىردەمدە چوڭ بولدۇق، ئەمدى مانا قىرانلىق دەۋرىگە قاراپ مېڭىۋاتىمىز. كۈنلەر نېمانداق تىز ئۆتكەن ھە؟ -ئۇ شۇنداق دېگەچ بېشىنى كۆكرىكىمگە قويدى.
[5i}C
K_= hp3
<HUU شۇنداق بۇ كۈنلەر نېمانداق ئىتتىك ئۆتىدىغاندۇ؟ ئىنسان دۇنياغا كېلىدىكەن، ئوينايدىكەن، كۈلىدىكەن ئاخىرى تاتلىق ھاياتقا قىيالمايلا كېتىپ قالىدىكەن.
JyDg=%-$2 Zonr/sA ~ -مەن چارچىدىم، ئۇخلاي، ئورنۇمنى راسلاپ قويدۇڭمۇ؟
L['g')g. 1+v!)Y>Z& -ھەئە، ئىسسىق سۇمۇ تەييارلاپ قويدۇم، پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قوياي.
.1YiNmW= p5`={'>- ئۇ بىر داس سۇنى ئەكىرىپ پۇتۇمنى يۇيۇشقا باشلىدى، كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن ئاۋۋالقىدەكلا تۇرۇپ بەردىم. ئۇنىڭغا سەپسالدىم، توي قىلغاندا 18ياش دېگەن قىز مانا چوپچوڭ بىر جۇۋان بولدى، بۇرۇنقى سۈتتەك چىرايى ئازىراق قارىلاشقان ، قوللىرى يىرىكلەشكەن، ئوتۇندەك قاتتىلاشقان ئىدى، مانا بۇ ئۈچ يىللىق تۇرمۇشنىڭ جاپاسى.
LXS)(-&
e N^6gub مەن ئۇنى داۋاملىق بىللە بەزمە-ئىشرەتخانىلاردا كۆرۈشىدىغان قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ قولى شۇنداق يۇمشاق، تانسا ئوينىغاندا مۈرەڭگە ئالغاندىكى ھوزۇرىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما مېنىڭ «ئايالىم»چۇ؟ گەرچە ئۇ بەك چىرايلىقلاردىن بولمىسىمۇ ماڭا كۆيىنىدۇ (گەرچە مەن قوبۇل قىلىشنى خالىمىساممۇ)، تانسا ئويناشنى، سورۇنلارغا بېرىشنى بىلمىسىمۇ ئەمما تاماقنى شۇنچىلىك ئوخشىتىدۇ. ھېلىقى قىزلاردەك ماڭا نازلىنىپ سۈيىنى چىقىرالمىسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانامغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. نېمىشقىدۇر بۇ يىللاردا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم، خەجلىۋەتكەن پۇلۇمغا ئەمەس، قىلچىلىك مۇھەببەت ئېڭى يوق نايناقلارغا، مېنىڭ روھىمنى چىرىتكۈچى بەزمىخانىلارغا بېرىۋەتكەن ۋاقتىمغا ئىچىم ئاغرىدى. شۇكۈنلەرنى نېمىشقىمۇ ئۆزىنى ماڭا ئاتىۋەتكەن مۇشۇ ئىنسان بىلەن بىللە ئۆتكۈزمىگەندىمەن؟
\\Te\l|L $0&
تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، پۇت بارماقلىرىمنى ئۇۋىلاۋاتقان قوللىرىنى ئالقىنىمغا ئېلىپ مەڭزىمگە ياقتىم، ئۇ بۇ ئىشىمدىن ھەيران قالدى بولغاي «قولۇم ھۆل ئىدى» دەپ قولىنى تارتىۋالماقچى بولدى، مەن ئۇنى بىر تارتىپلا باغرىمغا باستىم قۇلىقىغا پىچىرلىدىم «مېنى كەچۈرگىن، ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلالماپتىمەن، سېنىڭ قەدرىڭنى بىلىپ يېتەلمەپتىمەن، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك بېرىمەن، سېنى ھەرگىز يالغۇزسىراتمايمەن». ئۇ مېنى قۇچاقلىدى، ئۇنىڭ باغرى شۇنچىلىك ئوتلۇق شۇنچىلىك مېھىرلىك ئىدى. بۇ مېھىرنى مەن ھېچقاچان ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم. ^*'fDP*
iq
چىراقنى ئۆچۈردۇق. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ياتتۇق، مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان، ئۇ كۆكسۈمگە بېشىنى قويىۋالغا ھالەتتە ئۈن-تىنسىز ياتاتتۇق، دېرىزىدىن چۈشىۋاتقان ئاي نۇرى بىزنى يورىتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا قارىدىم، كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە كۆزىنى يۇمۇپ يېنىك تىنىق ئېلىۋاتاتتى. ئۇنى قۇچاقلىدىم، شۇ كېچىسى توي كۈنى ماڭا نېسىپ بولغان، ئەمما ھازىرغىچە قول ئۇزاتمىغان نېسىۋەمگە ئېغىز تەگدىم. e)f!2'LL
qZYh^\
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى باشقىچە بىر ئادەمدەك ھېس قىلدىم. يېڭىلىق! بۇرۇن ئەتىگەندە تۇرغاندا ئۇيقۇمغا قانماي ھاردۇقۇم چىقمىغان ھالەتتە تۇراتتىم، بۈگۈن باشقىچىلا ھالدا ئىدى. %
8P8h%%Z
q{uv?{I
ئۇ ھوجرىغا كىردى، ماڭا قاراشقا ئۇيالدىمۇ يەرگە قاراپ تۇراتتى: y`a]##1j$M
I78Q8W(5
-مۇنچىغا ئىسسىق سۇ تەييارلاپ قويدۇم، يۇيىنىۋىلىڭ.
?)2; W
[7Liken
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى يەنە چوڭقۇر مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ پىشانىسىگە سۆيدۈم: N)
'|l0x0
_rz7)%Y'#$
-ئاخشامقى گەپلىرىم يادىڭدىدۇ؟ ئەمدى سېنى ھەرگىزمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايمەن، سەن بىلەن تائەبەت بىللە ئۆتىمەن. 46D_K
R
c
ئۇ ئىككى مەڭزى قىزارغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى. مەن ئۇنىڭ ئالمىدەك مەڭزىگە يەنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم. r#NR3_@9
|Ge!;v
شۇنىڭدىن كېيىن مەندە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، دۇكاننى بالدۇر تاقايدىغان، تاقاپ ئۇدۇل ئۆيگە كېلىدىغان، ھە راست تېخى كۈندە ئۇنىڭغا بىرتالدىن ئەتىرگۈل ئالغاچ كېلىدىغان بولدۇم. ئاغىنىلەر تېلىفون قىلىپ ئوينايدىغان يەرنىڭ گېپىنى چىقارسا بارمايدىغان، ھېلىقى مېنى «سۆيىدىغان» «جانان»لار تېلىفون قىلسىمۇ ئەمدى مېنى ئىزدىمەسلىكنى ئېيتىپ تېلىفوننى قويىۋىدىغان بولدۇم. ئۇمۇ ماڭا شۇنچىلىك مېھرىبان ئىدى، شۇنچىلىك مۇلايىم، ئەۋەنسىز ئىدى. «تۆگىگە مېنىۋىلىپ تۆگە ئىزدىگەندەك» ئىش قىلغىنىمنى ھېس قىلماقتىمەن، يېنىمدىكى بەختنى قەدىرلىمەي نەلەردىن خۇشاللىق ئىزدەپ يۈرگىنىمدىن خىجىل بولماقتىمەن. g9AA)Ykp
u-R;rf5%k
تۇنجى مۇھەببەتلەردەك يېقىنچىلىق قىلىشاتتۇق، ئامراقلىق قىلاتتۇق، بىر دەم كۆرۈشمىسشەكلا تېلىفون قىلاتتۇق ياكى ئۇچۇر يوللىشاتتۇق. ئۇنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم . (l}nwyh5
<])kO`+G
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىم ماڭا مېنىڭ ۋارىسىمنى، ئوغلۇمنى تۇغۇپ بەردى، خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق دېگەن مۇشۇ شۇدە، كاتتا نەزىر قىلىپ ئات قويدۇق، نىكاھىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. J
A'suZpL
باشقىلار توي قىلىپ تۇرۇپ باشقا قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا مانا مەن ھازىر ئايالىمنى تېخىمۇ ياخىش كۆرۈپ قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشماقتا، قۇۋۋەتلەنمەكتە ئىدى. ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلۋاتاتتىم. +,UuJ6[n
H](TSt
بىر كۈنى ماڭا بىر ئاغىنەمدىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى: t;W'<.m_
:?:R5_Nd=
-يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ بۈگۈن بېرىپ «قۇشقاچ»لارغا دان بېرەيلى دېگەن، چىقالامسەن؟ Z9zsvg
C,$7fW{?
مەن جاۋابەن ئۇچۇر قايتۇردۇم: y
OQ+kOE&
-چىقالمايمەن، مەن ھازىر مېنىڭ بەخت قۇشۇمغا دان بېرىۋاتىمەن. ZmS
]4WM<
JnS@}m
شۇ ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ ئايالىم بىلەن بالامنى چىڭ قۇچاقلىدىم. مەن نېمىدىگەن بەختلىك ھە! mV|Z5 =f
*/j[n$K>~`
دوستۇم، سىزچۇ؟ سىزمۇ يېنىڭىزدىكى بەختىڭىزنى قەدىرلەۋاتامسىز؟ [ بۇ يازما سۈرخان تەرپىدىن 2011-09-28 03:12 PM دە قا ]