مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1314 
  •    ئىنكاس 
       1 

ئەرزىيەتچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش «مۇقىملىقنى قوغداش»نىڭ ھۈنىرى بولۇپ قالدىمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
غېرىپ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8827

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   661 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8372 (سوم)
 ياخشى باھا:   547 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   741  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 856
 سائەت
دەرىجىسى:
856 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
— بۇ يازما .tuz. تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-09-27) —

يېقىندا، لوياڭلىق جاۋ ئەپەندى سەيلى-ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولۇپ، پايتەختكە بېرىپ قاپتۇ، پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغان ئەرزىيەتچىلەر بىلەن بىللە كىچىكرەك بىر قونالغۇدا يېتىپ قاپتۇ. ئون نەچچە نامەلۇم ئادەم پەيدا بولۇپ، جاۋ ئەپەندىنىمۇ ئەرزىيەتچىكەن دەپ، ھېلىقى ئەرزىيەتچىلەر بىلەن قوشۇپ لوياڭ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. جاۋ ئەپەندى يولدا بارغىچە ئۆلگىدەك تاياق يەپ، ھۇشىدىن كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، يولنىڭ چېتىگە تاشلىۋېتىلىپتۇ. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى جاۋ ئەپەندى ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقنى ئاڭلاپ، جاۋ ئەپەندىنىڭ دادىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئوغلىڭىزغا ساۋاق بولۇپ قالسۇن، پايتەختكە بېرىپ يۈرمىسۇن. بۇ مەرتەمغۇ خاتا تۇتۇلۇپتىكەن، ھەر ھالدا ئۆزىنى كۆرەلىدىڭىز، كېيىنكى مەرتەم ئۆزىنىمۇ كۆرەلمىىسڭىز نېمە دېگۈلۈك؟» دېيىشىپتۇ. («شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرى) iQ]c k-  
0)`lx9&h  
موشۇ يىللاردا، «موقىملىقنى قوغداش»نى سۈيئىستىمال قىلىپ، ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىدىغان، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان ئەھۋاللار گېزىتلەردە داۋاملىق خەۋەر قىلىنىپ تۇردى. پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغانلارنى ھەپسىگە قامىۋالغانلارنى جامائەت ئەيىپلەپمۇ باقتى. لېكىن، «خاتا تۇتۇپ قويۇش»، «ئۇرۇپ قويۇش» تراگىدىيىسى تۈزۈم بوشلۇقى شارائىتىدا يەنىلا داۋام قىلىپ كەلدى. «قارا ھەپسە» قىسمىتىگە يولۇققانلارغا قارىغاندا، جاۋ ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىككەن، چۈنكى، ئۇ ھېلىھەم ھايات. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى ئېيتقاندەك، كېيىنكى مەرتەم جاۋ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈك-تىرىگىنىمۇ بىلگىلى بولمىسا، نېمە دېگۈلۈك؟ بۇنى ئاگاھلاندۇرۇش دېگەندىن كۆرە تەھدىت دېگەن تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. ھوقۇق ئەسەبىيلىكىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقىنى تۈزۈم كاپالىتىنىڭ يوقلۇقى، ئاۋامنىڭ بىچارىلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇشاققەتلىك كەچمىشلىرىدۇر. $m: a-.I  
w[A3;]la  
جاۋ ئەپەندى بۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك. ئۇ نامەلۇم كىشىلەرنىڭ «خاتا تۇتۇلسا مەيلىكى، بىرسىمۇ توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن» دېگەن قارارى سەۋەبىدىن شۇنداق ئۇۋالچىلىققا يولۇققان. ئەرزىيەت سانى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش چېتىۋېلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئەنە شۇنداق بىمەنە بەلگىلىمىلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن، ئەرزىيەتچىلەرنى قاتتىق قامال قىلىش، پېيىگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئۆسۈشكە يول تېپىشىدىكى يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ قالماقتا. «قارا ھەپسە» پەيدا بولۇش ۋە زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار مانا بۇنىڭ تۇغۇندىسىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەرلىكنىڭ موقىملىقنى قوغدىشى ۋە ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىغا دېئالىكتىك مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. mQA 
)p^jsv.  
ئەرزىيەتچى ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «موقىملىقنى قوغدىشى» باھانە-سەۋەبتۇر. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى «ھوقۇقىنى قوغداش» بولسا، ھەقىقىي مەقسەت-مۇددىئاسىدۇر. ھالبۇكى، ئىككى خىل ھوقۇقنى قوغداش بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ، بىرىنىڭ مەقسىدى تەلىپىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بولسا، يەنە بىرىنىڭ مەقسىدى ئاۋامنىڭ دەرت-ھالى بىلەن كارى بولماي، ھەتتا ئىنكار قىلىپ، مەنسەب تاجىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. ئەرزىيەتچى ئامما بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇنلۇق تەلەپ قويۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان چوڭ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئەرزىيەتچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش موقىملىقنى قوغداشتىكى قانۇنسىز ۋاسىتە-ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمەلدارلار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان مەمۇرىي مۇداخىلە ئاۋامنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ - يولسىزلىق، شۇنداقلا  دېمۇكراتىك قانۇنچىلىق روھىغىمۇ مۇخالىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلار «موقىملىقنى قوغداش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە، «موقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان بىرتەرەپلىمە قاراشتىن يۈكسەك دەرىجىدە ھۇشيار تۇرۇپ،  ئۇنى «خاننىڭ شەمشىرى» قىلىۋېلىپ، قانۇنسىز مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ باھانىسى قىلىۋالسا ھەرگىز بولمايدۇ. 5G ]#yb74  
-R$FJb Id  
بۇ ھەم بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمەلدارلار جامائىتىدىكىلەرنىڭ ئىدىلوگىيە جەھەتتە پەيدا قىلغان خەۋىپلىك سەپسەتىسىدۇر، كۆپلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «موقىملىقنى قوغداش» تەپەككۇرىدىكى ئەڭ چوڭ خاتا قارىشىدۇر. بىلىش كېرەككى، «موقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەننىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغىنى چوقۇم ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەن ئىدىيەدۇر. تۈزۈم بولمىغان ئەھۋالدا، مەلۇم جاينىڭ موقىم بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، نۆۋەتتە ئاساسلىنىدىغان قانۇن يوق بولماقتا، ئەكسىچە، شۇ جايدىكى پارتكوم-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىغا باغلىق بولماقتا. نەتىجىدە، بەزى جايلار بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەرزىيەتچى ئاممىنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىپ، ئاۋامنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرى بىلەن ئىجتىمائىي موقىملىقنى قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇپ، زىددىيەتنى يوشۇرۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى مەجبۇرىي بېسىش ئارقىلىق، ۋاقتلىق موقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. h'y@M+c(  
^)IL<S&h  
بۇنداق قىلىش ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، دېموكراتىيە قانۇنچىلىققا بولغان ھاقارەتتۇر، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش روھىغا مۇخالىپتۇر. بۇنداق «موقىملىقنى قوغداش» ماھىيەتتىن تۈزىمەي، يۈزەكى-ۋاقتلىق تۈزەش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ۋاقتلىق ئۈنۈم كۆرۈلگەن بىلەن، ئەل-ئاۋام تۈزۈم كاپالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ، ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ ئىناۋىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. موشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاۋامنىڭ ئەندىش-تەشۋىشى ۋە نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، «قوغدىغانسىرى مۇقىم بولماسلىق»تەك غەلىتە چەمبىرەك ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. موقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى- ئەمەلدارلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، كونا ئىدىيىۋى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك موقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇشتىن ساقلىنىش، كۆرۈلگەن زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى قانۇنچىلىق روھى ۋە ئادىمىيىلىك خىسلىتى بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. مانا بۇ جاھالەت ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ھىدايەت يولىدۇر. ' bw,K*  
v3JIUdU=P  
مىڭ يىفەن ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزور 2011-يىلى 24-سېنتەبىر خەنزۇچە «نۇر تورى»دا ئېلان قىلىنغان. ]ifHA# z`~  
8m[L]6F(-z  
ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى. تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوكيان تورىدىن كۈچۈرۈلدى
تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-27, 18:18
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +29
YamanKiz مۇنبەر پۇلى +10 09-28 مانا بۇ جۇڭگو . بۇنداق دۆلەت ئاز .
marka مۇنبەر پۇلى +19 09-27 مۇشىنىڭ خەنزۇچە ئەسلى مەنبەسىنى؟
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى
tohtamux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31246

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15157 (سوم)
 ياخشى باھا:   1527 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4856
 سائەت
دەرىجىسى:
4856 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئاڭلاشلارغا قاراىغاندا مەركەزدە بىرنەچچە مەخسۇس ئەرىز قىلغانلارنى توسۇش شىركىتى بارمىش،
 
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن!
دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!!
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!