ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت
Ia[4P8Z .rwa=IW ئۇيغۇر تىبابەت نەزىريىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت يەنى ؛ساپ ھاۋا ، يىمەك – ئىچمەك ، ھەركەت – جىمجىتلىق ، ئۇيقۇ – ئويغاقلىق ، چىقىرىش – تۇتۇش ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى موھىم رولى ۋە ئەھمىيتى كىشىلەرگە بارغانسىرى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا .
LE|DMz|J aBd>.]l? 1 . ساپ ھاۋا
cCx_tGR" !DM GAt\ ھاۋانىڭ ساپ بولىشى ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىنتايىن موھىم ئامىل ، شۇڭا مۇھىت تازلىقىنى ياخشىلاپ ھاۋانىڭ ساپلىغىنى قوغداش ، پەسىلگە قاراپ كىيىنىش ، ئۆي ھاۋاسىنى پات – پات يەڭگۈشلەش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش لازىم . ئادەتتە ساپ ھاۋالىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىدۇ .
uhm3}mWv ~c=F$M^"c تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋا – روھنىڭ ئاساسى بولۇپ ھاياتلىق شەكىللەندۇرگۈچى ئاساسلىق ئامىل .
*7w,o?l ئادەم ھەر قېتىم نەپەسلەنگەندە ئۆپكىسى ئارقىلىق ئوكسىگىننى قوبۇل قىلىپ كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ . ھاياتلىق ئۈچۈن ساپ ھاۋانىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى بىر قىسىم جىددىي كېسەللىكلەرنى تىز قۇتقۇزۇشتا تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز .
M+VAol}1 ئادەم ئۇزۇقسىز بىر ھەپتە ، سۇسىز ئۈچ كۈن ، ياشىيالىسىمۇ ، ھاۋاسىز بەش مىنىتمۇ ياشىيالمايدۇ . بۇنىڭدىن ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايمىز .
}0C v J4 شۇڭا ساغلام ياشايمەن دىگەن ئادەم ئالدى بىلەن ھاۋانىڭ ساپ ، پاكىز بولۇشىغا كۆڭۈل بۈلىشى ، بۇلغانغان ، چاڭ – تۇزانلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىن يىراق تۇرىشى لازىم .
KTE X] #0f6X,3 2 . يىمەك – ئىچمەك
O|nLIfT
pE {yVs ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ << قۇتادغۇ بىلىك >> ناملىق شاھانە ئەسىردە : << ئېغىزدىن كېرىدۇ ئاش بىلەن كېسەل، قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋەل >> دەپ كېسەلنىڭ يىمەك – ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى بىشارەت بەرگەن .
9DmFa5E 0}"'A[xE يىمەك – ئىچمەك ، پۈتۈن بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ ھاياتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . يىمەك – ئىچمەك ھاياتلىق ئۈچۈن 2 – ئۇرۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەرت .
cR=o!2O )~CNh5z6Y شۇڭا ئۇزۇقلانغادا يىمەكلىكنىڭ ياخشى پىشىقان ، تازلىقىنىڭ ئۆلچەملىك قۇۋىتنىڭ يېتەرلىك ، مىقتارىنىڭ نورمال بولىشىغا كاپالاتلىك قىلىش لازىم .
!E6QED" ئەتتىگەندە ياخشى يېيىش ، چۈشتە تويغۇچە يېيىش ، كەچتە ئاز يېيش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلش ،مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ، تاماق يىگەندە ياخشى چايناش ، ھەمىشە تويۇپ تاماق يىمەسلىك ، بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇزۇقلىنىش ، كەچتە تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، تاماقتىن كېيىن 10 – 15 مىنۇت ھەركەت قىلىش لازىم .
b"nD5r تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، بىر كۈن قۇيۇق تاماق يىسە بىر كۈن سۇيۇقراق تاماق يېيىش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماق بىلەن سوغوق تەبىئەتلىك تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، ھەر كىم مىزاجىغا ئاساسەن يەنى ئىسسىق مىزاجلار سوغوقلۇق تاماقنى ئاساس قىلىپ ، سوغوق مىزاجلار ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئۆز ئارا تەڭشەپ يېيىش لازىم .
K@vU_x0Sl ئاشقازاننىڭ ئاستى قىسمى تاماق بىلەن ، ئوتتۇرا قىسمى سۇ بىلەن تۇلىشى ، ئۈستى قىسمنى بوش قالدۇرلىش ، ئىچىدىغان ئىچىملىكنىڭ تازلىغى ياخشى بولۇشى لازىم .
G8.nKoHv7x A
: O"N 3 . ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش
_h I81Lzq '?6j.ms
M ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بۇلىشىمۇ ساقلىق ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئادەتتە دائىم چېنىقىدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ بەدىنى چىڭ ، ئۆزى چاققان ، روھلۇق ، تىرىشچان بولۇپ تېنى ساغلام كېلىدۇ .
8H,k0~D >=86*U~ چېنىقمايدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى تېنى ئاجىز ، ھورۇن ، بۇشاڭ ، ئۇيقۇچان ، سېمىز ، رەڭگى روھى خۇنىك بولۇپ بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا پالەچ ، بۇۋاسىز ، يۇقرى قان بېسىم ، ھەرخىل ئىششىق ، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
pM~-o? *=P*b|P"$ ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەركەت ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم . ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆزئارا مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى دەم ئالماي ئۇزۇنغىچە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
U_RWqKL F<^f6z8 4 . ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق
o?^Rw*u0/ HP\5gLVXY ئۇيقۇنىڭ نۇرمال بولىشىمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .مەلۇم تەتقىقات ئورنى ئۇيقۇ بىلەن ئوزۇقلۇنىشنى سېلىشتۇرماقچى بولۇپ . بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بېرىپ قەتتىي ئۇخلاتمىغان ، يەنە بىر تەرەكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بەرمەي تىنىچ ئۇخلاتقان . نەتىجىدە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇخلىغان چاشقانلار ساق قېلىپ ، ئۇخلىمىغان چاشقانلار ئۆلۈپ تۈگىگەن .
ornU8H` 6Fc*&7Z+ يۇقۇردىكى تەجىربىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئۇيقۇ ئۇزۇقلىنىشتىنمۇ مۇھىم . نۇرمال ئۇيقۇ پۈتۈن بەدەننى ، ئەزالارنى ئارام ئالدۇردۇ ، ھاردۇق چىقىدۇ ، كۈچ – قۇۋەت توللۇقلايدۇ ،ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇردۇ . ئەكسىچە ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىغى باش ئاغرىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئورۇقلاش ، كۆز ئاغرىش ، پۇت – قول ئېغىرلىشىش ، زېھىنى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى ھەم يۈرەك ، ئۆپكە كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
{B4.G8%Z r5y*SoD! ئۇلۇغ ئالىم ئىبىنسىنا ، كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ ياماندۇر ، ئۇ نەملىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنى ، نەزلە كېسەللىگىنى پەيدا قىلىدۇ . چىراينى بۇزىدۇ ، تالنى كاردىن چىقىردۇ . نېرۋىلارنى بوشاشتۇدۇ .ئىشتىھانى ئاجىزلاشتۇردۇ ،ئىششىق ۋە تۈرلۈك قىزىتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ ، دەپ ئۇيقۇنىڭمۇ مۇۋاپىق بولۇش كېرەكلىگىنى ، ئارتۇقچە ئۇيقۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ .
Pj_*,L`mZ xW7[ VTXc^ 5 . چىقىرىش ۋە تۇتۇش
[
P,gEYk "ji+~%`^[t ماددا ئالماشتۇرۇش ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ تىبابەتتە چىقىرىش ۋە تۇتۇش دەپ ئاتىلدۇ .
7GCxd#DJ ئادەم بەدىنى ئوزۇقلۇق ماددا ، ھاۋا ، سۇدىن بەدەنگە كېرەكلىك قىسمىنى سۈمۈرۈپ ، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،كىرىم – چىقىمنىڭ نورمال بولۇشى ساغلاملىق ئۈچۈن ناھايتى موھىم بولۇپ ، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ .
~[f
`oC N( f0, چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىش ، تەرلەش ، قۇسۇش ، ھەيىز كۆرۈش ، بەلغەم ، تۈكۈرۈك ، مەنىي چىقىرىش …… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىش بولۇپ ، بۇلار نورمىدىن ئېشىپ كەتسە بەدەن تەڭپۇڭلىغى بۇزۇلۇپ ، ئورۇقلاش ، بەدەن ئاجىزلىشىش ، قان ئازلىق ، سۇ يوقىتىش ، ھۇشسىزلىنىش ….. قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
V9D q
تۇتۇش نۇرمالدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا قەۋزىيەت ، ھەيىز توختاش ، سۇيدۇك تۇتۇلۇش …. قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قورساق كۆپۈش ، ئىشتەي تۇتۇلۇش ، قان قويۇلۇش ئىششىق ….. قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ . zFQm3 !.
#. 71O#!
بولۇپمۇ كۆپ مەنىي يوقىتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم .بولمىسا ئادەم ئاسان قېرىپ كېتىدۇ ، ئەقلىي ، جىسمانىي جەھتتە تىز ئاجىزلايدۇ ، ئاسان قورۇق چۈشىدۇ ، چاچ – ساقال تېز ئاقىرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ . h6}rOchj
saDu'SmYV
6 . روھىي ھالەت a!f71k
r
7u
rD
ھىكايەت قىلنىشچە ،لوقمان ھەكىم ناھايتى ئۇستا بىر شاگىرتنى تەربىيلەپ چىققان ئىكەن ، لېكىن بۇ شاگىرتى مەنمەنچى ،تەكەببۇر چىقىپ قاپتۇ . ئۇ كىشىلەرگە : << مەن بىلىمدە ئۇستازىمدىن ئېشىپ كەتتىم ، ئىشەنمىسەڭلار ئۇستازىم بىلەن سىنىشالايمەن >> دەپ يۈرۈپتۇ . بۇ گەپ پادىشاھنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن پادىشاھ بۇ ئۇستاز بىلەن شاگىرتنى ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپ ھەم بىر – بىرى ياسىغان زەھەرنى ئىچىپ يەنە شۇ زەھەرنى قايتۇرش ھەققىدە سىنىشىشقا بۇيرۇپتۇ . ئاۋال شاگىرت ناھايتى كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپتۇ . لوقمان ھەكىم زەھەرنى ئىچىپ خام سۈتنى ئىچىپ سۈت قاچىلانغان كوزىغا چۈشۈپ يېتىپ ھىچ نەرسە بولماپتۇ . 9m\Yi
Q- w_@~
نۆۋەت لوقمان ھەكىمگە كەپتۇ . لوقمان ھەكىم باشقا شاگىرتلىرغا ھاۋانچىدا 41 كۈن دورا سوقتۇرۇپ بىر خىل سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ساگىرتىغا ئىچىرۈپتىكەن ، شاگىرت شۇ زامان جان ئۈزۈپتۇ . ئەسلدە شاگىرتىغا ئىچىرۈلگىنى سۇ بولۇپ ، ئۇستازىم ناھايتى كۈچلۈك زەھەر تەييارلىدى دەپ بەك جىددىيلىشىپ قورقۇپ كەتكەچكە سۇنى ئىچىپلا ئۆلۈپ كەتكەن . RS#C4NG
4TYtgP1
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى دالې كارمېگ ئەپەندىمۇ ، كېسەللىكلەرنى 60 % روھى ئامىلنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ دېگەن . _xy[\X;9
oX'@,(6)
روھى ھالەتكە مۇناسىۋتلىك ئامىللار ساقلىق ئۈچۈن ناھايتى موھىم بولۇپ ، ئۇزۇن داۋام قىلغان دىققەتچىلىك ، غەم – ئەندىشە ، روھىي زەربە قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ ، ئىشتەينى تۇتىدۇ ، نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ . مىجەزنى بۇزىدۇ ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. e {3%-
KXpbee
t*dq*(3"c
مەنبە : ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى